ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1405 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: دوستلۇق ھەققىدە ھىكايە
ئۈمۈدسىزلىك شەيتاندىن ...
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 18
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە18دانە
تۆھپىسى: 6
پۇلى: 30 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 12
ياخشى باھا: 30
توردا: 18(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-16
ئاخىرقى: 2011-06-02
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-05-04 03:26

دوستلۇق ھەققىدە ھىكايە

   ئەخمەت ۋە نىجات ئىسىملىك ئىككى دوست بولغانكەن . بىر مەكتەپتە ئوقۇيدىكەن .ئەخمەت ئۈرۈمچىلىككەن ، ئۆيى ، ماشىنىسى ، يەتكۈچە پۇلى بار كەن .نىجات بولسا باشقا شەھەردىن كېلىپ زور قىيىنچىلىقتا ئوقۇيدىكەن . بۇلار ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ياخشى دوسلاردىن بوپ قالىدىكەن .ئەخمەت نىجاتقا ئىچ ئاغىرىتىپ ئۇنىڭغا ياردەم قىلىش يوللىرىنى ئىزدەيدىكەن. نىجاتنى ئۆيىدە ياتقۇزىدىكەن ،خەجلىگەنگە پۇل بىرىدىكەن ، ھەتتا ئۆزىگە ئالغان يېڭى كىيىملەرنى ئۇنىڭغا كىيدۇرىدىكەن . شۇنداق قىلىپ ئىككىسى خوشال- خۇرام  بىللە ياشايدىكەن . بىر كۈنى ئەخمەت دەرىزىدىن تىشىغا قاراپ تۇرسا . ئۇدۇل تەرەپتىن ئۇزاقتىن بېرى ياخشى كۆرۇپ قالغان قىزنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدىكەن ۋە ئارقىدىنلا  نىجاتنىڭ ئۇ قىزنىڭ كەينىدىن كەلگەنلىكىنى كۆرىدىكەن . نىجات ئۆيگە كىرىپلا ئەخمەتكە ئۇ قىزنى ياخشى كۆرۇپ قالغانلىغىنى دەيدىكەن . ئەمما ئەخمەت ئۇ قىزنى بۇرۇندىنلا ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى دىيەلمەيدىكەن چۈنكى دوستىنىڭ كۆڭلىنىڭ ئازار يىيىشىنى خالىمايدىكەن . شۇنداق قىلىپ مەكتەپمۇ پۇتۇپتۇ . نىجات بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن قەشقەرگە شەھەر باشلىقى بوپتۇ . ئۆيى ، ماشىنىسى ، نۇرغۇن پۇلى بوپتۇ . ئۇ قىز بىلەن تويمۇ قىپتۇ . ئەمما ئەخمەت ئەكىسىچە . ئۆيىنى ، ماشىنىسىنى يوق قىپتۇ . بارىلىق پۇللىرىمۇ تۈگەپتۇ . ياتىدىغان يىرى ،يەيدىغان نەرسىسىمۇ قالماپتۇ . ئاچ يۇرسە قولۇم-قوشنىللىرى ئۇنىڭغا سىنىڭ بىر يېقىن دوستۇڭ بارغۇ ئىسمى نىجات  . ئۇ ھازىر قەشقەرگە باشلىق بوپتۇ  نىمىشقا شۇنىڭدىن ياردەم سورىمايسەن .بەلكى ساڭا بىر ئىش بىرەر دەپتۇ .