ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 370 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئەلى غوجاخۇن(2)شەرقنىڭ سەنىمىگە دەسسەشمۇ؟
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1047
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 214
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە214دانە
تۆھپىسى: 88
پۇلى: 555 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 176
ياخشى باھا: 506
توردا: 11(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-11-22
ئاخىرقى: 2012-11-07
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-03-24 14:58

ئەلى غوجاخۇن(2)شەرقنىڭ سەنىمىگە دەسسەشمۇ؟

راستىنلا«شەرقشۇناسلىقنىڭ سەنىمىگە دەسسەش»مۇ؟

ئەلى غوجاخۇن

<<تارىم ژۇرنىلى››نىڭ 2012-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان يالقۇن روزى ئاپتورلۇقىدىكى‹‹شەرقشۇناسلىق سەنىمىگە دەسسەش››دېگەن ماقالىنى ئوقۇپ (قىسقارتىپ ‹‹ماقالە›› دەپ ئېلىنىدۇ).بۇ ھەقتىكى تونۇش چۈشەنچىلىرىمىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باققۇم كەلدى.
    ‹‹ماقالە››دە ئاپتور ئاۋۋال شەرقشۇناسلار ۋە شەرقشۇناسلىق ئىلىمىنىڭ يامان‹‹تەسىرى››ۋە ‹‹زەھىرى››ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزىدۇ.ئاندىن ئامېرىكىلىق ئالىم،مۇتەپەككۇر ئېدۋارد سەئىدنىڭ‹‹شەرقشۇناسلىق››دېگەن كىتابىدىن نەقىل ئېلىپ،شەرقشۇناسلىقنىڭ‹‹ھەقىقىي يامان غەرەز››لىرىنى بايان قىلىدۇ.ئاندىن روسىيە يازغۇچىسى لېئونىد سولوۋويوف يازغان‹‹نەسىردىن ئەپەندى ھەققىدە قىسسە››دېگەن رومان ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ،نەسىردىن ئەپەندى ئوبرازىنىڭ بۇرمىلىنىپ كەتكەنلىكىدىن ۋە ئەمىر-پادىشاھلارنىڭ پۇقرالار بىلەن قارىمۇ-قارشى مەيدانغا قويۇلۇپ تەسۋىرلەنگەنلىكىدىن رەنجىيدۇ.نەسىردىن ئەپەندىنىڭ‹‹خان-پادىشاھلارنى ئەخمەق قىلىپ ئوينايدىغان جاھانكەزدى قەھىرىمان››قىلىپ تەسۋىرلىگەنلىكىنى توغرا تاپمايدۇ.روماندا نەسىردىن ئەپەندىنىڭ‹‹ئەمىرلەرنىڭ ئاياللىرى بىلەن كۆڭۈل ئاچىدىغاننوچىقىلىنىپ ئوتتۇرىغا چىقىرىلغانلىقى››دىن غەزەپلىنىدۇ.ئەقىللىق،يۇمۇرلۇق،ھەققانىيەتچى نەسىردىن ئەپەندىنىڭ‹‹ئەمىرلەر ۋە ئۆلىمالارنىڭ دۈشمىنىگە ئايلاندۇرۇپ قويغان››لىقىنى،شەرقشۇناسلار ۋە شەرقشۇناسلىقنىڭ تەسىرىدە غەلىتە قىياپەتلىك بولۇپ قالغانلىقىنى تەنقىدلەيدۇ.فىرانسىيىلىك ئەمىن مائالوفنىڭ‹‹سەمەرقەنىت››ناملىق رومانىدىمۇ خەلقنىڭ خانغا قارشى قويۇپ تەسۋىرلەنگەنلىكىدىن بىئارام بولغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.بىر قاتار باشقا بايان،مۇھاكىمىلەردىن كېيىن ئەختەم ئۆمەرنىڭ‹‹نەسىردىن ئەپەندى››ناملىق كىتابى ھەققىدە تەنقىد يۈرگۈزۈپ،يازغۇچى شەرقشۇناسلارنىڭ سەنىمىگە دەسسەپ،مىللىي سىمۋولىمىزنى چاكىنىلاشتۇرۇپ ئىپادىلىگەن››دېگەن قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ۋە مىللىي سىمۋولىنىڭ بىر مىللەتنىڭ مىللىي خاسلىقى ھەم قىممىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدىغان مۇھىم بەلگە ئىكەنلىكىنى شەرھلەيدۇ.
ئالدى بىلەن بىز لۇغەتلەردە‹‹شەرقشۇناس››،‹‹شەرقشۇناسلىق››دېگەن بۇ ئاتالغۇلارنىڭ قانداق ئىزاھلانغانلىقىنى ئېنىقلاپ كۆرەيلى.‹‹ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى››دە بۇ ئاتالغۇلارغا مۇنداق ئىزاھ بېرىلگەن:‹‹شەرقشۇناس:ئىسىم[+]،شەرقتىكى مەمىلكەتلەرنىڭ تارىخى،تىل-يېزىقى،ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيىتى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسىس،ئالىم››.‹‹شەرقشۇناسلىق:ئىسىمتشەرقتىكى(ئاسىيا،شەرقىي شىمالىي ئافرىقىدىكى)ھەر قايسى مەمىلكەتلەرنىڭ تارىخى،تىل-يېزىقى ۋە ماددىي،مەنىۋى مەدەنىيىتى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدىغان پەنلەرنىڭ ئورتاق نامى.16-17-ئەسىرلەردىكى غەرب كاپىتالىزىمى سىرتقا كېڭەيگەن مەزگىللەردە بارلىققا كېلىپ،18-19-ئەسىرلەرگە كەلگەندە قەدىمكى يېزىقلار تىرانسىكىرىپسىيەسىدىكى ئۇقۇملارغا ئەگىشىپ زور دەرىجىدە تەرەققىياتقا ئېرىشكەن ۋە مىسىرشۇناسلىق،ئاسسۇرىيەشۇناسلىق قاتارلىق تارماق پەنلەر شەكىللىنىشكە باشلىغان.››خەنزۇچە‹‹ئوكيانۇس››تا‹‹شەرقشۇناسلىق››دېگەن سۆز ھەققىدە مۇنداق دېيىلگەن:‹‹شەرقشۇناسلىق يېقىنقى زامان غەرب دۇنياسىدا بارلىققا كەلگەن.16~18-ئەسىرلەر پىشىپ يېتىلىش باسقۇچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ،ئاۋال بىر قىسىم ياۋروپالىق سودىگەرلەر،دىن تارقاتقۇچىلار ۋە ئېكىسپىدىتسىيەچىلەر شەرقتىكى ھەرقايسى ئەللەر ھەققىدە خاتىرىلەرنى يازغان.››
كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى،‹‹شەرقشۇناسلىق›› ئامېرىكىلىق ۋە ياۋروپالىقلارنىڭ شەرق دەپ قارالغان رايونلاردىكى دۆلەت ھەم ئىنسانلار توپىنىڭ مەدەنىيەت،ئىقتىساد،سىياسەت،جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىكىنى تەتقىق قىلىش داۋامىدا شەكىللەنگەن ئىلىم.بۇ تەتقىقات قوشۇنىنىڭ ئىچىدە يەنە خېلى كۆپ ساندا شەرقنىڭ ئۆزىنىڭ تەتقىقاتچىلىرىمۇ بار.تۈرلۈك ماتېرىياللاردىن ئايان بولۇشىچە،بۇ ئىلىمنىڭ شەكىللىنىشىدە ئىقتىساد،سودا،سىياسىي،دىن،ئىلمىي ئىزدىنىش، قاتارلىق كۆپ خىل ئامىل مەۋجۇت.
ئېدۋارد سەئىدنىڭ‹‹شەرقشۇناسلىق››دېگەن كىتابىدا مۇنداق مەزمۇنلار ئۇچرايدۇ:‹‹شەرقشۇناسلىق ئاتالغۇسى كۆپ خىل مەنىگە ئىگە بولۇپ،بۇ مەنىلەر بىر-بىرىگە باغلىنىپ كەتكەن.بۇلارنىڭ ئىچىدە ئادەم ئەڭ ئاسان قوبۇل قىلالايدىغىنى شەرقشۇناسلىق ئىلمىي تەتقىقاتىدىكى بىر خىل پەن دېگەندىن ئىبارەت.››،‹‹شەرقشۇناسلىق بىر خىل تەپەككۇر شەكلى،شەرق دېگەن بۇ ئاتالغۇ كۆپىنچە ھاللاردا غەربكە نىسبەتەن ئېيتىلىدۇ.شەرقشۇناسلىق تەپەككۇر شەكلى يۇقىرىدىكى ئىككى ئۇقۇم ئوتتۇرىسىدىكى ئونتولوگىيە(پەلسەپەنىڭ دۇنيانىڭ مەنبەسى ياكى تەبىئىتىنى تەتقىق قىلىدىغان بىر تارمىقى)بىلەن تونۇش نەزەرىيىسى مەنىسىدىكى پەرقنى ئاساس قىلغان››،‹‹شەرقشۇناسلىق مەدەنىيەت،ئىلىم ۋە تەتقىقات تارماقلىرى ئىچىدە پاسسىپ ئەكىس ئەتتۈرۈلىدىغان سىياسىيلىققا ئىگە ئوبيىكىت ياكى ساھەلا ئەمەس،شەرققە مۇناسىۋەتلىك تېكىستلەرنىڭ كېلەڭسىز يىغىندىسمۇ ئەمەس،شەرق دۇنياسىنى گۇمران قىلىدىغان مەلۇم غەرەزدىكى غەرب ئىمپېرىيالىزىم سۇيقەستىنىڭ ئىپادىسىمۇ ئەمەس.ئۇ رايون سىياسىي ئېڭىنىڭ ئىستېتىكا،ئىقتىسادشۇناسلىق،جەمئىيەتشۇناسلىق،تارىخشۇناسلىق  ۋە پەلسەپە تېكىستلىرىدىكى تەقسىملىنىشى.››
دېمەك،ئىلىم مەنىسىدىكى شەرقشۇناسلىق بىر خىل پەن،بىر خىل تەپەككۇر شەكلى،بىر خىل ئىلمىي تەتقىقات ساھەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن پەقەت غەرب ئەللىرىنىڭ سىياسەت،مەدەنىيەت زومىگەرلىكىنى ئىپادىلەيدىغان قوراللا ئەمەس،بەلكى شەرق ئەللىرىنىڭ ماددىي،مەنىۋى قىممەتلىرىنىڭ غەرب ئالىملىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە قايتا ئىپادىلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.‹‹ماقالە››ئاپتورى ئېدۋارد سەئىدنىڭ كىتابىدىن ئۈزۈندى ئالغاندا بەزىلىرىنى نەقىل كەلتۈرىدۇ.بەزىلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ.سەئىدنىڭ‹‹شەرقشۇناسلىق››دېگەن كىتابىدا ھەقىقەتەنمۇ شەرقشۇناسلىق بىلەن شۇغۇللانغان بىر قىسىم ئىلىم ئەھىللىرىنىڭ شەرق ئەللىرىنىڭ دىنىنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرۈش،شەرقنىڭ مۇستەبىت،نادان،مۇتەئەسسىپ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش،مۇستەملىكە ئېھتىياجى ئۈچۈن غەربنىڭ مەدەنىيەت ۋە سىياسىي تۈزۈلمە جەھەتتىكى ئۈستۈنلىكىنى ئىپادىلەشكە ئۇرۇنغانلىقىغا كەڭ ئورۇن بېرىش بىلەن بىرگە يەنە يۇقىرىدا تىلغا ئالغاندەك ساپ ئىلمىي ئىزدىنىش روھىغا ئىگە تەتقىقات مېتودىنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ.لېكىن دۇنيادا ھېلىمۇ شەرقشۇناسلىقنى تېخىمۇ رادىكال دائىرىدە تەتقىق قىلغان بىر قىسىم زىيالىيلار شەرقشۇناسلىقنىڭ غەربنىڭ جاھانگىرلىك ھەرىكەتلىرىگە ھەسسە قوشقان بىر ئامىل ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.ئەمما بۇ خىل ئەھۋالغا قارشى كەسكىن تەنقىد سادالىرىمۇ ئارقا-ئارقىدىن چىقىپ تۇرۇۋاتىدۇ.
