ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 7457 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: بۆرە ھۇشۇقى(مەدىنە)
ئەسلىڭنى ئۇنۇتما
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 195
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 204
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە204دانە
تۆھپىسى: 26
پۇلى: 287 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 42
ياخشى باھا: 252
توردا: 59(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-14
ئاخىرقى: 2012-07-09
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-04-02 20:08

بۆرە ھۇشۇقى(مەدىنە)

ئەسكەرتىش: بۇ يازما bozqir تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-04-09)
ئۇ بىر نازاكەتلىك ئايال ھەم تەنتەكلىكى  بىلەن ئوماق كۆرىنىدىغان كىچىك بالا مىجەز بىر چوكان ئىدى،ئۇنىڭ نازاكەتلىكى ئۇ باشقىلار تەرىپىدىن ماختالغاندا ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئالدىدا مۇلايىملىق بىلەن كۈلۈپ قويشىدا ئىپادىلەنسە،مەشۇغى بىلەن يالغۇز قالغاندا بولسا بەزى قەستەن بىلدىغاننى بىلمەس بولىۋىلىپ ئۆزى كۈتكەندەك جاۋاپقا ئىرىشكەندە چىن كۆڭلىدىن چىقىرىپ كۈلۈپ شەيتانلىق قىلىشى ئۇنى تولىمۇ ئوماق كۆرسىتەتتى،ئاممىۋى سورۇنلاردا ئۇنىڭ بۇ خىل ئالاھدىلىكى ئوغۇللارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتسا ،يولدىشىنىڭ غەرىق مەس بولۇپ ئۆزىنىڭ يۈزىنى ئۆزى تۆكسىمۇ،باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ يۈزىنى شۇنچىلىك قىلىشى باشقىلارنىڭ دىقىتىنى ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا ئالاھىدە تارتاتتى،ئۇمۇشۇنداق بىر سەنئەتكاردەك ئايال بولسىمۇ،ئۇنىڭ يەنە بىر تەرىپى يەنى ئەركەك سەدەكىرەك، مۇنداقچە ئىيتقاندا غەزىپى تۇتقاندا ھىچنەرسىدىن قورقماس بولوپ كىتىدىغان قارام مىجەزىنى ئەلۋەتتە ھىچكىم بايقىيالمايتتى،ئۇمۇ بۇنداق قارام ھىسىياتىغا  قۇلۇپ سىلىپ قويۇپ ،شۇنچە يىلدىن بىرى يۈز بەرگەن ئىشلارغا  بەرداشلىق بىرىپ ھەممىنى ئىچىگە سىلىپلا يۈرۋاتقان بولغاچقا ، يولدىشى شۇنچە يولسىزلىق قىلىپمۇ ئۇنىڭ ئاشۇ ئەسەببى پەيلىنىڭ تۇتۇپ قىلىشىدن خالى ،خاتىرجەم ياشاپ كىلىۋاتاتتى.ئۇمۇ تۆمۈر ئەمەستە،ئۇنداق تۇرمۇشتىن ئۆزىنى تارتتى،دىمەكچى ئاجىراشتى، ئۇ ئەمدى ئارام تىپىپ قىلىۋاتاتتى،بەلكىم ئاشۇ شۇنچە يىلدىن بىرى ئىچىدە ساقلاپ كەلگەن ئەسەببىيلىكىنى يەنى قاراملىقىنى بىر ئۆمۈر ئىچىگە يۈتۈپ داۋاملىق تۇرمۇش سەھنىسىدە ھەم نازاكەتلىك ھەم ئوماق مىجەزىنى ساقلاپ ياشاپ كىتەر ئىدى،ئەمما بۇ نۆۋەت ئۇ يولۇققان بۇ باش ئاغرىقى ئۇنىڭ شۇ خاراكتىرىنى چىقىرىشقامەجبۇرالاۋاتاتتى.  
سەرۋەرئىرىدىن ئاجىرىشىپ بولوپلا ئۆز يولىغا ماڭدى،  ئۇ ئۆي سايمانلىرىنى باسقىلى كەلگەندە ئۇنىڭغا :   
- ئەمسە بالىنى ساڭا تاپشۇردۇم ياخشىراق باقارسەن- دىدى سوتتا بالىنى بىقىش مەسئۇلىيتىنى ئۆزۈم ئۈستۈمگە ئالىمەن،ئەگەر ئايالىم باقىمەن دەپ تۇرۋالسا بىقىش ھەققى بەرمەيمەن دەپ تۇرۋالغان شەرمەندە ئىرى.ئۇ يولدىشىغا ئۆزىنىڭ ئۇنىڭسىزمۇ قانداق ياشايدىغانلىقى،قىزىنىڭمۇ قانداق ياشايدىغانلىقى  توغۇرسىدا قولىنى ئېرىنىڭ بۇرنىغا تەڭلەپ تۇرۇپ مۇنداق دىگەن ئىدى.  
_بىلىپ قوي،نۇمۇسسىز،سەن شۇنچە يىلدىن بىرى بالىنى بىقىپمۇ باقمىغان،ھەتتا مەكتەپكىمۇ بىرەلمىگەن بىر پىسەندى،مەن سىنىڭ قىلغان شۇ شەرمەندىلىكىڭگە كۆزۈڭگە كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ سەن باققاندىنمۇ ئارتۇق باقىمەن،ئاتا ئاناملا ھايات بولدىكەن بالىنى قانداق بىقىشىمدىن سىنىڭ ساختىپەزلىك بىلەن ئەنسىرگەن بولىۋىلىشڭنىڭ ھاجىتى يوق_دەپ قىيىن ئانىسىنىڭ ئالدىدىلا شۇنداق دىگەن ئىدى، ئۇنىڭ غەزەپكە كەلگىنى تامامەن توغرا ئىدى،چۈنكى شۇنچە يىلدىن بىرى مەيلى ھىيىت ئايەم كۈنلىرى بولسۇن ياكى قولىغا پۇل كىرگەنلەردە بولسۇن بالام ئۈچۈن دەپ بىر موچەن پۇلنى قىيىن ئاتا ئانىسىنىڭ ئالدىغىمۇ قويالماي ئۆزىنىڭمۇ،ئايالىنىڭمۇ يۈزىنى سۆرۈن قىلىپ قويغان ئىدى.شۇڭا ساختىپەزلىك بىلەن بۇ گەپلەرنى دىگۈدەك يۈزىمۇ يوق ئىدى،شۇڭا ئۇ شۇنچە نەپىرىتىنى شۇ بىر نەچچە ئېغىز گەپ بىلەن ئىپادىلەپلا ئۇ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى،ئەمما ئۇنىڭ بۇ مۇئامىلىسى ئىچى زەھەرگە توشوپ كەتكەن قىيىن ئاپىسىنى كىسەل قىلماي قويمايدۇ ئەلۋەتتە،شۇندىن كىيىن قىيىن ئانىسى نەچچە كۈننىڭ بىرسىدە ئۇنىڭ يولىنى توسماقچى بولوپ قىلىپ يۈرگەن قىلىقلىرى غەيۋەتخور قوشنىلىرىنىڭ ئىغىزى ئارقىلىق ئۇنىڭ قۇلىقىغا يىتىپ كىلىۋاتاتتى.  
راستىنلا شۇنداق بولدى،ئۇ نوپوسىنى شەھەردىن يۆتكىۋالماي ئەڭ تۈۋەن تۇرمۇش كاپالەت سوممىسى بىجىرىپ پاراۋانلىق ئۆيدىن بەھىرىمەن بولماقچى بولدى،چۈنكى ئۇ يالغۇز بالىنى بىقىش مەسئۇلىيتىنى ئۈستىگە ئالغان يەنە ئىش ئورنىدىن قالغان،ھىچقانداق يۈلەنچۈكى يوق بىر ئاجىىز ئايال تۇرسا ئۇ چۇقۇم ئىلىشى كىرەك دەپ ئويلايتتى،دەسلەپتە قۇبۇل قىلغاندا ئۇنىڭغا شەرتىنىڭ تاماممەن توشىدىغىنىنى، بەرسە بولدىغىنىنى دەۋاتقان ئىشلار بىر قەدەم بىر قەدەمدىن كەينىگە چىكىنىپ، بارغانسىرى ئىشلىرى تەتۈرسىگە مىڭىپ كىتۋاتاتتى،ئۇ نىمە سەۋەپ بارلىقىنى بىلەلمىسىمۇ پەقەت قانچە تىرىشقانسىرى شۇنچە كەينىگە مىڭىۋاتقىنىنى بىلىپ تۇراتتى، ئۇ ئەلۋەتتە بۇنى ھىلىقى قوشنىلىرىنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىۋالغان قىيىن ئاپىسىنىڭ قىلىپ يۈرگەن ئىشىدىن كۆرەتتى،چۈنكى ئۇمۇ بىر ئاجىز بەندە،ھەممىلا يەردە شۇ گەپ بولۋاتقاندا ئۇمۇ ئىشەنمەيمەن دەپ ئولتۇرمايدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزىگە شۇنچە يىل قىيىن ئانا بولغان ئادەمنىڭ مىجەزىنى ئۆزى چۈشىنەتتى.شۇڭا  بۇ ئىشلىرىنىڭ ھىچبىر سەۋەپسىزلا مۇشۇنداق تەتۈر كىلىپ ئۇ  ئىش بىجىرمەكچى بولۋاتقان يەردىلا تۇيۇقسىز بىر شۇمبۇيىنىڭ پەيدا بولوپ ئىشىنى بۇزۋاتقانلىقى ئۇنىڭ يۈرىگىنى يەپ كىتۋاتاتتى،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ ئاجىراشقان بولىشى ،ئۆيدىن چىقىشىنىڭ تەس بولىشى ئىشلىرىنىڭ پۈتىشىگە پۇتلىكاشاڭ بولۋاتقان چوڭ سەۋەپ ئىدى،شۇ ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆيىدىن چىققاندا بىر مۇنچە جەڭگە جىدەل بىلەن ئۆيدىن چىقىش ئۇنىڭ روھىنى چۈشكۈنلەشتۇرۇپ بۇ سۆزلەرگە تىخىمۇ ئىشەندۈرۋاتاتتى.  
شۇڭا ئۇ نىمە سەۋەپ بارلىقىنى، راسلا بىر تەتۈرلىككە سەۋەپ بولىۋاتقان بىر  ئىش بار يوقلىقىنى  بىلىپ باقماقچى ئىدى. ئۇ خەقلەردىن غۇلجىدىكى بىر ئايالنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ قالدى،ئۇنى بىردىبىر ئىشەندۈرگەن يىرى ئۇ ئايالنىڭ كونىلىق بار بولسىلا،ياكى بىلىپ بىلمەي ئۆتكۈزۋاتقان گۇناھلارنى دەل سۆزلەپ بىرىپ ئۇنىڭغا توغرا يول كۆرسۈتۈپ سەۋەپ قىلىپ بىرىشى،باشقىلارغا ئىسىتقۇ قىلىش،سوۋۇتقا قىلىش دىگەندەك ئىشلارنى قىلىپ بەرمەي،بەزى دىندىن چىققان بىدئەت ئىشلاردا بولوپ يۈرگەنلەرگە يول كۆرسىتىشى مۇنداقچە ئىيتقاندا ئاللا بەرگەن ئىلىمىنى ياخشى تەرەپلەرگە ئىشلىتىپ باشقىلارغا زىيان زەخمەت يەتكۈزمىگەنلىكى توغۇرسىدىكى سۆز چۆچەكلەر ئۇنى قىزىقتۇرۋاتاتتى،سەرۋەرمۇ ھەر ئىھتىمالغا قارشى ئۆزىنىڭ بىلىپ بىلمەي ئۆتكۈزۋاتقان بىرە ئىشىنىڭ بار بولوپ قىلىشىدىن ياكى چوڭلارغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىپ ئۇلارنىڭ قاغىشىغا كىتىپ قىلىش،ياكى بىرەسىنىڭ كۆزىدىن ئورۇنسىز ياش ئاققۇزۇش قاتارلىق ئىشلاردىن راسلا قورقاتتى،شۇنداق قىلىپ ئۇ بۇ ئويىنىڭ تۈرتكىسىدە شۇ ئايالنى بىر زىيارەت قىلىپ بىقىش ئويى بىلەن مەھەللىدىكى شۇ يەرگە بىرىش ئويىدا بولوپ يۈرگەن بىر نەچچەيلەن بىلەن غۇلجىغا قاراپ ماڭدى،ئۇ كۆڭلىدە بۇنداق ئىشلارغا يەنى كۆرمەي تۇرۇپ ھەممىنى بىلىشلەرگە ھەممە ئىشلارنىڭ يۈرۈشۈپ كىتىشىگە تازا ئىشەنىچ قىلالمىسىمۇ،شۇ باھانىدە بىر ساياھەت قىلىپ كۆڭلى بولسىمۇ بىر ئارام تاپار دەپ بۇ يولغا چىققان ئىدى.  
غۇلجا شەھىرى ھەقىقەتەن گۈزەل ئىدى، ساياھەت قىلىش ئەمەس ھەتتا يوللىرىدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقاندىمۇ باشقىچە ھوزۇر ئاتا قىلاتتى،ئۇلار ماشىنىنى ئىجارىگە ئىلىپ مىڭىۋاتقان بولغاچقا باشقا يەرگە ساياھەتكە بارمىدى ھەم بارغۇدەك رەغدىمۇ يوق ئىدى،چۈنكى ھەممىسى كۆڭلىدە بىر مۇنچە غەم، ئوي خىياللىرى بىلەن ماڭغان ئىدى،ھەممىسىدە بىرلا ئوي،«زادى تاپالارمۇ؟نىمە سەۋەپ قىلىپ بىرە؟»شۇلا ئىدى.مەنزىلگىمۇ يىتىپ كەلدى،يول بويى كۆرگەن گۈزەل مەنزىرلىك جايلارنى سۈرەتكە تارتىپ،بىر بىرسىلىرىگە دىيىشپ ھەممىسنىڭ كەيپىياتى خىلى كۆتۈرۈلۈپ قالغان ئىدى،ئۇلار كىلىپلا ياتاقلارغا ئورۇنلىشىپ ناخشىلارنى ئاڭلاپ ئارام ئىلىپ ئەتىسى سەھەردە تاھارەت ئىلىپ ئاندىن ئۇ ئايالنىڭ قىشىغا كىردى،كۆرۈڭ بۇ تەتۈرلىكنى ،شۇ يەرگە بارغاندىمۇ يەنە پەلەكنىڭ تەتۈرلىگى ئۇنىڭغا دۇچار بولىۋاتاتتى،بەزبىر سەۋەپلەر بىلەن ئۇمۇ كۆرۈشكە بولمايدىغانلارنىڭ قاتاردا چىقىرىۋىتلدى،ئۇ يىنىپ چىقىپلا ئاۋازنى قويۇۋىتىپ ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى،ئۇنىڭ شۇ تاپتىكى تۇرىقى ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئىچىنى سىرەتتى، ئۇنىڭ شۇنچە ئازاپلىنىشى نەق شۇ كۈنگە كەلگەندە يەنە ئۇنىڭ ئىشىنىڭ تەتۈر بولىشى،ھەم ئۇنىڭدىن باشقا كىلىش پۇرسىتىنىڭ يوقلىقى،ئۇنىڭ قەلبىدىكى تۈگۈننىڭ يىشىلمەستىنلا كىتىپ قىلىشنى ئويلىسىلا كۆز ياشلىرى سەلدەك ئاقاتتى،«ئاھ خۇدا نىمە ئىشلار بۇ زادى،سەن مىنى بەك ئىغىر قىسمەتلەر بىلەن سىناۋاتقانسەنمۇ؟»ئۇ ئىچىدە شۇنداقلار دەپ يىغلايتتى،ئۆيىدىكلەرگە تىلفونلارنى ئۇرۇپ يىغلايتتى،لىكىن ھىچ ئورنىغا كىلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى.ئاخىرى ئۇنىڭ نالىلىرنى ئاللاھ ئاڭلىغانمۇ،ئۇنى ئۇ ئايال بىلەن ئايرىم ئۇچىراشتۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇردى،باشتا چىقىرۋىتىلگەندىمۇ سىرىتتا تۇرۇپ ئۇ ئايالنىڭ سۆزلەپ بەرگەنلىرىنى ئاڭلاپ ئاۋازنى قويۇۋىتىپ يىغلاپ كەتكەنلەرنى،بەزىلىرنىڭ ھەيرانلىقتىن توۋا دىيىشىپ ينىپ چىققنىنى كۆردىكى بىرەسىنىڭ يالغانكەن،ماۋۇ خاتا دىدى دەپ چىققىنىنى ئاڭلىمىدى.

