ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2059 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: بۇ ئانا تىل بارغانچە خاردۇر !
دوستلىشىش
ۋاپادارىم912
جىم تۇرما يۈرەك
دەرىجە: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 36
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 10
ئومۇمىي يازما: 221
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە221دانە
تۆھپىسى: 155
پۇلى: 903 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 211
ياخشى باھا: 482
توردا: 44(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-20
ئاخىرقى: 2012-05-27
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-03-11 23:12

بۇ ئانا تىل بارغانچە خاردۇر !

ئانا تىل دەپ قاينايسەن دوستۇم ،
"پەيدۈي" دەمسەن   سەنمۇ " ئۆچرەت"نى ؟
"ياۋ سەن با" نى يۈزۈڭگە سالماي ،
"دادۈي "دەيسەن چۈنكى "ئەترەت"نى .

"يىلۇ "دېگەن ئاغزىڭغا گەندە  ،
"بىر "دېيىشتىن خىجىل بولدۇڭمۇ ؟
"ۋە "،"بىلەن "دىن باشقىسى يات سۆز ،
شالغۇت تىلغا ئىجىل بولدۇڭمۇ ؟

"شاۋچۈ"دېگەن ۋاقىتلىرىڭدا ،
ئەسكە كەلسۇن كونا  مەھەلەڭ .
10 يىل بۇرۇن "ئاش سۈيى "دەيتۇق ،
ھازىر بىلمەس دېمىسەڭ  "مەنتەڭ ".

ئېچىنامــــــــــــــــــــــسەن  ئوقالماس ھازىر ،
15 ياشلىق بالىلار باغـــــــــــــــــــــــــــــاق .
ئۆگەتمەمسەن ھەي جــــــــــېنىم بالام ،
"شــــۇزى"ئـــــــەمەس  - بۇ دېگەن تاغاق !!!

"يانفون "سۆزى   بەلەن ياسالدى ،
"شۇجى "دېگەن ئاغىزىڭنى يۇم .
تەلەپپۇزۇڭ رۇس بولسا نىتەي ،
سالما دوستۇم ئۆزۈڭگە زۇلۇم .

"ئېتىك"دېسەڭ يۈزۈڭ چۈشەمدۇ ؟
بىلمىدىڭغۇ "گۈەنجى" دېمىسە .
"ئىتتىپاق" دەپ سودا ساراينى ،
بورتالادا  "تۈەنجېي "دېمىسە ..

"چۇزۇ " دېگەن خەقلەرنىڭ  سۆزى  ،
تالاشمىغىن بەزلىشىپ ئۇنچە .
كىرا دېگىن ،كىراچى دېگىن ،
تىلىڭ بارغۇر سېنىڭ ئۇيغۇرچە !

ئارتۇق گەپ ئۇ ئېشەككىمۇ يۈك ،
قۇرۇق سۆزدىن ئەلا بىر قەدەم ،
ئانا تىلنى سۆيەيلى دوسىتلار ،
بىز ھەممىمىز ،ھەر يەردە ھەردەم .

ھەر ئايلىقى قەدىردانلىرىم
15 سوملۇق كىتاپ ئالايلى .
بالىلارنى يېتىلەپ پات -پات ،
كىتاپخانە يوقلاپ قويايلى ..

ئېغىزىڭدا تىنىق بولسىلا ،
ھەممە ئىشنىڭ ئامالى باردۇر ...
تۈزەتمىسەك   " كۆنۈپ قاپتۇق" دەپ ،
بۇ ئانا تىل بارغانچە خاردۇر !

شالغۇت سۆزنى بىرمۇ بىر دېسەم ،
قوشاقلاردىن رومان پۈتكۈسى .
ئانا تىلنى قەدىرلىمىسەك ،
ئاستا -ئاستا  يۈتۈپ كەتكۈسى .......



تەۋسىيە شۇكى ،كۆپ تىللىق بولۇش شەرەپ ئىش ،لىكىن ئانا تىلنى ئۇنتۇش ۋە بۇزۇش نومۇس ،باشقىلارنىڭ ئانا تىلىنى بۇزۇشمۇ ھەم نومۇس ،ئانا تىلنى قەدىرلەيلى ،ئاسرايلى ،ئۆزىمىزدىن باشلاپ خاتالىقلارنى تۈزىتەيلى ....




