ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 10797 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئۇيغۇر ساتقىنلار
ۋەتەن - ئىمان بىلەن بىر جان.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 170
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 99
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە99دانە
تۆھپىسى: 36
پۇلى: 202 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 54
ياخشى باھا: 162
توردا: 30(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-10
ئاخىرقى: 2012-08-26
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-04-10 14:19

ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئۇيغۇر ساتقىنلار

ئەسكەرتىش: بۇ يازما نازاكەت تەرىپىدىن ناخشا مۇزىكىلار بۇ رايونغا يۆتكەلدى(2011-11-30)
رەسىم:
1.تاڭ سۇلالىسىنىڭ ساداقەتمەن سانغۇنى ــــ ئاشىنا شىر

ئاشىنا شىر كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ باتۇر شاھزادىسى ئىدى.كۆكتۈرك خانلىقى مىلادى 583-يىلى غەربىي تۈرك خانلىقى ۋە شەرقىي تۈرك خانلىقى دەپ ئىككىگە بۆلۈنگەندىن كېيىن، مىلادى 626-يىلى شەرقىي تۈرك خانلىقى تەۋەسىدىكى 15 كە يېقىن ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي قەبىلىلەر بىرلىشىپ شەرقىي تۈرك خانلىقىغا قارشى ئېسىيان كۆتەردى.دەل مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە شەرقىي تۈركلەر خاقانى قارا خاقان بۇ ئېسياننى باستۇرۇش ئۈچۈن ئاشىنا شىر بىلەن ئۆز ئوغلى يوغۇق شاد باشچىلىقىدا 100 مىڭ كىشلىك قوشۇننى ماڭدۇردى.ئاشىناشىر ئۇيغۇرلارنىڭ باتۇر سەركەردىسى __ بوسات تېكىن تەرپىدىن قاتتىق مەغلۇپ بولدى.مىلادى 629-يىللىرى ئاشىنا شىر يەنە بىر قېتىم بوسات تېكىن تەرپىدىن مەغلۇپ بولۇپ ھازىرقى جىمسار ئەتىراپىغا كېلىۋالدى.شۇ يىلى شەرقىي تۈركلەر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن غەربىي تۈركلەر ھۆكۈمرانلىرى ئارىسىدىمۇ ئىچكى ماجرا يۈز بېرىدۇ.پۇرسەتنى چىڭ تۇتقان ئەقىللىق ئاشىنا شىر غەربىي تۈركلەر تەرەپكە ھۇجۇم قىلىپ غەربىي تۈركلەر زېمىنىنىڭ يېرىمىنى ئىگەللەپ ئۆزىنى دۇب خاقان(都布可汗) دەپ جاكارلىغان.دەل شۇ پەيتتە شەرقىي تۈرك خانلىقىنىڭ ئورنىنى سىرتاردۇشلار خانلىقى(مىلادى 628~646-يىللار) ئىگەللىگەن. غەربىي تۈرك خانلىقىنىڭ قىسمەن جايلىرىنى ئىگەللەپ ئۆزىنى ئازىراق كۈچلەندۈرگەن ئاشىنا شىر شەرقىي تۈرك خانلىقىنىڭ ئورنىغا قۇرۇلغان سىرتاردۇشلار خانلىقىنى ئىگللەپ شەرقىي تۈرك خانلىقىنى قايتا تىكلىمەكچى بولىدۇ.ئەمما بۇ قېتىممۇ قاتتىق مەغلۇپ بولۇپ تۇرپانغا چېكىنىدۇ.

تۈركلەرگىمۇ، سىرتاردۇشلارغىمۇ ۋە باشقا ئۇيغۇر قەبىلىلىرىگىمۇ قاتتىق نارازى بولغان ئاشىنا شىر مىلادى 635-يىلى تاڭ سۇلالىسىگە بەيئەت قىلىدۇ. ئۇ تاڭ تەيزوڭنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىپ سولقانات باقاۋۇللار ئۇلۇغ سانغۇنى (左卫大将军) دېگەن مەنسەپكە تەيىنلىنىپ خاننىڭ سىڭلىسى نەنياڭ مەلىكە (南阳公主) گە ئۆيلىنىدۇ، ئاشىنا شىرمۇ تاڭ تەيزوڭغا ناھايىتى ساداقەتمەن بولۇپ خاننىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى جان تىكىپ قوغدايدۇ.