ئۇ ئايرىم يۈز كۆرۈشكەندە ئۇنىڭ تارتقان بارلىق جەۋرى جاپالارنى سۆزلەپ كىلىپ ئۇنىڭغا ھىسداشلىق قىلىپ ئۇنىڭ باش كۆزلىرىنى سىيلاپ كىتىپ،يۈزسزلىكلەرنى سۆزلىگەندە چىرايدىن تولىمۇ بىزارلىقىنى ئىپادىلەشلىرى ئۇنىڭ ئازاپلانغا ن يۈرەكلىرىگە تەسىر كۆرسەتتى،چۈنكى  بۇنداق مىھىر مۇھەببەتنى ھەم بۇنچلىك چۈشنىنشنى ئاتا -ئانىسىدىن شۇنچە تىلىگەن بولسىمۇ يىتەلمىگەن سەرۋەر، بۈگۈن بۇ يات شەھەردە،ئۆزى ئۆمۈرۈدە كۆرۈپمۇ باقمىغان بىر ناتۇنۇش ئايالدىن ئاڭلاپ، كۆزلىرى قىزارغان ھالەتتە ئۇنىڭ قىشىدىن ئايرىلدى.ئۇ ئايال ئۇنىڭغا مىڭىۋاتقان ئىشلىرىنى بىر بىرلەپ سۆزلەپ،ئۇنىڭغا بىر بۆرە ھۇشۇقى تىپىپ كىلىپ تاقىۋىلىشنى،يولىدىكى ئۇنىڭغا پۇتلىكاشاڭ بولۋاتقان ئىشلارنىڭ ئۆز يولى بىلەن ئىچىلىپ،دۈشمەنلەرنىڭ قەستىدىن ساقلايدىغانلىقىنى دىگەن ئىدى،ئۇ ئەسلى بىر تۇمار ياكى باشقىچەرەك بىرە نەرسىنى ياسىغۇزۇپ كىلىپ تاقىۋالماقچى،زىيانكەشلىك قىلماقچى بولغانلارنىڭ دۈشمەنلىكىگە يول قويماسلىقنى ئويلىغان ئىدى،ئۇ شۇ ئويىنى دىۋىدى ئۇ ئايال تولىمۇ زەردە بىلەن مۇنداق دىدى:   
_سەن بىلەمسەن،تۇمار دىگەن پۈتۈنلەي ئايەت بىلەن پۈتۈلگەن بولىدۇ،ئۇ ئۇلۇغ ئاللانىڭ چۈشۈرگەن ئايەتلىرى بىلەنلا پۈتۈپ چىقىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن راسلا شۇنداق بولسا ئۇنى تولىمۇ ئاۋايلاپ ساقلىماقلىقى زۆرۆر،ئەمما تولا تۇمارلار بەزى بىدئەت يولىنى تاللىغان باخشىلار تەرىپىدىن ئۆزگەرتىلىپ ئايەتنى تەتۈرسىگە يىزىپ ئىسىتىش سوۋۇتۇش،بەنىت قىلىۋىتىش....... قاتارلىق گۇناھلار بىلەن شۇغۇللىنىپ ئاللانىڭ ئىلىمىگە ئاسىيلىق قىلىدىغان قورالىغا ئايلىنىپ قىلۋاتىدۇ، ھەقىقى تۇمار بولساسەنمۇ ھەم ھەر قاچاندا تۇمارنى قىشىمدا پاكىز تۇتۇپ،ئۆزۈممۇ ئۇنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىيالايمەن دىيەلمەيسەن،شۇڭا ئاللا سەۋەپ قىل تەلەپ قىل دەپتىكەن،سىنى يامان كۆزلەردىن دۈشمەنلىرىڭنىڭ قەستىدىن ساقلاپ قىلىشتا يەنىلا بۆرە ھۇشۇقى ئەڭ ياخشى_دىدى.ئەلۋەتتە سەرۋەر بىلەن بىللە كەلگەنلەر  ئۇنى ئىشىنىشكە دەۋەت قىلدى،شۇنداق قىلىپ بۆرە ھوشۇقىنى ئىلىپ قايتقانمۇ بولدى،ئۇ شۇ كۈندىن ئىتىبارەن بۆرە ھۇشۇقىنى بوينىدىن ئايرىپ باقمىدى،چۈنكى ئۇنىڭ نەزىردە باشقىلارنىڭ ئۇنىڭغا مىھىر بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان بولىشىنىڭ ھەممىسى پەقەت مۇشۇنۇڭغىلا باغلىق بولوپ قالغاندەك ئىدى،ئۇنىڭ بۇخىل روھى ھالىتىنى توغرا چۈشۈنۈشكە بولاتتى،چۈنكى ئۇ راستىنلا بارلىق كىشىلەر تەرپىدىن ئىنكار قىلىشقا ئۇچراۋاتاتتى،دۇنيادا يالغۇز قىلىش پىسخىكىسى ئۇنى مۇشۇنداق خىياللارغا باشلاۋاتاتتى.لىكىن ئۇنىڭمۇ ھەيران بولىدىغان يەرلىرى ئۇنىڭ غۇلجىدىن قايتىپ كىلىپلا مەشۇغىغا تىلفون قىلغاندا:
_نەچچە كۈندىن سىنىلا ئويلاپ تۇردۇم،غۇلجىغا ماڭدىم دىسەڭ ھىلىقى داۋانلاردا قانداق قىلۋاتقاندۇ؟قورققانمىدۇ؟بىرە چاتاق چىقىپ قالامۇ دەپلا ئويلاپ ئولتۇردۇم،قاچان كۆرىشىمىز؟خىلى بوپتۇ كۆرۈشمىگىلى _دەپ ئۇنىڭغا مىھرىبانلىق كۆرسىتىشى ئۇنى تولىمۇ ھاياجانلاندۇرغان ئىدى،چۈنكى ئىلگىرى ئۇلار ئوتتۇرسىدا سۈركىلىش تولا بولوپ يوقىلاڭ ئىشلار سەۋەبىدىن تولا ئۇرشۇپ قالاتتى، سەرۋەرشۇنداق خۇشال بولدى، بىر  نەچچە كۈن بولسمۇ قەلبى ئىللىقىلىقتىن بەھىرىمەن بولغان ئىدى.بەلكىم ئۇنىڭ تەغدىرى شۇنداق تەتۈر بولشى پىشانىسىگە پۈتۈلگەن بولسا كىرەك، قارا جەمىيەت تۈسىنى ئالغان بىر ئىشلار ئۇنىڭ ھىلىقى ئەسەبىي ھىسىياتىنى قوزغاپ،ئۇنىڭ نازاكىتى بىلەن بىرلىشىپ ساددا، تۈز، ئوماق مىجەزى بىلەن بىرلىشىپ ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا بار بولغان بارلىق ئارتۇقچىلىق كەمچىلىكلەرنى نامايەن قىلۋاتاتتى. 
سەرۋەر كۆڭلىدە تولىمۇ بەخىتلىك ئىدى،نىمىلا بولمىسۇن كۆڭۈلسىز سىلكىشلەر،قوپال سۆزلەردىن نىرى بولوپلا قالماي ئامرىغى ئابلىكىم ئۇنى نەچچە كۈننىڭ بىرسىدە تىلفون قىلىپ ئىزدەپ تۇراتتى،قاچان كۆرشىشىنى سورايتتى،لىكىن نەچچە كۈندىن كىيىن نىمە بولدى،يىگىتى ئانچە جىق ئىزدەپمۇ كەتمىدى،ئۇ كۆنگەن يامانمۇ كۆيگەنمۇ دىگەندەك كۆنۈپ قالغان،قەلبى ئەمدى ئىللىۋاتقان بولغاچقا ئۇنىڭ تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭ ئۇچۇرلىرىنى جاۋاپسىز قالدۇرشى ئۇنىڭ يەنە شەيتانلىقىنى قوزغاپ،شۇنداق قىلسا يەنە ئۇنىڭ تىز ئۇچۇر قايتۇرشىنى بىلىپ مۇنداق بىر شەيتانلىق قىلدى.ئۇلار ئەزەلدىن پنيىنچە ئۇچۇرلاشمايتتى،خەنزۇچە يىزشاتتى،شۇڭا ئۇ قەستەن پىنيىنچىلاپ ئۇچۇرنى  ئابلىكىمنىڭ تىزىراق ئوقىيالىشى ئۈچۈن خەتنى ئازىراقلا يازدى.
_ئەجەپ ئىچىڭىز پۇشماي ئۇرىۋەردىڭىز،مەن دىدمغۇ ۋاقتىم بولغاندا كۆرۈشۈپ باقايلى دەپ،ئەمدى ئۇرماڭ،ئۆيدىكىلەرنىڭ ئالدىدا ئوسال قىلىپ_شۇنداق دىدى- دە قەستەن ئابلىكىمنىڭ نۇمۇرىغا ئەۋەتىۋەتتى. ئازىراق ۋاقىتتىن كىيىن ئۇ چۇقۇم ئابلىكىمنى ئوقۇپ بولدى دەپ پەرەز قىلغان ۋاقىتتا  ئابلىكىمگە ئۇقماس كىشى بولوپ ئۇچۇر قىلىپ:
_خەت قايتۇرمايدىغان بولوپ قاپسىز، بوپتۇ،نەچچە كۈندىن كىيىن شەھەرگە كىرسەم بىرسى تازا ئوينىتىدىغان بولدى،مەيلى سىزنىڭ ۋاقتىڭىز بولسا شۇ چاغدا تىلفون قىلاسىز ئەبلەخ_ دەپ ئەۋەتىۋەتتى،كەچلىكى بىكار بولغاندىن كىيىن ئابلىكم تىلفون قايتۇردى.  
-ھە،شۇنداق قىلماقچىمىدىڭ،ئوينىتىدىغانلارنىڭ دامىغا چۈشۋاتىمەن دىگىنە_ئاۋازىدىن تەنە پۇراپلا تۇراتتى_نەچچە كۈندىن پالانى كۈنى، پوكونى كۈنى بارىمەن دىيەلمەيمەن دەۋاتقان،تىزلا ئادەم ئورۇنلاشترۇرۇپ بوپسەن دە؟ " 
سەرۋەر شەيتانلىق بىلەن كۈلۈپ پىخىلداپ كۈلۈپ ؛   
-سىز خەت قايتۇرمىغاندىن كىيىن  شۇنداق دەپ قويدۇم شۇ_دىدى،لىكىن ئابلىكىم سەرۋەرنىڭ ئويلىغىنىدەكلا:
-باياتىن ئۇيغۇرچە يىزىپ نىمىلەرنى دەۋەتتىڭ ئوقىيالمىدىم-دىدى،ئەمىليەتتە يالغان،ئۇ ئوقىيالايتتى،شۇ ئاۋارچلىق كۆرۈپ خەنزۇچە يىزشاتتى.سەرۋەرمۇ چاندۇرمايلا ؛  
-ھە؟سىزگە ئۇيغۇرچە ئۇچۇر ئەۋەتىپتىمەنمۇ؟-ئۇنداق ئەمەستۇ؟خاتا كىتىپ قالمىغاندۇ؟نىمە دەپتىمەن؟-كۈلىۋەتمەي تۇرۇپ شۇ گەپلەنى ئاران دىيەلىدى .   
-بارغاندا ئوينىتىڭ،مەن سىزگە تىلفون قىلىمەن دەپسەنغۇ ئەركىلەپ تۇرۇپ_ ئابلىكىمنىڭ تەنە گىپىنى ئاڭلاپ  سەرۋەركۈلۈپ بىر بولوپ كەتتى .  
-مەن  بىرەسىگە ئەركىلەپ گەپ قىلمايمەن،قارىغاندا بايامقى تىلفون ئۇرۇپ ئىچىمنى پۇشىرىۋەرگەن برەيلەنگە« بارغاندا تىلفون قىلىمەن،ئۆيدىكىلەرنىڭ ئالدىدا ئوسال قىلىۋەرمەڭ» دىگەن ئۇچۇرنى خاتا يوللاپ قويۇپتىمەن دەڭ؟-ئۇ شۇنداقلار دەپ ئابلىكىمنى تىخىمۇ كۈنلەتمەكچى،شۇنداقلا كۆرشۈش ۋاقىتنى راستىنلا بىكىتمەكچى ئىدى.  
-ئەمسە كەلسەڭ تىلفون قىلامسەن ھىلىقىلارغا؟-ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كەتكەندەك قىلدى ئابلىكىمنىڭ، چۈنكى ئۇ سەرۋەرنىڭ ئۆزگۈرۈپ كىتىشىنى خالىمايتتى،ئەمما ئۇنى توسۇپمۇ توسقىلى بولمايدىغان شەيتان،پەقەتلا ئاللادىن ئىنساۋىنى تىلىمەكتىن باشقا ئامال يوق دەپ بىلەتتى،ئەمما سەرەۋرمۇ كۆڭلىدە شۇنداق ساداقەتمەن ئىدى،ئەمما يىقىندىن   بىرى بىرەيلەن  ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا كىرمەكچى بولۋاتاتتى،شۇڭا بۈگۈنكى گەپلەر ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن سائەت چىقىپ كەتكەندەك بىر باش ئاغرىقى ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرۋاتاتتى ،سەرۋەر كۈلۈپ تۇرۇپ:
-سىز بىلەن كۈرىشىمەن دەپ تۇرۇپ، نىمە قىلاتتىم،كۆرۈپ باقمىغان نىمىلەرگە تىلفون قىلىپ،ئۇلار شۇ بىزنمۇ كۆرۈپ بىقىڭ چىقىىشپ قالساق ئارلىشىپ قالغىمىز بار،ياخشى تەرەپلىرىڭىزنىمۇ جىق ئاڭلىغاچقا ئادەم ئىتىپ تىلفون قىلىمىز  دەيدۇ،مەن قانداق ئادەم،  ئەجىبا سىز بىلمەمسىز؟خاتىرجەم بولوڭ، چۇقۇم سىزگە تىلفون قىلىمەن_شۇنىڭ بىلەن ئۇلار شىرىن سۆھبەتلىشىپ ئۇخلاپ قىلىشتى......تەتۈر قىسمەت كىلىۋاتاتتى،تىلفوننى قۇيۋىتىشىگە ئۇنىڭغا ئارماندىن تىلفون كىلىپ قالدى.  
ئارمان بىر ئىككى ھەپتىلەردىن بىرىقى سەرۋەرنىڭ يىڭىدىن تۇنۇشقان ئىنى دوستى ئىدى،ئۇ بالىنىڭ دەسلەپتە سەرۋەرگە تۇنۇشماقچى بولوپ دىگەن گىپى ئانچە تەسىر قىلمىدى،ئۇ شۇنچە بىپەرۋا ئىدى.لىكىن نەچچە قىتىم بىپەرۋا مۇئامىلە قىلىۋىرىشى نەتىجىسىدە، ئارمان  تىرىكىپ بىر كۈنى سەرۋەرگە بەكلا كەيىپ ھالدا تىلفون قىلىپ ؛ 
-مەن ئەگەر مەيدەمگە« سەرۋەر ئۈچۈن »دەپ  بىر نەرسىنى يىزىپ باغلاپ ،ئۆزۈمنى كۆۋرىكتىن تاشلىۋالسام ھەممە ئادەم ھەيران قالىدۇ،مىنى ئۇنداق كۆزىڭىزگە ئىلماي قويماڭ، مەن ئىچتىم، چەكتىم، نىمە قىل دىسىڭىز مەن ھەممىنى قىلىمەن شۇ تاپتا،ئۆلىۋالساڭ ئۆلىۋال دىسڭىز چۇقۇم ئۆلىۋالىمەن....-ئۇنىڭ ئاۋازىدىن سەرۋەر ھەممىنى بىلدى،راسلا شۇ تاپتا نىمە دەۋاتقانلىقىنى ئۆزىمۇ ىلمەيدىغاندەك تۇراتتى ھەم چەكتىم دىگەن گەپنى ئاڭلاپ مىڭىسىدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى،ئۇنىڭ يادىغا دەرھال ئاق تاماكا كەلدى،ئادەتتىكى تاماكا بولسا ئۇنچە دەبدەبە بىلەن جاكارلاپ كەتمەيتى،سەرۋەرنىڭ ئەنسىرىشى مىڭغا چىقتى.ئۇ ئۇنداقلار بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا دىققەت قىلمىسا ئۆزىگىمۇ بىرە زىيان زەخمەت يەتكۈزۈپ قويىشى مۈمكىن ئىكەنلىكىنى بىلەتتى .شۇڭا ئۇ چىرايلىقچە سەۋەبنى ئارماننڭ ئۆزىگە دۆڭگەپلا قۇتۇلماقچى بولدى.  
-ياخشى ئىش قىلىپسىز،چىكىڭ بەك ئۇزۇن ياشاپ كىتىپسىز ،تىزىراق ئۆلىشىڭىزگە ياردىمى بولدۇ،ئاق چەكسىڭىز_دىدى،چۈنكى ئۇلار تۇرۋاتقان يەرنى پۈتۈن  ئوبلاستىىكىلەر قىزىل پاچاقلار دەپ چاقىراتتى،شۇڭا سەرۋەرمۇ قورقۇپ تۇراتتى.ئۇ «ئاق چەكسىڭز» دەپ ئۇنىڭ زادى نىمە چەكتىم دىگەنلىكىنى بىلمەكچى بولوپ دىدى.   
-توۋا دەڭە،مەن چەكتىم دىسەم ئاق چەككەن ئوخشايدۇ دەپ قالدىڭىزمۇ؟مەن پەقەت بىرە بىرەدە نىشە چىكىپ قوياتتىم،ئارلىقتا تاشلىغان ئەمما سىز مىنى كۆزگە ئىلمىغاندىن كىيىن مەن شۇ يەنە بالىلار بىلەن بۈگۈن يەنە چىكىپ قالدىم،سىز  مەن بىلەن كۆرۈشمەمسىز؟ راسلا مەن بىلەن كۆرۈشمەمسىز؟-ئۇ دايىملا مەن بىلەن كۆرەشمەمسىز دەپلا قاقشايتتى،سەرۋەر ئەمدى قورقۇپ قالدى،

«بوپتىلا،كۆرۈشۈپ  بولغاندىن كىيىن ،بولمايدىكەنسىز،ناچار مىجەزلىرىڭىز بارىكەن ياكى كىچىككەنسىز دەپ كىتىپ قالساممۇ بولىدۇ،قىيىشقىنىڭغا  كۆرسىتەي دەپ قالسا بۇ قىزىل پاچاقلا بىلەن قىيشىپ بولغىلى بولماي قالىدۇ» دەپ ئويلاپ سەرۋەر ئۇنىڭغا ماقۇللۇق بەردى،لىكىن قاچان شەھەرگە بىرىشنى دىيەلمەيتتى،ئارمان بولسا دائىملا ئاممىۋى تىلفوندا تىلفون قىلاتتى،شۇڭا ئۇ ماۋۇ كۈنى دىسىڭىز مەن تىلفون قىلىمەن دەپ ئۇنى تىزىراق كۆرشۈشكە ئورۇنلاشتۇرشقا قىستايتتى.   
سەرۋەر ئابلىكىمگە ۋەدە قىلغان ۋاقىتتا يەنە ئۆيدىكىلەر پۇتلىكاشاڭ بولوپ بارالمىدى،كۆرۈڭ  بۇ ۋاقىتتىكى ئابلىكىمدىكى خاپىلىقنى،ئۇ كۆڭلىدە سەرۋەر دىگەن ھىلىقى ئۇچۇرنى يەنى «نەچچىسى ئوينىتىمەن دىدى»، دىگەن ئۇچۇر بىلەن ئالدىدا ئەۋەتكەن ھىلىقى ئۇچۇرنى ئويلاۋاتاتتى،ئەمما سەرۋەر بولسا بىر كۆزى قان بىر كۆزى ياش ئۆيدە يىغلاپ ئولتۇراتتى.ئۇنىڭمۇ ئابلىكىمنى كۆرگىسى كىلۋاتاتتى،كىم بىلسۇن سەرۋەر ئابلىكىمگە ئۇچۇر يىزىپ ئەھۋالىنى ئېيتىپ يىغلاپ تۇرۇپ يوللاپ بولىشىغا تىلىفونىنىڭ توكى تۈگەپ كەتكەن ئىدى،مىيىنى ئالماشتۇرغۇچە ئارلىقتا ئابلىكم تىلفون قىلدى، «مۇلازىمەت دائىرىسى ئىچىدە ئەمەس»دىگەننى ئاڭلاپلا ئابلىكىم غەزەپ بىلەن تىلفوننى يەرگە ئىتىۋەتتى،سەرۋەر تىلفون قىلسا ئۇنىڭمۇ شۇ،شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككىسىنىڭ نارازلىقى باشلاندى،سەرۋەر ئۇنىڭغا قىيداپ ئارمان بىلەن ئارلاشماقچى بولدى،چۈنكى ئۇ شۇنداق ئازاپلىنىپ تىلفون قىلسا ئابلىكىمنى تىلفوننى ئىتۋالدى دەپ ئويلاۋاتقان ئىدى،ئۇ ئۇ كىچىسى ئابلىكىمنىڭ ئۇخلىمىغانلىقىدىن بىخەۋەر ئىدى.چۈنكى ئابلىكىمنىڭ باشتىكى ھىلىقى گۇماننى قىلىپ تۇرۇشىغا، سەرۋەرنىڭ ئۇچۇرنى يوللاپ بولوشىغىلا، تىلفونىنىڭ مۇلازىمەت دائىرىسىدە ئەمەس بولوپ قىلىشى،ئابلىكىمنى قىيناپ كىچىچە ئۇخلاتمدى.
ئارمان بولسا سەرۋەرگە ئىككى كۈننىڭ بىرسىدە تىلفون قىلىپ،قىزىنى «قىزىم »دەپ ئەكىلىتىپ سۆزلەپ بالىغا مىھرىبانلىقىنى بىلدۈرۈپ تۇرغاندىن كىيىن سەرۋەرمۇ ئۇنى نىملا بولمىسۇن بالىنى ياخشى كۆردىكەن،قارىغاندا يامان ئىللەتلىرىنى تاشلاشقا ئۈندىسە تاشلايدىغان ئوخشايدۇ، نىشە چەكسە تاشلاتقىلى بولدىكەن،ئۇمۇ شۇ سەۋەپ بىلەن ياخشى ئادەم بولوپ قالار،ئاڭغىچە ئابلىكىممۇ ئاچچىقىدىن يىنىپ قالار،ئارمان بىلەن دوس بولوپ ئۆتۈپ تۇراي دەپ ئويلىدى.شۇبىر ئۇقۇشماسلىق  بىلەن ئۇنىڭ يەنە تەتۈر قىسمەتكە دۇچار بولىشىنى كىم بىلسۇن،بۇ دوسلۇقنىڭ ئاقىۋىتى خۇددى«كۆڭۈلچەكنىڭ ***** ئۇچۇق »دىگەندەك سەرۋەرنىڭ ھالاكىتى بىلەن ئاخىرلاشقىلى تاس قالدى .ھىلىمۇ ئۇنىڭ ئارتىستتەك مىجەزى  ئىشلارنى ياخشىلاپ كەتكەن بىلەن ،ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدكى بەزى بالادىن قوقمايدىغان مىجەزىنى ئايان قىلغان ئىدى.   
سەرۋەرنىڭ بىر ئىشلارغا ئالدىراپلا قارار چىقىرىۋىتىغان مىجەزى بۇرۇندىنلا ئۇنى نۇرغۇن زىيانغا ئۇچۇرىتىپ كىلىۋاتقان ئىدى،ئەمما شۇنچە يىللار ئۆتۈپمۇ ئۇنىڭ يەنە بۇرنىغا يىمەي ئۆزگەرتمەي يۈرگەن مىجەزى ئاخىرى ئۇنىڭغا نۇرغۇن باش ئاغرىقلىرىنى ئىلىپ كەلدى،بۇرۇنقىلارنىڭ دىگىنى نىمە دىگەن توغرا ھە؟«تەدبىرىڭ قانداق بولسا تەغدىرىڭ شۇنداق بولىدۇ»دەپ.....بۇ ئىشتا سەرۋەرنىڭ قوللانغان تەدبىرى ناتوغرا بولوپ قالدى،مەيلى مۇھەببەت،مەيلى تۇرمۇش جەھەتتە بولسۇن ئۇ بۇ قىتىم ئويلاشماي ئىش قىلدى،ئەمما ئۇ ئۇنچىلىك ئالدىراڭغۇ،«يەتتە ئۆلچەپ بىر كىسىش»نى بىلمەيدىغان قىز ئەمەس ئىدىغۇ؟ئۇ نىمە ئۈچۈن بۆرە ھۇشۇقىغا ئۇنچە باغلاندى،ئۇنچە ئىشەندى،ئۇ بۇنداق ئىشلارنى خۇراپاتلىق دەپ ئويلىمامدىغاندۇ؟ياق،ئۇ ئەقلسىز ئەمەس،ئۇ ئويلاشتى،ئارماننى ئۆزگەرتىش نىيىتىدە بولشى ئۇنىڭ يۈزەكى نىيىتى،باشقىلارغا بىرىدىغان تەسىراتى،ئەمما ئىچكى دۇنياسىدا بارغانچە تۈگۈنچە بولوپ مىڭىۋاتقان مىھىرسىزلىك،ئىنىقسىز باش ئاخىرى يوق مۇناسىۋەتلەر ئۇنىڭ چارچاپ ئاران قالغان مىڭىسنى ئاستا-ئاستا مۇشۇنداق نەرسىلەرگە باغلاپ قويىۋاتاتتى.ئۇ بەك يىگانە قالغان ئىدى،چۈنكى ئۇ كۆز ياشلىرىنى ھىچكىمگە كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن قەيسىرانە ياشاپ كىلىۋاتقان، باشقىلار ئۇنداق -مۇنداق دەپ يول كۆرسۈتۈپ بولغىچە بىر ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتىنى مۆلچەرلەپ تۇرۇپ تۈزۈپ قويىدىغان پىلانلىرى بولغاچقا، ھىچكىم ئۇنىڭغا ئارتۇق يول كۆرسۈتۈپ يۈرمەيدىغان بولۇپ قالغان ،پەقەت دەپ بەرگەنلىرىنى ئاڭلاپلا خاتا ماڭماقچى بولغان يەرلىرىدە يول كۆرسۈتۈپ بىرىپلا ئۇنىڭغا بىرىشكە تىگىشلىك بولغان،ئۇ ئەڭ ئىھتىياجلىق بولغان مۇھەببەتنى بىرىشنى ھىچكىم ئويلىمايتتى،ئويلىمايتتى ئەمەس،ئۇنىڭ ئىھتىياجلىق بولۋاتقىنىنى بىلىپ يىتەلمەيۋاتاتتى.«ئادەم بەكلا قەيسەر،ئەركىن بولوپ كەتسىمۇ باشقىلارنىڭ مىھىر مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ قالامدۇ نىمە؟» دەپ ئويلاپ قالاتتى سەرۋەر بەزىدە،ئەي ئىنسان تاشقى كۆرنۈشى تولىمۇ قەيسەر بولغان ھەر قانداق بىر شەيئىنىڭ، ئىچكى قىسىمغا بەلكىم سىز ھىس قىلىپمۇ يىتەلمەيدىغان بىر نازۇكلۇق يۇشۇرۇنغان بولشى،سىز ئۇنڭغا يۈزەكى قارسىڭىز ئۇنى ھىس قىلىپ يىتەلمەسلىكىڭىز مۈمكىن،شۇڭا سىز شۇنداق چىداملىق كۆرۈنۈشتىكى نەرسىگە كۆڭۈل كۆزىڭىز بىلەن قارىسڭىز ئۇنىڭ ئىچىنىڭ كاۋاك ئىكەنلىكىنى،تولىمۇ نازۇك ئىكەنلىكىنى،سىزنىڭ تولىمۇ ئىھتىيات قىلىشڭىز كىرەكلىكىنى ھىس قىلىپ قالسىز...  
سەرۋەر مانا مۇشۇنداق بىر ئىچكى ھىسىياتنىڭ تۈرتكىسىدە ئۆزىنىڭ باشقىلارغا يىقىنلىشىشنى  ئالدى بىلەن ئۇلۇغ ئاللاغا،ئۇندىن قالسامۇشۇ بۆرە ھۇشۇقىغا باغلاپ قارىغان،ئۇنىڭغا شۇنچىلىك بىرىلگەن ئىدى.ئۇ شەھەرگە كىرىپلا بىرىنجى بولوپ ئۆزىنىڭ ھىسياتىنى چۈشىنىدىغان،نەسىھەتلەر بىرەلەيدىغان ھەم چوڭلىق ھۆرمىتى بىلەن سەرۋەرنى پىكىرىگە قايىل قىلالايدىغان مومىسى(چوڭ دادىسىنىڭ سىڭلىسى، ئەسەردەقىسقارتىلىپ مومىسى دەپ چاقىرىلدۇ)نىڭ ئۆيىگە بارىدۇ.چۈنكى ئۇ شۇنداق خوشال ئىدى،بۆرە ھۇشۇقىغا ئائىت بىر نىمىلەرنى بىلىپ باققۇسى كىلەتتى.ئۇنىڭ  كىچىك بالىدەك قىلىقى تولىمۇ كۈلكىلىك ئىدى،ئۇ تاماق يەپ بولوپ دۇئادىن كىيىن ئۈستەلدە تاماق يەۋاتقانلارغا كۆرسۈتۈپ راس بۆرە ھوشۇقىمۇدۇ-يالغانمىدۇ دەپ دام- دام قىلغىلى باشلىدى.ئاڭغىچە بىر نەۋرىسى قوپوپ «ئاچا بۆرە ھۇشۇقى دىگەننى قىمارۋازلار تاقىۋالسا ئۇتۇپ چىقىپ كىتىدۇ دەپ ئاڭلىغان،سىز نىمە قىلسىز،شياڭگاڭنىڭ كىنولىرىدا بارغۇ داڭلىق قىمارۋازلارنىڭ بوينىدا،سىز يا قىمار ئوينىمىسىڭىز»دەپ چاقچاق قىلىۋىدى،سەرۋەرمۇ تىزلا چاقچاق قايتۇردى،«شۇنداق ياخشى ئىش بولسا مەن 斗地主ئويناشنى بىلىمەن،شۇنى بولسىمۇ ئويناپ پۇل ئۇتىۋالمايمەنمۇ؟مۇشۇ ھۇشۇقنىڭ پۇلىنى بولسىمۇ ئۇتىۋىلىپ ئاندىن سىلەرگە ئۇتۇش نۆۋىتىنى ئۆتكۈزۋەتمەمدىمەن»، سەرۋەر كۈلۈپ تۇرۇپ شۇنداق دەپ بولوپ مومىسىغا قاردى،مومىسى ئىپادىسىزلا قاراپ تۇراتتى،ئۇلار  شۇنداق قىلىشامدۇق دىيىشىپ كۈلۈشۈپ ئورنىدىن تۇرۇشۇپ كىرىپ كىتىشتى،كەچتە ياتقاندا مومىسى بىلەن پاراڭلاشقاندا مومىسى نۇرغۇن پاراڭلارنى قىلىپ بەردى،ئۇنىڭ بۇرۇنلاردا بار ئىش ئىكەنلىكىنى،بۇنداق نەرسىلەرگە ئىشىنىپ يۈرۈشنىڭ بۇرۇندىن قالغان بىر خاتا ئۇقۇم ئىكەنلىكىنى ئىيتىپ نىمىشقا ئۇنىڭ نامىزىنى ئوقىماي تاشلىۋەتكەنلىكىنى،بۇلتۇر رامىزاندا بىر ئوبدان بەش ۋاق نامىزىنى باشلاپ داۋاملاشتۇرمىغانلىقىنى ئىيتىپ ئازىراق كايىدى، سەرۋەر شۇنچىلىك سەزگۈر بولوپ كەتتىكى،ھەر قانداق بىر ئەيىپلەش خاراكتىردىكى سۆزلەرنى قۇبۇل قىلالمايتتى،ھەتتا بىر جۈمىلە بولسىمۇ...  
ئۇ يىغلاپ كەتتى،سۆزلىگەنسىرى ئۆپكىسى ئۆرۈلۈپ ئاۋازى يۇقىرى ئۆرلەپ كىتۋاتاتتى،ئۇ ئۆزىنىڭ تولىمۇ يالغۇز قالغانلىقىنى، بىر ئىشلارنى بىجىرىش ئۈچۈن بىر ئادەمنىڭ ئالدىغا چىراي ساغىرتىپ قانچىلىك جاپادا باردىغانلىقىنى،ئۇنى ئۆيدىكىلەرنىڭ چۈشەنمەي ئۇنىڭغا تاپا تەنە قىلۋاتقانلىقىنى،ئۇنىڭ تولىمۇ مىھىر مۇھەببەتكە مۇھتاج بولۋاتقانلىقىنى،........ئىشقىلىپ ئىچىدە بارلىكى ئازاپلىرىنى بىراقلا تۆكۈپ تاشلىدى،شۇنىڭ بىلەن سەرۋەر ئۆزىنى يەڭگىللەپ قالغاندەك ھىس قىلدى.كىيىن قىيىن  ئانىسىنىڭ بۇرۇندىن ئۆيلەردە تۇمار دىگەندەك نەرسىلەرنى سەرۋەرگە بىرىپ ئوبدان ساقلىشىنى،ئىگىز يەردە ساقلىشىنى تەكىتلەپ كىتىدىغىنىنى،ئانچە مۇنچە كونىلىقلار بىلەن ھەپلىشىدىغىنىنى دەپ كىلىپ، ئۆزىنىڭ ھىلىقى- يۈك تاقلىرىنى ئىلىپ كەتكىلى كەلگەندە يولدىشىغا دىگەن گىپنى ئەسلىتىپ ئۆتۈپ بىر  ئىشنى سۆزلەپ بەردى.
بىر كۈنى سەرۋەر يولدا كىتىپ بىرىپ تۇيۇقسىز بۇرۇنقى بىر قوشىنىسىنى ئۇچۇرتىپ قالدى. بىردەم مۇڭدىشىپ مىڭىپ، ئۇ ئايال سەرۋەرگە؛  
-شۇنچىلىك ئىسىل ئاتا- ئانىڭىز بار ئىدى،ياخشى قۇدىنىڭ قەدىرىگە يەتمىدى،ئەمدى يىڭى ئالغان ئايالىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇلا بىلەن جىدەل......-سەرۋەر بۇ ئايالنىڭ مۇشۇنداق گەپ توشۇشلىرىنى ياخشى كۆرمەيتتى،چۈنكى بۇرۇنمۇ مۇشۇنداق سۆزلەپ يۈرۈپ ئەر-خوتۇن ئىككىسىنىڭ ئىچىگىمۇ نۇرغۇن خاپىلىقلارنى سالغان،ھازىرمۇھەم ئۆگەنگەن خۇي ئۆلگىچە دەپ يەنە شۇ مىجەزنى تاشلىمىغانلىقىغا ئىچى پۇشقان بولسىمۇ، لىكىن جىدەل دىگەن گەپكە ھەيران بولوپ سوردى؛
-نىمە دەيسىز،بۇلار يىڭى قۇدىسى بىلەن ئۇرشۇپمۇ ئۈلگۈرۈپتىمۇ؟ ھازىرقى ئايالى ئىغىر ئاياق بولوپتىكەنغۇ،شۇنداق تۇرۇپ يەنە نىمە ئۇرۇشۇپ يۈرگەندۇ؟  
-شۇنى دەڭە قىيىن ئانىڭىز بولسا ھىلى يۇرتىغا چاپىدۇ ھىلى بۇلارنىڭ قىشىغا كىلىدۇ،ئىقتىسادتا بۇلارنى يالجىتمىيلا قالماي،قايسى كۈنى قايتىپ كىلىپلا بىر قارا توخۇنى ئۆلتۈرۈپلا بشىدىن ئۆرىۋىتەيلى،ياخشى بولىدۇ دەپ بىر نىمىلەرنى قىلىپ يۈرگەن ئوخشايدۇ،نەچچە كۈن ئۆتمەيلا بالىسى قورسىقىدا تۇنجۇقۇپ قاپتۇ،كىلىننى بولسا ھامىلدارلار قان بىسىمى بولوپ قاپتۇ دەپ دىئاگنوز قويۇپ،بۇندىن كىيىن بالا ئالسىلا شۇنداق بولدۇ دىگەن ئوخشايدۇ، شۇنىڭ بىلەن قىزنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بىر مۇنچە خاپا بولوپ  قىزىمىزنى سەن قارا توخۇلارنى ئۆرۈپ يۈرۈپ تۇغماس قىلىپ قويدۇڭ دەپ دوختۇرخاندىلا....-گەپنىڭ ئاخرى قۇلىقىغا كىرمىدى،بالسى تۇنجۇقۇپ قاپتۇ؟ئاللا مانا مۇشۇنداق ئۇلۇغ،ئەمما قىيىن ئانىسى مۇشۇنداق بىدئەت قىلىقلارنى ئۆلگەندە بىراقلا تاشلايدىغان بولدى دەپ ئويلىغان ئىدى سەرۋەر.
 
