ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 297 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: بۇلغانغان دۇنيا
دوستلىشىش
ھىدايەت
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 184
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 268
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە268دانە
تۆھپىسى: 25
پۇلى: 320 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 50
ياخشى باھا: 320
توردا: 66(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-12
ئاخىرقى: 2012-11-16
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-03-18 13:11

بۇلغانغان دۇنيا

ئاسماندىكى قويۇق ئىس-تۈتەكلەرنىڭ ئارقىسىدا قالغان قۇياشنىڭ يۈزىنى ئانچە كۆرگۈلى بولمايتى .
يوللاردا ئۇياقتىن – بۇياققا قۇيۇندەك ئۆتۈشىۋاتقان ماشىنىلارنىڭ ئىشلىرى دىماغلارنى ئېچىشتۇرۇپ ، كۆڭۈللەرنى ئېلۇشتۇراتتى .چوڭ يولنىڭ ئىككى قېتىدىكى دەرەخلەرنىڭ يۇپۇرماقلىرى قاپقارا ،يول بويىدىكى چىملىقلارنىڭ يۈزىمۇ قاپقارا ، ھەتتا دەرەختىن- دەرەخلەرگە قونۇشۇپ نىمىلەرگىدۇر قاقشاۋاتقاندەك توختىماي سايرىشىۋاتقان ئاق قۇشلارنىڭ قانىتىمۇ قارا ئىدى .
     ئۆيدە تولا يۆتۈلۈپ بەكلا قىينىلىپ كەتكەن دادام مېنى يىتەكلىگىنىچە ساپ ھاۋادىن نەپەس ئېلىش ئۈچۈنسىرىتقا چىقىپ يول بويىغا كەلدى .ئەپسۇس ، ھەممە يەرنى قاپلىغان بۇ قاپقارىچىلىقنى كۆرۈپ كۆڭلى تېخىمۇ يېرىم بولدى . سانجاق –سانجاق ئۆيىلەتنىڭ مورىلاردىن ، ئىگىز بىنالارنىڭ ئارىسىدىكى زاۋۇتلارنىڭ تورخۇنلىرىدىن كۆتۈرلىۋاتقان قويۇق ئىش – تۈتەكلەرگە قاراپ قوشۇمۇسى تۈرۈلدى . ئارقىدىن ئۇزاق ئۆتمەي يەنە قاتتىىق قېقىلىپ يۆتۈلۈپ ، قىينالغىنچە يول بويىدا ئئولتۇرۇپ قالدى  دادامنىڭ بۇھالتىنى كۆرۈپ ، ئۇنىڭغا قاتتىق ئىچىم ئاغىردى .دادامنىڭ كەيپىياتىدىن قارىغاندا بۇيەردە تۇرغۇسىمۇ ئۆيگە قايىتقۇسىمۇ يوقتەك قىلاتتى . دادامنىڭ  خيالىغا  يىراق –يىراقلاردا كۆرنۈپ تۇرغان تاغ باغرىدىكى ئورمانلىقلار، ئاسماندىكى سۈپسۈزۈك قارلىق چوقىلار ئىسىگە كەلگەن چېغى ، يىراق يېزىدىكى مومامنىڭ ئۆيىگە بېرىپ بىر مەزگىل تۇرۇپ كەلگۈسى بارلىقىنى ئېيىتتى ، مەنمۇ خوشاللىق بىلەن قوشۇلدۇم .  شۇتاپتا دادامنىڭ ئېغىزى تېخىچە يۆتەلدە بولسىمۇ ، دادىلىق مېھرىگە تولغان ئىسسىق كۆزلىرى بىلەن ماڭا قاراپ قانداقتۇر بىر قايىللىق بىلەن ئىللىق كۈلۈمسىرىدى .
   گۈزەل يېزا  دادامنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىۋالدى . ساپ ھاۋا ، كۆپكۈك ئاسمان ، ياپيىشىل بوستان ، چىرايلىق گۈلۈستانلىق ھەقىقەتەنمۇ جەننەتنىڭ ئۆزى ئىدى . خوشال ۋە شوخ سايراۋاتقان قۇشلار ، ئېرىق – ئۆستەڭلەردە تاشتىن –تاشقا ئۇرۇلۇپ شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان سۈزۈك سۇلار ۋە ئوچۇق ئاسماندىكى ئاشۇ كۈلۈپ تۇرغان قوياشتىن كەڭ زىمىنغا ئۆركەشلەۋاتقان چىرايلىق نۇرلار جانغا ئارام بەخىش ئېتەتتى . ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتتى ، داداممۇ يۆتۈلۈشتىن ئاستا – ئاستا توختىدى . بۇنىڭ بىلەن چىرايىدىمۇ خۇشاللىق كۈلكىسى جىلۋە قىلىشقا باشلىدى . مەن دادام بىلەن بوستانلار ئارا ئارلاپ ئويناپ كېتىۋېتىپ تۇيۇقسىز ئويىلىنپ قالدىم ! ھەي ،شەھەر ! سەن زامانىۋىلىقنىڭ مەدەنىيەتنىڭ بەلگىسى . چۈنكى ، ئېگىز – ئېگىز بىنالاردىن ، زاۋۇت ، كان كارخانا ، مەكتەپ ، تەتقىقات ئورۇنلىرى ، ئاكادىمىيە ، دوختۇرخانا ۋە باشقا ھەر – خىل ئورۇنلاردىن تەشكىل تاپقان . سېنىڭ قوينۇڭغا ئوقۇتقۇچىلار ، ئېنژىنىرلار ، دوكتۇر ، دوختۇرلار ، ئالىملاردىن تارتىپ تاكى بايلار باشقىلارغىچە بولغان سەرخىل ئادەملەرنىڭ ھەممىسى توپلانغان ، بۇنىڭغا قاراپ توۋا دەيمەن ! ئەمگەكچى دىھقانلىرىمىزنىڭ ئۆزى ئۆز يېزىللىرىنى پاكىز ، گۈزەل ساقلىيالىغىنىغا ئوخشاش ، نىمە ئۈچۈن ، سېنىڭ قوينۇڭدىكى ئاشۇ سەرخىل ئادەملەر ۆزى ياشاۋاتقان مۇھىتنى پاكىزە گۈزەل ساقلىيالمايدىغاندۇ ؟ شۇنچە يۇقىرى سەۋىيەلىك كىشىلەر نىمە ئۈچۈن ئۆز سالامەتلىكىگە ، ھاياتىغا زىيان يەتكۈزۈدىغان ئىس –تۈتەكلەرنى تىزگىنلەشنىىڭ ئامالىنى ئويلاپ كۆرمەيدىغاندۇ ؟ تەرەققىيات ئىنسانلارغا ئىنتايىن مۇھىم بولۇش بىلەن بىرگە ھاياتلىقنىڭمۇ نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئويلىمامدىغاندۇ ؟ تەرەققىياتنىڭمۇ مەقسىتى ھاياتلىق ئۈچۈن ئەمەسمىدۇ ؟ نىمە ئۈزۈن ھازىرقى شۇ تەرەققىيات مېۋىللىرى ئارقىلىق ياشاش مۇھىتىنى پاكىزلاشتۇرمايدىغاندۇ ؟ مەن يېزىدىكى ساپ ھاۋادىن ھوزۇرلانغان ھالدا كۆكسۈمگە تولدۇرۇپ –تولدۇرۇپ نەپەس ئالدىم . ھەمدە بۇ ئويلۇرۇمنى دادامغا بىر – بىرلەپ دەپ بەردىم . دادام ەېپىمنى ئاڭلاپ خوشاللىقىنى باسامىغان ھالدا پىشانەمگە سۆيۈپ كەتتى .
   توغرا ئىيتىسز قىزىم : -دېدى دادام ئرقىدىن چوڭقۇر ئۇھ تارتىپ ، ـ مەن چوڭ بولغاندا تاپقان ئەقلىمنى  ، مانا سىز بالا ۋاقتىڭىزدىلا تېپىىپ بوپسىز . مانا بۇنىڭ ئۆزىلا زور بىلىم . يۈرۈڭ قىزىم ئۆيگە كىتەيلى ، ئازىراق بولسىمۇ مەنىلىك ئىش قىلايلى ، ھەرگىزمۇ ئۆز – ئۆزىمىزگە ئورا كولايدىغان گۇناھكارلاردىن بولمايلى .

