ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 13266 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: 1930-يىلدىكى بورتالانىڭ قىياپىتى -مېنىڭ كۆرگەنلىرىم...«قۇربان داۋۇت»
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 31
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 424
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە424دانە
تۆھپىسى: 54
پۇلى: 547 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 119
ياخشى باھا: 517
توردا: 54(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-19
ئاخىرقى: 2011-08-18
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-02-24 22:26

1930-يىلدىكى بورتالانىڭ قىياپىتى -مېنىڭ كۆرگەنلىرىم...«قۇربان داۋۇت»

ئەسكەرتىش: بۇ يازما bozqir تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-04-13)
دادام داۋۇت قاسىمنىڭ 1933-يىلدىكى خاتىرسىدىن .

1930-يىلى بورتالا ناھىيىسىنىڭ بازار ئىچى كۆلەملەشكەن بازار شەكلىنى ئېلىپ بولغانتى. بايلار ، ئىقتىسادى ياخشىلارنىڭ ئۆيلىرى ئاستى-ئۆستى تاختاي قىلىپ سېلىنغان بولۇپ ،ئانچىمۇ ھەشەمەتلىك ئەمەس ئىدى. لېكىن قورۇسى ئىچكەركى ۋە تاشقىرىقى قورۇ دەپ ئايرىلاتتى. پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرى  سوقما تام ،خام كېسەك ئىدى . بايلارنىڭ ئۆيلىرىدە بىردىن خادىك بولغاندىن باشقا 3تىن 5 كە قەدەر تاك-تاك ھارۋا ياكى ياغاچ ئوق ھارۋا ،مۇنداقىراق ئائىلەردە ياغاچ ئوق ھارۋا بار ئىدى.

بازار ئىچىدە 6ئورۇندا شەخسلەر ئاچقان دۇككان ،4يەردە ئاشخانا ،11ناۋايخانا ،8ئورۇندا تۆمۇرچىخانا ،5ئورۇندا ياغاچچىلىق دۇككىنى ، بىر قۇشخانا يېنىدا سوپۇن ياسايدىغان ئۆي بار ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا تۈگمەن بېشى مەھەلىسىنىڭ تۆۋەن تەرپىدە كۆنچى مەھەلىسى دەپ ئاتىلىدىغان مەھەلە بار بولۇپ ئۇ يەردىكى ئۇيغۇر كۆنچىلەر چەم، خۇرۇم ، لايكا ،بىشۇ ، ئىشلەيتتى. ئۇلار ئىشلەپ چېقارغان مەھسولاتلار ئىلىغا تۇشۇلاتتى . بازار ئىچدە ئۇيغۇر تىلىنى بۇزۇپ سۆزلەيدىغان تىۋىپ بۇلۇپ ، كىشلەر ئۇنى پاكار شەنسىڭ دەپ ئاتايتتى. شۇ مەزگىلىدە دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىق ئاھالىلارنىڭ ئاساسلىق تۇرمۇش يولى ئىدى .تۇرمۇشقا كېرەكلىك بۇيۇملار ئىلى شەھرى بىلەن چۆچەكتىن كېلەتتى . بازار ئەتىراپىنى چۆرىدىگەن چوڭ كۆۋرۈك ،تېرەك مەھەلە ،شېۋىرغان ،تۈگمەن بېشى ،لەڭتەي ،كۆنچى مەھەلە ،ئۈستىن ئاتۇش ،تېتى ، مەشھەت مەھەلىسى ،قازاق مەھەلىسى ،بازار ئىچى 11مەھەلە بۇلۇپ ئاساسلىغى ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقانتى. 11مەھەلىدە 6مەسچىت 3زاراتگاھلىق بار ئىدى. مىنى شۇ چاغدا ھەيران قالدۇرغان ئىككى ئىش بولدى .

بىرىنچىئىش؛ بازار ئىچىنى چۆرىدىگەن 10مەھەلىنىڭ يوللىرى بىر –بىرىگە تۇتاشقان ،ئاھالىلار زىچ بولسىمۇ مەھەلىلەرنىڭ يەر شەكلى پەرىقلىنىپ تۇراتتى. شۇ چاغدىكى ناھىيىلىك ھۆكىمەت قۇرۇسىمۇ ناھايىتى كۆرۈمسىز بولۇپ ،قورۇ ئاستى كەڭلىكى بىر يېرىم مېتىر ،ئۈستى كەڭلىكى بىر مېتىر ،ئېگىزلىكى ئىككى يېرىم مېتىر توپا تام بىلەن قورشالغان گۈندىخانا بار ئىدى .

ناھىيىلىك ھۆكىمەت قورۇسىنىڭ كۈن چىقىش تەرپىدە كەڭلىكى 40مېتىرچە ،چوڭقۇرلىقى 3مېتىرچە جىرا شەكلىنى ئالغان ئويمان بولۇپ ئۇزۇنلىغى تەخمىنەن ئۈچ يۈز مېتىر كېلەتتى . بازارنىڭ ئاياغ تەرپىدە مەمتىن باي ھاجى ئىسىملىك بۇيامەتلىك ئادەمنىڭ قورۇسى بولۇپ ،بۇ قورۇنىڭ بىر تەرپىدە ئالاھىزەل كەڭلىكى ئۇتتۇز مېتىردىن ئارتۇق ،چوڭقۇرلۇقى 5مېتىردىن كام ئەمەس شىمال تەرەپكە سوزۇلغان ئويمانلىق بولۇپ ،بۇ ئويمانلىقنىڭ مەمتىمىن ھاجىنىڭ قورۇسىغا پاسىلداش تەرىپىدە (پاسىلىنى يول ئايرىپ تۇرىدۇ) چارۋا مال ،ئاشلىق ساتىدىغان بازار بار بولۇپ ،‹گىر بازىر› دەپ ئاتىلاتتى. يولنىڭ بېشى مەمتىمىن باي ھاجى دەرۋازىسىدىن باشلىنىپ ، كۆنچى مەھەلىسىگە تۇتىشاتتى. بۇ يولمۇ ئويماننلىقنى كېسىپ .ئۆتەتتى.  ماڭا ئاتا ئورنىدا تۇرۇپ بېشىمنى سىلاۋاتقان ئىمىت ھاجى بازار ئىچىدىكى سايىم شاڭيۇنىڭ كۈيئوغلى بولۇپ ، ئۇنىڭ قازاق مەھەلىسىنىڭ باش تەرپىدە جاڭزىسى بار ئىدى. جاڭزىنىڭ باش تەرپى توختى سۆلەت (سايىم شاڭيۇنىڭ قېينى ئاكىسى) ئۇنىڭغا چېگىرداش سوپى تۇلۇم جاڭزىسى بار ئىدى . ئۈچ جاڭزىنىڭ پاسىلىنى بۆككىدە تاللار قاپلاپ كەتكەن ئېقىن ئايرىغان بولۇپ ،بۇ ئېقىننىڭ ئاخىرى جاڭزىنى بويلاپ بازار ئىچىگە ئاقىدىغان قارا سۇغا قوشىلاتتى . ئىككى ئېقىن قۇشۇلغان ئورۇننىڭ كۈن پېتىش تەرپى ئېتىزلىق ،كۈن چىقىش تەرىپى مەھەلە بولۇپ ، بۇ يەر قازاق مەھەلىسى دەپ ئاتىلاتتى. قازاق مەھەلىسىنى بويلاپ كۆنچى مەھەلىسىنىڭ باش تەرپىدىن ئېقىپ لى لو خەن دېگەن خورجا خەنزۇنىڭ جاڭزىسىغا كېرىپ كېتىدىغان بۇ ئېقىن ئالاھەزەل 30مېتىر  كەڭلىكىتە ،10مېتىر چوڭقۇرلۇقتا قىشى –ياز ئۆكسىمەي ئېقىپ تۇراتتى ، بۇ سۇ شۇ چاغدا مەترىھىم ھاجىنىڭ تۇغى دېگەن يەرگە كەلگەندە ئىككىگە بۆلىنەتتى . بۇ ئېقىن ئويمانلىرىنى كۆرگەن ۋاقتىم 1930-يىلى بولۇپ مىنى بورتالاغا كەلگىنىمگە 3 يىل بولغان چاغ ئىدى. مەن نېرىسى ئاق شوپاڭغا بىرسى ئۇيقۇچى مۇھەممەتنىڭ بېغىدىن ئۆتۈپ باقمىغان بولغاچقا بورتالانىڭ تۆت توڭرىگى ماڭا ئاجايىپ تۇيۇلدى.1930يىلى قۇناق ئومىسى باشلىنىشتىن ئاۋۋال تاغامغا ئېتىڭىزنى بىر كۈن بىرىپ تۇرسىڭىز ، يۇقىرى تەرەپنى كۆرۈپ باقسام دېسەم ، ئىزىپ قالماسلىقىم  ئۈچۈن يەر شەكلىنى ئېيتىپ بەردى . مەن دەسلەپ جاڭزىنىڭ باش تەرپىدىكى ئېقىننىي بويلاپ قانچە جىرا ، قانچە چاتقاللاردىن ئۆتۈپ بۇ ئېقىننىڭ دەرياغا تۇتاشقان يېرىگە ئاندىن ئاتنىڭ بىشىنى كۈن پېتىشقا بۇرىدىم . ئۆزەم  مۇلچەر قىلغان يەر بىلەن مىڭىپ  يولغاچىقتىم . يولنىڭ ئۇتەرىپدە تېرەكلەر بىلەن قاپلانغان گۈجۈم مەھەلە كۆرۈندى .بارسام مۇڭغۇل مەھەلىسى ئىكەن . تېرەكنىڭ ئاستىدا بىر قازاق كىشى قوي سويىۋىتىپتۇ ، سالام بىرىپ سورىسام ، بۇ چېگمەت دېگەن مۇڭغۇل ئامبالنىڭ قورۇسى دەپ جاۋاپ بەردى. ئاتقا قاراپالا ؛ھەي بۇل ئىمىتنىڭ سار يورغاسىغوي بىلەمىن دىدى ، ئۇنىڭ ئۆيىدە چاي ئىچىپ ئېيتىقىنى بۇيىچە بازار تەرەپكە ماڭدىم . كەلگۈچە كۆرگۈنۈم پايانسىز كەتكەن چىغلىق ، ئاندا –ساندا ئېتىزلار قارا سۇدا ئۇچۇپ يۇرگەن غازلار بولدى .قايتىپ كېلىپ كۈرگەنلىرىمنى تاغامغا دېسەم، تاغام جاڭزىنىڭ يېنىدىن ئۆتىدىغان بۇ ئېقىننى مۇڭغۇللارشابىرتاي دەپ ئاتايدۇ. بۇنىڭ بىزچە مەنىسى ‹سارغۇچ سۇ›. سۇنىڭ بېشى باقى كۆك دېگەن يەرنىڭ كۈن چېقىش تەرپىدىكى دۆڭلەرنىڭ جىرالىرىدكى بۇلاقلاردىن باشلىنىدۇ. ئېقىن ئاق شوپاڭغا كەلگەندە نارىن بۇلاقتىن كېلىدىغان سۇغا قوشۇلۇپ، قازاق مەھەلىسىگە كەلگەندە ئاۋۇ ئېقىندىكى سۇغا قوشىلىدۇ. ئاق شوپاڭ تەۋەسىدە نەجمەننىڭ جاڭزىسى بار، كۆرۇنىشى ئاجايىپ، شۇيەرنىمۇ كۆرگەن بولساڭ ھەيران قالاتتىڭ دېگەنتى. شۇيىللىرى بازار ئىچىدە ياسىن ئىسىملىك بىرئادەم مانتىپەز خانا ئاچقان بولۇپ، جامائەت ئۇ ئادەمنى ياسىن بۇرۇت دەيتتى. بىركۈنى مەن،ئابلىز قارى،ھىلاخۇن، قۇربان خەلپەت،ئاق يۈسۈپ شۇ ئادەمنىڭ ئاشخانىسىغا كىردۇق.ئارلىقتا مەن ئۇكىشىدىن بازار ئىچىدىكى ئويمان،ئېقىن توغىرىسىدا سورىسام، مەن بورتالاغا 20 يېشىمدا كەلدىم. 1912-يىلى ياڭ تۇڭ دېگەن قوماندان قاسقان شەپكىلىك ئەسكەرلەرنى باشلاپ كەلگەندە شۇلار ئاشپەز بولغان ئىدىم. بازار ئىچىدىكى ئويمان يەرلەرگە قاراپ ھەيران قالغان ئىدىم. چوڭلارنىڭ ئېيىتقىنىغا قارىغاندا سەل كەم ئەللىك يىل ئاۋۋال توختىماي بىر ھەپتىدەك يامغۇر ياغقان ئىكەن. تۆت تەرەپتىن كەلگەن كەلكۈن ئېقىنلارغا پاتماي ھەممە تەرەپتە لۆمشۇپ كېتىپتۇ، يامغۇر يېغىشتىن ھەپتە ئىلگىرى ئاسماننىڭ تۆت توڭرىكىنى قارا بۇلۇت قاپلاپ، كۈن يۈزى كۆرۇنمەي قاپتىكەن، ھاۋانىڭ ئەلپازىنى كۆرگەن ئادەملەر ئەنسىزلىككە چۈشۈپتۇ، چوڭلار :

داۋامى بار...  


ئۆرلە ۋەتەن!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1098
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 9
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە9دانە
تۆھپىسى: 0
پۇلى: 9 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 0
ياخشى باھا: 9
توردا: 5(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-05
ئاخىرقى: 2012-02-07
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-12-05 18:27

رەھمەت سىزگە.