ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 5720 قېتىم كۆرۈلدى
«12345»Pages: 1/5     Go
تېما: سالام ئاتىجان!(مۇكاپاتلىق ئەسەر)
دوستلىشىش
ئايپالتا
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 281
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 16
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە16دانە
تۆھپىسى: 12
پۇلى: 40 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 14
ياخشى باھا: 35
توردا: 3(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-31
ئاخىرقى: 2012-10-27
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-03-31 18:12

سالام ئاتىجان!(مۇكاپاتلىق ئەسەر)

ئەسكەرتىش: بۇ يازما ئۈمىديار دىن باھالانغان ئەسەرلەر غا يۆتكەلدى(2011-08-25)
سالام ئاتىجان


     سالام ساڭا ئاتىجان ، يۈرۈگۈمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن سالام ، سەن ماڭا بۇ 18 يىل جەريانىدا ئۆز كۆز قارىچۇغىڭنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ كۆيۈنۈپ كەلدىڭ ، سەن ئۆزۈڭنىڭ مەرد – مەردانىلىكىڭ بىلەن مېنىڭ قەلبىمگە ئۆچمەس ئابىدە تىكلىدىڭ ، سەن مېنىڭ ھايات مۇساپىلىرىمنىڭ راۋان بولىشى ئۈچۈن كۆپ ئەجىرلەرنى سىڭدۈردۈڭ ، مەن ھايات مۇساپىلىرىمنىڭ مەلۇم بىر دوقمۇشلىرىدا قايمۇقۇپ قالغىنىمدا قاياققا مېڭىشنى ئۆگەتتىڭ ، ھەتتا يولدىكى يۈرۈش – تۇرۇشتىن تارتىپ ھەممىنى ئۆگەتتىڭ ، يەنە سەن ئارقىلىق ئۇيغۇرۇمنىڭ ئۆرپ – ئادەتلىرىنى ئۆگەندىم ، سېنىڭ بېشىڭغا كېيىۋالغان بادام دوپپا ، ئۇچاڭغا كېيىۋالغان ئۇزۇن تون ، پۇتۇڭغا كېيىۋالغان نۇر چېچىپ تۇرىدىغان ئۇزۇن ئۆتىكىڭ ۋە بېلىڭگە چىڭ باغلانغان بىللاغ ئارقىلىق ئۇيغۇرۇمنىڭ بەلگىسىنى تونۇدۇم ، يەنە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرۇمنىڭ كىيىم – كېچەك مەدەنىيىتىنى چۈشەندىم . سېنىڭ ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى جەسۇر – باتۇرلىقىڭدىن ئەرلەرگە خاس باتۇرلۇق ۋە كەسكىنلىكنى ئۆگەندىم ، قىسقىسى ئۇيغۇرۇمدىكى مىللىي روھنى ئۆگەندىم . جامائەت سورۇنلىرىدىكى ماڭا قاراپ باش لىڭشىتىپ يول كۆرسىتىشىڭدىن ، سېنىڭدىكى ھۆرمەتنى ۋە سېنىڭدىكى كۈيۈمچانلىقنى ھېس قىلدىم . سېنىڭ ھەربىر ئىش ھەرىكىتىڭ ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى كەسكىنلىكىڭ ماڭا خۇددى چاڭقىغان يەرگە سېپىلگەن سۇدەكلا سىڭىپ كەتكەن ئىدى . سېنىڭ يۈرۈش – تۇرۇش ، سۆز – ھەرىكەتلىرىڭ ئارقىلىق مەن قانداق مېڭىشنى ، قانداق ئادەم بولۇشنى ئۆگەندىم ، شۇ ئارقىلىق ئىنسانىي خىسلەتنى يېتىلدۈردۈم . يەنە بىر قېتىم سالام ئاتىجان ، يۈرۈگۈمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن ئېھتىرام ، سەن ماڭا يۈرۈش – تۇرۇش ، سۆز – ھەرىكەتلىرىڭ ئارقىلىق ماڭا ئادەم