مىلادى 637-يىلى تاڭ سۇلالىسى شەرقتە باش كۆتەرگەن ئۇيغۇرلار ئىتىپاقىدىكى سىرتاردۇشلار خانلىقىنىڭ،شەرقىي-جەنۇبتا تىبەت خانلىقىنىڭ،غەربتە غەربىي تۈركلەر ۋە غەربتىكى ئۇيغۇر خانلىقلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا تاڭ تەيزۇڭ «ياتلارنىڭ قولى بىلەن ياتلارنى يوقىتىش ئەڭ ئۈنۈملۈك چارە» دىگەن ئەنئەنىگە ئاساسەن،غەربىي تۈركلەرنى ئاشىناشىر ئارقىلىق يوقىتىش قارارىغا كېلىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئاشنا شىرنى غەربكە يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇنلارنىڭ باش سانغۇنى قىلىپ تەيىنلەپ 40 مىڭ كىشلىك قوشۇن بىلەن غەربكە يۈرۈشكە يولغا سالىدۇ.ئاشىناشىر ئالدى بىلەن قۇچۇ خانلىقىغا ھۇجۇم قىلغاندا قۇچۇ خانلىقىنىڭ خانى ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالىدۇ،بۇ قېتىم ئاشنا شىر توسالغۇسىزلا ئىدىقۇتنى ئالىدۇ ھەمدە قېينىئاكىسى تاڭتەيزۇڭغا بۇ خوشخەۋەرنى يەتكۈزىدۇ. ئاشىنا شىر چىڭخەيدىكى تۇيغۇنلارنى ،ئاندىن قومۇلنى،قۇچۇنى بىرلا ۋاقىتتا ئالغاندىن كېيىن،غەربىي تۈركلەر جىددى تەدبىر قوللىنىپ كۆسەنگە بولغان كونتۇرۇللۇقنى ھەسسىلەپ كۈچەيتكەن،ھەتتا كىنگىت(ھازىرقى قارا شەھەر) خانىنىڭ قىزلىرىغا غەربىي تۈرك يابغۇسى چۇلى ئاكا-ئۇكىلار ئۆيلىنىپ قۇدىلاشقان. مىلادى 644-يىلى ئاشىنا شىر 40 مىڭ كىشلىك قوشۇنغا يېتەكچىلىك قىلىپ،كىنگىتكە ھۇجۇم قىلىپ ئۆزئارا ئۇرىشىۋاتقاندا غەربىي تۈركلەر بىلەن كۆسەن خانلىقى ئاشىنا شىرغا قارشى زور قوشۇن چىىقىرىپ،كىنگىتنى ماددى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەن،يەنە كېلىپ ئاشىناشىر قوشۇنلىرىنىڭ يولىنى توسۇپ ئۇنى چېكىندۈرگەن. مىلادى 648-يىلغا كەلگەندە تاڭ تەيزۇڭ كۆسەنگە ئىككىنچى قېتىم ئاشىنا شىر قوماندانلىقىدىكى 100مىڭ كىشلىك قوشۇن بىلەن يۈرۈش قىلىدۇ.ئاشىنا شىر بۇ قېتىم كۆسەن خانلىقى بىلەن غەربىي تۈركلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئۈزىۋېتىش ئۈچۈن،بىر يۆلىنىش قوشۇننى كۆسەننىڭ شەرقىي شىمالىغا ھۇجۇم قىلدۇرغان. دەل ھالقىلىق پەيتتە غەربىي تۈركلەرنىڭ يابغۇسى قۇلۇبۇ بىلەن شىخۇي تۈركلەرگە ئۆزلىكىدىن تەۋەلىك بىلدۈرۈپ تاڭ قوشۇنلىرىغا يول باشلىغۇچى بولغان.شۇنداق ئەۋزەل شارائىتتا ئاشىنا شىر بىرقانچە قېتىم ئېلىشىش ئارقىلىق كۆسەن قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلغان. كۆسەن خانى خېلىبوسبى ۋە باش سانغۇنى جالالىدىن قاتارلىقلارنى تىرىك ئەسىر ئالغان. كۆسەن ۋەزىرى نالى كېچىدە قېچىپ كېتىپ غەربىي تۈركلەر تەرەپكە بېرىپ ياردەم سوراپ ھەمدە قالدۇق كۆسەن قوشۇنلىرىنى يىغىپ، كۆسەن شەھىرىنى ساقلاشقا قالغان گوشىيۋلۇ ئاتا-بالا ئىككىسىنى ئۆلتۈرۈپ كۆسەن شەھىرىنى ئىگەللىۋالغان.بۇنى ئاڭلىغان ئاشىنا شىر كۆسەنگە قايتا يۈرۈش قىلغان ،بۇ ۋاقىتتا نالىنى كۆسەنلىكلەر ئۆزلىرى تىرىك تۇتۇپ ئاشىناشىرغا تاپشۇرۇپ بەرگەن.ئاشىناشىر ئىلگىرى –ئاخىر بولۇپ بەش چوڭ شەھەرنى ۋە 70 نەچچە كىچىك شەھەرنى تاڭ سۇلالىسىگە قارام قىلىپ بەرگەن.

