3+1 ئوقۇش ياردەم پىلانى ئاقسۇ تەۋەسىدىن بىر نەپەر ئوقۇغۇچى ئىزدەيدۇ
2010- يېلى ئەلقۇت مەرىپەت تورىمىز 3 كىشى ھەمكارلىشىپ بىر ئوقۇغۇچىغا ياردەم قىلىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن بېرى (
http://bbs.elqut.cn/read.php?tid=1363) كەڭ، قېرىنداشلارنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشتى. نەتىجىدە دىيارىمىزنىڭ ھەر قايسى ئورۇنلىرىدا بۇ چاقىرىقتىن ئىلھام ئېلىپ نۇرغۇن نامرات ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرغا ياردەم بېرىش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلدى. بېكىتمىز ئۆزى بىۋاستا قول تىقىپ، بىۋاستە تەكشۇرۇش ئارقىلىق ئوقۇشىغا ياردەم بېرىلىۋاتقان ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى 9 نەپەرگە يەتتى .
3+1 ئوقۇش ياردەم پىلانى ھازىر ئاقسۇ تەۋەسىدىن ھەقىقى قىيىنچىلىغى بار بىر نەپەر ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئىزدەۋاتىدۇ .
شەرتلىرى :
1. ئەخلاقلىق ، دىيانەتلىك ، دۆلەت قانۇن نىزاملىرىغا ئاڭلىق بويسۇنىدىغان، ئىقتىسادچىل، تىرىشچان بولىشى كېرەك .
2. ئوقۇش نەتىجىسى ياخشى بولىشى، قىيىنچىلىققا بەرداشلىق بېرىپ تىرىشىپ ئوقۇش ئىرادىسى بولىىش كېرەك .
3. ھەقىقى تۇرمۇش قىيىنچىلىغى بولىشى كېرەك .
4. 3+1ئوقۇش ياردەم پىلانى بويىچە ئايدا 300 يۈەنلىك ئوقۇش ياردەم تۇرمۇش پۈلى بىلەن تەمىنلىنىدۇ .
5. بېكىتىمىز مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى ئائىلىسىگى بېرىپ ئەھۋال ئىگىلەيدۇ. تۇرۇشلۇق ئاھالىلەر كوموتىتى ، ئوقۇۋاتقان مەكتىۋى ۋە سىنىپ تەربىيەچىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئەھۋالنىڭ راسلىقىنى دەلىللەيدۇ.
6. ئوقۇغۇچى سالاھىيەت كىنىشكىسى كوپىيە نۇسخىسى، ئائىلىسى تۇرۇشلۇق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ئىقتىسادى قىيىنچىلىق ئىسپاتى ، تۇرۇشلۇق ئاھالىلەر كومىتىتى تېلفون نومۇرى ، ئائىلىسىنىڭ تېلفون نومۇرى ، سىنىپ تەربىيىچىسى تېلفون نومۇرى ، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىك كىنىشكە كوپىيەسى ،ئائىلىسىنىڭ ئادرىسى ۋە تېلفون نومۇرىنى تەمىنلەيدۇ .
ئەلقۇت مەرىپەت تورى :
WWW.ELQUT.CNئالاقىلاشقۇچى: تاشپولات بىلال ئالاقىلىشىش QQ: 448102348