سەئىدنىڭ ‹‹شەرقشۇناسلىق›› دېگەن كىتابىدا بۇ پەننىڭ شەرقنىڭ دىنىي ئېتقادىنى بۇرمىلاش،سىياسىي  كېڭىيىش ۋە مەدەنىيەت مۇستەملىكىسى ئېھتىياجىدىن بارلىققا كەلگەنلىك تەرىپىنى زىيادە كۆپتۈرۋەتكەنلىكىگە قارىتا 2003-يىلى سەئىد ۋاپات بولغاندىن كېيىن 2007-يىلىغا كەلگەندە ياۋروپا،ئامېرىكا ئىلىم ئەھىلىلىرى سالمىقى ئېغىر ئىككى ئەسەرنى ئېلان قىلىدۇ.ئۇلار ئېدۋارد سەئىدنىڭ‹‹شەرقشۇناسلىق››دېگەن ئەسىرىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى،پىكىرىدىكى چەكلىمىلىكىنى ۋە بەزى مۇتلەق مەزمۇندا ئىشىلتىلگەن ئۇقۇم-چۈشەنچىلىرىنى كۆرسىتىپ بەردى.بۇ ئىككى كىتاب‹‹غەرب ئۈچۈن ھەق گەپ قىلىش:سەئىدنىڭشەرقشۇناسلىقدېگەن ئەسىرىگە تەنقىد››،‹‹شەرقشۇناسلىق››نى ئوقۇش:دېيىلگەنلەر ۋە دېيىلمىگەنلەر››دېگەندىن ئىبارەت.بۇلارنىڭ ئىچىدە تەسىرى زور بولغىنى ئاۋالقىسى بولۇپ،ئاپتورى ئۇزاق مەزگىل ياۋروپادا ياشىغان سىكولارىزىمچى(دىندىن تاشقىرى يۈرگۈچى)،ئۇ ئىبنى ۋەرراق دېگەن ئىسىم بىلەن بۇ ئەسەرنى ئېلان قىلدۇرغان.ئىبنى ۋەرراق ئېدۋارد سەئىدنىڭ‹‹شەرقشۇناسلىق››دېگەن كىتابىدا غەرب ئالىملىرىنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرىنىڭ بۇرمىلىنىپ چۈشەندۈرۈلگەنلىكىگە،غەرب مەدەنيىتىنىڭ ئومۇمىي گەۋدە سۈپىتىدە ئاق بىلەن قارا ئارىلاشتۇرۋېتىلگەن ھالدا ئىزاھلانغانلىقىغا قارىتا تەنقىد يۈرگۈزگەن.ساپ ئىلمىي مەقسەت ۋە ئىلمىي كەيپىيات بىلەن يېزىلغان،تەتقىق قىلىنغان كۆپلىگەن ئەسەرلەرنىڭمۇ مەدەنىيەت مۇستەملىكىسى مەزمۇنى سۈپىتىدە بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىغا كەسكىن تەنقىد يۈرگۈزگەن.غەربنىڭ قەدىمكى يۇنان دەۋرىدىن تارتىپلا شەرقلىقلەرنى،شەرقلىقلەرنىڭ ئىدىيە،غايىلىرىنى قوبۇل قىلىش ئاساسىدا ئۇنى يۈكسەلدۈرۈپ ئىلىمنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە بۈگۈنكىدەك تەرەققىياتقا ئېرىشكەنلىكىنى بايان قىلغان.ئۇنىڭدىن باشقا سەئىدنىڭ‹‹شەرقشۇناسلىق››دېگەن ئەسىرىنىڭ مېتودولوگىيە،دەلىللەشنىڭ بىردەكلىكى ۋە تارىخىي بىلىم جەھەتتىكى ئېغىر يېتەرسىزلىكىنى ۋە مۇئەللىپنىڭ تارىخىي ۋەقەلەرنى چۈشەندۈرۈشتە لىللا مەيداندا تۇرماي،خاھىشچانلىق بىلەن چۈشەندۈرگەنلىكىدەك بىر تەرەپلىمىلىكنى كۆرسىتىپ بەرگەن.يەنە ئامېرىكىلىق ئوتتۇرا شەرق تەتقىقاتچىسى بېرنارد لېۋىس(1916-)‹‹خاتالىق قەيەردە››ناملىق كىتابىدا ۋە ئەرەب مەدەنيىتى مۇتەخەسىسى روبېرت ئىرۋىن ئۆزىنىڭ‹‹خەتەرلىك ئىلىم››ناملىق تەتتقىقات ئەسىرىدىمۇ سەئىد تەرىپىدىن‹‹شەرقشۇناسلىق››دېگەن بۇ ئىلمىي ئاتالغۇغا يۈكلەنگەن سەلبىي مەنىلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان.بۇ ئوخشىمىغان پاكىتلىق قاراشلاردىن سەئىدنىڭ‹‹غەربنىڭ مۇستەملىكچىلىكى ھەربىي،ئىقتىسادىي تاجاۋۇز بولۇپلا قالماي،بەلكى ئىلمىي بايانلار ئارقىلىق ئۆزىنى قۇراشتۇرىدۇ.بۇنداق بىلىم جاھانگىرلىكى ماھىيەتتە سىياسىي زومىگەرلىككە چېتىلىدۇ››دېگەن چۈشەنچىلىرىنىڭ بىر تەرەپلىمىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ.بۇ ئەمەلىيەتتە،غەرب ئالىملىرىنىڭ سەمىمىيلىك بىلەن يېزىلغان خېلى بىر قىسىم ئىلمىي تەتقىقات ئەسەرلىرىنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرىشى ياكى كۆرمەسكە سېلۋېلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ياۋروپا،ئامېرىكا شەرقشۇناسلىرى نېمە ئۈچۈن شەرقنى شۇ قەدەر قىزىقىپ تەتقىق قىلىدۇ؟نېمە ئۈچۈن شەرقنىڭ دىنىي ئېتقادى،دۆلەت تۈزۈلمىسى،كىشلىرىنىڭ پىسخىكىسى ئۇلارنىڭ ئەكىس ئەتتۈرۈش،تەتقىق قىلىش ئوبىيىكتى بولۇپ قالىدۇ؟تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆزىتىشىگە قارىغاندا بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى دىن تارقىتىش،مۇستەملىكە قىلىش،سودا-ئىقتىساد،شەرقنىڭ مۇتەسىىپ ئىجتىمائىي-سىياسىي تۈزۈلمىنى ئۆگەرتىش ۋە ساپ ئىلىمنى تەتقىق قىلىشتىن ئىبارەت بىر قانچە تەرەپتىن ئىكەنلىكى مەلۇم.دىن تارقىتىش ۋە سىياسىي مۇددىئانى مەقسەت قىلغان بىر قىسىم شەرقشۇناسلار ئاساسلىقى شىمالىي ئافرىقا،ئوتتۇرا شەرق،ھىندىستان،جۇڭگو،شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا قاتارلىق جايلاردا ئۇلارنىڭ دىنىي ئەسەرلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ چۈشەنچىسى بويىچە شەرھىلەش،غەربنىڭ پەن-تېخنىكا،ئىجتىمائىي سىياسىي تۈزۈلمە كىشلىك خاراكتېر جەھەتلەردە شەرقتىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەش قاتارلىقلارغا كۈچىگەن.بۇ تۈركۈمدىكى شەرقشۇناسلار ھۆكۈمەت،دىنىي جەمئىيەت ياكى ئىجتىمائىي سىياسىي تەشكىلات تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن ۋە مەبلەغ بىلەن تەمىنلەنگەن ھالدا پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى،تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغانلىقى سەۋەبلىك ئەنگىلىيەنىڭ سابىق ۋەزىرى بىجامىن دىسلىر(1804~1881)بەزى غەرب ئىلىم ئەھلىلىرى ئۈچۈن‹‹شەرق-بىر خىل تىرىكچىلىك يولى››دېگەن سۆزنى قىلغان.كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى،بۇ سۆز ساپ ئىلىم بىلەن شۇغۇللانغان ئىلىم ئەھلىلىرى ئۈچۈن ئېيتىلغان ئەمەس.