11-مارت كۈنى كەچ سائەت 7دە شەھرى بورتالادا يېزىلىپ بېقىلدى ...
تېما تەستىقلىغۇچى : كان-تۈرك
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-03-12, 02:01
باھالاش خاتىرىسى:
  • پۇلى:+50(ئۈمىديار) ئىسىل يازما
  • چېكىنىش- ۋاز كېچىش ئەمەس !
    ئىپپەت -ئانىلىقنىڭ چېچەك پەسلى .
    دەرىجە: كونا ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1162
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 913
    ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە913دانە
    تۆھپىسى: 78
    پۇلى: 1124 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 156
    ياخشى باھا: 1074
    توردا: 189(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-12-30
    ئاخىرقى: 2012-08-17
    1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-03-12 10:46

    بىر مىللەتنىڭ تىلى تەرەققىي قىلسا ئۆزىمۇ تەرەققىي قىلىدۇ. بەزى ئىبارىلەرنى ئۆز ئانا تىلىمىزدا ئىشلەتمەي خاتا قىلىۋاتىمىز بۇندىن كېيىن ھەممىز كۈچ چىقارساق دىققەت قىلساق ، ئانا تىلىمىز چوقۇم روناق تاپقۇسى . تىلنىڭ ئورنى -مىللەتنىڭ ئورنى ئەمەسمۇ؟
    بوزقىر ئوپىراتۇرى
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 136
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 2
    ئومۇمىي يازما: 83
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە83دانە
    تۆھپىسى: 79
    پۇلى: 241 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 129
    ياخشى باھا: 226
    توردا: 24(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-03-07
    ئاخىرقى: 2012-08-20
    2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-03-12 12:09

      ئۇيغۇر تىلىنى  سېغىندىم

    تارىخ ئىزىم ‹ ئانا تىل › ، ئۇيغۇر تىلىنى سېغىندىم ،
    ئىپتىخارىم ، يۇلتۇزۇم ، ئۇيغۇر تىلىنى سېغىندىم .

    ئاسقان سومكام بەك ئېغىر ، دۈمچەيگەچكە بەللىرىم ،
    تىل چىقارغان‹  ئىلىپە ›، ئۇيغۇر تىلىنى سېغىندىم .

    سالام – سائەت چاڭلىشىپ ،ئۇيغۇرچىلاپ دىيەلمەي ،
    ‹ ئەسسالامنىڭ › ھۆرمىتى ، ئۇيغۇر تىلىنى سېغىندىم .

    يىراقلاشقاچ بىزلەردىن ‹ سۇزۇق تاۋۇش ›ئوتتۇر ‹ئا› ،
    ‹ ئوتتۇز ئىككى ھەرىپنى ›، ئۇيغۇر تىلىنى سېغىندىم .

    يازغان تېمام ئارىسىغا ، ئارلاشقاچقا يات تىللار ،
    مەزمۇنى ھەم تۇراقسىز ، ئۇيغۇر تىلىنى سېغىندىم .

    بولغان ياخشى كۆپ تىللىق ،پەن بىلىمدىن شات قۇچۇپ ،
    لىكىن ‹ ئانا تىل › مۇڭسىراپ ، ئۇيغۇر تىلىنى سېغىندىم .

    تېلفۇن نۇمۇر ئاتىلار ،‹ ياۋ سەن چى › ھەم ‹ ياۋ سەن با ›،
    ئۆز تىلىمدا دىيەلمەي ، ئۇيغۇر تىلىنى سېغىندىم .

    تىلى چىققان بۇۋاقمۇ ، ‹ ماما › دەيدۇ ئانىنى ،
    ‹ ئانا › سۆزى ئۇنتۇلۇپ ،ئۇيغۇر تىلىنى سېغىندىم .

    ئەتراپىمدا جۇلادۇر  ، ‹ پارىس تىلى › ‹ روس تىلى › ،
    كۆمۈلۈپ قالغاچ ‹ئانا تىل ›، ئۇيغۇر تىلىنى سېغىندىم .

    باش ‹ ئە › بىلەن ،ئاخىر ›‹ ئە › دەرىت تۆكىدۇ ئۆز ئارا ،
    ‹ ش › ھەرىپتە چىكىت كەم ، ئۇيغۇر تىلىنى سېغىندىم .

    جۇدۇن سوقتى ‹ ج › نىمۇ ، ياشلار تۆكەر ‹ ي › مۇ ھەم ،
    ئۇيغۇرچىلاپ ‹ ئىسىم › كەم ، ئۇيغۇر تىلىنى سېغىندىم .

    خىيال قۇشۇم ئەسلەيدۇ، ‹ئوغاق ئاينى ›، بالىلىقنى ،
    ئىسىم بېشىم ‹ خ › ھەرىپ ، ئۇيغۇر تىلىنى سېغىندىم .

