شۇنچە ئېسىل ياراشقان ،قويۇق بۇرۇت ساقىلىم ،
ھۆركىرىسەم ئاۋازىم ،كىتەر ئۈچ-تۆت چاقىرىم ،
يوغان بوي بەست بەدەننى ،ماڭا بەردى تەڭرىم ،
جىسمانىي شەرت تەق لېكىن ئەر دىمەيمەن ئۆزۈمنى ،
ئاھ جىسمىمدا ئەخلەتتەك ،دۆۋىلەنگەن كۈچۈم بار ،
كەڭ يەلكەمگە يارىشا ،مەيدەمدە قارا تۈكۈم بار ،
جان ساقلاشتىن ئىبارەت زىممەمدە چوڭ يۈكۈم بار ،
تەقى تۇرقۇم راست ئەردەك ،ئەردىمەيمەن ئۆزۈمنى ،
يەپ باقمىدىم ئەزەلدىن ،مىللىتىمنىڭ غېمىنى ،
پۇرسەت بولسا يەۋالدىم ،بىراۋلارنىڭ نېنىنى ،
ھۈنەر بىلەن شورىدىم ،مىللىيلىكنىڭ قېنىنى ،
مىللىتىمنىڭ ئالدىدا ،ئەر دىمەيمەن ئۆزۈمنى .
سورۇنلاردا قايتۇرماي ،كۈتۈرىمەن رومكىنى،
پۇل سورۇشتا سەتەڭگە ،بىكارلايمەن سومكىنى ،
مەندە ئورغاق نە قىلسۇن ،پودا ئوردۇم ئورمىنى ،
يارالغانمەن مۇشۇنداق ،ئەر دىمەيمەن ئۆزۈمنى .
كۈندە ئەس ھوش خىيالىم ،قۇشقاچ تۇتۇش ئويىدا ،
قىزىل چىراق يانغان جاي ياكى دەريا بويىدا،
<<ئەرگوڭ>><<داۋەن>><<كەيفاچۈ>>ۋە ياكى تىك قۇدۇقتا،
ئەرلىكىمنىڭ ئالدىدا ،ئەر دىمەيمەن ،ئۆزۈمنى.
خۇتۇن بالام نەلەردە ،مەن بۇنىڭدىن بىخەۋەر ،
شۈكۈر دەيمەن بىر ئۆزۈم ،بولسام ساپساق بىخەتەر،
خۇتۇن سۆيگەن ئەمەسمۇ ،ساراڭلىققا باراۋەر ،
شۇلارنىڭكى ئالدىدا ،ئەر دىمەيمەن ئۆزۈمنى .
مىللەت سۆيۈش ئىدىيسى ،ئەكىس ئەتمەس مېڭەمدە ،
ئۈزەمنىلا ئويلايمەن ،ھەر ماڭدامدا قەدەمدە ،
يوقتەك مىللەت تۇيغۇسى ،ھىس قىلىمەن زىممىمدە ،
مىللىتىمنىڭ ئالدىدا ئەر دىمەيمەن ئۆزۈمنى .
دوستۇم مەندىن سورايدۇ ،قىز ئالداشتا مەسلەھەت ،
يول كۆرسەتتىم ئۇنىڭغا ،غەلىبە قىلدى نەچچە رەت ،
قىلالمىدىم تەربىيە ،ياكى ئاز-پاز نەسىھەت ،
ۋىجدانىمنىڭ ئالدىدا ئەر دىمەيمەن ئۆزۈمنى .
سىڭلىم ماڭسا دىباغا ،ھاي توختاپتۇر دىمىدىم ،
ئاچام ئۆيگە كەچ قالدى ،سەۋەپ سوراپ يۈرمىدىم ،
مەسئۇل بۇلۇش تۇققانغا دىگەن نىمە بىلمىدىم .
شەجەرەمنىڭ ئالدىدا ،ئەر دىمەيمەن ئۆزۈمنى .
سۆيەلمەيمەن يۈرەكتىن ،بىرمۇسۇلمان قىزىنى ،
بويلىمايمەن يا بۇۋام ياكى دادام ئىزىنى ،
ئۇلار ياپسا مېزىنى ،مەن ئاچىمەن تېزىنى ،
مەن مۇشۇنداق بەندىمەن ،ئەر دىمەيمەن ئۆزۈمنى .
سېتىپ كەلدىم سورۇندا ،ئەر توغرۇلۇق سەپسەتە ،
ھېچ ئىزنا يوق ئېڭىمدا مىنىڭ ئەرلىك ھەققىدە ،
قىلالمىدىم ئەر تۇرۇپ ،ئەرلىكىمگە ئەقىدە ،
ئەرلىكىمنىڭ ئالدىدا ،ئەردىمەيمەن ئۆزۈمنى .
ئېيتتىم بۈگۈن دوستلىرىم ،كۈڭۈلدىكى سۆزۈمنى ،
ئاچتىم ئاخىر ئەرلىكتە تۇنجى نۆۋەت كۆزۈمنى ،
پاكىز سۇدا چايقىدىم ،ئەمدىلىكتە يۈزۈمنى ،
گەر ئۆزگەرسەم ھەقىقىي ،ئەر دىگەيمەن ئۆزۈمنى .
مەنبە:قەلىمم.كونا يازمىلىرىمدىن .شىنجاڭ كەسپىي ئۇنۋېرستېتىدا يېزىلدى .
[ ئەلتېكىنتەرىپىدىن2011-05-08 23:55قايتا تەھرىرلەندى ]