ئاشىنا شىرنىڭ ھاياتى كېچە-كۈندۈز تاڭ سۇلالىسى ئۈچۈن قان كېچىپ جەڭ قىلىش،تاڭ ھۆكۈمىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە كۈچەيتىش،تاڭ سۇلالىسىنىڭ زېمىنىنى كېڭەيتىش،چېگرا رايۇنلىرىنى تېنىچلاندۇرۇش قاتارلىق ئۇلۇغ تارىخى ۋەزىپىلەرنى ئادا قىلىش بىلەن ئۆتكەن ھايات. مىلادى 655-يىلى ئاشناشىر پايتەخت چاڭئەندە كېسەل بىلەن ۋاپات بولغاندا تاڭ گاۋزۇڭ ئۇنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ۋەسىيىتىگە ئاساسەن ئۇنىڭ جەسىدىنى ۋاڭلىڭ قەبرىستانلىقىغا قويۇپ، قەبرىسى ئۈستىگە ئابىدە تىكلىگەن.

2. قىرغىزلارغا تۆھپە كۆرسەتكەن ئۇيغۇر سانغۇن ــــ كۇلۇگ باغا

مىلادى 839-يىلى ئۇيغۇر ئۇرخۇن خانلىقىدا ئىچكى جەھەتتىن نىزا پەيدا بولۇپ، پۈتۈن خانلىق تەۋەسىدە يۈز بەرگەن جۇدۇن ئاپىتىدە ئات-ئۇلاغلار، مال-چارۋىلار كۆپلەپ ئۆلۈپ ۋابا كېسىلى تارقىلىپ، خانلىق قىيىن ئەھۋالدا قالغان پەيتتە ئۇيغۇر سانغۇنى كۇلۇگ باغا خاككاسلار(قىرغىزلار) تەرەپكە بېرىپ ئۇيغۇر ئۇرخۇن خانلىقىنىڭ ئەھۋالىنى ئەينەن مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، پۇرسەتنى چىڭ تۇتقان خاككاسلارنىڭ 100 مىڭ كىشلىك قوشۇنى كېلىپ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ بارگاھى قارا بالغاسۇننى ئىشخال قىلىدۇ.ئۇيغۇر خانلىقى ۋەيران بولۇپ بىرقانچە بۆلەككە بۆلىنىپ ھەر تەرەپكە كۆچۈشكە باشلايدۇ. ①

3.موڭغۇللارغا يېلىنغان قورچاق پادىشاھ ـــ ئافاق غوجا

ئەسلى ئىسمى ھىدايىتۇللا ئىشان بولۇپ ، مىلادىيە 1626-يىلى قۇمۇلدا تۇغۇلغان . دادىسى مۇھەممەد يۈسۇپ خۇجا مىلادىيە 1620 -يىلى نەمەنگاندىن قۇمۇلغا كەلگەن . ئانىسى زۇلەيخا بىكىم ئۆز ۋاقتىدا قەشقەردىن قۇمۇلغا چىقىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان بەشكىرەملىك مىرسەئىد جىلىل دىگەن كىشىنىڭ قىزى بولىدۇ . ئاپپاق غۇجا مىلادىيە 1638-يىلى ئون ئىككى ياش ۋاقتىدا ، دادىسى بىلەن قەشقەرگە كەلگەن ۋە شۇنىڭدىن ئىتىبارەن دادىسىدىن رەسمى سوپى ئىشانلىقنى ئۈگىنىشكە باشلىغان . 1667-يىلى دادىسى مۇھەممەد يۈسۈپ يەكەندە «ئىسھاقىيە» مەزھىپىدىكى ئۆزىنىڭ نەۋرە ئەۋلادى بولغان جۇجا ئەبەيدۇللا تەرىپىدىن زەھەرلەپ ئۇلتۈرۈلگەندىن كىيىن ، ئاپپاق غۇجا ئۈزلىكسىز مۇرت كۆپەيتىش ، كۈچ توپلاش ۋە تەسىرى دائىرىسىنى كىڭەيتىش ئارقىلىق ، ئەڭ ئاخىرى تىغ ئۇچىنى دىننىي پائالىيەتتىن ھالقىتىپ ، ھاكىميەتكە قاراتتى ۋە مىلادىيە 1678-يىلى جۇڭغار ئىشخالىيەتچىلەرنى باشلاپ كىلىپ ، سەئىدىيە خاندانلىقىنىڭ ئون ئىككىنجى سۇلتانى ئىسمايىل خاننى ئاغدۇرۇپ ، تارىختا 165 يىل ھۆكۈم سۈرگەن شۆھرەتلىك سەئىدىيە خانلىقىنى بەربات قىلدى . ئۇنىڭ ئورنىغا جۇڭغارىيە ھامىيلىقىدىكى ئاپپاق خۇجا خانلىقىنى تىكلەپ ، بۇ خانلىققا ئون بەش يىل ھۆكۈمران بولدى .