ئۇ بۇ ئىشلارنى دەپ كىلىپ شۇ ئىشلار يۈز بەرگەن ۋاقىت بىلەن  سەرۋەرنىڭ غۇلجىدىن كەلگەن ھەم ھۇشۇقنى ئىسىپ يۈرگەن ۋاقىتنىڭ نەق توغرا كىلىدىغىنىنى ھىس قىلىپ قالدى،ئەجىبا ئاللا ئۇلارنىڭ سەرۋەرگە يەتكۈزگەن شۇنچە ئەزىيەتلىرى ئۈچۈن قىساسى يىتىۋاتقانمىدۇ؟ئۇ شۇلارنى دەپ كىلىپ مومىسىغا نۇرسىز قاپقارا كۆزلىرىدە تىكىلدى،بۇ كۆزلەر دۇنيادىن نۇر ئىزلەۋاتاتتى، قاراڭغۇلۇققا مەھكۇم بولوشنى خالىمايتتى،مومىسى ئۇنىڭغا پەقەت مىھرىبانلىققا تولغان سۆزلىرى بىلەن كۆڭلىنى نۇرلاندۇرۇپلا تۇرۋاتاتتى.ئۇ مومىسىغا ئۆزىنىڭ بۈگۈن بىر يەرگە بىرىپ ئويناپ كىلىدىغنىنى ئاستا مومىسىنىڭ مۈرىسىنى تۇتۇپ قويغاچ،كىچىك بالىدەك ئەركىلەپ تۇرۇپ دىدى.مومىسى كىم ئىكەنلىكىنى سورىۋىدى سەرۋەر : 
-بۇرۇن مەن بىلەن بىللە ئىشلىگەن بىر ھەدەشلەر بار ئىدى،مىنىڭ ئاجىراشقىنىمنى ئاڭلاپ ياشتا چوڭىراق بولسىمۇ بىرسىنى تۇنۇشتۇرۇپتىكەن،مەن تازا مەيلىم بولمىسىمۇ شۇ ھەدەشلەرنىڭ يۈزى ئۈچۈنلا بىرىپ كۆرشۈپ كىلەيمىكىن،توي قىلغۇمغۇ  يوقلا  زادى- دىدى.سەرۋەر دائىملا شۇنداق دەپ تۇراتتىيۇ،ئابلىكىم ئىككىسىنىڭ ئىشى توغۇرلۇق بىر نىمە دىمەيتتى ھەم دىيەلمەيتتى.چۈنكى ئۇ ئىككىسىگىمۇ ئىنىق ئەمەس،مۇھەببەتنىڭ تولۇق شەرتى پىشىپ يىتىلدىمۇ،توي قىلىش باشقۇچىغا قەدەم قويدىمۇ يوقمۇ ئۇلار تىخى ئويلاشمىغان ئىدى.
ئۇنىڭ يالغان سۆزى مومىسىنى ئىشەندۈردى،ئۇ ئارمان بىلەن قايسى كۈنىلا  ئالدىن دىيىشىپ قويغان،سەرۋەر شەھەرگە كىرىپ نىمە ئشلارنى قىلدىغانلىقىنى،ئارماننىڭ قانچىلەردە تىلفون قىلسا بولدىغانلىقى توغۇرسىدا دىيىشىپ قويغان،شۇ ۋاقىتقا يىقىنلاپ قالغان ئىدى،سەرۋەر خىلى يامان ئەمەس كىلىدىغان پادىچىلار ئىشتىنى بىلەن ياقىسى سەل تۈۋەنرەك بولسمۇ شۇ ئىشتان بىلەن ماسلاشتۇرۇپ ئالغان چىرايلىق گاڭسىرىنى كىيىپ چىقتى،ئارمان نەق دىگەن ۋاقتىدا تىلفون قىلدى ھەم  ئادەم ئاۋات بازار ئوتتۇرسىدىكى بىرتورتخانىدا ئۇچىراشقىنىغا قاراپ سەرۋەر دەسلەپكى قەدەمدە ئۇنىڭ ئالداپ ئويناپ قويۇش ئويى يوق ئىكەن دەپلا ساددا خيالدا بولوپ قالدى ھەم خاتىرجەم بولوپ قالدى.
ئەمدىلا ئولتۇراي دەپ ئالدىغا سەللا ئىگلىشىگە ھۇشۇق بوينىدىن سىرلىپلا گاڭسىرنىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتتى،سەرۋەر تىزلا ئۇنى ئىچىگە سىلىۋەتكەن بولسىمۇ ئارماننىڭ ئوغىرىدەك ئىتتىك كۆزلىرىدىن قىچىپ كىتەلمىدى،ئولتۇرۇپلا:  
-بەك چىرايلىق بولغاچقا كۆز تەگمىسۇن دەپ ھوشۇقنى بوينىڭىزغا ئىسىپ قويۇپتۇ دەڭ-دىدى ھىجىيىپ تۇرۇپ.   
-كۆرۈپ قاپسىز دەڭ،نىمىدىگەن ئۆتكۈر كۆزلىرىڭىز، بوۋامنىڭ بار ئىكەندۇق،ماڭا بەك ئامراق بولغاچقا تەۋەررۈك قالدۇرۇپتىكەن، ئۆيدىكىلەر مەن سەل چوڭ بولغاندا ماڭا ئىسىپ قويغان،نەچچە يىللار بولوپ قالدى-سەرۋەرنىڭ ھەممە ئىشنى راس-راستى بىلەن دەۋىتىپ، گەپنى شاخلىتىشنى ياخشى كۆرمەيدىغان مىجەزى بار ئىدى.شۇنداق دەپلا قۇتۇلماقچى بولدى.  
-ئەلۋەتتە كۆزىمىز ئۆتكۈر بولمىسا سىزنى تاپقىلى بولاتتىمۇ-ئۇنىڭ سەرۋەر ياقتۇرمايدىغان مۇشۇنداق يالغان ياۋداق تەسىر بىرىدىغان سۆزلىرى شۇنچە جىق ئىدى.لىكىن ئۇ ئارماننى ۋاقىتلىق ئابلىكىمنىڭ ئورنىغا قويىۋاتقان بولغاچقا يەنە ئاڭلاپ كۆڭلىنىڭ بىر يەرلىرىدە خوش بوپمۇ قويۋاتاتتى.  
-بەك چىرايلىق بولغاچقا دەپ ئادەمنى خىجىل قىلماڭە،نەدە ئۇنچە چىرايلىق چىراي بولسۇن،موماي بولاي دەپ قالدىم شۇ تاپتا-دىدى سەرۋەر ئالدىدىكى قەھۋەنى ئوتلىغاچ كۈلۈپ تۇرۇپ،بۇ ۋاقىتتا ئۇ تولىمۇ نازاكەتلىك بولوپ كىتەتتى.ئەمما ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى تەرەققى قىلغانسىرى بۇنداق نازاكەتلىك يوقاپ ئەركىلەپ تەنە گەپ قىلىۋالدىغانغا ئايلىنىپ باردى،ئاندىن ئۇ ئارماننىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتى.ئەمما ئارماننڭ قانداق ئادەم بولىشىغا ئۇ ئۇنچە يۈرۈگىدىن ئۆكۈنۈپ كەتمىدى،چۈنكى ئۇ شۇنچە پەرۋا قىلىدىغان ئابلىكىمى بار ئىدى، كارى بولمىغاندەك بولۋالغان بىلەن سەرۋەر يەنىلا ئىچىدە ئۇنىڭ ئاچچىقى يانمىغانمىدۇ؟دەپ ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ تۇراتتى،ئارمانغا بولسا يۈزەكى مۇئامىلە قىلىپ شۇڭا تىزلا ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىدە بىلىپ بىلمەي كىچىككىنە رەنجىشلەر پەيدا بولوپ قىلىۋتاتتى.بۇلار سەرۋەرگە تىزلا تەسىر كۆرسىتەتتى.بىر كۈنى يۈز بەرگەن بىر ئىشتا تۇيۇقسىزلا ئارماننىڭ ھەم قىمارۋاز،ھەم نىشىكەش،ھەم ئوغرى مىجەزلىرى بار ئىكەنلىكىنى باشقا بىرسىدىن ئەمەس.دەل ئارماننىڭ يىقىن دوستۇم دەپ ئىشىنىپ يۈرگەن كىشىسىدىن ئاڭلىدى،يەنە ئۇنىڭ نۇرغۇن سىرلىرىنى بىلىۋىلىشىغا سەۋەپ بولدى.

سەرۋەر شۇنداق قىلىپ ئابلىكىم بىلەن« تامامەن ئۆزىنى تارتىش ئارقىلىق ئويلىشىپ بىقىش ئوينى»نى ئويناۋەردى،ئارمان بىلەن بولسا مۇناسىۋىتى بارغانسىرى كۈچلەنگىلى تۇردى،كىينچە ئارمانمۇ ئۆزىنىڭ يانفونى بولمىغانلىقى ئۈچۈن دوسلىرى بىلەن ئالاقىلىششىتا سەرۋەرنىڭ تىلفونىنى  ئىشلىتىپ ئۇردىغان،سەرۋەر بولسا مەكتەپكە كەلگەن باھانىدە كىلىپ پات-پات ئارمان بىلەن كۆرشۈپ كىتىدىغان، كۆڭلىدە ئۇنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۆزەتمەكچى بولغان ئىدى،ئەلۋەتتە ئەجىرى بىكارغا كەتمىدى،ئۇ ئاخىرى بىلدى،ئارمان دەسلەپتە «ئېشىكى كۆۋرۈكتىن ئۆتىۋالغىچە»شۇنداق ۋەدىلەرنى بەرگىنى بىلەن يەنىلا خۇپىيانە ئۆزى بىلگەن سەنەمگە دەسسەپ يۈرگەن ئىكەن.