ۋەھالەنكى،يەنە بىر تۈركۈم شەرقشۇناسلار بولسا شەرقنىڭ دىن،مەدەنىيەت،تىل،ئارخولوگىيە،ئىدىيە-چۈشەنچىلىرىنى توغرا بىر ئۇسۇل ۋە تەتقىقات يولى بويىچە تەھلىل قىلىپ،شەرق ئەھلىلىرى ئارىسىدا تېگشىلىك ھۆرمەتكە ۋە قەدىرلەشكە ئېرىشكەن،ئۇلار شەرقلىقلەرنىڭ ئۆزىنىڭ قىممىتىنى تونۇش،مىللىي كۇلتۇرىغا بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش،پارلاق مەدەنيىتىدىن مىللىي پەخىرلىنىش ھېسسىياتىنى ئويغىتىش جەھەتلەردە مۆلچەرلىگۈسىز ئىجادىي ئەمگەكلەرنى قىلغان.شەرقنىڭ ماددىي-مەنىۋىي تەتقىقاتىنىڭ ئىلمىي بىر يولغا كىرىشىگە،ئىلمىي ئىزىدىنىش روھىغا ئىگە بولۇشىغا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان.شەرقنىڭ تەتقىقاتچىلىرىنى ئىلمىي تەتقىقات مېتودى بىلەن تەمىن ئەتكەن.يەنە كېلىپ بۇنداق ساپ ئىلمىي خاھىشتىكى شەرقشۇناسلارنىڭ ساپاسى ئىنتايىن يۇقىرى،سانى خېلىلا كۆپ ئىكەنلىكى مەلۇم.‹‹شەرقشۇناسلىق ئورنى دەسلەپتە 1313-يىلى ۋىيېننادا يېقىن شەرق ۋە ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىلى،مەدەنيىتىنى تەتقىق قىلىشنى مەزمۇن قىلىپ قۇرۇلغاندىن تارتىپ تاكى زامانىمىزغىچە ئۇزۇن مۇساپىلەرنى بېسىپ ئۆتۈپ،نۇرغۇن تەتقىقات تارماقلىرى بويىچە ئۆزىگە خاس ئىلمىي،دىنىي،سىياسىي،ئىقتىسادىي سېستىمىلارنى شەكىللەندۈرگەن››،شۇڭا شەرقشۇناسلارنىڭ شىمالىي ئافرىقا،ئوتتۇرا شەرق،ئوتتۇرا ئاسىيا،ھىندىستان،جۇڭگو،شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا قاتارلىق جايلار ھەققىدە ئېلىپ بارغان تۈرلۈك پائالىيەتلىرىنى سېستىمىلىق تۈرگە ئايرىپ يەرلىكنىڭ دىنىي ئېتقادىنى ئۆز خاھىشىغا ماسلاشتۇرۇپ شەرھلەش ۋە سىياسىي مۇستەملىكە ئۈچۈن مەدەنىيەت ھادىسلىرىنى ناتوغرا ئىزاھلاشقا ئوخشاش تەرەپلىرى بىلەن ساپ ئىلمىي خاھىشتىكى  شەرقشۇناسلىق ئىلمىنى پەرقلەندۈرۈپ مۇئامىلە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.قاراقويۇق ھەممىنى دىنى بۇرمىلاش مەدەنىيەت مۇستەملىكىسى،بۇلاڭ-تالاڭ،سىياسىي زوراۋانلىق نۇقتىسىدىن باھالاش ئىلمىي تەپەككۇر قائىدىسىگە ۋە توغرا تەتقىقات مېتودىغا يات ئەھۋال.لېكىن‹‹ماقالە››بۇ ئىلىمنىڭ زىيانلىق ئىلىم ئىكەنلىكىنى شەرقلىقلەرنى ئۆزىدىن يىرگىنىدىغان قىلىشتا كاتتا روللارنى ئۆتەۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.گەرچە ئاپتور شەرقشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ ساپ ئىلىمگە ياتىدىغان‹‹بەزى ئىشلارنى قىلغان››لىقىنى تىلغا ئېلىپ،‹‹ماقالە››گە سىلىق سۇۋاق بەرگەن بولسىمۇ،ئومۇمىي گەۋدىدىن قارىغاندا بۇ ئىلىمنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.ئىلمىي ھۆكۈملەرنى چىقارغاندا ئايرىم،يەككە ھادىسىلەرنى ئومۇملۇق سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىرىشتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك.ئەلۋەتتە.تۈرلۈك پاكىتلاردىن ئايان بولۇشىچە،ئېدۋارد سەئىد 1978-يىلى يازغان‹‹شەرقشۇناسلىق››تا تىلغا ئالغان ھەرخىل مەقسەتتىكى‹‹شەرقنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرىدىغان شەرقشۇناسلىق››ئاساسلىقى ئەرەبلەر،پارسلار ياكى ئوتتۇرا شەرقتىكى باشقا مىللىي،دىنىي توپلارنى كۆرسىتىدۇ.شۇڭا ئۇ كىتابىدا داۋاملىق تۈردە ئوتتۇرا شەرقتىكى مىللىي،دىنىي مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ پىكىرىنى قانات يايدۇرىدۇ.بۇنىڭغا ماس ھالدا پەلەستىندە تۇغۇلۇپ ئامېرىكىدا ياشىغان ئېدۋارد سەئىدنىڭ ئۆزىمۇ پەلەستىننىڭ خەلقئارادىكى‹‹ئاۋازى››بولۇشتەك ۋەزىپىنى ئورۇندىغانلىقى بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلايدۇ.شەرقشۇناسلىقتىن ئىبارەت بۇ پەننى ئىلىم نۇقتىسىدىن ئەمەس،سىياسىي زوراۋانلىق،مەدەنىيەت مۇستەملىكىسى نۇقتىسىدىن مۇھاكىمە قىلىدىغانلار ئاساسلىقى يېقىنقى زامان تارىخىدا غەربنىڭ مۇستەملىكسىگە ئۇچراپ باققان مىسىر،تۇنىس،ئالجىرىيە،ماراكەش،لىۋىيە،سۈرىيە،ئىران،ھىندىستان،ھىندونېزىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ۋە بۇئەللەردىكى بىر قىسىم تەتقىقاتچىلاردىن ئىبارەت.ئۇلار ئۆز تارىخىدىكى ئارامسىز كەچمىشلەرنىڭ دەردىنى غەربنىڭ ئۆزىدىن ئالالمىغاچقا،غەربنىڭ قۇچىقىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن‹‹شەرقشۇناسلىق››تىن ئىبارەت بۇ ساھەدىن ئالغان.بۇ تىپىك غەربتىن قېيداش،پاسسىپ ئۆچ ئېلىش پىسخىكىسى بولۇپ،‹‹ئېشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە،ئۇر توقۇمنى››دېگەندىن باشقا نەرسە ئەمەس.
بۇ نۇقتىلاردىن قارىغاندا،‹‹شەرقشۇناسلىقنىڭ سەنىمىگە دەسسەش››مەسىلىسىنى كۆتۈرۈپ كېلىپ باشقىلارنىڭ مەسىلىسىنى ئۆزىمىزنىڭىكىدەك ھېس قىلىپ،ئەندىكىپ كېتىشنىڭ ھازىرچە ھاجىتى يوق دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.شەرقشۇناسلىقنىڭ قىلتىقىغا بىلمەي چۈشۈپ كەتتىڭ،دېگەندىمۇ ئۇنىڭ بىزدىكى تەسىرى،شەرقشۇناسلىقنىڭ ئەمەلىي مەقسىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى دېگەنگە ئوخشاش مەسىلىلەرنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىپ،ئاندىن پىكىر قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.ئۇنىڭ‹‹زەھىرى››ۋە‹‹خەتىرى››ھەققىدىكى چۈشەنچىلەر ئارقىلىق ساپ ئىلمىي روھ بىلەن رايونىمىز مەدەنيىتىنى تەتقىق قىلغان شەرقشۇناس ئالىملارغا تۆھمەت قىلىپ،ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەپ قارا چاپلاش ئۇلارنى مۇستەملىكىچىلىكنىڭ كەتمىنىنى چاپىدىغان قىلىپ تەسۋىرلەش،جاھانگىرلارنىڭ قولچومىقى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇش ئوقۇرمەنلەرنى خاتا چۈشەنچىگە باشلايدىغانلىقى ئېنىق.چۈنكى،رايونىمىزغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا،ئاددىيسى‹‹ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى ئىلمىي ھالدا توپلاپ نەشىر قىلىشتەك شەرەپلىك ئىشلارمۇ 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا غەرب شەرقشۇناسلىرى تەرىپىدىن باشلاندى.››شۇڭا شەرقشۇناسلىقتىن ئىبارەت بۇ ئىلىمنى سىياسىي ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ئايرىم شەخىسلەرنىڭ قىسمەن كۆز قاراش،باھالىرىدىن كەسكىن تۈردە ئايرىپ مۇئامىلە قىلىش كېرەك.ئاللىقانداق يامان غەزەزدىكى شەرقشۇناسلىقتىن ھېچقدانداق خەۋىرى بولمىغان،ئۇچىرىسا ئۇنى بايقىيالايدىغان كىشلەرنى ئۇنىڭ سەنىمىگە دەسسىدىڭ،بۇنىڭ سەنىمىگە دەسسىدىڭ دەپ ئەيىبلەش خاتا يەكۈن چىقىرىشقا سەۋەب بولۇپ قالىدۇ.ياكى‹‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى››چە پىكىر قىلىش ئۇسلۇبىدىن پايدىلىنىپ،باشقىلارغا قارا چاپلاپ،سىنىپىي قالپاق كىيدۈرۈش،جاھانگىرلىككە باغلاپ،سىرىتقا باغلانغا ئونسۇر قىلىپ كۆرسىتىپ،ئەدىپىنى بېرىشتەك ئىنسانغا ۋە ئىلىمگە زىيانلىق تەپەككۇر شەكلى ھېسابلىنىدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە بىز كۆرۈۋاتقان دۇنيا مەدەنىيەت تەتقىقات نەتىجىلىرىگە قارىغاندا،شەرقشۇناسلىقتىن ئىبارەت بۇ پەننىڭ ساپ ئىلمىي تەتقىقات تۈسىنىڭ قويۇقلۇقى بىلەن خاراكتېرلىنىۋاتقانلىقىنى دۇنيا ئىلىم ساھەسىدىكىلەر بىردەك ماقۇللايدۇ.فىرانسىيىلىك مىسىرشۇناس جون فىرانوس چامپولون(1832~1790)نىڭ 1822-يىلى قەدىمكى مىسىر يېزىقىنى ئۇزاق يىل ئىجدىھات قىلىپ ئوقۇپ چىققانلىقى،ئەنگىلىيىلىك ئارخېئولوگ راۋىلسون(1810~1895)نىڭ 1845-يىلى قەدىمكى ئاسسۇرىيە-بابىلون مىخ يېزىقىنى تەتقىق قىلىپ ئوڭۇشلۇق ئوقۇپ چىققانلىقى،دانىيەلىك ئالىم تومسېن(1842~1927)نىڭ 1893-يىلى مۇشەققەتلىك ئەمگەك قىلىپ قەدىمكى تۈرك يېزىقىنىڭ سىرلىق چۈمپەردىسىنى ئېچىپ ئوقۇپ چىققانلىقىنى ئەسلىگىنىمىزدە شەرقشۇناسلارغا ھۆرمەت بىلدۈرمەي تۇرالمايمىز.روسىيەلىك شەرقشۇناس رادولوف(1838~1918)نىڭ غايەت زور مىقداردىكى قەدىمكى تۈركچە-ئۇيغۇچە ۋەسىقىلەرنى تېپىش،رەتلەش،تېكسىتنى ئېلان قىلىش جەريانىدا چەككەن زەخمەتلىرى،ۋېنگىرىيەلىك شەرقشۇناس،تۈركولوگ ھېرمان ۋامبىرى(1832~1913)نىڭ ئوتتۇرا ئاسيا تارىخىغا ئائىت ئەسەرلىرىنى يېزىش جەريانىدا سىڭدۈرگەن ئەجرى،پىروففىسور پىرتىساك(1919~2007)نىڭ قارا خانىيلار تارىخىنى يورۇتۇش جەريانىدا قىلغان تەتقىقاتلىرىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرگىنىمىزدە ئەجدادلىرىمىز ۋە رايونىمىز مەدەنىيىتىنىڭ پارلاق ئۆتمۈشىنى بىلىۋېلىشىمىزدا،ئۆزىمىزنىڭ تارىختىكى قىممىتىمىزنى قايتىدىن تونۇشىمىزدا بۇ شەرقشۇناسلارنىڭ قانچىلىك زور رول ئوينايدىغانلىقى مەلۇم بولىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىگەن بۇ خىزمەتلىرى ئۈچۈن سەمىمىي رەھمىتىمىزنى بىلدۈرمەكتىن باشقا چارە يوقلىقى ئايان بولىدۇ.‹‹دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن 100كىتاب››نىڭ بىرى بولغان ئاتاقلىق شەرقشۇناس جوزىف لى يېتەكچىلىكىدە تۈزۈلگەن‹‹كۆلىمىنى چوڭلۇقى،سۈپىتىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن غەربلىكلەر ۋە شەرقلىقلەرنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرغان،غەربلىكلەر خورسىنىسا،شەرقىلىقلەرنى كۆپ ئويلاندۇرغان››‹‹جۇڭگونىڭ پەن-تېخنىكا تارىخى››دېگەن كىتابىنىڭ شەرقشۇناسلىقتىكى بىر كاتتا ئۇتۇق دەپ قارىلىشىمۇ بۇ پەننىڭ ئىجابىي تەرىپىنى يەنە بىر نۇقتىدىن گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ.(شۇ كىتاب،773-بەت)دۇنياغا مەشھۇر شەرقشۇناسلاردىن روبېرت دانكوف،يانۇس ئىكمان،دېنىس سىنور،بارتولىد،مالوف،پانتوسوف،لىكوك،سىۋېن ھېدىن،پىللىئوت،گۇننار ياررېڭ،ئۇنىشتايىن،گابائىن خانىم كەبى شەخىسلەرنىڭ ساپ ئىلىمگە بولغان ئىشتىياق ۋە مۇھەببەت،پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشتەك ئالىيجاناپ ھېسسىيات بىلەن توپلىغان،يېزىپ چىققان ئەسەرلىرى،ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرى شەرقنى پەسلەشتۈرۈش،چاكىنىلاشتۇرۇش بولمايلا قالماستىن،شەرقنىڭ شۆھرىتى ئۈچۈن ئىكەنلىكىگە چىن دىلىمىزدىن قايىل بولماي تۇرالمايمىز.شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى،يالقۇن ئەپەندى تەرىپىدىن بىردىنلا‹‹زەھەرلىك ئىلىم››دەپ قارالغان شەرقشۇناسلىق بولمايدىكەن،ئاشۇ شەرقشۇناسلار بولمايدىكەن،شەرقنىڭ پەن-مەدەنىيەت،سەنئەت تەتقىقاتى خېلى بىر مەزگىللەرگىچە قېلىن بىر قەۋەت تۇمان ئىچىدە قالغان بولاتتى.ئېدۋارد سەئىدنىڭ شەرقشۇناسلىق ئىلمى ھەققىدىكى بايانلىرى بولسا،پەقەت ئۆزىنىڭ تۇرغۇسىدا تۇرۇپ،پەلەستىن ۋە ئەرەپلەر مەسىلىسىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ چىقارغان يەكۈندىن ئىبارەت بولۇپ ھەرگىز شەرقشۇناسلىق ئىلمىنىڭ پۈتكۈل ماھىيتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدۇ.
