كەپسىز بالىلار
ئەتىياز كەلدى،
بالىلار چاپتى.
قولىغا ئېلىپ،
تال-چىۋىقلارنى،
ئات قىلىپ مىنىشىپ سەكرەپ.
يەنە بەزىلىرى،
دوراپ پالۋاننى.
ئوينىشىپ كەتتى،
ھايت-ھۇيت قىلىپ.
ئەتىياز كەلدى،
بالىلار كۈلدى.
خۇشاللىقىدىن،
سۆيۈنۈپ كەتتى.
كېچىلىرى بىر توپ بالىلار،
چىقىپ سىرتلارغا.
ئاڭلاپ چۆچەكنى،
ئولتۇرۇپ كەتتى.
بۇ بىر توپ بالىلار،
ئاڭلاپ چۆچەكنى.
ساناپ يۇلتۇزنى،
ئاستا يېتىپ ئۇيقۇغا كەتتى.
بورتالا شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ 7-يىللىق 7-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى: ئەقىدە
[ ھونتەرىپىدىن2011-08-05 20:56قايتا تەھرىرلەندى ]