ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 270 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: شى چيەن توخۇ ئوغۇرلىغاندىن كېيىن...
دوستلىشىش
پانتېكىن
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 10
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە10دانە
تۆھپىسى: 16
پۇلى: 42 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 22
ياخشى باھا: 37
توردا: 3(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-16
ئاخىرقى: 2012-08-13
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-03-22 21:54

شى چيەن توخۇ ئوغۇرلىغاندىن كېيىن...

خو گوپىڭ
شى چيىەن گاۋتاڭ ئايمىقىدىن بولۇپ،خىزمەت كۈتۈپ تۇرغان ياش.ئۇ ئادەتتە تام -تورۇسلاردا بىمالال مېڭىپ،ئوغرى-يالغانلار بىلەن ئېغىز -بۇرۇن يالىشىپ يۈرىدىغان بولغاچقا،كىشىلەر ئۇنىڭغا‹ناغرا بۈرگۈسى› دەپ ئات قويۇۋالغان.مانا ئەمدى مال باھاسى ئۆرلەپ كەتكەچكە،ناغرا بۈرگۈسىنىڭ كۈنلىرىمۇ سېرىق تاللىقتا ئۆتىدىغان،بۇ ھالغا دائىم ئىچى پۇشۇپ يۈرىدىغان بولۇپ قالدى.
شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ ياڭ شيۇڭ بىلەن شى شيۇغا ئۇچراپ قالدى،ئۇلار ئۇنى لياڭشەنگە قچېىپ ئىنقىلاب قىلىش،مەينى تاۋاقلاپ ئىچىپ،ھەركۈنى گۆش يەيدىغان بەختلىك تۇرمۇشقا ئۇلىشىشقا دەۋەت قىلدى.بۇنداق سۈپەتلەردىن ھوزۇرلانغان شى چيەن ھە دېگەندىلا ھاياجاغا چۆمۈپ،ئالدى-ئارقىنى سۈرۈشتۈرمەيلا ئۇلارغا ئەگەشتى.ئويلىمىغان يەردىن جۇ جەمەتى سارىيىنىڭ خورىزىنى ئوغرىلاپ يەپ قويۇپ،بىرمەيدان قانلىق قىرغىنچىلىقنىڭ قوزغىلىشىغا سەۋەب بولۇپ قالدى،جۇ جەمەتى جاڭزىسىغا ئۈچ قېتىم تىگىش قېلىش ئۇرۇشى مانا مۇشۇنداق قوزغالدى….
غەلبىنى تەبرىكلەش كېڭىشىدە ئۇرۇشقا قاتناشقان ئاتامانلارنىڭ ھەممىسى تېگىشلىك ئىنئامغا نائىل بولدى،پەقەت شى چيەنلا قاتتىق تەقىپ ئاستىغا ئېلىندى:
-لياڭشەن تۇراسىدىكى قەھرىمان ئەزىمەتلەر ۋاڭ لۈن قەتلى قىلىنغاندىن بۇيان مەردلىكنى ئەلا بىلىپ،يېتىم-يىسىر،ئورۇق-ئاجىز پۇقرالارنىڭ بېشىنى سىلاپ كەلدى،-دېدى چاۋگەي زىياپەت ئەھلىگە،ئاندىن شى چيەنگە مىخىتەك قادىلىپ غەزەپ توغىنىنى ئېچىۋەتتى،-پەقەت سەن نىجىس خۇمپەرلا لياڭشەن پالۋانلىرىنىڭ يۈزىگە قارا سۈركىدىڭ،نام-ئاتىقىغا شاتىراقلىدىڭ!شۇڭا سېنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىڭنى تەلتۈكۈس تەكشۈرۈپ،قاتتىق جازالىماي بولمايدۇ،بولمىسا ئەتراپىمىدىكى شۇنچە كۆپ باتۇرلارغا قانداق جاۋاپ قىلىمەن!؟
بىراق‹شى چيەننى جازالىماي زادى بولمامدۇ؟!›دېگەن بۇ مەسىلىدە لياڭشەن كۆلىنىڭ ئىچكى قىسمىدا باشقىچە سادالار پەيدا بولۇشقا باشلىدى،ئالدى بىلەن مۇشاۋۇر ۋۇيۇڭ گەپ باشلاپ مۇنداق دېدى:
-بىر توخۇنىڭ قىممىتى زادى قانچىلىك؟ناۋادا بىر توخۇ ئوغرىلاپ يەپ قويغانلىق گۇناھىدىنمۇ كېچەلمەي،بولۇشىغا داۋراڭ قىلساق،ئۇنداقتا لياڭشەن كۆلىدىن خاتىرجەملىك كۆتۈرۈلۈپ،سەركەردە-سەرۋازلارنىڭ كۆڭلى مۇقىمسىزلىشىپ كەتمەمدۇ،باتۇر ئەزىمەتلەرنىڭ ئەمىنلىكى ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى بىلمەي بولمايدۇ!
