ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 431 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ۋەتەن-بۈگۈنمىز،ئۆتمۈشمىز ھەم كەلگۈسىمىز
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 189
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 45
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە45دانە
تۆھپىسى: 48
پۇلى: 252 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 67
ياخشى باھا: 127
توردا: 14(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-13
ئاخىرقى: 2012-08-09
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-03-10 20:15

ۋەتەن-بۈگۈنمىز،ئۆتمۈشمىز ھەم كەلگۈسىمىز

ۋەتەن-بۈگۈنمىز،ئۆتمۈشمىز ھەم كەلگۈسىمىز
 
تىل-يېزىقلىرمىزدىكى ۋەتەن
ساۋاقداشلار،بىز باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەندىن باشلاپ ھازىرغىچە بولغان توققۇز يىل جەريانىدا دەرسخانىدا ئەڭ كۆپ تىلغا ئالىدىغان سۆز‹‹ۋەتەن››سۆزىمىكىن دەيمەن.قايسىڭلار‹‹ۋەتەن دېگەن نېمە؟››دېگەن سۇئالغا تەپسىلىي جاۋاب بېرىپ باقىسىلەر؟
- ۋەتەن دېگىنىمىز دۆلەتنى كۆرسىتىدۇ.
- بېرىلگەن جاۋاب توغىرىمۇ؟
- توغىرا!! 
 - جاھاندا ئۆز ۋەتىنگە قارشى تۇرىدىغان ئادەملەر بولامدۇ؟
- بولمايدۇ!!!
- ئەمىسە،جۇڭگو خەلقىنىڭ چىڭ سۇلالىسىگە،جۇڭخۇا مىنگوغا قارشى كۈرەش قىلغانلىقىنى،لىۋىيە خەلقىنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرشىنى نېمە دەيمىز؟
- …
- دېمەك،ۋەتەن سۆزىنى پەقەت دۆلەت مەنىسىدىلا چۈشەنسەك پۈتۈنلەي توغىرا بولامدىكەن؟
- بولمايدىكەن.
- ئەمىسە ۋەتەن دېگەن نېمە؟
- ۋەتەن بىر دۆلەتنىڭ زېمىنى.
- ئىگىلىك ھوقۇق يۈرگۈزگۈچى بىر دۆلەت بولمىسا،بىر دۆلەتنىڭ زېمىنى بولامدۇ؟
- بولمايدۇ!
- ئۇنداقتا ۋەتەن دېگىنىمىز ھازىرچە نېمە-نېمە بولدى؟
- ۋەتەن دېگىنىمىز زېمىن ۋە ئۇنىڭغا ئىگىلىك ھوقۇق يۈرگۈزگۈچى دۆلەت.
- يەنىچۇ؟
- ….
- ۋەتەننى پەقەت زېمىن  بىلەن دۆلەت دەپلا قارىساق،ئۇنداقتا ۋەتەن ئىگىسى يوق مازار غوجام بولۇپ قالامدۇ قانداق؟
- ۋەتەن دېگىنىمىز بىر دۆلەتنىڭ زېمىنى،شۇ زېمىننى قوغدىغۇچى دۆلەت ۋە خەلقنى كۆرسىتىدۇ.
- ياخشى،يوقاردا ساۋاقداشلار ۋەتەننىڭ نېمىلىكى ھەققىدە قەدەممۇ-قەدەم  خېلى چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزدى.ئەمدى مەن يوقارقى ساۋاقداشلارنىڭ پىكىرىنى تېخىمۇ تولۇقلاپ ئۆتەي: 
    دۆلەتنى بۈگۈنمىز دەپ چۈشەنسەك،ۋەتەننى بۈگۈنمىز،ئۆتمۈشمىز ھەم كەلگۈسىمىز دەپ چۈشۈنىپ تۇرايلى .
دۆلەت بولسا ھۆكۈمەت،خانلىق،سۇلالە،ھاكىمىيەت ۋە جۇمھۇرىيەت دېگەن سۆزلەرگە ئوخشاش زامان،ماكان چەكلمىسىگە ئىگە بولغان ھېسسىز سىياسىي سۆز. ۋەتەن بولسا‹‹ئانا››،‹‹يار››دېگەن سۆزلەرگە ئوخشاش زامان،ماكان چەكلىمىسىگە ئىگە بولمىغان ھېسسىي تۈسكە ئىگە ئەدەبىي سۆز . 
   تار،تېيىز مەنىدىكى ۋەتەن دېگىنىمىز بايا ساۋاقداشلار دېگەندەك بىر دۆلەتنىڭ زېمىنى،شۇ زېمىننى قوغدىغۇچى دۆلەت ۋە خەلقنى كۆرسىتىدۇ.
كەڭ،چوڭقۇر مەنىدىكى ۋەتەن دېگىنىمىز خەلق ۋە شۇ خەلقنىڭ ئەجدادلىرى ھەم ئۆزلىرى ياشاپ كەلگەن كەڭ زېمىننى،ئەجدادلىرى ھەم ئۆزلىرىنىڭ ئېتىقادى،قىممەت قارىشى،مائارىپى،تىل-يېزىقى،تارىخى،ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئۆرۈپ-ئادىتى،ھۆنەر-سەنئىتى،ئەدەبىياتى،سەنئىتى،ئىلىم-پەنى،مەدەنىي پائالىيىتى ۋە مىللىي روھى…ۋاھاكازالار.
كەڭ مەنىدىكى ۋەتەننىڭ نېمىلىكىنى ئوبدان بىلىۋالساق،ۋەتەننى قانداق سۆيۈشنى ئاسانلا بىلىۋالالىشىمىز مۇمكىن.
يەر زېمىننى قەدىرلىمەي،موھىتنى ئاسىرماي تۇرۇپ ۋەتەننى سۆيۈشتىن ئېغىز ئاچقىلى بولامدىكەن؟
