(ئىجادى چۆچەك)
قەدىمقى بوز قىر ئىقلىمىدا،سەلتەنەتلىك بىرئادىل پادىشاھ دەۋىر سۈرگەنىكەن.ئۇنىڭ چوڭ-كىچىك خانىشلىرى كۆپ بولسىمۇ،ئۇزۇندىن بېرى پەرزەنت يۈزى كۆرەلمىگەنىكەن.پەرزەنت ئوتىدا كۆيۈپ-پىشىپ،بۇ دەرتلىرىنى ئىچىگە يۈتۈپ،تەڭرىئاللادىن بىر پەرزەنت ئاتاقىلىشنى كېچە-كۈندۈز تىلەپ يۈرگەن بۇ ئادىل پادىشاھنىڭ تىلىكى ئىجابەت بولۇپ، كىچىك خانىشى بىر جۈپ ئوغۇل بوشىنىپتۇ.بۇنىڭدىن پادىشاھ ۋە ئەل-يۈرت ئىنتايىن خۇرسەن بولۇشۇپتۇ.ئەمما بۇ خۇشاللىق ئۇزۇنغا بارماپتۇ،چۈنكى ھەسەتخور چوڭ خانىش ھىيلە ئىشلىتىپ،ئۆز يېقىنلىرىدىن ئىككى ئايغاقچىغا بۇ قوش كېزەكلەرنى ئىبنۇر كۆلىگە ئاپىرىپ تۇنجۇقتۇرۇشنى جىكىلەپتۇ.بۇ ئىككى ئايغاقچى بوۋاقلارنى ئېلىپ مىڭىپ كۆل بويىغا ئىلىپ كەپتۇ.كۆلگە تۇنجۇقتۇرىشقا تەمشىلگەندە،ئۇلار شۇنداق تاتلىق كۈلۈپتۇكى،تەڭرىنىڭ ئىنايىتى بىلەن ئايغاقچىلارنىڭ دىلى شۇررىدە ئېرىپ،نىيىتىدىن يېنىپ ،ئوبدان ئوراپ دەريا تېلىدىن سېۋەت توقۇپ،شىمالدىكى ئېرتىش دەرياسىغا ئېقىتىۋىتىپتۇ-دە،بوز قىرغا قاراپ يول ئاپتۇ.
قوش كېزەك ئوغۇللار ئېرتىش دەرياسىدا ئاقە-ئاقە ئاخىرى خانتەڭرى باغرىدىكى بىر ئېيىققا ئۇچراپتۇ. ئېيىق بالىلارنى بېقىپ چوڭ پالۋانلاردىن قىلىپتۇ، بۇلارنىڭ ئىسىملىرى يوقكەن،ئەمما ئۇلار گەپ قىلىشنى بىلدىكەن .تەڭرىتئاللا مۇشۇنداق ھىكىمەت ئاتا قىلغانىكەن.كۈنلەر ئۆتۇپ،ئايلار ئۆتۈپ ،ئېيىق ئۇلاردىن ئايرلىپتۇ.ئۇلار ئەمدى ئۆز ئاتا-ئانىسىنى ئىزدەشكە ئاتلىنىپتۇ.
