ئانا تىل
ئانا تىل ،ئانا تىل ،شۇنچە ئۇلۇغ تىل ،
يىقىملىق ۋە گۈزەل شۇنچە ئېسىل تىل .
بىلمىسەڭ گەر ئۇنىڭ ئۇلۇغ ماھىيىتىنى ،
قانداقمۇ بولىسەن ئۇيغۇر مىللىتى .
ئۆگەنگىن مەيلى كۆپ خىل تىللارنى ،
ۋەلىكىن ئۇنۇتما ئۆز ئانا تىلىڭنى .
نۇمۇستۇر ئۇنتۇش ئانا تىلىنى ،
تارتىسەن مەڭگۈ ۋىجدان ئازابى .
بىلسەڭمۇ شۇنچە كۆپ تىللارنى ،
بىلمىسەڭ ئۆزۈڭنىڭ ئانا تىلىنى .
قانداقمۇ لايىقسەن ئۇيغۇر بولۇشقا ،
شەرەپمۇ ئۇنتۇش ئانا تىلىنى .
ئاپتورى:شەبنەم
بورتالا شەھەر 1-ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇقسىز 8 -يىللىق 7-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى
[ ئەلتېكىنتەرىپىدىن2011-04-16 23:33قايتا تەھرىرلەندى ]