بۇ يەردە مەيلى مەدەنىيەت ياكى ئەدەبىيات تەتقىقاتى ھەققىدە پىكىر قىلىشتا،باھا بېرىشتە بولسۇن،ئېدۋارد سەئىدنىڭ‹‹شەرقشۇناسلىق››ى بىلەن شەرقشۇناسلىق تەتقىقاتىنى،شەرقشۇناسلىق تەتقىقاتى بىلەن ئەدەبىيات ھادىسلىرىنى،ئاز بىر قىسىم دىنىي،سىياسىي،مۇستەملىكە خاھىشىدىكى شەرقشۇناسلىق نامىدىكى ئەسەرلەر بىلەن ئىنتايىن كۆپ ۋە يۇقىرى سۈپەتكە ئىگە،ئىلىم مەنىسىدىكى شەرقشۇناسلىقنى ئايرىش كېرەك.بىر بۆلەك روس ئالىملىرىنىڭ روس جاھانگىرلىرىكىنىڭ مەنپەئەتى،روس شۇۋىنىزىمى(چوڭ روسچىلىق)ۋە بولشېۋىكىزىمنىڭ نىشانى ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيادا ھەر خىل غەرەزدىكى پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ،شەرقشۇناسلىق تەتقىقاتىدىن پايدىلىنىپ،شەرقنى ئەسلىي قىياپىتىدىن يىراق قىلىپ تەسۋىرلىگەنلىكى بىلەن خېلى كۆپ ساندىكى ئالىملارنىڭ شەرققە مۇھەببەت بىلەن قاراپ،ئىلمىي،سوغۇققانلىق بىلەن روياپقا چىقارغان تەتقىقات نەتىجىلىرىنى بىر-بىرىدىن ئايرىش كېرەك.يەنە ئۆزىمىزنىڭ بۇ ساھەدە بەزى ھەقىقىي ئۇچۇرلارنى بىلمىگەنلىكىمىز سەۋەپلىك چىقىرىۋالغان خاتا ياكى بىر تەرەپلىمە ھۆكۈم،كۆز قاراشلىرىمىز بىلەن باشقىلارنىڭ گەرچە قوبۇل قىلىش تەس بولسىمۇ ئەينەن،پاكىتلىق بايانلىرىنى ئايرىشىنى بىلىشىمىز،مەسىلىنىڭ ئۆزىمىزنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرىشىمىز كېرەك.بولمىسا ئىلمىي خاتالىق سادىر قىلىپ قويۇشىمىز مۇمكىن.‹‹ماقالە››مۇئەللىپى دەل مۇشۇ نۇقتىلاردا ئىلمىي بولمىغان،ئۇقۇملارنى،ساھەلەرنى بىر-بىرىگە ئارىلاشتۇرۋەتكەن ۋە خاتا يەكۈن چىقىرىپ قويغان.
‹‹ماقالە››دە ئاپتور ھىيوگو بىلەن سارترېنى‹‹شەرققە نىسبەتەن يۈكسەك ئىنسانپەرۋەرلىك روھى ۋە ھەققانىيەت تۇيغۇسى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان ئەدىبلەر››دەپ تىلغا ئېلىپ،ھىيوگونىڭ‹‹كاپىتان بۇتلېرغا يېزىلغان خەت››ناملىق ئوچۇق خېتى بىلەن سارترېنىڭ نوبېل مۇكاپاتىنى ئېلشىنى رەت قىلىشتىكى سەۋەبىنى بايان قىلىدۇ.بۇ يەردە ئالدى بىلەن ئايدىڭلاشتۇرۋالىدىغىنىمىز ھىيوگونىڭ ئوچۇق خەت ئارقىلىق ئەيىبلىگىنى فىرانسىيە،ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگوغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتى،ھەرگىزمۇ ھەرخىل غەرەزدىكى شەرقشۇناسلىق تەتقىقات ساھەسى ئەمەس.‹‹ماقالە››ئاپتورى بۇ يەردە بىر دۆلەتنىڭ ھەربىي،سىياسىي پائالىيىتى بىلەن ئىلىم ساھەسىنى،سەرقشۇناسلار بىلەن ئەدىبلەرنى ئۆز-ئارا ئارىلاشتۇرۋەتكەن.ئەمدى سارترېنىڭ نوبېل مۇكاپاتىنى رەت قىلىشتىكى سەۋەبىگە كەلسەك،‹‹ماقالە››دە مۇنداق دېيىلگەن:‹‹مەن نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ھەرگىزمۇ غەرب گۇرۇھىنىڭ مۇكاپاتى ئەمەسلىكىنى بىلىمەن.لېكىن ئۇدەل شۇنداق مۇكاپات...ئوبيېكتىپ جەھەتتە غەرب يازغۇچىلىرىنىڭ شەرقتىن يۈز ئۆرۈگەنلىكىنىڭ شەرىپى بولۇپ قالدى.ناۋادا مەن نوبىل مۇكاپاتىنى قوبۇل قىلسام، ئاساسىي بولۇپ قېلىشىم مۇمكىن.››ئاپتور بۇ ئۈزۈندىلەرنىڭ قەيەردىن ئېلىنغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتمەيدۇ، پەقەت قوش تىرناق ئىچىدە سارترېنىڭ سۆزى تەرىقىسىدە بېرىدۇ.ئەسلىدە فىرانسىيە پەيلاسوپى ۋە يازغۇچىسى ژان پائول سارترې(1905-1980) نوبېل مۇكاپاتىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغاندا نوبېل مۇكاپاتىنى تارقىتىش ھەيئىتىدىكىلەرگە مۇنداق مەزمۇندا خەت يازغان: ‹‹نوبېل مۇكاپاتىنى قوبۇل قىلماسلىقىمدىكى سەۋەپ مۇنداق ئىككى تۈرلۈك :بىرى،ئۆز شەخسىيتىمدىن ئېلىپ ئېيتقاندا مەن بۇ مۇكاپاتنى قوبۇل قىلماسلىق قارارىنى ئالدىراپلا چىقارغىنىم يوق . مەن بۇرۇندىن تارتىپ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بېرىلگەن شەرەپنى قوبۇل قىلمايمەن ...بۇ خىل پوزىتسىيە يازغۇچىلىققا بولغان كۆز قارىشىمدىن كەلگەن . سىياسەت ، جەمئىيەت، ئەدەبىياتقا ئىپادە بىلدۈرىۋاتقان يازغۇچى ئۆزىنىڭ ۋاستىسىگە ، يازغان يازمىلىرىغا تايىنىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. مېنىڭچە، بۇنداق بېسىمنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ. مەن مەشھۇر ژان پائول سارترې مۇ ياكى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى ژان پائول سارترې مۇ؟بۇ ھەرگىز ئوخشاش بىرنەرسە ئەمەس.يەنە بىرى، ئوبيېكتىپ سەۋەپ.نۆۋەتتىكى مەدەنىيەت جەڭ فىرونتىدا بىردىنبىر مۇمكىن بولىدىغان كۈرەش شەرق مەدەنىيتى بىلەن غەرب مەدەنىيتىنىڭ ئورتاق مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كۈرەشتىن ئىبارەت. مەن ئىككى تەرەپنى ئۆز-ئارا قۇچاقلىشىشى كېرەك دېمەكچى ئەمەس، ئىككى خىل مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدىكى قارشىلىق مۇقەررەر تۇقۇنۇش ئىچىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېنىق چۈشىنىمەن. بىراق بۇنداق تۇقۇنۇش ئىچىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقنى ئېنىق چۈشىنىمەن.بىراق بۇنداق توقۇنۇش ئادەم بىلەن ئادەم ،مەدەنىيەت بىلەن مەدەنىيەت ئوتتورىسىدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك.ھەرگىز ئورگان-ئاپاراتلارنىڭ قاتنىشىشىنىڭ زۆرۈرىيتى يوق...›› ئۇ يەنە باشقا نۇتۇقلىرىدا ‹‹ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بېرىلگەن ھەرقانداق شەرەپلەرنى قوبۇل قىلمايمەن، مەن پەقەت ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغان ئەركىنلىكنى قوبۇل قىلىمەن››،‹‹نوبېل مۇكاپاتى ئوبيېكتىپ جەھەتتىن ئالغانداغەربنىڭ يازغۇچىلىرى بىلەن شەرقنىڭ ئاسىيلىرىغا بېرىلىدىغان شەرەپتۇر›› دېگەن گەپلەرنى قىلغان .كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى،‹‹ماقالە›› ئاپتورى بىر بولسا بۇ سۆزلەرنى خاتا تەرجىمە قىلىۋالغان، بىر بولسا ئىلمىيلىككە يات ھالدا قورقماي ئۆزگەرتىۋەتكەن.دېمەك،ھىيوگو بىلەن سارترې ھېچقاچان ئاپتور چۈشەندۈرىۋاتقاندەك مەيداندا تۇرغان ئەمەس.يەنە ئەنگىلىيەنىڭ كېمبرىج ئۇنىۋېرىستېتىدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان پاكىستانلىق پىروفېسسور ئەكبەر ئەھمەدنىڭ ئىسمى خاتا ھالدا‹‹ئىقبال ئەھمەد››دەپ ئاتاپ ، مۇھاكىمە تېخى داۋاملىشىۋاتقان بىر پارچىنى ئۈزۈپ ئېلىپلا، ئەسەرلىرىدە باشقا پىكىردىكىلەردىنمۇ سىغدۇرۇشنى، تەڭپۇڭلۇقنى، تىنچلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئالىمنى كۆرسىتىپ قويغان .(‹‹مىراس›› ژۇرنىلىنىڭ 2002-يىللىق 6-سانىغا قارالسۇن) بۇنى ئىلمىيلىكتىن تولىمۇ يىراق بىر ھادىسە دېمەي بولمايدۇ.
