ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2492 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: ئېرفان بوۋا بىلەن جاھالىيەت غوجا(مۇكاپاتلىق ئەسەر)
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 318
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 7
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە7دانە
تۆھپىسى: 14
پۇلى: 35 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 18
ياخشى باھا: 30
توردا: 0(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-04-06
ئاخىرقى: 2011-12-28
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-04-06 12:34

ئېرفان بوۋا بىلەن جاھالىيەت غوجا(مۇكاپاتلىق ئەسەر)

ئەسكەرتىش: بۇ يازما ئۈمىديار دىن باھالانغان ئەسەرلەر غا يۆتكەلدى(2011-08-25)
ئاپتورى: يۇلتۇز بالا

ئېرفان بوۋا بىلەن جاھالىيەت غوجا
 
(بالىلار چۆچىكى)
     بار ئىكەنۇ، يوق ئىكەن. ئاچ ئىكەنۇ، توق ئىكەن. بۇرۇنقى زاماندا ئەمەس مۇشۇ زاماندا، مۇشۇ زاماندا ئەمەس بۇرۇنقى زاماندا. ئاسمان بىلەن يەرنىڭ ئارىسىدا، قەغەز بىلەن خەتنىڭ ئارىسىدا <<ئېلىپبە>> ناملىق بىر گۈزەل باغ بار بولغان بولۇپ، بۇ باغدا باش ئا، باش ئە، باش ب قاتارلىق 32 تۈپ خاسىيەتلىك مېۋىلىك دەرەخ بولغان ئىكەن. بۇ 32 تۈپ خاسىيەتلىك مېۋىلىك دەرەخنىڭ خاسىيىتى شۇ يەردىكەنكى، كىمدە كىم بۇ مېۋىلىك دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېسە ئۆزى ئۆلۈپ كەتسىمۇ نامى ئۆلمەي ئەۋلاتمۇ ئەۋلات ياشايدىكەن. بۇ باغنىڭ باغۋىنى <<ئېرفان بوۋا>> ئىسىملىك ئەۋلىيا سۈپەت مويسىپىت بولۇپ، ئېرفان بوۋىنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك مېھنەت ئەمگىكى ئېلىپبە بېغىنىڭ خاسىيەتلىك مېۋىلىرى ئارقىلىق ئىنسانلارغا يورۇقلۇق ۋە بەخت-سائادەت يارىتىش ئىكەن. شۇ زامانلاردا ئېلىپبە بېغىنىڭ ئارقىسىدا قاراقچىلار ماكانلاشقان بىر تاغ بار بولغان بولۇپ، بۇ تاغ << قارا ئۆڭكۈر تېغى>> دەپ ئاتىلاركەن. قارا ئۆڭكۈر تېغىدىكى قاراقچىلارغا <<جاھالىيەت غوجا>> دېگەن بىر قاراقچى باشچىلىق قىلىدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئېلىپبە بېغىدىكى 32 تۈپ خاسىيەتلىك مېۋىنىڭ خەۋىرى جاھالىيەت غوجىغا يېتىپتۇ ۋە جاھالىيەت غوجىنى ھەسەت ئوتىدا كۆيدۈرۈشكە باشلاپتۇ. چۈنكى جاھالىيەت غوجىنىڭ ئېلىپبە بېغىدىكى خاسىيەتلىك مېۋىنى يىيىشى تەڭرى تەرىپىدىن چەكلەنگەن ئىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن جاھالىيەت غوجا قول ئاستىدىكى بارلىق لەشكەرلەرنى يىغىپ:
     -- بىز ياشاۋاتقان بۇ زېمىندا ئېلىپبە بېغى دەپ بىر باغ ھەم شۇ باغدا ئېرفان بوۋا دەپ بىر باغۋەن بوۋاي بارمىش. ئېلىپبە بېغىدا 32 تۈپ خاسىيەتلىك مېۋىلىك دەرەخ بار بولۇپ، كىمدە كىم بۇ مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ مېۋىسىنى يېسە ئۆمۈرى بىزنىڭ ئۆمۈرىمىزدىنمۇ ئۇزۇن بولارمىش ھەم بىزگىمۇ بوي بەرمەسمىش. شۇڭا ئۆزىمىزنىڭ قارا ئۆڭكۈر تېغى پادىشاھلىقىمىزنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھەم ئۆزىمىزنىڭ مەڭگۈ ئۆلمەي ياكى قېرىماي ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ، ئاسمان-زېمىن بىلەن تەڭ ياشىشىمىز ئۈچۈن ئېلىپبە بېغىنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىپ، ئېرفان بوۋىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلىشىمىز كېرەك. شۇندىلا بىز ئېلىپبە بېغىدىكى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرسىتەلەيدىغان خاسىيەتلىك مېۋىلەرنى خاتىرجەم يەپ ئاسمان-زېمىن بىلەن تەڭ ياشىيالايمىز،-- دەپتۇ.
     شۇنىڭ بىلەن جاھالىيەت غوجا لەشكەرلىرىنى باشلاپ ئاتلىرىنىڭ تۆمۈر تۇياقلىرىدىن توپا-چاڭ توزۇتقىنىچە ئېلىپبە بېغىغا قاراپ ھەيۋە بىلەن يۈرۈش قىپتۇ. جاھالىيەت غوجىنىڭ لەشكەر تارتىپ يولغا چىققانلىقىنى ئۇچۇپ يۈرگەن سۈزۈك شاماللار ئېرفان بوۋىغا مەلۇم قىلىپ:
     -- جاھالىيەت غوجا كەلدى، جاھالىيەت غوجا كەلدى،-- دەپتۇ يېشىل يوپۇرماقلارنىڭ ئۇچىدا ئۇسۇل ئويناپ ئولتۇرۇشۇپ.
     جاھالىيەت غوجىنىڭ ئېلىپبە بېغىغا لەشكەر تارتىپ يولغا چىققانلىقىنى شاماللاردىن خەۋەر تاپقان ئېلىپبە بېغىدىكى يۇرت خەلقىنىڭ يۈرىكىگە قورقۇنچ قۇرۇتلىرى ئۆمۈلەپ كىرىشكە باشلاپتۇ ۋە كۈنلىرى ئەنسىزچىلىك ئىچىدە ئۆتۈشكە باشلاپتۇ. ئېرفان بوۋا جاھالىيەت غوجىنىڭ قارا ئۆڭكۈر تېغىدىن لەشكەر باشلاپ كىلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن جاھالىيەت غوجىغا تاقابىل تۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشقا باشلاپتۇ ۋە 32 تۈپ مېۋىلىك دەرەخكە قاراپ ئەپسۇن ئوقۇشقا باشلاپتۇ.
     -- ئۆزگەر، ئۆزگەر، ئۆزگەر. 32 باتۇر سەركەردىگە ئۆزگەر!
     ئەييۇھانناس، ئېرفان بوۋىنىڭ ئوقۇغان ئەپسۇنى شۇ ھامان ئۆزىنىڭ سېھىرلىك كۈچىنى كۆرسىتىپ باش ئا، باش ئە، باش ب قاتارلىق 32 تۈپ مېۋىلىك دەرەخ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە بولغان ئارلىقتا باش ئاتامان ئا، باش ئاتامان ئە، باش ئاتامان ب قاتارلىق تولۇق قوراللانغان 32 نەپەر باتۇر سەركەردىگە ئايلىنىپ، ئېرفان بوۋىنىڭ ئالدىدا جەڭگە تەييار بولۇپ تۇرۇپتۇ. ئېرفان