- بولمايدىكەن.
- دۆلەتنى قوغدىمىسا،ۋەتەننى سۆيگەنلىك بولامدىكەن؟
- ۋەتەننى سۆيگەنلىك بولمايدىكەن.
- خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلمىسا،ۋەتەننى سۆيگىلىك بولامدىكەن؟
- ۋەتەننى سۆيگەنلىك بولمايدىكەن.
- تارىختا ئۆتكەن ئەجدادلىرىنى بىلمەسلىك،ئۇلۇغلىماسلىق، ئەجدادلىرىنىڭ تارىخنى بىلمەسلىك ۋە قىزىقماسلىق ۋەتەننى سۆيگەنلىك بولامدىكەن؟
- بولمايدىكەن.
- ئەجدادلىرى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئېتىقادقا،قىممەت قاراشقا،ئېسىل ئەنئەنىگە،ئەجدادلىرىنىڭ مىللىي روھىغا ۋارسلىق قىلماسلىق،ۋەتەننى سۆيگەنلىك بولامدىكەن؟
- بولمايدىكەن.
- ئەجدادلىرى ئىشلەتكەن ۋە ئۆزلىرى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان تىل-يېزىقنى بىلمەسلىك ۋە ياخشى بىلمەسلىك ۋەتەننى سۆيگەنلىك بولامدىكەن؟
-  بولمايدىكەن.
- ئەجدادلىرىنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئۆرۈپ-ئادىتى،ھۆنەر-سەنئىتى،ئەدەبىياتى،سەنئىتى، ئىلىم-پەنى،مەدەنىي پائالىيىتى…قاتارلىقلارنى بىلمەسلىك،تەرققىي قىلدۇرۇشقا تىرىشماسلىق ۋە ھەسسە قوشماسلىق ۋەتەننى سۆيگەنلىك بولامدىكەن؟
- بولمايدىكەن.
- ياخشى،بىز باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەندىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر ۋەتەننى پەقەت زېمىن،خەلق ياكى دۆلەت دەپ يۈزەكى بىلىپ كەلدۇق. مېنىڭ بۈگۈن يوقارقى نۇقتىلارنى ئالاھىدە تەكىتلىشىم بىر ئوقۇغۇچىغا نىسبەتەن ئۆز مىللىتىنىڭ تىلدا توغىرا،راۋان، چۈشنىشلىك،چىرايلىق سۆزلەش،ئۆز مىللىتىنىڭ يېزىقىنى توغىرا،راۋان،چۈشنىشلىك ۋە خۇش ئاۋازدا ئوقۇش ۋە ئۆز مىللىتىنىڭ يېزىقىدا توغىرا،رەتلىك،چىرايلىق يېزىشنىڭ ئۆزى ۋەتەننى قالتىس سۆيگەنلىك بولىدىغانلىقىنى،ئەكسىچە سۆزلىيەلمەسلىك، ئوقۇيالماسلىق،يازالماسلىق ۋە قىزىقماسلىقنىڭ نېمە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش.بىلدىڭلارمۇ؟
- بىلدۇق.
- ئۇنداق بولسا،كىتابخانا،موزىيخانلاردا،خاتىرە سارايلىرىدا، سىنىپمىزدا،
ئۆيىمىزدە،مەھەللىمىزدە،مەكتىبىمىزدە،ئەتىراپمىزدا ۋەتەن بارمىكەن؟
- باركەن.
- قەبىرىستانلىقلاردا،مازارلاردا،بازارلاردا، ۋەتەن بارمىكەن؟
- باركەن.
- تارتمىمىزدا،بۇخچىمىزدا،كىتابىمىزدا ۋەتەن بارمىكەن؟
- باركەن.
- يۈرىكىمىزدە،تومۇرىمىزدا،قولىمىزدا،تىلىمىزدا،دىلىمىزدا،قەلبىمىزدە ۋە ئېڭىمىزدا ۋەتەن بارمۇ؟
- بار!!!
- بۇنىڭدىن كېيىنمۇ  بولامدۇ؟
- بولىدۇ!!!
- بۈگۈنكى دەرسىمىز مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى.دەرسىمىزنىڭ تېمىسى‹‹ۋەتەن- بۈگۈنمىز،ئۆتمۈشمىز ھەم كەلگۈسىمىز،تىل-يېزىقلىرىمىزدىكى ۋەتەن››.
كېلەر سائەتتىن باشلاپ ئۈچ سائەت‹‹ئۇيغۇر يېزىقلىرى››دېگەن مەخسۇس تېما ئۆتۈلىدۇ. كېلەر سائەتتە بارلىق ساۋاقداشلاردىن سورايدىغان تاپشۇرۇق ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان قوللانغان بەش خىل يېزىقنىڭ نامىنى پۇختا يادىلاپ كېلىش.
تېما تەستىقلىغۇچى : ھون
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-03-10, 15:56
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 604
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 32
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە32دانە
تۆھپىسى: 5
پۇلى: 72 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 10
ياخشى باھا: 42
توردا: 14(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-26
ئاخىرقى: 2012-09-07
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-03-11 10:07

