ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 3332 قېتىم كۆرۈلدى
«123»Pages: 1/3     Go
تېما: روزىلەم دەيمۇ سىنى(مۇكاپاتلىق ئەسەر ...)
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 266
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 4
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە4دانە
تۆھپىسى: 11
پۇلى: 26 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 12
ياخشى باھا: 21
توردا: 1(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-29
ئاخىرقى: 2011-04-06
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-03-29 13:07

روزىلەم دەيمۇ سىنى(مۇكاپاتلىق ئەسەر ...)

ئەسكەرتىش: بۇ يازما ھون تەرىپىدىن قۇلۇپلاندى(2011-08-18)
  

  مەن مەكتەپتىن قايتىپ، كۇندىلىك ئادىتىم بويىچە رادىئونى ئېچىپ، ئۆز ئىشىمنى قىلۋەردىم، ئاپام تاماق ئېتىۋاتاتتى، تۇيۇقسىز رادىئودىن <<روزىلەم دەيمۇ سىنى،  قوزىلەم دەيمۇ سېنى>> دىگەن مۇڭلۇڭ ناخشا ئاڭلىنىشى بىلەن تەڭ ئاپاممۇ ناخشىغا ئەگەشتى، بىر ئازدىن كىيىن بىر ئائىلە كىشىللىرى تاماق ئۇستىلىگە يىغىلدۇق، مەن قىزىقىپ، ئاپا سىز ئەزەلدىن ناخشا ئېيتمايتىڭىز، بايا ئەجەپ رادىئو بىلەن تەڭ غىڭىشىپلا كەتتىڭىزغۇ؟ قىزىم ئۇ روزىلەم ناخشىسى ئەمەسمۇ ! بۇ ناخشىنى ئاڭلىغان ھەر قانداق كىشى غىڭشىماي تۇرالمايدۇ، روزىلەم ! روزىلەم زادى كىم؟ سىنىڭ بۇ روزىلەم ناخشىسىنى چۇشىنىشىڭ ئۈچۈن ھەققى رىئاللىقتا يۈز بەرگەن ھىكايىنى ئاڭلىشىڭغا توغرا كىلىدۇ.

    ئاڭلا قىزىم << روزىلەم >> ناخشسىنى ئىجاد قىلىغۇچى ۋە ئېيتىقۇچىنىڭ شۇنداق بىر گۇزەل ياشلىق باھارى بولغان.

   جەنۇبىي شىنجاڭ يەنى قەشقەرنىڭ ئاتۇش شەھىرىدە كاتتايلاق كەنت چوقچا دادۈي 4-كەنتتە ھۈسەن موللام بىلەن قۇربان ئىسلام ئىسىملىك ئىككى ئادەم بولۇپ، ئۇلار تام قوشنا ئولتۇراتتى. بۇ ئىككى ئائىلە ھەم دېھقان ھەم تىجارەتچى بولۇپ شۇ مەزگىلدىكى ھاللىق دېھقان ئائىلىسى ھېسابلىناتتى.

   ھۈسەن موللامنىڭ «روزىلەم» ئىسىملىك قىزى، قۇربان ئىسلامنىڭ «ئابلىمىت» ئىسىملىك ئوغلى بار بولۇپ، ئابلىمىت روزىلەمنى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتى. لېكىن بۇ ئىككى ئائىلە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى. چۈنكى بۇلار شۇ مەزگىلدىكى ھاللىق دېھقان ئائىلىسى بولۇپ، بىر-بىرىنى زادىلا كۆرەلمەي، ھە دېسىلا بايلىق كۆزلىشەتتى. بايلىقىم سېنىڭكىدىن كۆپ دىگەندەك ئىشلار بىلەن  تاكاللىشىپ قالاتتى. شۇڭا ھۈسەن موللام بىلەن قۇربان ئىسلام بىر-بىرىگە سوغوق نەزەردە قارىشاتتى. شۇ سەۋەبتىن بۇ ئىككى ياشنىڭ مۇھەببىتىگە بۇلار تۇسقۇنلۇق قىلۋاتاتتى.