بوۋا خاسىيەتلىك ئەپسۇنىنى باش ئاتامانلارغا قاراپ يەنە بىر قېتىم ئوقۇغان ئىكەن 32 نەپەر باتۇر سەركەردىنىڭ ئالقىنىدىن 120 نەپەر باتۇر لەشكەرلەر سەكرەپ چۈشۈپ ئېرفان بوۋىنىڭ دۈشمەن بىلەن جەڭ قىلىش پەرمانىنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. ئېرفان بوۋا شۇ ھامان 32 نەپەر باتۇر سەركەردە بىلەن 120 نەپەر باتۇر لەشكەرلىرىدىن 32 ئۇرۇش سېپى تۈزۈپ ئېلىپبە بېغىغا ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن جاھالىيەت غوجىنىڭ لەشكەرلىرىگە قارىشى ھۇجۇم قىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئېرفان بوۋىنىڭ قوشۇنى بىلەن جاھالىيەت غوجىنىڭ قوشۇنى ئوتتۇرىسىدا شۇنداق دەششەتلىك جەڭ بوپتۇكى، بۇ جەڭگە ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدىكى جىن-ئالۋاستىلارنىڭ جەڭلىرىمۇ تەڭ كېلەلمەيدىكەن. ئېرفان بوۋىنىڭ لەشكەرلىرى بىلەن جاھالىيەت غوجىنىڭ لەشكەرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى جەڭ 40 كېچە-كۈندۈز داۋاملىشىپتۇ. جەڭ 40 كېچە-كۈندۈز داۋاملاشقاندىن كېيىن جاھالىيەت غوجىنىڭ لەشكەرلىرى كۆپلەپ ئۆلۈپ ئاستا-ئاستا مەغلۇپ بولۇشقا باشلاپتۇ. ئېرفان بوۋىنىڭ لەشكەرلىرى بولسا ئاتلىرىنى چاپتۇرۇپ، قىلىچلىرىنى پىقىرتىپ ئوينىتىپ جاھالىيەت غوجىنىڭ لەشكەرلىرىنىڭ بېشىنى تاۋۇزنى كەسكەندەك چاناشقا باشلاپتۇ. نەتىجىدە جاھالىيەت غوجا ئۆلۈپ كەتكەن لەشكەرلىرىنىڭ ئۆلۈكىنى ساي-سايلارغا تاشلاپ يارىدار بولغان لەشكەرلىرىنىڭ قوغدىشى بىلەن قارا ئۆڭكۈر تېغىغا قاراپ قېچىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن جاھالىيەت غوجا بىلەن ئېرفان بوۋا ئوتتۇرىسىدىكى قانلىق ئۇرۇشتا ئېرفان بوۋىنىڭ لەشكەرلىرى غەلبە قىلىپ ئۇرۇش ئاياقلىشىپتۇ. جەڭدىن كېيىن ئېرفان بوۋا 40 كېچە-كۈندۈز جەڭ قىلىپ چارچاپ كەتكەن ئېلىپبە بېغىدىكى بارلىق سەركەردە، لەشكەرلەرنىڭ جەڭدىكى باتۇرلىقى ۋە غەلبىسىنى تەبرىكلەپ 40 كېچە-كۈندۈز نۇسرەت توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بېرىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئېلىپبە بېغىدىكى بارلىق يۇرت خەلقى ئېلىپبە بېغىنىڭ خاسىيەتلىك مېۋىلىرىدىن ئۆمۈر بويى يەپ ھاياتىنى خوشال-خورام، بەختىيارلىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈپتۇ.
     بوۋىلىرىمىز قالدۇرغان ھېكمەتلىك كىتاپلاردىكى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ئېرفان بوۋا ھازىرمۇ ئېلىپبە بېغىدىكى 32 تۈپ خاسىيەتلىك مېۋە بىلەن بارلىق ئىنسانلارغا بەخت-سائادەت ئاتا قىلىپ كىلىۋاتقانمىش.