بولۇشنى ، قانداق مېڭىشنى ئۆگەتكەن بولساڭ ، ئۆز ئەجىرىڭ ئۆز مېھنىتىڭ ئارقىلىق مېنى كۆكتە ئۇچۇردۇڭ ، كۆكتە ئۇچۇشنى ئۆگەتتىڭ ، كۆكتە ئەركىن پەرۋاز قىلىشىم ئۈچۈن ئۆزۈڭنىڭ بارلىقىنى ماڭا تەقدىم قىلدىڭ سەندىكى بۇ تەقدىم قىلىش مېنى يۈكسەك بۇرچقا ۋە سەندىكى ئالىيجاناب روھقا ئىگە قىلدى . سالام ساڭا ئاتىجان مەن شېرىن ئۇيقۇغا كەتكىنىمدە سەن ئۇخلىماي مېنىڭ ئەتىدىكى شېرىن ئۇيقۇم ئۈچۈن غەم يىدىڭ . مەن شەھەرنىڭ ئەينەكتەك ئاسفالىت يوللىرىدا بىلىم ئېلىش ئۈچۈن كېتىۋاتقىنىمدا سەن ئالتۇن كەتمىنىڭنى كۆتۈرۈپ سەھرانىڭ چاڭ كەتكەن يوللىرىدا مېنىڭ ھاياتلىقىم ئۈچۈن سەپەر قىلدىڭ . سەن كەڭ كەتكەن ئېتىزدا مېنىڭ كەلگۈسۈم ئۈچۈن كۈرەش قىلدىڭ ، كەڭ كەتكەن ئېتىزلاردا ئەمگەك ناخشىسىنى ياڭراتتىڭ . مەن ئازادە ، راھەت ئورۇندۇقلاردا ئولتۇرغان بولسام ، سەن مەن ئۈچۈن قان تەر ئاققۇزدۇڭ . مەن ياپيېشىل چىملىقلاردا سايىداپ ئولتۇرغان بولسام ، سەن ئېتىزنىڭ بىر بېشىدا پىژغىرىم ئىسسىقتا ئولتۇردۇڭ ، مەن شەھەرنىڭ ئالىي تائاملىرىنى يىگەن چېغىمدا ، سەن قېتىپ قالغان ناننى غىزا قىلدىڭ . سالام ساڭا ئاتىجان ، سەن ماڭا خۇددى پەرىشتە ، ئەۋلىيالاردەك مەن ئاپتاپتا قالسام سالقىنلىق ، سوغۇقتا قالسام ئىللىقلىق ئاتا قىلدىڭ . مەن ئىسسىقتا چاڭقىغان چېغىمدا ، چاڭقىغان دىلىمغا زەم – زەم تىمىتتىڭ ، سەن ماڭا كەلگەن كېلىشمەسلىكلەرنى ئاڭلاپ خۇددى مىلتىقتا ئېتىلغان ئوقتەك دەرھال يېنىمغا يىتىپ كەلدىڭ ، سەن ماڭا يىقىلغان يېرىمدىن قانداق تۇرۇشنى ئۆگەتتىڭ ، سېنىڭدىكى بۇ ئۆگىتىش ، ماڭا ئۆزىگە تايىنىش ۋە ئۆزىنى قوغداشنى ھېس قىلدۇردى ، سەن مېنىڭدىكى خۇشاللىقنى كۆرۈپ ، خۇددىي ئالتۇن كەتمىنىڭنىڭ كارامىتىنى ئالتۇن ئېتىزدىكى ھوسۇلنى كۆرگەندەك بولدۇڭ . سالام ساڭا ئاتىجان ، سېنى تەرىپلەشكە مېنىڭ تىلىم ۋە دىلىم ئاجىزلىق قىلىدۇ . سەن ئۈچۈن قەلەم تەۋرەتسەم قەلەملىرىدىمدىن ياش ئاقىدۇ . سېنىڭ قولۇڭدىكى يول – يول يېرىقلار سېنىڭ مەن ئۈچۈن قانچىلىك ئەمگەك قىلغانلىقىڭنىڭ گۇۋاھچىسى ئەمەسمۇ ؟! سېنىڭ تاپىنىڭدىكى يول – يول يېرىقلار مېنىڭ ئۈچۈن چاڭ چىقىرىپ ماڭغان يوللىرىڭنىڭ گۇۋاھچىسى ئەمەسمۇ ؟! مېھرى ئىللىق دادا ، سېنىڭ تونۇرنىڭ تەپتىدەك قىزاغان يۈزۈڭ ، يۈزۈڭدىكى يول – يول ئىزلار مەن ئۈچۈن ، مېنىڭ ھاياتىم ۋە ھاياتلىقىم ئۈچۈن تارتقان جاپالىرىڭنىڭ گۇۋاھچىسى ئەمەسمۇ ، سالام ساڭا ئاتىجان سالام ، سېنىڭ مەن ئۈچۈن ئىشلىگەن قولۇڭغا مېنىڭ مەۋجۇتلۇقۇم ئۈچۈن يول ماڭغان پۇتۇڭغا ، مەن ئۈچۈن سوققان يۈرەكلىرىڭگە دەرت كەلمىسۇن ، ئۆز پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ھاردىم – تالدىم دىمەي خىزمەت قىلىۋاتقان ، ئېتىز قىرلارنى چاڭ كەلتۈرىۋاتقان ئاتىلارنىڭ تېنى ساغلام ، ئۆمرى ئۇزۇن بولسۇن . سالام ئاتىجان سالام !

