ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 258 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئانا يۇرتۇم بورتالا
ئاللاھ خالىسا كۇلۇپ ياشايمەن...
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1302
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 17
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە17دانە
تۆھپىسى: 11
پۇلى: 39 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 22
ياخشى باھا: 39
توردا: 2(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-11
ئاخىرقى: 2012-05-13
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-07 22:13

ئانا يۇرتۇم بورتالا

مەن يۇرتۇمنى سۆيىمەن،چۇنكى قانداق بىر ئىنسان ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ۋە كىندىك قىنى تۆكۇلگەن ئانا يۇرتىنى سۆيمەيدۇ دەيسىز . ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئانا يۇرتىنى سۆيۇش ۋە قوغداش مەسۇلىيىتى بار.
مەن كىندىك قىنىم تۆكۇلگەن ئانا يۇرتۇم بۆرتالانى چىن دىلىمدىن سۆيىمەن ۋە يۇرتۇمدىن چەكسىز پەخىرلىنىمەن.
مەن يۇرتۇمنىڭ تاغلىرىنى ، چەكسىز كەتكەن يايلاقلىرىنى بىپايان ئېتىز-قىرلىرىنى، ئىگىز سىلىنغان رەت-رەت بىنالارىنى جەنەتتەك باغلىرىنى سۆيىمەن، دوستۇم ، سىز يۇرتۇمنىڭ سەيلىگاھلىرىغا بارغانمۇ؟ گۇزەل سەيلىگاھىمىز بولغان ئارچات شەھرىمىزنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان بۇلۇپ ، تەبىئى مەنزىرلىك رايون ھاۋاسى ساپ قۇيۇق قارغايزارلىق، ئاپپاق قار قاپلانغان ئېگىز تاغلار، يىشىل ئوت-چۆپلەر، ھۈپپىدە ئېچىلغان گۇللەر سىزنى مەھلىيا قىلىدۇ، ئارچاتنىڭ ھەممىلا يىرىدىن بۇلاقلارنى ئۇچىرتالايسىز ئارچاتنىڭ يەر تۈزۈلىشى ھەر خىل مىنىرال ماددىلاردىن تۈزۈلگەنلىكى ئۇچۇن ئېتىلىپ چىققان بۇلاق سۇيى ھەر خىل كىسەللەرگە شىپا بولىدۇ. قەدەمدە توپ-توپ يۇرۇشىدىغان ھايۋانلارنى كۆرگىنىڭىزدە بۇ گۇزەل مەنزىرلەر خۇددى جەنەتكە ئوخشاش تۇيغۇ بېرىدۇ.
يۇرتۇمدا يەنە يىراق-يىقىنغا داڭقى كەتكەن مەشھۇر سەيلىگاھ سايرام كۆلى بار. بۇ يەرگە كالەىنىڭىزدە بىپايان كۆك دىڭىز كۆز ئالدىڭىزدا چايقىلىپ تۇرىدۇ، قەد كۆتۇرۇپ تۇرغان ياپيىشىل قارغايلار سىزگە ئەردانە تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ، ئەتىراپتىكى قاتارسىغا سىلىنغان قازاق چارۋىچىلارنىڭ ئۆيلىرى سىزگە ئوبدان تاماشە قىلىش پۇرسىتى ھازىرلاپ بېرىدۇ. يۇرتۇمنىڭ تەرەققىيات سۇرىتى تېزلەشمەكتە، ئىلىم-پەن بىلەن قاناتلانغان ئەمگەكچان،مەدەنىيەتلىك خەلقىم يۇرتۇمنىڭ ھەر ساھە ئىشلىرىنى تېز تەرەققى قىلدۇرۇش ئۇچۇن، جاپالىق ھالدا مىننەتسىز مىھنەت سىڭدۇرۇپ كەلمەكتە. يۇرتۇمنىڭ گۇللىنىشىگە، تەرەققىي قىلىشىغا تۆھپە قۇشىۋاتقان پاختا تۇقۇمچىلىق ،سىمۇن زاۋۇتلىرى شۇنداقلا بىناكارلىق ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرغان بىناكارلىق شىركەتلىېىمىز بار.
مەن ئەنە شۇنداق تەرەققىي قىلىۋاتقان گۇزەل ماكانىدا ئۆسۇپ يىتىلىۋاتقانلىقىمدىن چەكسىز ئىپتىخارلىنىمەن ۋە بۇ ماكاندا ياشاۋاتقان ئەمگەكچان، ئەقىللىق،باتۇر خەلقىمگە ئالىي بىلىملىك تاغا-ھەدىلىرىمگە مىھىرىبان ئۇستازلىرىمغا ھەر دائىم ھۆرمەت ۋە سۆيۇنىش ھېسىياتىم بىلەن قارايمەن ،ھەر سەھەردە ۋە تولۇن ئاي پارلىغان كىچىلەردە يۇلتۇزلار چاقنىغان ئاسمانغا قاراپ بۇ گۇزەل يۇرتۇمنىڭ تىخىمۇ تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئويلايمەن.
             يۇرتۇم سىنىڭ كەلگۇسىڭ تىخىمۇ پارلاق بولغۇسى!


                ئاپتورى:بورتالا شەھەرلىك 7- ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق2-يىللىق3-سىنىپ(ئىجدىمائىي پەن سىنىپى )
ئوقۇغۇچىسى :     شادىيە ياسىن ..
[ بۇ يازمىنىنۇرانە 2012-04-07 22:20قايتا تەھرىرلىدى ]
keltiriksiz belik yok,ayibsiz insan.
دەرىجە: كۆنگەن ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1162
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 567
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە567دانە
تۆھپىسى: 47
پۇلى: 661 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 94
ياخشى باھا: 661
توردا: 120(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-30
ئاخىرقى: 2012-05-14
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-08 17:38

يۇرتىنى سۆيگەنلىك ئۆز ئېلىنى خەلقىنى سۆيگەنلىك ، دىمىسىمۇ  بورتالا  يېشىل يايلاق مەناسى بىلەن تولىمۇ گۇزەل ھەم تېنچ شەھەر . يۇرتۇمنىڭ تىنچ ئامانلىقىنى ئاللاھدىن تىلەيمەن. ياخشى يېزىپسىز ئەجرىڭىزگە رەخمەت، داۋاملىق يېزىپ يوللاپ تۇرۇڭ.
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 929
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە929دانە
تۆھپىسى: 72
پۇلى: 1123 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 145
ياخشى باھا: 1073
توردا: 154(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-05-11
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-09 15:24

<<ئانا يۇرتۇم بورتالا>>
سىنى كۈيلەشكە سۆز تولا...

_ يۇرتۇمىزنىڭ بۈگۈنكى قىياپىتىنى ياخشى سۈرئەتلەپسىز،تېخىمۇ تىرىشىڭ...
دوستلىشىش
سالمان888
تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 261
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە261دانە
تۆھپىسى: 76
پۇلى: 435 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 152
ياخشى باھا: 415
توردا: 70(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-19
ئاخىرقى: 2012-05-14
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-10 11:40

دىيارىمېزنىڭ تەبىئي ،بۇلغانمىغان ،سۇلىرى سۇزۇك، جەننەتتەك ماكان بورتالاغا قەشقەردىن سالام. كۇرۇشكە ئاللا خالىسا نېسىپ بولار.
[ بۇ يازمىنىسالمان888 2012-04-10 12:28قايتا تەھرىرلى ]
خەلقېم مەن بىلەن