 

(بورتالا شەھەرلىك5-باشلانغۇچ مەكتەپ 5-يىللىق4-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى)
[ ھونتەرىپىدىن2011-08-05 18:35قايتا تەھرىرلەندى ]
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 306
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 19
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە19دانە
تۆھپىسى: 3
پۇلى: 25 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 6
ياخشى باھا: 25
توردا: 10(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-04-04
ئاخىرقى: 2011-08-17
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-04-06 13:55

ناۋدا بۇ  تورداشنىڭ ئىجادىيەتى بولسا ئۇ ھالدا قالتىس يېزلىپتۇ دەپ باھا بېرىمەن.
دوستلىشىش
ئىدىقۇت
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 42
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 106
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە106دانە
تۆھپىسى: 0
پۇلى: 105 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 0
ياخشى باھا: 105
توردا: 5(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-22
ئاخىرقى: 2012-05-03
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-04-06 16:01

مەنمۇ مۇشۇنداق بىر چۆچەكنى ئاڭلىغاندەك قىلغان ئىدىم ، راستىنلا سىزنىڭ ئىجادىيىتىڭىز بولسا بودۇقى مۇكاپات سىزنىڭ بولمىسا مانا مەن سىزگە بىر ھەسسە ئاشۇرۇپ مۇكاپاتلايمەن.
دەرىجە: مۆھتىرەم
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 303
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 16
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە16دانە
تۆھپىسى: 2
پۇلى: 20 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 4
ياخشى باھا: 20
توردا: 4(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-04-03
ئاخىرقى: 2011-04-15
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-04-06 22:48

مېنىڭچىمۇ ناھايىتى ياخشى چۆچەك بوپتۇ ،بۇ بىر چۆچەكنىڭ ۋاريانتى بولۇپ قامىغىتى ،لېكىن سېلىشتۇرما ئەدەبىيات تۇختىدىن ئېيتقاندا ئىجادى ھالدا تەقلىت قىلىشمۇ بىر خىل ئىجادىيەت .بۇ خىل ئۇسۇل يازغۇچىدىن مول بولغان باغلانما تەسەۋۇرنى تەلەپ قىلىدۇ ،ناۋائىنىڭ «خەمسە»دىكى بىر قىسىم داستانلارنىڭ
سىيۇژىتى بىلەن  ئابدۇرېھىم  ىزارىنىڭ «مۇھاببەت داستانلىرى»دىكى بىر قىسىم داستانلارنىڭ سىيۇژىتىدا خېلى كۆپ ئورتاقلىق بار .جۇڭگۇ ئەدەبىياتى چەتئەل ئەدەبىياتىدىمۇ بۇخىل ئاۋال خېلى كۆپ ئۇچۇرايدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە دەرىس ئىسلاھاتىدىكى بىر يارقىنى نۇختا ئوقۇغۇچىلارنىڭ باغلانما تەسەۋۇر ئىقتارىنى تەرەققى قىلىغۇزشقا ئەھمىيەت بېرىش .شۇڭا ئېنىقلاپ كۆرۇپ ئەگەر پىيىزى بەك گىچ-گىچ بولمىسا ئويلۇنۇپ كۆرسە بولىدۇ.
دوستلىشىش
يېتەكچى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 322
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 12
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە12دانە
تۆھپىسى: 0
پۇلى: 12 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 0
ياخشى باھا: 12
توردا: 0(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-04-06
ئاخىرقى: 2012-08-09
4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-04-06 23:38

،بۇ بىر چۆچەكنىڭ ۋاريانتى بولۇپ قامىغىتى ،لېكىن سېلىشتۇرما ئەدەبىيات تۇختىدىن ئېيتقاندا ئىجادى ھالدا تەقلىت قىلىشمۇ بىر خىل ئىجادىيەت ....................
مېن بىر ئىنكاسنى ئوتتورغا قويماقچى. ئۇيغۇر فولىكۇرى ياكى ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدە ئېلىپبە ھەققىدە بايانلار بارمىتى. ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبە شەكلىنى مۇشۇ يېقىنقى زاماندا قوللاندىقمۇ ياكى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى دەۋىرىدىلا قولىنىپ كېلىۋاتامدۇق. ئۇيغۇر چۆچەكلرىنى ئوقۇغانلا كىشى بولسا بۇ سۇئاللارغا تەمتىرمەيلا جاۋاپ تاپالايدۇ.
دەرىجە: مۆھتىرەم
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 303
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 16
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە16دانە
تۆھپىسى: 2
پۇلى: 20 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 4
ياخشى باھا: 20
توردا: 4(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-04-03
ئاخىرقى: 2011-04-15
5- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-04-07 00:31

