ئۆمەرجان نۇرى
يېقىنقى زامانلاردا ، دىيارىمىزدىكى ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق تۈركىيە زېمىنىغا كىرىپ،ئاندىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىپ ھەج قىلىپ يانىدىغان يولنى ئاچقان . ھەجىدىن يېنىپ ۋەتەنگە قايتاشىدا، تۈركىيەگە كەلگەندە ماكانلىشىپ قالىدىغانلارمۇ كۆپ بولغان . ئۇلار ئارىسىدا ئالىم، شائىر، مۇدەررس ۋە باشقا ساھەلەردە داڭىق چىقارغان كىشلەرمۇ، ھەتتا تۈركىيەنىڭ ھايات-ماماتلىق كۈنلىرىدە، جېنىنى ئالىقىنىغا ئېلىپ تۇرۇپ، يېڭى«تۈركىيە جۇمھۇرىيتى » نىڭ بارلىققا كېلىشى ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلارمۇ بار . ئۇلاردىن بىرى – ئەينى دەۋىرلەردە، «تۈرۈكلەر ئاتىسى» شەرىپىگە ئېرىشكەن ئىنقىلاپچى مۇستاپا كامالنىڭ ئىشەنچى ۋە دوستلۇقىغا نائىل بولغان دىپلومات ـــ ئىسمائىل ھەققى كاشغەرىيدۇر .
ئىسمائىل ھەققى ئاقتۇ دىيارىدا بىر دىني ئۆلىما ئائىلسىدە دۇنياغا كەلگەن. كىچىك چېغىدىلا باشلانغان ئائىلە تەربىيسدە «قۇرئان كەرىم» نى يادلاپ تۈگىتىپ، ئىسلام دىننى بىلىملىرى ۋە ئەرەپچە دەرس ئۆگىنشكە كىرشكەن. ئۇ ئالتە ياشقا كىرگەن يىلى، ئائىلسىدىكىلەر بىلەن بىللە ھەج سەپىرىگە ئاتلىندۇ. ئۇلار ئىستانبۇلغا كەلگەندە، بەزى تۈرۈكلەرنىڭ فىرانسۇزچە سۆزلەپ ئۆزىنى كۆرسىتىشىپ يۇرىۋاتقانلىقىنى كۆرۇپ فىرانسۇزلارغا ھەۋەسلەنگەن ئاتا– ئانىسى « بىزنىڭ بالىمىزمۇ مۇشۇنداق كاتتا ئادەم بولسۇن» دېگەن نىيەتتە، ئەھۋالنى تولۇق سۈرۈشتۈمەستىن، ئوغلى ئىسمائىل ھەققىنى فىرانسىيەلىك دىن تارقاتقۇچى مىسسىيونېرلار ئاچقان، فىرانسۇزچە ھەقسىز ئوقۇتىدىغان مەكتەپكە (تۈرۈك بالىلىرىنى خىرىستىيانلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئېچىلغان «جىزۋىت مەكتىپى » گە) ئوقۇشقا بېرىپ قويۇپ ، ھەج سەپىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.
ئسمائىل ھەققى زىھنى ئوچۇق، تىرشچان بولغاچقا، كېچە – كۈندۈز تىرشىپ، ئۇزاققا قالماي فىرانسۇز تىلىنى پىششىق ئۆگىنۋالىدۇ. بۇنىڭدىن سۆيۈنۈپ كەتكەن مىسسىيونېرلار ئۇنى مەخسۇس تەربىيەلەشكە كۈچ چىقىرىدۇ: «ئەنگىليە ۋە رۇسىيە مۇستەملىكىسىدىكى مۇسۇلمانلارنى تالىشىشىتا كارغا ياراپ قالار» دېگەن ئۈمىدتە، ئېنگىلىزچە ۋە رۇسچىنى ئۆگىتشكە باشلايدۇ، كىچىككىنە ئىسمائىل بۇ ئىككى تىلنىمۇ تېز ئۆگىنىپ مىسسىيونېرلارنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ....
ھەج پەرىزنى ئادا قىلىپ ، ئىستانبۇلغا قايتىپ كەلگەن ئائىلسىدىكىلەر ئسمائىل ھەققىنىڭ ئوقۇش ئەھۋالى ، مىسسىيونېرلار ئۇنىڭغا تەييارلاپ بەرگەن ئەۋزەل شارائىت ۋە ئىستانبۇلنىڭ گۇزەل مۇھىتىنى كۆرۇپ، ئۇنى ئىستانبۇلدا داۋاملىق ئوقۇتۇشقا قارار تاپىدۇ. ئەمما، «بۇ بىر نەچچە يىل ئىچىدە بالىمىزنىڭ ئىسلام ئىتقادى سۇسلىشىپ قالدىمىكىن» دەپ گۇمان قىلىپ، «گالاتاساراي سۇلتان لىسەسى» (گالاتاساراي ئوتتۇرا مەكتىپى» بولۇپ، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بۇ مەكتەپتە ئوقۇغان ئۇيغۇرلار خېلى بار) گە ئوقۇشقا بېرىدۇ .
