ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 549 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ھەممىمىزنى ئويلاندۇرىدىغان تېما!!
دوستلىشىش
سالمان888
تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1021
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1021دانە
تۆھپىسى: 275
پۇلى: 1685 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 540
ياخشى باھا: 1579
توردا: 230(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-19
ئاخىرقى: 2012-11-14
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-03-31 11:55

ھەممىمىزنى ئويلاندۇرىدىغان تېما!!




ھەممىمىزنى ئويلاندۇرىدىغان تېما!!

چەت ئەللىكلەرنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇشى ھەققىدە تەكشۈرۈش دوكلات

ئەخمەد ئۆزىنىڭ خەنزۇچە ئىسمى «شۈ چاۋياڭ (许朝阳)» غا ئانچە كۆنەلمىدى، ئەمما ئۇنىڭغا ئىسىم قويغان دوختۇر مەنىسىنىڭ «سەھەردە كۆتۈرۈلگەن قۇياش» ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەندە، ئۇنىڭ كۆزلىرى بىردىنلا نۇرلىنىپ، خۇددىي ئۈمىد نۇرىنى كۆرگەندەك بولۇپ، شوخ بالىلاردەك كارىۋاتتىن سەكرەپ تۇرۇپ كەتتى، ئۇ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ جۇڭگودا قايتىدىن ھاياتلىققا ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
48 ياشلىق ئەخمەد لىۋىيەدىن كەلگەن يېمەكلىك سودىگىرى. ئەخمەد يەنە يوگا مەستانىسى بولۇپ، بىر پۇتى بىلەن 40 نەچچە مىنۇت ئۆرە تۇرالايدۇ. 2008-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئەخمەد كېسەلخانىدا روھلۇق ھالدا ماھارەت كۆرسەتتى، ئۇ نامايان قىلغان ساغلاملىققا قاراپ، ھېچكىم ئۇنىڭ ئېغىر بۆرەك زەئىپلىشىش بىمارى ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيدۇ.
ئەخمەد بىر داۋالاش كارتىسىنى سۇندى، كارتىدىكى ئۇچۇردا ئۇنىڭ ھەر ھەپتىدە ئۈچ قېتىم قان تازىلىشى كېرەكلىكى خاتىرىلەنگەن، ئەمما قان سۈزۈلدۈرۈش جىددىي ئەھۋالدىكى ئامال، ئۇ ئەگەر تېخىمۇ ئۇزۇن ياشىماقچى بولسا، پەقەت بۆرەك ئالماشتۇرۇشقا مۇراجىئەت قىلىشى كېرەك. لىۋىيەنىڭ بۆرەك مەنبەسى ۋە داۋالاش شارائىتى ھەقىقەتەن كەمچىل، ئەخمەد ئەڭ ئاخىرى نەزىرىنى چەت ئەلگە ئاغدۇردى.
2008-يىلى 10-ئاينىڭ بېشىدا، ئەخمەد مۆمىن جۇڭگونىڭ تىيەنجىن شەھىرىگە كەلدى، بۇ يەردە ئاسىيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئادەم ئىچكى ئەزاسى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلىش مەركىزى — شەرق ئادەم ئىچكى ئەزاسى كۆچۈرۈش مەركىزى بار ئىدى.
ئەخمەد قاتتىق خۇشال بولدى، گۇاڭدوڭدا كىيىم - كېچەك سودىسى قىلىدىغان لىۋىيەلىك دوستى ئۇنىڭغا «جۇڭگودا ئىچكى ئەزا ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قىلالايدىغان دوختۇرخانىلار نۇرغۇن، ئەمما بۇ دوختۇرخانا ئەڭ ياخشىسى» دېگەن.
دوستى ئۇنىڭغا يەنە بىر تور بەتنى تونۇشتۇردى. ئەخمەد ئوڭۇشلۇق ھالدا بۇ ۋاسىتىچىلىك شىركىتى بىلەن ئالاقىلەشتى ھەمدە «جۇڭگوغا كەلسەڭ، بۆرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسىنى ساقلاش ۋاقتىڭ بىر ئايدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، يېتەرلىك بۆرەك مەنبەسىگە كاپالەتلىك قىلىمىز» دېگەن ۋەدىسىگە ئېرىشتى، ئۇ تيەنجىنگە بېرىشنىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن توغرا تاللاش ئىكەنلىكىگە ئىشەندى.
جەمئىي 60 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق ئوپېراتسىيە ھەققى ئەخمەدكە نىسبەتەن قىممەت ئەمەس، جۇڭگونى تاللىشىدىكى ھەل قىلغۇچ سەۋەب «ئىچكى ئەزانى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسىنى ساقلاش ۋاقتى باشقا دۆلەتلەرگە قارىغاندا قىسقا» ئىدى، ئەمما 20 نەچچە كۈن كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆتۈپ كەتتى، ئەخمەدنىڭ ئوپېراتسىيە ۋاقتى قايتا - قايتا كېچىكىپ كەتتى، ئۇ سەل تىت - تىت بولۇشقا باشلىدى، ھەر كۈنى كەچتە دوختۇرخانىنىڭ يېنىدىكى باغچىدا ئىچ پۇشۇقىنى چىقاردى.
دەل 11-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئەخمەد يەنىلا تىت - تىت بولۇپ، بۆرەك تەمىنلىگۈچىنى ساقلاۋاتقاندا، جۇڭگو سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى خۇاڭ جيېفۇ (黄洁夫) تۆتىنچى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئىلمىي يىغىنىدا جۇڭگونىڭ ساغلام، دۇنيا ئېتىكىسىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئادەم ئىچكى ئەزاسى كۆچۈرۈش چوڭ دۆلىتى قىلىپ چىقىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، «ئادەم ئىچكى ئەزاسى كۆچۈرۈش ساياھىتى» قاتارلىق ئادەم ئىچكى ئەزاسى سودىسى قىلمىشىنى قاتتىق جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خۇاڭ جيېفۇنىڭ دېيىشىچە، 2008-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، تيەنجىن، بېيجىڭدىكى ئۈچ دوختۇرخانىنىڭ ئۆز ئالدىغا چەت ئەللىكلەرنىڭ ئىچكى ئەزاسىنى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلغانلىقىنى بايقىغان. بۇ ئۈچ دوختۇرخانىنىڭ ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلىشى بىر يىل چەكلەنگەن. ئەگەر يەنە خىلاپلىق قىلسا، ئالاقىدار دوختۇرخانىنىڭ ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى ئىقتىدارى ۋە مەسئۇل دوختۇرنىڭ دوختۇرلۇق قىلىش سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلىماقچى بولغان.
ئەمما سەھىيە مىنىستىرلىقى ھازىرغا قەدەر جازاغا ئۇچرىغان ئۈچ دوختۇرخانىنىڭ كونكرېت تىزىملىكىنى ئېلان قىلمىدى. شەرق ئەزا كۆچۈرۈش مەركىزى ھازىرغا قەدەر يەنىلا چەت ئەللىك بىمارلارنى قوبۇل قىلماقتا، ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالمىدى.
2008-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئەخمەدنىڭ تەرجىمانى ئۇنىڭغا خۇش خەۋەر يەتكۈزدى، ئۇنىڭ ئوپېراتسىيە ۋاقتى كۈنتەرتىپكە تۇرغۇزۇلغان ئىدى، «ئېھتىمال ئۈچ كۈن ئىچىدە بولۇشى مۇمكىن» دېگەن. ئەخمەد ھاياجانلىنىپ كەتتى، گۇاڭدۇڭدا سودا قىلىدىغان ئىككى لىۋىيەلىك دوستى يوقلاپ كەلگەندە، كېسەلخانىدىكى خۇشاللىق كەيپىياتى تېخىمۇ قويۇقلاشتى.
ئەگەر ئوپېراتسىيە ئوڭۇشلۇق بولسا، ئەخمەدنىڭ دوختۇرخانىدىكى داۋالىنىش ۋاقتى 20 كۈندىن ئېشىپ كەتمەيتتى، دۆلىتىگە قايتسا بولاتتى. ئەخمەد نۇرغۇن دۆلەتلەرگە بېرىپ باققان، «جۇڭگو ماڭا ئەڭ گۈزەل تەسىرات قالدۇردى» دېگەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ قېتىمقى قىسقىغىنا جۇڭگو «ساياھىتى» دا تاغ - دەريالارنى ئوينىغۇدەك ۋاقتى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا ئىككىنچى قېتىم ھاياتلىق پۇرسىتى ئاتا قىلغان ئىدى.


ئادەم ئىچكى ئەزاسى ئالماشتۇرۇش ساياھىتى دولقۇنى




2008-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى، يەمەنلىك ئابدۇللاھ ئاتا-بالا ئۇزۇن يول ئازابى چېكىپ، تيەنجىن شەرق ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش مەركىزىگە يېتىپ كەلدى، ئەمما كارىۋات قىس بولغاچقا، ۋاقتىنچە دوختۇرخانىغا يېقىن مېھمانخانىدا تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى.
66 ياشلىق ئابدۇللاھ جىگەر قېتىش كېسىلى بولغان، ئوغلى ئاتىسىغا قىسمەن جىگىرىنى تەقدىم قىلماقچى بولغان، ئەمما ئۇلار ئامېرىكىغا بارغاندا، جىگەر كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلىش ئۈچۈن يەنە 8 ئاي ساقلاپ تۇرۇشىنى ئۇقتۇرغان، ئۇلار دەرھال جۇڭگوغا كەلگەن، ئابدۇللاھنىڭ دېيىشىچە، تيەنجىن دوختۇرخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىشقا ئالدى - كەينى بولۇپ پەقەت 3 كۈن ۋاقىت كەتكەن.
ئەخمەد مىننەتدار بولغان ھالدا: «جۇڭگو ئىشىكنى ئېچىۋەتتى، بىزگە ناھايىتى دوستانە» دېدى، ئۇ جۇڭگوغا كېلىپ داۋالىنىشتا ھېچقانداق توسقۇنلۇققا ئۇچرىمىغان. ئۇ ناھايىتى ئاسانلا بىر ئايلىق ساياھەت ۋىزىسى بېجىرەلىگەن، ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىپ قايتمىغان بولسىمۇ، پەقەت تيەنجىن چېگرادىن كىرىش - چىقىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىگە تىزىمغا ئالدۇرسىلا داۋاملىق بېجىرگىلى بولىدۇ.
گەرچە لىۋىيەدىن تيەنجىنگە ئايروپىلان بىلەن كېلىشكە 15 سائەت ۋاقىت كەتسىمۇ، ئەمما ئەخمەدنىڭ دېيىشىچە، ئوتتۇرا شەرقتىكى بايلىققا تىقىلىپ كەتكەن نېفىت دۆلەتلىرىدە، بايلار يەنىلا پات - پات ئايروپىلان بىلەن جۇڭگوغا كېسەل كۆرسەتكىلى كەلگەن. شەرق ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش مەركىزى ھەر كۈنى بېيجىڭ ئايرودۇرۇمىغا سەئۇدى ئەرەبىستانىدىن كەلگەن بىمارلارنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن مەخسۇس ئادەم ئەۋەتكەن.
بەزى پۇلدار بىمارلار جۇڭگو، بىرازىلىيە، جەنۇبىي ئافرىقا، ھىندىستان ھەمدە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەرگە ساياھەت قىلىش نامىدا بېرىپ، يەرلىكتىكى ئىچكى ئەزاسىنى ئىئانە قىلغۇچى نامراتلار بىلەن ئىچكى ئەزاسىنى ئالماشتۇرۇۋالغان. خەلقئارا ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش جەمئىيىتى بۇ خىل «يۆتكىلىشچان ئادەم ئىچكى ئەزاسى ئىزدەش» نى «ئادەم ئىچكى ئەزاسى كۆچۈرۈش ساياھىتى» دەپ ئاتىغان، بۇ «ساياھەت» ئىچكى ئەزانى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسىنى ساقلاش ۋاقتى نىسبەتەن ئۇزۇن بولغان دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسىنى ساقلاش ۋاقتى نىسبەتەن قىسقا، ئوپېراتسىيە ھەققى تۆۋەن دۆلەتلەرگە بېرىپ، ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ.
ئەنگلىيە «تايمىس گېزىتى» نىڭ ئاشكارىلىشىغا ئاساسلانغاندا، غەربىي ياۋروپالىقلارنىڭ نۆۋەتتە ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈشكە بولغان تەلىپى ئۈزلۈكسىز ئاشقان، غەربىي ياۋروپا تەخمىنەن 120 مىڭ ئادەم قان سۈزۈلدۈرۈش قىلدۇرىدىكەن. قان سۈزۈلدۈرىدىغان بۇ كىشىلەر ئىچىدە، 40 مىڭغا يېقىن بىمار ئازاب ئىچىدە بۆرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆچرەت ساقلايدۇ. ئەمما بۆرەك كەمچىل بولغانلىقتىن، بۆرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇشنى ساقلاۋاتقان كىشىلەرنىڭ تەخمىنەن %15-%30 ى ئۆچرەت ساقلاش داۋامىدا ئۆلۈپ كېتىدۇ. بۇ غايەت زور سېتىۋېلىش ئەترىتى «ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ساياھىتى» نى بارغانسېرى قىزىتىپ تاشلىغان، بولۇپمۇ ياۋروپالىق بايلار ئارىسىدا مودا بولغان.
يېقىنقى يىللاردا، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى كۆلىمى تېزلىكتە كېڭەيدى ھەمدە ئىچكى ئەزا تەمىنلەش مىقدارى زور، ئوپېراتسىيە ھەققى نىسبەتەن تۆۋەن بولغانلىقتىن، ئوتتۇرا شەرق، ئامېرىكا، جەنۇبىي كورىيە، ياپونىيە، ئىسرائىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى بىمارلارنى جۇڭگوغا كېلىپ «ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ساياھىتى» قىلىشقا جەلپ قىلدى.
جۇڭگو سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تولۇق بولمىغان ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2006-يىلى جۇڭگودا جەمئىي 11 مىڭ قېتىم ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلىنغان، 2008-يىلغىچە 85 مىڭ قېتىمغا يېتىپ، ئامېرىكىدىن قالسىلا ئىككىنچى چوڭ ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلىدىغان دۆلەتكە ئايلانغان. ھازىر دۇنيادىكى بارلىق ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسىنى جۇڭگودا قىلغىلى بولىدۇ.
تيەنجىندا، يېڭىدىن پۈتكەن شەرق ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش مەركىزىنىڭ بىناسىغا 500 كارىۋات تەسىس قىلىنغان، ھەر يىلى جىگەر كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسىدىن 500 قېتىم، بۆرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسىدىن 300 قېتىمنى تاماملايدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن. بىرلا ۋاقىتتا يۈرەك، ئۆپكە، ئۈچەي، ئاشقازان ئاستى بېزى، مۈڭگۈز پەردە قاتارلىق توقۇلما ۋە ئىچكى ئەزالارنى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلماقچى بولغان. پەقەت 2006-يىلىلا، شەرق ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش مەركىزى بىر يىلدا 600 نەچچە قېتىم جىگەر كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلىشتەك رېكورتنى ياراتقان.
«ۋال كوچىسى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن 5 يىلدا، ئاز دېگەندە 200 نەپەر ئىسرائىلىيەلىك جۇڭگودا بۆرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغان. ھەر يىلى ئىسرائىلىيەنىڭ 30 قېتىملىق يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسىدە، 10 قېتىملىقى جۇڭگودا ئېلىپ بېرىلىدۇ.
2008-يىلى 9-ئايدا ئىنتېرنېتتا بىر سۆز تارقالغان بولۇپ، بىر ئاۋسترالىيەلىك دوختۇر خەلقئارا ئىنسانىي ھوقۇق زاتلىرىغا ئاشكارىلىشىچە، تىيەنجىن شەرق ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش مەركىزىدە ئوپېراتسىيە قىلدۇرغان بىمارنىڭ %85 تى چەت ئەللىك ئىكەن.
ئەخمەد تىيەنجىنگە كەلگەندىن كېيىن كۆپ قىسىم ۋاقتى كېسەلخانىدا ئۆتتى، ئۇنىڭغا بۇ قېتىمقى «ساياھەت» نىڭ كونكرېت پىلانى ئېنىق ئەمەس، «ھەممىسىنى ۋاسىتىچىلىك شىركىتى ئورۇنلاشتۇرىدۇ».
ئەخمەد لىۋىيەدىن جۇڭگوغىچە مۈشكۈللەرگە قاتتىق باش قاتۇردى، ئۇ ئالدى - كەينى بولۇپ ئىككى جۇڭگولۇق، بىر يەمەنلىك ۋە بىر پاكىستانلىق بىلەن ئالاقىلىشىپ، ھەربىرىگە 3000 ئامېرىكا دوللىرى ۋاسىتىچىلىك ھەققى تاپشۇردى. لىۋىيە ۋە جۇڭگودا، نۇرغۇن ۋاسىتىچى شىركەتلەر ئۇلارغا ۋاكالىتەن ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىدۇ.
11-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ۋاسىتىچىلىك شىركىتى ئادەم ئەۋەتىپ ئەخمەدكە ۋىزىسىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىش رەسىمىيىتىنى بېجىرىپ بەردى، ئۇلار ھەتتا ئىچكى ئەزانى قوبۇل قىلغۇچى بىلەن تەمىنلىگۈچىنىڭ تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋەتتە ئىكەنلىكىگە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېجىرىپ بېرىدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى. ئەخمەد: «پەقەت مەن پۇل چىقىرىشنى خالىساملا، ئۇلار ھەممە ئىشىمنى پۈتتۈرۈپ بېرىدۇ» دېدى.
ئۇنىڭ تەسىراتىدا، «ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ساياھىتى» ۋاسىتىچى، تېخنىكىسى يۇقىرى ئوپېراتسىيە دوختۇرى ۋە ئالاھىدە تەربىيەلەنگەن سېستىرادىن تۈزۈلگەن تور ئىدى. چېگرادىن كىرىپ چىقىشى، «ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ساياھىتى» غا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، «ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ساياھىتى» تەمىنلىگۈچى ۋاسىتىچىلەر بىلەن ساقچىلار ھەمدە تاموژنا خادىملىرى قاتتىق يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇشى كېرەك.
Medikt دەل بىمارلارنىڭ چەت ئەللەردە ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش دوختۇرخانىسى تېپىشىغا مەخسۇس ياردەم بېرىدىغان ئىسرائىلىيە شىركىتى. بەزى ئاخباراتلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۆتكەن بىر يېرىم يىلدا، Medikt شىركىتى جۇڭگوغا جەمئىي 150 نەپەر ئەتراپىدىكى يۈرەك، بۆرەك ۋە جىگەر كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرىدىغان بىمارنى تونۇشتۇرغان.
تيەنجىندا، شەرق ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش مەركىزىدىمۇ ھەر خىل ۋاسىتىچىلىك شىركىتى بار، ئۇلار ھەر خىل تىللارغا قەدەر ئىنچىكىلەشكەن. ئۇلاردا ئوتتۇرا شەرق كېسەللىرىگىلا مۇلازىمەت قىلىدىغان 4 ئەرەب تىلى تەرجىمە شىركىتى بار. يەنە ئېنگلىز تىلى، كورىئان تىلى، ياپون تىلى قاتارلىق ئوخشىمىغان تىلدىكى ۋاسستىچىلىك شىركەتلىرى بار، ئۇلارنىڭ ھەممىسى شەرق ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش مەركىزىنىڭ نامىغا تەۋە. بەزى ۋاسىتىچىلىك شىركەتلىرى بىۋاسىتە دوختۇرخانىغا قارايدۇ. يەمەندىن كەلگەن يىد دوختۇر ھەر كۈنى ھۆججەت سومكىسىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، سالاپەتلىك ھالدا شەرق ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش مەركىزىنىڭ بىناسىدىكى A رايوندا ھەرقايسى قەۋەتتىكى بىمارلار بىلەن كۆرۈشىدۇ، بارلىق ئوتتۇرا شەرقلىق بىمارلار ئۇنى تونۇيدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن قىزغىن سالاملىشىدۇ.
يىد دوختۇر شەرق ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش مەركىزىدىكى تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى، جۇڭگودا خىزمەت قىلغىلى 20 يىل بولاي دېدى، ئۇ ھازىر دوختۇرخانىدا ئاساسلىقى چەت ئەللىك بىمارلارغا مەسئۇل بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە دوختۇرخانا قارمىقىدىكى ۋاسىتىچىلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى. يىدنىڭ بىمارلىرى 22 دۆلەتتىن كەلگەن، گەرچە ئۇ بىمارلارنى ناھايىتى ئاز ئوپېراتسىيە قىلسىمۇ، ئەمما ھەمىشە بىمارلار بىلەن دوختۇرخانا ئارىسىدا مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ، «ھەممىنى ھۆددىگە ئالغان دوختۇر بولىدۇ».
يىد يەنە ئۆزىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى دوختۇرخانىغا ئەۋەتكەن ۋەكىلى ئىكەنلىكىنى، بۇ يەردە ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرىدىغان سەئۇدى ئەرەبىستان پۇقرالىرىغا مەسئۇل ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ 7-8 تەرجىمان ياللىغان، ئەمما بەزىدە يېتىشەلمەي قالىدۇ. بەزىدە 3-5 تەرجىمان 20 نەچچە بىمارغا خىزمەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
يىد دوختۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەر بىر چەت ئەللىك بىمار بىلەن ئالاقىلەشكەندە، ئالدى بىلەن كېسەل تارىخى، دىياگنوز قەغىزىنى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. كېسەلنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى چۈشىنىش ھەمدە دەڭسەپ كۆرۈش ئارقىلىق، كېسەلنىڭ ئوپېراتسىيە قىلىشقا ماس كېلىدىغان كەلمەيدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىدۇ.
يىد دوختۇر: «ئەگەر مۇۋاپىق كەلسەڭ، كېلەركى قەدەمدە نېمە قىلىشنى ئېيتىپ بېرىمەن» دەيدۇ، ئۇ بىمارلارنىڭ قارىغۇلارچە جۇڭگوغا كېلىشىگە يول قويمايتتى، چوقۇم ئەڭ ياخشى پەيتتە كېلىپ داۋالىنىشىنى ئېيتاتتى. ئوپېراتسىيەدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، دۆلىتىگە قايتقاندىن كېيىنمۇ ئالاقىسىنى ساقلاپ تۇرىدۇ.
ما فامىلىلىك بىر ۋاسىتىچى پۈتكۈل «ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ساياھىتى» گە بىمار «پەقەت پۇل تۆلىسىلا بولىدۇ» غانلىقىنى ئېيتتى.
نۆۋەتتە، چەت ئەللىك بىمارلارنىڭ شەرق ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش مەركىزىنىڭ بۆرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى خىراجىتى تەخمىنەن 60 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى، جىگەر كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى 100-110 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئارىسىدا، ۋاسىتىچى 4000 ئامېرىكا دوللىرى ھەق ئالىدۇ. ما فامىلىلىك ۋاسىتىچى: «پۇلنى كىم جىق چىقارسا، شۇنى ئالدى بىلەن ئوپېراتسىيە قىلىدۇ، بەزى سەئۇدى ئەرەبىستانلىق بايلار ھەمىشە جىق پۇل چىقىرىپ، ئۆچرەتكە قىستۇرۇلۇپ كىرىش پۇرسىتى ئىزدەيدۇ» دېدى.