قالتس ئۆتۈلگەن بىر سائەتلىك دەرىس ئىكەن.ئەگەر ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ ھەممسى مۇشۇنداق دەرىس ئۆتسە نىمە دىگەن ياخشى ھە....
دوستلىشىش
ھىدايەت
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 184
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 268
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە268دانە
تۆھپىسى: 25
پۇلى: 320 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 50
ياخشى باھا: 320
توردا: 66(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-12
ئاخىرقى: 2012-11-16
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-03-11 20:08

ھەقىقەتەن ياخشى ئۆتۈلگەن دەرىسكەن ... كېلەر سائەتلىك دەرىسنى ئاڭلاشقا تەشنامىز ...
دوستلىشىش
گۇلمەشۇق
ranJima    konglum .
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 834
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 159
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە159دانە
تۆھپىسى: 1
پۇلى: 163 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 2
ياخشى باھا: 163
توردا: 69(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-08-07
ئاخىرقى: 2012-07-23
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-03-12 10:32

  -  بۇ  قانچىنچى  يىللىقتىكى  ئوقۇغۇچىلاردۇ  ؟
ئىپپەت -ئانىلىقنىڭ چېچەك پەسلى .
دەرىجە: تۆھپىكار ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1162
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1113
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1113دانە
تۆھپىسى: 108
پۇلى: 1384 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 216
ياخشى باھا: 1334
توردا: 225(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-30
ئاخىرقى: 2012-11-16
4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-03-12 11:16

ۋەتەن، ۋەتەن ئانا ۋەتەن، مانا بۇ ناخشىغا مەنمۇ ئامراق .
دوستلىشىش
ئىپتىخار
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1046
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 203
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە203دانە
تۆھپىسى: 30
پۇلى: 268 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 60
ياخشى باھا: 268
توردا: 57(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-11-22
ئاخىرقى: 2012-11-07
5- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-03-12 13:34

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى گۇلمەشۇق نىڭ 2012-03-12 10:32 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
  -  بۇ  قانچىنچى  يىللىقتىكى  ئوقۇغۇچىلاردۇ  ؟

بىرىنچى جۈملىنى قايتا ئوقۇپ باقسىڭىز سۇئالىڭىزغا جاۋاپ چىقىدىغاندەك تۇرىدۇ.
ئىجتىھاد
دەرىجە: 禁止发言
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1622
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 26
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە26دانە
تۆھپىسى: 23
پۇلى: 72 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 46
ياخشى باھا: 72
توردا: 0(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-04-02
ئاخىرقى: 2012-04-29
6- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-02 15:26

ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى