ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 343 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: بازاردا تاماق يىيىشتە دىققەت .....
دوستلىشىش
سالمان888
تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1021
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1021دانە
تۆھپىسى: 275
پۇلى: 1685 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 540
ياخشى باھا: 1579
توردا: 230(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-19
ئاخىرقى: 2012-11-14
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-03-31 10:36

بازاردا تاماق يىيىشتە دىققەت .....

بازاردا تاماق يىيىشتە دىققەت .....
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار ...ھەممىڭلارغا مەندىن  سالام  بولسۇن ..
ئەمدى  ئەسلى گەپكە كەلسەك  ھازىر  ئەتىياز پەسلى كىلىپ كىشلەرنىڭ  تالا-تۇزلەرنى ئايلانغاچ كەچتە سىرىتتا  ئولتۇرۇپ تاماق يەيدىغان  ۋاقىت كىلىپ قالدى.
مەن تۇۋەندە دوسلارنىڭ  مۇشۇ  ۋاقىتتا  نىمىلەر گە دىققەت قىلىش كېرەكلىكىنى ئازراق  سۆزلەپ ئۆتمەكچى ...
1- مەن ئالدى بىلەن بىزلەرنىڭ كۆپرەك يەدىغان  تامىقىمىز بولغان لەغمەن توغرىسىدا سۆزلەي، بىر قاچا ئادەتتىكى لەغمەن زادى نەچچە پۇل بىلەن تەييار بولىدۇ، نورمال بولسا 4بىلەن تەييار بولىدۇ (ئۆيلەغمەن ) ئەگەر لەغمەنگە ئادەتتىكى ماتىريال ئىشلىتىلسە 3 كوي بىلەنمۇ  تەييار بولىدۇ، ئەگەر ياخشى ماتىريال ئىشلىتىلسە 5 كوي بىلەن  تەييار بولىدۇ، ئەمدى  سىزگە دىمەكچى  بولغۇنۇن  نۇرغۇن كىشىلەر بۇ نوقتىنى بىلمىگەچكە .ئەرزان  تاماق  بار يەرگە بارىدۇ .ئالىدىغان  پايدىسى 1-2 كوي بولىدۇ .تارتىدىغان  زىينى بولسا  ھازىر يىمەكلىككە ئالاھىدە دىققەت قىلمىساق .ئۆزىمىزنىڭ بەدىنىگە ھەم  روھىغا زىيان بولىدۇ ..ھازىر  بەزى تىجارەتچىلەر ئازراق  پايدىنى كۆزلەپ  ئەرزان ماتىريال   ئىشلىتىپ  تاماقنىڭ  باھاسىنى ئەرزان قىلىش ئارقىلىق خېرىدار توپىغا ئىرىشمەكتە  .بۇنىمۇ تىللاپ  كەتكىلى  بولمايدۇ .... ( بۇدىگەنلىك ئەرزاننىڭ ھەممىسى  شۇنداق  دىگەنلىك ئەمەس )  
2-بىزدائىم توي تۆكۇن ئولتۇرۇشلاردا يەيدىغان  توخۇ قۇرىمىسى (داپەنجى) بۇ قۇرۇمىمۇ   25 - 35 - 45  مۇشۇ 3خىل باھادا تەييار بۇلىدۇ .بۇنىڭ سەۋەبى يەنىلا ماتىريال، مەسلەن 25كويغا تەييار بۇلىدىغىنىنى  38 كويلۇق  داپەنجى خانىلاردە ساتىدۇ ..35 تەييار بۇلىدىغانلىرىنى 45-50 كويلارغا ساتىدۇ  45 كە تەييار بولىدىغىنىن بولسا 65-70  كويلارغا  ساتىدۇ ، مىنىڭ گىپىمنى نۇرغۇنلۇرۇڭلار چۇشەندىڭلار  ھازىر، مەسلەن ھازىر مۇشۇ  تۇخۇ پىرمىسىدا بېقىلغان تۇخۇنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيىنىنى  ھەممە كىشى بىلىپ كەتمىدى. مۇشۇفىرمىلاردا بېقىلغان تۇخۇلارنى  باھاسى  بېقىلىش ۋاقتىنىڭ  ئۇزۇن قىسقىلىقىغا قاراپ بېكىتىلىدۇ .. 40كۈن  بىقىلغانلىرى  بولسا  ھازىر توپ  سېتىلىشى  كىلوسى 16-17 ئەتراپىدا 70-90 كۈن بېقىلغانلىرى 23 كوي ئەتراپىدا بولىدۇ، مانا تۇخۇدىكى  با ھا  پەرقى  .ئۇزۇن بېقىلغانلىرىغا  نورمال ئۇسۇلدا  نوقۇل  يەم  بىلەن باقىدۇ، بۇلار  شوڭا ئوزاقتا  چوڭ  بولىدۇ، قىسقا بېقىلغانلىرى  بولسا.......مۇشۇ  تۇخۇنى كۆپ ئىستىمال قىلىنسا ئادەم بەدىنىگە  زىيىنى كۆپ، بۇنى بۇيەردە بىرمۇ بىر توختۇلۇش بىھاجەت....
ئەمدى ئېغىرلىق  پەرقى ( بىر تۇخۇ قۇرىمىسىغا ئىشلىتىدىغان تۇخۇ ئېغىرلىقى) بەزىلەر 1.200كىلو   يەنە بەزىلەر كىلو 1.350كىلو .يەنە بەزىلار 1.100كىلو  .دىمەك  بۇنىڭدىمۇ  پەرىق بار ،،يەنە  باشقا ماتىريال  دى ن  ياغ  ئادەتتە قىچا يېغى 16-17 ئەتراپىدا  .لىكىن ئارلاشما ياغ بولسا 7-8 ئەتراپىدا بۇلىدۇ  بۇمۇ بىر پەرىق  ....بۇ توغرىسىدا  يىزىۋەسەك  بەك جېق  بولۇپ كەتكىدەك ، ئەمدى ئاساسلىق گەپ  دوسلار  سىرىتقا   چىقىپ  دوسلار بىلەن ياكى ئائىلەڭلەردىكىلەر بىلەن  تاماققا چىققاندا . ئەڭ ئاۋۋال تاماق يەيدىغان جاينى  تالىشىمىزكىرەك ..مۇھىتى پاكىز .لىكىن بەك ھەشەمەت جايغا كىرسىڭىز يىمىگەن  مانتىنىڭ  پۇلىنى تۆلەپ  جاڭ شو يەپ چىقىسىز ..بەك  ناچار يەرگە  كىرسىڭىز بۇ يەرنىڭ تازلىق  مۇھىت دىگەنلەر سىزنى  بىزار قىلىشى مۇمكىن شۇڭا  مۇھىتى ياخشى تامىقى  ھەددىدىن  ئارتۇق قىممەت يەرگە كىرمەڭ  .بۇيەرنىڭ جاڭشوسى شۇ  تاماقنىڭ  قىممىتىنى  ئاشۇرۋېتىدۇ، بەك ئەرزان  يەرگە  كىرسىڭىز بەلكىم بايا مەن  دەپ  ئۇتكەن  ئىشلار غا يۇلۇقۇشىڭىز مۇمكىن .شۇڭا چوقۇمكى  نورمال  جايغا بېرىپ  ئوزۇقلىنىش  ،يەنە بىرسى سىز  تاماق يىمەكچى  بولغان جايدا  ھاراق  شاراپنى  چەكلەش  يەنە تاماكىنى چەكلەش ئەسكەرتىشىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ .بولمىسا  تاماق  يەيمەن  دەپ  تاياق  يەپ قالغۇلۇق  ..چۇنكى ھاراق ئىچكەن  نوچىلار  دادىسىنىمۇ تۇنۇمىغىدەك  بولۇپ كىتىدۇ ...يەنە بىرسى .سىز  تاماق يىيىش ئۈچۇن نوقۇل  ھالدا  شۇشەھەر  ياكى  بازارنىڭ كەچلىك  بازىرى  بولمىسۇن  چۇنكى  بۇنداق  جايلارنىڭ كۆپۇنچە  ۋاقىتلاردا  تازلىقىغا ئەھمىيەت  بىرىلمەيدۇ . بۇلار ئاساسەن لاپاس ياكى ئۇچۇقچىلىق  جايلار بۇلىدۇ .ساتقان  يىمەكلىكىمۇ  ئىشەنچ  قىلغىلى بولمايدۇ  شۇڭا   بۇنداق  ئىشلاردە  كوپرەك  دىققەت قىلساڭلار  دىگەن ئۈمۇتتە  يوللاپ  قويدۇم  ..
چوقۇمكى ئۇزىمىز يەيدىغان يىمەكلىكنى  تاللاپ ئىستىمال قىلغاندىلا  بازاردىكى ناچار  زىيانلىق  يىمەكلىكلەرگە ئۈنۇملۇك  زەربە بەرگىلى بولىدۇ .