بىر كۈنى سەرۋەر ھويلىسىدا  بالىسىنىڭ كىر-قاتلىرىنى يۇيۇپ ئولتۇرسا تۇيۇقسىز  تىلفون كىلىپ قالدى،نۇمۇرىغا قارىسا قايسى كۈنى ئارمان دوستۇمغا ئۇرۋالاي دەپ  تىلفون ئۇرغان نۇمۇر،ئۇ كۆڭلىدە ئارمان بولسا كىرەك دەپ كۈلۈپ تۇرۇپ،  
-ۋەي،نىمە بولدىڭىز؟ يەنە بىرە ئاغىنىڭىزنىڭ تىلفونىنى ئىلىپ ئۇرۋالاي دەپسىز دەڭ-دەپ تۇرشىغا ،تىلفون تۇرۇپكىسىدىن ئاڭلانغان كۈلگەن ئاۋاز بىلەن تەڭ يەنە بىر تەمكىن ئاۋاز ئاڭلاندى.  
-ياخشىمۇسىز دەپ ئىلىشمۇ يوقمۇ؟مەن ئارماننىڭ دوستى بولىمەن،قايسى كۈنى سىزنىڭ تىلفونىڭزىدا مىنى ئىزدەپ تىلفون قىلىپتىكەن،مەن شۇ سىز بىلەن دوس بولوپ قالغۇم كىلىپ تىلفون قىلغان،بەكلا تاتلىق گەپ قىلىدىكەنسىز،پاراڭلىشىپ ئۆتسەك بولامدۇ؟-دىدى قارشى تەرەپ.سەرۋەرنىڭ مۇشۇنداق مەسئۇليەتسىز قىلىقلاردىن شۇنداق خوشى يوق ئىدى،لىكىن ئۇ شۇ كۈنى مۇشۇ نۇمۇرغا تىلفون قىلغان چاغدا كۆڭلىدە قىلىپ قالغان تۈگۈنچىنى يەشمەكچى بولوپ يەنىلا شۇنداق ئەدەپ بىلەن مۇئامىلە قىلدى.پاراڭلىشىپ بىردەمدىن كىينلا ئۇ بالا سەرۋەرگە چەكتىن ئاشقان پاراڭلارنى قىلغىلى تۇردى.سەرۋەر شۇنچىلىك سەسكەندى.ئۇ ئۇ بالىغا
-نىمانداق نۇمۇس دىگەننى ئۇنتۇپلا قالدىغان بولوپ قالدىڭلار،شەھەرلىكلەرنىڭ سولامچىلىق قىلىش ئۇسۇلى سەرخىل بولوپ كىتىۋاتامدۇ نىمە؟ئارمان مۇھەببىتىم تۇرۇپ، مىنىڭ يانفونومدا تىلفون ئۇرۇپ سىز بىلەن سۆزلىشىپ،سىزنى كىيىن كۈشكۈرتۈپ تىلفون ئۇرغۇزۇپ مىنى چىلىپ بىقىۋاتقان ئوخشمامدۇ؟   
-ياق،ياق،ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس،ئۇ مىنىڭ سىزگە تىلفون قىلغىنىمنىمۇ بىلمەيدۇ،سىز نىمە دەيسىز؟سىز ئۇنىڭ مۇھەبىتىما؟-دىۋىدى،سەرۋەرنىڭ كۆڭلى بىر نىمنى تۇيغاندەكلا سوردى،  
-ھەئە،قانداق،دوستۇم دەپ ئولتۇرۇپ دوستىڭىزنىڭ مۇھابىتىگە مۇشۇنداق ئەدەپسىزلىك قىلىشتىن ئۇيالمامسىز؟-سەرۋەر يەنە جىقىراق گەپ ئىلىپ بىقىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا سىلىق مۇئامىلە قىلىشقا توغرا كىلىۋاتاتتى.-قايسى كۈنى ئۇ سىزگە تىلفوندا« بەكلا جىددى لازىم بولوپ قالدى ئاداش،ھازىرلا بارىمەن »دەپ چىقىپ كىتىۋاتقان،نىشىنى سىزدىن ئالدىغان ئوخشىمامدۇ؟-سەرۋەر شۇنداق دىۋىدى،ھىلىقى بالا چۈچۈپلا كەتتى،  
-سىز ئارماننىڭ نىشە چىكىدىغىنىنىمۇ بىلدىكەنسىز دەڭ،راستىمنى دىسەم بۇ ئاغىنەم شۇنداق ئويناپ قويغانلىرىدا پۇللارنى جىقىراق خەجلەپ قويىدۇ،ساپ قىزلار ئۈچۈن خەجلەپلا يۈرىدۇ،چىكىشنى چىكىدۇ،ئەمما ئۇ نەرسىگە مەن يىقىنمۇ بارمايمەن،ئۇ كۈنى مەندىن پۇل سوراپ ئۇرۇپتىكەن شۇ،تولىراق مىنى  سورۇنغا باشلاپ بارىدۇ،مەن مىھمان قىلىمەن،ئۇ كۈنى سىز باركەنسىز،مەن بىر سورۇندا بولوپ قىلىپ بارالمىغان شۇڭا بۈگۈن ئەھۋال سوراپ تىلفون ئۇرۇپ قوياي دەپلائۇرۇپ قالدىم-ئۇنىڭ گەپلىرىدىن ئارماننىڭ يەنە ئۆزى بىلگەن سەنەمگە دەسسەپ يۈرۋاتقانلىقىنى بىلگەن سەرۋەر ھىلقى دوستىغا ياخشى مۇئامىلە قىلغان بولۋىلىپ ئارماننىڭ ئاق چىكىدىغان چەكمەيدىغانلىقىنى بىلمەكچى بولوپ قالدى،شۇنىڭ بىلەن ھىلىقى دوستى بىلەن ئۇ كۈنى ئاددىلا خوشلىشىپ كىيىنچە ئالاقلىشايلى دەپ قويۋەتتى.  
راست ،ئارمان يەنە ئۆزى بىلگەن سەنەمگە دەسسەپ يۈرۋاتاتتى،ئۇ بىرە بىرەدە يەنە چىكىۋاتقانلىقىنى دەپ سەرۋەرگە دەپ قويسا بىرە بىرەدە سىرتتا ئىشلەۋاتقانلىقىنى دەپ يۈرگەن بولغاچقا سەرۋەر ئۇ توغۇرسىدا بىلدىغانلىرىنى مەخپى تۇتۇپ ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلىپ يۈرگەچ ھىلىقى دوستى بىلەن سوزلىشىپ ئۇنىڭ نۇرغۇن ناچار ئىللەتلىرىنى،يەنە قىمارمۇ ئويناپ قويدىغانلىقىنى بىلدى،ئۇ ھىلقى بالدىن بىلىشىچە.راسلا ئاق چەكمەيدىكەن، ئۇ بالا تىخى ئۇنى مەسخىرە قىلىپ «پۇلى بولسا چىكەلەيدۇ،ئۇ ئاق تاماكا دىگەننى،بىرە يەردە مۇقىم ئىشلىمىسە نىمىنى چىكىدۇ،يىقىننىڭزى بىر قۇرلۇش ئورنىدا ئىشلەيدىغان بولوپ قاپتۇ خىلى،بولمىسا ئۆزىنىڭ جىنىنىمۇ باقالمايتتى»دەپ قالدى ،لىكىن سەرۋەر ئۇنىڭ مەڭگۈياخشى بالىغا ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى بىلىپ يەتتى.  
بىر كۈنى سەرۋەر بىر خالى جايغا ئارماننى تەكلىپ قىلىپ قالدى،چۈنكى ئۇ ئابلىكمدىنمۇ،ئارماندىنمۇ ۋاز كىچىپ باشقا بىرسى بىلەن تىپىشىپ توي قىلماقچى بولغان ئىدى،سەرۋەر ئۇنچىلىك ۋىژدانسىزمۇ ئەمەس ئىدى،لىكىن ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكى قوپال مۇئامىلىلەر،ئۇنىڭغا كىلىۋاتقان تىلفونلارغا قارىتا تۇتۋاتقان پوزىتسىيەلەر شۇنچە يىل شەھەردە ئۇنچىلىك چەكلىمىگە ئۇچرىماي ساپلا ئىرىنىڭ خورلىقى ئاستىدا ئازاپلىنىپ ياشىغان سەرۋەرنى بۇ ئۆيدىن مىھىرسىز قىلىۋىتىپ باراتتى،تۇرۇپ يىقىن ئۇرۇق تۇغقانلىرىدىن«مەن ئاپام بىلەن دادادامنىڭ ئۆگەي بالىسىمۇ؟نىمىشقا ماڭا بۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ؟»دەپ سورغىسى كىلىپ كىتەتتى.ئەگەردە شەھەردە ئىرى شۇنچىلىك چەكلىمە قويۇپ، قايىل قىلارلىق گىپى،ئەرلىك غورورى بىلەن باشقۇرۇپ كىتەلىگەن بولسا،ھەدىدىلا زورلۇق كۈچى ئىشلىتىپ سەرۋەرنىڭ ئالدىدا ئىززەت ئابرۇيى،يۈزىنى تامامەن تۆكىۋالمىغان بولسا ئۇلارنىڭ ئائىلىسىمۇ بۇزۇلمىغان،سەرۋەرمۇ چەكلىمىنىڭ قانداق بولدىغىنىنى بىلىپ ياشىغان بولاتتى،ئەر -خوتۇن ئىككىسى خۇددى بىر-بىرىنىڭ ئىشى بىلەن قەتتى مۇناسىۋىتى يوقتەك يۈردىغان بولغاچقا،ئۆيىگە قايتىپ كىلىپلا ئاتا-ئانىسىنىڭ خۇددى ئەمدىلا ياتلىق قىلىش ئالدىدا تۇرغان قىزغا چەكلىمە قويغاندەك قىلىۋاتقان قىلىقلىرى 6ياشلىق بالىنىڭ ئانىسى بولغان سەرۋەرگە بەكلا ئىغىر كىلىۋاتاتتى،ھەممىدىن ئاپىسىنىڭ ھەتتا قاچا قۇمۇچ يىغىشتۇرۇپ ئۆيگە كىچىكىپ كىرگەندە ياغدۇرۋاتقان زەھەردەك،غوروىغا قاتتىق تىگىدىغان گەپلىرى سەرۋەرنى نىرۋىسىدىن ئاداشتۇرايلا دىگەن ئىدى،شۇڭا ئۇ« بولدى،بالام ئۈچۈن دەپ قىلغان بارلىق ئىشلىرىمنى ئانام بولغان ئادەم چۈشەنمەي، ئىرىدىن ئاجىرىشىپ چىدىيالماي ئەمدى شەھەردىن كىرەلمەيۋاتدۇ دەپ چۈشنىۋاتقان يەردە بالام كەلگۈسىدە نىمە دىمەكچى،يەنىلا بالامغا ياخشى دادىدىن بىرنى تىپىپ بىرىپلا ئۆزۈممۇ بۇ ئاھانەتتىن قۇتىلاي»دەپ ئويلدىيۇ،لىكىن يەنە يۈرگىنىڭ بىر يەرلىرىدىن ئابلىكىمگە قىيمايتتى،چۈنكى ئۇنىڭ مانا مۇشۇنداق ئاھانەتلەرگە تولغان تۇرمۇشدا ئۇنىڭ يۈركىدىكى نۇرلۇق يۇلتۇزى بولوپ كەلگەن ئۇنىڭدىن شۇنچە ئاسانلا ۋاز كىچەلسۈنمۇ؟لىكىن ئۇ ئابلىكىم بىلەن ئىككىسىنىڭ بۇنداق ئاسان قىيدىشىپ قالدىغان مىجەزىدە كىيىنكى تۇرمۇشدا قىزى بىلەن........ئۇنىڭ كەلگۈسىدىكى بەخىتىگە كۆزى يەتمەيتتى.لىكىن ئابلىكىمنىڭ بالىغا يەنە كىلىپ سەرۋەرنىڭ بالىسىغا قانچلىك مىھىربان ئىكەنلىكىنى سەرۋەر بىلەتتى،تىخى بىر قىتىم ئابلىكىم ئۇنىڭدىن ئۆزى ئۈچۈن بالا تۇغۇپ بىرىشنى خالايدىغان خالىمايدىغانلىقىنىمۇ سورىغان،سەرۋەر ئۇنىڭ شۇنچە مىھىر مۇھەببەتلىكلىكىدىن سۆيۈنگەن بولسىمۇ،لىكىن نىكاھتىن كىيىنكى تۇرمۇشنىڭ مۇھەببەتلىشىۋاتقاندەك رومانتىك گۈزەل بولدىغان بولسا نۇرغۇن ئائلىسىدىن كۆڭۈلسىز بولوشلار بولمايدىغانلىقىنى شۇنداقلا ھازىرقى مۇناسۋىتىنى سىلىشتۇرۇپ،يەنىلا بۇ سۆيگۈدىن ۋاز كەچكەن ئىدى.شۇڭا ئۇ ئەڭ ئاخرقى نۆۋەت ئارماننى چاقىرىپ ئۇنىڭ بىلەن ئىنىق سۆزلىشىپ، مىڭىۋاتقان ئەمدىلا پۈتەي دەپ قالغان ئىشلىرىنى تاشلىۋەتمەكچى،ئارمانغا نەسىھەت سۈپىتىدە ئىككى ئىغىز سۆزلىشىپ خوشلاشماقچى بولغان ئىدى،ئارمانمۇ خۇددى ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلگەندەك نەق شۇ كۈنى ئۇنىڭ تۇنجى ئايلىق مۇئاشىنى ئالغانلىقىنى خوشاللىق بىلەن ئىيتىپ سەرۋەرنى نەگە دىسە شۇ يەرگە ئاپىرىپ ئوينىتىپ مىھمان قىلغۇسى بارلىقىنى دىدى.سەرۋەرمۇ كۆڭلىدە «بوپتىلا،شۇنچە ۋاقىت ئارلىشىپ يۈرۈپ بۇنچىلىك مەرتلىك بىلەن دىگەن گىپى تىخى تۇنجى قىتىم،بەلكىم ھالال ئەمگەك بىلەن تاپقان پۇلدىن سۆينىۋاتقان بولسا كىرەك»دەپ ئۇنى خالى بىر جايغا تەكلىپ قىلغان ئىدى.   
ئىككىسى ئاشخانىنىڭ ئايرىم خانىسىدا ئۇچىراشتى.جوزا يۈزى كۆرۈنمىگۈدەك توشتۇرۇلغان،تىخى ئىككى كىشىگىلا چوڭ تەخسىلىك توخۇدىن بىرنى بۇيرىۋالغان ئىدى.قورۇمىغاقىتىپ بەرگەن سوغۇق سەيلەردىن باشقا ھەر خىل سوغۇق ئىچىملىك، ئارمان ئۆزى ئىچىدىغان پىۋا،يەنە بەزى قوشۇمچە ئۇششاق يىمەكلىكلەر بىلەن جوزا يۈزى كۆرۈنمەي قالغان ئىدى.سەرۋەر ئىككىسى دەسلەپتە ئۇچىراشقان شۇ ۋاقىتتىن باشقا ۋاقىتتا ساپلا دەككە دۈككىدە ئۆتكەن كۈنلىرىنى ئەسلەپ كۈلۈپ قويدى،ھىلقى ئاغىنىسدىن ئۇنىڭ ئاق چىكىدىغان چەكمەيدىغانلىقىنى بىلىپ بولغىچە خۇددى ھەر بىر كۆرۈشكەندىلا ئۇنىڭ بىلەن بىللە يىگەن ھەر قانداق نەرسىگە خۇددى كىنولاردىكىدەك خىروئىننى ئارلاشتۇرۋىتىپلا ئەمدى مەندىن ئايرلىغىنىڭنى كۆرەي دەيدىغاندەك،ئۆزى كىلىپ ئاغزىنى ئاچمىغىچە ئاغزى ئۇچۇق بولغانلىكى نەرسىنى يىمەسلىككە تىرىشىقانلىقىنى،بەكلا سەزگۈر بولوپ كەتكەنلىكىنى ئويلاپ كۈلۈپ كەتتى.ئۇلار بىردەم يىيىشىپ ،ئىچىشىپ ئولتۇرغاندىن كىيىن  ئارمان بىرەيلەنگە تىلفون قىلىپ بىر نەرسىنىڭ كەلگەن كەلمىگەنلىكىنى،قاچان كىلدىغىنىنى سوراپ  تىلفون قىلىپ قالدى،ئۇ نۇمۇرلارنىىڭ ھەممىسى سەرۋەرنىڭ تىلفونىدا ساقلىنىپ قالغان ئىدى،سەرۋەر  ئارماندىن نىمىنىڭ كىلدىغىنىنى،ئۇنىڭ بۈگۈن شۇنچە خوش بولوپ كىتىشىنىڭ سەۋەبىنى سوردى،ئارمان ئۇنىڭغا شىخودىن كىلىدىغان مالنىڭ بارلىقىنى،ئۇنىڭ كەلگەندىن كىينلا ئارمانغا بىردىغىنىنى،ئۆزىنىڭ مىھمانخاندىن بىر ئۆي ئاچتۇرۇپ شۇ يەردە خاتىرجەم بىر تەرەپ قىلىپ بولوپ قايتىدىغىنىنى،كىلەر قىتىم كەلگەندە ئۇنى تىخىمۇ ياخشى مىھمان قىلدىغىنى ئىيتىپ سالدى،ئۇ خىلىلا تەڭشىلىپ قالغان ئىدى. شۇڭا سەرۋەر يەنىمۇ ئىچكىرلەپ سورمىدى، لىكىن مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن ئارمان تىلفون قىلغان نۇمۇر تىلفوننى ئالماي تۇرۋالغاندىن كىيىن سەرۋەر قىىرىشىپ«بولدى قىلىڭ بەڭگىنىڭ خىيالىنى قىلىپ ئولتۇرۇۋەرمەڭ،كەلمەيدۇ ئۇ مىلىڭىز»دىسە،ئارمان ئىختىيارسىزلا «جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارسىدىكى داۋۇت ئاكا ئەكەلدۈرگەن مالنى ئەكەلمەي بىشى ئونمىتى ئۇنىڭ»دەپ سالدى. سەرۋەر ئۇلارنىڭ ئەسلى بىر توپ بولوپ خاتىرجەم ئۆز ئىشىنى قىلىپ يۈرگەن شايكىلار ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالدى،چۈنكى ئۇلارنىڭ جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارسىدىمۇ تىرىكى بار ئىكەن دە؟سەرۋەر قورقۇپ قالدى ، خۇددى شەيتان ئازدۇرغاندەكلا بوينىدىن بۆرە ھۇشۇقىنى ئىلىپلا سومكىسىنىڭ يان يانچۇقىغا سىلىپ قويدى،چۈنكى ئىچىپ ئولتۇرغان سورۇندا ئارمان ئۆزىنى كونتۇرۇل قىلىپ بولالماي بىرەر ھۆرمەتسزلىك قىلىپ قالسا بۆرە ھۇشۇقى خاسىيتىنى يۇقتىدىغاندەك ھس قىلىپلا شۇنداق قىلغان ئىدى،سەرۋەر شۇنچلىك تەستە ئۆزىنىڭ تويغا قوپقانلىقىنى بەلكىم بۇندىن كىيىن ئۇنىڭ بۇ نۇمۇرىنى بولغۇسى ئىرىنىڭ ئىشلىتىپ قىلىشى مۈمكىنلىكىنى ئارمانغائىيتتى،ئەگەر تىلفون كەپ قالسا سەرۋەر ئاۋازىنى ئوغۇلبالىچە چىقىرىپ گەپنى ئوڭشاپ كىتەتتى،لىكىن ئارمان ئويلىمىغان يەردىن : 
-مىنى مەنسىتمىدىڭىزمۇ؟ نىمىشقا مىنى ئەخمەق قىلىسىز-دەپ سوراپ قالدى،
سەرۋەر تىزلا ئۇنىڭغا جاۋاپ قايتۇردى:  
-شۇنداق، ئەخمەق قىلمىغان،ياخشى ئادەم بولسىڭىز ماڭا بولوپ بىرەمتىڭىز،سىزنى ياخشى بولوپ ئۆزگىرىڭ دىسەم،سىز ئۆزگەرمەپسىز،كۆڭلىڭىزدە مىنى ھىچنىمنى ئۇقمىدى دەپ يۈردىڭىز،ئەمىلىيەتتە سىزنىڭ نۇرغۇن قىزلىرىڭىزنىڭ بارلىقىنى،بىزلەنى ئويۇن قاتارى كۆرۈپ يۈرۈيدىغانلىقىڭىزنى،يەنە قىمار،نىشە دىگەنلەرنى تاشلىدىم دەپ قويۇپ ئۆزىڭىز بىلگەن سەنەمگە دەسسەپ يۈرگەنلىكىڭزنى بىلدىم،سىز دەسلەپتە مەن تۈزۈلىۋاتمەن دەپ يۈرگەچكىلا مەن سىزنى ياخشى ئادەم بولامىكىن دەپ ئويلاپ يۈرۈپتىمەن،ئويلىماپتىمەن،«ساراڭ ساقايمايدىكەن،قارا ئاقارمايدىكەن»-گەپلىرىنىڭ ئىغىراراق كىتىشنى بىلسمۇ،سەرۋەر مۇشۇ گەپلەرنىڭ ئۇنىڭ ئىدىيسىگە تەسىر كۆرسۈتۈپ قىلىشنى ئۈمۈت قىلاتتى.  
-ئۇنداق ئەمەس ئىدى،ئۆزگىرىۋاتقان،-ئارمان دەسلەپتە  ۋاقىراپ بولوپ،سەل پەسكويغا چۈشۈپ تۆۋەنرەك ئاۋازدا-لىكىن مىنىڭمۇ مۇھەببىتىم بار ئىدى،ئۆز ۋاقتىدا بار ئويۇننى بىز ئوينىغان،ئەمما ھازىر ئۇ توي قىلىپ بولغان بولسىمۇ يەنە ئىزدەيمەن،قاراپ تۇر،مەن شۇنچە ئۆزگەرسەممۇ ماڭا ئىشەنمىدىڭغۇ،توي قىلىمەن دەيسەن ،توي قىلغىنىڭنى بىر كۆرەيچۇ؟- دىگەندەك سۆزلەرنى قىلدى،سەرۋەرنىڭ ئىمانى قىرىق گەز ئۆرلىدى.ئۇنىڭغا سۆزلەشنىڭ ھاجىتى قالمىغانلىقىنى بىرە قاپاق تارتىۋالسىلا ئۇنىڭ ساراڭدەك بولوپ قالدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ قالدى.ئۇ ھاجەتكە چىقىپ كىرىپ بولغىچە شۇنچىلىك ئارلىقتا ئارماننىڭ بۆرە ھۇشۇقىنى جىمىقتۇرۇپ بولغىنىدىن تامامەن خەۋەرسىز ئىدى،بىر دەمدىن كىيىن ئارمان تىزلا ھىساۋاتنى قىلىپ بولوپ« مەن ئالدىڭىزدا چىقىپ يىقىنلا يەردىكى ئاممىۋى تىلفوندا سىزگە تىلفون قىلىمەن،سىزنى بىر يەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ ئاندىن قايتىمەن،سىز بۇ قالغان نەرسىلەردىن ئىلۋالغۇدەكلىرىنى ئىلىپ تەييار بولوپ تۇرۇڭ»دەپلا ماڭدى.سەرۋەر ئۇ چىقىپ كەتكەندىن كىينلا، تىزلا سومكىسىغا قاراپلا بۆرە ھۇشۇقىنىڭ يۇقالغانلىقىنى بىلدى.ئاچچىقىدىن چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ كەتكەن بولسمۇ،ساددىلىقىنى كۆرۈڭ، ھىچنىمنى بىلمىگەن كىشى بولىۋىلىپ ئارمان تىلفون قىلسىلا ئۇنىڭ بىلەن كۆرشۈپ چىرايلقچە ئىلىۋىلىشنى ئويلىدى،لىكىن ئارمان شۇ پىتىچە يوقالدى،ئۇ ئەمما سەرۋەرنىڭ نەرسىسىنى ئىلىۋىلىشنىڭ ئۇنچە ئاسان ئەمەسلىكىنى، سەرۋەرنىڭ ئۇنىڭ نۇرغۇن ئىشلىردىن خەۋەردار بولوپ قالغانلىقىنى،بىلەلمەي قالغان ئىدى.سەرۋەرنىڭ قۇيقا چاچلىرى تىك بولوپ ھىچقاچاندا بولوپ باقمىغان بىر قاراملىق ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا مەۋىج ئۇرۋاتاتتى.   
 