ئابلىمىتنىڭ ئانىسى كىچىك ۋاقتىدا ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، ئۆگەي ئانىنىڭ قولىدا چوڭ بولغان، ئۆگەي ئانىسى ئۇنىڭغا دائىم ئۆگەيلىك قىلاتتى. بىر كۈنى ئابلىمىتنىڭ دادىسى تاغقا چىقىپ قايتىپ كەلگەندە ئۇنىڭ ئۆگەي ئانىسى دادىسىنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ چىقىپ: «ئابلىمىتقا گەپ قىلىڭ، ئۇ كېچىچە ھېلقى روزىلەم دىگەن بىر نىمىگە قوشاق ئوقۇپ مېنى زادىلا ئۇخلاتمىدى.» دەپ ئۇنىڭغا ئەرز ئېيىتتى. بۇنى ئاڭلىغان دادىسى ئاچچىقىغا پايلىماي راۋابنى ئېسىپ قويغان يېرىدىن ئېلىپ يەرگە قاتتىق ئۇرۇپ كۇكۇم-تالقان قىلىپ، مەشكە سېلىۋىتىدۇ.

ئابلىمىت دەردكە چىدىيالماي مۇنۇ قوشاقنى قوشقان:







 دادامنىڭ خۇيى يامان،
 شۇڭا راۋاپ چالمايمەن.
    ئۆز ئانامنىڭ يوقلىقىدىن،
روزىلەمنى ئالالمايمەن.
دىمەك  روزىلەمنىڭ ئوتىدا كۈيىۋاتقان ئابلىمىتقا، ئۆگەي ئانىنىڭ  ئانىلىق مېھرىنى بېرىشى ھەقىقەتەن تەس ئىدى. چۈنكى ئۇ ئۇنىڭ ئۆز بالىسى ئەمەستە. بىچارە ئابلىمىت قانچە قېتىملاپ دادىسىدىن ئورۇنسىز تاياقلارنى يېگەن، قانچە قېتىملاپ قاراڭغۇ ئۆيگە كىرىپ ئۆكسۈپ يىغلىغان، نەچچە قېتىملاپ روزىلەمنىڭ ئىشىك تۈۋىگە كېلىپ قوشاق ئېيتىپ، ناخشا توۋلىغاندا ھۈسەن موللامنىڭ جاندىن ئۆتكۈدەك گەپلىرىگە بەرداشلىق بەرگەن ھە!

ھەي، باشقىلارغا كۆڭلىنى بېرىش، باشقىلارغا كۆيۈپ قېلىش گۇناھمىدۇ؟ كۆيۈك ئوتى شۇنچىلىك يامانمىدۇ؟ كۆيۈك ئوتى ئابلىمىتنىڭ يۈرىكىنى بىر دەقىقىمۇ تىنىچ تۇرغۇزمىغانمىدۇ؟ ئابلىمىتنىڭ بۇ ۋاقىتتىكى كەيپىياتىنى ئابلىمىتنىڭ ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ ھەم چۈشەنمەيدۇ. بۇ ئىككى ياش چوڭلارنىڭ مەن_ سەنلىكى بىلەنلا شۇنچىلىك جاپالارنى چەككەن. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككى ياشنىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، ئابلىمىتنىڭ ئۆيىنىڭ يېنىدا بىر چوڭ كۆل بولۇپ، ئۇ يەردىكى كىشلەر مۇشۇ كۆلنىڭ سۈيىنى ئىچىپ تۇرمۇشىنى قامدايتى. ئابلىمىتنىڭ ئۆيىدە بىر ئات بار بولۇپ، ئۇ كۈندە روزىلەمنى كۆرۈش ئۈچۈن ئېتىنى كۆلگە ئون قېتىم ئاپىرىپ سۇغۇراتتى. روزىلەممۇ ئابلىمىت بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن 10قېتىم سۇغا چىقاتتى. شۇ سەۋەبتىن مەھەللىدىكىلەر بۇ ئىككىسىنى: <<ئابلىمىتنىڭ ئېتى سۇغا قانمايدۇ، روزىلەمنىڭ چېلىكى سۇغا تولمايدۇ>> دەيتتى.