بۆرتالا شەھەرلىك7-ئوتتۇرا تولۇق 3-يىللىق1-سىنىپ
ئاپتورى:ئاي پالتا
[ ھونتەرىپىدىن2011-08-05 18:36قايتا تەھرىرلەندى ]
دوستلىشىش
بورتالا
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 23
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 156
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە156دانە
تۆھپىسى: 39
پۇلى: 259 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 59
ياخشى باھا: 229
توردا: 14(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-18
ئاخىرقى: 2012-03-28
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-03-31 21:18

ئاتىلارنى ناھايىتى ياخشى تەرىپلەپسىز ، دېمەك ئاتا بەكمۇ ئۇلۇغ ئىنسان ! بىز ئۇلارنى يازمىللىرىمىزدىلا ئەمەس  ، بەلكى ئەملىيىتىمىزدىمۇ ھۆرمەت تەختىدە ئولتۇرغۇزىشىمىز لازىم.
دوستلىشىش
ئەلتېكىن
ھەممىگە توۋا ...
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 49
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 382
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە382دانە
تۆھپىسى: 56
پۇلى: 498 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 105
ياخشى باھا: 493
توردا: 143(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-25
ئاخىرقى: 2013-05-13
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-03-31 22:53

ئەسسالامۇئەلەيكۇم كىچىك دوس، سىزنىڭ ئاتىغا بولغان ۋاپادارلىقنى ھىس قىلىپ يازغان بۇ ئەسىرىڭىزدىن خۇش بولدۇم. ئاتا-ئانا مېھرىنى، شەپقىتىنى مەدىھيلەپ تۈگىتەلمەيمىز. ئىجادقا باي ياخشى يازغۇچىلاردىن بولۇشىڭىزغا تىلەكداشمەن.

مۇنبەر باشلىقى، باشقۇرغۇچىلار، ئەزالار، مۇكاپاتلىق ئەسەرنىڭ بەلگىسى بولسۇن دەپ بۇ تامغىنى ياساپ باقتىم. بۇ ۋاقىتلىق، ھەر قايسىڭلارنىڭ بىرلىككە كېلىپ، بىر بەلگە نىشانىسىنى روياپقا چىقارغۇچە، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن بۇ تامغىنى ئۇرۇپ قويۇپ تۇردۇم. توغرا چۈشەنگەيسىلەر !

قوشقارنىڭ كەينىگە يانغىنى قورققىنى ئەمەس._ ئەلتېكىن

بارلىق مۇناسىۋەتلەر ماددىنى چۆرىدەپ قۇرۇلغان ئىكەن...
دوستلىشىش
ئىدىقۇت
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 42
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 106
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە106دانە
تۆھپىسى: 0
پۇلى: 105 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 0
ياخشى باھا: 105
توردا: 5(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-22
ئاخىرقى: 2012-05-03
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-04-01 18:06

بوز قىرنىڭ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىش باشلىغىنىدىن تەۋپىقكامنىڭ روھى خوش بولغاندۇ . بوز قىردىكى بارلىق جاپاكەشلەرنىڭ ئەھمىيەتلىك ئىشتىن بوشاشماسلىقىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمۈت قىلىمەن.
دوستلىشىش
يۇزدەنبېر
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 211
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 4
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە4دانە
تۆھپىسى: 0
پۇلى: 4 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 0
ياخشى باھا: 4
توردا: 1(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-17
ئاخىرقى: 2011-04-14
4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-04-01 20:10

تەسىرلىك يىزىپسىز . ئاتىلار توغرىسىدا يىزىلغان ئەسەرلەر بەك ئاز . ئاتىلارنىڭ بالىلارغا سىىڭدۈرگەن ئەجرىمۇ ئاز ئەمەس.
دوستلىشىش
ئۈمىديار
ئەرنىڭ غىمى ئەلدە....
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 646
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە646دانە
تۆھپىسى: 114
پۇلى: 994 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 174
ياخشى باھا: 890
توردا: 321(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2013-05-08
5- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-04-01 20:28

    تۇنجى  بۇلۇپ يوللانغان ،مۇكاپاتلىق ئەسەرگە مۇبارەك !
ئىچىمدىكى دەرتلەرنى ناخشام بىلەن تۈگەتتىم .
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 31
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 424
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە424دانە
تۆھپىسى: 54
پۇلى: 547 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 119
ياخشى باھا: 517
توردا: 54(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-19
ئاخىرقى: 2011-08-18
6- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-04-01 20:48

تۇنجىسى ئەمەس ،3- بۇلۇپ يوللانغان ئەسەر .
ئۆرلە ۋەتەن!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 31
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 424
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە424دانە
تۆھپىسى: 54
پۇلى: 547 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 119
ياخشى باھا: 517
توردا: 54(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-19
ئاخىرقى: 2011-08-18
7- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-04-01 22:01

ئەسىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ،سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن!
ئۆرلە ۋەتەن!
دوستلىشىش
ئىمتىھان399
بوزقىر ئەركىسى
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 16
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 194
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە194دانە
تۆھپىسى: 63
پۇلى: 366 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 96
ياخشى باھا: 306
توردا: 24(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2012-06-15
8- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-04-01 22:22

bak yahxi qikiptu./uygurqa bassam qikmaydigu?
ئۈزى ئۈچۈن يار بولغان ئىنسان ئەڭ بەخىتلىكتۇر!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 283
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 58
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە58دانە
تۆھپىسى: 6
پۇلى: 70 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 12
ياخشى باھا: 70
توردا: 8(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-31
ئاخىرقى: 2011-06-17
9- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-04-02 00:16

ئەسەر تىلى بەكمۇ جانلىقكەن، تەسۋېرلەرمۇ بەك جايىدا قوللىنىپتۇ..
  تېخىمۇ تىرىشىڭ،،،