جۇڭگولۇقلار بىلەن ئادەم ئىچكى ئەزاسى تالىشىش




ئەخمەدكە ئوخشاش، يەمەندىن كەلگەن ئابدۇللاھ دوختۇرخانىدا ياتقاندا «جاۋجۇن» دېگەن خەنزۇچە ئىسمى بار بولدى، دوختۇرخانا نۇرغۇن چەت ئەللىك بىمارلارغا خەنزۇچە ئىسىم قوياتتى.
دوختۇرخانىنىڭ مۇنداق قىلىشىدا باشقىچە مۇددىئاسى بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپات يوق، ئەمما ئوبيېكت جەھەتتىن قارىغاندا، بۇ ھېچ بولمىغاندا سىرتقى جامائەتچىلىكنىڭ كېسەرللەرنىڭ تىزىملىتىش ئەھۋالىدىن جۇڭگوغا كېلىپ ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرىدىغان چەت ئەللىك بىمارنىڭ سانىنى ئىستاتىستىكا قىلىشىنى قيىنلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
شەرق ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش مەركىزىنىڭ كېسەلخانىسى A رايون ۋە B رايونغا ئايرىلغان، چەت ئەللىك بىمارلار ئاساسلىقى A رايوننىڭ 3-12 قەۋىتىگىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇ يەردە ھەمىشە ئوتتۇرا شەرقلىقلەرنىڭ سايىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ، گەرچە كېسەلنىڭ ماتېرىيالىدا ئۇلار «جۇڭگولۇق» دەپ كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، بۇ رايوندىكى كېسەلخانىلاردا جۇڭگولۇقلار ناھايىتى ئاز.
B رايوندىكى نۇرغۇن جۇڭگولۇق بىمارلار ئاغرىنىپ تۇرۇپ: «چەت ئەللىكلەر دوختۇرخانىنىڭ تىللا تۆكىلىدىغان دەرىخىگە ئايلىنىپ قالدى» دەپ ئاغرىندى. نۇرغۇن چەت ئەللىكلەر پەقەت جىق پۇل بەرسىلا ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرالايدۇ. دوختۇرخانا ھەتتا چەت ئەللىكلەرنى جۇڭگولۇق بىمارلارنىڭ ئالدىغا تىزىدۇ، چەت ئەللىكلەر ئىچكى ئەزادىن ئالدى بىلەن بەھرىمەن بولىدۇ. جۇڭگولۇقلار بۇنىڭدىن ناھەقچىلىق ھېس قىلغان، بۇ ئۇسۇل چەت ئەللىكلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قانائەتلەندۈرگەن بىلەن، جۇڭگولۇق بىمارلارغا كۆچۈرۈلىدىغان ئادەم ئىچكى ئەزا سانى ماس ھالدا ئازلاپ كەتتى.
سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، جۇڭگودا ھەر يىلى 1 مىليون 500 مىڭ بىمار ئىچكى ئەزا ئالماشتۇرۇشقا مۇھتاج بولىدىكەن، ئەمما ھەر يىلى ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئىچكى ئەزا سانى 10 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، ئېھتىياجلىق ئىچكى ئەزا سانى بىلەن تەمىنلىنىدىغان ئىچكى ئەزا سانىنىڭ نىسبىتى 150:1 بولغان. زور ساندىكى بىمارلار ئىچكى ئەزا ئوپېراتسىيەسىنى ساقلاۋېتىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ.
يېقىنقى يىللاردا، «ئادەم ئىچكى ئەزاسى كۆچۈرۈش ساياھىتى» نى چۆرىدىگەن مۇزاكىرىلەر جۇڭگو، ئىسرائىلىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ تېببىي ساھەسىدە كۈنسېرى كەسكىنلەشتى. كۆپ قىسىم كىشىلەر بۇ خىل پۇل تۆلەش ئىقتىدارى ئاجىز دۆلەتلەرنىڭ بىمارلىرى بىلەن ئادەم ئىچكى ئەزاسى مەنبەسىنى تالىشىش قىلمىشى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەشەببۇس قىلغان ئېتىكا پىرىنسىپلىرى ۋە خەلقئارالىق قائىدىلەرگە خىلاپ دەپ قارىدى. بۇ خىل ئەۋج ئېلىشقا باشلىغان «ئادەم ئىچكى ئەزاسى كۆچۈرۈش ساياھىتى» ئادەم ئىچكى ئەزاسى ئەتكەسچىلىكىنىڭ يامراپ كېتىشىگە تۈرتكە بولدى.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 2007-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنى تەدبىر قوللىنىپ، ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسىنى قېلىپلاشتۇرۇشنى، بولۇپمۇ كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان «ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ساياھىتى» ھادىسىسىنى چەكلەشكە دەۋەت قىلدى.
2008-يىلنىڭ بېشىدا، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، خەلقئارا ئادەم ئىچكى ئەزاسى كۆچۈرۈش جەمئىيىتى قاتارلىق ئورگانلار تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە يىغىن ئاچتى ھەمدە «ئىستانبۇل خىتابنامىسى» نى ماقۇللاپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ «ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ساياھىتى» نى چەكلەپ، نامراتلارنىڭ باراۋەر ھالدا ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇش پۇرسىتىدىن بەھرىمەن قىلىشقا يەنە بىر قېتىم دەۋەت قىلدى.
ۋۇخەن تۇڭجى دوختۇرخانىسىنىڭ ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى چېن جوڭخۇا (陈忠华): «چەت ئەللىكلەر جۇڭگوغا كېلىپ ئوپېراتسىيە قىلدۇرماسلىقى كېرەك ئىدى» دېدى، چۈنكى چەت ئەللىكلەر كۆپ پۇل چىقارغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇلارغا ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلغانلىقتىن ئەمەس، بەلكى «جۇڭگولۇقلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەتىگە زىيانكەشلىك قىلغانلىق» ئىدى. يەنە كېلىپ، چەت ئەللىكلەرنىڭ ئېلىپ كەلگەن بۇ پۇل ئەسلىدىلا چىرىكلىك بېسىۋالغان داۋالاش سىستېمىسى مەسىلىسىنى تېخىمۇ چىگىش قىلىپ تاشلىدى.
چېن جوڭخۇا خىزمەت قىلىدىغان بۆلۈم ئالاھىدە ئەھۋالدىلا چەت ئەللىك بىمارلارنى قوبۇل قىلدى، ئۇ يەنە بىمارلارغا نەسىھەت قىلىپ، ئامال بار ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ئىئانە قىلغان ئىچكى ئەزانى ئىشلىتىپ، ئەخلاق ۋە قانۇن مەسىلىسى مەۋجۇت بولغان ئادەم ئىچكى ئەزاسى سودىسىنى ئازايتىشقا ئۈندىگەن.


ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى ساياھىتىنى تۈپتىن يوقىتىش تەس بولۇشى مۇمكىن