دېمەك، ئابلىمىت روزىلەمنى ھەر قېتىم كۆرگەندە ئۇنىڭغا ئاتاپ قوشاق قوشۇپ ناخشا ئېيتاتتى. مەھەللىدىكىلەر ئۇنىڭغا قاراپ «غەزەلچى» دەپ نام قويۇپ قويغان. شۇنىڭدىن ئېتبارەن، ئۇنىڭ ئىسمىغا «غەزەل» دېگەن نام قوشۇلۇپ، ئابلىمىت غەزەل دەپ ئۆزگەرگەن. بۇ نام تا بۈگۈنگە قەدەر قوللىنىپ كېلىۋاتىدۇ. ئابلىمىت غەزەل دېسە، قەشقەر، ئاتۇش ۋە بورتالا شەھەرلىرىدە ئۇنى تونۇمايدىغان كىشى يوق.  ئۇ ھەقىقىي بىر غەزەلچى. ئۇ تۇرغانلا يېرىدە روزىلەمنى قېتىپ ناخشا ئېيتىدۇ، دېمىسىمۇ روزىلەم دىگەن بۇ قىزنىڭ ناخشىغا قېتىپ ئېيىتقۇچىلىكى بار. ئۇ ناھايىتى ئىپەتلىك، نومۇسچان، ئىنتايىن كەم سۆز قىز.ئۇنىڭ زىلۋا بويلىرىغا ياراشقان ئەتلەس كۆڭلىكى، تال-تال كىرپىكلىرى، ئون سەككىز تال ئۆرۈلگەن سۇمبۇل چاچلىرىغا ياراشتۇرۇپ كىيگەن چىمەندوپپىسى ئۇنىڭ سىماسىدىن ھەقىقىي ئۇيغۇر قىزلىقىنى نامايان قىلىدۇ. ئۇنى كۆرگەن ھەر قانداق كىشىنىڭ ھەيرانلىقتا قاراپ قېلىشى ئادەتتىكى ئىش خالاس. ئەلۋەتتە، ئابلىمىتتەك بىر يىگىتنىڭ بۇنداق ئاشىق بولۇپ قېلىشى ئەلۋەتتە ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەستە!

ئابلىمىت ئۇنىڭ مۇشۇ تەبئىي تۇرقىنى ئۇيغۇر قىزلىرىغا خاس نازاكىتىنى كۆرۈشكە بەكمۇ ئىنتىزار ئىدى. بولۇپمۇ روزىلەمنىڭ چىمەن دوپپىسى ئۇنىڭ كۆزىگە ناھايىتى چىرايلىق كۆرۈنەتتى. شۇ سەۋەبتىن ئابلىمىت غەزەلچى ئۇنىڭغا مۇنداق قوشاق توقىغان:


     سۈزۈك سۇنى لاي قىلغان،
  تاختا كۆۋرۈك توپىسى.
  روزىلەمنى ئۇز قىلغان،
بېشىدىكى دوپپىسى.
ئابلىمىتنىڭ روزىلەمگە ئاتىغان ناخشا-قوشاقلىرىنى ئاڭلىغان تاجىخان ئانا (روزىلەمنىڭ ئانىسى) ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىش ئاساسىدا  ئابلىمىت بالام سەن بۇنداق ئۆزۈڭنى ئازاپلاۋەرمە، ھەر ئىشنىڭ ۋاقتى-سائىتى بار. ئىككىڭلارنىڭ بېشىنى ھامان قوشۇپ قويىمىز دەپ ئۇنىڭغا تەسەللىي بەرگەن. ئابلىمىت بۇ ئاقكۆڭۈل ئانىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، خۇشاللىقىدا مۇنداق قوشاق ئېيىتقان:


