خەلقئارا يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىكى ئىلغار كارخانىلارنىڭ بىرى بولغان تۈركىيە ئۈلكەر گورۇھى 1944-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، دەسلەپتە پەقەت ئۈچ نەپەر خىزمەتچىسى بولۇپ، پىتىبور پىرەنىكى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئىش باشلىغان.يىلىغا ئاران 75 توننا پىرەنىك ئىشلەپچىقىراتتى. 1948-يىلىغا كەلگەندە ھازىرمۇ ئىشلەپچىقىرىش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەڭ بۇرۇن قۇرۇلغان كۆلەملەشكەن ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ توپقېپىغا جايلاشقان ئۈلكەر يېمەكلىك سانائىتى گۇروھى زاۋۇتىنى قۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىشنى 4 ھەسسە كۆپەيتتى. 1950-يىلى ئۈلكەر تارقىتىش زەنجىرىنى قۇرۇپ، ماللارنى زاۋۇت باھاسىدا دۇكاندارلارنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ بېرىدىغان ئۇسۇل قوللاندى. بۇ خىل تارقىتىش ئۇسۇلى ھازىرغا كەلگەندە 220000 ئورۇنغا ئەڭ ئاز دېگەندە ھەپتىدە بىر قېتىم مال يەتكۈزۈپ بېرىدىغان ھالەتكە يەتتى.
(4)
ئۈلكەر گۇروھى 1970-يىلى ئېكىسپورت قىلىش سودا پائالىيىتىنى باشلىغان بولۇپ، ئەينى يىلى 200000 دوللارلىق قىممەتتە مال ئېكىسپورت قىلغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۈلكەر گۇروھى ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىپ، مەھسۇلاتلىرى پۈتۈن يەرشارى بازارلىرىنى قاپلاشقا باشلىدى. 2009-يىلىغا كەلگەندە ئۈلكەر گۇروھى 68 تارماق شىركىتى، 29500 ئىشچى-خىزمەتچىسى، 53زاۋۇتى بار بولغان، يىللىق سودا ئومومى سوممىسى 13 مىليارد دوللارغا، يىللىق ئېكىسپورت سوممىسى 1.5 مىليارد دوللارغا يەتكەن ھولدىڭغا ئايلاندى. (ھولدىڭ-پاي تۈزۈمىدىكى،گورۇھتىن چوڭ بولغان ئىقتىسادىي گەۋدە.) ئۈلكەر گۇروھىغا تەۋە 13 شىركەت 2008 يىلى، تۈركىيەنىڭ 500 كۈچلۈك كارخانىسىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.
(5)
ھازىر مەھسۇلاتلىرى دۇنيادىكى 180 دۆلەتكە ئېكىسپورت قىلىنماقتا. يېمەكلىك ساھەسىدە دۇنياۋى داڭلىق ماركىلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ، ئومومىي تىجارىتى يەتتە گۇروھ ئارقىلىق يۈرگۈزۈلمەكتە. بىز بۇلارنىڭ بەزىلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز:1 .شاكىلات، پىرەنىك ۋە كەمپىت ئىشلەپچىقىرىش گورۇھى بولسا، شاكىلات، پىرەنىك، تورت، بوۋاقلار بۇلمىقى، كەمپىت، سېغىز ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانماقتا.2.يېمەكلىك گورۇھى بولسا ياغ، مارگارىن، سۈت، سۈت مەھسۇلاتلىرى، ئىسسىق-سوغۇق ئىچىملىكلەر، تەييار شورپىلار، تەييار يېمەكلىكلەر، ناشتىلىق يېمەكلىكلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانماقتا.3.مەھسۇلات ئورالمىسى ۋە ئۆي-مۈلۈك گورۇھى-ئۈلكەر ماركىلىق مەھسۇلاتلار ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان قۇتا، يەشىك، ئورالما قاپ، سوپۇن ۋە ھەرخىل قەغەز قاپ ۋە بوتۇلكا قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقارسا، ئۆي-مۈلۈك بۆلۈمى ئۈلكەر گورۇھىنىڭ ھەرخىل زاۋۇت، ئىشخانا، تاللا بازىرى قۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللانماقتا.4. توڭلىتىلغان مەھسۇلاتلار ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى گورۇھى بولسا چاي، ماروژنى ۋە توڭلىتىلغان يېمەكلىكلەردىن باشقا كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىغا مەبلەغ سېلىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانماقتا.5.گودىۋا گورۇھى بولسا 2007-يىلى ئۈلكەر ھولدىڭىغاقوشۇلغان بولۇپ، سوۋغاتلىق شاكىلات ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ زاۋۇتنى ئۈلكەر گورۇھى 2007-يىلى سېتىۋالغان، ياۋروپادا ھەم خەلقئارادا تونۇلغان ماركا بولۇپ، بېلگىيىدە بىر، ئامېرىكىدا ئىككى، جەمئىي ئۈچ زاۋۇتى بار. ئۈلكەر گورۇھى باشقا دۆلەتلەردىمۇ يېمەكلىك زاۋۇتى قۇرغان بولۇپ، ھازىرغىچە سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر، جازايىر، پاكىستان، رۇمىنىيە، ئوكرائىنا، بىلگىيە، قازاقىستان، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە زاۋۇتلىرى بار.مەنبە : ئۈلكەر تورى .