سەرۋەر  ئىككى كۈندىن كىيىن ئۆيىگە قايتىشى كىرەك ئىدى،ئەمما ئۇ تىخى ئىلىپ كەلگىنىگە نەچچە كۈنلا بولغان بۆرە ھۇشۇقىنى يۈتتۈرۈپ قويۇپ ئۆيىگە قانداق قايتىشنى پەرەز قىلالمايتتى،چۈنكى ئۇ ئىشىكتىن كىرىشىگىلا ئاپىسى كۆزىنى چەكچەيتىپ بۆرە ھۇشۇقى قىنى دەپ سورايدىغاندەكلا قىلاتتى،چۈنكى سەرۋەردە بار بولۋاتقانلىكى يىڭىياچى نەرسىلەر، ياكى يىڭى ئىدىيەلەر.......سەرۋەرنىڭ يۈرۈش تۇرشى،نەرسە كىرەكلىرى پۈتۈنلەي ئۆيىدىكلەرنىڭ دىققەت ئىتىباردا،نازارىتى ئاستىدا تۇراتتى،شۇڭا شۇنچە ياشقا كىرىپ قالغان سەرۋەر بىرەر نىمىسنى يۈتتۈرۈپ قويۇشتىن قورقۇپ ياشاپ كىلىۋاتقان ھەم يۈتتۈرۈپ قويۇپمۇ باقمىغان ئىدى،ئۇ شۇڭا قايتماسلىق ئارقىلىق ئۆيدىكىلەرگە جەڭ ئىلان قىلىشنى ئويلىدى،مانا بۇ ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا تۇنجى  كۆرىلىۋاتقان قاراملىق ئىدى،ئۇ يەنە تورخانىغا كىردى،ئۇ ئابلىكىمنى سىغىنغان ئىدى،ئۇنىڭ بىلەن نىمىشقىكىن شۇنداق بىر سۆزلەشكىسى كىلىۋاتاتتى،«بولدى بەس، نىمە قىلارمەن ئۆزۈمنى بۇنچە قىيناپ،ئەمدى بولسمۇ ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشەي ھىچ بولمىسا دوستلارچە سۆزلەشسەممۇ بولدۇغۇ،مەن بىر سايرىتىپ قويۋىتىپ باقاي،قايتۇرۇپ قالسا سۆزلىشەرمەن،بولمىسا بىراقلا قەلىب خاتىرەمدىن ئۆچۈرسەممۇ بولدۇغۇ؟»دەپ تىلفونىدا ئابلىكىمنىڭ تىلفونىنى بىر سايرىتىپلا قويۋەتتى،ئابلىكىممۇ سىغىنغان ئىدى،ئۇ سەرۋەرنىڭ نۇمۇرىنى كۆرۈپلا قاتتىق ھاياجانلاندى،چۈنكى ئۇ سەرۋەرنىڭ كۆڭلى يىرىم بولسىلا تورغا چىقىدىغىنىنى بىلەتتى،شۇڭا قوروسىغا  تور تارتىپ سەرۋەرنى توردا تۇتۋالماقچى بولغان ئىدى، سەرۋەرمۇ شۇنى كۆڭلى تۇيغاندەك نەق شۇ كۈنى تىلفون قىپتۇ،ئابلىكىم ھاياجانلانماي قالسۇنمۇ؟دەرھال تىلفون قىىلىپ سەرۋەر بىلەن  قىزغىن پاراڭلاشتى،ئۆزىنىڭ چ چ نۇمۇرنىمۇ دەپ بىرىپ ئۈلگۈردى،شۇندىن كىيىن ئەمىلى دۇنيادىكى مۇھەببەت تور دۇنياسىدىكى مۇھەببەتكە ئۆزگەردى،شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئابلىكىمگە ئۆزىنىڭ ئارمان بىلەن بولغان ئىشلىرىنىڭ جەريانىنى بىرمۇ بىر دەپ كىلىپ بۆرە ھۇشۇقىنى يۈتتۈرۈپ قويغانلىقىنى،شۇڭا توي قىلماقچى بولغان ئىشىنىمۇ كىچىكتۈرۈپ،قاچان ھۇشۇق قولىغا تەگمىسە ھىچكىمگە ياتلىق بولىشنى خالىمايدىغانلىقىنى،ئەمما ئۆيدىكىلەرنىڭمۇ قىشىغا قايتقۇسى يوقلىقىنى ئىيتىۋىدى،ئابلىكىم دەرھال رەددىيە بىرىپ :
-نىمە ئىشلارنى قىلىپ يۈرىسەن،سەن ئاللاھقا ئىشىنەمسەن،ھۇشۇققىمۇ؟توي قىلساڭ بەختىڭنى،ئامانلىقىڭنى ناماز ئوقۇپ ئاللادىن تىلىمەي شۇ ھۇشۇقنى دەپ ئۆيدىنمۇ چىقىپ كەتمەكچىمۇ سەن،نىمانداق مەن تۇنۇيدىغان سەرۋەرگە ئوخشماي قالدىڭ؟-ئاۋازىدىن قاتتىق خاپا بولغانلىقىنى بىلگەن سەرۋەر ئۇ توغۇرسىدىكى گەپنى باشقا ياققا بۇراپ توردا سۆزلىشەيلى دەپلا خوشلاشتى،تورغا چىقىپلا ئابلىكىم بىلەن قىزغىن پاراڭغا چۈشكەن سەرۋەر ۋاقىتنىڭ ئۆتۈپ كەتكىنىنى سەزمەي قالغان ئىدى،لىكىن ئۇلارنىڭ بۇنداق خۇشال كۈنلىرى ئانچە ئۇزۇن داۋاملاشمىدى،نەچچە كۈن ئۆتمەيلا سەرۋەرنىڭ ئۆيىدىكلەر ئۇنىڭغا چىرايلىق گەپلەرنى قىلىپ قايتىپ كىلىشنى،قىزىنىڭ سىغىنغانلىقىنى ئىيتنى، سەرۋەرگە ھەممىدىن قىزىنىڭ سىغىنغىنى بەكىرەك كۈچىنى كۆرسىتەتتى.شۇڭا ئۇ يەنىلا ئۆيىگە قايتىشنى توغرا تىپىپ ئابلىكىمگە ئۆيىگە قايتقانلىقىنى ئىيتىۋىدى،ئۇ خوشاللىق بىلەن سەرۋەرنى ئۇزۇتۇپ قويدى،ئەمما سەرۋەرنىڭ يۈرىكىدە يەنىلا بىر ئوت قالغان ئىدى،چۈنكى ئۇنىڭ ئابلىكىمنى شۇنداق بىر كۆرگۈسى ھىچبولمىسا يىراقتىن بولسمۇ بىر سىماسىنى كۆرۋالغۇسى بار ئىدى.  
سەرۋەر قايتىپ كىلىپ بىر ئىككى كۈنلا خۇشال تۇرالىدى، ئۇنىڭ مىڭىۋاتقان ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت سوممىسى  ئىلىشنى بىجىرىش ئارقىلىق تۆۋەن باھالىق ئۆيگە ئىگە بولوش ئويىنى ئۆيىدىكلەر ئاڭلىسلا بىر خاپلىق بارلىكى بار ئىدى،ئۈچۈنچى كۈنى يەنە شۇ كۆڭۈلسىزلىككە دۇچ كەلگەن سەرۋەر ئىچىدە ئارماننى قانچىنى قاغىۋەتكىنىنى ئۆزىمۇ بىلمەيتتى،بارلىق خاپلىقلارنى ئارمان شۇ ھۇشۇقنى ئىلىۋالغانلىقى سەۋەپلىك دەپ ئويلايتتى سەرۋەر ،ئۇ ئىچىدىكى بارلىق غەزەپنى يىغىپلا ئۆيدىكىلەرگە ئۆمۈرۈدە تۇنجى رەت قاتتىق ۋاقىراپ ھەم يىغلاپ ئۆيدىن چىقىپ كەتمەكچى بولغاندا،تۇيۇقسزدىن ئاھاللىلەر كومتىتىدىن كەلگەن تىلفون ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ تىخمۇ يىركلىشىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالدى،ئۆيدىكىلىرىنىڭ ئۇنىڭ يىغلىغنىغا قاراپ ئەمدىلا كۆڭلى يۇمشىغان،شۇڭا ئاھالىلەر كومتىتىدىن كەلگەن تىلفون بولغاچقا ،سەرۋەرنىڭ شەھەرگە مىڭىشنى توسۇشقا ھىچقانداق سەۋەبىمۇ قالمىغان ئىدى.شۇنداق قىلىپ سەرۋەر شەھەرگە كىرىپلا ئاھالىلەر كومتىتىدىكلەرگە تىلفون قىلسا،ئۇلار ئۇنىڭ ئۆيىنى تەكشۈرگىلى باردىغانلىقىنى ئىيتىپ ئۇنىڭ بىلەن بىللىلا ئۇ ۋاقىتلىق ياساپ قويۇپ تۇرغان ئۆيگە قاراپ ماڭدى،كۆررمەمسىز بۇ كاج پەلەكنى،سەرۋەر باشلاپ كىرگەن ئۇ ئۆيدىكىلەر سەرۋەرنىڭ بىر نەچچە تاللا يوتقان كۆرپە،چىنە قاچلىرىنى ئامبارغا ئىلىپ چىقىپ قويۇپ،ئۇ ياساپ قويغان ئۆينى ئاللىقاچان باشقىلارغا بىرىۋەتكەن ئىكەن،سەرەۋر ئۆزىنى تۇتالماي يىغلاپ تاشلىدى،شۇ كۈنى راسلا ھەممە ئىشلىرى كاج كىلۋاتاتتى، ئاھاللىلەر كومتىتىدىكلەرچۈشەندۈرۈشنى ئاڭلاپمۇ قويمايلا« سەن بىزنىڭ مۇشۇ دائىرىگە ئورۇنلىشىپ بولوپ ئاندىن بىزنى چاقىر،بىزنى ئالداپسەن »دەپلا چىقىپ كەتتى،سەرۋەر غەزەپتىن چىشلىرى كىرىشىپ كەتتى،قانداق ئاقلىسمۇ ئۆزىنى ئاقلاپ بولالمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن سەرۋەر قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن بۆرە ھۇشۇقىنى قايتۇرۇپ كىلىشنى قارار قىلدى.   
سەرەۋەر ھەر خىل ئويلاردا بولوپ باقتى،ئارماننىڭ مەھەلىسىنى تىپىپلا ئارماننىڭ ئۆزىنى بىۋاستە ئىزدىمەكچىمۇ بولدى،بىردەم ئارماننىڭ ئاتا-ئانسىنى تىپىپ ئۇلار بىلەن كۆرشۈپ ئۇلارغا ھۇشۇقنىڭ پەقەت ئۆزىگە ئاتاپلا دىمىدە قىلدۇرۇلغان ئىكەنلىكىنى،ئۇلارنىڭ ئائىلسىگە بەلكىم بەخىتسىزلىك ئىلىپ كىلىش مۈمكىنلىكىنى ئىيتىپ ئاتا-ئانسىنىڭ چۈشىنىنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئالماقچىمۇ،تىلفوندا ئۇنىڭ مەخپىيەتلىكىنى بىلىپ قالغانلىقىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارسىغا مەلۇم قىلىۋىتدىغىنىنى ئىيتىپ ئۇنى قورقۇتۇش ئارقىلىق ئالماقچىمۇ بولدى،ئۇ يەنىلا كىيىنكى ئۇسۇلنى توغرا تاپتى،ئەمما ئارمانغا بۇ ئويىنى قانداق يەتكۈزۈش ئۆزىمۇ بىر تەس ئىش ئىدى.چۈنكى ئارماننىڭ يانفونى يوق ئىدى،شۇنىڭ بىلەن سەرۋەر تىلىفوندا قەپقالغان بىر ئۆينىڭ نۇمۇرىغا تىلفون قىلدى،ئارمان شۇ كۈنى مۇشۇ نۇمۇرغا تىلفون قىلىپ مالنىڭ كەلمەيۋاتقانلىقىنى،تىلفون قىلسا مالنى ئىىپ كىلىۋاتقان بالىنىڭ تىلفوننى ئالمايۋاتقانلىقىنى شىكايەت قىلۋاتاتتى.سەرۋەر شۇڭا  تىلفون قىلىپ گىپىنى دىيىشكە ئەڭ مۇۋاپىق نامىزات دەپ قارىغان ئىدى،ئۇ تىلفوننى ئۇ بالىنىڭ ئايالى ئالدى.سەرۋەر ئۇ بالىنىڭ ئىسمىنى ئۇقمىغاچقا ئامالسىز تىلفوننى قويۋەتتى.كەچ بولغاندا سەرۋەر يەنە ھىلىقى يىزدىكى مومىسىنىڭ ئۆيىگە كەتتى،كەچقۇرۇندا سەرۋەر ئىزدەپ تىلفون ئۇرغان نۇمۇردىكى بالىدىن تىلفون قايتىپ قالدى.سەرۋەر ئۆزىنىڭ بىلىدىغان ئىشىنى،شۇ كۈندىكى بارلىق تىلفونلاردىن خەۋىرى بارلىقىنى،ئەگەر ئارمان تىز ئۆزى بىلەن ئالاقىلاشمىسا بەلكىم جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارسىدىكى ھىىقى كۈنى ئارمان گىپىنى قىلغان داۋۇت ئاكىنى ئىزدەيدىغانلىقىنى،ئەمما بۇ ئىشنىڭ ئۇنچىلا يوغىناپ كىتىشنى خالىمايدىغانلىقىنى،شۇ بالىنىڭ ئۆزىنىڭمۇ خەۋىرى بولغانلىقى سەۋەپلىك بۇ باش ئاغىرقىغا چىتىلىپ قىلىشى مۈمكىنلىكىنى ئىيتىپ تولىمۇ ئەدەپ بىەن سۆزلىشىپ تىلفوننى قويۋەتتى.  
سەرۋەر كەلگەن كۈندىن بىرى كەچلىكى مومىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرۋاتقانلىقى ئۈچۈن تورغا چىقىشقا ۋاقىت ئاجىرىتالمايۋاتاتتى.ئەمما ئۇ ئابلىكىمنى سىغىنىۋاتاتتى،كەچلىكى تورغا چىقىپ بىر كىچە تولوق پاراڭلاشقۇسى كىلۋاتاتتى،چۈنكى ئابلىكىم كۈندۈزدە ئالدىراش ئىكەنلىكىنى پەقەت كەچلەردىلا چىقالايدىغانلىقىنى ئىيتقان ئىدى.سەرۋەرنىڭ يۈرۈگى پىژژىدە قىلىپ قالدى، ئۇ ئىشلىرىدىن خاتىرجەم بولوپ تور ئارقىلىق ئابلىكىمنى تاپماقچى بولدى.ئۇ ئاتا ئانىسىغا شۇيەردە ئۆي ئىلىپ تۇرشى كىرەكلىكىنى ئۇلارنىڭ قايتا تەكشۈرۈپ كىلىپ قىلىشى مۈمكىنلىكىنى ئىيتتى،ئاپىسىنىڭ بىر مۇنچە تىل-ئاھانىتىنى ئاڭلىغان سەرۋەر،تىلفوننى قويىۋىتىپ تاغىسىغا تىلفون قىلىپ بولغان ئىشلارنى بىر قۇر چۈشەندۈرۈپ دادىسىغا يەتكۈزۈپ قويشىنى ئىيتىۋىتىپ يۈرىگى ئازاپتىن ئۆرتۈنۈپ كەتتى.نىمە ئۈچۈن ئۆيدىكىلىرمنىڭ بىر چۈشىنىشگە،قوللىشىغا ئىرشەلمەيدىغاندىمەن،ئەجىبا مىنىڭ ئۇلارغا ئىغىرىمنى سالماسلىق ئۈچۈن مۇشۇنچە جاپا تارتىۋاتقانلىقىمنى ئۇلار چۈشەنمەمدىغاندۇ؟ سەرۋەر شۇلارنى ئويلاپ ئىچىنى ئاچچىق بىر نەرسە تاتلايتتى،كەينىگە يىنىۋاتقان ئىشلىرى ئۇنى تىخىمۇ جىلە قىلىپ بىر قاراملىقلارنى قىلىشقا قىستايتتى، ئۇ يەنە ھىلىقى نامەلۇم بالىغا تىلفون قىلدى،ئۇ بالىمۇ ئارماننىڭ ئۆيىدە ئولتۇرمايۋاتقانلىقىنى ئىزدەپ تىپىشى تەسكە توختاۋاتقانلىقنى ساقچىغا مەلۇم قىلسا قىلىۋىرىشىنى ياكى ئۆيىگە بارسمۇ بولدىغانلىقىنى دەپ ئۇنىڭ ئۆيىگە يىقىن يەردىكى كۆۋرۈكنىڭ ئىسمىنى دەپ بەردى ھەم شۇ يەرگە بارسىلا تاپالايدىغانلىقىنى ئىيتتى،ئۇ تاغىسىنىڭ ئۆيدىكىلەرگە يەتكۈزۈپ قويغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۆيىدىكلەردىن خاتىرجەم بولغاندىن كىيىن بۇرۇنقى ھىلىقى ھويلىدىن يەنە بىر ئىغىز ئۆينى ئىلىشنى سۆزلەشتى،ئۇ ئايال ئۆي ئىگىسى بىلەن تىزلا چىقىشىپ كەتتى،لىكىن نىمە بولدىكىن تاڭ نەچچە كۈن تۇرمايلا ئۇلارنىڭ ئۆيىگمۇ سىغمىغىلى تۇردى،ئايال ئۆي ئىگىسىدىن ھىلى ئۇ قوشنىسىنىڭ ئۇنداق دەۋاتقانلىقىنى،ھىلى بۇ قوشنىسىنىڭ بۇنداق دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ئۆزى بۇ دۇنيادا ئارتۇقچە ئادەم بولوپ قالغاندەك ھىس قىلدى.ئۇنىڭ ئىچى ئەلەمدىن ئۆرتۈنۋاتاتتى .ئۇ ئاخىرى ئارماننىڭ مەھەللىسىگە قاراپ يولغا چىقتى،نىمە بولساممۇ بولايچۇ،ئۆلتۈرۋەتسىمۇ بۇنىڭدىن ئارتۇقىراق بولار.....شۇنداق ئويلاپ مىڭىۋاتقان سەرۋەر قايسى شەيتان ئازدۇردى، ئۆزى دائىم تورغا چىقىدىغان تورخانىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە قەدىمى ئاستىلاپ قالدى،سەرۋەر ئابلىكىمنى توردا بىر كۆرىۋىلىش ئۈچۈن شۇ ياققا يۈرۈپ كەتتى،ئەمما ئۇ خىلى كەچ بولغىچە ئولتۇردى ئابلىكىم راستىن ئۆزى دىگەندەك كۈندۈزدە زادىلا چىقمىدى،سەرۋەر خىلى كەچ بولوپ قالغىنىنى سىزىپ كەچتە ئۇ«قىزىل پاچاقلار مەھەللىسى»گە بىرىش ئويىدىن ۋاز كەچتى.ئۇ دەرھال مومىسىنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى،ئۇ يەرگە چىققاندا ئۇلار تاماق يەپ بولغان ئىكەن،مومىسى يوق بولوپ كىلىنى سەرۋەرنىڭ تاماق يىگەن يىمىگەنلىكىنى سوراپلا قويۇپلا ئولتۇرشى سەرۋەرنىڭ كۆزىگە ياش ئولاتقۇزىدى،سەرۋەر ئىچىدە نىدا ئەيلىدى،قورسىقىنىڭ ئاچلىقىدىن ئەمەس ئۇلارنىڭ مۇئامىلىسىدىن  نىدا قىلدى.«ئەي،مۇسۇلمان بەندىسى،مىسكىن غىرىبنىڭ ھالىغا باق،بۇغداي نىنىڭ بولمىسا بۇغداي سۆزۈڭنى بولسمۇ ئايىما،بەلكىم سىنىڭ شۇ چاغدىكى بىر مەخسەتسىزلا قىلغان ئىشىڭ شۇ غىرىبنىڭ كۆڭلىنى ئىلىشى،ياكى ئۇنى بۇ دۇنيادىن يوقۇلۇشقا ئۈندىشى مۈمكىن.سەن شۇ غىرىبنىڭ كۆڭلىنى ھىچنىمگە ئەرزىمەس قارىما،پەلەكنىڭ چاقى تەتۈر چۆگلەپ«ئىتەكلەر ياقا بولدى،ياقىلار ئىتەك بولدى»دىگەن زامان كىلىپ قالغاندا كۆرسەن كارامەتنى»......سەرۋەرنىڭ ئىچى قاتتىق ئەلەم بىلەن تولدى،دۇنيا راستىنلا مۇشۇنداق رەھىمسىزمۇ؟ياكى مىنىڭ تەلىيىم كاج كىلىۋاتقانمىدۇ؟ سەرۋەر راستىنلا شۇ بۆرە ھۇشۇقىنى قولغا كەلتۈرمىسە بولمايدىغان ئوخشايدۇ دە؟  
بىر ئازدىن كىيىن سىرتقا چىقىپ كەتكەن مومىسى قايتىپ كىرىپ سەرۋەر بىلەن ھال سورىشىپ بولوپلا ئۇنىڭدىن تاماق يىگەن يىمىگەنلىكىنى سورىدى ئاندىن كىلىندىن تاماق بار يوقلىقىنى سورۋىدى.سەرۋەر «بولدى موما قوسۇغۇم توق»دەپ ئاران دىدى،ئۇلارنىڭ كىلىنمۇ سەرۋەرنىڭ بىر تاغىسىنىڭ قىزى بولغاچقا ئۇرۇق تۇغقان دەپ  قورسىقى ئاچ بولسا سەرۋەرتارتىنمايلا دەۋىرەتتى،لىكىن نىمە بولدىكىن،بۈگۈن سەرۋەر بەكلا نازۇك ،يىغلىغۇسى كىلىپلا تۇراتتى،ھەممە ئىشنى كۆڭلىگە ئىلىپلا تۇرۋاتاتتى.ئاڭغىچە كىلىنى كۈلۈپ تۇرۇپ«سەرۋەر ئاشخانىدا يەپلا كىلدۇ،دائىم شۇنداققۇ»دىدى.سەرۋەر مومىسىغا بۈگۈن ئازىراق ئىشى بارلىقىنى كەچتە يەنە بىر تۇققىنىنىڭ ئۆيىگە باردىغانلىقىنى،ئۆزى بىلەن كۆرشەي دەپلا كەلگەنلىكىنى ئىيتىپ خوشلىشىپ قايتىپ كەتتى،  ئۇ دائىم ئازاپلانغان يۈرۈگى پۇچىلانغان ۋاقىتلاردا ئابلىكىمنى ھەر قانداق چاغدىكىدىنمۇ بەكىرەك سىغىناتتى،شۇڭا ئۇ ئۇدۇللا تورخانىغا يەنە يۈرۈپ كەتتى. كەچتە ئۇ  ئابلىكىمنى توردا ئۇچىراتتى، ئىككىسىنىڭ سۆھبىتى شۇنداق ياخشى بولوپ تۇرسمۇ سەرۋەرنىڭ كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئىيتقان سۆزلىرى جاۋاپسىز قىلۋاتاتتى.سەرۋەر شۇ كۈنى ناھايتى خوشال بولدى،ئۇنىڭ قەلبىنى ئورۋالغان غەم تۇمانلىرى تارقاپ كەتكەن بولسىمۇ ئۇ يەنلا بۆرە ھۇشۇقىنى قايتۇرۋىلىش نىيتىدىن كەچمىگەن ئىدى.ئۇ ئابلىكىمگە يەنە شۇ گەپنى قىلدى،ئابلىكىم«نىمە قىلغۇڭ كەلسە شۇنى قىل بولدى،سىنى توسۇش مۈمكىن ئەمەسكەن، سەن بەك ئەركىن ئۈگۈنۈپ كىتىپسەن،كىم بالىكەن ئۇ؟سەن تۇنۇمسەن،توي قىلماقچى بولغىنىڭ راستمۇ؟»دەپ سوردى.سەرۋەر ئارماننى ھەم ئۆزى توي قىلىش ئۈچۈن ۋەدىلەشكەن بالىنىڭ گىپىنى قىلىپ خىلى ئۇزۇن سۆزلەشتى.ئۇ كىچىسى ئابىكىمگە ئۇيقۇ ھارام بولدى،ئۇ سەرۋەرگە گگپ تەسىر قىلمايدىغانلىقىنى،ئۇنى كىينكى تۇرمىشدمۇ گىپنى ئۆتكۈزۈپ ياشاپ كىتەلمەيدىغانلىقىنى،سەرۋەر ئارزۇ قىلغاندەك ئۇ نىمە دىسە ماقۇل دەپ ياشىشىنىڭ تىخىمۇ مۇمكىن ئەمەسلكىنى بىلدۇ،شۇڭا سەرۋەرگە ھىچقانداق ۋەدە بىرەلمەيۋاتاتتى،لىكىن ئۇنىڭ  تور دۇنياسىدىن تاپقان يىگىتنىڭ قانداقراق بالا ئىكەنلىكىنى سىناپ باقمايلا تويغا قوپىشىدىن ئابلىكىم قاتتىق ئەنسىرگەن ئىدى.سەرۋەر بولسا مەن يەنە ئابلىكىمنى رەنجىتتىم دەپ كۆڭلى پەرىشان بولوپ قالدى.  
ئەتىسى تورخانىنىڭ ئۈستىلىگە بىشىنى قويۇپلا ئۇخلاپ قالغان سەرۋەر چ چ سىنڭ تىتىتلىشىدن تاتلىق ئۇيقۇدىن ئويغاندى،ئاخشام ئۇ شۇ پىتىچىلا تىڭشىغۇچنى قۇلقىدىن ئالمايلا مۇڭلۇق ناخشىنى ئارقا-ئارقىدىن چىقىدىغان قىلىپ قويۇپلا ئۇخلاپ قالغانلىقىنى بىلدى.سەرۋەر ئويغۇنۇپ ئابلىكىمنىڭ يانفۇندا تورغا چىقىپ سەرۋەرنىڭ ئۇچۇق تۇرغان چ چى نى سايرىتىپ ئويغۇتۋەتمەكچى بولغىانلىقىنى بىلگەن سەرۋەر تاتىلىق كۈلۈپ ئورنىدىن تۇردى،تورخانىنىڭ ئۇدۇلدىكى ئۇيغۇر ئاشخانسىدىن ئىسىسىق پىتىر مانتىدىن يەپ قاياققا مىڭىشنى بىلمەي بىر دەم تىڭىرقاپ تۇرۇپ قالدى.ئۇ ئارماننىڭ مەھەللىسىگە قاراپ ماڭدى.ئۇ بەك پىلانلىق ئىش قىلىدىغان بولغاچقا بىرىپ پەۋقۇلئاددە ئارمان بىلەن كۆرۈشەلمەي باشقا بىرسى بىلەن كۆرشۈپ قالسا چاتاق بولمىسۇن دەپ ھىلىقى دەسلەپتە ئارماننىڭ يامان گىپىنى قىلىپ بەرگەن بالىغا تىلفون قىلىپ بىر دەم سۆزلىشىپ ئارماننىڭ ئۆيدىكىلەرنى سوردى.ئويلىمىغان يەردىن ھىلىقى دوستى ئۇنىڭ ئايالى بارلىقىنى بەلكىم ئىزدەپ بارسا كۈندۈزدە ئۇنى تاپالماسلىقى مۈمكىنلىكىنى،ئايالىنىڭ بولشى مۈمكىنلىكىنى  ئىيتىۋىدى ،سەرۋەر لىۋىنى چىشلەپلا قالدى. توۋا، مۇنداقمۇ ئادەملەر باركىنا؟ئايالى تۇرۇپ قورقماي سەرۋەرنى ئادەم ئەڭ كۆپ يەرلەرگە باشلاپ يۇرۈشنى كۆرمەمدىغان،سەرۋەرنىڭ ئۇنىڭغا ئىشىنىپ ئۇنى ياخشى ئادەم بولوشقا دەۋەت قىلىپ يۈرشىنى كۆرمەمسىز؟توۋا.....سەرۋەر نىمە قىلىشنى بىلمەي داڭقىتىپ تۇرۇپلا قالدى،چۈنكى ئۇ ئارماننىڭ ئۆيىنىڭ يىنىغىلا كىلىپ قالغان بولوپ بىرەيلەندىن تىخى ئۇنىڭ ئۆيىنى سورماقچى بولوپ تۇراتتى،ئۇ دەماللىققا نىمە دىيىشنى بىلمەي قالدىيۇ،يەنىلا كەينىگە قايتقۇسى كەلمەي بىر يالغان سۆزنى تەييار قىلىپ قويدى.  
ئۇ بىر دەسسەپ ئىككى دەسسەپ ھىلىقى كۆۋرۈك ئەتىراپىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ بىرەر ئۇيغۇرنى ئۇچىرتالمىدى،بىر ئازدىن كىيىن بىر ئۇيغۇر ياش چوكان كىلىپ قىلىۋىدى،ئارماننى سورسىلا ئۇ چوكان قىزغىنلىق بىلەن
-سىز ئارماننىڭ تۇققانلىرىدىن بولامسىز؟ئۆيى كۆۋرۈكنىڭ يەنە بىر بىشىدا،بىرىپ سورسىڭىزلا كىم بولسا دەپ بىرىدۇ؟-دەپ جاۋاپ بەردى.
-رەھمەت سىزگە،تاپالماي خىلى ئايلىنىپ يۈردۈم.كۆپ رەھمەت ھە؟  
ھىلىقى چوكان كۈلۈپ تۇرۇپ خوشلىشىپ كەتكەندىن كىيىن سەرۋەر بىردەمدىلا ئارماننىڭ ئۆيىنى تىپىۋالدى،كەلسە ئۆينىڭ قىشىدىلا بىر ماگزىن بارىكەن،ئۇ يەردە ئىككى چوكان پاراڭلىشىپ تۇرغان ئىكەن،سەرۋەر ياشىراق چوكانغا قاراپ سوردى   
-ياخشىمۇ سىز،سىلەردىن مۇشۇ مەھەلىلىك بىرەيلەننى سوراي دىگەن،ئۆيى قايەردىدۇ؟ ;  
سەرۋەرنىڭ تولىمۇ سىلىق ئاھاڭدا،بەكلا ئەدەپ بىلەن ئىيتقان سۆزلىرنى ئاڭلاپ ئۇ چوكانلامۇ تولىمۇ يىقىملىق مۇئامىلدە  
-كىمنىڭ ئۆيىنى ئىزدەيتتىڭىز؟  
-ئارمان دىگەن بالىنىڭ ئۆيىنى ئىزدەيتتىم،مۇشۇ كۆۋرۈك تەرەپتە دەپ ئاڭلىغان ئىدىم؟
-شۇنداقمۇ،ئارماننى ئىزدەيدىغان نىمە ئىشىڭىز بار ئىدى؟  
سەرۋەرنىڭ يۈرىگى قارتتىدە قىلىپ قالدى،«ئايالى شۇمىدۇ»؟   
-سىز ئايالى بولامسىز؟
-شۇنداق.  
-مەن بىر بۆرە ھۇشۇقىنىڭ ئىشى بىلەن كەلگەن ئىدىم-سەرۋەر نىمىلا بولمىسۇن چۇقۇم شۇ ئىش توغۇرلۇق كەلگىنىمنى بىلدۈرشۈم كىرەك دەپ ئويلىغان ئىدى.ئۇ لىۋىنى يىنىككىنەچىشلەپ قويۇپ -مەن بىر توي قىلىپ ئاجىراشقان،ئۆزۈم يىراق بىر ناھىيەدىن كىلىۋاتىمەن،شۇ ناھىيەمدىكى بىرەيلەن بىلەن ئارلىشىۋاتقان،ئۇ قايسى كۈنى قىماردا ئۇتتۇرۇپ قويغان پۇللۇرۇمنى قايتۇرۋالاي دەپ ھۇشۇقۇمنى ئارىيەت ئىلىپ چىقىپ كىتىپ،ئۇنىمۇ شەھەردىكى ئارمان دىگەن بالىغا ئۇتتۇرۇپ قويدۇم دەپ كەپتۇ،مەن ئىشەنچ قىلالماي شەھەرگە بارغاندا چۇقۇم ئىزدەيمەن دىسەم ئۆيىنى مۇشۇ تەرەپتە دەپ بەرگەن ئىدى،بولسا سوراپ راس يالغانلىقىنى بىر ئۇقۇپ،ئىككىسىنى يۈزلەشتۈرەي دىگەن ئىدىم_بۇ گەپلەرنى قىلىپ بولغىچە يۈزى قىزىرپ كەتسىمۇ چاندۇرمىدى،ئۇ چوكان ئاندىن:
-مەن ئاكىسىنىڭ ئايالى،بۇ ئۆي ئارماننىڭ ئۆزىنىڭ ئۆيى،ئەتە كەپ باقامسىز يا،ئايالى ئىشقا چىقىپ كەتكەن بولشى مۈمكىن ئىشكى تاقاق تۇردۇ-دىدى،سەرۋەر قايتىپ كىلىۋىتىپ بىرەيلەننىڭ موتسىكىلىت بىلەن ئالدىنى توسىغانلىقىنى كۆرۈپ چۆچۈپ قارىسا ناتۇنۇش بىرى تۇرغان.سەرۋەرنىڭ قوشۇمىسى تۈرۈلدى،سوئال مەنىسىدە ئۇيىگىتكە قاردى،ئۇ ئەسلى ئارماننىڭ ھىلىقى سەرۋەر بىلەن تىلفوندا سۆزلىشىپ يۈرگەن دوستى ئىكەن،ئۇ سەرۋەرنىڭ شۇ ياققا ماڭغانلىقىنى تىلفوندا ئاڭلاپ شۇ يەردە ئۇنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن.ئۇ سەرۋەردىن بارلىق گەپنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كىتىپ قارامكەنسىز،شۇنىڭ ئۆيىگىچە كەلدىڭىزمۇ؟دەپ سەرۋەرنى كەينىگە مىنىشكە شەرەت قىلدى،سەرۋەر بىر ئالىيىپ قويۇپ «خوش» دەپلا يۈرۈپ كەتتى،ئۇ بالا كۈلگەن پىتى كەينىدىن كىلىپ سىزگە مەن ئارماننىڭ نەدىلىكىنى تىپىپ بىرىمەن ەدپ تۇرشىغا ئارمان موتسىكىىت بىلەن ئۇلارنىڭ قىشىدىن ئۆتۈپ قالدى، ھىلىقى بالا مانا ئارمان دەپ موتسىكىلىتى بىلەنلا ئارماننىڭ ئالدىنى تۇسىۋىدى،سەرۋەر كۆزىنى يوغان ئىچىپ ئارمانغا تىكىلىپ قاراپ قولىنى چىقىرىپ«ئەكىلىڭ،خەق بار يەردە ھۆرمىتىڭىزنى قىلدىم. دوسلىرىڭىزدىن گەپ ئەۋەتىپ بەرسەم قولوڭدىن كەلگەننى قىلىپ باق دىگەن ئوخشمامسىز،ھىلىقى ئاكلىرىڭىزنى ئىزدەپ باقايمۇ يە؟».
-مەن بىر سائەتتىن كىيىن تىلفون قىلىمەن،ھازىر سۆزلىشىش ئەپسىز-دىدى.   
-ماقۇل،تىلفونىڭىزنى ساقلايمەن،لىكىن ئۆزىڭىزگە ئاگاھ بولوڭ،ئارمان،مەن بەك جىق ئادەمنى چىتىۋىلىپ باش ئاغرىقى تاپقىم يوق،سىزگىمۇ شۇ،ئۇ ھۇشۇق  سىزگە ياخشلىق ئىلىپ كەلمەيدۇ-سەرۋەر شۇنداق دەپلا ئىككىسنى قالدۇرۇپ قۇيۇپ يۈرۈپ كەتتى.   
سەرۋەر كىچىچە ئابلىكىم بىلەن سۆزلىشىپ ئۇخلاپ قالغانلىقى شۇنداقلا سەھەردە ئابلىكىم ئويغۇتۇپ قويغانلىقى ئۈچۈن روھى كەيپىياتى تولىمۇ يۇقىرى،ھىلىقى غەزەپلىرى ئاللىقاياقلارغىدۇر ئۇچۇپ كەتكەن بولغاچقا كۆڭلىدە ئويلاۋاتقان قاراملىقىنى يەنە چىقىرىشقا ئامالسىز قالدى،ئەمما ئۇنىڭ شۇنچە كۈندىن بىرى تارتقان ئەرزىيەتلىرىگە، ئارماندىن شۇنچە نەپىرەتلىنىشىگە قاراپ سەرۋەر ئارماننى كۆرسەملا چۇقۇم قىيما -چىيما قىلىپ جېدەلنىڭ چوڭىنى چىقىرىمەن دەپ ئويلىغان، لىكىن باياتىنقىدەك سەۋەپلەر بىلەن ئارمانغا يەنە ئۆزىنى بىلىۋىلىش پۇرسىتى بەرمەكچى بولوپ قالدى، نىمىلا بولمىسۇن ئۇلارنىڭ كىچىككىنە بولسىمۇ مۇھەببەت سەرگۈزەشتىسى بولغان ھەم ھازىر ئابلىكىم بىلەن مۇناسۋىتى ياخشى بولوپ قالغان ئىدى. شۇڭا سەرۋەر ئارمانغا يول قويۇپ، ئۇنىڭ تېلېفۇندا قانداق چۈشەنچە بىرىشنى ئاڭلاپ بىقىش ئويىغا كىلىپ يەنە مومىسىنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى، چۈنكى سەرۋەر ھېلىقى ئۆيگە بىرىپ يەنە ئۆي ئىگىسىنىڭ ھەرخىل گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئۆزىنىڭ خوشال كەيپىياتىنى بۇزۇشنى خالىمىدى. يولدا كېتىۋىتىپ يەنە ھىلىقى كۈندىكى ئىش يادىغا يەتكەن سەرۋەر مومىسىنىڭ ئۆيىگە بىرىپ كۆڭلىنى يېرىم قىلىدىغان ئىشقا يۇلۇقۇپ يۈرمەسلىك ئۈچۈن ئاشخانىغا كىرىپ تاماق يەپ ئاندىن مومىسىنىڭ ئۆيىگە كەلدى، تەلىيىگە ئۆيدە مومىسىدىن باشقا ھىچكىم بولمىغاچقا سەرۋەر تارتىنمايلا مومىسىغا بىر دەم ئۇخلىۋىلىشنى ئىيتىپ شىرىن ئۇيقىغا كەتتى، ئۇ پەقەت مومىسىنىڭ ئالدىدىلا مۇشۇنداق ئەركىليەلەيتتى، باشقىلارنىڭ ئالدىدا شۇنداق ئەدەپ-قائىدىلىك ئىدى. ئۇ ئۇخلاپ ئويغانغاندا چۈشتىن كىيىن سائەت 3لەر بولوپ قالغان بولوپ مومىسىنىڭ كېلىنى تاماققا قوپقان ئىكەن، سەرۋەرنىڭ ھىلىقى كۈندىكى كۆڭۈلسىزلىك يادىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتمىگەن بولغاچقا كىلىنىنى كۆرۈپلا ئىچى بىر خىل قاراڭغۇ بولدى، ئۇنىڭ مانا مۇشۇنداق پاسسىپ روھى ھالىتى  باشقىلارنى ئۇنىڭ بىلەن ئاسانلا قىرىشتۇرۇپ قوياتتى، ئەمما نىمە ئىلاج، ئۆگەنگەن خۇي، ئۇ باشقا ھەرقانداق ئىشنى ئىچىگە سىغدۇرۇپ كېتەلەيدۇكى، ئۆزىنى چەتكە قاققاننى، قوپال سۆز بىلەن كۆڭلىگە ئازار بەرگەننى، ئۆزىنى ھۆرمەتلىمىگەننى كۆرسىلا ئۇنداق ئادەم مەڭگۈ ئۇنىڭ قەلىپ تۈرمىسىگە قاملاتتى -دە، سەرۋەر ئۇنداقلارنى كۆرسە كۈلۈۋاتقان بولسمۇ كۈلكىسى توختاپ قالاتتى. شۇڭا تاماققىمۇ قارىماي كەتمەكچى بولدى، لىكىن مومىسى : 
-نىمە قىلىق ئۇ، تاماق پىشىۋاتسا ئۆيگە ئۇخلىغىلىلا كەلگەنمىتىڭ؟مىنىڭ گىپىمنىمۇ ئاڭلمامسەن؟نەگە باراتتىڭ، ئۆيۈڭدىكىلەرگە مەن مۇشۇ ئۆيدە دەپ قويۇپ ئۆزۈڭ كەچ بولغاندىلا شەھەرگە كەتسەڭ قانداق بولدۇ؟-دىدى.  
-مەن شەھەرگە نمىگە كىتىمەن،بىلمەمسىز مەن ئوقۇۋاتىمەن،كەچتە 4.30دىن 6گىچە كومپيۇتىر دەرىسى بار، نەچچە مەۋسۇم ئىمتاھاندىن ئۆتەلمەيۋاتىمەن، شۇڭا دەرىسكە قاتناشمىسام بولمايدۇ، شۇڭا مەكتەپكە بارىمەن، سىلەرنىڭكىگە قايتىپ كىلەي دىسەم قاتناش توختاپ بولدىكەن، بىكاردىن10يۈئەن خەجلەپ چىقىدىكەنمەن، مەن بىر ئوقۇغۇچى تۇرسام، مىنى چۈشەنسڭىز بولمامدۇ، سىزمۇ مىنى شەھەرگە ئوينىغىلى كىرىدۇ دەپ ئويلامسىز؟-سەرۋەر ئۆزى تۇرۇشنى خالىمىغانلىكى يەردىن ھەر قانداق باھانە بىلەن بولسمۇ ئۇ يەردىن چىقىپ كىتەلەيتتى.لىكىن كىيىن يۈز بەرگەن بىر ئىش ئۇنى بۇ جىنىدىن تويغۇزغىلى تاس قالدى.  
مومىسى خىجىل بولغان قىياپەتتە تۇراتتى، ئۇ سەرۋەرنىڭ تاماق يىمەيلا چىقىپ كىتىشنى ھىلىقى كۈندىكى ئىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قاراۋاتاتتى، شۇڭا
-ئەمسە مەن دەي ،تاماقنى چاققانراق تەييار قىلسۇن، تاماق يەپ ئاندىن كىرىپ كەت، بولمىسا ئۆيۈڭدىكىلەرگە تىلفون قىلىپ قويىمەن -دىدى،سەرۋەر ئاران ماقۇل بولدى. تاماقنى يەپ بولوپ بازارغا كىرىپ كەتتى،كەچتە بىراقلا كىچىلىك ئاچقۇزۇپ ئولتۇرماقچى بولغان ئىدى،قارسا سەل بالدۇر،ئۇ نىمە قىلىشنى بىلمەي تۇرۋىدى،تۇيۇقسىز ئارماندىن تىلفون كىلىپ قالدى.
-ئەتتىگەن مەھەللىگە نىمىگە بارغان،ئىرشات ساڭا نىمە دەيدۇ؟ئۇنىڭ بىلەن تۇرۇپ كىتىپسەنغۇ؟-سەرۋەرنىڭ تىرىكىپ قۇيقا چاچلىرى تىك بولدى.   
-ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈپ سەن نىمىتىڭ،نۇمۇسسىز نىمىكەنسەن،ئوغۇرلايدىغاننى ئىلىۋىلىپلا تىلفونىڭمۇ يوققۇ؟قايتۇرۇپ بەر چىرايلىقچە؟بولمىسا مەن ھىلىقى ساقچى ئاكىلىرىڭىنى ئىزدەپ يۈرمەي؟
-مەندە يوق،ئىسپاتىڭ بولسا قولۇڭدىن كەلگەننى قىلمامسە-ئارمان شۇنداق دەپلا تىلفوننى قويۋەتتى،سەرۋەر ئۆزىنى باسالمىدى، ئۇ ھىلىقى ساقچى ئىدارسىدىكى داۋۇت ئاكىسىنى ئىزدىمەكچى بولدى،ئەمما ئۇنى قانداق ئىزدىسۇن، بىۋاستە ئىدارسىغا بارسا ، ئۇ ئادەم قانداق مىجەزلىك ئادەم، سەرۋەر بىلەن قىيىشىپ قالسىچۇ؟ ھىندىستاننىڭ كىنولىرىدىكىدەك ئەمىلىدىن پايدىلىنىپ يەنە....  
سەرۋەر ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ يەنىلا تىلفون ئارقىلىق ئىزدەپ تاپماقچى بولدى.ئۇ دەرھال 118114 قا تىلفون ئۇرۇپ جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جىنايى ئىشلار بۆلۈمىنىڭ نۇمۇرنى سورىۋىدى دەرھاللا دەپ بەردى،سەرۋەر دەسلەپكى قەدەمدە خاتىرجەم بولغان بىلەن، بۇ بىر قەدەمنىڭ كىيىنكى كۈنلەردە ئۆزىنى نۇرغۇن دەككە دۈككىگە سالىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ قويمىغان ئىدى.   
سەرۋەر ئۇ نۇمۇرغا تىلفون ئۇرۇپ داۋۇت ئاكىنى ئىزدەيدىغانلىقىنى ئىيتىۋىدى،خەنزۇ خىزمەتدىشى ئۇنىڭ يانفون نۇمۇرنى دەپ بىرىپ مۇشۇ نۇمۇرغا ئۇرسا تاپالايدىغانلىقىنى ئىيتتى.سەرۋەر تىلفوننى ئۇرۇپ، ئەھۋال سورسا قايتۇرۇپ ئەھۋال سوراشمۇ يوق،تولىمۇ قۇپال بىر كىشىگە يولۇقۇپ قالغىنىنى ھىس قىلىپ،تەكەللۇپمۇ قىلمايلا شۇ كۈندىكى مال ئەكىلىش، ئارمانغا ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا، شۇنداقلا ئارماننىڭ شۇ كىشى توغۇرسىدا دىگەن گەپلىرىنى يەتكۈزۈپ، بۇ ئىشنىڭ بىر مۇنچە باش ئاغرىقى ئىلىپ كىلىشى مۈمكىنلىكىنى خۇددى قارا جەمىيەت كىنولىرىدىكىدەكلا دەپ ئۇ كىشىنىڭ قايتۇردىغان ئىنكاسىنى ئاڭلاپ باقماقچى بولدى،لىكىن بىر ھۆكۈمەت ئورگىنىدا ئىشلەپ يۈرگەن ئادەمنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان تولىمۇ شەرمەندە گەپنى ئاڭلىغان سەرۋەر ئىچىدە مىڭ لەنەتلەرنى ئوقۇپ، سۆزنى ئاڭلىمايلا تىلفوننى قويىۋەتتى. لىكىن ئۇ بۇ گەپنىڭ تەسىر قىلدىغىنىنى بىلەتتى.   
دەرۋەقە سەرۋەر ئۆيىگە قايتىپ كىلىپ ئىككى كۈنلەردىن كىيىن ئارماندىن يەنە تىلفون كىلىپ قالدى، بۇ ۋاقىتتا سەرۋەر ئۆيىگە قايتىپ كىلىپ ئاپىسىغا ھىيتلىق ياردەم قىلماقچى ھەم مومىسىنىڭ نەسىھىتى بىلەن ئىلگىرى ئوقۇۋاتقان بەش ۋاق نامىزىنى باشلىۋالماقچى ئىدى.   
مومىسىنىڭ نەسىھىتى ئەمەس، بەلكىم ئاللاھ تائاللا كۆڭلۈمگە سالغان بولسا كىرەك دەپ ئويلىدى سەرۋەر، چۈنكى ئارماننىڭ تەھدىت ئارلاشقان تولىمۇ سىلىق ئاۋازدا ئۇنىڭغا ھۇشۇقىنى قايتۇرۇپ بەرمەكچى بولشى ئۇنى بىر كۆرۈپ ئاندىن ئۆز قولىغا بەرمەكچى بولشى سەرۋەرنىڭ يۈرىگىنى ئۆڭدۈردى.
-نىمە بوپسىز، تۇيۇقسىزلا يۇمشاپ قاپسىزغۇ؟ قولۇمغا بەرمەكچىمۇ سىز؟مەن ھازىر ئۆيدە، ھىيتنى ئۆتكۈزۈپ ئاندىن بارىمەن شەھەرگە، سىز مەن دائىم كىرىدىغان تورخانىغا ئەكىرىپ قويۇڭ،شۇ يەردىن ئېلىۋالىمەن-دىدى سەرۋەر، دەرھال كاللىسى ئىشلەپ قېلىپ، چۈنكى ئۇ ئەنسىرەۋاتاتتى، ھىلىقى ساقچى«قانجۇقۇڭنىڭ ئاغزىنى يۇم، بولمىسا ئىشىڭ تۈگىشىدۇ»دەپ ئارمانغا تەھدىت سالغان بولسىچۇ؟   
نىشە يۆتكەش ئاسان ئىش ئەمەس، ئۇمۇ زەھەرنىڭ بىر تۈرى، يەنە كىلىپ مەن تەھدىت سالغىنىم ئادەتتىكى بىرى ئەمەس، جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارسىنىڭ جىنايى ئىشلار ساقچىسى، نىمە دىسە، نىمە قىلسا قىلالايدۇ دە؟ئۇ مۇشۇ ئارقىلىق ئارماننىڭ راس قايتۇرۇپ بىرىش ئويى بارلىقىنى، ياكى يىلاننى ئۇۋىسىدىن تارتىپ چىقىرىش ئويۇنى بولسىچۇ؟جانغا تاقىشىدىغان ئىشقا كەلگەندە نېمە ئىشلارنى نەزەردىن ساقىت قىلىش مۈمكىن؟ مانا بۇ سەرۋەر ئەنسىرەۋاتقان ئىش ئىدى.   