ئاپپاق غوجا ھاكىميەت يۈرگۈزگەن بۇ دەۋردە ، ئىلگىر كىيىن بولۇپ ، ئون بىر قىتىم چوڭ قىرغىنچىلىق بولدى ، بىر يۈز سەكسەن مىڭ ئادەم قىرغىنچىلىقتا ئۆلدى .ئاپپاق غوجىغا ۋە ئۇنىڭ ھامىيىسى بولغان جۇڭغار ئىشخالىيەتچىلىرىنىڭ قاتمۇقات زۇلۇملىرىغا قارشى ئىككى يۈز قىتىمدىن كۆپرەك خەلق ئىسىيانى كۆتۈرۈلدى .

ئاپپاق غوجا مانا شۇنداق ئىسىيانچىلاردىن ۋە ئۇ يۈرگۈزگەن زوراۋانلىقىغا قارشى چىققان تالىپلاردىن ئىككى مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى تۇتۇپ ، مىلادىيە 1679-يىلى جۇڭغارلارنىڭ كۈچى بىلەن ئىلىغا پالاپ ، غالچا يىگىت ۋە غالچا چوكان نامىدا جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىگە قۇل قىلىپ بەردى .ئۇ يەنە ، خانلىق يارلىقى چۈشۈرۈپ ، مەسچت – مەدرىسلەرنى خانىقا بىلەن تۈتەكخانىلارغا ئۆزگەرتتى ، قۇر ئان بىلەن ھەپتىيەكتىن باشقا بارلىق كىتاپ ، مەدەنىي مىراس ۋە تارىخى قول يازمىلارنى كۆيدۈرۋەتتى . بۇنىڭغا نارازى بولغان ، قارشى چىققان شەرىئەت پىشىۋالىرىنى ، دىنني ئۆلىمالارنى يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئۆلتۈردى .②

ئاپپاق غوجا مىلادىيە 1693-يىلى رەجەپ ئېيىنىڭ بېشىدىكى بىر پەيشەنبە كۇنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلدى . بىر كېچە-كۈندۇزدە يەكەندىن قەشقەرگە ئېلىپ كېلىنىپ ، ھازىرقى ھەزرەتتكى ئۆزى بىنا قىلدۇرغان «مازارى شاھان»غا ئاپىرىپ دادىسىنىڭ ئايىغىغا دەپنە قىلىندى . 4.تۈن بالىسى ـــ نىياز ھېكىم بەگ

پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ ياتلارنى تازىلاپ ،مۇناپىق خوجىلارنىڭ خەلقىمىزگە سالغان زۇلۇم -سىتەملىرىدىن جاق تويۇپ ،نەپەسمۇ ئالالماس ھالەتكە كېلىپ قالغان ئاۋامنى قايتىدىن قەددىنى رۇسلاش ۋە سەئىدىيە سۇلتانلىقىنىڭ سەلتەنىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بەل باغلىغان ياقۇپ بەگ (بە دەۋلەت) نى زەھەرلەپ ئۆلتۈرگەن ساتقىن تۈن بالىسى نىياز ھېكىمبەگمۇ تارىخىمىزدىكى تالاي پاجىئەلەرنىڭ سەۋەپچىسىدۇر.نىياز ھېكىمبەگ ئۆزىنى شۇنچە ئەتىۋارلىغان ياقۇپ بەگنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن «زوڭتۇڭ دارېن» نىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۆزىنى ئېلىپ قېلىپ ئىشلىتىشنى،ھېچ بولمىسا «چەنتو»لارنىڭ يېرىدە پايدا يەتكۈزەلەيدىغانلىقىنى ئېيتقاندا «زوڭتۇڭ دارېن» مىيىقىدا كۈلۈپ،«ئۆز پادىشاھىغا ئاسىلىق قىلغان كىشى ھامان بىزگىمۇ ئاسىلىق قىلىدۇ ،ئۇنى ئاپىرىپ تۇرمىگە تاشلاڭلار!» دەپ تۇرمىگە قامىغان.شۇندىن ئېتىۋارەن نىياز ھېكىمبەگ زىنداندا سۇنىڭ ئورىنىدا ھاراق ئىچىشكە ،ئوزۇقنىڭ ئورنىدا ئۆزىنىڭ تېنىدىن شىلىۋېلىنغان گۆشتىن قورۇلغان قورۇمىنى يىيىشكە مەجبۇر بولغان .شۇنداق قىلىپ 25كۈن بولدى دىگەندە ئۇنىڭ جېنى كۆپ يەرلىرىنىڭ گۆشى شىلىۋېلىنغان ،زەي زىنداندا سېسىپ ،يىرىڭلاپ ،قۇرتلاپ ،بەدبۇي ھىد تارقىتىۋاتقان تېنىدىن جۇدا بولغان . ئۇنىڭ ئۈلۈكىنى مەھبۇسلارغا بورىغا يۆگەتكۈزۈپ ،كۈتەرتىپ يېڭىشەرنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىدىكى بارىن قەبرىستانلىقىغا ئېلىپ بېرىپ ،شۇ پېتى كۆمدۈرىۋەتكەن ③.