    ھەر مىللەتكە ئۆزگىچە ، بەك يېقىملىق ئانا تىل ،
    شۇ تىللارنىڭ ئىچىدىن ، ئۇيغۇر تىلىنى سېغىندىم .

    ئەسكەرتىش .. تېمىدىكى بەزى سۆزلەر تېمىنىڭ ئىھتىياجىغا ئاساسەن يېزىلدى .

    مەنبە---- تاڭنۇر < خەيرۇللا قۇربان > بۆرتالا
    بوزقىر ئوپىراتۇرى
    دوستلىشىش
    كان-تۈرك
    دەرىجە: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1069
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 1
    ئومۇمىي يازما: 173
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە173دانە
    تۆھپىسى: 71
    پۇلى: 328 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 132
    ياخشى باھا: 323
    توردا: 109(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-11-28
    ئاخىرقى: 2012-07-02
    3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-03-12 18:26

    راستىنلا ئۆزىمىزدىن باشلايلى
    يامان خۇلۇقنى تاشلايلى
    سىنىڭ ئىرادەڭ بۇيىچە بولسۇن !
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 945
    ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە945دانە
    تۆھپىسى: 131
    پۇلى: 1211 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 269
    ياخشى باھا: 1211
    توردا: 116(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-02-17
    ئاخىرقى: 2012-08-16
    4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-03-12 18:29

    ئانا تىلنى سۆيمىگەنلەر ھامان بىر كۈن ئانا تىلغا زاردۇر.
    دوستلىشىش
    مېھرىگىياھ
    ئىنسانلار ئۇرۇق-تۇغقان، ئۇيغۇرلار بىر تۇغقان.
    دەرىجە: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 19
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 4
    ئومۇمىي يازما: 299
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە299دانە
    تۆھپىسى: 56
    پۇلى: 565 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 72
    ياخشى باھا: 375
    توردا: 98(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-02-18
    ئاخىرقى: 2012-08-05
    5- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-03-12 19:33

    چۈشۈمدە خۇدايىم بىلەن ئۇيغۇرچە سۆزلىشىمەن .
    دوستلىشىش
    گۇلمەشۇق
    ranJima    konglum .
    دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 834
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 159
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە159دانە
    تۆھپىسى: 1
    پۇلى: 163 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 2
    ياخشى باھا: 163
    توردا: 69(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-08-07
    ئاخىرقى: 2012-07-23
    6- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-03-13 11:57

      بالامنى ھازىرغىچە مەكتەپكە بەرمىدىم . ھىم !
        ناھايىتى كەتسە مەنچىلىك ئادەم بولا ...
    ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 1899
    ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1899دانە
    تۆھپىسى: 107
    پۇلى: 2216 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 215
    ياخشى باھا: 2145
    توردا: 313(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-05-19
    ئاخىرقى: 2012-08-19
    7- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-03-13 18:25

    بارغانچە خار بولسا  بۇ ئانا تىل،
    بۇ دۇنيا بىزلەرگە<<دوزاق>>بولۇر بىل.
    دوستلىشىش
    ھىدايەت
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 184
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 255
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە255دانە
    تۆھپىسى: 23
    پۇلى: 303 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 46
    ياخشى باھا: 303
    توردا: 62(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-03-12
    ئاخىرقى: 2012-08-18
    8- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-03-13 20:19

    ئىشلىتىش
    بۇ مەزمۇن 6قەۋەتتىكى گۇلمەشۇق نىڭ 2012-03-13 11:57 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
      بالامنى ھازىرغىچە مەكتەپكە بەرمىدىم . ھىم !
        ناھايىتى كەتسە مەنچىلىك ئادەم بولا ...

    سىز قانداقتىڭىز؟
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 2
    ئومۇمىي يازما: 1219
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1219دانە
    تۆھپىسى: 150
    پۇلى: 1668 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 280
    ياخشى باھا: 1548
    توردا: 394(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-12-07
    ئاخىرقى: 2012-08-19
    9- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-03-13 21:25

    ئىشلىتىش
    بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى مېھرىگىياھ نىڭ 2012-03-12 19:33 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
    چۈشۈمدە خۇدايىم بىلەن ئۇيغۇرچە سۆزلىشىمەن .

    مېھرىگىياھ ياشاڭ!مۈمكىن بولسا ئوڭىڭىزدىمۇ خۇدايىم بىلەن ئۇيغۇرچە سۆزلىشىڭ؟