بۇ مەكتەپتە فىرانسۇزچىغا ئەھمىيەت بېرىلىپ، فىرانسۇزلارنىڭ دەرس پىروگىراممىسى قوللىنىلغاچقا،ئىسمائىل ھەققى دەرسلەردە ئەلاچى بۇلۇپ ئوقۇيدۇ . 1917-يىلى «گالاتاساراي سۇلتان لىسەسى» بەرگەن دىپلومدىكى نەتىجىلىرىگە «ئەليۇلئەلا»، دېگەن باھالار يېزىلىدۇ....
ئىسمائىل ھەققىنىڭ ئوقۇشنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتكۇزگەنلىگىنى كۆرگەن مىسسىيونېرلار ئۇنى پارىژغا ئوقۇشقا ئەۋەتىدۇ. ئۇ ئاۋۋال پارىژ ئۇنىۋىرستېتىدا قانۇن ئوقۇيدۇ، كېيىن سوربۇن ئۇنىۋىرستېتىدا تارىخ – پەلسەپە ئوقۇيدۇ . بۇجەريانىدا،ئۇ فىرانسۇز تارىخ ئېقىمىنىڭ داڭلىق ۋەكىلىرىدىن ئېرمېسىت رېنانىڭ تەسىرىگە ئۇچۇرايدۇ........
ئىسمائىل ھەققىنىڭ پارىژدىكى ئوقۇشى تۈگىگەن ۋاقىت – ئوسمانلى سۇلتانلىقى ياۋروپالىقلارنىڭ بىرلەشمە ھۇجۇمىدا يېڭىلىپ قالغان چاغلار ئىدى.شۇڭا ئۇ،ئۆزى «بەك قۇدىرەتلىك» دەپ بىلگەن ئوسمانلىنىڭ نىمە ئۇچۇن يېڭىلىپ قالغانلىقىنى چۇشەنمىسىمۇ، ياۋروپالىقلارنىڭ مۇسۇلمانلاردىن نېمىنى تارتىۋالماقچى ئىكەنلىكىنى، ھەتتا فىرانسۇزلارنىڭ ئۆزىگە نېمىشقا بۇنچىلىك كۆڭۇل بۆلۇپ، شۇنچە كۆپ مەبلەغ سالغانلىقىنمۇ ئوبدان چۈشۈنىپ يەتكەن ئىدى. چۇنكى، ئۇنىڭ تاشقى قېياپىتى ئۆزگەرگەن بولسمۇ ، ئىچكى دۇنياسى ئۆزگەرمىگەن ئىدى. شۇڭا ئۇ ئىستانبۇلغا قايتىپ كېلىپ ، ۋەزىيەتنى كۆزىتىدۇ . ئەينى چاغدا پارازىتلار بىلەن تولغان ئىستانبۇل بىچارە ھالەتتە بولسىمۇ، فىرانسيە، گىرىتسيە ۋە ئەرمىنيە قاتارلىق ئەللەر بىلەن ئۇرۇش قىلۋاتقان ئانادولو خەلقى مۇستاپا كامال باشچىلىقدا قەھىرىمانلىقنى نامايان قىلۋاتاتتى. شۇڭا، ئۇ خېيىم – خەتەرگە قارىماي ئانادولوغا ئۆتۇپ، ئىنقىلاپ يىتەكچىسى، مۇستاپا كامالىنى ئىزدەپ تاپىدۇ. بۇ چاغدا، ئەسلىيدىن «ئوسمان پۇقراسى» بۇلۇپ كەلگەن ئەرمەنلەر،ئانادۇلۇنىڭ يەر شارائىتىغا تۇنۇنش بۇلۇشتەك ئالاھىدىلكىگە تايىنىپ،فىرانسۇزلارنىڭ توسالغۇسىز ئىلگىرىلشگە يول كۆرسىتىپ بېرىۋاتاتتى، تاجاۋۇزچى فىرانسۇزلار ئەرمەنلەرنىڭ يول باشلىغۇچى بولغانلىق بەدىلىگە،«تاپان ھەققى ئۇچۇن تۈرك يېزىلىرىنى خالىغانچە بۇلاڭ –تالاڭ قىلقىش» ھوقۇقىنى بەرگەن ئىدى، تۈركلەر ئېغىر كۈنلەردە قالغان ئىدى.