2007-يىلى 5-ئايدا، جۇڭگو سەھىيە مىنىستىرلىقى «سەھىيە مىنىستىرلىقى ئىشخانىسىنىڭ چەت ئەل بىمارلىرىنىڭ ئادەم ئىچكى ئەزاسى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسىگە ئىلتىماس قىلىشىغا ئالاقىدار ئۇقتۇرۇشى» نى ئېلان قىلىپ، ئادەم ئىچكى ئەزاسى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسىدە ئالدى بىلەن جۇڭگولۇق پۇقرالارنىڭ ئېھتىياجىنى قانائەتلەندۈرۈشىنى، داۋالاش ئورگانلىرىدىكى تېببىي خادىملارنىڭ ساياھەت نامىدا كەلگەن چەت ئەللىك پۇقرالارنى ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلسا بولمايدىغانلىقىنى تەلەپ قىلدى.
ئەمما «ئۇقتۇرۇش» تارقىتىلىپ بىر يىلدىن كېيىن، جۇڭگو دوختۇرخانىسىدا ئىچكى ئەز كۆچۈرۈشنى ساقلاۋاتقان چەت ئەل پۇقرالىرى دوختۇرخانىدىن چىقىپ دۆلىتىگە كېتىش ئويىدا بولمىدى. بۇ چەكلەش بۇيرۇقى ئۇلارنى دۆلەت ئىشىكىنىڭ سىرتىدا توسۇپ قالالمىدى.
سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تەلىپىگە ئاساسلانغاندا، ئومۇمەن ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلىدىغان داۋالاش ئورگانلىرى چەت ئەل پۇقرالىرىنى ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلماقچى بولسا، چوقۇم سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تەستىقىنى ئېلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلسا بولىدۇ، دەپ بېكىتىلگەن داۋالاش ئورگانلىرىنى قاتتىق باشقۇرۇپ، ئۇلار قىلغان ھەر بىر ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسىنى نازارەت قىلىشنى قارار قىلدى.
تيەنجىندە دوختۇرلۇق قىلىدىغان بىر دوختۇر ئاشكارىلاپ: «يۇقىرىدىكى باشقۇرغۇچى تارماقلارغا ناھايىتى ئېنىق، ئەمما بىز ئۇلارنىڭ قانداق ئويلاشقانلىقىنى ئۇقمايمىز» دېدى، بەلگىلىمىگە ئاساسەن، چەت ئەللىك بىمارلار جۇڭگوغا كېلىپ ئادەم ئىچكى ئەزاسى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرماقچى بولسا، داۋالاش ئورگانلىرى ئۆلكىلىك سەھىيە مەمۇرىي تارماقلىرىغا دوكلات قىلىشى، ئۆلكە دەرىجىلىك سەھىيە مەمۇرىي تارماقلىرى تەستىقلىشى ھەمدە سەھىيە مىنىستىرلىقىغا دوكلات قىلغاندىن كېيىن، قايتۇرغان پىكىرگە ئاساسەن ئىش كۆرۈشى كېرەك. ئەمما ئۇ نۆۋەتتە بۇ بەلگىلىمىنىڭ ئىجرا قىلىنىش سالمىقىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى ئۇقمايدىكەن.
ئىگىلىنىشچە، شەرق ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش مەركىزى تيەنجىن شەھەرلىك بىرىنچى مەركىزىي دوختۇرخانا قارىمىقىدا بولۇپ، تيەنجىن شەھەرلىك بىرىنچى مەركىزىي دوختۇرخانا بولسا تيەنجىن شەھەرلىك سەھىيە ئىدارىسىگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگان ئىكەن.
كۆرگەن ئەھۋال بىلەن ئوخشىمايدىغىنى، شەرق ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش مەركىزىنىڭ جىگەر كۆچۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى دېڭ يوڭلىن (邓永林) سۇمرۇغ ھەپتىلىكىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «نۆۋەتتە دوختۇرخانىمىز چەت ئەللىك بىمارلارنى قوبۇل قىلمايدۇ، بۇ يەرگە كېلىپ ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى جۇڭگولۇق» دېگەن، ئۇ يەنە 2007-يىلى شەرق ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش مەركىزىنىڭ بۆرەك ۋە جىگەر كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسىنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ 200 قېتىم ئەتراپىدا بولغانلىقىنى ئېيتتى.
ئەمما ئەزا كۆچۈرۈش مەركىزىنىڭ بىناسىدا تۇرۇۋاتقان چەت ئەللىك بىمارلارنى تىلغا ئالغاندا، دېڭ يوڭلىن: «بۇ مەسىلىدە مېنى ئىزدىسەڭ ئەھمىيىتى يوق، مەن قىلغان ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى بىمارلىرىنىڭ ھەممىسى جۇڭگولۇق» دېدى.
بۇنىڭغا قارىتا، تيەنجىن شەھەرلىك بىرىنچى مەركىزىي دوختۇرخانىنىڭ باشلىق ئىشخانىسىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلغان بىر خىزمەتچى خادىم مەزكۇر دوختۇرخانىنىڭ يەنىلا چەت ئەللىك بىمارلارغا ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلىۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلدى. دوختۇرخانىدا يەنىلا چەت ئەللىك بىمارلارنىڭ تۇرۇۋاتقانلىقىنى سورىغاندا، مەزكۇر خىزمەتچى ئۇقمايدىغانلىقىنى، مەزكۇر ئىشخانىنىڭ ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئىشىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى ھەمدە ئالاقىدار ئەھۋالنى ئىگىلىمىگەنلىكىنى ھەم خالىغانچە جاۋاب بەرسە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. دوختۇرخانا باشلىقى ئىشخانىسى باشقا ئالاقىدار مەسئۇل كىشىنى چۈشەنچە بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
سەھىيە مىنىستىرلىقىدىكى بىر ئەمەلدار: «مەن بۇ خىل ئەھۋالغا يازمىچە ياكى ئېغىزچە پاش قىلىشنى تاپشۇرۇپ ئالمىدىم» دېدى، ئۇمۇ دەسلەپتە شەرق ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش مەركىزىنىڭ يەنىلا چەت ئەللىك بىمارلارنى قوبۇل قىلىۋاتقان ئەھۋال بارلىقىنى ئاڭلىغان. مەزكۇر ئەمەلدارنىڭ دېيىشىچە، يېقىنقى يىللاردا، سەھىيە مىنىستىرلىقى نۇرغۇن ھۆججەت ئېلان قىلىپ، ئادەم ئىچكى ئەزاسى سودىسى ۋە ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ساياھىتىنى قاتتىق چەكلىگەن، سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىپادىسى ناھايىتى ئېنىق ئىكەن. شەرق ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش مەركىزىگە قارىتا، ئۇ سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى پاش قىلغان ئاھۋالغا ئاساسەن قول سېلىپ تەكشۈرەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەمما نۇرغۇن دوختۇر ۋە دوختۇرخانا ئىچىدىكى زاتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ساياھىتى» نى تۈپتىن يوقىتىش ناھايىتى تەس ئىكەن، چۈنكى بۇ جۇڭگودا زور كۆلەمدىكى ئىگىلىك بولۇپ قالغان. بەزى ئاخباراتلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جىگەر كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى بىر تۈرىنىلا ئېلىپ ئېيتساق، بىر يىلدا تيەنجىن شەرق ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش مەركىزىگە ئاز دېگەندە 100 مىليون يۈەن خەلق پۇلى كىرىم قىلىپ بېرىدىكەن.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، نۇرغۇن ۋاسىتىچىلىك شىركەتلىرى ئاڭلىغان ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، جۇڭگو چەت ئەللىكلەرنىڭ ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇش سىياسىتىنى سەل تەڭشىگەن. ئەمما ئىزچىل ھالدا، ھېچنېمە يۈز بەرمىگەندەك بولۇپ كەلگەن. ئۇلار شوغۇللىنىۋاتقان سودا پەقەت ئىلگىرىكىدەك ئوچۇق - ئاشكارا بولمىغان خالاس.
شەرق ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش مەركىزىنىڭ ۋاسىتىچىلىككە مەسئۇل دوختۇر يىد ئەپەندى: «بىز شۇنچە يىل قىلدۇق، ئەجەبا بىز سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ سىياسەتلىرىنى بىلمەمدۇق؟ بىز ئوغرىلىقچە قىلغىنىمىز يوق، بۇ خىزمەتنى قىلىش شەرەپلىك، نۇرغۇن كىشىلەر توسۇماقچى بولدى، ئەمما ئەڭ ئاخىرى مەغلۇب بولدى» دېدى.