تاغۇ-دەريا،دەشت-چۆللەرنى كېزىپ ،بىر يۇرتقا كەلگەندە،يىغا-زارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ،نېمە ئىش بولغانلىقىنى سوراپتۇ.ئەسلىدە بۇ يۇرتتىكى غاردا بىر ئەجدىرھا بولۇپ،ھەر يىلى مۇشۇ پەسىلدە ئۈچ بالىنى يەيدىكەن،بۇنىڭدىن ئاتا-ئانىلارنىڭ يۈرىكى پارە-پارە ئىكەن.بۇنى ئاڭلاپ قوش كېزەك باتۇرلار دەر-غەزەپكە كېلىپ ئەجدىرھانى ئۆلتۈرۈشكە بەل باغلاپتۇ.ئۇلار ئون كۈنلۈك ئوزۇقلۇق ئىلىپ،غارغا قاراپ يول ئاپتۇ.يولدا بىر بۈركۈت ئۇچراپ،ئۇلارغا ئۆزىگە ئۈچ كۈنلۈك ئوزۇقلۇق بەرسە،بىر ئاش پىشىمدا غارغا ئاپىرىپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتىپ،ئۇلارنى مەنزىلگە ناھايىتى تېز ئاپىرىپتۇ.غارغا كېلىپ قارىسا، غايەت زور ئاق ئەجدىرھا غارنى بىر ئالغىنىچەقۇلاقنى يارغۇدەك قاتتىق ئاۋازدا خورەك تارتقىنىچە ئۇخلاۋاتقان ئىكەن.قوش كېزەك باتۇرلار پەم بىلەن ئۇنىڭغا يېقىنلاپتۇ.ئاكىسى بېشىغا،ئىنسى قۇيرۇقىغا شىددەت بىلەن قىلىچ ئۇرۇپتۇ.بۇنىڭدىن ئەجدىرھا قاتتىق چىرقىراپ ئويغىنىپتۇ.قوش كېزەكلەر يەتتە كېچە- كۈندۈز توختىماي ئېلىشىپ،ئەجدىرھانىڭ كاللىسنى تېنىدىن جۇدا قىلىپتۇ.بۈركۈت قالدۇرغان پەينى كۆيدۈرگەنىكەن ،بۈركۈت شۇ ھامان پەيدا بولۇپ،ئۇلارنى ئۆز جايىغا ئەكىلىپ قويۇپتۇ.قوش كېزەك باتۇرلارنى كۆرگەن يۇرت خەلقى ناھايىتى خۇشال بولۇپتۇ.ئۇلارنى «قوش گېزەك باتۇرلار»دەپ ئاتىشىپتۇ.
«قوش گېزەك باتۇرلار»بۇ يۇرت بىلەن خوشلىشىپ،سەپىرىنى داۋملاشتۇرۇپتۇ.ماڭە-ماڭە گۈزەل بىر يېزىغا كەپتۇ.بۇ يېزدىكىلەردىن بۇيەردە بىر يالماۋۇز دىۋىنىڭ ياشايدىغانلىقى ۋە يېزدىكلەرنىڭ مال-ۋارانلىرغا ۋە كىچىك بالىلىرىغا ئارام بەرمەي ساراسىمگە سېلۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، «قوش گېزەك باتۇر››لار قوللىرىغا ئۆتكۈر نەيزە-قىلچلارنى ئېلىپ،توققۇز كېچە-كۈندۈز قانلىق ئېلىشىپ ،دىۋىنى يىڭىپ،كىشلەرنى خاتىرجەم قىلىپتۇ.ئۇلارغا كاتتا ئىنئاملارنى بەرمەكچى بولۇشقاندا،«قوشگېزەك باتۇرلار»ئاللبۇرۇن يوللىرىغا راۋان بولۇشقانىكەن.
«قوشگېزەك باتۇرلار»مېڭىپ-مېڭىپ بوزقىرغايېتىپ كەپتۇ،بۇ يۇرت شۇنچە مېھىرلىك ۋە تونۇش تۇيۇلۇپتۇ. بوزقىر توغرسىدا كىشلەردىن سوراپتۇ.بۇ يۇرتنىڭ بىر ئادىل پادىشاھى بارلىقى،ئۇنىڭ قوش كېزەك بالىلىرنىڭ ھەسەتخور چوڭ خانىشى تەرپىدىن قەستكە ئۇچراپ،تاشلۋىتىلگەنلىكى،پادىشاھنىڭ پەرزەنت ئوتىدا ئېغىر كېسەل ئىكەنلىكىنى ئۇقۇپتۇ. قوش كېزەكلەر بىر نەرسنى سەزگەندەك بولۇپ ،ئوردىغا قاراپ مىڭىپتۇ.ئۇلار ئوردىغا كىرىپ ،ئاتسى بىلەن دىدار كۆرۈشۈپتۇ،ئەسلىدە ئۇلار نىڭ بەدەنلىردە خال بولۇپ،شۇ ئارقىلىق ئۆز بالىلرىنى تۇنۇپتۇ. قوش كېزەك بالىلرىنى تاپقان پادىشاھ يۇرتقا كاتتا مەرىكە بېرىپتۇ.ئەل –يۇرت خاتىرجەم خۇشال-خۇرام ياشاپتۇ.
ئابدۇسالام تۇرسۇن
بورتالا شەھەرلىك ئۇتۇبۇلاق بازارلىق6-باشلانغۇچ مەكتەپتىن:
مايسا
[ ھونتەرىپىدىن2011-08-05 20:52قايتا تەھرىرلەندى ]