سەرەۋرنىڭ ئەنسىرگەن ئىشى يۈز بېرىۋاتاتتى، ئارمان ئۇ نەرسىنى زادى سەرۋەر دىگەن يەرگە ئاپىرىپ بەرمەيۋاتاتتى، لىكىن قايتۇرۇپ بىرىمەن دەپلا تۇرۋاتاتتى. سەرۋەر سەۋەبىنى سوردى.
-نىمە بولدى،قايسى كۈنى مەندە يوق دەپ،ئەمدى مەندە دەيسىزيۇ مەن دىگەن يەرگە ئاپىرىپ بەرمەيۋاتسىز، نىمە ئىش بولىۋاتىدۇ،نىمىشقا ئۆز قولۇمغا بىرىمەن دەپ تۇرۋالسىز؟-ئۇ كۆڭلىدىكى تۈگۈننى يەشمىگىچە بولدى قىلمايتتى.  
-سەن كىمگە تىلفون قىلغان ئىدىڭ، شۇ ئىزىمغا چۈشۋىلىپ مىنى ئارامىمدا قويمايۋاتىدۇ،سەن تىلفون قىلىپ قايتۇرۇپ بەردى دەپ قويساڭچۇ؟ئۆيۈمگىمۇ قايتالمايۋاتىمەن-سەرۋەر تازا كۈلدى.  
-سەن نىمە دەۋاتقان قولۇڭدىن كەلگەننى قىل دەۋاتقانغۇ، قىلامدىكەنمەن؟مەن سىنىڭ ھىلىقى ساقچى ئاكاڭغا دىگەن ئىدىم،ئەمما مەن ھۇشۇقنى قولۇمغا ئالماي تۇرۇپ ئۇنىڭغا ھەرگىز دىمەيمەن-دەپ تىلفوننى قۇيۋەتتى.   
چۈشتىن كىيىن بولغان ۋاقىت،سەرۋەر ئەمدىلا پىشىن نامىزىنى ئوقۇپ بولوپ تۇرشىغا كەلگەن بىر تىلفون سەرۋەرنىڭ بىشنى تىخىمۇ ئاغرىتتى.  
-ۋەي،ياخشمۇسىز؟-سەرۋەر ئەدەپ بىلەن تىلفوننى ئالدى.چۈنكى تىلفون ئىرشاتتىن كەلگەن ئىدى،سەرۋەر ئۇنىڭدىن ئارماننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغۇرلۇق بىلمەكچى بولغان ئىدى.
- قانداقراق ئەھۋالىڭىز،ئەجەپ يامانكەنسىز، ھازىر ئارمان ئۆيىگىمۇ كىرەلمەيدىغان بولوپ قاپتۇ، نىمە ئىشلارنى قىلىۋەتكەن ئىدىڭىز؟ - دەپ سورشىغىلا بىرەيلەننى تىلفوننى تارتىۋىلىپ شۇنداق سەت سۆزلەر بىلەن سەرۋەرگە ھاقارەت قىلىشقا باشلىدى.   
-ھەي بۇزۇق،ئارمان بىلەن نىمە ئىشىڭ بولسا ئارماننىڭ ئۆزىنى ئىزدىمەي،مىنى نىمىشقا چىتىۋالسەن،شىخودىن مال ئەكىلىدۇ، ئەكەلمەيدۇ دەپ نىمىشقا داۋۇتقا سۆزلەپ يۈرسەن،نۇمۇس قىلساڭ بولمامدۇ،ئارماندىن نەچچە ياش قىرى تۇرۇپ شۇنداق نىمىلەر بىلەن ئارلىشىپ يۈرگىچە ئۆلىۋالساڭ بولمامدۇ؟-سەرۋەرنىڭ ۋاقىراپ تىللاپ ھىلىقى ئاغزنى بۇزۇپ تىللاۋاتقان لاتىنى بۇرنى قۇلقىغىچە تويغۇزۇۋىتىشنى ئويلىديۇ، ھويلىدىلا ئولتۇرغان دادسىنىڭ ئاڭلاپ قىلىپ يەنمۇ جىق كۆڭۈلسىزلىككە قىلىشدىن قورقۇپ ئاۋازنى تۆۋەن چىقىرىپ تۇرۇپ   
-ئەي لاتا،مەن گەپ قىلماي تۇرسام مىنى قورۇقتى دەپ ئويلاپ قالدىڭمۇ؟ئىتنىڭ بالسى،نىمە گىپىڭ بولسا ئاۋۇ ئارمان دىگەن چوشقىدىن سورا،مەن ساڭا دەپ چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرغۇممۇ يوق،لىكىن يادىڭدا بولسۇن،ماڭا قىلغان مۇشۇ ھاقارەتلىرىڭ ئۈچۈن ئىتنىڭ كۈنىنى كۆرسىتىۋىتمەن،سىنىڭ ھىلىقى شىخودىن مال ئەكەلگەن جالاپنىڭ بالىسى ئىكەنلىكىڭنى بىلىپ بولدۇم، شەھەرگە بارغاندا كۆرۈشۈپ قالارمەن،ئارمان ئىككەڭنى تەڭ جايلايمەن-ئۇ بۇ گەپلەرنى تۆۋەن ئاۋازدا ئەمما تولوپ تاشقان غەزەپ بىلەن دەپ بولغىچە چىشلىرى كىرىشىپ كەتتى.   
-سەنمۇ كەل مەن كۆرەي سىنىڭ شەھەردە قانداق ئەركىن ئازادە يۈرەلەيسەنكىن-سەرۋەر  زەھەردەك كۈلكىدىن بىرنى سوۋغا قىلىپ تۇرۇپ دىدى:
-مەن شەھەردە 10نەچچە يىلدىن بىرى ئەركىن ئازادە يۈرۈپ باققان،ھىلىمۇ ھەم يۈرەلەيمەن،قولوڭدىن كەلگىنىنى قىلىپ باقمامسەن مەن كۆرەي-سەرۋەر جاندىن تويغاندەكلا دەۋاتاتتى،لىكىن ئىچىدە يەنىلا بىر قورقۇنۇچ بار ئىدى،چۈنكى ئۇ يەنە مەكتەپكە شەھەرگە بىرىشى كىرەك، ئۇ پەقەت ئارماندىن باشقا ھىچكىمنى تۇنىمسا، بىرەرسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچىراپ قالسا...جان ھەممە ئادەمگە تاتلىق دەڭ؟  
ئۇ بۇنداق گەپ سۆز ،باش ئاغرىقلىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئاخىرى ئارمان ئۆزى بىلەن كۆرۈشۈپ ئىلىۋىلىشنى ئەمما ئادەم جىق يەردە ئىلىۋىلىپلا ئۇنىڭ بىلەن بارلىق ئالاقىنى ئۈزمەكچى بولدى. ئۇ بەش نامىزىدا ئاللادىن تىلىدى، ھۇشۇقنى قايتۇرۋىلىشنى ئەمەس، ئۆزىنىڭ ئامان-ئېسەن بۇ بالا-قازادىن قۇتۇلۇپ چىقىشىنى تىلىدى.  
ئۇ ھىيتتا بىر نەچچە كۈن تۇققانلارنىڭ ئۆيىنى پەتلىۋىتىپ ئاتا-ئانسىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن شەھەرگەن تۇنجى قىتىم خۇشال-خۇرام ماڭدى، چۈنكى ئۇنىڭ بەش ۋاق نامىزنى باشلىشى بىلەن ئاتا-ئانىسىنىڭ پوزىتسىيەسىدە 360 گىرادۇس ئۆزگىرىش بولدى، ئۇنى ھاقارەتلەيدىغان سۆزلەرمۇ، جىدەل بىلەن يولغا سالىدىغا ئىشلارمۇ تۈگىگەن ئىدى، لىكىن سەرۋەرنىڭ كۆزىدە لىق ياش، بۇ ياشلار ھىجىران ياشلىرىغىمۇ، قورقۇش ئالدىدىكى ئاجىزىلىقنى ئىپادىلەيدىغان ياشقىمۇ ئوخشايتتى.  
بۇ نەچچە كۈندىن بىرى سەرۋەرگە كىچىمۇ كۈندۈز ھەمراھ بولىۋاتقان ناخشا ئابدۇللا ئابدۇرىھىم ئورۇنلىغان«مەن ئۆلەرمەن»دىگەن ناخشىنىڭ سەرۋەرنىڭ كۆزىدىن قانچىلاپ ياشلارنى بىھۇدە ئىقىتىۋەتكىنىنى سەرۋەر ئۆزىلا بىلەتتى، چۈنكى ئۇ ئارمان بىلەن كۆرۈشۈپ بىر ياخشى ئىش بولماسلىقىنى بىلەتتى، شۇڭا ئۇ بۇ قىتىم قىزى بىلەن ھىچقاچاندا بولۇپ باقمىغان بىر خىل ئازاپ ھەم قىيماسلىق ئىچىدە خوشلاشتى. ئۇ شەھەرگە ماڭغۇچە ئاپتۇبۇس ئىچىدىمۇ توختىماي ئاڭلاپ تارام-تارام ياشلىرىنى ئېقىتماقتا، ئۇنىڭ بۇنچە ئازاپلىنىشى ھەرگىزمۇ بۆرە ھۇشۇقى ئۈچۈن ئەمەس ئىدى، كىشلەر ئارسىدىكى مىھىرسىزلىك، سوۋۇپ كىتىۋاتقان مۇھەببەت، كىشلەرنى مەنسىتمەسلىك....تۈرلۈك كېبىر ئىلىپ كېلىۋاتقان بارلىق ئىللەتلەرنىڭ سەرۋەرنىڭ بىشىغا بىر-بىرلەپ،يەنە كېلىپ ئەڭ يېقىن كۆرگەن كىشىلىرىدىن كېلىشى ئىدى. ئازاپلىق كەچمىشلەرنى بىر- بىرلەپ كۆز ئالدىدىن ئۆتكۈزگەن سەرۋەر ئۆزىنى قانداق تۇتۇۋېلىشنىمۇ بىلمەي قالدى،شۇ تاپتا ئۇنىڭ كاللىسى قۇپقۇرۇق، نىمە قىلىپ نەدە تۇرۇشىنىمۇ بىلمەي تۇراتتى، ئۇ مەكتەپكە بىرىپ ئوقۇتقۇچىلىرىغا بىر كۆرنۈپ قويۇپلا  يەنە تورغا يۈگۈردى،شۇ تاپتا ئۇنىڭ كاللىسغا پەقەت كۆڭلىدىكى ئادىمى ئابلىكىم بىلەن شۇنداقلا شۇنچىلىك سەمىمىلىكى بىلەن دۇنيادا يەنە مىھرى مۇھەببەتنىڭ بارلىقىنى تۇنۇتۇپ كىلىۋاتقان سىرداش توردىكى ئاكىسىلا ئۇنىڭغا چىقىش يولى كۆرسۈتۈپ بىرەلەيدىغاندەك تۇراتتى، شۇڭا ئۇنىڭ كۆڭلى تورنى تارتىپلا تۇراتتى، ئۇ تورغا كىرىپ ئابلىكىمنى ئۇچۇرتالمىدى، نىمە بولدىكىن ئابلىكىم ئۇنى ئۆچۈرۋەتكەن ئىدى. ئاھ خۇدا!  بۇ نىمە ئىش، سەرۋەر راستىنلا دۇنيادىكى ئارتۇقچە ئادەم بولوپ قالدىمۇ نىمە؟ ئۇنىڭ توردا بىردەممۇ ئولتۇرغۇسى كەلمىدى،ھىلىقى ئابلىكىم بىلەن سۆزلەشكەن كىچىسى ئۇ ئەۋەتىپ بەرگەن ناخشىنى دوسلىرىدىن تەلەپ قىلىپ ئىزدەپ تاپقۇزۇپ شۇ ناخشىلارنى قويۇپ قويۇپ قانداق قىلىش توغۇرلۇق ئويلاشتى، بۇنداق چاغدا سەرۋەر تولىمۇ ئەتىراپلىق ئويلىشاتتى،ئەمما ئابلىكىمنىڭ چ چ دىن ئۇنى ئۆچۈرۋىتىشى ئۇنىڭغا بەكلا ئىغىر كىلىۋاتاتتى. ئۇ بىردىنلا بېشى قايغاندەك بولدى، توغرا ئۇ بۇ ئىشنى ئويلاپ نەچچە كۈنلەر تۈزۈك زىھنى بىلەن تاماق يىمىگەن، يىگەن بىر لوقما تائام ئۇنىڭغا زەھەردەك سىڭگەن ئىدى،ئۇ شۇڭا تازا تويغۇچە تاماق يەۋىلىپ ئاندىن ئويلىمايمۇ، بولمىغاندا ئالمىسام نىمە بوپتۇ، بەش ناماز ئوقۇپ تۇرۇپ يەنە شۇنداق نەرسىلەر ئۈچۈن نىمە ئىشلارنى قىلىپ يۈرۈيمەن؟ بۇ خىيال بىلەن بىردىنلا ئۇنىڭ كاللىسىمۇ ئىچىلدى،توغرا ئەمەسمۇ مۇشۇ نەرسىنى دەپ نۇرغۇن نەرسىلەردىن ھەقىقى مىھىر بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتقان ئابلىكىمىدىنمۇ ئايرىلىپ قىلىپتۇ،ئۆيدىن چىقىپ كىتىپ ئۆيدىكىلەرنىمۇ ئۆزىدىن تەزدۈرۈپتۇ، مانا بىر ئوبدانلا بەش ۋاق نامىزىنى باشلىۋىدى،ئۇرۇش جىدەل، تىلفون كەلگەنلەردىكى ئالىيىش، سىسىق تەنە گەپلەر ھەممىسى تۈگەپ شۇنداق خۇشال ماڭدى،مەيلى ئەمەسمۇ؟شۇ ھۇشۇقنى قايتۇرۋالمىساممۇ مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى مىھىر مۇھەببەت ئەمەسمۇ؟ ئۇ بىردىنلا روھلاندى نەگە بېرىشىنمۇ پىلانلاپ ئورنىدىن تۇردى. 
باياتىندىن بىرى غەم-ئازاپتىن بىشى چۈشۈپ كەتكەن سەرۋەرنىڭ روھى كۆتۈرەڭگۈ ھالەتتە تورخانىدىن ئايرىلىدى، ئۇ كەچ بولغاندا ئاكىسىنىمۇ، ئابلىكىمنىمۇ تاپالايدىغانلىقىنى پەرەز قىلىپ يەنە مومىسىنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى،ئالدىنقى قىتىم ئۆيىگە قايىتقاندا مومىسىنىڭ ئۆيىدىكىلەرگە دەپ قويمايلا خوشلىشىپ كەتكەن بولغاچقا ئۇلار سەرۋەرنى نەرلەردە يۈرۋاتقاندۇ؟ئۆيىدىن يېنىپ چىقىپتىكەن، كىملەر بىلەن يۈرگەندۇ دەپ  خاتا چۈشەنچىدە بولغاچقا  5-6كۈننى ئۆتكۈزۈپ پەيدا بولغان سەرۋەرگە ئۇلارنىڭ ئۆيدىكىلەرنىڭ تۇتىۋاتقان مۇئامىلىسى سەرۋەرنى ئۇ يەرگە ئىككىنجى قەدەم باسقۇسى كەلمەس قىلىۋەتتى. كەچ بولغاندا ئۇ يەنە شەھەرگە كىرىپ كەتمەكچى بولدى، بۇ ئۇنىڭ كۆڭلىدە ئۇلاردىن پۈتۈنلەي ئۈمۈدىنى ئۈزۈپ مىڭىشى ئىدى، لىكىن ئۇلار بۇنىڭ راستىنلا ئەڭ ئاخىرقى خوشلىشىش بولوپ قىلىشنى ئويلىمىغان ئىدى، ئويلىغان بولسىدى، ئۇنىڭغا بۇ بىر ئىغىز گەپنى ھەرگىز دىمىگەن بولاتتى.
- شەھەرگە ماڭدىڭما؟-دىدى ھېلىقى سەرۋەرنىڭ تۇققىنى بولغان كېلىن-ھەر بىر كەلگىنىڭدە كەچ بولغاندىلا شەھەرگە كىرىپ كىتىپ بارىسەن، نەچچە كۈن زادى كەلمىدىڭ،نەدە يۈرىۋاتىدۇ دەپ تاغاڭ(مومىسىنىڭ ئوغلىنى دىمەكچى)نەچچە سوردى،مەنمۇ نىمە دىيىشمنى بىلمەي قالدىم، بۈگۈن يەنە ماڭغانتىڭ نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي ئەمدى كەلمەيدىكەن، نەرسە كىرەكلىرى بار ئىدى شۇنى ئالغىلى كەپتۇ دەپ قويدۇم-سەرۋەرگە ئاسمان يىراق يەر قاتتىق كەلدى، ئۇ ئاران چىقارغان قارارىنى ئۆزگەرتىپ ئارماندىن بۈگۈن قاتتىق ھىساپ ئالماقچى،ئۆلسىمۇ بۈگۈن ئۆلىشىنى قەتئى قارار قىلدى. چۈنكى ئەتىگەندىلا كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز ھاقارەتتىن ئىككىسىگە يولۇققان سەرۋەر پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ روھى تەڭپۇڭلىقىنى يۇقاتقان ئىدى،قىيىشقاندەك خۇدى ماتەمدار ئادەمدەك تۇتۇلىۋالغان ھاۋا،شۇملىقتىن دىرەك بىرىپ ھۇۋلاۋاتقان شامال يىلىڭ كىينىۋالغان سەرۋەرنىڭ تىنىنى مۇزلاتسا، بۇ گەپ سەرۋەرنىڭ روھىنى مۇزلىتىۋاتاتتى.ئۇ ماشىنا ساقلاش بىكىتىگە كىلىشىگە كۆز ئالدىدىن ھازىرقى ئايالىنى موتسىكىلىتىغا مىندۈرۈپ ئۆتۈپ كىتىۋاتقان يولدىشىنى كۆردى، بۇ سەرۋەرگە روھى جەھەتتىن ھىچقانداق تەسىر كۆرسىتەلمىگەن بولسىمۇ، بۈگۈنكى بارلىق جۇدالىقتىن بىشارەت بىرىۋاتقان كۆڭۈلسىز ئىشلارنىڭ قاتارىدا ئۇمۇ يوق ئەمەس ئىدى ئەلۋەتتە.  
سەرۋەر كەچ بولىشىنى ساقلاپ يەنە تورخانىغا كىرىپ ئولتۇردى،ئۇ دەرھاللا يەنە بىر چ چ نۇمۇرى ئىلتىماس قىلىپ ئابلىكىمنى قىتىۋالدى، ئابلىكىم تىزلا كىردى، كۈندۈزدە توردا بولالمايمەن دىگەن ئابلىكىم توردا تۇراتتى. لىكىن سەرۋەرنىڭ چ چ سىدا ئۇ يوق،نىمە سەۋەپ بارلىقىنى سەرۋەر بىلمەيتتى. شۇنداق قىلىپ ئۇ چاندۇرماي باشقا بىرئىسىم بىلەن بىلەن ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشتى،ئابلىكىم يەنە شۇنداق ئەدەپ بىلەن ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىۋاتاتتى، بىر ۋاقىتتا سەرۋەردىن رەسىمى بار يوقلىقىنى سوردى،سەرۋەر دەرھاللا باشقا بىرەيلەننىڭ رەسىمىنى ئەۋەتىپ بىرىپ ئۇنىڭدىن رەسىمى بار يوقلىقىنى سورىدى،چۈنكى ئۇ ئۇنىڭ چىرايىنى شۇنچىلىك سىغىنغان ئىدى،ھەم ئۆلسىمۇ شۇ سۈرتىنى بىر كۆرۈۋىلىپ ئۆلۈپ كەتسە ئارمانسىز كىتەتتى، ئابلىكىم تىزلا ئۆزىنىڭ بىر پارچە سۈرىتىنى سەرۋەرگە ئەۋەتتى.چۈنكى ئۇ بۇ قىزنىڭ سەرۋەر ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلالمىغان ئىدى، باشقا كۈندىكى سەرۋەر بولغان بولسا شەيتانلىقى بىلەن تىزلا چاندۇرۇپ قوياتتى،بۈگۈنكى سەرۋەر ئۆلۈم ئالدىدىكى سۈكۈتتە تۇرغان ئادەمدەك جىمجىت، ۋۇجۇدىدا دۇنيانىڭ رەھىمسىزلىكىگە جەڭ ئېلان قىلماقچى بولسىمۇ، يالغۇز كىلىۋاتقان بىچارلىك ھىسىياتى ئەۋىج ئىلىپ تۇرۋاتقان بولغاچقا بەكلا تەمكىن سۆزلىشىۋاتاتتى، ئابلىكىم بولسا چ چ دىكى مۇشۇ قىزدەك مىجەز سەرۋەرىمدە بولغان بولسا ھە؟دەپ بۇ قىزغا ئىختىيارسىز مىھرى چۈشۈپ ئەڭ چىرايلىق چۈشكەن سۈرىتىنى سەرۋەرگە ئەۋەتىپ بەرگەن ئىدى،ئاپئاق ئىشتان كىيگەن،ياقىسى ئاپئاق كۆك يوللۇق كوپتا كيگەن، يوغان كۆزلىرىدە بىر ئويچالىق يىغىپ تۇرغان،ئاپئاق يۇمىلاق يۈزىگە ياراشقان بۇرۇتى،شۇنداقلا مەڭزىدىكى قىزىللىق كۆل بويىدا ئولتۇرۇپ سۈرەتكە چۈشكەن ئابلىكىمنىڭ بارلىق گۈزەللىكىنى شۇنچە نامايەن قىلغان ئىدىكى سەرۋەر ئۆزىنى باسالماي قاتتىق ئۆكسۈپ يىغلىۋەتتى،ئۇ ئابلىكىمگە ئۆزىنىڭ سەرۋەر ئىكەنلىكىنى دەۋەتمەكچى، ئۇنىڭغا بىر نەچچە ئىغىز مەڭگۈلۈك خوشلىشىش سۆزى قىلىپ چۈشۈپ كەتمەكچى بولدىيۇ، ئۇنىڭ كۆڭلىگە تۈگۈمەس ئازاپ سېلىپ قويۇپ كىتىشكە كۆڭلى ئۇنىمىدى، ئۇنىڭ نەسىھەت قىلىپ ئۇنى بۇ يولىدىنمۇ قايتۇرۇشىنمۇ خالىمىدى، چۈنكى ئۇ جاندىن تويغان ئىدى.نىمە بولسام بولاي دىدى- دە، ئابلىكىمنىڭ شۇ سۈرتىنى تىلىفونىغا تارتىۋىلىپ توردىن چۈشۈپ كەتتى. ئۇ ئەلۋەتتە ھىلقى ئاكىسىغا بۇ ئىشلارنى قىسقارتىپ دەپ بەرگەن بولسىمۇ، لىكىن ئۇ بۇ ئىشنىڭ باش ئايىغىنى تۇلۇق چۈشۈنۈپ كىتەلمىگەچكە پەقەت ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاۋۇتىدىغان يىقىملىق سۆزلەر بىلەنلا ئۇنىڭ دىلىغا يورۇق چىراق بولوپ يانماقچىلا بولاتتى خالاس، ئەمما بۇ چىراق نۇرى،پەقەت بىر تاللا،يەنە كىلىپ ئازغۇندەك گاھ كۆرۈنۈپ گاھ كۆرۈنمەيدىغان بولغاچقا،قانداقمۇ سەرۋەرنىڭ دەريادەك كەڭ،ئەمما تىلسىماتتەك قاراڭغۇ بولغان دىلىنى بىر يولىلا يورتالىسۇن؟سەرۋەر كۆڭلىدە مۇشۇنچىلىك بولسمۇ يۇرۇقلۇقنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ نۇرلىنپ تۇرۇشىنى، دۇنيادا مىھىرى-مۇھەببەتنىڭمۇ بارلىقىنى ھىس قىلىپ تۇرۇشنى ئۈمۈد قىلىپ باشقا قىلماقچى بولغان ئىشىنى دىمەيلا بىر ئىغىز خوش دىگەن سۆز بىلەن چۈشۈپ كەتتى، ئۇ ئىچىدە«ئامان ئىسەن بولسام كۆرىشەرمىز،ئاكا»دەپلا چۈشۈپ كەتتى.   
سەرۋەر يەنە شۇ شەيتاننىڭ ئازدۇرشى بىلەن ئارماننىڭ مەھەللىسىگە قاراپ ماڭدى، ئۇ بۇ قىتىم بارلىق دەرىت ئەلەملىرىنى، غەزەپ نەپىرىتىنى مۇشتۇمىغا يىغىپ «قىزىل پاچاقلار»مەھەللىسىگە قاراپ ماڭدى،ئۇ يولدا كىتىپ بىرىپ بىر ئۆينىڭ ئالدىغا چىرايلىق دەستىلەپ قويۇلغان ئورماننىڭ پۇتاقلىرىنى كۆردى،ئۇ شۇ تاپتا بىر ئوغۇلبالىنىڭ ئۆزىنى بۇ يولدىن ياندۇرۇشىغا ، بولدى قىلىڭ بۇ ئىشنى مەن تۈگۈتۈپ بىرەي، ئۆزىڭىزنى سىلىپ بىرىشىڭىزگە ئەرزىمەيدۇ دەپ ئۇنىڭ قاپقاراڭغۇ زۇلمەتكە تولغان يۈرۈكىنى يورۇتۇشغا مۇھتاج بولدى، ئابلىكمگە بۇ ئويىنى ئىيتتقان بولسا بەلكىم بۇ ئوغۇلبالا نەق شۇ بولوپ قىلىشى مۈمكىن ئىدى، ئەمما ئۇ سەرۋەرنىڭ بۇ كىچىككىنە نەرسە ئۈچۈن نىمىشقا شۇنچىۋالا قىلىشنى چۈشەنمەيتتى ھەم ئۆزىنىڭ باش بولوپ بۇ يولىغا مىڭىشمۇ ناتايىن ئىدى، ئەمما ئۇ سەرۋەرنىڭ ھاياتىغا تەۋەككۈل قىلىشنى ئەلۋەتتە خالىمايتتى، بەلكىم قوغدۇغۇچى بولوپ باراتتى،ياكى نەچچە دوستىنى ئىشقا سىلىپلا سەرۋەرنى بۇنداق يولغا مىڭىشىغا يول قويمىغان بولاتتى، ئەمما سەرۋەر زادى بۇ ئىشنى ئۆزى ئاياغلاشتۇرۇپ بارلىق دەردىنى ئۆزى چىقارمىسا بولمايدىغاندەك ھىچكىمگە تىنمايلا بۇ يولغا قەدەم قويدى، بۇچاغدىكى سەرۋەر ھەرگىزمۇ باشتا دىگىنىمىزدەك نازاكەتلىك سەرۋەر ئەمەس، تولىمۇ قارام، ئەركەك زەدەك سەرۋەر ئىدى. ئۇ شۇ دەرەخ شاخلىرى ئارسىدىن يوغان بىر كالتەكنى ئالدى دە، ئارماننىڭ ئۆيىگە يىقىنلاپ باردى، ئۆينىڭ ئىشىكى ئوچۇق تۇراتتى، كەچ سائەت 9لار بولغان ۋاقىت بولغاچقا ئەتىراپ قاپقاراڭغۇ ئىدى،سەرەۋر دەسلەپتە سەل قورۇققاندەك قىلغان بىلەن شۇ ئاققۇزغان كۆز ياشلىرى ئۇنىڭ يۈرۈگىنى قىتىتىپ باراتتى،ئۇ ئۇدۇللا بىر كىچىك بالىنىڭ ئاۋازى ئاڭلانغان،چىراق يىنىقلىق تۇرغان ئۆينى مۆلچەرلەپلا كىردى ۋە كىرىپلا ۋاقىرىدى.   
-ئارمان قىنى-3ياشقا كىرگەن بىر بالىنى قۇچاقلاپ ئولتۇرغان ياش جۇۋان(ئايالى بولسا كىرەك)چۈچۈپ كەتتى-سىز ئارماننىڭ ئايالى بولامسىز؟   
-شۇنداق-نىمە ئىشىڭىز بار ئىدى_سەرەۋر قاتتىق ۋاقىرىدى_ئارمان دىگەن ھارامدىن بولغان قىنى؟كىمنى ماز قىلىپ ئوينايدۇ؟-ئۇ ئاچچىقىدا قايسى گەپنى باشتا باشلاشنى بىلمەي قالدى.-ئارمان قىنى دەۋاتىمەن،ئۇ ئىچكىركى ئۆيدىن چىقىۋاتقان سىسىق بۇستىن كۆڭلى ئىلىشپ شۇ تەرەپكە بىشنى بۇراپلا قارىدى،ئارمان دەل شۇ ئۆيدە ئىدى.سەرۋەر بالىنى يەنە ھىچنىمىدىن خەۋىرى يوق چوكاننى قورقۇتۋەتمەسلىك ئۈچۈن ئۇدۇل شۇ ئۆيگە كىردى دە،تۆپىدە ھوزۇرلۇنۇپ قاپاقنى تارتىپ ئولتۇرغان ئارماننىڭ بەھۇزۇر تۇرىقىدىن غەزىپى مىڭغا يەتكەن سەرۋەر ئاياغ بىلەن تۆرگە چىقىپلا ئارماننىڭ ياقىسىدىن تارتىپلا پەسكە سۆرەپ چۈشتى.ھىلىقى ئايال جۈگۈرۈپ تالاغا مىڭىۋىدى،ئارمان كاللىسىنى ئىشلىتىپ ئايالىغا قاراپ ۋاقىرىدى،  
-ساقچىغا مەلۇم قىلىپ قالما- نىمە ئىش بولغانلىقىدىن بىخەۋەر چوكان نىمە بولدى زادى دەپلا تۇرۇپ قالدى.
-سىز ئىشىڭىزنى قىلىۋىرىڭ،بۇ ئىشتىن سىزنىڭ خەۋىرىڭىز يوق.بۇ منىڭ ئىرىڭىز بىلەن قىلىشىدىغان كونا يىڭى ھىساۋاتىم،سىزگە ھىچقانداق دەخلىسى يوق-ئۇ ئارمانغا قاراپ چىشلىرنى غۇچۇرلىتىپ-قورقۇشنى بىلىدىكەنسەن ھە ھارامدىن بولغان،قىنى ھۇشۇق؟-ئۇنىڭ ئاۋازى خۇددى ئوغۇلبالىنىڭكىدەك گۈركىرەيتتى.قولىدىكى كالتەك ئۇنىڭ ھەيۋىسىنى تىخىمۇ يۇقىرى قىلىۋىتىپ باراتتى. ,
-مەندە ھازىر يوق،مەن ئەتىگىچە تىپىپ ساڭا تىلفون قىلىمەن-ئۇ بۇ گەپنى قىلمىغان بولسىدى سەرۋەرنىڭ ئەمدى بىسىقىۋاتقان ئەسەببىيلىكى قايتا قوزغالمىغان بولاتتى،ئۇ ئارماننىڭ ياقىسىدىن سىلىكپ تۇرۇپ-مىنى يەنە ئاخماق قىلىمەن دەپ ئويلاۋاتامسەن؟ئارمان،مەن ساڭا جىنىمنى تىكىپ قويدۇم_سەرۋەر ئارماننى ئىشىك تەرەپكە ئىتتىرىۋىتىپ سۇپا ئۈستىدە تۇرغان تىلىۋىزور جازىسى ئىچىگە تىزىلغان چىنە قاچىلارنى يەرگە ئەسەببىلەرچە ئاتتى،قولىدىكى كالتەك بىلەن ئۆزىنى قوغداۋاتاتتى، بىر چاغدا ئەسەببىلىشىپ دەرىزنىڭ ئەينەكلىرىنى چىقىۋاتقان سەرۋەر كەينى تەرپىدىن سول تاغىقىغا تەككەن بىر تىپىكنىڭ زەربىسىدىن قاققان قوزۇقتەكلا تۇرۇپ قالدى،مانا ئەجەل دەھشىتى،قىنى قىززىپ،دۈپۈلدەپ سىلىۋاتقان يۈرەككە ئارقىسىدىن كەلگەن زەربە قاتتىق تەسىر قىلىپ سەرۋەرنىڭ قولى تىتىرەپ قولىدىكى كالتەك يەرگە چۈشۈپ كەتتى،ئۇ قان تولغاندەك قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرى بىلەن ئارمانغا بىر قاراپلا يەرگە ئىڭىشتى دە كالتەكنى قولىغا ئىلىپ ئارماننىڭ چىرايىغا كەلسە كەلمەس ئۇرۇۋەرگىلى تۇردى،ئارمانمۇ قاراپ تۇرمىدى ئەلۋەتتە قوللىرىنى ئۇيان بۇيان پۇلاڭلىتىپ سەرۋەرنىڭ يا چىچىنى يا قۇلىقىنى بولسمۇ تۇتۇۋىلىپ دەردىنى چىقىرۋىلىشقا تىرشىۋاتاتتى،لىكىن بۇمۇ مۈمكىن بولماي قالدى،چۈنكى سەرۋەر بۇ يەرگە كىرىشنىڭ ئالدىدا چاچلىرىنى بىراقلا چوققىسىغا كىچىك قىلىپ تۈگۈۋىلىپ،يىنىك كىيىملىرىنى كىيىپ رەسمى تۈردە ئۇرشۇشقا،مەيلى ھۇشۇقىنى ئالالىسۇن،ئالالمىسۇن دەردىنى تازا چىقىرىۋىلىپ كىيىن نىمە كۈنگە قالسمۇ ئۆكۈنمىگۈدەك ئۇرشىۋىلىشقا تەييارلىنىپ كەلگەن ئىدى.تەلىيىگە نىشە چىكىپ بىخۇد ھالەتتە تۇرغان ئارمان ئۇنىڭغا قارشلىق قىلالمىغان، سەرۋەر تازا دەردى چىققۇدەك ئۇرۋالغان بىلەن كەينىدىن تەككەن تىپىك سەرۋەرنى تۈگەشتۈرگەن ئىدى.سەرۋەر ئاختۇرۇپ يۈرۈپ ئارماننىڭ ئىشتىنىنىڭ بىلىگە تۈگىۋالغان بۆرە ھۇشۇقىنى قولىغا ئالدى دە ئۆيدىن ئوقتەك چىقىپ كەتتى،ئارماننىڭ ئايالى بولسا سەرۋەر چىقىپ كىتىشى بىلەن يۈگۈرۈپ كالتەك زەربىسىدىن يەردىن قوپماي ياتقان يولدىشىنىڭ قىشىغا يۈگۈردى.سەرۋەر ھۇشۇقنىمۇ ئالغان بولدى،ئەمما ئۆزىگە ئىغىر زەربىمۇ تىپىۋالدى،ئۇنىڭ پات پات بىر ئەنسىزلىككە يۇلۇققاندەك پۇلاڭلاپ نەشتەر سانجىغاندەك سانجىلىپ ئاغرىۋاتقان يۈرۈگى بىر شۇملىقىتىن بىشارەت بىرىپ تۇراتتى. ئۇ دوختۇرخانىغا بىرىپ تەكشۈرتۈشنىمۇ خالىمىدى،چۈنكى  ئىغىر كىسەلگە گىرىپتار بولوپتۇ دەپ ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىدىغان كىشمۇ بولماسلىقى،ئاتا-ئانىسى بولسا ئازىراق داۋالىتىپ قويۇپلا داۋاسى يوقكەن دەپلا ئولتۇرشى مۈمكىن دەپ ئويلىغان سەرۋەر ئەجەلنىڭ تۇيۇقسىز كىلىپ جىنىنى ئىلىشنى ساقلاپ تۇرماقچى بولدى،بۇ چىرايى،بۇ مىجەزى بىلەن ئۆيىگە قايتىپ بىرەر سىسىق گەپ ياكى بىرەر قۇپال مۇئامىلىنىڭ دەستىدىن ئەجەلنىڭ ئۆزىنى بالدۇرراق يوقلىماسلىقى ئۈچۈن ئۆيىگمۇ قايتمايلا شەھەردىكى ئىشىغا ماڭدى، دەرۋەقە ئىشلىرىمۇ يولىنى تاپتى،سەرۋەرنىڭ ئارزۇيىمۇ ئەمەلگە ئاشتى،ئۇ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت سوممىسى ئالمىسىمۇ،ئالدىراپ كەتمىگەن بولسا بارلىق شەھەر ئاھالىلىرنى تۇرالغۇ ئۆي بىلەن تەمىنلەش سىياستىمۇ يىتىپ كىلەتتىكەن،سەرۋەر مۇشۇ سىياسەتنىڭ تۈرتكىسىدە تۆۋەن باھالىق ئۆيگىمۇ ئىرىشتى،بالىسى ئۈچۈن قىلماقچى بولغان ئىشنىمۇ ئاخىرى ئەمەلگە ئاشۇردىيۇ،ئۆزىگە بۇ بەخىت نىسىپ بولمىدى،چۈنكى ئۇنىڭ يۈرىگىدە نۇرغۇن داغلار بولوپ بۇلار بىر بىرلەپ سەرۋەرنىڭ يادىغا يىتىپ ئۇنىڭ ئاران قالغان يۈرىگىنى كاردىن چىقىرۋاتاتتى،چىرايىنى كۈندىن كۈنگە سارغايتىپ كەچكۈزدە سۇلۇش ئالدىدا تۇرغان گۈلنى ئەسلىتەتتى.ئۇنىڭغا بىردىنبىر خوشاللىق بولۋاتقان نەرسە يەنىلا مەۋھۇم دۇنيا ھەم ئابلىكىمنىڭ ھىلىقى تىلفوندىكى سۈرىتى ئىدى،ئۇ ئەھۋالىنىڭ ئىغىرلىشىۋاتقانلىقىنى بىلىپ ئابلىكىمنى بىر كۆرمەي كىتىپ قالسا كۆزى ئۇچۇق كىتىدىغانلىقىنى بىلىپ،ئالغان تۆۋەن باھالىق  ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى قولىغا ئىلىپ، ئەتە قايتىپ ئاتا-ئانامنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن دىگەن كۈنى كىچىسى ئۆزى ئۈچۈن ئەڭ خۇشال مەنزىلگاھ بولغان تورخانىغا كەلدى.ئۇ ئابلىكىمنىڭ چ چ سىغا خەت يازدى.«ياخشمۇسىز ئابلىكىم،مەن سەرۋەر،بىلمەيمەن سىز مىنى سىغىندىڭىزمۇ يوق،ئەمما مەن سىزنى شۇنداق سىغندىم،جانسىز سۈرىتىڭىزنى مەندىن ئاياپ ئەجەپ ناتۇنۇش بىرەيلەننىڭ ئسمى بىلەن  كىرسەم ئەۋەتىپ بەردىڭىز، ئۇ رەسىمنى تىلفونغا تارتىۋىلىپ كۈندە قاراپمۇ يەنىلا سىزنىڭ مىھرىڭىزنى ھىس قىلالمىدىم».ئابلىكىمنىڭ يۈرىگى ئىغىپ كەتتى،«سەرۋەر ئىكەندە؟ئۇ بۇنداق قىلسا قانداقمۇ ھىلىقى تەگمەكچى بولغان يىگىتى بىلەن بەخىتلىك بولالىسۇن،بولمايدۇ ئۇنىڭدا مىنىڭ سۈرىتىم قالسا بولمايدۇ،ئۇمۇ ئۇنتىيالماي ئازاپ تارتىدۇ،كىيىنكى يولدىشى بىلىپ قالسا بەخىتسىز بولوپ قالىدۇ،ئۇ رەسىمنى ئۆچۈرۋەتسە بولاتتى»ئابلىكىم شۇنى خىيال قىلىپ دەرھال سەرۋەرگە:   
-ياخشىمۇسەن،مەن سىنىڭ بەخىتلىك بولىشىڭ،مىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇشۇڭ ئۈچۈن سىنى چ چ رىمدىن ئۆچۈرۋەتكەن ئىدىم،مەن قانچە ئازاپلانساممۇ سىنىڭ بەختىلىك تۇرمۇشڭىغا توسقۇن بولۇشنى خالىمايمەن،شۇڭا رەسىمىمنى تىلفونىڭدىن ئۆچۈرۋەت_ئۇ ئاخىر  چىن يۈرىگىدىكى سۆزىنى سەرۋەرگە ئىيتتى،ئەمما ئۇ تولىمۇ كىچىكىپ ئىيتقان ئىدى،ئۇ چ چ دىن سەرۋەرنى چىقىرىۋىتىشتىن بۇرۇن بۇ سۆزنى قىلغان بولسا ئىدى،سەرۋەرنىڭ ئۆزگەرگەن قەلبىنى،بەش ۋاق ناماز ئوقىۋاتقانلىقىنى،ھۇشۇقنى مۇھىم دەپ قارىمايدىغانلىقىنى بىلگەن بولاتتى،ئەپسۇس ئەمدى تولىمۇ كىچىككەن بولسمۇ سەرۋەر يەنىلا ئۆزىنى دۇنيادىن ئارمانسىز كىتىدىغاندەك ھىس قىلدى.  
-ئۆچۈرەي دىسەممۇ ئۆزى كىلىپ ئۆچۈرسۇن دەپ خەت چىقىۋىلىپ بارىدۇ-سەرۋەرنىڭ مانا بۇ ئەڭ ئاخىرىقى شەيتانلىقى ئىدى.ئابلىكىم ئۆزىنىڭمۇ سەرۋەر بىلەن بىر كۆرۈشۈپ بۇ مۇناسىۋەتنى ياخشى ئاياغلاشتۇرمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئويلاپ يەتتى. قەيەردىكى تورخانىدا ئىكەنلىكىنى، بىرەر ئاشخانا ياكى تورتخانىدا كۆرۈشۈشنى خالايدىغان خالىمايدىغانلىقىنى سوردى،سەرۋەر ئۇنى ئۆزى دائىم تورغا چىقىدىغان تورخانىنىڭ ئالدىدىكى كەڭ ماشىنا توختىتىش ئورنىغا كىلىشنى ئىيتتى. بىر ئازدىن كىيىنلا موتسىكىلىت مىنگەن ئابلىكىم سەرۋەرنىڭ ئارقىسى تەرەپتىنلا كىلىپ قالدى،ئۇ سەرۋەرنىڭ ئارقا قىياپىتىدىن بىر دەم ھوزۇرلىنىپ تۇرۇپ كەتتى،چۈنكى سەرۋەر كۈزنىڭ سوغىقىدىنمۇ ياكى ئۆزى توڭغانلىقتىنمۇ قىلىن ئەمما لابا كەلگەن، ئۇستىگە چىرايلىق گۈللەر كەشتىلەنگەن تولىمۇ چىرايلىق بىر كۆڭلەك كىيگەن بولوپ،چېچىنى ئاستىنى قويۇپ بىرىپ ئۇستىگە ئىككى تەرەپتىن چىرايلىق ئىككى كۆزلىك چازا قىسىۋالغان،دولقۇنسىمان بۈدىرە چىچى شامالدا يەلپۈنۈپ تۇرغان بولوپ دائىم مودا پاسۇندا(_شيۇ-شىيەن)كىيىنىپ يۈرۈيدىغا سەرۋەرنى تولىمۇ گۈزەل قىلىپ كۆرسەتكەن ئىدى، ئۇنىڭ بۇ تۇرىقىنى كۆرۈپ چوڭقۇر بىر تىنىۋەتكەن ئابلىكىم كەينىدىلا توختىغان موتسىكىلىتقا ئۆرۈلۈپ قارىغان سەرۋەرنىڭ سارغىيىپ كەتكەن چىرايىغا،يەرنى ئاران دەسسەپ تۇرغان تۇرىقىغا ئىشقىلىپ خازان بولوش ئالدىدا تۇرغان گۈلنى ئەسلىتىدىغان تۇرىقىنى كۆرۈپ بۇنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى ئۇچۇرشۇش ئىكەنلىكىنى يۈرۈگى تۇيدى دە،يۈرۈگى پىژژىدە قىلدى-دە، ئىختىيارسىز بىر تامچە ياش مەڭزىنى بويلاپ چۈشۈپ كەتتى. ئۇ بۇنى ئويلىمىغان،سەرۋەرنىڭ بەخىتلىك بولوپ كىتىشى ئۈمۈد قىلغان ئىدىغۇ؟بۇ زادى نىمە ئىشتۇ؟ ئابلىكىم بىلمىدى،بەلكىم بىر ئۆمۈر بىلمەي قىلىشى مۈمكىن، چۈنكى سەرۋەر ئۇنىڭغا ئۆچمەس بىر داغ قالدۇرۇشنى خالىمايدۇ،سۇلغۇن چىرايى بىلەن ئاجىزلا تەبەسسۇم بىلەن يەڭگىل دەسسەپ ئابلىكىمگە يىقىنلاپ كىلىۋاتقان سەرۋەر بۆرە ھۇشۇقىنىڭ ئەجەلنىڭ رەھىمسىز ئالقىنىدىن قۇتقۇزۇپ قالالمايدىغانلىقىنى، پەقەت مىھىر مۇھەببەت ئۈچۈنلا مۇشۇنداق خىياللارغا بىرىلىپ يۈرمەي ئاللاغا بالدۇرراق ئىلتىجا قىلغان بولسا بۇنداق پاجىئەگىمۇ قالمايدىغانلىقىنى پەقەت ئەجەل بۇسۇغىسىغا كىلىپ قالغاندىلا ھىس قىلغان ئىدى.                                                          
                                                                         خاتىمە
دۇنيادىكى كىشىلەر ئوتتۇرسىدىكى مىھىر مۇھەببەتنىڭ ئازىيىپ، چۈشۈنۈشنىڭ يوقىلىپ بىرىشى، بىر-بىرىگە بولغان ئىشەنچىنىڭ، شىرىن تاتلىق سۆھبەتلەرنىڭ يۇقۇلۇپ بىرىشى كىشىلىرىمىزدە بىلىپ بىلمەي مانا مۇشۇنداق مەلۇم بىر نەرسىگە بولغان چۇقۇنۇشنى،مەۋھۇم دۇنياغا بولغان خۇمارلىقنى،ئۆزىنى خۇشال قىلالايدىغانلىكى مەلۇم بىر نەرسىلەرگە بولغان ئىنتىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىپ، دۇنياىدن رەنجىگەنلەر داخان-پىرىلەرگە،ئىسىتقۇ-سوۋۇتقۇلارغا ئەقىدە قىلىپ يۈرۈشنى تۇرمۇشنىڭ مەناسى قىلىۋالسا، مۇھەببىتىدىن ئازار يىگەنلەر تور دۇنياسىنى ئۆزىنىڭ خۇشاللىق مەنبەسى قىلىۋىلىپ،ئەل-ئاغىنە دوس بۇرادەرلىرىدىن دىلى رەنجىسە ھەر خىل چىكىملىكلەرنى چىكىپ بىر دەم بولسىمۇ راھەتلەنمەيمۇ دەپ كەيىپ ساپاغا بىرىلىپ كىتىۋاتقان،خوتۇنىدىن ياكى يولدىشىدىن ئازار يەپ قالسا سىرىتتىكى ئاشنىلىرىنى خۇشاللىق مەنبەسى قىلىۋىلىپ بارغان مۇشۇنداق دەۋىردە ئازىراق بىر ئادەمگە بولسىمۇ مىھىرىمىزنى بەرگەن، چىن يۈرىگىمىز بىلەن مۇئامىلە قىلغان بولساق،مىللىتىمىز ئىچىدىكى ئەۋىج ئىلىۋاتقان مۇشۇنداق ئىللەتلەر ئازىيىپ باراتتى، بىلىم سەۋىيىمىز يۇقىرى كۆتۈرۈگەنسىرى ئەۋىج ئىلىۋاتقان مۇشۇنداق ئىللەتلەر بىزنىڭ تولىمۇ نادانلىق ئىلىكىدە، ھىچنىمنى چۈشەنمەي،خۇتۇن ئەرنىڭ،ئەر خوتۇننىڭ،ئاتا-ئانا بالىنىڭ،بالا ئاتا-ئانىنىڭ ئىھتىياجىنى چۈشەنمەي يەنىلا بىر خىل بىخۇدلىق ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ، ئەي بەندىلەر مەيلى قانچە گۇناھكار ئىنسان بولسۇن،ئۇنىڭمۇ بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلماي ياشىغان بولساڭلار، پۈتكۈل دۇنيا مىھىر مۇھەببەتكە تولغان كىشى قەلبى قۇياشنىڭ تەپتىدىن ھۇزۇرلانغاندەك ھوزۇرلانغان بولسا بەلكىم قىيامەتمۇ بىزگە بۇنچە تىز يىقىنلاپ كەلمىگەن،قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى بىزگە بۇنچە روشەن نامايەن بولمىغان بولاتتى. سىز گۇناھكار دەپ قارىغان ئادەمنىڭ بەلكىم ئاللانىڭ ئالدىدا سىز بىلمەيدىغان بىر ساۋاپلىق ئىشى بولىشى مۈمكىن، ئۇنىڭ قانداقلىقىغا سىز پەقەت ئىككى كۆزىڭىز بىلەن كۆرۈپلا باھا بەرمەڭ، ئۇنىڭغا قانداق باھا بىرىشكە قىيامەتنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللا تائاللالا ھوقۇقۇلۇق. قىيامەت ھەمىمىزنىڭ بىشىدا بار، شۇڭا ئاللادىن تىلەيدىغىنىم دۇنيا مىھىر مۇھەببەتكە تولسۇن.قەلىبلەر بىخۇدلىقتىن ئويغانسۇن،سۆيگىنىڭىزگە ئىيتمىسىڭىزمۇ مەيلى،شىرىن تاتلىق گەپلىرىڭىزنى يىنىڭزدىكى كىشىلىرىڭىزدىن ئايىماڭ، بىر ئادەمدىن ئالدىراپ بىزار بولماڭ. شۇندىلا باشقىلارمۇ، سىزمۇ بەخىتنى ھىس قىلالايسىز...

