قاراخان ئاكىغا چاقچاق
( قوشاقچى )
ئىشچان باغۋەن ئىدىڭىز ،
مەرىپەتنىڭ بېغىدا .
كەسپ يۆتكەپ قالدىڭىز ،
ئاچچىق ئەلەم دېغىدا .
ئەجەپ باغۋەن ئىدىڭىز ،
مايسىلارغا كۈيۈمچان .
مائارىپ ئۈچۈن جىسمىڭىز ،
تېشىپ تۇرغان ئوت ۋولقان .
سىزدەك تالانت ئېگىسى ،
كەم ئىدىغۇ بۇ سەپتە .
كەسپ باشقا بولسىمۇ ،
كۆڭۈل بۆلۈڭ بۇ سەپكە .
ئورمان تىكىپ يۈردىڭىز ،
ساي - سايلارنى كۆكەرتىپ .
راسا ساۋاب تاپتىڭىز ،
چۆلنى بوستان ، ئۆزگەرتىپ .
ھايال ئۆتمەي ئاق خالات ،
بەستىڭىزگە ياراشتى .
تىۋىپ بولۇپ قالدىڭىز ،
ھەممە سىزگە قاراشتى .
ھەمكارلىشىپ داۋالاش ،
سىزگە كەسىپ بولمىسۇن .
سىزدەك تالانت ئىگىسى ،
سېستىرا بوپ قالمىسۇن .
ئەسلى پەلەك تەتۈرمۇ ،
سىزگە بەكمۇ مۇھتاجتۇق .
نىمە ئىلاج ئۇستازىم ،
ئوتى بارنىڭ سۇيى يوق .
كۆڭۈل يېقىن بولغاچقا ،
چاقچاق قىلدى ئىنىڭىز .
تىلىكىم شۇ ھەر دائىم ،
ساغلام بولسۇن تېنىڭىز .
ھەرگىز چارچاپ قالمىسۇن ،
ئىجادىيەت ئېتىڭىز ،
بەرىكەت تاپقاي ئىلاھىم ،
قەلەم قۇۋەت كۈچىڭىز .
مەنبە : قەلىمىم
2012-يىل 13- مارت
[ بۇ يازمىنىقوشاقچى 2013-05-16 13:13قايتا تەھرىرلىدى ]