ئاپتور ‹‹ماقالە›› سىدە تىلغا ئالغان لېئوند سولۋيوفنىڭ ‹‹نەسىردىن ئەپەندى ھەققىدە قىسسە›› ناملىق رومانىدا ئەمىر- پادىشاھلارنىڭ پۇقرالار بىلەن قارمۇ-قارشى مەيدانغا قۇيۇپ تەسۋىرلەنگەنلىكى ۋە نەسىردىن ئەپەندىنىڭ خان- پادىشاھلارنى ئەخمەق قىلىپ ئوينايدىغان جاھانكەزدى قەھرىمان قىلىپ يارىتىلغانلىقىغا ئائىت مۇھاكىمىلەر ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ بېقىش كېرەك.لېئونىد ۋاسىلىۋىچ سولوۋيوف(1906-1962)سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يازغۇچىسى، ‹‹تۈركىيە ھەقىقەت گېزىتى›› نىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك مۇخبىرى، ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىلىدە ‹‹قىزىل فىرونت گېزىتى››نىڭ جەڭگاھ مۇخبىرى بولغان،ۋەتەن ئۇرۇشىنىڭ 1-دەرىجىلىك ئوردىنىغا ئېرىشكەن.ئۇنىڭ ‹‹بۇخارادىكى خوجا نەسىردىن››دېگەن ئەسىرى يېزىلغاندىن كېيىن، ھەرقايسى رايونلار ۋە مىللەتلەر ئارىسىدا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن . تۈرك، پارس، ھىندى، ئىبراي، خەنزۇ، ئۆزبىك تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان. ئەسەر بايان قىلىشتىكى كۆزىتىش نۇقتىسى، تىل، ئوبراز يارىتىش، قىزىقارلىق ۋەقەلىككە باشلاپ كىرىش جەھەتلەردەمۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئېرىشكەن . ئۇيغۇرچە نۇسخىسى ئۆزبەكچە نۇسخىسىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان،
ئاۋۋال ئەسلىي نۇسخىدىكى نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، نەسىردىن ئەپەندىنىڭ ئەلنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش، ھەققانىيەتتە چىڭ تۇرۇش يۈزسىدىن داۋاملىق تۈردە خان پادىشاھ،ئەمىر-بەگلەرنىڭ ئالدىدا پەيدا بولۇپ، ئۇلارغا ئادالەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى تونۇتىدىغانلىقى، مۆرىتى كەلسە ئەپچىللىك بىلەن ئۇلارنىڭ دەككىسىنى بېرىدىغانلىقىنى كۆرىمىز. ئېنىقكى، لېئوند سولوۋيوفمۇ بۇ تەرەپكە ئالاھىدە دىققەت قىلغان. ‹‹ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى ژانىرلار›› دېگەن كىتابتا مۇنداق بايانلار ئۇچرايدۇ:‹‹خوجا نەسىردىن...ئۆزھاياتىدا كۆپلىگەن جايلارغا بارغان. ئۇ بارغانلىكى يېرىدە پۇقرالارغا ھېسداشلىق قىلىپ، ھۆكۈمرانلارغا قارشى ئىش تۇتۇپ كەلگەچكە،ھۆكۈمرانلار ئۇنىڭغا چىش-تىرنىقىغىچە ئۆچمەنلىك قىلىپ، ئۇنى يوقىتىشقا ئۇرۇنغان.›› بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، يازغۇچى رېئالىزمنىڭ رېئاللىقىنى چىنلىق ئاساسىدا بەدىئىيلەشتۈرۈپ ئەكىس ئەتتۈرىدىغان بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى نۇقتىسىدىن چىقىپ مۇشۇنداق تەسۋىرلەنگەن دېيىشكە بولىدۇ.يەنە بىر تەرەپتىن ئالغاندا، تارىختىكى بىر قىسىم خان-پادىشاھلار سىلىق سىپايە ئۇسۇلدا تەخىتنى ئۆتكۈزۈېالغاندىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭ مۇستەبىتلىكىنى، سىياسىي-ئىجتىمائىي زوراۋانلىقى، ئەيش-ئىشرەتۋازلىقى، ئادالەتسىزلىك قىلىپ ئەل مەنپەئەتى بىلەن كارا بولمىغانلىقى سەۋەبلىك تەبىئىيلا خەلققە قارشى مەيدانغا ئۆتۈپ قالغان. شۇنداق ئەھۋالداروسىيەلىك يازغۇچى رېئوند سويلوۋيوفلا شەرقنىڭ ئەمىر-پادىشاھىنى پۇقرالارغا قارشى قويۇپ تەسۋىرلەنگەن بولماستىن، بەلكى غەربنىڭ مەشھۇر يازغۇچىلىرىدىن مونتېسكىيۇ،روسسو، دانېل دېغو، شېكىسپىر، ئاندېرىسون قاتارلىقلار ئۆزيېغىرىنى ئۆزى تاتىلاپ، غەربنىڭ خان-پادىشاھىرىنىڭ رەزىل ئەپت-بەشرىسىنى ئېچىپ تاشلاپ، خەلق بىلەن چىرىك ھۇقۇقدارلارنى قارمۇ-قارشى ئورۇنغا قويۇپ تەسۋىرلەپ بەرگەن. باشقىنى قويۇپ تۇرۇپ ھەممەيلەنگە تونۇش بولغان ئاندېرسوننىڭ‹‹پادىشاھنىڭ يېڭى كىيمى››دېگەن چۆچىكىگىلا قارىساق، غەربنىڭ يازغۇچىسىمۇ غەربنىڭ پادىشاھىنى ئەخمەق، دۆت،گالۋاڭ قىلىپ،خەلققە قارشى قۇيۇپ،چۆكۈرۈپ تەسۋىرلەنگەنلىكى بوكاچچىيۇنىڭ ‹‹ئون كۈنلۈك سۆھبەت››،سېرۋانتىسنىڭ ‹‹دونكىخوت››رومانلىرىدا ۋە ھىيوگونىڭ سىياسىي ساتىرالار توپلىمى ‹‹جازا›› قاتارلىقلاردىمۇ ئوخشاشلا ھۆكۈمدارلارنىڭ ئىشرەتۋاز،ھاماقەت،زالىم، خەلققە روبىرو مەۋقەدە تەسۋىرلەنگەنلىكىنى كۆرىمىز.بۇخىل ئىپادىلەش بىر تەرەپتىن يازغۇچىنىڭ ھەققانىيەتتە چىڭ تۇرۇپ ئەلنىڭ گېپىنى قىلىدىغان ، خەلق ئۈچۈن راست سۆزلەيدىغان خاراكتېرىنى ئىپادىلىگەن دېيىش مۇمكىن.بۇ سەۋەبلەرگە قارىغاندا،لېئوند سولوۋيوف كىتابىدا خەلق بىلەن خان-ئەمىرلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلغاندا يەنىلا بىر ھەققانىيەتچى، ۋىجدانلىق يازارمەننىڭ مەيدانىدا تۇرغان دېيىشكە بولىدۇ.بۇ قەدەر ئوچۇق ھەقىقەتنى ‹‹ماقالە›› مۇئەللىپىنىڭ چۈشەنمىگەنلىكى ئادەمنى ئەجەبلەندۈرىدۇ.
‹‹ماقالە››ئاپتورى يەنە لېئوند سولوۋيوفنىڭ قەلىمى ئاستىدا‹‹خان، پادىشاھلارنى ئەخمەق قىلىپ ئوينايدىغان جاھانكەزدى قەھرىمان›› قىلىپ تەسۋىرلەنگەن نەسىردىن ئەپەندىنىڭ ئوبرازىدىن بىئارام ئىكەنلىكنى ئېيتىدۇ. بۇخىل تەسۋىرلەش نەسىردىن ئەپەندىنىڭ ئەسلىي ئوبرازىنى يارىتىش، ساتىرىك ئامىلنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئەسەردىكى ئەدەبىي مۇھىت ۋە ئاپتورنىڭ غايىسى قاتارلىق كۆپ نۇقتىدىن قارىغاندا ئەقىلگە مۇۋاپىق.بۇ ھەقتە تەتقىقاتچىلار مۇنداق دەيدۇ:‹‹لەتىپىلەرنىڭ بەزىلىرىدىكى نەسىردىن ئەپەندى بىلەن پادىشاھ توغرىسىدىكى بىر مۇنچە ئەھۋاللارنىڭ رېئال تۇرمۇشتا بولۇشى مۇمكىن ئەمەس،ئەمما لەتىپىلەرنى تۈزگۈچىلەر ۋەقەلىكنى ئەنە شۇنداق توقۇپ چىقىپ، شەخىسلەر ئوتتورىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، نەسىردىن ئەپەندىدىن ئىبارەت بۇ ئاددىي يوقسۇل كىشىنىڭ دائىم پادىشاھنىڭ ئالدىدا پەيدا قىلىدۇ.ئۇ ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ،شۇنچە زوراۋان ئەكسىيەتچى ھۆكۈمراننىمۇ قاتتىق مەسخىرە قىلىپ بويسۇندۇرالايدۇ.لېكىن كىشىلەر بۇخىل لەتىپىلەرنى ئاڭلىغاندا ھېچقانداق سۈنئىيلىك ھېس قىلمايدۇ.›› بۇ خىل تەسۋىرلەش يەنىلا خەلق ئىرادىسىنىڭ يازغۇچى قەلىمىدە ئىپادىلىنىشى دېيىشكە بولىدۇ.بۇ خىل تەسۋىرلەشتە لېئونىد سولوۋيوفنىڭ شەرق ئەللىرىنى چۆكۈرۈش،ئۇلارنى تارىخنىڭ قاراڭغۇ كوچىلىرىدا تېنەپ يۈرگەن دەپ تەسۋىرلەش،ئۇلارنى نادان،جاھىل قىلىپ كۆرسىتىشتەك«يامان غەرەز»ىگە قارىغاندا رېئاللىقنى چىن ئەكىس ئەتتۈرۈش،نەسىردىن ئەپەندىنىڭ ئەقىللىقلىقى،ئەل ئارىسىدىكى نوپۇزى قاتارلىىقلارنى گەۋدىلەندۈرۈش،شەرقلىقلەرنىڭ ئارسىدىمۇ زوراۋان مۇستەبىتلىكتىن قورقماي ئوتتۇرىغا چىقىپ ھەق گەپ قىلالايدىغان كىشلەرنىڭ بار ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەشتەك مەقسىتى ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ.ھەتتا«ماقالە»ئاپتورى قوغداۋاتقان«شەرقنىڭ نوپۇزى ۋە ھۆرمىتى»گەۋدىلىنىدۇ.مۇشۇ پىكىر يولى بويىچە بولغاندا،فىرانسىيىلىك يازغۇچى ئەمىن مائالوفنىڭ «سەمەرقەنىت»ناملىق رومانىدىمۇ خەلقنىڭ خانغا قارشى قويۇلۇپ تەسۋىرلەنگەنلىكىدەك ئەھۋال«شەرقنىڭ مەنپەئەتى»ئۈچۈن ئۇنچە كۆپۈپ كەتكۈدەك ئىش ئەمەس.
