ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1137 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: مۇنبەرلەردىكى ئىنكاس مەدەنىيىتى توغرىسىدا
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 306
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 19
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە19دانە
تۆھپىسى: 3
پۇلى: 25 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 6
ياخشى باھا: 25
توردا: 10(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-04-04
ئاخىرقى: 2011-08-17
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-04-14 13:47

0
مۇنبەرلەردىكى ئىنكاس مەدەنىيىتى توغرىسىدا

        ئاپتورى: سۆيگۈم

تور تېخنىكسىنىڭ يارىمىدە نۇرغۇنلىغان تور بەتلەر ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇلدى.  ئادەتتە تور بەتلەر خاراكىتىر جەھەتتىن بىر قانچە خىلغا بۆلىندۇ. مۇنبەر  بولسا بۇنىڭ ئىچىدىكى مەلۇم ئالاھىدە تۇر بولۇپ ھېسابلىندۇ. ئۇنداقتا ئىنكاس مەدەنىيتى دېگەن يەنە قانداق گەپ؟
كىشلەرگە تولىمۇ يېڭياچە ئاڭلىندىغان بۇ ئۆزگىچە مەدەنىيەت قارىشىنى شەرھىلەشتىن بۇرۇن ئاۋۋال "ئىنكاس "دېگەن ئۇقۇمنى تىلغا ئېلىش كېرەك بولىدۇ. ئىنكاس__مەلۇم يىڭى شەيئىى ياكى مەلۇم ھادىسە تۇپەيلى پەيدا بولغان نەتىجىگە نېسبەتەن كىشلەرنىڭ چوڭ  مىڭسىدە ئەكس ئەتكەن ئاڭ ،پىكىردىن ئىبارەت. ئادەتتە  ئىنكاس قىلىش،پىكىر قىلىش دېگەندەك  سۆزلەر كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا دائىم ئۇچرايدۇ.
 توربەتلەرنىڭ ئۆزىلا بىرخىل مەدەنىيەت تۈسىدە  بارلىققا كەلگەن. ئىنكاس مەدەنىيتى دەل تېما بارلىققا كەلگەن يەنى تور بەتلەردە تېما كۆرۇلگەن چاغدىن تارتىپلا بارلىققا كەلگەن. شۇڭا ئۇنىڭ مۇنبەت تۇپرىقى تېما دەپ ئېيتساق خاتالاشقان بولمايمىز.  ھەر قايسىمىز ئوتتۇرغا قويىۋاتقان ئىنكاسلار ئەمەلىيەتتە ئۆزىمىز تەۋە بولىۋاتقان مەدەنىيەت تىپنىڭ سىمۇۋۇلىدۇر. شۇڭا نۇقتىنەزەر قانداق بولشىدىن قەتئىنەزەر بىزنىڭ ئارىمىزدا سۇلىھىچىلىك مەۋجۇت بولمايدۇ. نېمشقا بەزى نېمىلار <نادىر>تىما قىززىق تېما بولۇپ قالىدۇ. شۇبىھسىزكى ئۇنىڭغا قارىمۇ قارىشلىق ئىچىدە داۋاملىشىدىغان بىرخىل   يۇشۇرۇن ئاڭ مەۋجۇت. ئىنكاس مەدەنىيتى كىشلەر ئۆزلىرى تەۋە بولغان مەدەنىيەتنىڭ ئۆزى ئەمەس بەلكى ئۇ كىشلەرنىڭ قوبۇل قىلشدىن ئۆتكەندىن كېينكى ئادەم مىڭىسىدە يۇغۇرلانغان يەنە بىر خىل ھاسىلانما تىپتىىكى مەدەنىيەت ھادسىسى.
ئەمسە مۇنبەرلەردىكى ئىنكاس مەدەنىيىتىنىڭ ئوخشىماسلىقى ۋە ئوخشاش مەدەنىيەت تىپىدىكى كىشلەرنىڭ ئىنكاسلىرىدىكى ئوخشىماسلىق ھەتتا قارمۇ- قارىشلىقىنى قانداق چۇشۇندۇرۇش كېرەك؟
  ئىنسانلارنىڭ كۆپ قېتىملىق مەدەنىيەت يېڭلىنشىى ھەرگىزمۇ ھازىرقىدەك تور ئالدىدا ئولتۇرۇپلا كۇنۇپكا تاختىسى بىلەن ھەرىپلەرنى ئۆزگەرتىۋالغاندەك ئۇنداق ئاسان مەيدانغا كەلگەن ئەمەس. بەلكى نۇرغۇن تارىخى تەرەققىيات جەريانىنى باشتىن كەچۇرگەن. . لىكىن ئىنكاس مەدەنىيتى ئۆزىنىڭ چەت چىگراسىنى ئېنىق ئايرىمىغان  ناۋادا بىر كىشىنىڭ ئىنكاسى ئۇنىڭ ئېتىقادى ئەقىلىنىڭ كۈچىدىن پەيدا بولسا ئۇنداقتا شۇبىھسىزىكى ئۇنداق كىشلەرنىڭ ئىنكاسلىرى ھېلىدىن ھېلى ئۆزگىرىپ تۇرمايدۇ. چۈنكى ئەقىلىنىڭ كۈچى ئىتقادقا تەسىر يەتكۇزۇش ۋە ئۇنىڭ ئۆزگىرىش جەريانى ناھايىتى تېرەن پىكىرنى قايتا ئويلىنشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا ئېتقادنىڭ مۇقىم بولماسلىقى ياكى سۇسلاپ كېتىشى كىشلەردە ئوخشاشغان ۋاقتتا ئوخشمىغان ئىككى خىل ئىنكاسنى پەيدا قىلىدۇ.
 مەسىلەن بىز ئەمەتنىڭ مەلۇم ھەرىكىتنى كۆرۇپ ئەمەس ئەكسىچە تور بەتتىكى ئەمەتكە ئالاقىدار مەلۇم تېمنى كۆرۇپ  ئەمەت ياخشى بالا. دەپ ئىنكاس يازدۇق دەيلى،لىكىن ئارقىدىن ئەمەت ھەققىدە يەنە بىر ناچار ئۇچۇرمەيدانغا كەلسە شۇبھسىزىكى ئالدىنقى ئىنكاسنى ئۆزگەرتىش ناھايىتى ئاسان يەنى قايتا كۆزنەك ئېچىپ " ھۇ ئەبلەخ "دەپ يازدۇق. نېمقشا ئەمەت ھەققىدە ئىنكاس يېزشتىن ۋاز كېچىپ ئاق قالدۇرمايمىز .چۈنكى بىزنىڭ ئادەتلەنگەن تەپەككۇرىمىز
 ھەقىقەتتىن بەكرەك ساختا كۆرۇنۇشكە ئادەتلەنگەن. شۇڭا ئاتالمىش سېھرىگەرلەر نەق مەيداندا سزگە ئويۇن قۇيۇپ بەرگەندىمۇ بارلىق جەريانلارنىڭ راسىت دەپ بىلمىز. ئەمەلىيەتتە سېھرىگەرنىڭ ئۆزى بۇنىڭ كۆز بوياش ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىدۇ. شەيتاننىڭ ئىنسانلارنى ئازدۇرۇش ئىقتىدارنىمۇ شۇنىڭغا تەققاسلاش مۇمكىن.
  
 قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر  ئىنكاسنى ئۆزىمىزگىلا تەۋە نەرسە  دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ  مەيلى چاقچاق يۇسۇندا پەيدا بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ئۇ ھامان بىر خىل مەدەنىيەتنىڭ مەھسۇلى ھېسابلاندى. سەپ تۇزۇپ كەتكەن ئىنكاسلارنى كۆرگىنڭىزدە ۋە ئۆزىڭىزمۇ قىززىپ كېتىپ ئىنكاس يازماقچى بولغان چېغىڭىزدا ئۇنىڭدىكى مەدەنىيەت ئارقا كۆرنىشنى سوغۇققانلىق بىلەن ئويلانغان چىغىڭىزدا ئاندىن نېمشقا بىزنىڭ ھېرىپ قالماي مۇنازىرە قىلدىغانلىقىمىزنى بىلەلەيسز.
[ سۆيگۇمتەرىپىدىن2011-04-14 22:11قايتا تەھرىرلەندى ]
دوستلىشىش
پالۋانجان
سادىر پالۋان
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 312
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 127
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە127دانە
تۆھپىسى: 54
پۇلى: 236 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 109
ياخشى باھا: 236
توردا: 25(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-04-05
ئاخىرقى: 2012-02-14
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-04-15 12:33

ئىنكاسقا بەرگەن شەرھىيىڭىزگە تەشەككۇر. تېمىنى ئوقىماي قالدىمىكىن دەپ قالمىسۇن دەپ باش مالتاقتىن بىر ئىككىنى ئىنكاس دەپ چىقىرىپ قويىدىغانلار دىققەت!!!!
ئىنكاسمۇ تېمىغا ماس كېلىشى، تېمىغا بولغان لىلا باھا بولىشى، شەخسىتەتسىز بولىشى بۇ تولىمۇ مۇھىم.
  مۇنبەرداشلار ياخشى باشلانغان بىر مۇنبەرنى تېتىقسىزلاشتۇرۇشتن ھەزەر ئەيلەيلى، مۇنبەر باشقۇرغۇچىلارنىڭ ۋاقتىنى، خىزمىتىنى ھۆرمەتلەيلى، ئۇلارنى قوللايلى.
يولداشلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئاستىدا «بوز قىر» گۇللەپ-ياشنايدۇ دەپ قارايمەن، شۇ گۇللىنىشنىڭ ئۇل ئاساسى نادىر تېما بولسا، تېمىغا ماس كەلگەن ياخشى ئىنكا ئۇنىڭ باراقسانلىغان غۇنچىلىرىرى. رەخمەت يولداشلارنىڭ ئەجىر مېھنىتىگە.
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2552
ئۇنۋان:ھۆرمەتلىك ھازىرغىچە2552دانە
تۆھپىسى: 157
پۇلى: 2979 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 315
ياخشى باھا: 2898
توردا: 480(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2013-05-30
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-09 17:30

ئىنكاس بولسا جايىدا،
بوزقىر كۆكلەر ھەر ئايدا...............................
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 1560
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1560دانە
تۆھپىسى: 225
پۇلى: 2160 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 430
ياخشى باھا: 2040
توردا: 486(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2013-05-30
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-09 18:07

ئەستايىدىل ۋە سەمىمى بولۇش ئىنكاس يېزىشتىكى يەنە بىر تەلەپ ،بۇ تېما ياخشى يوللىنىپتۇ،بۇ ھەقتە كۆپرەك بەس -مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلغۇسى...
دوستلىشىش
سالمان888
تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1077
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1077دانە
تۆھپىسى: 287
پۇلى: 1765 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 564
ياخشى باھا: 1659
توردا: 242(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-19
ئاخىرقى: 2013-05-30
4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-09 18:34

ياخشى يىزىلغان ئىنكاس تىمىغا تىخىمۇ جان كىرگۇزدۇ، مۇنبىرىمىزدىكى بىر قىسىم ئەزالىرمىزنىڭ يازغان ئىنكاسلىرىنى تىمىدىن بەكرەك قىزىقىپ ئوقۇپ كىتىمەن.
شۇكرى، مۇنبىرمىزدە بەزى مۇنبەرلەردىكىدەك بىرسى-بىرسىنى ئىنكاسلاردا تىللىشىپ كىتىدىغان ئىشلار يوق. ئىنكاسلار شۇنداق پاكىزە،بۇنى بوزقىرنىڭ ئەڭ ئىسىل خىسلەتلىرىدىن بىرى دىسەم ھەرگىز پو ئاتقان بولمايمەن، كۆزتەگمىسۇن.
    
خەلقېم مەن بىلەن
ئىپپەت -ئانىلىقنىڭ چېچەك پەسلى .
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1162
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1198
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1198دانە
تۆھپىسى: 126
پۇلى: 1505 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 252
ياخشى باھا: 1455
توردا: 238(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-30
ئاخىرقى: 2013-05-30
5- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-10 10:39

دەل ۋاقتىدا بېرىلگەن ئىلھام -ئاچ قورساققا بېرىلگەن بىر ۋاق ئەڭ ئېسىل تاماق بولغانغا ئوخشاش ، تورداشلارنىڭ مەدەت بېرىشى ھەم ئىلھامى بىلەن بارلىق بوزقىردىكى تورداشلارنىڭ غەيرىتى يۇقىرى بولىۋاتىدۇ،ھەممىمىز  يەنىمۇ تىرىشىۋاتىمىز.
باشقا تور بەتلىرىگە قارىغاندا« بوز قىر» مۇنبىرىنىڭ ئىنكارسلىرى كىشىلەرنى كۆپرەك جەلپ قىلارمىكىن دەيمەن .
دوستلىشىش
سالمان888
تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1077
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1077دانە
تۆھپىسى: 287
پۇلى: 1765 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 564
ياخشى باھا: 1659
توردا: 242(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-19
ئاخىرقى: 2013-05-30
6- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-10 10:46

بولۇپمۇ قارخان،شامالكام قاتارلىق ئۇستازلىرمىزنىڭ شئېرى شەكىلدىكى ئىنكاسلىرى
مۇنبىرمىزنىڭ <<پاتىنتى>>   
خەلقېم مەن بىلەن
دوستلىشىش
چىن~مودەن
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1260
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 102
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە102دانە
تۆھپىسى: 14
پۇلى: 130 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 28
ياخشى باھا: 130
توردا: 55(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-01
ئاخىرقى: 2013-05-21
7- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-10 18:24

يۇقۇرىدا،  تورداشلار مۇنبەردىكى ئىنكاسلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى سۆزلەش بىلەن بىرگە بەزى يىتەرسىزلىكلىرىنى دەپ ئۆتۈپتۇ، مەنمۇ مۇنبەردە ھىس قىلغانلىرىمنى سۆزلەپ قوياي، يەنە چىراي ئىپادىلىرى ئارقىلىق يوللىغان ئىنكاسلارنى خېلى كۆپ ئۇچراتقىلى بولىدۇ، گاچا تىلىدا ئىنكاس يوللاش بىزگە شۇنداق زۆرۈرمۇ، شۇنىڭ ئورنىغا ئىككى ئېغىز لىللا سۆزنى دېسىڭىز بولماسمۇ؟  بەزى تورداشلار ئىنكاس يېزىش مەجبۇرىيەتتەكلا  (ياخشى يېزىپسىز) ( رەھمەت سىزگە)...دېگەندەك پۇچەك ئىنكاسلار (بۇنىڭدىن مەنمۇ مۇستەسنا ئەمەس)نى كۆپرەك يازىدۇ، ئاپتور تېمىنى راستىنلا بىزنى تەسىرلەنگۈدەك ياخشى يازغان بولسا، زادى قايسى يېرى تەسىر قىلدى، چوقۇم پاكىت بىلەن يېزىشىمىز كېرەكتە... يەنە رەھمەت ئېيىتماقچى بولساقمۇ،  تېما يوللىغۇچى شۇ تېمىگە راستىنلا ئەجىر سىڭدۇردىمۇ ۋە ياكى باشقىلارنىڭ ئەجىر سىڭدۇرۇپ يېزىپ چىققان يازمىسىنى كۆچۈرۈپلا  مۇنبەرگە چاپلاپ قويدىمۇ  ئەستايىدىل قاراپ  رەھمەت ئېيتساقمۇ كېچىكىپ قالمايمىز، يەنە بەزى تورداشلار ئۆزى يوللىغان تېمىگە باشقىلارنىڭ (مۇنبەر مەخپى نومۇرىنى بىلىش قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ) نامىدا كىرىپ، ئىنكاس سانىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تېمىسىنى ماختاپ ئىنكاس يېزىپ قويىدىكەن، بۇ نېمە دېگەن  كۈلكىلىك...ئۆزىچە بۇنى ھىچكىم سەزمەيدۇ دەپ خىيال قىلسا كېرەك. يەنە بەزى تېمىلاردا ، تېما بىر تەرەپتە بويۇن قىسىپ قالىدۇ، ئىنكاسچىلار  تېما بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئۆز پارىڭىنى قىلىشىپ ھوزۇرلىنىپ كېتىشىدۇ. يەنە...
بۇ بوزقىر مۇنبىرىدىلا ئەمەس ، ھەممە مۇنبەردە ئۇچراتقىلى بولىدىغان ئومۇمى ئەھۋال، شۇڭا ھەر بىر تورداش ئالدى بىلەن ئۆزىمىزدىن باشلاپ، ئىنكاس يېزىشقىمۇ ئەستايىدىل قارىساق، ئادەتتىكى تېمىلاردىنمۇ ، نادىر ئىنكاسلارنى يېزىپ چىقالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنەيلى!
سىنىڭ ئىرادەڭ بۇيىچە بولسۇن !
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1017
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1017دانە
تۆھپىسى: 136
پۇلى: 1293 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 279
ياخشى باھا: 1293
توردا: 126(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2013-03-22
8- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-11 00:04

بۇندىن كېيىن مۇنازىرە مۇنبىرى مۇدىدىن قالارمىكىن دەيمەن ، ھازىر ھەممە گۈدۈككە كۆچىۋاتىدۇ .