  ئەتىياز كېلىپ قالدى،
كەمبەغەللەر نىمە يە.
  تاجىئانام بىرەي دەيدۇ،
   ھۈسەن موللام نىمە دەر؟
بۇ ۋاقىتتا ھۈسەن موللام يەنى(روزىلەمنىڭ ئاتىسى) ئۇچتۇرپانغا چىقىپ كەتكەن بولۇپ، ئىشلارنى بېجىرىپ قايتىپ كەلگەندە ئابلىمىتنىڭ بۇ قوشىقىنى ئاڭلاپ قالىدۇ. ۋە شۇ كۈنى كەچتە ئابلىمىتنى قوغلاپ «قىزىمنى ھەرگىزمۇ ساڭا بەرمەيمەن» دەپ ئۇنىڭغا تەھدىت سالىدۇ. ئابلىمىت شۇ قايغۇدا شۇ كېچىدە بىر ھاڭغا چۈشۈپ كېتىپ بېشى يېرىلىپ كېتىدۇ. ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپارغاندا ئۇ يەنە شۇ ھالغا چۈشۈپ قېلىپمۇ:


  سېرىق بويىغا بېرىپ، دەڭدە ياتتىم ئەمەسمۇ،
روزىلەمنىڭ دەردىدە، ھاڭدا ياتتىم ئەمەسمۇ.
دىگەن قوشاقنى توقىغان. بۇنىڭدىن ئۇنىڭ روزىلەمگە ھەقىقىي ئاشىقلىقىنى يەنە بىر قېتىم كۆرۈۋالالايمىز. بۇ ئىككى ياشنىڭ ياش تۇرۇپ تارتقان جاپالىرى ھەقىقەتەنمۇ ئاز ئەمەس. ئەگەر چوڭلارنىڭ مۇنچىلىك توساقلىرى بولمىغان بولسا ئۇلار ئاللىقاچان مۇراد-مەقسەتلىرىگە يەتكەن بولاتتى. بەزىدە چوڭلار ئۆزلىرىنىڭ كىچىككىنە شەخسىي ئىشلىرىنى دەپ ئۆز بالىلىرىنىڭ يەنى ياشلارنىڭ بەختىگە ئولتۇرۇپ قويىدۇ.

ئەلۋەتتە، روزىلەممۇ شۇنىڭغا ئوخشاش. دادىسىنىڭ گېپىنى زادىلا يىرالمايدىغان قىز . دادىسىنىڭ زورى بىلەن  نەۋرە ئاكىسىغا ياتلىق قىلىنماقچى بولغاندا،بۇنى ئاڭلغان ئابلىمىت غەزەل  جان ئاچچىقىدا:


 ئاقىدىكى كېۋەزنى،
 ئېچىلغاندا تېرىڭلار.
      ياسىن قارى چاغ ئىكەن،
ئابلىمىتقا بېرىڭلار.
دىگەن قوشاقنى توقىغان.

كىيىن ھۈسەن موللام مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن قىزى روزىلەمنى مەجبۇر 35 ياشقا كىرگەن ئابلىمىت مەخسۇم دىگەن بىر ئادەمگە ياتلىق قىلغان. تېخى 20ياشقا توشىمىغان بىر قىزنى مەجبۇر توي قىلغۇزۇپ ئۇنىڭ كۆڭلى قانداقمۇ ئەمىن تاپقاندۇ؟ كچكدنلا كۆز ئالدىدا چوڭ بولغان بۇ ئىككى ياشنى ئايرىۋىتىشكە قانداقمۇ كۆڭلى ئۇنىغاندۇ؟ ئۇنىڭ يۈرىكى ھەقىقەتەنمۇ ئاشۇنداق تاشمىدۇ؟ ھەي ئىسىت! ھەممىنى قىلغان ئاشۇ مال-دۇنياغۇ، بايلىققۇ......