5.ئابدۇقادىر داموللامنى قەتلى قىلغان ـــ ئەھمەد مەزىن

ئابدۇقادىر داموللام كېچىدە تەرەت ئالغىلى چىققاندا ئەھمەد مەزىن تەرپىدىن پىچاقلاپ ئۆلتۈرلىدۇ.ئەھمەت مەزىننىڭ ئابدۇقادىر داموللامنى ئۆلتۈرگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان ئابدۇقادىر داموللامنىڭ چوڭ ئوغلى ئابدۇلئەزىز مەخسۇم ھىندىستاندىكى ئوقۇشىنى تاشلاپ ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ بۇ دېلۇنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىپ بېرىشنى قايتا-قايتا تەلەپ قىلىپ ئەرز سۇنغاندىن كېيىن،قەشقەردىكى ئەمەلدارلار(ئۆمەربەگ بىلەن زۇنۇن پاششاپلار) شەھەر كاتتىسى تەرپىدىن سۈڭگۈتۈلگەن ئالتۇن يامبۇنىڭ كۈچى بىلەن بۇ سىرنى ئاشكارلىماسلىققا ۋەدە بېرىدۇ ئەھمەت مەزىننىڭ ئۆزىگىمۇ بارىلىق جىنايەتلىرىدىن تېنىش كىرەكلىگى ، شۇندىلا ئۇنىڭ ئۆلۈمدىن خالاس بولىدىغانلىقى ئالاھىدە جىكىلىنىدۇ. لېكىن توختىماي قىلىنغان بۇ دەۋادىن زىرىككەن شەھەر كاتتىلىرى ئەھمەت مەزىننى تۆمۈر قەپەزگە سولاپ ئۈرۈمچىگە ماڭدۇرىۋېتىدۇ. ئابدۇقادىر داموللامنىڭ چوڭ ئوغلى ئابدۇلئەزىز مەخسۇم ئىز قوغلىشىپ ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئەرز سۇنىدۇ.ھۆكۈمەت تەرەپ ئەھمەت مەزىننى ئېتىپ بېرىشنى ئېيتقان بولسىمۇ ئابدۇلئەزىز مەخسۇم بۇنىڭغا قوشۇلماي پەردە ئارقىسىدىكى پىلانلىغۇچىلارنىمۇ جازالاپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ قاتىل ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ،لېكىن پەردە ئارقىسىدىكىلەر يەنىلا ئاشكارلانمايدۇ. قەشقەر كاتتىلىرىنىڭ تەلىپى ۋە ۋەدىسى بويىچە ئەھمەت مەزىن سولاقتىن بوشتىلىپ قويۇپ بىرىلىدۇ .بۇ قاتىل ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا بىر مەزگىل لاغايلاپ يۈرگەن بولسىمۇ ، لېكىن بۇ ئىشتىن خەۋىرى بارلىكى كىشىلەرنىڭ تىل -ئاھانەت ، دەشناملىرىدىن بىر مىنۇتمۇ ئارام تاپالماي ، ياقا يۇرتلارغا قېچىپ بېرىپ جان باقىدۇ . روھىي جەھەتتىن قاتتىق زەربە يېگەن مەزىن ئاقىۋەتتە ئېلىشىپ قېلىپ شۇ دەرىجىگە يېتىدۇكى ، ھەتتا ئۆز گۆشىنى ئۆزى يىيىشكە باشلايدۇ . نەتىجىدە ئەنە شۇنداق ساراڭلىقتا بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۆلىدۇ.

1924-يىلى ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺳﯘﻳﯩﻘﻪﺳﯩﺘﻜﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺳﯘﻳﯩﻘﻪﺳﯩﺘﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﯩﺸﺎﻧﻰ ئۇنىڭ شاگىرتى ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻐﺎ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯلىشىدۇ.

