ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 202 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: جاننى قۇتۇلدۇرغان تەسەۋۋۇر
دوستلىشىش
سالمان888
تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1021
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1021دانە
تۆھپىسى: 275
پۇلى: 1685 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 540
ياخشى باھا: 1579
توردا: 230(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-19
ئاخىرقى: 2012-11-14
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-02 10:44

جاننى قۇتۇلدۇرغان تەسەۋۋۇر



جاننى قۇتۇلدۇرغان تەسەۋۋۇر

(مۇنارجان تەرجىمىسى)

مۇنداق ىىر ھېكايە بار: يېقىن ئۆتىدىغان ئۈچ دوست بار ئىكەن. بىرى سىياسىئون، بىرى گىئولوگ، يەنە بىرى شائىر ئىكەن. ئۇلار سىرتقا ساياھەتكە چىقىپ ئايلىنىپ يۈرگەندە يەرلىك باندىتلارغا ئۇچراپ قاپتۇ. ئۇلار ئادەم ئايىغى باسمىغان چۆلنى كېسىپ ئۆتكەندىلا، ئاندىن باندىتلاردىن قۇتۇلالايدىكەن.

ئۇلار ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇققا چىداپ دەسلەپكى ئىككى كۈننى ئۆتكۈزۈپتۇ. لېكىن بۇ چۆلدىن قاچان چىقىپ كېتەلەيدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەن. ئاچلىقمۇ بىر گەپ ئىكەن، لېكىن سۇ بولمىغاچقا، ئۇسسۇزلۇق ئۇلارنى بەكرەك قىيناپتۇ. ئۇلارنىڭ بۇرنىغا ئۆلۈمنىڭ ھىدى پۇراشقا باشلاپتۇ.

-ھەي،-دەپتۇ سىياسىئون،-ئەگەر شۇ تاپتا بىرسى بىزگە سۇ ئەكىلىپ بەرسە، مەن قايتىپ بارغاندىن كېيىن ئۇنى چۇقۇم ئۆستۈرۈپ، مۇھىم خىزمەتكە قويىمەن.

-بىز قۇرۇق خىيالنى قۇيۇپ، ئەڭ ياخشىسى سۇ ئىزدەيلى!-دەپتۇ گېئولوگ. ئۇ بىر ئويماندىن توپىسى نەم بىر يەرنى تېپىپتۇ. ئۇلار نوچى دەرخ شاخلىرىنى سۇندۇرۇپ، ئۇ يەرنى كولاشقا باشلاپتۇ. كولاپ-كولاپ ھېرىپ ھالىدىن كېتىپتۇ، لېكىن سۇ دېگەن نەرسە چىقماپتۇ.

ئۈچىنچى كۈنى ئەتىگەن، شائىر ئورنىدىن سەھەر تۇرۇپتۇ. ئۇ كۆز يەتكۈسىز چۆللۈككە قارىغىنىچە، تەسەۋۋۇر تۇلپىرىنىڭ تىزگىنىنى قۇيۇپ بېرىپتۇ: ئەگەر شۇ تاپتا يېشىل بوستانلىق ئىچىدە تۇرغان بولساق نەقەدەر ياخشى بولاتتى! بۇلاق سۇلىرى ئېتىلىپ چىقىپ تۇرسا، ئېرىقلاردا سۇ شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرسا، ئىللىق قۇياش نۇرى زېمىنغا تەكشى چېچىلىپ، يۇپۇرماقلار ئۈستىدىكى شەبنەم تامچىلىرىنى مەرۋايىتتەك جۇلالاتسا...

يۇپۇرماق ئۈستىدىكى شەبنەم؟ شائىر تۇيۇقسىزلا بىر نەرسىنى ئىسىگە ئالغاندەك بولۇپ، بىر تۈپ دەرەخكە قاراپ يۈگۈرۈپتۇ. دەرۋەقە، دەرخ يۇپۇرماقلىرى ئۈستىدە تېخى تولۇق پارغا ئايلىنىپ بولالمىغان شەبنەم تامچىلىرى تۇرغۇدەك.

-بىز ئامان قالىدىغان بولدۇق!- شائىر ھاياجان بىلەن ۋارقىراپتۇ...

شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ھەركۈنى يېرىم كىچىدىن كېيىن دەرخ يۇپۇرماقلىرىغا يىغىلىپ قالغان شەبنەملەرنى يالاپ ئۇسسۇزلۇقۇنى باسىدىغان بوپتۇ. ئۇلار بىر ھەپتىگە يېقىن مېڭىپ چۆلنىڭ ئۇ بېشىغا ساق-سالامەت چىقىپ قاتتىق ھەيران بوپتۇ، شائىر پەخىرلەنگەن ھالدا كىشىلەرگە شۇنداق دەپتۇ:

-بىزنىڭ جېنىمىزنى تەسەۋۋۇر قۇتۇلدۇرۇپ قالدى!