-مال باھاسى ھەقىقەتەن تېز ئۆسۈۋۋاتىدۇ،-دېدى بۇلۇت ئەجدىھاسى گۈڭ سۇنشىڭ گەپكە لوقما سېلىپ،-بىركىلو توخۇنى نەچە سەر كۈمۈشسىز سېتىۋالغىلى بولمايدۇ،بۇنداق چاغدا بىر توخۇ دېگەن ئىش ئورنىدىن قالغان نىمكارغا نىسبەتەن كىچىك ئىش ئەمەس! بىراق بۇ ئىشقا بەك ئېتىبار بېرىپ كېتىشكىمۇ بولمايدۇ،ئېتىبار بەرمەسلىككە تېخى بولمايدۇ….
شۇنداق قىلىپ گۇڭ سۇنشىڭنىڭ تەكلىپى بىلەن لياڭشەندە مەخسۇس تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇلدى،گۇرۇپپا باشلىقلىقىنى گۇڭ سۈنشىڭ ئۈستىگە ئالدى.مۇنار يۆتكەر ھەزرەت،لياڭشەن كۆلىنىڭ باش پاناھى چاۋگەي ئۇلارغا مۇنداق كۆرسەتمە بەردى؛‹چوقۇم ئاداققىچە تەكشۈرۈپ ئىشنىڭ باش-ئاخىرىنى ئۇلاڭلار،مەيلى كىمگىلا بېرىپ تاقاشسۇن،ئوخشاشلا تەكشۈرۈپ ئېقىنى ئاق،قارىسىنى قارا قىلىڭلار!›.مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى ئالدى بىلەن شى چيەننىڭ مەقسەت مۇددىئاسىنى ئېنىقلىماقچى بولدى.
-توىۇ ئوغرىلاپ يېيشىمدىكى باش سەۋەب پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى بولدى،نەچچە كۈنگىچە تۇرۇپ،يېسىۋىلەك قايناتمىسى ئىچىۋەرگەچكە،ئاغزىمدىن شالۋاق كورۇلداپ ئاقىدىغان بولۇپ كەتتى،-دېدى شى چيەن مۇددىئاسىنى بايان قىلىپ،-ئۇنىڭ ئۈستىگە ياڭ شيۇڭ بىلەن شى شيۇغا تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرگۈم كەلدى،ئۇلارنى تۈزۈكرەك يەرگە باشلاپ ئالدىغا داستخان سالغۇم بولسىمۇ،لېكىن قولۇمدا پۇچۇق يارماقمۇ بولمىغاچقا،ئامالسىز توخۇ ئوغرىلاشقا جۈرئەت قىلدىم..
گرچە شى چيەن چىن كۆڭلىدىكى گەپنى قىلغان بولسىمۇ،لېكىن گۇڭ سۈنشىڭ ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىغا تازا چىن پۈتمەي،‹شى چيەننىڭ ئىدىيەۋى تونۇشى تازا چوڭقۇر بولماپتۇ!›دەپ قاراپ،ئۇنىڭغا يېڭى زىللاندىيەنىڭ ئۆي مۈلۈك مىنىستىرى ھىتلېرنىڭ ئىككى بوتۇلكا شاراپ پارا ئېلىپ قويۇپ،ئاخىرىدا ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.
-بۇ ئىش راستما؟موللام،پېقىرنى گالۋاڭ قىلمايۋاتقانسىز-ھە؟دېدى ئۇ ھەيرانلىقتا كۆزلىرىنى يوغان ئېچى.گۇڭ سۈنشىڭ قەتئىي تەلەپپۇزدا جاۋاپ بەردى:
-ئىنىم،قانداقسىگە يالغان گەپنى قىلاي،بۇ ھەقىقىي بولغان ئىش.يېڭى زىللاندىيە پۇقرالىرىنىڭ نەزىرىدە ئىككى خۇمرا مەي پارا ئېلىشمۇ چىرىكلىك،ئۇلار ئۈچۈن بۇ كەچۈرگىلى بولمايدىغان ئىش.ناۋادا ئۇنى ئەمىر-مەرۇپلار بويىچە سۈرۈشتۈرۈپ بىرتەرەپ قىلمىسا،ئاقىۋىتىنى مۆلچەرلەش بەسى مۈشكۈل.
