چايان تۈركىمىگە تەۋە قىزلىرى:ئەگەر ئۇلار سىزنى ياخشى كۆرسە سىزنىڭ ئۇنى بەك ئۇزۇن قوغلىشىشڭىزنىڭ ھاجىتى يوق،ئۇلار 1 سىكنۇت ئىچىدىلا سىزنى تاللاپ بولىدۇ.بىر كۆرۈپ ياخشى كۆرۈپ قىلىشنى ئۇلاردا يوق دىگىلى بولمايدۇ.
ئەگەر ئۇ سىزنى ياخشى كۆرمىسە ئۇنىڭغا چاپلىشىۋىلىپ كەلتۈرۈشنى ئويلىشىپمۇ قالماڭ،بۇنداق قىلىشڭىز ئۇلارنى سىزگە تىخىمۇ بىزارلىق تۇيغۇسى ئاتا قىلىدۇ خالاس.
ئۇنى تەسىرلەندۈرۈشنى ئويلاپمۇ قالمىسىڭىزمۇ بولىدۇ،چۈنكى ئۇ ھەرگىز تەسىرلەنگەنلىكى ئۈچۈن سىزنى ياخشى كۆرمەيدۇ.ئۆزىڭىزنى زەخمىلەندۈرۈش ئارقىلىق ئۇنى تەسرلەندۈرمەكچى بولدىكەنسىز،ئۇ سىزدىن ئايرىلغىنىغا تىخىمۇ مەغرۇرلىنىدۇ ھەم كەسكىنلەشتۈرۋىتىدۇ.
ئەگەر سىز ئۇنى ياخشى كۆرمىسڭىز:چۇقۇم ئۇنىڭغا ئېيتىپ قويۇڭ،ئۈن-تۈنسىز غايىپ بولماڭ،ئۇنى سۆيۈشكە مەيدانىڭىز ئوچۇق بولغانكەن،ئۇنى تاشلاپ كىتىشكىمۇ مەيدانىڭىز ئوچۇق بولىشى كىرەك،ھەرگىز ئۇنى شۇ يەردە تاشلاپ قويۇپ قالايمىقان خىياللارنى قىلدۇرماڭ بولمىسا ئۇ سىزنى سەۋدالارچە ساقلاۋىرىدۇ.بۇ سىزنىڭ ئۇنى تاشلىۋەتكىنىڭزدىنمۇ بەك رەھمسىزلىك.
سىز ئايرىلىپ قارارىغا كەپ بولغان بولسىڭىز ئۇنىڭغا ئەركىنلىك بېرىڭ،ئۇنىڭ سىزگە چاپلىشۋىلىشىدن ئەنسىرىمەڭ، ئۇلار مەيلى سىزگە قانچىلىك كۆيسۇن،ھەرگىز سىزگە چاپلىشۋالمايدۇ.ئۇ سىزنىڭ ئۇنى سۆزيمەس بولوپ قالغانلىقىڭىزنى ھىس قىلغان ھامان كۈلۈپ تۇرۇپ سىزگە خوش دەيدۇ،لىكىن ئارقىسىغا ئۆرلۈپلا يالغۇز يەردە كۆز ياش قىلىدۇ،سەۋەبىنى سورماڭ بولدى،چۈنكى ئۇلارنىڭ دۇنياسىدا ئايرىلىپ كىتىشنىڭ پەقەتلا ئىككى سەۋەبى بار،ئۇ بولسىمۇ«قەتئى ياخشى كۆرمىگەن بولوش ياكى ياخشى كۆرۈشكە سالاھىيتى توشماسلىق».
ئۇلار مۇھەببەتلەشكەندە ھىچنىمىگە پەرۋا قىلمايدۇ،ئۇلارنىڭ نەزىرىدە«يىگىتى»ھەممە نەرسىدىن مۇھىم.ھەر قانداق ئىشتا ئۇنىڭ ئۈچۈن ئويلايدۇ.ئەمما بۇلار ئەزەلدىن ئىززەت ۋە غورورنى مۇھەببەتتىنمۇ ئۈستۈن ئورۇنغا قويىدۇ،ئەگەر سىزنىڭ «چايان تۈركىمىگە تەۋە»قىز دوستىڭىز،سىز ئۈچۈن ئىززەت ۋە غورورىنى قايرىپ قويغان بولسا،ئۇنىڭدا بىرلا سەۋەپ بارئۇنىڭ سىزنى سۆيىشى ئۆزىنى سۆيىشىدىنمۇ ئىشىپ چۈشىدۇ.
ئۇلار ئالدىراپ بىرىنى سۆيمەيدۇ،ئەمما ياخشى كۆرسە چۇقۇم ھەممىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك داغدۇغا قوزغايدۇ.ئۇلار ھاياتىدا چۇقۇم پەقەت بىرنىلا چىن دىلىدىن ياخشى كۆرىشى مۈمكىن ھەم ئۇنى بىر ئۆمۈر ئۇنۇتمايدۇ.ئەگەر ئۇ سىزنى ياخشى كۆرمىگەنلىكى سەۋەبلىك سىز بىلەن بىر ئۆمۈر بىللە ئۆتەلمەي قالسا ئاستا ئارقىڭىزدا تۇرۇپ سىزنىڭ بەختلىك بولوپ كىتىشڭىز ئۈچۈن دۇئا قىلىپلا ئۆتىدۇ.