بۇغداي ئۆڭلۇك،قىسىق كۆزلۇك ئىسمائىل ھەققىنى مۇستاپا كامال ياقتۇرۇپ قالىدۇ.ئوقۇغۇچىلىق مەزگىلدىن باشلاپ فىرانسۇزچە راۋان سۆزلەشنى ئۆگەنگەن، سۆز –ھەرىكىتى فىرانسۇزلاردىن ئانچە پەرىقلىنىپ كەتمەيدىغان ئىسمائىل ھەققىنىڭ قىممىتىنى تۇنۇپ يەتكەن مۇستاپا كامال ئىسمائىل ھەققىگە: « بېرىپ ئىشغاليەتچى فىرانسۇز قوماندانلىرى بىلەن تۇنۇش، دوسىت بول،ئۇلارنىڭ نىمە قىلۋاتماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىزگە يەتكۇز» دەپ ۋەزىپە تاپشۇرىدۇ. ئىسمائىل ھەققى بۇ خەتەرلىك ۋەزىپىنى ئورۇنداش ئۇچۇن،ئۇ كېچە-كۈندۈز پىداكارلىق بىلەن ئىشلەيدۇ.ئۇزاق ئۆتمەي،فىرانسۇز قوشۇنىنىڭ قوماندانى گېنىرال لۇكېئىن مارككاۋنىڭ نەزىرگە ئېلىنىپ،قىسقا ۋاقىتتا گېنىرالنىڭ دوستى بولۇپ قالىدۇ، گېنىرالنىڭ ئىسمائىل ھەققى بىلەن بولغان دوستلۇقى كۈچەيگەنسېرى، فىرانسۇز قوشۇنلىرىنىڭ مەغلۇپ بۇلۇشمۇ ئېغىرلىشىدۇ،ئاخىرى فىرانسۇز قۇشۇنلىرى ئۇرۇش قىلىش ئىقتدارىنى يوقىتىپ،سۇلھى تۈزۈشكە مەجبۇر بۇلىدۇ....
ئىسمائىل ھەققىنىڭ تۆھپىلىرىدىن سۆيۇنگەن مۇستاپا كامال ئۇنى بەك ئەتىۋارلايدۇ ۋە كۆككە كۆتۇرىدۇ. تۈركلەر مۇستاپا كامال نى«سارې پاشا»(سېرىق چاچلىق گېنىرال) دەپ ھۆرمەتلىگەچكە،ئىسمائىل ھەققىمىۇ مۇستاپاكامالنى «سارې ئۇيغۇر پاشا» دەپ چاقچاق قىلدۇ...ئىككىيلەننىڭ ئارسىدىكى دوستلۇق كۇچەيگەنسىرى،مۇستاپا كامالنىڭ ئىسمائىل ھەققىگە بولغان ھۆرمىتى تېخىمۇ ئاشىدۇ.مۇستاپا كامال تىپىك تۈرى مىللەتچىسى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن،فىرانسۇز تارىخچىلىرىنىڭ تەسىرىدە تۈركىي خەلىقلەرنىڭ تارىخىنى ئۇيغۇرلاردىن باشلاش كېرەكلىگىنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن،تۈركىيە جۇمھۇرىيتى قۇرۇلغاندىن كېيىن،ئۇنىڭ«تۈركچىنى قەشقەر شىۋىسگە بويسۇندۇرۇش» تەشەببۇسى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەتقىقاتقا كۈچ چىقىرىشنى بۇنىڭ دەلىللىرىدىن بىرىدۇر.
جەڭنى ئەسكەر قىلسا سۇلھىنى سىياسەتچىلەر تۈزىدۇ. مۇستاپا كامال فىرانسۇز سىياسەتچىلىرىنىڭ نىيتىنى ئالدىن بىلىش ئۇچۇن ،ئىسمائىل ھەققىنى پارىدغا ئەۋەتىدۇ.ئىسمائىل ھەققى پارىژدا يەنە كونا دوستلىرىدىن پايدىلىنىپ ۋەزىپىسنى تولۇق ئورۇنداپ،تۈركىيەگە قايتىپ كېلىدۇ...