ئاپتورى : مۇيەسسەر ئابدۇۋەلى

تولۇقسىز 3 –يىللىق 3- سىنىپ ئوقۇغۇچىسى
تېما تەستىقلىغۇچى : كان-تۈرك
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-03-18, 05:14
دوستلىشىش
ئىپتىخار
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1046
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 203
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە203دانە
تۆھپىسى: 30
پۇلى: 268 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 60
ياخشى باھا: 268
توردا: 57(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-11-22
ئاخىرقى: 2012-11-07
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-03-18 15:29

سېنىڭ قوينۇڭغا ئوقۇتقۇچىلار ، ئېنژىنىرلار ، دوكتۇر ، دوختۇرلار ، ئالىملاردىن تارتىپ تاكى بايلار باشقىلارغىچە بولغان سەرخىل ئادەملەرنىڭ ھەممىسى توپلانغان ، بۇنىڭغا قاراپ توۋا دەيمەن ! ئەمگەكچى دىھقانلىرىمىزنىڭ ئۆزى ئۆز يېزىللىرىنى پاكىز ، گۈزەل ساقلىيالىغىنىغا ئوخشاش ، نىمە ئۈچۈن ، سېنىڭ قوينۇڭدىكى ئاشۇ سەرخىل ئادەملەر ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھىتنى (ئۆزلىرى ئەڭ ئاددىي دەپ قارايدىغان  دېھقانىلىرىمىزچىلىكمۇ  )پاكىزە گۈزەل ساقلىيالمايدىغاندۇ؟؟
................................................................................................................................
ئەسەرنىڭ جېنى ؟! قالتىس بايقاش !
ئىجتىھاد
ئىپپەت -ئانىلىقنىڭ چېچەك پەسلى .
دەرىجە: تۆھپىكار ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1162
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1113
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1113دانە
تۆھپىسى: 108
پۇلى: 1384 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 216
ياخشى باھا: 1334
توردا: 225(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-30
ئاخىرقى: 2012-11-16
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-03-18 16:06

ساپ ھاۋا تەنگە داۋا، دىگەن مانا مۇشۇدە،  بۇ ھېكايىنىڭ بېشىمۇ شۇنداق ياخشى باشلىنىپ مەزمۇنلۇق ئاخىرلىشىپتۇ ، يەنىمۇ غەيرەت قىلىڭ .
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1201
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 144
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە144دانە
تۆھپىسى: 0
پۇلى: 146 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 0
ياخشى باھا: 146
توردا: 25(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-01-26
ئاخىرقى: 2012-11-05
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-03-18 16:50

ئەقلىڭىزگە بارىكاللا قىزچاخ ياخشى يېزىپسىز داۋاملىخ تىرىشىڭ.........