ئەگە بىر كۈنلەردە «چايان» قىزى سىزنى سۆيىمەن دەپ قالسا ئۇنى قاتتىق قەدىرلەڭ،چۈنكى ئۇ راستىنلا سىزنى چىن يۈركىدىن ياخشى كۆردى.
مەيلى قىز بولسۇن ياكى ئوغۇل بولسۇن ھىچكىم ئۇنى چۈشنىمەن دىيەلمەيدۇ.ئۇلار ئىچكى دۇنياسىدىكى ئاجىزلىقلارنى ھەرگىز باشقىلارغا ئىچىۋەتمەيدۇ.ھەرگىز خاتا چۈشەنمەڭ.بۇ ھەرگىز ئۇلارنىڭ بەك مۇتەئەسسىپلىكىدىن ئەمەس بەلكى تولىمۇ ئىھتىياتچانلىقىدىن.ئۇلار باشقىلارنىڭ ئۆزىنى ئايىشىنى ھەم ئۇلارنى چۈشنىشنى بەكمۇ ئۈمۈد قىلىدۇ.
ئۇلارنىڭ كۆپىنجىسى كۈتىدۇ،ئۆزىنى ياساپ ساختا قىياپەتكە كىرگۈزۋىلىشنى ياقتۇرمايدۇ.ئادمىيلىكتە دەرىجدىن تاشقىرى ئەستايدىل.ئۇلار ئۆزىنىڭ چارچاپ كەتكەنلىكىنى ھىس قىلغان چاغدىمۇ ھەرگىز چىكىنمەيدۇ.قىيىنچىلىقنى كۆرۈپ چىكىنىش ئۇلارنىڭ تەبىئىتى ئەمەس.
ئۇلارنىڭ مۇھەببىتىگە ئىرىشىپ قالسىڭىز سىزنى كۆيدۈرۋىتىدۇ،ئېرىشەلمەي قالسىڭىز سىزنى توڭلىتىپ قويىدۇ.ئۇلارنىڭ شۇنداق بىر سوغوق نەزىرى باركى،ئۇ ئىچىدىكى بارلىق تەلۋە ھىسىياتلىرىنى ئۇ قارىشىغا سىڭدۈرۋەتكەن بولىدۇ.ئەمىلىيەتتە ئۇلارنىڭ يۈرىكىدە بىر خىل تەنھالىق تۇيغۇسى ھەر ۋاقىت مەۋجۇد.
ئۇلار مەڭگۈ ھىچنىمىگە پەرۋا قىلمىغان قىياپەتتە،ئەملىيەتتەئىچكى دۇنياسى بەك ئاجىز،ئۆزلىرىلا بىلىدۇ.
ئۇلار مەڭگۈگىپىدىن يانمايدىغان قىياپەتتە،ئەملىيەتتە ئىچدىكى زىدىيەتنى پەقەت ئۆزىلا بىلىدۇ.
ئۇلار مەڭگۈ ئائىلسىدىكلەردىن باشقىلارنىڭ كۆڭۈل بۆلىشنى رەت قىلىدۇ،چۈنكى ئۇ بەرداشلىق بىرەلمەيدۇ.
ئۇلار مەڭگۈ ئۆزىنى ئايايدۇ،چۈنكى زەربىگە ئۇچراشتىن قورقىدۇ،ھىچقانداق تارىخ قالدۇرمىسمۇ رازى بولىدۇ.
ئۇلار ئۆز بەختىنى قۇربان قىلىۋتىشكە رازىكى،ھەرگىز ئىگىز ئوقۇرىنى تۆۋەنلىتىشنى خالىمايدۇ،
ئۆز دۇنياسىدا ياشاۋىردۇ.
ئۇلار ئەڭ ئۆزۈمچى،ھەرگىز باشقىلارنىڭ ھىسىياتنى ئويلىمايدۇ،چۈنكى ئۇ ئاللىقاچان ئاقىۋىتىنى مۆلچەرلەپ بولغان.
ئۇلاردا مۇشۇنداق كەڭ قورساقلىق كام،ئەمما مۇكەمەللىكنى قوغلىشىدۇ،شۇڭا ھىسىيات دۇنياسىدا قايمۇقۇپلا ياشايدۇ.
شۇ سەۋەبلەردىن ئۇ ئۆزىنىڭ شۇ تەرەپلىردىن زوقىلىنىشنى خالايدىغان كىشنىڭ پەيدا بولىشنى ساقلايدۇ.ئۇنداق كىشى پەيدا بولغاندا بولسا ئۇنى ئۆزىنىڭ تاشلىۋىتىشى سەۋەبلىك ۋە ياكى باشقا سەۋەبدىن ئايرىلىپ قىلىشتىن، شۇنداق قىلىپ ئۆزىنىمۇ ئۆزگىنىمۇ ئازاپلاشنى خالىمايدۇ.مۇزدەك سوغوق «چايان» قىزلىرى ئاران باشقىلار تەرپىىدىن ئېرىتىلگەندە يەنە ۋاز كىچىپ قايتا قايتا ئۆز بەختىنى قاچۇرۋىتىدۇ.قىش پەسلىدە تۇغۇلغان سىز قاچانمۇ بەخت تەرپىدىن ئىللىقلىققا ئىرىشەرسىز ھە؟!
مەنبە:(خەنزۇتىلىدىن تەرجىمە قىلىندى).
[ بۇ يازمىنىمەدىنە 2012-03-30 17:02قايتا تەھرىرلىدى ]