مېنىڭچە چۆچەكلەردىكى سىيۇژىتنى ساقلىغان ھالدا ئوبىرازلار ۋە تەسۋىرلەرگە ئازراق ئىشىلىسەك .خەلىق ئېغىز ئەدىبىياتىدىكى نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ھازىرقى زامان ئەسەرلىگە ،ھازقى زامان ئەسەرلىنى خەلىق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ ۋاريانلىرىغا ماسلاشتۇغىنى تامامەن بولىدۇ ،
دوستلىشىش
ئىنتىزار61
ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا ،كىيىكنىڭ «اللا»سى يوقما!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 171
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 46
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە46دانە
تۆھپىسى: 37
پۇلى: 220 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 65
ياخشى باھا: 110
توردا: 24(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-11
ئاخىرقى: 2011-12-22
6- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-04-07 00:46

‹‹ئېرفان››ئېلىكتىرون شېركىتى بۇ ئەسەردىن پايدىلىنىپ ئېلان ئىشلىسە بولغىدەك!!!
  
ئىنتىزار61
دوستلىشىش
ئىمتىھان399
بوزقىر ئەركىسى
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 16
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 194
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە194دانە
تۆھپىسى: 63
پۇلى: 366 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 96
ياخشى باھا: 306
توردا: 24(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2012-06-15
7- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-04-08 01:11

jahaliyet bizga yekinlaxma.....
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 331
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 64
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە64دانە
تۆھپىسى: 3
پۇلى: 71 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 6
ياخشى باھا: 71
توردا: 3(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-04-08
ئاخىرقى: 2011-06-16
8- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-04-08 18:12

ئانا تىل ھەققىدە بولسا نېمە بوپتۇ ؟
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 13
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 200
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە200دانە
تۆھپىسى: 70
پۇلى: 458 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 110
ياخشى باھا: 356
توردا: 17(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2013-03-20
9- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-04-09 12:02

مۇنبەرگە كىرسەم بىر پارچە ئۇچۇر كەپتۇ. مەزمۇنى ئەسەرلەرنى باھالاشتا ئەسەرلەرگە چۈشكەن ئىنكاسنىڭ ئاز-كۆپلىكىنى ئاساس قىلامسىلەر؟ دېيىلگەن ھەم بۇ ھەقتە ئىنكاس قالۇرۇپ قويۇشىمنى تەلەپ قىلغان ئىكەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ سەھىپىمىزگە كۆڭۈل بۆلىۋاتقان ئاپتورلىرىمىزغا چۈشەنچە قالدۇرۇپ قويۇشنى لايىق تاپتىم.
ئەسەرلەرنى باھالاشتا ھەرگىزمۇ شۇ ئەسەرگە چۈشكەن ئىنكاسلارنىڭ ئاز-كۆپلىكىگە قاراپ باھالاش ئېلىپ بارمايمىز. بەلكى شۇ ئەسەرنىڭ ئۆزىنىڭ مۇۋاپىقىيىتىنى ئالدىنقى ئۆلچەم قىلىمىز. ئەلبەتتە شۇ تېما ھەققىدە يېزىلغان ئىلمىي قاراشقا ۋە ئەسەرلەرنى ئىلمىي كۈزۈتۈش جەريانىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان سۈپەتلىك ئىنكاسلارنى شۇ ئەسەرلەرنى باھالاشتا ئۆزىمىزنىڭ ئەسەردىن كېيىنكى ئىككىنجى قول پايدىلىنىش ماتىرىيالى قىلىمىز. لېكىن ياخشى يېزىپسىز دېگەندەك كۆڭۈل ئىنكاسلىرىدىن پايدىلىنىشقا ھەقىقەتەنمۇ ئامالسىزمەن. شۇڭا كۆرۈرمەنلىرىمىزنىڭ ئەسەرلەرگە قارىتا ئۆزلىرىنىڭ ھېس قىلغانلىرىنى كەڭ-كۇشادە ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمۈت قىلىش بىلەن بىللە ئەسەر ھەققىدىكى بىزنىڭ پايدىلىنىشىمىزغا ماتىرىيال بولىدىغان قاراشلىرىنى بىر قەدەر تەپسىلىي ۋە سېستىمىلىق ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇشىنى سورايمىز.