ئالدىنقى قېتىم "4-ماي ياشلار مېدالى" مۇكاپاتىنىڭ نامىزاتىنى تاللاشتا ، تورداشلارنى ۋاپادارىمغا بېلەت تاشلاشقا تەۋسىيە قىلغانىدۇق. توردىكى مېھىر شەپقەت ئەلچىسى، بىر سوم پىلانى ئارقىلىق تالاي دىللارنى سۆيۈندۈرگەن ، توردا ئېلان قېلىنغان كۆپلىگەن ساترىك شېئىرلىرى ئارقىلىق، جەمئىيىتىمىزدىكى بولمىغۇر قىلمىشلارنى توختىماي ساۋاپ تۇرىۋاتقان سۆيۈملۈك توردىشىمىز ۋاپادارىم(ئەيساجان) بۇ قېتىم يەنە، ئىككىنچى قېتىملىق" ياخشى ئىش قىلىشنى خوشاللىق دەپ بىلىش ئۆلگىسى"نى تاللاش پائالىيىتىنىڭ نامىزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن بولۇپ، نۆۋەتتە تەڭرىتاغ تورىدا بېلەت تاشلاپ ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.
تورداشلارنىڭ يەنە ئازغىنە ۋاقتىنى چىقىرىپ بۇ ئىسمى-جىسمىغا لايىق مىھرىبان توردىشىمىزغا يەنە بىر قېتىم بېلەت تاشلاشقا قاتنىشىشىنى سورايمىز.
بېلەت تاشلاش توردا ۋە تېلېفون ئۇچۇرىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ،
توردىكى بېلەت تاشلاش ئادرېسى :
http://u.xjts.cn/vote/vote.php?vid=20بىر IP بىلەن كۈندە 20 بېلەت تاشلىغىلى بولىدىغان بولۇپ، تورداشلارنىڭ بىر غەيرەت قىلىشىنى سورايمىز.
تېلېفون ئۇچۇرىدا بىر ئادەم 10 بېلەت تاشلىغىلى بولىدۇ.
تەپسىلىي ئەھۋالنى بۇ ئادرېستىن كۆرگەيسىزلەر :[url=%20http://u.xjts.cn/vote/vote.php?vid=20]
http://u.xjts.cn/vote/vote.php?vid=20[/url]
بۇ قېتىمقى بېلەت تاشلاشتا يۇقارقىدىن باشقا يەنە "ۋەدىسىگە ئەمەل قىلغۇچىلار نامىزاتى"، "ئىتىپاقلىق نامىزاتى"... قاتارلىق بىر قانچە تۈر بويىچە ئۆلگە تاللاش پائالىيىتى بولۇپ، ھەر قايسى تۈرلەردە ئۇيغۇر قېرىنداشلار باركەن، تورداشلارنىڭ ئۆزى خالىغان كىشىگە بېلەت تاشلاپ قويىشىنى ئۈمىد قىلىمىز !