ئەمما ئەخمەت دەرھال رەت قىپتۇ ، مەن ئۇنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلالمايمەن  دەپتۇ . قوشنىللىرى قانچە زورلىسىمۇ ئۇنىماپتۇ . ئەخمەت ئۈچۈن تىخىمۇ تەس كۈنلەر باشلىنىپتۇ . قاراپ باقسا ھىچ ئامال يوق . ئاخىرى قوشنىللىرىنىڭ گىپىگە كىرىپ قەشقەرگە قاراپ يول ئاپتۇ . شەھەر باشلىقىنىڭ ئىشخانىسى بار يەرگە كەپتۇ . ئىشىك باقار غا مەن نىجات باشلىقنى  ئىزدەيمەن دەپتۇ . ئىشىك باقار نىجات باشلىقنىڭ يىنىغا كىرىپ چىقىپتۇ ۋە سىز بىلەن كۆرۈشمەيمەن دەيدۇ دەپتۇ . قانداق گەپبۇ دەپتۇ ئەخمەت . ئۇنىڭغا ئۈرۈمچىدىن ئەڭ يىقىن دوستۇڭ ئەخمەت كەپتۇ دەڭ دەپتۇ . ئىشىك باقار تەكىرار كىرىپ كىتىپتۇ ۋە نىجات باشلىق سىزنى تونىمايمەن دەيدۇ ئەگەر يەنە جايىللىق قىلىپ تۇرىۋالسىڭىز  قوغلىۋىتىشىمىزنى ئېيتتى دەپ چىقىپتۇ . ئەخمەت ئاڭلىغانلىرىغا ئىشەنمەپتۇ . قانداق گەپبۇ  ، يىمەي- يىگۇزگەن ، كىيمەي- كىيدۇرگەن ، ھەتتا ياخشى كۆرگەن قىزىمنىمۇ ئۆتۈنۇپ بەرگەن جان -جىگەر دوستۇم نىجات مىنى تۇنىمىسۇن . يىقىلىپ چۈشەي دەپ قالغان ھالەتتە ئاران ئۇ يەردىن چىقىپتۇ ۋە ئۇددۇل نىجاتنىڭ ئۆيىگە يەنى ئۆزى بۇرۇن ياخشى كۆرگەن قىزنىڭ يىنىغا بەلكى ياردەم قىلار دىگەن ئۇممۇتتە كەپتۇ . ئىشىكنى چىكىپتۇ . بىرىنىڭ كىلىپ ئىشىك يۇچىقىدىن قارىغىنىنى سىزىپتۇ . ئەمما ئىشىكنى ئاچماپتۇ . يەنە بىر قىتىم يىقىلىپ كىتەي دەپ قاپتۇ . يولغا چىقىپ ئۇزىنى بىراز رۇسلىۋىلىشقا تەمشىلىپ تۇرغاندا يىنىغا  ياشىنىپ قالغان بىر كىشى كەپتۇ .ئەخمەتنىڭ بۇ ئەھۋالىنى كۆرگەن ئۇ كىشى نىمە ئىش بولغانلىقىنى سوراپتۇ . ئەخمەت بولغان ئەھۋالنى ئەينەن سۆزلەپ بىرىپتۇ . ئۇ ئادەم ئەخمەتكە ئىچ ئاغىرىتىپتۇ .ۋە ئەخمەتكە ماڭا قارا ئوغلۇم . سىنى بەك ياختۇردۇم . دۇرۇس بىر بالا ئوخشايسەن . مىنىڭ بۇ يەردە بىر زەگەرچىلىك دۇككىنىم بار .خالىساڭ مەن بىلەن ئىشلە . ھەم پۇل تاپىسەن ھەم ياتىدىغان يىرىڭ بار بولىدۇ دەپتۇ . ئەخمەت دەرھال ماقۇل دەپتۇ ۋە ئىشلەشكە باشلاپتۇ . كۈنلەر ئۆتۈپتۇ ئايلار ئۆتۈپتۇ دۇككانغا باشقا بىر ياشانغان ئادەم كىلىپ كىتىشكە باشلاپتۇ . ئەخمەت بىلەن ياخشى دوسلاردىن بوپ قاپتۇ . بىر كۈنى بۇ ئادەم قولىدا بىر قۇتا بىلەن كەپتۇ دۇككانغا . قارا ئوغلۇم مەن بىر يەرگە ماڭدىم ، ئەگەر 3 ئاي ئىچىدە قايتىپ كەلمىسەم بۇ قۇتا سىنىڭ بولسۇن ، خالىغىنىڭچە ئىشلەت دەپتۇ . ئەخمەت قۇتۇنى ئاپتۇ ۋە ئۆيىدە  بىر يەرگە يۇشۇرۇپتۇ . 