بۇ مەزگىلدە ئابلىمىتنىڭ بېشىغا ھەقىقەتەنمۇ ئېغىر كۈن چۈشتى. ئۇ 4يىل ياخشى كۆرگەن، 4يىل سەۋدايىلىققا سالغان  ئاشىقى ئۇنىڭ يېنىدىن غايىپ بولدى. ھەر كۈنى ئايدىڭ كېچىدە كۆل بويىدا پاراڭلىشىپ، دەردىگە دەرمان بولىدىغان، ساھىپجامال، نومۇسچان روزىلەم ئۇنىڭ يېنىدىن خۇددى يۇلتۇزدەكلايوقالدى .پەقەت ئۇنىڭ ھىدى، ئۇ ماڭغان يول، ئۇ سۇ ئالىدىغان كۆللا ئۇنىڭغا بىر تەۋەررۈك بولۇپ قالدى. بۇ ئىككىسىنىڭ شېرىن ئەسلىمىلىرى بىر چۈش بولۇپ قالدى خالاس. ئۇ بۇنىڭ ھەقىقەتەن بىر چۈش بولۇپ قېلىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدۇ. چاققانراق بۇ ۋەھىمە چۈشتىن ئويغىنىپ، رىئاللىقتا روزىلەم بىلەن يەنە بىللە بولۇش ئۇنىڭ يۈرەك قېنىغا سىڭىپ كەتكەن ئارزۇ-ئارمانلىرىنىڭ بىرى.

قاراڭ، ھازىر ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكىدەك خۇشچاقچاق، جەسۇر، قاۋۇل ئابلىمىت ئەمەس ئىدى. ئۇ ئاللىقاچان ياشقاچوك بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ ۋاقىتتىكى چىراي ۋە ھېسياتىنى تەسۋىرلەشكە ھەقىقەتەنمۇ ئاجىزلىق قىلىمەن.

ئابلىمىت بۇ ئەلەملەرگە چىدىماي 2 ئايدىن كېيىن مەھەللىسىدىكى سائەتخان دىگەن بىر قىزنى ئالغان، ھازىر بۇلارنىڭ بەش قىزى بار، ئائىلە تۇرمۇشىمۇ بەخىتلىك. گەرچە ئۇنىڭ ئائىلە ئەھۋالى ئانچە ياخشى بولمىسىمۇ، بۇ بەش قىزىنى ناھايىتى ئەدەپلىك چوڭ قىلىپ، ئەل قاتارىغا قوشتى. ھەممە قىزلىرىنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق مۇستەقىل ئائىلىسى بار.

دىمەك، ھەممە ئىشنىڭ باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىشى بولغاندەك، ئەلۋەتتە بۇ «روزىلەم ناخشىسى»نىڭ كېلىپ چىقىشىغىمۇ يۇقارقىدەك تەسىرلىك ۋە ئازاپلىق ۋەقەلەر يوشۇرۇنغان. مەن مۇشۇ يەرگە كەلگەندە<< روزىلەم دەيمۇ سىنى>> دىگەن مىسرانى ئىختىيارسىز شىۋىرلاش بىلەن  بايانىمنى ئاخىرلاشتۇرماقچى بولدۇم....... 
[ ھونتەرىپىدىن2011-08-05 18:40قايتا تەھرىرلەندى ]
دوستلىشىش
بورتالا
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 23
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 156
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە156دانە
تۆھپىسى: 39
پۇلى: 259 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 59
ياخشى باھا: 229
توردا: 14(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-18
ئاخىرقى: 2012-03-28
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-03-29 15:26

ئەسىرىڭىزنى باشتىن -ئاياق ئوقۇپ چىقىپ روزىلەمنىڭ كىلىپ چىقىش تارىخنى بىلىۋالدىم ، تېمىڭىزغا رەھمەت
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 289
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە1دانە
تۆھپىسى: 0
پۇلى: 1 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 0
ياخشى باھا: 1
توردا: 0(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-04-01
ئاخىرقى: 2011-04-01
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-04-01 21:37

ماقالىنى ياخشي يېزىپسېز!!
مەزمۇني چوڭقۇر ىكەن.
شەھلا
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 290
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 9
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە9دانە
تۆھپىسى: 0
پۇلى: 9 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 0
ياخشى باھا: 9
توردا: 3(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-04-01
ئاخىرقى: 2011-08-10
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-04-01 22:07