تەسەۋۋۇر بىر خىل تەبىئىي خىسلەت، ئۇنىڭسىز ئادەم شائىر بولالمايدۇ. پەيلاسوپمۇ بولالمايدۇ، ھەتتا ئادەتتىكى مەنىدىكى ئاڭ-پىكىرگە ئىگە ئادەم، ئەقلى-ئىقتىدارغا ئىگە جانلىقمۇ بولالمايدۇ. شۇنداق دىيىشكە بولىدۇ، كۈچلۈك تەسەۋۋۇر ئەمەلىيىتىنى ئاپىرىدە قىلىدۇ.

شېكىسپېر مۇنداق دېگەن، سەۋدايى، ئاشىق، شائىرلارنىڭ مېڭىسى تەسەۋۋۇر بىلەن تولغان بولىدۇ. سەۋدايى كۆرگەن جىن-ئالۋاستىلارنى شۇنچە كەڭ دوزاخمۇ ئۆزىگە سىغدۇرالمايدۇ. ئاشىقمۇ سەۋدايىغا ئوخشاش تەلۋە بولىدۇ. ئۇ ئادەتتىكى بىر ئادەمنىڭ چىرايىدىن ئالەمدە تەڭداشسىز گۈزەللىكىنى بايقىيالايدۇ. شائىرنىڭ ئويناپ تۇرغان كۆزلىرىدە بىر تەلۋىلىك بار، ئاسماننىڭ قەرىدىن زېمىننىڭ تەكتىگىچە، زېمىننىڭ تەكتىدىن ئاسماننىڭ قەرىغىچە كۆرەلەيدۇ.

شېئىر نۇر چېچىپلا قالماي، ۋاقتى كەلگەندە نۇر قايتۇرالايدۇ؛ ئۇ شەيئىلەرنى بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا نامايان قىلغاندا، ئۇ شەيئىلەر رەڭدار نۇرلارغا بۆلۈنگەن ھالەتتە كۆرۈنىدۇ؛ ھىسىيات ئۇچقۇنى تەسەۋۇر بىلەن تېپىشقاندىن كېيىن كۈچلۈك چاقماققا ئايلىنىدۇ، بىزنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىمىزنى لەرززىگە سالىدۇ.

بارلىق شەكىلدىكى شېئىرلار تەسەۋۋۇر بىلەن ھېسىياتنىڭ تىلى، خىيال بىلەن ئىرادىنىڭ تىلى. كۈچلۈك ۋە چوڭقۇر مۇھەببەت قوينىدىكى ھەرقانداق ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدا مەلۇم لىرىك تۇيغۇ بولىدۇ. مۇنداق ئادەملەر ئىپادىلەش ئىقتىدارىغا بەك كۈچەپ كەتمىسىمۇ، ئۆز ھىسىياتىنى ئىپادىلەشكە ماھىر بولىدۇ. بۇ ھال شائىرلارنىڭ ۋۇجۇدىدا تېخىمۇ روشەن ئىپادىلىنىدۇ. شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى، شائىر يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا سولىنىپ ياتقان ھېسىياتنى ئازد قىلغۇچىدۇر. شائىرنىڭ تالانتى ئىچ-ئىچىدىن ئۇرغۇپ چىقىدىغان بىرخىل تالانت.

يۈرىكىدە مۇزىكا بولمىغان ئادەم ھەرگىزمۇ شائىر بولالمايدۇ. تەبىئەت ئوبرازى، تەسىرلىك ۋەقەلىكلەر، مۇۋاپىق ئوي-پىكىرلەر، جانلىق شەخسىي-ھىسىيات قاتارلىقلاردىن شەكىللىنىدىغان شېئىرىي سەنئەت ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشىدۇ، بۇ خۇددى بىر خىل كەسپىي بىلىمنى ئۆگەنگە ئوخشايدۇ. لېكىن، ئۇلۇغ شېئىرلار تەسەۋۋۇر ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. شائىر بولغان ئادەم رەڭگارەڭ نەرسىلەرنى يۈكسەك دەرىجىدە يىغىنچاقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى كېرەك. بۇ ئاسان ئورۇنلىغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس. يەنە بىر تەرەپتىن ئېيىتقاندا، ياخشى شېئىرىي ئەسەر يارىتىش ئۈچۈن، شائىر يۇقىرى تەسەۋۋۇر كۈچىگە، چوڭقۇر ئوي-پىكىرگە ئىگ بولۇشى كېرەك.

ئادەم ئەگەر چوڭقۇر پىكىرگە ئىگە پەيلاسوپ بولمىسا، ئۇ ھەرگىزمۇ ئۇلۇغ شائىر بولالمايدۇ.



ئېلبېرت خۇببارتنىڭ «مەڭگۈلۈك ھەمراھ ___ ئەقىل-پاراسەت» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.



ئوكيان تورىدىن
تېما تەستىقلىغۇچى : كان-تۈرك
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-04-02, 12:04
خەلقېم مەن بىلەن