مەنبە:ئۆز ئىجادىيتىم.
[ مەدىنەتەرىپىدىن2011-04-02 20:18قايتا تەھرىرلەندى ]
دوستلىشىش
مېھرىگىياھ
ئىنسانلار ئۇرۇق-تۇغقان، ئۇيغۇرلار بىر تۇغقان.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 19
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 4
ئومۇمىي يازما: 300
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە300دانە
تۆھپىسى: 56
پۇلى: 566 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 72
ياخشى باھا: 376
توردا: 98(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-18
ئاخىرقى: 2013-05-25
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-04-02 21:37

« قولىنى ئېرىنىڭ بۇرنىغا تەڭلەپ تۇرۇپ مۇنداق دىگەن ئىدى:  
_بىلىپ قوي،نۇمۇسسىز،سەن شۇنچە يىلدىن بىرى بالىنى بىقىپمۇ باقمىغان،ھەتتا مەكتەپكىمۇ بىرەلمىگەن بىر پەسەندى،مەن سىنىڭ قىلغان شۇ شەرمەندىلىكىڭگە كۆزۈڭگە كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ سەن باققاندىنمۇ ئارتۇق باقىمەن،ئاتا ئاناملا ھايات بولدىكەن بالىنى قانداق بىقىشىمدىن سىنىڭ ساختىپەزلىك بىلەن ئەنسىرگەن بولىۋىلىشڭنىڭ ھاجىتى يوق_دەپ قىيىن ئانىسىنىڭ ئالدىدىلا شۇنداق دىگەن ئىدى»

