شۈ فامىلىلىك ئەسلىدە دۇڭگۇەنگە ئىشلەمچىلىك قىلىپ پۇل تاپقىلى كەلگەنىدى، ئەمما ئويلىمىغان يەردىن ئۇ سەۋەبسىزلا تۆت كۈن ئېسىنى يوقاتتى، 23-فېۋرال ئۇ دۇڭگۇەندىكى بىر مېھمانخانىدا ھوشىغا كەلگەندە، قورسىقىنىڭ قاتتىق ئاغرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، يېقىن ئەتراپتىكى بىر دوختۇرخانىغا كېلىۋىدى، ئۇنى تەكشۈرگەندە، دوختۇر ئۇنىڭ سول بۆرىكىنىڭ كېسىۋېلىنغانلىقىنى ئېيتتى. شۇڭا ساقچىلار بۇ دېلونى تەكشۈرۈشكە كىرىشتى، ئىگىلىنىشىچە، 28 ياشلىق شۈ فامىلىلىك چۇڭچىڭلىق ئىكەن، ئۇ 15-فېۋرال دۇڭۋەنگە كەلگەن ۋە ئۆي ئىجارىگە ئالغاندىن كېيىن، ئىش تېپىپ قىلماقچى ئىكەن.
شۈ فامىلىلىك ئەسلەپ مۇنداق دېدى:«19-فېۋرال تۇرۇپلا خۇدۇمنى يوقاتتىم، تاكى 23-فېۋرالغىچە ھوشسىز يېتىپتىمەن، نېمە ئىشلار بولغىنىنى بىلمىدىم، پەقەت قورسىقىمنىڭ قاتتىق ئاغرىۋاتقانلىقىنى، تېخى قورسىقىمدا بىر يارىنىڭ پەيدا بولغانلىقىنىلا بىلدىم. ھازىر ئېسىم جايىدا، بىراق ئەسلىسەم تازا ئېنىق ئەمەس. 19-فېۋرالدىن 23-فېۋرالغىچە زادى نېمە ئىشلارنىڭ بولغانلىقىنى زادىلا ئەسلىيەلمەيۋاتىمەن، بىراق مېھمانخانىدا ھوشىمغا كەلگەن چېغىمدا يېنىمدىكى پۇلغا يەنە 20 مىڭ يۈەن قوشۇلۇپ قالغانلىقىنى بايقىدىم».
شۈ فامىلىلىكنى تەكشۈرگەن دوختۇر مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى:«شۇ چاغ 23-فېۋرال كەچ سائەت 10 لار بولۇپ قالغانىدى، شۈ فامىلىلىك تاكسىغا ئولتۇرۇپ يالغۇز كەپتۇ. ئۇ مېنى كۆرگەندىن كېيىن باشقىلارنىڭ ئۆزىنى ئوپېراتسىيە قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، قورسىقىنىڭ قاتتىق ئاغرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. مەن ئۇنى دەرھال تەكشۈردۈم، ئۇنىڭ سول بېقىنىدا بىر يارا ئېغىزى بار ئىدى، يارا ئېغىزى تېخى يېڭى بولۇپ، تولىمۇ سىپتا تىكىلگەن ئىدى. مەن ئۇنىڭ ئىچكى ئەزالىرىغا بىرىنىڭ تەگكەنلىكىدىن گۇمان قىلدىم. CT ئاپپاراتىدا تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن، مەن ئۇنىڭ سول بۆرىكىنىڭ كېسىۋېتىلگەنلىكىنى بىلدىم. ئۇ ماڭا ‹ھوشىمغا كەلسەم يېنىمدا 20 مىڭ يۈەن تۇرۇپتۇ› دېدى، بىراق پۇلنى زادىلا كۆرسەتمىدى».
شۈ فامىلىلىكنىڭ بۇ ئاجايىپ كەچۈرمىشى ئۇنى تەكشۈرگەن دوختۇرنىڭ گۇمانىنى قوزغىغانىدى، ئەمما ئۇنى قاتتىق ھەيران قالدۇرغان ئىش شۇكى، ئۇ بۇ ئىشنى ساقچىغا مەلۇم قىلماقچى بولغاندا، شۈ فامىلىلىك ئۇنى توسۇۋېلىپ:«توختاڭ، ئۆيۈمدىكىلەر كەلگەندە بىر نەرسە دەيلى»دېگەن. دوختۇرخانا جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بۇ دوختۇرنىڭ سۆزىنى دەلىللىگەندىن كېيىن مۇنداق دېدى:«بىز بۈگۈن ئەتىگەن سائەت 8 دە ساقچىلارغا مەلۇم قىلدۇق، ساقچىلارمۇ ئۇنىڭدىن بىرەر نەرسىنى ئىگەللىيەلمىگەندەك قىلىدۇ».
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى