ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 248 قېتىم كۆرۈلدى
دوستلىشىش
ھىدايەت
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 184
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 268
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە268دانە
تۆھپىسى: 25
پۇلى: 320 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 50
ياخشى باھا: 320
توردا: 66(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-12
ئاخىرقى: 2012-11-16
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-03-22 23:20

نەۋرۇز


نەۋرۇز – باھار يامغۇرى . زىمىن ئىچىدە ئۇيقىدا ياتقان جانلىقلارنىڭ تىنىگە ئىللىق ھارارەت ئاتا قىلىپ ، ئۇلارنى ئۇيقۇ ئىچىدىن تارتىپ نەۋرۇزنىڭ يىتىپ كەلگەنلىكىنى جاكارلىسا ، يەنە يېقىملىق كۈيلىرى بىلەن ئىشىكلەرنى يىنىك چىكىپ ، نەۋرۇز پائالىيتىگە قاتنىشىشقا ئۈندەيدۇ .

  نەۋرۇز – باھار شامىلى، قار تىگىدە قۇياش نۇرىغا تەشنا بولۇپ  ئۆزلىرىنى تەبىئەت قوينىغا ئېلىشىنى ساقلاپ تۇرغان ئۆسۈملۈكلەرنى بارماقلىرى بىلەن ئەركىلتىپ ئولتۇرۇپ ، ئەمدى تېز چىقىڭلار نەۋرۇز كەلدى ، قۇياش كۆتۈرۈلدى ، دەپ چاقىرسا ، قۇشلارنىڭ قايتىپ كېلىپ  ، نورۇز پەيزىنى سۈرۈشى ئۈچۈن چىرايلىق داستىخان ھازىرلاپ بېرىدۇ .    نەۋرۇز – باھار ئەلچىسى ، ئۇ ھەر يىلى 3- ئاينىڭ 21 كۈنى كۈن بىلەن تۈن نەڭلەشكەن كۈندە ئالتۇن ئاچقۇچى بىلەن قۇلۇپلاقلىق ئىشىكنى ئېچىپ ، ئۆزىنىڭ نازۇ –نىممەتلىرىنى تەبىئەتكە سوۋغا قىلىدۇ ، تەبىئەت ئانا خوشال ھالدا بۇ سوغىلارنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ – دە ئاپئاق داستىخاننى يىغىپ ، يىشىل پايانداز سالىدۇ . بۇ چاغدا يەر زىمىننى گۈزەللىك ئورايدۇ ، يىشىل پايانداز ئۈستىدىكى ھاياتلىق ، نەۋرۇز كەلگەندىلا ئاندىن ئېچىلىدۇ ، قۇشلار يىراقلاردىن ئۇچۇپ كىلىپ ، ئۆزلىرىنىڭ لىرىك ناخشىللىرىنى ئېيتىپ  ، نەۋرۇز تەنتەنىسىنى باشلىۋەتسە ، كىپىنەكلەر چىرايلىق كىيىملىرىنى كېيىشىپ  ، چىرايلىق ياسانغان ھالدا قۇشلار ئېيىتقان كۈيگە ماسلاشتۇرۇپ قاناتلىرىنى كەڭ يېيىپ ئۇسۇل ئوينىشىپ ، بىر- بىرىنى قوغلىشىپ كەيپىياتنى تېخىمۇ جانلاندىرىۋېتىدۇ . بۇنداق كەيپىياتتا بىزنىڭ ئەمگەكچى دىھقانلىرىمىزمۇ كەتمەنلىرنى دوللىرىغا ئارتىپ يېڭى كۈچ بىلەن دادىل قەدەم تاشلاپ ئېتىزلىققا قاراپ يول ئالىدۇ . ئەلىۋەتتە ، ئۇلار يۇمشىغان توپلارغا ، مول-ھوسۇلنىڭ مەنبەسى بولغان ئۇرۇقلارى چاچىدۇ . ئۇرۇقلار چاققانراق باشلىرىنى يەر تىگىدىن چىقىرىپ ، يېڭى ھاياتلىقنى باشلاش ئۈچۈن تەييار تۇرىدۇ  . كۈنلەر ئايلارنى قوغلىشىپ ئۆتكەنسىرى دېھقان ئەجىرى ئاستا يىتىشىپ چىقىۋاتقان مايسىلارنى كۆرۈپ تەبەسسۇم قىلىشىدۇ . مانا مۇشۇنداق ھەممە يەر جانلىنىپ قاينام – تاشقىنلىققا تولغان بۇ نەۋرۇز كۈنلىرىدە ئىلىم – مەرىپەت باغرىدىكى ، يېڭى ھاياتقا ئىشەنىچ بىلەن قاراۋاتقان گۈل غۇنچىلار مېھرىبان ، كۈيۈمچان ئۇستازلار ، پۈتۈن ئۆمرىنى پەرزەنىت ئۈچۈن ئاتىۋەتكەن ئاتا – ئانىلار بىر چوڭ سەيناغا يىغىلىپ ھەر – خىل سەنئەت نۇمۇرلىرىدىن ھوزۇرلانسا ، يەنە بىر تەرەپتن ئەنئەنىۋى ئويۇنلارنى ئوينۇشىپ كۆزلىرىمىزنى قاماشتۇرىدۇ . ئارقا تەرەپتىى نورۇز ئېشى ئىتىپ دىماقنى يارغۇدەك تاتلىق پۇراق ، مەرىپەت باغچا ئىچىنى بىر ئالىدۇ . ئوماق كىچىك دوسىتلار قىن – قىنىغا پاتماي بۆكلىرىنى ئاسمانغا ئېتىشىپ ، مەكتەپ ئىچىنى تېخىمۇ يۇقىرى كەيپىياتقا ئەپچىقىدۇ . نەۋرۇز ئەنە شۇنداق ھەر- بىر كىشىنى خوشاللىق ئىسكەنجىگە ئورىماي قالمايدۇ . دېمەك نەۋرۇز كىشىلەرگە مەنىۋىي جەھەتتە شاد –خوراملىق ئاتا قىلدىغان شادلىق بايرىمى ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كونا يىلنى ئۇزۇتۇپ يېڭى يىلنى كۈتىۋالىدىغان ، مەنىۋىي دۇنياسىنى بىيىتىپ ، روھنى ئۇرغۇتۇپ ، كەلگۈسىگە يېڭى ئىشەنچ، يېڭى ئىرادە تىكلەپ ئاتلىنىشقا سەپەرۋەر قىلىدىغان خاسىيەتلىك بىر كۈندۇر .

ئاپتورى : ئارزۇ ئۆمەر


تېما تەستىقلىغۇچى : كان-تۈرك
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-03-23, 02:05