«
ماقالە»نىڭ ئاخىرىدا ئاپتور يازغۇچى ئەختەم ئۆمەرنىڭ«نەسىردىن ئەپەندى»دېگەن كىتابىنى«ئەدەبىي ئەخلەتلەر»قاتارىغا ئىرغىتىپ تاشلايدۇ.ئاندىن مىللىي سىمۋولنىڭ مەنىسى ھەققىدە سۆزلەيدۇ.مىللىي سىمۋولنىڭ بىر مىللەتنىڭ مىللىي خاسلىقى ۋە قىممىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدىغان ئالاھىدىلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.ئارقدىن بارلىق تۈردىكى قوۋملار ئىچىدە«ئۇيغۇرلاردىن چىققان بولۇش ئېھتىمالى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان»نەسىردىن ئەپەندىنى تۈركىيە تۈركلىرىگە تەۋە قىلىپ قويغان بىر نەقىلنى ئالىدۇ.ئاندىن يەنە ئۆزىنىڭ پىكىر ئىزچىللىقىنى يوقاتقان،لېكىن بۇنى سەزمىگەن پېتى،نەسىردىن ئەپەندىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي سىمۋولى نۇقتىسىدىن چىقىپ تەھلىل قىلىشقا باشلايدۇ ۋە نەسىردىن ئەپەندىنى ئۇيغۇر مەدەنىيەت بوستانلىقىدا تېخىمۇ چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش ئۈچۈن ئەسەر يازغان ئەختەم ئۆمەرنىڭ ئەسىرىگە قارىتا مۇھاكىمە يۈرگۈزىدۇ.«ماقالە»مۇئەللىپى يازغۇچى ئەختەم ئۆمەرنىڭ«نەسىردىن ئەپەندى»ناملىق كىتابىدىكى نەسىردىن ئەپەندىنىڭ دانىشمەنلىكى،ھەققانىيەتچىلىكى،راسىت سۆزلىكى،خەلقپەرۋەرلىكى قاتارلىق ئېسىل پەزىلەتلىرى ئىپادىلەنگەن بايانلارنى قايرىپ قويۇپ،كەمچىلكىنى ئۆز ۋۇجۇدىدا گەۋدىلەنگەن قىلىپ كۆرسىتىپ،باشقىلارنىڭ روھىي غالىبىيەتچىلىكى،خۇشامەتچىلىكى،تۇزكورلىقى،ھورۇن،نادان،بىلىمسىزلىكى كەبى ئىللەتلىرىنى قامچىلىغان.ئۆزگىچە خاراكتېرى گەۋدىلەنگەن تەرەپلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ،ئۇنىڭ كۆرۈنۈشتىكى«شاللاقلىقى،خوتۇنپۇرۇشلۇقى»تەسۋىرلەنگەن قۇرلارنىلا مىسالغا ئېلىپ،ئوقۇرمەننى ئەختەم ئۆمەر پۈتۈنلەي ئالۋاستى-شەيتانسىمان،ناشايان ئىشلارنىلا قىلىدىغان غەلىتە بىر نەسىردىن ئەپەندى ئوبرازىنى يارىتىپتۇ.ئۇيغۇر مىللىي كۇلتۇرىغا ھېچ مۇناسىپ بولمىغان بۇ ئوبراز ئارقىلىق«بىر پۈتۈن ئۇيغۇر جەمئىيتىگە،بولۇپمۇ ئۇيغۇر باللىرىغا زىيانكەشلىك»قىپتۇ،دېگەن چۈشەنچىگە كەلتۈرمەكچى بولىدۇ.
ئەسلىدە«نەسىردىن ئەپەندى»ناملىق كىتابتىكى مەزمۇنلار خەلقمىز ئارىسىدا ئاللىقاچان تارقىلىپ يۈرگەن نەسىردىن ئەپەندى ھەققىدىكى لەتىپە ۋە چاقچاقلارنى قايتىدىن رەتلەش،پىششىقلاپ ئىشلەش،نەسىردىن ئەپەندى ئوبرازىنى گۆشى ھەم قېنى بار رېئال ئادەم سۈپىتدە ئوقۇرمەن ئالدىدا نامايان قىلىش ئارقىلىق يېزىپ چىقىلىغان.ئەسەردىكى نەسىردىن ئەپەندىگە ئالاقىدار نۇرغۇن مەزمۇنلار نەسىردىن ئەپەندى خاراكتېرىگە مەنسۇپ نۇرغۇن دېتاللار ئەسلىي نۇسخىدىكى «نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى»دە شۇ خىل ھالەتتە كۆرۈلگەن.يازغۇچى پەقەت ئۈستىدىن مۇناسىپ ھالدا بەدئىي جەھەتتە ئىشلىگەن.ئەگەر «ماقالە»ئاپتورى ئەسلىي لەتىپىلەر ئاساسىدا ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان،ھارغىچە«كەمچىلىكى»بار نەسىردىن ئەپەندى ئوبرازىغا لاياقەتسىزلىك تامغىسىنى ئۇرسا،ئۇنداقتا خەلق ياراتقان نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرىنىمۇ«ئەدەبىي ئەخلەت»دېيىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.ۋەھالەنكى،نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى‹‹ئەدەبىي ئەخلەت››ئەمەس،بەلكى ئەدەبىيات تارىخىمىزدىكى قىممەتلىك گۆھەر ھېسابلىنىدۇ.يازغۇچى ئەختەم ئۆمەر ئۆزىنىڭ ‹‹نەسىردىن ئەپەندى›› دېگەن ئەسىرىنى ئىشلەش داۋامىدا ئەدەبىي مۇھىتقا يارىشا پىرسۇناژ ئوبرازىنى يارىتىش،نەسىردىن ئەپەندىنىڭ مۇرەككەپ خاراكتېرىنى ئىپادىلەش جەھەتلەردە خېلى زور ئىجادىي ئەمگەك سىڭدۈرگەن.‹‹نەسىردىن ئەپەندى›› دېگەن بۇ كىتاب قىسقا، بىر-بىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرىنى مۇئەييەن پۈتۈنلۈككە،ئىزچىللىققا، داۋامچانلىققا ئىگە قىزىقارلىق ۋەقەلىك قىلپ قۇراشتۇرۇپ بايان قىلىش يولى بىلەن ساتىرىك تۈسكە ئىگە چاتما چۆچەكلەر شەكلىدە يېزىپ چىقىلغان.ئالايلى،كىتابنىڭ ‹‹خەلق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش››دېگەن بۆلىكىدە‹‹شەھەرنىڭ سارىڭى،يېڭى خوتۇن ئالغانداتەكلىپ قىلش،گۇناھىنى يۇقتۇرۇپ قويىدۇ،جانىۋارنىڭ سىلچىلىك ئەقلى بولغان بولسا...›› دېگەندەك تۆت تەلىپىنى ئەپچىل كىرىشتۈرۈپ،ھەق سۆزلەيدىغان،زالىملىقىنى سۆكىدىغان، ئادالەتنى ياقلايدىغان، ھاماقەت ھۆكۈمدارلارنى مەسخىرە قىلالايدىغان نەسىردىن ئەپەندى ئوبرازى يارىتىلغان. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى،لەتىپىلەرنى ئەسلىدە بار بولغان ساترىك،يۇمۇرلۇق،پەلسەپىۋى خۇسۇسىيەتنى يوقاتماسلىق ئاساسىدا نىسپىي مۇستەقىللىققە ئىگە قىلىش بىلەن پۈتۈن كىتابنىڭ مەزمۇن ئىزچىللىقى ۋە باغلىنىشىنى ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەت زىل ئىجادىيەت پائالىيىتىگە يازغۇچى ئەستايىللىق ۋە مەسئۇلياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغان.يازغۇچى ئەختەم ئۆمەر‹‹نەسىرىدىن ئەپەندى››ماۋزۇسىدىكى بۇ ئەسىرىنى يېزىشتا يەنە نەسىردىن ئەپەندى ئوبرازىنىڭ ئەسلىي خاراكتېرىگە سادىق بولغان.ئەلۋەتتە،سىنارىيە ئىشىلتىلمىگەندىن كېيىن ئاپتور ئەسەرنى چۆچەكلەشتۈرۈش جەريانىدا پېرسوناژ تىلىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىشلىيەلمەي قالغان تەرەپلىرى يوق ئەمەس.ئەمما،بۇنىڭلىق بىلەن ئەسەرنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ.‹‹ئۇيغۇر خەلقى ئۆزلىرىنىڭ بارلىق قىزىقچىلىقلىرىنى،يۇمۇرىستىك ھېكايە-لەتىپىلىرىنى نەسىردىن ئەپەندىدىن ئىبارەت مۇشۇ ئوبراز ئۈستىگە مەرىكەزلەشتۈرگەن.››ئەسلىي نۇسخىدىكى نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرىگە قارايدىغان بولساق،نەسىردىن ئەپەندىنىڭ بەزىدە ھەققانىيەتچىل،خەلقچىل ئوبرازى ئىپادىلەنگەن بولسا،بەزىدە يەنە ئەخمەق،پىخسىق،ئالدامچى،روھىي غالىبىيەتچى،ئاچ كۆز،خوتۇنىدىن قورقىدىغان بولۇشتەك سەلبىي ئوبرازىمۇ ئىپادىلەنگەن.ئاۋالقىسىدا ئۇ خەلقنىڭ دەردۇ ھالىغا يېتىدىغان،ئادالەتچى،زالىم ھۆكۈمدارلار ئالدىدىمۇ راسىت گەپ قىلىدىغان كىشى سىياقىدا ئوتتۇرىغا چىقسا،كېيىنكىسىدە خەلق ئاممىسىنىڭ ئۆزىدە بار بولغان تۈرلغك روھىي ئىللەتلەرنى ئۆز ۋۇجۇدىدا گەۋدىلەندۈرگەن ھالەتتە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.شۇ ئارقىلىق كىشلەرنى يامانلىقىتىن،ئەخمەقلىقتىن،تۈرلۈك مەنىۋى كېسەللىكلەردىن يىراق تۇرۇشقا ئۈندىگۈچى شەخىس سۈپىتىدە نامايان بولىدۇ.بۇنداق ئەھۋالدا نەسىردىن ئەپەندىنىڭ ھەزىلگە ياتىدىغان خاراكتېرى يات تۇيۇلمايدۇ،بەلكى كىشلەرنىڭ ئۆزىدە بار بولغان مىجەز-خاراكتېرى ۋە قىلمىشلىرى ئەپەندىمگە يۈكلىنىپ قامچىلىنىدۇ.كىشلەر نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرىنى ئوقۇغاندا ياكى ئاڭلىغاندا نەسىردىن ئەپەندىنىڭ ئىجابىي تەرىپى تەسۋىرلەنگەن لەتىپىلەردىن ھەققانىيەتنى،ئادالەتنى،ۋىجدان ۋە غۇرۇرنى ھېس قىلىپ،ئۇنىڭىدن تېگىشلىك شادلىققا ۋە توغرا قىممەت قاراشقا ئېرىشىدۇ.سەلبىي تەرىپى تەسۋىرلەنگەن لەتىپىلەردىن بولسا ئۆز ۋۇجۇدىدىكى روھىي نۇقسانلارنى،بىلىپ بىلمەي ئۆتكۈزۈپ قالىدىغان خاتالىقلىرىنى،تۇرمۇشنىڭ زىددىيەتلىك تەرەپلىرىنى ھېس قىلىدۇ.‹‹لەتىپىلەردىكى تەنقىد ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ.بىرى،بىۋاستە ھالدا ئاشۇ خىل يارىماس ئادەتلەرنى ھەجۋىي قىلىش يولى بىلەن ئېلىپ بېرىلسا،يەنە بىرى،ئەپەندى ئۆزىنى نادان،ئەخمەق ئورۇندا قويۇپ،ئۆز-ئۆزىنى مەسخىرە قىلىش يولى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ.››