6 .شېڭ شىسەيگە ساداقىتىنى بىلدۈرگەن ـــ شاپتۇل داموللام

ﺋﺎﺑﺪﯗﻏﻮﭘﯘﺭ ﺷﺎﭘﺘﯘﻝ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﭘﻪﻳﺰﺍﯞﺍﺕ ﺷﺎﭘﺘﯘﻟﻠﯘﻕ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﺪﻩ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺯﻭﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘﻛﯩﺸﻰ ﺳﯧﭙﻰ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻐﺎ ﻗﻪﺳﺖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺳﯘﻳﯩﻘﻪﺳﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ، ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﭘﺎﺷﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺷﯩﺠﺎﯕﻨﻰ ﺯﯨﺪﺩﯨﻴﻪﺗﻜﻪ ﺳﯧﻠﯩﭗ، ﻣﺎ ﺟﻪﻧﺴﺎﯓ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﻪﺗﻤﻪﻥ ﭼﺎﭘﻘﺎﻥ. ﺋﯘ 1934 – ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻳﻪﻧﻰ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺋﻪﺗﯩﯟﺍﺭﻟﯩﻨﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﮬﻪﻡ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . 1935 – ﻳﯩﻠﻰ ﻳﺎﺯﺩﺍ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺋﯚﻟﻜﻪﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ« ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﺎﯞﺍﻡ ﻛﻮﻧﻔﯩﺮﯨﻨﯩﻴﯩﺴﻰ » ﮔﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ . ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺋﯩﺨﻼﺳﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﮬﻪﻡ شىڭ شىسەينىڭ « ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ » ﻧﻰ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ .

1936 – ﻳﯩﻠﻰ 5 – ﺋﺎﻳﺪﺍ، ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﯩﯔ ﯞﺍﻟﯩﺴﻰ ﯞﺍﯓ ﺑﺎﯞﭼﻪﻧﮕﻪ ﺗﯧﻠﯧﮕﺮﺍﻡ ﺑﯧﺮﯨﭗ،«ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﺪﺍ ئېكىسكۇرسىيە ﯞﻩ ﺯﯨﻴﻪﺭﻩﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳﻮﺩﺍ – ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﯚﻣﯩﻜﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎنلىقىنى ، ﺷﯘﯕﺎ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ ﺋﺎﺑﺪﯗﻏﻮﭘﯘﺭ ﺷﺎﭘﺘﯘﻝ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﻰ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﭗ ﺑﯧﺮىشى ﻻﺯىملىقى»نى ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﻏﺎﻥ . ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﻨﯩﯔ ﺋﺎﺑﺪﯗﻏﻮﭘﯘﺭ ﺷﺎﭘﺘﯘﻝ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪﻥ ﻣﻪﮬﻤﯘﺕ ﺷﯩﺠﺎﯓ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﻐﺎ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﻤﯩﻐﺎﻥ. ﺋﯘ، 5 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 12 – ﻛﯜﻧﻰ ﻛﯧﭽﯩﺪﻩ، ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﭗ ﺋﺎﺑﺪﯗﻏﻮﭘﯘﺭ ﺷﺎﭘﺘﯘﻝ ﺩﺍﻣﻮﻟﻠﯩﻨﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﻛﻮﻧﺎ ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺗﻪﯓ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﺪﺍ ﻳﯘﺷﯘﺭﯗﻥ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﮔﯜﺯﯛﯞﻩﺗﻜﻪﻥ.

7.ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى چاققان شېڭ سىسەينىڭ سادىق غالچىسى ــــ روزى موللام

1931-يىلى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلاڭچىلىرىدىن ئەجەللىك زەربە يەپ، ئۈرۈمچىگە قېچىپ كېلىۋاتقان شېڭ شىسەي تۇرپانغا كەلگەندە ، روزى موللام شىڭ شىسەيگەغالچىلىق قىلىپ، ئېشەك مىنىپ ئالدىغا بېرىپ ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە ئۇنىڭ سەبداشلىرىنى «دېھقانلار قوزغىلىڭىزنىڭ مەنىۋى تەرغىباتچىسى» دەپ چاقىدۇ. شىڭ شىسەي بۇنى ئاڭلاپ ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ تۈرمىگە تاشلايدۇ. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 1933-يىلى 3-ئاينىڭ 13 -كۈنى سەبداشلىرى بىلەن باتۇرلاچە قۇربان بولىدۇ.

8.لۇتپۇللا مۇتەللىپنى چاققان گومىنداڭچى ــــ ھېكىم نۇر

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ جاسۇسلۇق بۆلۈمىدىن مۇتەللىپنى كۈزىتىدىغان ئادەملەر ئاللىبۇرۇن تەشكىللەنگەن. شۇ چاغدا ئاقسۇ گېزىتخانىسىدا لۇتپۇللا مۇتەللىپنى تەكشۈرىدىغان «ئەپەندى»، ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىدا «ياخشى»، «كاڭجيەن»، جەمئىيەتتە «گاڭبى» دىگەندەك مەخسۇس ئادەملەر بار ئىدى. ل.مۇتەللىپ قاتارلىقلارنى ئاشكارلاپ قويغان ھېكىم نۇرنىڭ مەخپىي ئىسمى «گاڭبى» ئىدى. ھېكىم نۇر شۇ يىللاردىكى ساقچى ئەمەلدارى، ل.مۇتەللىپلەرنىڭ تەشكىلاتىغا سوقۇنۇپ كىرگەن ئىشپىيون ھەم مۇتەللىپنىڭ قاتىلى ئىدى.