3 ئاي ئۆتۈپتۇ ، 4 ئاي ئۆتۈپتۇ ،6 ئاي ئۆتەپتۇ ئۇ ئادەم كەلمەپتۇ . ئاخىرى ئەخمەت قۇتىنى ئىچىش قارارىغا كەپتۇ .ئىچىگە قارىسا بۇرمۇنچە ئالماس ، ئالتىن ،نۇرغۇنلىغان پۇل باركەن . نىمە قىلارىنى بىلمەي قاپتۇ .دەرھال ئۇستىسىغا كىلىپ ئەھۋالنى دەپتۇ . ئۇستىسىمۇ ئەمدى ئۇ قۇتىنىڭ ئۆزىنىڭ بولغانلىغىنى  قانداق ئىشلەتسە بولىدىغانلىغىنى دەپتۇ .ھەمدە مۇنداق يول كۆرسىتىپتۇ . قارا سەنمۇ بۇ ئىشنى ياخشى ئۆگەندىڭ  كەل ساڭىمۇ بىر زەرگەرلىك دۇككىنى ئاچايلى گۈلدەك باشقۇرۇپ كىتىسەن . دەرھال دۇككاننى ئىچىپتۇ . ئۆي ، ماشىنا ئاپتۇ . ئەخمەت باي بوپ كىتىپتۇ . قىسقىسى بىر كۈنى دۇككىنىغا بىر ئانا -قىز كەپتۇ . قىزنى ياختۇرۇپ قاپتۇ .ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن كۆرۈشۈشكە باشلاپتۇ . ئاخىرى توي قىلىشقا پۇتۇشۇپتۇ . تويكۈنىمۇ كەپتۇ . باغاقلار تەييارلىنىپتۇ قىز شەھەر باشلىقىنىمۇ چاقىرايلى دەپتۇ .ئەخمەت قوشۇلماپتۇ . قىز بىز بۇ شەھەرگە بۇرۇن كەلگەنلەردىن شەھەر باشلىقىنى چاقىرمىساق قانداق بولىدۇ دەپتۇ . ئەخمەت يەنە قوشۇلماپتۇ .قىز نىمىشقا بۇنداق قىلىدىغانلىقىنى سورىغاندا ھەممە بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بىرىپتۇ ئەخمەت . بۇ ئىشنىڭ بۇ شەكىلدە ھەل بولمايدىغانلىقىنى دەپتۇ قىز . بىز چاقىرايلى ، ئۇ قىلغانلىرىدىن خىجىل بولسۇن دەپتۇ .ۋە ئۇنىڭغا بىر باغاق يىزىپتۇ .توي كۈنى كەپتۇ . باغاق يېزىلغانلار بىر- بىر لەپ كىلىشكە باشلاپتۇ ئەخمەت ھاياجانغا تولۇپتۇ .نىجاتنى كىلەمۇ - كەلمەسمۇ دەپ ئويلاپ تۇرسا ئايالى بىلەن ئىشىكتە كۆرۈنۈپتۇ . ئەخمەت باشتا دوقۇرۇشۇپ قالماسلىققا تىرىشىپتۇ . نىجات قايسۇ تەرەپكە كەتسە ئەخمەت يەنە بىر تەرەپكە قىچىپتۇ .ھىچ دوقۇرشۇپ قىلىشنى خالىماپتۇ . ئاخىرى بەرداشلىق بىرەلمەپتۇ . دەرھال سەنىگە چىقىپتۇ ،ئاپتۇ مىكروفۇننى سۆزلەشكە باشلاپتۇ . بۇرۇن مىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىم ياخشى ۋاقىتلاردا سۆيۈملۈك نىجات باشلىق بىلەن بىر مەكتەپتە ئوقۇيتۇق . ئۇ ۋاقىتلاردا نىجات باشلىقنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى ھازىرقىدەك ياخشى ئەمەستى . نىجاتنى ئۆيۈمدە ياتقۇزدۇم ،يىمەي يىگۈزدۈم ،كىيمەي كىيگۈزدۈم . ياخشى كۆرىدىغان قىزىمنىمۇ ئۆتۈندۈم .بىر كۈنى مىنىڭ ئەھۋالىم ناچارلاشتى . قول ئىلىكىمدە نىمە بولسا شۇنى يوقاتتىم . ئۇ قەدەر قىيىنچىلىق ئەھۋالدا ئىدىمكى نىجاتتىن ياردەم سوراپ كەلدىم .ئەمما ئۇ مىنى تونىمايدىغانلىقىنى ئېيتى . ئۇ يەردىن چىقىپ ئايالىنىڭ يىنىغا كەلدىم ،ئەمما ئۇ ئىشىك ئالدىدا مىنىڭ بارلىغىمنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئىشىكنى ئاچمىدى . زۇۋانىم تۇتۇلغانتى ، يولغا چىقىپ ئۆزەمنى رۇسلىۋىلىشقا تىرشىۋاتسام يىنىمغا بىر ياشانغان كىشى كەلدى . ئاللا رەھمەت قىلسۇن ماڭا بىر ئىش بەردى ، ياتىدىغان بىر يەر بەردى .ئۇ يەردە ئىشلەۋىتىپ باشقا بىر ياشانغان كىشى بىلەن تونۇشۇپ قالدىم .كۈنلەر ئۆتتى ئايلارئۆتتى بىر كۈنى ئۇ ئادەم قولىدا بىر قۇتا بىلەن كەلدى يىنىمغا . بىر يەرگە كىتىدىغانلىقىنى  ئەگەر 3 ئاي ئىچىدە قايتىپ كەلمىسە قۇتۇنىڭ مىنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى . كەلمىدى .قۇتۇنى ئاچتىم ، ئىچىدە مىنى بۈگۈنلەرگە كەلتۈرگەن ئالتىن ۋە پۇللار بىلەن قارشىلاشتىم . ئۇندىن كىيىن ئۆزەمگە بىر زەرگەرلىك دۇككىنى ئاچتىم ، ئۇيەردەئالماقچى بولغان قىز بىلەن تونۇشتۇم .مانا بۈگۈن توي قىلىۋاتىمەن .سۆزلىگەنلىرىم يالغان بولسا يالغان دىسۇن نىجات باشلىق دەپتۇ ۋە مىكىرافۇننى تاشلاپتۇ . مىھمانلارنىڭ ھەممىسى ھەيرانلىق ئىچىدە دەرھال نىجات باشلىققا قاراپتۇ . نىجات بىر جاۋاپ بىرىشكە مەجبۇر قاپتۇ. مىكروفۇننى قولىغا ئىلىپلا سۆزلەشكە باشلاپتۇ .شۇنداق ئەخمەتنىڭ دىگەنلىرىنىڭ ھەممىسى توغرا . يالغان دىيەممەيمەن . ئۆزۋاقتىدا ماڭا جىق ياردەم قىلدى ، ئاللا رەھمەت قىلسۇن مىنىڭ بىر بەخىتلىك ئائىلە قۇرۇشۇمغا ياردەم قىلدى . ئەمما ئۆزۋاقتىدا ئايالىمنى ياخشى كۆرىدىغانلىغىنى بىلمەيتىم . ئەھۋالىنىڭ ناچارلاشقانلىغىنى بىر كۈنى مەندىن ياردەم سوراپ كىلىدىغانلىغىنى بىللەتتىم . ھەمدە كىيىن كەلدى .ئۇنى ئىشىكتىن قوغلاتىم توغرا .ئەمما نىمىشقا قوغلاتتىم . ئەگەر مەن ئۇ ۋاقىتتا ياردەم قىلسام غورورىغا تىگەتتى . بەلكى بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن ئۆزىنى يوقۇتۇپ قوياتتى . ياخشى بىر دوستۇمنى يوقۇتۇپ قويۇشنى خالىمايمەن . بۇ يەردىن چىقىپ ئۇددۇل ئايالىمغا كىتىدىغانلىقىنى بىللەتتىم . دەرھال ئايالىمغا تىلىفون قىلىپ ، ئۇنىڭغا ئەخمەتنىڭ كىلىدىغانلىقىنى ، ئىشىكنى ئاچماسلىقىنى ئېيتتىم . ئىشىكنى ئاچمىدى . ئۇندىن كىيىن ئۆيىمىزنىڭ ئۇدۇلىدا بىر زەرگەرلىك دۇككىنى ئاچىدىغان تونۇشۇم بارتى ئۇنىڭغا دەرھال تېلىفون قىلدىم . ئۇنىڭغا بىزنىڭ ئۆيدىن چىققان بىرسىنى كۆرسە ئىشقا ئېلىشىنى ياردەم قىلىشىنى تاپىلىدىم .ئىشقا ئالدى ،ياتىدىغان يەر بەردى .بىر كۈنى دادامنى ئەۋەتتىم ئۇنىڭ قىشىغا . ياخشى دوسلاردىن بولۇپ قالدى .كىيىن بىر قۇتىنى بەردىم ئەخمەتكە بەر دەپ . ئۇ قۇتا دادامنىڭ مۇ ئەمەس ، مىنىڭمۇ ئەمەستى . ئۇ ئەسلىدىنلا ئەخمەتنىڭكىتى .ئۇنىڭغا بولغان قەرزىمنى ھىچ بىر زامان تۈگىتەلمەيمەن .ئەخمەت قۇتىنى ئالدى . ياخشى قوللاندى ۋە بۈگۈنلەرگە كەلدى . بىر كۈنى ئانام بىلەن سىڭلىمنى ئەۋەتتىم ، ئەھۋالى قانداقراق بىر بىلىپ كىلىڭلار دەپ .ئۇ چاغدا بىر -بىرىنى كۆرۈپ ئاشىق  بوپتۇ . توي قىلىدىكەن .تاشلاپتۇ مىكىروفوننى .ئەخمەت بىلەن مىھمانلارنىڭ ھەممىسى ھەيرانلىق ئىچىدە قاپتۇ . شۇئان كۆز كۆزگە ئۇچۇرشۇپتۇ ،قۇچاغلىشىپ كەچۈرۈم سورىشىپتۇ . خوشال - خۇراملىق ئىچىدە توي بوپتۇ  . بىرلىكتە بەخىتلىك ياشاپتۇ .  قاچالايسەن بىراق يوشۇرنالمايسەن.
بوزقىر مەلىكىسى
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 373
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 106
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە106دانە
تۆھپىسى: 4
پۇلى: 114 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 8
ياخشى باھا: 114
توردا: 52(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-04-15
ئاخىرقى: 2012-02-11
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-05-04 22:34

        بۇ ئەسەرنىڭ تۈنجى باشلىنىشىدا ئەخمەتنىڭ نىجاتقا قىلغان ياخشىلىقىدىن سۆيۈندۈم . يەنە كېلىپ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان قىزنى دوستى بىلەن كۆرگەندە يىگىتلەرگە خاس مەردلىك بىلەن ھەممىنى ئىچىگە يۇتۇۋەتتى .  كىيىن ئۇلار ئوقۇش پۈتتۇرۈپ ئىككىسىنىڭ تۇرمۇش كارتىنىسى ئالماشتى . ئىلگىرىكى باي ئەخمەت نامراتلىققا ، نامرات ئوقۇغۇچى نىجات بولسا قەشقەرنىڭ شەھەر باشلىقلىقىغا ئېرىشتى . بۇ جەرياندا مەندە شۇنچە ئاق كۆڭۈل ئەخمەت نىمىشقا  نامراتلىشىدۇ ؟ ،دەپ ئويلىدىم . لىكىن دەرھال پۇل ھەممىگە قادىر ئەمەس ،دىدىم .
      داۋامىدا ، ئەخمەت ئامالسىز نىجاتنىڭ ئالدىغا ياردەم سوراپ بارىدى  ،  لىكىن نىجات ئۇنى  قوبۇل قىلمىدى ، توۋا ! ماۋۇ تۇزكورنى قارا ! مەن بۇ چاغدا نىجاتنى تازا تىللىدىم ، ئۇ دەرھال نىجاتنىڭ ئايالىنى ئىزدىدى ، ئەپسۇس ،ئۇمۇ كىرگۈزمىدى ،  مىنىڭمۇ ھەم بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئۆچلىگۈم كەلدى .
