ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بوزقىر تور دۇنياسىدىكى بارلىق باشقۇرغۇچى ۋە ئەزالار،پېقىردىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام....
بوزقىر تور بېتى يېڭىدىن قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرقا قەدەر،خېلى غوللۇق تور بەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ سانىلىۋاتىدۇ،يەنى ھازىرقى كونا بېكەتلەرگە نىسبەتەن بالا توربەت ھېسابلىنىدۇ.
ھازىرقى بىز ئەزالارنىڭ ۋەزىپىسى توربەت نامىنى تەشۋىق قىلىپ ئەزا موللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت...شۇڭا ھەممىمىز مۇشۇ ئىش ئۈچۈن كۈچ چىقارساق.!!!
نەق گەپكە كەلسەك،مۇنبىرىمىزدە نۇرغۇنلىغان سەھىيپىلەر بار،يەنى ماس مەزمۇنلار ماس سەھىيپىلەرگە يوللىنىدۇ،بىراق ھەربىر سەيھىپىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى كەم،شۇڭا يوللانغان ھەربىر تېما پەقەت ئەلتېكىن ئەپەندىم تەرىپىدىنلا تەھرىرلىنىۋاتىدۇ،شۇڭا مېنىڭ دىمەكچى بولغىنىم بېكەت باشلىقى ۋە ھەرقايسى باشقۇرغۇچىلار بىرلىكتە مۇزاكىرلىشىش ئارقىلىق مۇنبەردە بار بولغان ھەربىر سەھىيىپىلەرگە باشقۇرغۇچى ئورۇنلاشتۇرساق،يەنى ئانچە-مۇنچە تەجرىبىسى بار ھەمدە توردا ئۇزاق ۋاقىت بولالايدىغان ئەزالىرىمىزدىن سايلاپ چىقساق دېگەن ئۈمۈدۈم بار..شۇنداق بولغاندىلا ھەربىر سەھىپىگە يوللانغان تېمىلارنى سەھىپە باشلىقلىرى تەھرىرلىسە بەلكىم ۋاقىت ئۇتقىلى بولىدۇ...
ئاتكاچىلىق قىلدى دېمەڭلار،بۇمۇ مېنىڭ مۇنبەر ھەققىدە ئويلىغانلىرىم، ئەگەر گېپىم توغرا بولسا ئويلىشىپ باقساڭلار،نامۇئاپىق بولسا ئۆزۈمگە قايتۇرۇپ بەرسەڭلار،،
ھۆرمەت بىلەن:دىۋانى