ئىزاھلار:

①: ئابلىز مۇھەممەت سايرامى،«سۈي،تاڭ سۇلالىلىرىدە ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر تارىخى شەخسلەر» 65~71-بەتلەر،شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1999-يىل 7-ئاي

②: ئەخەت تۇردىنىڭ «بەخىتسىز سەئىدىيە» ناملىق كىتاۋىدىن ئېلىندى .

③: ئابدۇۋەلى ئەلى ئەپەندى يازغان«بەدەۋلەت-ئۆركەشلەپ ئاققان قايدۇ دەرياسى» ناملىق روماننىڭ 11-بابىدىن ئېلىندى

مەنبە :  7 قىزلىرىم  تورىدىن  Alnoor024 يازمىسى .


باھالاش خاتىرىسى:
  • پۇلى:+10(ئۈمىديار)
  • دوستلىشىش
    ئىدىقۇت
    دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 42
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 106
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە106دانە
    تۆھپىسى: 0
    پۇلى: 105 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 0
    ياخشى باھا: 105
    توردا: 5(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-02-22
    ئاخىرقى: 2012-05-03
    1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-04-11 18:30

    ساتقۇنلار تارىختىن بۇيان ئۆزۈلمەي داۋام قىلىپ كەلدى ، لېكىن يەنىلا ئوت يۈرەكلەر كۆپ سانلىقنى ئىگەللەپ كەلمەكتە!
    دوستلىشىش
    قوناخون
    گۆركار قوناخۇن !
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 326
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 8
    ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە8دانە
    تۆھپىسى: 0
    پۇلى: 8 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 0
    ياخشى باھا: 8
    توردا: 0(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-04-07
    ئاخىرقى: 2011-06-16
    2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-04-11 18:40

    باللىرىم ، ھىدايىتوللا  ئەنجان تەرەپتىن كەلگەن كەلگۈندىنىڭ پۇشتى تۇرسا قانداقلارچە ئۇيغۇر بولوپ قالدى ،  دېمەك ھىدايىتوللانى ئۇيغۇر دەپ ئىتىراپ قىلدۇقما ؟  پىقىرغۇ تارىخ ئىلىمىدىن كۆپ بىخەۋەرمەن.  تەلىم بىرەرسىلەر  
    گۆرلۈك لازىممۇ ؟
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 354
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 3
    ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە3دانە
    تۆھپىسى: 0
    پۇلى: 3 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 0
    ياخشى باھا: 3
    توردا: 1(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-04-13
    ئاخىرقى: 2011-04-14
    3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-04-14 00:49

    ھەي....
    يەتتە قىزلىرىم  نىڭ ئوبراز سۈرىتىنى  بۇ تىمىغا چىقىرىپ قويغىنى قەتئى بولماپتۇ....
    ئۇلارنىڭ ساتقىنلار بىلەن نىمە مۇناسىۋىتى باردۇ ؟
    باھادار قەھرىمانلار دەپ ئىزاھلاش كېرەك ئىدى ....
    لىكىن ھەقىقەتەن ياخشى تىمىكەن ،،
    [ دەرەخ.تەرىپىدىن2011-04-14 00:54قايتا تەھرىرلەندى ]
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 31
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 2
    ئومۇمىي يازما: 424
    ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە424دانە
    تۆھپىسى: 54
    پۇلى: 547 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 119
    ياخشى باھا: 517
    توردا: 54(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-02-19
    ئاخىرقى: 2011-08-18
    4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-04-14 00:51

    ساتقۇنلارنىڭ تۆپىدە يەنىلا باھادىرلىرىمىزنىڭ بارلىقىنى ئىپادىلىگەندۇ.
    ئۆرلە ۋەتەن!
    ۋەتەن - ئىمان بىلەن بىر جان.
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 170
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 2
    ئومۇمىي يازما: 99
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە99دانە
    تۆھپىسى: 36
    پۇلى: 202 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 54
    ياخشى باھا: 162
    توردا: 30(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-03-10
    ئاخىرقى: 2012-08-26
    5- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-04-15 00:01

    يۇرتتۇغ بەلەن ئىزاھلاپتۇ،   باھادىرلارنىڭ قېنىدا ياراتقان نەتىجىلەر تولا چاغلاردا خائىنلارنىڭ قولىدا ۋەيران بولدى، ئويلىغانسېرى ئىچى سېرىلىدۇ كىشىنىڭ.
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 413
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 2
    ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە2دانە
    تۆھپىسى: 0
    پۇلى: 2 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 0
    ياخشى باھا: 2
    توردا: 0(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-04-25
    ئاخىرقى: 2011-04-28
    6- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-04-25 18:03