مانا مۇشۇنداق مۇرەككەپ خاراكتېرگە ئىگە نەسىردىن ئەپەندى ئەلۋەتتە بەزى لەتىپىلىرىدە خوتۇن-قىزلارنى كۆرسە قاش ئاتىدىغان،چاقچاق قىلىپ قويىدىغان كەمچىلىكلەردىن خالىي ئەمەس.بۇنداق لەتىلىپىلىرىدىكى نەسىردىن ئەپەندى يۇقىرىدىكى پىكىر يولى بويىچە‹‹خوتۇنپۇرۇش››،‹‹بۇزۇق››نەسىردىن ئەپەندى بولماستىن،بەلكى ئاۋام ئىچىدىكى تۈرلۈك نۇقسانلىرى بار رېئال شەخىسلەرنى كۆرسىتدۇ.مانا مۇشۇنداق ئەدەبىيات نەزەرىيىسىگە دائىر كىتابلاردا ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇرىدىغان ئادەتتىكى ساۋات خاراكتېرلىك چۈشەنچىلەرنىمۇ‹‹ماقالە››ئاپتورى بىلمەسكە سېلىۋالغان.يازغۇچى ئەختەم ئۆمەرنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى نەسىردىن ئەپەندى ئوبرازى ئەمەلىيەتتە،ئاللىقانداق«شەرقشۇناسلىقنىڭ سەنىمىگە دەسسەش»نىڭ نەتىجىسى بولماستىن،نەسىردىن ئەپەندى خاراكتېرىدىكى كۆپ قىرلىق،كۆپ قاتلاملىق،مۇرەككەپ ئالاھىدىلىكنىڭ بەدئىي يول بىلەن ئىپادىلىنىشىدۇر.ئەگەر بۇنىڭغىمۇ قايىل بولماي،ئەختەم ئۆمەر ئەخلاقسىزلىقنى،نومۇسسىزلىقنى تەشەببۇس قىلغان دەپ تۇرۇۋالساق،ئۇنداقتا شەرقنىڭ ئەسەرلىرىدىن«مىڭ بىر كېچە»،«قىزىل راۋاقتىكى چۈش»،ھەتتا«ئانا يۇرت»قاتارلىق بىر تۈركۈم داڭلىق ئەسەرلەرنى قايتىدىن تەكشۈرۈپ،ئۇلارغىمۇ يامان نىيەتلىك شەرقشۇناس ئالىملارنىڭ«زەھىرى»سىڭگەن«نومۇسسىزلىقنى تەشۋىق قىلىدىغان زەھەرلىك ئوت-چۆپ»دەپ ئاشۇرۇپ تەنقىد قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.لېكىن ھېچكىم ئۇنداق قىلمىدى.يالقۇن ئەپەندىنىڭ سەمىگە سالدىغىنىمىز شۇكى،بۇ خىلدىكى ئەسەرلەردە بولسۇن ياكى ياكى باشقا ئەدەبىي ئەسەرلەردە نېمە تەسۋىرلەنسە،كىشلەرنى شۇنى قىل دېگەنلىك بولمايدۇ.بەلكى تۇرمۇشتا مۇشۇنداق ئىشمۇ بار دېگەنلىك بولىدۇ.ياكى يامان ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەنلىرى بولسا،ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئال دېگەنلىك بولىدۇ.شۇ نەرسە ئايانكى،يازغۇچى ئەختەم ئۆمەرنىڭ نەسىردىن ئەپەندى ئوبرازىنى يارىتىشتىكى مەقسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھالىقىلىق قىممەت قاراشلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان،تۈركىي قوۋملارغا ئورتاق سىمۋول بولغان نەسىردىن ئەپەندى سىماسىنى ئۇيغۇر مىللىي كۇلتۇر بوستانلىقىدا تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇش،ئۇنىڭدىن نەپ ئېلشىنى خالايدىغان ئەۋلادلارغا،دەۋرگە ماس بىر شەكىلدە تەقدىم ئېتىشتىن ئىبارەت.ھەرگىزمۇ«ماقالە»ئاپتورى خاتا چۈشىنىۋالغان شەرقشۇناسلىقنىڭ يولى بويىچە مېڭىپ،ئۆز مىللىي قەھرىمانلىرىنى ئۆزى كەمسىتىش،بۇمىلاپ كۆرسىتىش ئەمەس.تېخىمۇ مۇھىمى،«ماقالە»دە تىلغا ئېلىنغاندەك«رەسۋا نەسىردىن ئەپەندى»ئوبرازىنى يارىتىش،«ئۇيغۇر باللىرىغا زىيانكەشلىك قىلىش»ئەمەس.«ماقالە»ئاپتورى ئەدەبىي ئەسەرلەرگە باھا بېرىشتە ئەسەردىكى ياخشى تەرەپ بىلەن يامان تەرەپنى،ئارتۇقچىلىق بىلەن يېتەرسىزلىكنى لىللا مەيداندا تۇرۇپ باھالاش كېرەكلىكىدەك نۇقتىغا دىققەت قىلمىغان.ئۆز مىللىتىنى سۆيىدىغان،ئۆز قوۋمىنىڭ بەختىنى ئويلاپ ھالال ئەجىر سىڭدۈرۋاتقان بىر يازغۇچىنىڭ ئەسىرىگە باھا بېرىشتە يەڭگىلتەكلىك بىلەن«ئۆز خەلقىنىڭ مىللىي سىمۋولىنى مەينەتلەشتۈرۈپ سىنارىيە يېزىش ئىقتىسادىي ئاچ كۆزلۈك ۋە ئىجتىمائىي كالۋالىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس»دېگەم قوپال سۆزلەرنى ئىشلەتكەن.روشەنكى،بۇ ئوبزورچىلىق ئەخلاقى ۋە پىرىنسىپىغا تازا ئۇيغۇن بولمىغان ئەھۋال.ئەختەم ئۆمەرنىڭ ئىجادىيەت مۇددىئاسى«ماقالە»دە دېيىلگەندەك«ئەزەلدىن ئەقىل-پاراسەتلىك،خەلقچىل،قىزىقچى سۈپىتىدە تونۇلۇپ كېلىۋاتقان نەسىردىن ئەپەندىنى لېئونىد سولوۋويوفتىن ئاشۇرۇپ رەسۋالاشتۇرۇش»بولمايلا قالماستىن،بەلكى ئۇنىڭ ئوبرازىنى زامان ئوقۇرمەنلىرى قەلبىدە قايتىدىن نۇرلاندۇرۇشتۇر.
يىغىپ ئېيىتقاندا،«ماقالە»مۇئەللىپى پۈتكۈل يازمىسىدا غەربنىڭ سىياسىي مۇستەملىكچىلىكى بىلەن شەرقشۇناسلىق تەتقىقاتىنى،ئەدەبىيات پېنى بىلەن شەرقشۇناسلىق پېنىنى بىر-بىرىگە ئارىلاشتۇرۋەتكەن.ئەدەبىي تەنقىدچى مەدەنىيەت تارىخى ۋە ئەدەبىيات تارىخى بىلىملىرىگە،تارىختىكى شەخىسلەرنىڭ ئورنى،قانداق خاراكتېرگە ئىگە شەخىس ياكى ئوبراز ئىكەنلىكىگە ئالاقىدار نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك.بۇ ھەقتە ئامېرىكا ھازىرقى زامان مەشھۇر ئەدەبىيات نەزەرىيەچىسى رېنې ۋېللىك،ئوستىن ۋاررىنلار مۇنداق دەيدۇ:«ئەدەبىيات تارىخى ئەدەبىي تەنقىدتىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇتىدۇ.چۈنكى،ئەدەبىي تەنقىد چوقۇم ئۆز خاھىشىغىلا تايىنىشنىڭ ئەڭ سۇبيىېكتىپ ھۆكۈمىدىن ھالقىغان بولۇشى كېرەك.بىر تەنقىدچى ئەدەبىيات تارىخىنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلسا،ھۆكۈم قىلىشتا داۋاملىق خاتالىق سادىر قىلىدۇ.ئۇ قايسى ئەسەرنىڭ ئىجادىيلىقىنى،قايسىسىنىڭ ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىش ئىكەنلىكىنى ئۇقالماي قالىدۇ.تارىختىكى ئەھۋاللارنى چۈشەنمىگەنلىكى سەۋەبلىك،داۋاملىق تۈردە نۇرغۇنلىغان سەنئەت ئەسەرلىرىنى خاتا چۈشىنىۋالىدۇ.تەنقىدچىنىڭ ئەدەبىيات تارىخى بىلىملىرى يېتەرسىز بولسا ياكى پۈتۈنلەي بىلمىسە،چالا-بۇلا قارىغۇلارچە پەرەز قىلىپ،ئۆزىگە تەمەننا قويۇپ،ئۆزىنى مەشھۇر ئەسەرلەرنىڭ ئىچىدە خەتەرلىك كەچۈرمىشلەرنى باشتىن ئۆتكۈزۋاتقاندەك تەسۋىرلەيدۇ.»
نۆۋەتتە خەلقىمىز دۇچ كېلىۋاتقان نۇرغۇن مەسىلىلەرنى،جۈملىدىن ئەدەبىيات،مەدەنىيەت،پىسخكا،تۇرمۇش شەكلى،ئەخلاق،پەن-تېخنىكا مەسىللىرىنى ھە دېسە تولىمۇ يىراقتىكى«غەرب مۇستەملىكچىلىرى»دىن،ئۇلارنىڭ تۈرلۈك ئىلىملىرىنىڭ«تۇيدۇرماي زەھەرلىشى»دىن كۆرمەي،يېقىنقى زامان مەدەنىيەت تارىخىمىزنى ئوبدان ۋاراقلاپ،ئۆزىمىزنىڭ ھەل قىلىش ئىقتىدارىمىزدىن كۆرىدىغان تەپەككۇر شەكلىنى يېتىلدۈرىشىمىز كېرەك.نېمىلا دېگەن بىلەن ھازىرقى زامان پەن-تېخنىكىسىنىڭ خىلمۇ-خىل ساھەسى،ھەر قايسى پەنلەرنىڭ نەزەرىيەۋى ئاساسلىرىغا نەزەر سالىدىغان بولساق،ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەتكە قوشقان تۆھپىسىنىڭ بۇزۇۋەتكەن،ۋەيران قىلىۋەتكىنىگە قارىغاندا كۆپلۈكىگە چىنپۈتمەي تۇرالمايمىز.خەلقىمىز ھازىرقى زامان نادانلىقىدىن ۋە زامانىۋى خۇراپاتلىقتىن قۇتۇلۇشتا يەنىلا ئۇلارنىڭ ئىلىم-پەن مۇۋەپپەقيەتلىرىگە ئېھتىياجلىق.شۇنداق ئىكەن ساپ ئىلىم تۈسىدىكى سەرقشۇناسلىق ۋە باشقا ھەرخىل ئىلىملەرنى«غەرب جاھانگىرلىكى»نىڭ سۇيقەستى ۋە باشقا ھەرخىل ناملاردا سەت كۆرسىتىش خەلقىمىزنىڭ زامانىۋىي پەن-تېخنىكىنى،مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئەسلىي مەنبەسىدىن ئېلىشقا،ئەسلىي مەنبەسىدىن چۈشىنىشىگە ۋە قوبۇل قىلىشىغا توسالغۇ بولسا بولىدۇكى،ھەرگىز پايدىلىق تەسىر بەرمەيدۇ.

ئىزاھاتلار:
«ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھاتلىق لۇغىتى» ۋە خەنزۇچە«ئوكيانۇس»نىڭ شۇ سۆز ئىزاھلانغان يېرىگە قاراڭ.