ۋا بەك ياخشى يىزىپ سىز .  روزىلەم ھىكايىسىنى تۇنجى قىتىم ئاڭلىشم ، بەك ياخشىكەن.
دوستلىشىش
مېھرىگىياھ
ئىنسانلار ئۇرۇق-تۇغقان، ئۇيغۇرلار بىر تۇغقان.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 19
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 4
ئومۇمىي يازما: 300
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە300دانە
تۆھپىسى: 56
پۇلى: 566 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 72
ياخشى باھا: 376
توردا: 98(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-18
ئاخىرقى: 2013-05-25
4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-04-01 23:11

بىسمىللادىلا ئوبدان ئەسەرلەر ئوتتۇرىغا چىقىپتۇ. پائالىيەتتىن ھەممىمىزنىڭ قەلبى سۈيۈنۈشى ئۈچۈن، ئۆزۈڭلارنى بىر كۆرسىتىپ قويۇڭلار، بالىلار!
دوستلىشىش
ئىدىقۇت
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 42
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 106
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە106دانە
تۆھپىسى: 0
پۇلى: 105 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 0
ياخشى باھا: 105
توردا: 5(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-22
ئاخىرقى: 2012-05-03
5- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-04-02 11:37

بالىلارنىڭ تەپەككۇرىنى ئىچىشتىكى ياخشى ۋاستىنى تاللاپسىلەر !
دوستلىشىش
كۆلبىلگە
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 232
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 11
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە11دانە
تۆھپىسى: 0
پۇلى: 11 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 0
ياخشى باھا: 11
توردا: 3(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-22
ئاخىرقى: 2011-04-12
6- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-04-02 12:36

كىچىك چىغىمدا چوڭ ئۆيگە تۇققانلار كەلدى،ئارىسىدا روزىلەم دىگەن بۇ ئايالمۇ بار ئىكەن. روزىلەم دىگەن ناخشا ئېيتىلىپ يۈرگەن چاغلار بولسا كىرەك، شۇڭا بۇ ناخشىنى ھويلىدا ئېيىتسام(كىچىكلىك)، مىھمانلار ئۆيدە بولغاچقا چوڭ دادام چىقىپ  بەك خاپا بولۇپ كەتكەن،بۇ ناخشىنى ھەر ئاڭلىسام بۇ ئىش ئىسىمگە كىلىدۇ.
دوستلىشىش
قەشقىرى
ئاتىلار سۆزى ئاللا سۆزى ، ئانىلار سۆزى  پەر ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 302
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 9
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە9دانە
تۆھپىسى: 0
پۇلى: 9 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 0
ياخشى باھا: 9
توردا: 0(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-04-03
ئاخىرقى: 2011-06-18
7- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-04-03 16:11

ھازىرقى دە ۋىرنى  قامچىلاپسىز،بۇنى ھازىر بىلەن سېلشتۇرۇش كېرەك.رەھمەت سىزگە.
دوستلىشىش
سىپارتا
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 297
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 13
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە13دانە
تۆھپىسى: 2
پۇلى: 17 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 4
ياخشى باھا: 17
توردا: 22(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-04-02
ئاخىرقى: 2012-11-13
8- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-04-03 16:37

  مەن بۇھېكايىنى ئاڭلىغان ئىدىم  ياخشى يىزىپسڭز
ئۈزى ئۈچۈن يار بولغان ئىنسان ئەڭ بەخىتلىكتۇر!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 283
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 58
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە58دانە
تۆھپىسى: 6
پۇلى: 70 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 12
ياخشى باھا: 70
توردا: 8(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-31
ئاخىرقى: 2011-06-17
9- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-04-04 22:23

بۇ ئەسەر روزىلەم توغرۇلۇق يېزىلغان ئەسەركەن،ئاساسىي گەۋدىسى ماتىرىيالدىن،قوشۇمچە قىسمى تەپەككۇردىن تۈزۈلۈش ئاساسىدا بارلىققا كەپتۇ،
  تېخىمۇ تىرىشارسىز!!