ئىلھامىڭىز ياخشىكەن، لېكىن قىزلارنى ئەكەك مىجەز ئىپادىلەپ قويغاندەك قىلىسىز
[ مېھرىگىياھتەرىپىدىن2011-04-02 23:35قايتا تەھرىرلەن ]
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 31
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 424
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە424دانە
تۆھپىسى: 54
پۇلى: 547 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 119
ياخشى باھا: 517
توردا: 54(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-19
ئاخىرقى: 2011-08-18
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-04-02 21:40

كۆزلىرىم تورلىشىپ كەتسىمۇ بۇ ئىجادىيەتنى ئوقۇپ تۈگەتتىم . ھىكايىدىكى پىرسۇناژلار گەۋدىلىك چىقىپتۇ ھەم تەبئىي ،بولۇپمۇ ئارماننىڭ بۆرە ھۇشىقىنى ئوغىرلاپ كەتكىنىنى ئوبدان سۈرەتلەپسىز.

ئىجادىيەتلىرىڭىز بوز قىردىن ئۈزۈلمىسۇن !
ئۆرلە ۋەتەن!
دوستلىشىش
بورتالا
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 23
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 156
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە156دانە
تۆھپىسى: 39
پۇلى: 259 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 59
ياخشى باھا: 229
توردا: 14(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-18
ئاخىرقى: 2012-03-28
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-04-02 21:52

ئوففففففففففف ،مەندىنمۇ بۇرۇن ئۇقۇپ بولغانلار بار ئىكەن .

ئاران ئوقۇپ بولدۇق ،قانداقمۇ يىزىپ بولغانسىز ؟ بىراقلا پوۋسىت قىلىۋەتسىڭىزچۇ؟
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 13
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 200
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە200دانە
تۆھپىسى: 70
پۇلى: 458 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 110
ياخشى باھا: 356
توردا: 17(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2013-03-20
4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-04-02 22:34

مەدىنە سىڭلىمىزنىڭ بۇ ھېكايىسىنى تولۇق ئوقۇپ چىقىپ بۇ سىڭلىمىزدا ئىجادىيەتكە بولغان بىر خىل قىزغىن ھېسىياتنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ھەم ئۆزىنىڭمۇ ئۆزىنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇپ ماڭسا ياراملىق بىر ئۇيغۇر ئايال ئەدىبەسى بولۇپ چىقىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم ۋە بۇ سىڭلىمىزدىن شۇنداق خۇرسەن بولدۇم. ئۈمۈدۈم شۇكى بۇ سىڭلىمىز بۇ يولدا ئۆزىنى داۋاملىق سىناپ ۋە تاۋلاپ ماڭسا چوقۇمكى ئەجىر دەرىخى شىرىن مىۋىسى بىلەن سىڭلىمىزنى ئېغىزلاندۇرغۇسى.
دوستلىشىش
ئىمتىھان399
بوزقىر ئەركىسى
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 16
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 194
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە194دانە
تۆھپىسى: 63
پۇلى: 366 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 96
ياخشى باھا: 306
توردا: 24(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2012-06-15
5- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-04-03 14:07

خاتىمە قىسمى ھەممىمىز ئۈچۈن بىر ياخشى ئۈگۈت بوپتۇ.
ئىجادىيەتلىرىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 178
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 72
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە72دانە
تۆھپىسى: 19
پۇلى: 110 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 28
ياخشى باھا: 105
توردا: 8(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-11
ئاخىرقى: 2011-11-26
6- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-04-08 19:52

داۋامىلق تىرىشىڭ ، سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن ..
تىرىش يىگىت
دوستلىشىش
ئىمتىھان399
بوزقىر ئەركىسى
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 16
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 194
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە194دانە
تۆھپىسى: 63
پۇلى: 366 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 96
ياخشى باھا: 306
توردا: 24(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2012-06-15
7- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-04-09 12:35

بۆرە ھۇشۇقى، يىلان مۈڭگۈزى ئامەت ئەكىلىدۇ دەپ ئىشەنسە ۋە يېنىدا ساقلىسا، بىدئەت ۋە شېرىكلىككە بېرىپ تاقىلىدۇ. شۇڭا بۇنداق يامان بىدئەتلەردىن ساقلىنايلى.
دوستلىشىش
ئۇيغۇرقىزى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 351
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 19
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە19دانە
تۆھپىسى: 1
پۇلى: 21 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 2
ياخشى باھا: 21
توردا: 2(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-04-12
ئاخىرقى: 2011-10-04
8- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-04-13 00:00

كۆزۇم بەكلا ئاغىرىپ كەتتى ،
مەدىنە ھەدە ، رەخمەت سىزگە ،
بۇنىڭدىكى سەرۋەرنىڭ بەزى مىجەزلىرى ماڭا بەك ئوخشايدىكەن .
سەرۋەر ئاخىردا بۇ دۇنيادىن كىتىدىكەندە . ھەي .....
دوستلىشىش
بىلگمەن
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 532
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 15
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە15دانە
تۆھپىسى: 0
پۇلى: 15 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 0
ياخشى باھا: 15
توردا: 2(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-16
ئاخىرقى: 2011-06-05
9- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-05-17 14:36

بۆرە ھوشۇقى ئىسل ھىكايە . بىزدىكى نۇرغۇن ناچار ئىللەتلەرنى ئاشكارلاپ بەرگەن ، مىللىتىمىزنىڭ پىسخىك ئالاھدىلىكلىرى مەلۇم دەرىجىدە يورۇتۇلغان نادىر ئەسەر .
   بۇندىن كىيىن بىزگە دائىم ئەسەرلىرىڭزدىن ھوزۇرلاندۇرىشىڭىزنى ئۇمىد قىلىمەن.