misranim.com
تېما تەستىقلىغۇچى : كان-تۈرك
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-03-31, 02:51
خەلقېم مەن بىلەن
دوستلىشىش
ھىدايەت
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 184
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 268
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە268دانە
تۆھپىسى: 25
پۇلى: 320 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 50
ياخشى باھا: 320
توردا: 66(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-12
ئاخىرقى: 2012-11-16
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-03-31 16:47

ئاشپەزلىكتىنمۇ خەۋرىڭىز باركەن ، بولمىسا تەنەرخنى  بۇنچە تەپسىلى بىلمەستىڭىز  .
ئەسكەرتكىنىڭزگە رەھمەت
دوستلىشىش
سالمان888
تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1021
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1021دانە
تۆھپىسى: 275
پۇلى: 1685 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 540
ياخشى باھا: 1579
توردا: 230(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-19
ئاخىرقى: 2012-11-14
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-03-31 17:44

مەن ئاشپەز ئەمەس، لىكىن قىزىقىمەن. قارىسام ھەممىمېزگە پايدىلىق تېما ئىكەن يوللاپ قويدۇم.
خەلقېم مەن بىلەن
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 604
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 32
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە32دانە
تۆھپىسى: 5
پۇلى: 72 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 10
ياخشى باھا: 42
توردا: 14(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-26
ئاخىرقى: 2012-09-07
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-03-31 21:15

<<جاڭ شوسى>>__دىگەن سۆزنىڭ ئورنىغا <<بېزىلىشى>>دەپ ئالساق بولمامدۇ؟  ئامال بار ئۆزىمىزنىڭ ئانا تىلىنى قوللىنايلى.