ئاتنىڭ ئىسپىرمىسىنى تەڭشەپ ياسىغان ئىچىملىكىنى تېتىپ باقامسىز؟ سىنگاپور ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېڭى زىللاندىيەنىڭ Hokitika دىگەن يېرىدە كېلەر ئاينىڭ 12-كۈنى يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان «تەبئىي تەملىك يىمەكلىكلەر بايرىمى» ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، بۇ پائالىيەت 22 يىللىق تارىخىقا ئىگە ئىكەن. بۇ قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان بايرامنىڭ تاماق تىزىملىكىدە ئات ئىسىرمىسىمۇ بار ئىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تىرىك چايان، شاكىلات ئورالغان قۇڭغۇز ۋە مايدا قورۇلغان ھاشارەت لېچىنكىسىمۇ بار ئىكەن.
ئاتنىڭ ئىسپىرمىسىدىن ئىچىملىك ياساش تەسەۋۋۇرىنى بىر ئات نەسلى يېتىشتۈرۈش خىزمەتچىسى ئوتتۇرغا قويغان ئىكەن. ئۇنىڭ دىيىشىچە، ئاتنىڭ ئىسپىرمىسىنى ئىچسە ئاتتەك بولىدىكەن، ھارمايدىكەن. بۇ يىلقى بايرامدا كىشىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدىغان ئات ئىسپىرمىسى ئىچىملىكى سۈتلۈك ئىچىملىكنىڭ تەمىگە ئوخشاش ئىكەن، بۇنى يەنە قۇۋۋەت ئىچىملىكى بىلەن تەڭشەپ ئىچسىمۇ بولىدىكەن.
بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچىنىڭ دىيىشىچە، شۇ كۈنى نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئىچىملىكنى تېتىپ بېقىشى مومكىن ئىكەن، ئۇمۇ ئۆزى بىر تېتىپ باقماقچى بولىۋېتىپتۇ.
مەنبە:
http://news.sina.com.cn[ قۇمبۇلاقتەرىپىدىن2011-02-21 13:45قايتا تەھرىرلەندى ]