يېڭى ئىچكى ئەزا بىلەن بىرگە ياشاش




ئەخمەد يېڭى بۆرەكنىڭ قەيەدىن كەلگەنلىكىنى ئوپېراتسىيە دوختۇرىدىن سوراش نىيىتىدە بولۇپ باقمىدى. ئۇ: «ئەمەلىيەتتە، مەن بۆرەك مەنبەسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەيمەن» دېدى.
كۆپ قىسىم دۆلەتلەردە، پۇل بىلەن ئادەم ئىچكى ئەزاسىنى سېتىۋېلىش ئەخلاقسىز قىلمىش، دەپ قارىلىدۇ ھەمدە ئەگەر تەمىنلىگۈچى ئېنىق ماقۇل بولمىسا، ئۇلارنىڭ ئىچكى ئەزاسىنى سېتىۋېلىش قىلمىشى تېخىمۇ ئەخلاقسىزلىقتۇر.
جۇڭگو سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى خۇاڭ جيېفۇ 2005-يىلى 7-ئايدا دۇنيا جىگەر كۆچۈرۈش يىغىنىدا تونۇشتۇرۇپ: «نۆۋەتتە جۇڭگودا %90 تىن يۇقىرى كۆچۈرۈلىدىغان ئىچكى ئەزا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن جىنايەتچىلەردىن كەلگەن» دېدى.
تەمىنلىگۈچىنىڭ جۇڭگودىكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن جىنايەتچىدىن كەلگەنلىكى بولۇش ئېھتىماللىقىغا قارىتا، ئەخمەد سۈكۈت قىلىپ ھېچنىمە دېمىدى. ئۇ بۇ تېمىدىن ئۆزىنى ئامال بار قاچۇردى، ئوپېراتسىيە تەرتىپى مەسىلىسىدە دوختۇردىن مەسلىھەت سورىدى.
پۈتكۈل ئوپېراتسىيەگە تەخمىنەن 4-5 سائەت كېتىدۇ، ئەمما ئەخمەد ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا يېڭى ئىچكى ئەزاسىغا ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئىچكى ئەزانىڭ داۋاملىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغان كۆپ قىسىملار چوقۇم كېيىنكى ئۆمرىدە داۋاملىق داۋالىنىشى كېرەك. چۈنكى ئىممۇنىتېت سىستېمىسى يېڭى ئىچكى ئەزانى يەكلەيدۇ، كۆچۈرۈلگەن ئىچكى ئەزا پۈتۈنلەي سىرتتىن كەلگەن ھۈجەيرىلەردىن تۈزۈلگەن، ئەگەر داۋاملىق داۋالانمىسا، ئەسلى بەدەندىكى ئىممۇنىتېت سىستېمىسى يېڭى ئىچكى ئەزاغا داۋاملىق ھۇجۇم قىلىدۇ.
مۇۋاپىق تەڭپۇڭلۇققا ئېرىشىش ئۈچۈن، دوختۇر ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ئەخمەدكە بىر قىسىم ئالاھىدە دورا بەلگىلەپ بېرىدۇ، مەقسىتى ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى تىزگىنلەپ يەكلەشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بىرلا ۋاقىتتا ئەكس تەسىرى ۋە يۇقىملىنىش خەتىرىنى ئەڭ زور چەكتە ئازلىتىش ئۈچۈن. ئەخمەدنىڭ بەدىنى يېڭى ئىچكى ئەزاسىغا پەندىنپەي ماسلىشىپ قالغاندا، ئۇ ئېھتىمال بارلىق دورىلارنى يېيىشنى توختىتىشى مۇمكىن، ئەمما بۇ خىل ئېھتىماللىق يوق دېيەرلىك.

دۇنيادىكى بۆرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسىدە، ئۇرۇغ - تۇغقانلىرى ئىئانە قىلغان بۆرەكنى قوبۇل قىلغان بىمارنىڭ ھايات قېلىشى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 39 يىل بولىدۇ، جەسەتنىڭ بۆرىكىنى قوبۇل قىلغان بىمارنىڭ ئەڭ ئۇزۇن ھايات قېلىش ۋاقتى 30 يىل بولىدۇ. جۇڭگو جىگەر كۆچۈرۈشنى تىزىمغا ئالدۇرۇش سىستېمىسى 2008-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگونىڭ نۆۋەتتە جىگەر كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغان بىمارنىڭ ھايات قېلىش نىسبىتى %80.6 بولۇپ، بۇ نىسبەت ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىكى %40 ئەتراپىدا بولۇشتىن بىر قاتلانغان، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ سەۋىيەسىگە يېقىنلاشقان.
ئەمما، ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش يەنىلا خەۋپ - خەتىرى يۇقىرى ئوپېراتسىيە، ئادەتتە دوختۇرخانا قايسى كېسەللەر ئوپېراتسىيە قىلىشقا ماس كېلىدىغانلىقىنى قارار قىلىشتا ناھايىتى ئېھتىياتچان بولىدۇ، ئادەتتە ھايات قېلىش نىسبىتى يۇقىرى كېسەل ئالدى بىلەن ئوپېراتسىيە قىلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. ئەمما جۇڭگودىكى بىر قىسىم دوختۇرخانىلاردا بۇ پىرىنسىپلار بىر ياققا چۆرۈۋېتىلگەن، ئوپېراتسىيە قىلىنىش پۇرسىتى ھەمىشە پۇلدار بىمارغا بېرىلىدۇ، بۇ ئوپېراتسىيەنىڭ مەغلۇب بولۇش نىسبىتىنىڭ ئېشىشىغا يوشۇرۇن تۈرتكە بولىدۇ.
ئىسرائىلىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ بىر ئەمەلدارىنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغان نەچچە ئون بىمارنى ئۆلگەندىن كېيىن دۆلەتكە قايتۇرۇپ كەتكەن.
ياپونىيە ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىنقى يىللاردا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغان ياپونىيە بىمارلىرىنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك ئاشقان. توكيودىكى جۇڭگودا بۆرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇپ كەلگەن 9 نەپەر بىمارنى داۋالاشقا مەسئۇل دوختۇر ئەيىبلەب: «جۇڭگو دوختۇرخانىلىرى ئىچكى ئەزا تەمىنلىگۈچىنىڭ ئېنىق ماتېرىيالىنى تۇرغۇزماپتۇ، بىمارغىمۇ ئىممۇنىتېت چەكلەش ئۇسۇللىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن تەمىنلىمەپتۇ» دېگەن. ئۇلاردىكى 4 نەپەر بىمار 2 يىل ئىچىدە ئۆلۈپ كەتكەن.
جەنۇبىي كورىيە ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش تاشقى بۆلۈمى ساھەسىدىكىلەر 2004-يىلى جۇڭگوغا بېرىپ ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغان 236 نەپەر بىمارنى تەكشۈرگەن. نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئوپېراتسىيەدىن كېيىن يەكلەش ھادىسىسى ياكى كېسەل قوزغىلىش نىسبىتى جەنۇبىي كورىيەدە قىلىنغان ئوپېراتسىيەلەردىن كۆپ يۇقىرى بولغان.
ئەخمەد بۇ ئىشنىمۇ ئاڭلىغان، ئەمما ئۇ ناھايىتى ئۈمىدۋار. ئوپېراتسىيەدىن كېيىن، ئەخمەد لىۋىيەگە قايتىپ يېڭى ئىچكى ئەزاسى بىلەن بىرگە ھايات كەچۈرىدۇ.