1930-يىللاردىن باشلاپ زامان ئۆزگۇرشكە باشلايدۇ. بۇ چاغدىكى ئۇرۇش -«مىلىتىق بىلەن ئۇرۇشۇش»تىن «سىياسەت بىلەن ئۇرۇشۇشقا» ئۆزگىرىدۇ،تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سوۋېت ئېتتپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ئىسكەنجسگە كىرىپ قالىدۇ. چۇنكى تۈرك مىللەتچىلىرى ئۆزلىرنى «دۇنيادىكى تۈركي تىللىق خەلىقلەرنىڭ ئاكىسى» ھېسابلىغاچقا،تۈركلەر سوۋېت ئىتتىپاقىغا تەۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي خەلىقلەرگىمۇ ئاكا بۇلۇش ئارزۇسى بار ئىدى. مەيلى چاررۇسيە، مەيلى سوۋېت ئىتتىپاقى بولسۇن،ئۇ ئىككى ھۆكۇمەت ئوخشاشلا «پانتۈركىزىم»ۋە «پانئىسلامىزىم» دىن مۇداپئە كۆرۇشنى مۇھىم سىياسەت قىلىپ كەلگەچكە،رۇسلارنىڭ تۈركىيەنى ئىسكەنجسگە ئېلىشى تەبئىى ئىدى.شۇڭا، ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنىڭ پېيىدە بۇلۇش ئۇچۇن،بىر-بىرىگە ئالاھىدە خادىم –جاسۇس ئەۋەتىدۇ. تۈركىيەنىڭ سوۋېت ئىتتپاقىغا ئەۋەتكەن جاسۇسلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۇدەك تۇتۇلۇپ قالىدۇ.تۈركلەردە ئالدىغا كەلتۇرگەن تاماقىنىڭ تەمىنى تېتىماي تۇرۇپلا ئۇستىگە تۇز سېپىدىغان ئادەت بۇلۇپ،تۈرك جاسۇسلىرى چېگىرادىن ئوغۇرلىقچە كىرەلسمۇ،قېنىغا سېڭىپ كەتكەن ئادىتى سەۋەبلىك تۇتۇلۇپ قالغان. يەنى،ئۇلارنىڭ تاماق ئۇستىگە تۇز سېپىش ئادىتى ئەتىراپىدىكى رۇسلارنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ قويغاچقا،بىخەتەرلىك تارماقلىرى ئالدى بىلەن سۈرۈشتۈرشكە چۇشىدىكەن ۋە ئاسانلا تۇتىۋالىدىكەن.جاسۇسلار رۇسلارنىڭ ئېغىر ئازابىغا بەرداشلىق بېرەلمەي، ھەممىنى ئىقىرار قىلىدىكىن... بۇ چاغدا، ئىسمائىل ھەققى تۈركىيە ئارمىيسگە كىرىپ،ئاخبارات ئوفىتسېرى بۇلۇپ ئىشلەيدۇ. ئىسمائىل ھەققىنىڭ بۇنداق تۇزخور-تۇزخۇمارلىق ئادىتى يوقلۇقىنى، رۇسچە تىلنى بىلدىغانلىقىنى بىلگەن مۇستاپا كامال ئۇنى موسكىۋاغا ئەۋەتىدۇ. ئىسمائىل ھەققى موسكىۋادا بىر مەزگىل تۈركىيە ئۇچۇن ئۈنۈملىك،مۇھىم خىزمەتلەرنى قىلغاندىن كېيىن غايىب بولىدۇ... شۇنىسى ئېنىقكى، ئىسمائىل ھەققىمۇ ك گ ب نىڭ نەزىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا ئۇنىڭ تۈركىيە ھەربى ئاخبارات ئىدارسىدىكى ئارخبىغا : «كاشىغەرنىڭ ئاقتۇدا تۇغۇلغان،موسكىۋادا غايىب بولغان» دەپ خاتىرلەنگەن.
ئىسمائىل ھەققىنىڭ ئۇنىۋىرستېتتا ئوقۇۋاتقاندا يازغان بىر پارچە ماقالىسى ھازىر پارىژدىكى «دۆلەتلىك كۈتۈپخانا»دا ساقلىنۋاتىدۇ، قىزى ـــــــ مەلىكە ئاقتۇكاشغەري فىرانسيەنىڭ سوربون ئۇنىۋېرستىتىدا پروفېسسور بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
(ئىسمائىل ھەققى كاشغەري ھەققىدىكى بۇ ھېكايە «تۈركىيە جۇمھۇرىيتىنىڭ قۇرلۇشى ۋە تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقان تۈرك دۇنياسى زىيالىلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ماقالىلىرى» 1996-يىل قەيسەرى، 345-346-347-بەتلەر دە قىزى دوكتور مەلىكە ئاقتۇ كاشغەري تەرپئىدىن تونۇشتۇرۇلغان)
جوڭگو مىللەتلىرى ژورنىلى (2011) 1-دىن ئېلىندى