②⑤ئېدۋارد سەئىد:«شەرقشۇناسلىق»،شىنجى ئۈچ بىرلەشمە كىتابخانىسى 1999-يىلى 5-ئاي نەشىرى،خەنزۇچە3-،7-،16-بەت.
③④⑥⑧⑨خەنزۇچە«بەيدۇ»ئىزدەش تورىغا ھالقىلىق سۆزلەرنى كىرگۈزۈپ،ئىزدەش نەتىجىسىگە قاراڭ.
⑦⑩⑾ئوسمان ئىسمائىل:«ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى ژانىرلار»،شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى1994-يىلى 5-ئاي نەشىرى،174-،184-،446-بەت.
⑿⒀كېرىمجان ئابدۇرېھىم:«يېڭىچە ئەدەبىيات چۈشەنچىلىرى»قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى،1993-يىلى 5-ئاي نەشىرى،164-،171-بەت.
مۇھەممەت زۇنۇن،ئابدۇكېرىم رەھمان:«ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسلىرى»،شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1988-يىلى 5-ئاي نەشىرى،374-بەت.
رېنې ۋېللىك،ئوستىن ۋاررېن:«ئەدەبىيات نەزەرىيەسى»،مەدەنىيەت-سەنئەت نەشىرىياتى 2010-يىلى 9-ئاي نەشىرى،خەنزۇچە 38-،39-بەت.

(
ئاپتور ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە)
مۇھەررىر  غېنى مۇھەممەت

تارىم ژورنىلى 2012-يىللىق 4-سانىدىن ئېلىندى.

 
[ بۇ يازمىنىھون 2012-03-24 15:25قايتا تەھرىرلىدى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : ھون
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-03-24, 07:22
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 189
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 45
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە45دانە
تۆھپىسى: 48
پۇلى: 252 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 67
ياخشى باھا: 127
توردا: 14(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-13
ئاخىرقى: 2012-08-09
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-03-25 20:35

شەرقشۇناسلىق:ئىسىم‹ت›شەرقتىكى(ئاسىيا،شەرقىي شىمالىي ئافرىقىدىكى)ھەر قايسى مەمىلكەتلەرنىڭ تارىخى،تىل-يېزىقى ۋە ماددىي،مەنىۋى مەدەنىيىتى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدىغان پەنلەرنىڭ ئورتاق نامى.
-------------------------------------------------------------------------
1.ماقالىدە  شەرقشۇناسلىق ئىلىمنىڭ نېمە سەۋەپتىن بارلىققا كەلگەنلىكى تازا ئېنىق ئوتتۇرغا قويۇلماپتۇ.

2.ئاپتور ‹‹ماقالە›› سىدە تىلغا ئالغان لېئوند سولۋيوفنىڭ ‹‹نەسىردىن ئەپەندى ھەققىدە قىسسە›› ناملىق رومانىدا ئەمىر- پادىشاھلارنىڭ پۇقرالار بىلەن قارمۇ-قارشى مەيدانغا قۇيۇپ تەسۋىرلەنگەنلىكى ۋە نەسىردىن ئەپەندىنىڭ خان- پادىشاھلارنى ئەخمەق قىلىپ ئوينايدىغان جاھانكەزدى قەھرىمان قىلىپ يارىتىلغانلىقىغا ئائىت مۇھاكىمىلەر ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ بېقىش كېرەك
________________________________________________________________
يالقۇن روزى بۇ ھەقتە شەرقنى غەرپنىڭ مۇستەملىكىسى قىلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش دېگەن پىكىرنى ئوتتۇرغا قويۇپتۇ.  ئەلى خوجاخۇننىڭ قانداق پىكىرى بارلىقىنى بىر ئاڭلاپ باققان بولساق بولاتتى.
مېنىڭچىمۇ لېئوند سولۋيوفنىڭ ‹‹نەسىردىن ئەپەندى ھەققىدە قىسسە›› ناملىق رومانىدا ئەمىر- پادىشاھلارنىڭ پۇقرالار بىلەن قارمۇ-قارشى مەيدانغا قۇيۇپ تەسۋىرلەنگەنلىكى ۋە نەسىردىن ئەپەندىنىڭ خان- پادىشاھلارنى ئەخمەق قىلىپ ئوينايدىغان جاھانكەزدى قەھرىمان قىلىپ يارىتىلغانلىقىغا بىرسى،چار روسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللىي ھاكىميەتلەرنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغانلىقىنى يەرلىك خەلقنىڭ مەنپئەتىگە ئۇيغۇن،ئۇلارنىڭ نەچچە يۈز يىللىق ئارزۇسىنى  ئەمەلگە ئاشۇرغانلىق  قىلىپ كۆرسىتىش، ئىككىنچىسى سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ (توغىرىسى روسلارنىڭ)ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان مۇستەبىت سىياسىتىنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ كاللىسىغا سىڭدۈرۈش.ئۈچىنچىسى،يەرلىك مىللەتلەرنىڭ تارىخىنى خۇنىكلەشتۈرۈش،مىللىي روھىنى ئۆلتۈرۈش.
[ بۇ يازمىنىkichikoghul 2012-03-25 21:45قايتا تەھرىر ]
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 189
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 45
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە45دانە
تۆھپىسى: 48
پۇلى: 252 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 67
ياخشى باھا: 127
توردا: 14(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-13
ئاخىرقى: 2012-08-09
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-03-25 20:40

‹‹بۇخارادىكى خوجا نەسىردىن››دېگەن ئەسىرى يېزىلغاندىن كېيىن، ھەرقايسى رايونلار ۋە مىللەتلەر ئارىسىدا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن . تۈرك، پارس، ھىندى، ئىبراي، خەنزۇ، ئۆزبىك تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان.
_____________________________________________________________
مېنىڭچە بىر كىتابنىڭ تەرجىمە قىلىنغانلىقى ياكى نەشىر قىلىنغانلىقى ھەرگىزمۇ خەلق تەرپىدىن ئالقىشقا ئېرىشكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.ئۇ كۆپىنچە نەشىرياتلار ۋە نەشىرگە تەييارلىغۇچىلار تەرپىدىن ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتاب.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 189
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 45
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە45دانە
تۆھپىسى: 48
پۇلى: 252 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 67
ياخشى باھا: 127
توردا: 14(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-13
ئاخىرقى: 2012-08-09
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-03-25 21:41

ئەگەر بۇنىڭغىمۇ قايىل بولماي،ئەختەم ئۆمەر ئەخلاقسىزلىقنى،نومۇسسىزلىقنى تەشەببۇس قىلغان دەپ تۇرۇۋالساق،ئۇنداقتا شەرقنىڭ ئەسەرلىرىدىن«مىڭ بىر كېچە»،«قىزىل راۋاقتىكى چۈش»،ھەتتا«ئانا يۇرت»قاتارلىق بىر تۈركۈم داڭلىق ئەسەرلەرنى قايتىدىن تەكشۈرۈپ،ئۇلارغىمۇ يامان نىيەتلىك شەرقشۇناس ئالىملارنىڭ«زەھىرى»سىڭگەن«نومۇسسىزلىقنى تەشۋىق قىلىدىغان زەھەرلىك ئوت-چۆپ»دەپ ئاشۇرۇپ تەنقىد قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ
__________________________________________________________________-
مېنىڭچە يوقارقى ئۈچ پارچە روماننىڭ ھېچقايسىسىدىكى ھېچقايسى پەرسۇناژنى نەسىرىدىن ئەپەندىم بىلەن سېلىشتۇرۇپ بولمايدۇ.خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى نەسىرىدىن ئەپەندىم تۈركىي خەلقلەرنىڭ،جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىدا ئەقىل-پاراسەتنىڭ،ئالىيجاناپ پەزىلەتنىڭ ۋە ھەققانىيەتنىڭ سىمۋولى بولغان بىر شەخس.
<<مىڭبىر كېچە>>دە زالىم پادىشاھلار،مەككار ۋەزىرلەر...تەسۋىرلىنىپلا قالماي نۇرغۇن رەزىل قۇللارنىڭمۇ تەسۋىرلەنگەنلىكىنى ئۇنتۇلماسلىق كېرەك.ئەمگەكچى خەلق بىلەن پادىشاھلار ئوتتۇرسىدكى قارشىلىقلار كىتابتا ئەمەس،بەلكى غەرپ<<مىڭبىر كېچە>>نى ئۆزگەرتىپ ئىشلىگەن كىنولاردا تەسۋىرلىندۇ.
<<قىزىل راۋاقتىكى چۈش>>تىمۇ خەلق بىلەن ھۆكۈمرانلار ئوتتۇرسىدىكى قارىمۇ-قارىشىلىق ئەمەس،بەلكى ئاق سۆڭەكلەر سىنىپىنىڭ ئەيش-ئىشىرەتلىك تۇرمۇشى تەسۋىرلىنىدۇ.
<<ئانا يۇرت>>نىڭ ئەڭ مۇۋاپىقىيەتلىك چىققان ۋە خەلقنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن يېرى
روماندا نۇرغۇن يوقۇرى تەبىقىغە تەۋە كىشىلەرنىڭ(مەسىلەن:ھېكىم بەگە غوجام،نەزەرخان غوجام،ئەنۋەر مۇسابايوپ...)نىڭ ئاۋام خەلق تەرەپتە تۇرغانلىقىنى ۋە خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەنلىكىنى  تارىخىي چىنلىققا ئۇيغۇن ھالدا تەسۋىرلىگەنلىكىدە.(ئەلۋەتتە ئەختەم ئۆمەرنىڭ<<يىگانە ئارال>>رومانىنى بۇ جەھەتتە ئۈلگە دەپ تەرىپلەشكە ئەرزىيدۇ)
مەن <<ئانا يۇرت>>نىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسىنى سىنىپتا ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ بۇ كىتابقا بولغان قىزىقىشىنى قوزغاش ئۈچۈن قويۇپ بېرەي دېسەم،ئۆزۈم ئالدىن ئاڭلاپ بىرەر باپنىمۇ تۈگىتىپ
سىنىپتا قويۇشقا مۇۋاپىق كەلمىدى.جىنسىي تۇرمۇشقا ئائىت خېلى كۆپ جۈملىلەرنىڭ ئىككى توملۇق <<جاللات شېڭ شېسەي>>دېگەن روماندىن ئەينەن ئېلىنغانلىقىنى ھېس قىلدىم.
مەرھۇم ئۇستاز زوردۇن سابىرنىڭ بۇ ئىسىل رومانى رىئاللىققا بەكمۇ ئۇيغۇن بولۇش بىلەن بىرگە شەرق ئەدەبىياتى ئەنئەنىسىگە خېلىلا يىراق.رەبغۇزىنىڭ،ئابدۇللا قادىرىنىڭ ۋە ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ رومانلىرىنى ئوقۇغانلار شەرق رومانچىلىقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەن <<ئانا يۇرت>>رومانىنى شەرقشۇناسلىقنىڭ سەنىمىگە دەسسەلگەن دېمەكچى ئەمەس.
دوستلىشىش
بورتالا
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 23
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 156
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە156دانە
تۆھپىسى: 39
پۇلى: 259 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 59
ياخشى باھا: 229
توردا: 14(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-18
ئاخىرقى: 2012-03-28
4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-03-25 22:58

ھەممىسى مەغلۇپ بولغان روماندىن ئىبارەت . چۈنكى بۇ رومانلار ئادەمنى روھلاندۇرالمايدۇ !