      تەقدىر ئۇنى ھېلىقى بوۋايغا  ئۇچراشتۇردى ، ئەمدى تەڭرى ئۇنى يۆلەپ ئۇنى بايلىققا ئېرىشتۈرۈپلا قالماستىن بەلكى ۋاپادار  خوتۇنغا  ئېرىشتۇردى ، ئۇ ئايالنىڭ تەكلىپى بىلەن نىجاتنى تويغا چاقىردى ،  توۋا !!!
     ئاخىرىدا توي جەريانىدا نىجاتنىڭ نىمىشقا ئەخمەتنى قوبۇل قىلمىغانلىق سەۋەبى ئاشكارلاندى .  ئەسلىدە نىجات باشتىن - ئاخىر ئەخمەتنىڭ ئۆزىگە قىلغان ياخشىلىقىنى قايتۇرىۋاتقان ئىكەن -ئەمەسمۇ !!!
بوزقىر مەلىكىسى
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 373
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 106
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە106دانە
تۆھپىسى: 4
پۇلى: 114 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 8
ياخشى باھا: 114
توردا: 52(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-04-15
ئاخىرقى: 2012-02-11
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-05-04 23:04

      ئەسەردىكى نىجاتنى خاتا چۈشەنگەنلىكىمدىن  خىجىللىق ھېس قىلدىم ، چۈنكى ئەتراپىمىزدا دوستلار  ئارا زىدىيەتلىشىپ  قالىدىغانلار ئاز ئەمەس . بولۇپمۇ پۇل ، مال - دۇنيا ، مەنسەپ ئۈستىگە  قۇرۇلىۋاتقان دوسلۇقلارنىمۇ يوق دىگىلى بولمايدۇ ، بۇ ھېكايە  ھەممىمىزنىڭ ئوقۇپ قويىشىمىزغا ئەرزىگۈدەك ياخشى ھېكايىكەن .
      ياخشىلىق ھامان ئۇنتۇلمايدۇ ، باشقىلارنىڭ ياخشىلىقىنى ئۇنتۇغان ئادەم  ياخشى كۈن كۆرمەيدۇ . بىزنى يەنە بىر قېتىم ئويلىنىشقا ، ھەممىمىزنى دوسلىشىشقا يىتەكلىگەن  بۇ توردىشىمغا رەھمەت ئېيتىمەن .
      
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 31
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 424
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە424دانە
تۆھپىسى: 54
پۇلى: 547 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 119
ياخشى باھا: 517
توردا: 54(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-19
ئاخىرقى: 2011-08-18
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-05-06 01:02

ھىكايىنىڭ يىرىمىغا كەلگەندە ھەممە ئىشنى نىجاتنىڭ  ئورۇنلاشتۇرغىنىنى ھىس قىلغانتىم ،ئويلىغىنىمدەك چىقتى ...
ئۆرلە ۋەتەن!
ئەسلىڭنى ئۇنۇتما
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 195
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 154
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە154دانە
تۆھپىسى: 18
پۇلى: 220 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 26
ياخشى باھا: 185
توردا: 45(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-14
ئاخىرقى: 2012-03-12
4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-05-07 13:26

نىمىدىگەن تەسىرلىك،ئاخىرىغا بېرېپ بەكلا ھاياجىنىمنى بىسۋالالماي قالدىم،راسلا دۇنيادا مۇشۇنداق ئىشلارمۇ بار،تېمىنى ئوقۇپ ھەقىقى دوس ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك دىگەن ھەقىقەتكە قول قويدۇم.تىما ئىگىسى تولىمۇ ياخشى بىر ئەسەرنى يىزىپ چىقىپسىز.سىزگە كۆپ رەھمەت.
دوستلىشىش
ئىمتىھان399
بوزقىر ئەركىسى
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 16
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 181
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە181دانە
تۆھپىسى: 61
پۇلى: 348 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 92
ياخشى باھا: 288
توردا: 23(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2012-02-01
5- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-05-07 19:45

لېكىن، چۈشەنچە بەرسە بولاتتىغۇ
ھەقىقى دوستلۇق ياشنىسۇن .
دوستلىشىش
بىھۇش0909
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 711
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 3
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە3دانە
تۆھپىسى: 0
پۇلى: 3 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 0
ياخشى باھا: 3
توردا: 1(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-06-22
ئاخىرقى: 2011-07-14
6- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-27 23:14