ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 767 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: قىززىق يۇمۇرلار ھوزۇرۇڭلاردا
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 39
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 69
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە69دانە
تۆھپىسى: 17
پۇلى: 114 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 29
ياخشى باھا: 99
توردا: 6(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-21
ئاخىرقى: 2011-12-18
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-04-14 22:11

0
قىززىق يۇمۇرلار ھوزۇرۇڭلاردا


كومپىيۇتېر ئالدىدا تىكىرلىتىپ بىر نەرسە يېزىپ يۈرۈپمۇ كاللا چارچاپ قالدى ، شۇڭا قىززىق يۇمۇرلاردىن بىر قانچىنى ئوقۇپ ھۇزۇرلىنايلى دەپ بۇ يۇمۇرلارنى يوللىدىم ، خالىغانچە كۈلۈۋېلىڭ . ھىجايغانغا ۋە قاقاھلاپ كۈلگەنگە ھەق ئېلىنمايدۇ .
1- يۇمۇر
بىر تەخەي ئاپىسى بىلەن سامان يەۋىتىپ ، ئاپىسىدىن ، ـــــ ئاپا بىز شۇنداق جاپا تارتىپ ئىشلەپمۇ سامان يەيدىكەنمىز ، ئاۋۇ ئىنەكلەر بولسا كۈندە قوتاندا سوزۇلۇپ يېتىپمۇ قوناق يەيدىكەن ، بۇ تەڭسىزلىك ئەمەسمۇ ـــــ دەپتىكەن ، ئاپىسى ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ قۇيۇپ ــــــ بالام ، بىز ئۆزىمىزنىڭ كۈچىگە تاينىپ جان باقىمىز ، خەق بولسا مەيدىسىگە تاينىپ جان باقىدۇـــــ دىگۈدەك .
2 – يۇمۇر
گەۋدىلىك كەلگەن ، قولىدا يوغان پىچاق كۆتۈرۋالغان بىرەيلەن ، مەسچىتكە كىرىپ ـــــ ئاراڭلاردا قايسىڭلار مۇسۇلمان ــــــ دەپ سوراپتۇ ، بۇنى كۆرگەن جامائەت ، نىمە قىلارىنى بىلمەي تۇرغان پەيتتە ، بىر ياشانغان كىشى ، مەن مۇسۇلمان دەپ ئالدىغا چىقىپتۇ . ھېلىقى كىشى بۇ ياشانغان كىشىنى تالاغا باشلاپ چىقىپ ــــــــ تاغا ، سويىدىغان بىر مۇنچە كالا بارتى ، سەن مۇسۇلمان بولغاندىكىن ، سويۇپ بەرسەڭ ، ھەققىڭنى بىرەي ــ دەپتۇ ، يااشانغان كىشى ماقۇل دەپ بىر قانچە كالىنى سويۇپلا ھېرىپ قاپتۇ دە ـــــ مەن بەك ھېرىپ كەتتىم باشقىلارنى ئىزدەپ باق ـــ دەپ ، ھەققىنى ئېلىپ كىتىپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن بۇ كىشى يەنە ، شۇ يوغان ، قانغا مىلەنگەن پىچاقنى كۆتۈرۈپ ، مەسچىتكە كىرىپ ، ـــــــ ئاراڭلاردا يەنە مۇسۇلمان بارمۇ ــــــــ دەپتىكەن ، جامائەت بىردەكلا ئىمامغا قاراپتىكەن ، ھېلىقى ئىمام نىمە قىلارىنى بىلمەي ـــــــ ھوي خەق ساراڭ بولدۇڭلارمۇ ، بىرەر-ئىككى قېتىم ئىمامەتچىلىك قىلغانغا مۇسۇلمان بولۇپ قالامدىم ئەمدى ـــــــــ  دىگۈدەك .
3 – يۇمۇر
ئىككى قوشنا پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ ، بىرسى يەنە بىرسىدىن ـــــ بېغىمغا زاراڭزا تېرىسام بولارمۇ ياكى قوناق تېرىسام بولارمۇـ  دېسە ، يەنە بىرسى ـــــــ مەنچە قوناق تېرىىسڭىز بولارمىكىن ، قويلىرىم زاراڭزىنى ئانچە ياقتۇرۇپ يەپ كەتمەيدۇ ــــــــ دىگۈدەك .
4 – يۇمۇر
پويىزدا ، بىر بالا بەك غەلۋە قىلىپ يىغلاپ كىتىپتۇ دە ، شۇنىڭ بىلەن ياندا ئولتۇرغان كىشى چاقچاق قىلىپ ، ھېلىقى بالىنىڭ شەپكىسىنى دېرىزىدىن چۆرىگەن بولۇپ ، قوينىغا تىقىۋېلىپ ــــ غەلۋە قىلمىساڭ ئەكەپ بېرىمەن ـــ دەپتىكەن ، ھېلىقى بالا يىغىدىن توختاپتۇ ، ھېلىقى كىشى ئىسقىرتىپلا قولىنى سوزۇپ قوينىدىن بالىنىڭ شەپكىسىنى چىقىرىپ بېرىپتۇ ، بىردەم ئۆتكەندىن كىيىن ئولتۇرسا ھېلىقى بالا ، بۇ كىشىنىڭ تەلپىكىنى دېرىزىدىن پىقىرتىپلا چۆرۈۋېتىپتۇ ، ھېلىقى كىشى ھەيران بولۇپ ــــ چۆرۈۋەتتىڭغۇ ــــــ دىسە ــــــ ئىسقىرتەــــ دىگۈدەك .
5- يۇمۇر
كۈنبويى غەرق مەستلا يۈرىدىغان بىرەيلەن ، مەستىچىلىكتە تىيلىپ كىتىپ 100 قەۋەت بىنانىڭ ئۈستىدىن پەسكە چۈشۈپ كېتىپتۇ ، بۇ مەست چۈشۈپ كېتىۋاتقاچ ـــ ئى خۇدا بۇدا ساق قالسام ، ھەرگىز ھاراق ئىچمەيتتىم ، كۈندە بەش ۋاق نامازنى قالدۇرماي ئوقۇيتتۇم ـــــــ  دەپ ئىلتىجا قىپتۇ ، تەلىيىگە بۇ مەست ، لىق پاختا باسقان ماشىنىنىڭ ئۈستىگلا چۈشۈپ ساق قاپتۇ . مەس ئورنىدىن تۇرۇپ قارىسا پاختا باسقان ماشىنىنىڭ ئۈستىدە ساق – سالامەت تۈرغۈدەك . تۆت ئەتراپقا ئەتراپقا قارىۋېتىپ ـــــتۆۋا خۇدايىم ، ئادەم مەستچىلىكتە ھەر نىمىلەرنى دەپ سالىدىكەن دىسە ــــــ دىگۈدەك .
مەنبەـــــــ مۇزات بىلوگى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 401
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە1دانە
تۆھپىسى: 0
پۇلى: 1 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 0
ياخشى باھا: 1
توردا: 1(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-04-23
ئاخىرقى: 2011-05-22
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-04-23 13:52

ياخشىكەن!!!!!!