    ھىدايىتىللا ئىشان سوپىزىمنىڭ ئۇرۇقى،جاھالەتنىڭ مەنبەسى سەئىدخاننىڭ قاتىلى مەخدۇم ئەزەمنىڭ ئەۋلادى،بۇكەلگۈندى ئەسلى ...
    دوستلىشىش
    كۆكنۇرى
    http://www.8koqa.com
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 422
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 11
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە11دانە
    تۆھپىسى: 4
    پۇلى: 19 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 9
    ياخشى باھا: 19
    توردا: 3(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-04-28
    ئاخىرقى: 2011-05-18
    7- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-04-28 11:48

    6-قەۋەت (شابان) نىڭ يازمىسىغا

    تەسۋىرلەش:01
    رەسىم:
    تەسۋىرلەش:02
    رەسىم:
    تەسۋىرلەش:03
    رەسىم:
    ياخشى تىمىللىرىڭىز نى داۋاملىق كۆرۈپ تۇرۇشقا نىسىپ بولغاي!
    http://www.8koqa.com
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 518
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 1
    ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە1دانە
    تۆھپىسى: 0
    پۇلى: 1 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 0
    ياخشى باھا: 1
    توردا: 0(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-05-14
    ئاخىرقى: 2011-05-14
    8- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-05-14 16:47

    sadak0909
    ئەڭ ئاۋال سىزنىڭ باشقىلارنىڭ ئەجرىگە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى ئۆمىد قىلىمەن! چۈنكى بۇ تېما ئەسلى سىزنىڭ ئەمەسلىكىنى بىلىپ تۇرۇپتىمەن.سىز قىلچە ئىككىلەنمەي ئۆز نامىڭىزدا يوللىۋاپسىز.  يەنە كېلىپ نادىرلىنىپتۇ .ئەپسۇس «ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئاجايىپ شەخسلەر» نامىدىكى  بۇ تېمىنىڭ رەتلەپ چىققۇچىسى ئۇنتۇلۇپ كېتىلىپتۇ.
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 189
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 3
    ئومۇمىي يازما: 45
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە45دانە
    تۆھپىسى: 48
    پۇلى: 252 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 67
    ياخشى باھا: 127
    توردا: 14(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-03-13
    ئاخىرقى: 2013-05-21
    9- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-05-16 00:01

    8.لۇتپۇللا مۇتەللىپنى چاققان گومىنداڭچى ــــ ھېكىم نۇر

    ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ جاسۇسلۇق بۆلۈمىدىن مۇتەللىپنى كۈزىتىدىغان ئادەملەر ئاللىبۇرۇن تەشكىللەنگەن. شۇ چاغدا ئاقسۇ گېزىتخانىسىدا لۇتپۇللا مۇتەللىپنى تەكشۈرىدىغان «ئەپەندى»، ئۇيغۇرئۇيۇشمىسىدا «ياخشى»،«كاڭجيەن»، جەمئىيەتتە «گاڭبى» دىگەندەك مەخسۇس ئادەملەر بار ئىدى. ل.مۇتەللىپ قاتارلىقلارنى ئاشكارلاپ قويغان ھېكىم نۇرنىڭ مەخپىي ئىسمى «گاڭبى» ئىدى. ھېكىم نۇر شۇ يىللاردىكى ساقچى ئەمەلدارى، ل.مۇتەللىپلەرنىڭ تەشكىلاتىغا سوقۇنۇپ كىرگەن ئىشپىيون ھەم مۇتەللىپنىڭ قاتىلى ئىدى.
    _____________________________________________________
    مەن ھېكىم نۇرنى ساتقىن دېگەن قاراشنى توغىرا ئەمەس دەپ قارايمەن.ئۇ ئۆزى ئىش ھەققى ئېلىپ خىزمەت قىلىۋاتقان ئىدارنىڭ،ھۆكۈمەتنىڭ(ئۇنىڭچە ۋەتەننىڭ)ئەڭ سادىق،ئەڭ پىداكار ئەزمەتلىرى،(ھېكىم نۇر بەلكىم گومىنداڭ پارتىيسىنىڭ ئەزاسىدۇ)ئۇ ھېچقاچان ئۆز گورۇھىغا ساتقىنلىق قىلدىم دەپ قارىمايدىغۇ دەيمەن.بۇ كىشىگە مائارىپ تەربىيىسى،تەشۋىقات،ئىدىلوگىيە،ۋەتەن ئېڭى ۋە مىللەت ئېڭى قاتارلىق بىرقانچە نۇقتىدىن تەھلىل قىلماي تۇرۇپ ئالدىراپ ھۆكۈم قىلىندىمۇ قانداق؟بولمىسا،ئۇيغۇر ساتقىنلارنىڭ سانى سىز يازغاندىن نەچچە ھەسسە كۆپ بولۇپ كېتەر؟!