مەنبە: "سۇمرۇغ ھەپتىلىكى" مىسرانىمدىن كۆچىرىلدى.
تېما تەستىقلىغۇچى : bozqir
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-03-31, 04:26
خەلقېم مەن بىلەن
دوستلىشىش
سالمان888
تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1021
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1021دانە
تۆھپىسى: 275
پۇلى: 1685 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 540
ياخشى باھا: 1579
توردا: 230(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-19
ئاخىرقى: 2012-11-14
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-03-31 12:40

مەنبە:ئەسلى تەڭرىتاغ مۇنبىرى .مىسرانىمدىن كۆچىرىلدى دەپ خاتا بۇلۇپ قاپتۇ. كەچۇرۇڭلار.
خەلقېم مەن بىلەن
دەرىجە: بىكەت باشلىقى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 261
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە261دانە
تۆھپىسى: 111
پۇلى: 1291 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 122
ياخشى باھا: 372
توردا: 118(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-16
ئاخىرقى: 2012-10-28
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-03-31 15:52

ئەسكەرتكىنىڭىزنىڭ ئۆزىدىنلا سەمىمىيلىكىڭىز چىقىپ تۇرىدۇ.
دوستلىشىش
ھىدايەت
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 184
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 268
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە268دانە
تۆھپىسى: 25
پۇلى: 320 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 50
ياخشى باھا: 320
توردا: 66(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-12
ئاخىرقى: 2012-11-16
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-03-31 16:42

نامراتلارنىڭ ئىچكى ئەزاسىنى سېتىش بىلەن ھال كۈنى ياخشىلنىپ بېيىپ قالغىنى بامىدۇ ..؟
دوستلىشىش
سالمان888
تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1021
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1021دانە
تۆھپىسى: 275
پۇلى: 1685 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 540
ياخشى باھا: 1579
توردا: 230(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-19
ئاخىرقى: 2012-11-14
4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-03-31 17:50

بوزقىر ئەپەندىنىڭ ئىشەنگېنىگەرەخمەت.
خەلقېم مەن بىلەن
دوستلىشىش
تاقەت315
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1403
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 51
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە51دانە
تۆھپىسى: 22
پۇلى: 97 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 44
ياخشى باھا: 97
توردا: 2(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-22
ئاخىرقى: 2012-05-05
5- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-03-31 23:38

:سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، جۇڭگودا ھەر يىلى 1 مىليون 500 مىڭ بىمار ئىچكى ئەزا ئالماشتۇرۇشقا مۇھتاج بولىدىكەن، ئەمما ھەر يىلى ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئىچكى ئەزا سانى 10 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، ئېھتىياجلىق ئىچكى ئەزا سانى بىلەن تەمىنلىنىدىغان ئىچكى ئەزا سانىنىڭ نىسبىتى 150:1 بولغان.:
جۇڭگو سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى خۇاڭ جيېفۇ 2005-يىلى 7-ئايدا دۇنيا جىگەر كۆچۈرۈش يىغىنىدا تونۇشتۇرۇپ: «نۆۋەتتە جۇڭگودا %90 تىن يۇقىرى كۆچۈرۈلىدىغان ئىچكى ئەزا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن جىنايەتچىلەردىن كەلگەن» دېدى.
    
دوستلىشىش
ئۈمىديار
ئەرنىڭ غىمى ئەلدە....
دەرىجە: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 646
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە646دانە
تۆھپىسى: 114
پۇلى: 994 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 174
ياخشى باھا: 890
توردا: 321(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2012-11-01
6- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-01 12:26

ئۆتكەندە  iphone غا مەستانە بولغان بىر ئوقۇغۇچىنىڭ  ئاتا-ئانىسىدىن يۇشۇرۇن بىر بۆرىكىنى سېتىپ  iphone ئالغانلىغىنى توردا كۆرگەن ئىدىم .
ئىچىمدىكى دەرتلەرنى ناخشام بىلەن تۈگەتتىم .
دوستلىشىش
ئىمتىھان399
بوزقىر ئەركىسى
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 16
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 194
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە194دانە
تۆھپىسى: 63
پۇلى: 366 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 96
ياخشى باھا: 306
توردا: 24(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2012-06-15
7- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-02 04:14

ئى، ئاللاھ، بىزلەرنى بارلىق ئەزالىرىمىزدىن ئۆمرىمىزنىڭ ئاخىرىغىچە بەھرىمان قىلىدىغان قىلىپ بەرگەيلا، بىزلەردىن رەھمەت ۋە شەپقەتلىرىنى ئايىمىغايلا...ئامىن.