-ئۇنداق بولسا مەنمۇ ئىستىپا بېرەي،-دېدى شى چيەن،-گاۋچاڭ ئايمىقىغا قايتىپ،ئىش كۈتۈپ ياتقان ياشلارنىڭ قاتارىدىن ئورنۇمنى تېپىۋالاي!
شۇنداق قىلىپ دېلونىڭ تېگى-تەكتى ئاخىرى ئاشكارىلىنىپ بولدى،ئۇنداق بولسا شى چيەننى جازالاش كېرەكمۇ-يوق؟چاۋگەينىڭ رايى بويىچە بولغاندا،توخۇ ئوغرىلىسىمۇ كاللىسىنى كېسىش كېرەك ئىدى.چۈنكى ئاتامانلارنىڭ كاللىسىدا بۇنداق جازا ھەقىقەتەن چېكىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكتەك تۇيغۇ شەكىللىنىپ قالغان ئىدى،چۈنكى‹جۇڭخې گۇرۇھىنىڭ باش دېرىكتورى كاڭ رېشىن6مىليون600مىڭ تەڭگە پارا ئالغان بولسىمۇ،لېكىن يەنىلا قەتلى قىلىنمىغان يەردە،بىر توخۇ ئوغرىلاپ يەپ قويغان ئادەمنىڭ كاللىسىنى ئۈزۈۋېلىشى ئۇۋال قىلغانلىقمۇ قانداق؟
بۈگۈنكى كۈندە چىرىك ئەمەلدارلارغا ئۆلۈم جازاسى بەرمەسلىك مودا بولدى،-دېدى مۇشاۋۇر موللا تاپقاق ۋۇيۇڭ گەپنى باشتا تېشىپ،-پەقەت بىر توخۇ ئوغرىلىغانغا ئۆلۈم جازاسى بەرسەك بولماس،يەنە كېلىپ قانۇن ئالسدىدا ھەممە ئادەم باراۋەرغۇ؟!
ئۇ بىرنەرسە دەپ بۇ بىرنەرسە دەپ،ئاخىرى شى چيەنگە بېرىلىدىغان ئۆلۈم جازاسى بىكار قىلىندى،بىراق ئۇ زىنداندا مەڭگۈ ياتىدىغان بولدى.بۇ چاغدا پىداكار يىگىت شى شيۇ بۇ ئىشتا ئۆزىنىڭمۇ مەسئۇلىيىتى باردەك تۇيغۇدا بولۇپ،بىردىنلا دات ئېيتقۇسى كەلدى ۋە شى چيەنگە بېرىلگەن جازانى يىنىكلىتىش،ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر يىللىق زىندانغا بۇيرۇشنىڭ ئەقىلگە مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.ئۇنىڭ تۇرقىدىن چىداپ بولالمىغان زىندانچى يىگىت ياڭ شيۇمۇ ئاخىرى ئېغىز ئاچتى؛
-ئەۋلىيا-ئەنبىياھلارمۇ خاتالىق ئۆتكۈزىدۇ،شى چيەنمۇ خام سۈت ئەمگەن ئادەم بالىسى تۇرسا،خاتالاشمايمەن دېيەلەمدۇ؟بوپتۇ ئۇنى توخۇ ئوغرىلىدىمۇ دەيلى،بىراق قاتتىق تەنقىد قىلساق،ھەتتا كۈرەشكە تارتساقمۇ بولىدىغۇ،شۇنچىۋالا ئېغىر جازا بېرىشنىڭ ھاجىتى بارمۇ-زادى؟
ياڭ شيۇڭنىڭ سۆزلىرى ھەرقايسى ئاتامانلارنىڭ تەڭ ئاۋازدا ھىمايە قىلىشىغا مۇيەسسەر بولدى،شۇڭلاشقا ئۇلار بىردەك مۇنداق دېيىشتى؛‹شى چيەن توخۇ ئوغرىلاپ يېمىسە بولاتتى،ئەمما ئۇنى قاتتىق جازالاشمۇ ئاقىلانىلىك ئەمەس.جازالاشتىن بۇرۇن ئاقىۋىتىنى ئويلاشماي بولمايدۇ،كېسەلنى داۋالاپ ساقايتىش مۇھىم!›
-شى چيەن توخۇ ئوغرىلاپ تۆھپە ياراتتى،بۇنى جازالاشقا بولمايدۇ،ئەكسىچە تارتۇق بېرىش كېرەك!

MANBA;PANTEKIN TURASI
تېما تەستىقلىغۇچى : كان-تۈرك
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-03-23, 02:05