مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىسى جاۋ پۇ يېقىندا مىكرو بىلوگىدا قېتىق بىلەن مېۋە ئۇيۇتمىسى كونا خۇرۇم ئاياغدىن ياسىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئاشكارلىدى.
يار يېلىم دۆلەت ئىشلىتىشكە ئىجازەت قىلغان يېمەكلىك خۇرچى. شۇڭا يېمەكلىك ساھەسىدە، يەنى مېۋە ئۇيۇتمىسى، مارۇژنى، قېتىق،يۇمشاق كەمپۇت، سۈت كەمپۇت، قېزا، جاڭيۇ قاتارلىقلارنى ئىشلەشتە كۆپ ئىشلىتىلىدۇ، لېكىن يىمەكلىك بىلەن دورىغا ئىشلىتىلىدىغان ياريېلىم ناھايىتى ئاز، نۇرغۇنلىرىغا سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان ياريېلىم ئىشلىتىلىدۇ.بۇلتۇر دۆلىتىمىز بويىچە ئىشلەپچىقىش ئىجازەتنامىسى ئالغان ئون نەچچە چوڭ تىپتىكى كارخانا پەقەت 50مىڭ توننا يار يېلىم ئىشلەپچىقارغان. بىر قىسىم كىچىك كارخانىلارنىڭ ياريېلىمىنى چەت ئەللەرگە ئىكىسپورت قىلىشى نەتىجىسىدە، سۈپەتلىك يار يېلىم ئاز بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلگەن.يار يېلىم ئادەتتە ھايۋاننىڭ تېرىسى، سۆڭىكىدىن ياسىلىدۇ،ئالتە تۈرلۈك پىششىقلاپ ئىشلەش تەرتىپىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، قاقلاش، قۇرۇتۇش ئارقىلىق ياريېلىمغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.لېكىن دۆلىتىمىزدىكى نۇرغۇن زاۋۇت تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ياريېلىمغا ئېرىشىش ئۈچۈن بىر قىسىم خۇرۇم قالدۇقلىرى، قىرىندىلىرى ھەمدە كونا خۇرۇملارنى يار يېلىم ئىشلەپچىقىرىدىغان خام ماتېريال قىلغان.
جوڭگۇ ياريېلىم جەمىيىتىنىڭ كېڭەش باشلىقى ۋاڭ جىڭجۇڭنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، يېمەكلىككە ئىشلىتىلىدىغان يار يېلىمنى بىر توننا ئىشلەشچىقىرىش ئۈچۈن 2000يۈەندىن 3000يۈەنگىچە ماتىريال كېتىدىكەن، لېكىن كونا خۇرۇمنى خام ماتىريال قىلغاندا، بۇنىڭغا پەقەت 100يۈەندىن 200يۈەنگىچىلا تەننەرخ كېتىدىكەن. بازارغا كىرگەندىن كېيىن، 20مىڭ يۈەندىن 30مىڭ يۈەنگىچە سېتىلىدىكەن.
نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدە يار يېلىم ئىشلەپچىقىرىدىغان قانۇنسىز زاۋۇتتىن 100دىن ئارتوقى بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى ئالغانلىرى 20گە يېقىن ئىكەن. ئىستىمالچىلار ئادەتتە يېمەكلىك خۇرۇچى ئۈچۈن راست يار يېلىم بىلەن كونا خۇرۇمدىن ياسالغان ياريېلىم ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەن، پۇرىقىنى پەرقلەندۈرۈش تەس ئىكەن. خۇرۇم ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۇۋتلار خۇرۇمغا خىمىيەلىك تەركىپ ئىشلىتىدىكەن. بۇ ئادەم سۆڭىكىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۈچرىتىپلا قالماستىن، ئېغىر بولغاندا راك كېسەللىكىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىنكەن.
مۇخبىر زىيارەت جەريانىدا ساپ قېتىق، ھەرخىل مېۋە تەملىك قېتىق ھەمدە سۈتلەرگىمۇ يار يېلىم قاتارلىق خۇرۇچلارنىڭ ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى بايقىغان.
خەنزۇچە <<شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى>>دىن ئېلىندى.
[ بۇ يازمىنىچىن~مودەن 2012-04-13 12:57قايتا تەھرىرلى ]