ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 372 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: دەججال توغرسىدا
دوستلىشىش
سالمان888
تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1021
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1021دانە
تۆھپىسى: 275
پۇلى: 1685 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 540
ياخشى باھا: 1579
توردا: 230(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-19
ئاخىرقى: 2012-11-14
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-14 10:43

دەججال توغرسىدا



ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما يەنە مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئورنىدىن تۇرۇپ: ئاللاغا تېگىشلىك دەرىجىدە ھەمدۇسانا ئېيتقاندىن كېيىن، دەججالنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى:« مەن سىلەرنى ئۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرىۋاتىمەن. ئۆز قەۋمىنى ئۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرمىغان ھېچبىر پەيغەمبەر يوقتۇر. نۇھ ئەلەيھىسسالاممۇ ئۆزىنىڭ قەۋمىنى ئۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرغان ئىدى » [بۇخارى]

ئىمران ئىبنى ھۈسەيىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان:« ئادەم ئەلەيھىسسالام يارىتىلغان كۈنىدىن قىيامەتكىچە بولغان ئارىلىقتا دەججال پىتنىسىدىنمۇ چوڭ پىتنە بولمايدۇ»[مۇسلىم]

يەنە بىر رىۋايەتتە:« دەججالدىنمۇ چوڭ بىر ھادىسە بولمايدۇ» دەپ كەلگەن» [مۇسلىم]
نەۋۋاس ئىبنى سەمئان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« دەججال قويۇق بۈدۈر چاچلىق، كۆزى پولتىيىپ چىقىپ تۇرغان بىر يىگىتتۇر، گويا ئۇنى مەن قەتەننىڭ ئوغلى ئابدۇل ئوززاغا ئوخشىتىمەن» [مۇسلىم]

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا دەججال توغرىسىدا سۆزلىگەندە:« ئاللانىڭ بىر كۆزى كور ئەمەس، ئالدامچى دەججال بولسا ئوڭ كۆزى يوق يەكچەشمە، ئۇنىڭ كۆزى بىر تال پولتىيىپ چىققان ئۈزۈمگە ئوخشايدۇ» [بۇخارى ۋە مۇسلىم]

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« بىلىڭلاركى، دەججالنىڭ ئىككى كۆزىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ‹كاپىر› دەپ يېزىلغان بولىدۇ» [بۇخارى ۋە مۇسلىم]
ئۇبەي ئىبنى كەئبى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى،  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن :« دەججالنىڭ ساق كۆزى يېشىل  كۆكتۇر»[بۇخارى تارىخدا توپلىغان سەھىھ]

ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى،  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن :« دەججالغا  بالا تۇغۇلمايدۇ (يەنى پەرزەنت كۆرەلمەيدۇ) »[ئەھمەد سەھىھ]

ئەبۇ بەكرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« مەسىھ (دەججال)نىڭ قورقۇسى مەدىنىگە كىرمەيدۇ، چۈنكى ئۇ زامانلاردا مەدىنىنىڭ يەتتە دەرۋازىسى بولۇپ، ھەربىر دەرۋازىدا ئىككىدىن پەرشتە بولىدۇ» [بۇخارى]

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« دەججالنىڭ يەر يۈزىدە مەككە ۋە مەدىنەدىن باشقا دەسسىمىگەن يېرى قالمايدۇ. چۈنكى پەرشتىلەر يول ئېغىزلىرىدا قاتار تىزىلىپ، بۇ ئىككى شەھەرنى قوغدايدۇ » [بۇخارى]

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەزرىتى ئۆمەر ۋە باشقا بىر قانچە ساھابىسى بىلەن ئىبنى سەييادنىڭ يېنىغا باردى ۋە ئۇنىڭ بەنى مەغالە قەلئەسىنىڭ يېنىدا كىچىك بالىلار بىلەن ئويناۋاتقانلىقىنىنى كۆردى. ئۇ كۈنلەردە ئىبنى سەيياد بالاغەتكە يېتىپ قالغانىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ مۈرىسىگە يەڭگىل ئۇرغانغا قەدەر ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كەلگەنلىكىنى سەزمىدى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىبنى سەييادقا: مېنىڭ ئاللانىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىمگە گۇۋاھلىق بېرەمسەن؟- دەپ سورىغانىدى. ئىبنى سەيياد پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قاراپ: سېنىڭ ساۋاتسىزلارنىڭ (يەنى ئەرەبلەرنىڭ) پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىڭگە گۇۋاھلىق بېرىمەن. سەن مېنىڭ ئاللانىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىمگە گۇۋاھلىق بېرەمسەن؟- دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى رەت قىلىپ: مەن ئاللا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان كەلتۈردۈم- دېدى. ئاندىن ئۇنىڭدىن نېمىلەرنى كۆرۈۋاتىسەن؟- دە سورىغانىدى. ئىبنى سەيياد: ماڭا راستمۇ كېلىۋاتىدۇ، يالغانمۇ كېلىۋاتىدۇ- دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇنداقتا، سەن راست- يالغاننى بىر- بىرىگە ئارىلاشتۇرۇپ قويۇۋېتىپسەن- دېدى. ئاندىن: مەن بىر نەرسە يوشۇردۇم(سۈرە دۇخاننى يوشۇرغان ئىدى) (ئۇنى تاپقىن)- دېگەنىدى. ئىبنى سەيياد: ئۇ تۈتۈن- دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئاغزىڭنى يۇم، ھەددىڭدىن ئاشما!- دېدى. بۇنى كۆرگەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئاچچىغى كېلىپ: ئى رەسۇلۇللا! رۇخسەت بەرگىن، ئۇنىڭ كاللىسىنى چېپىپ تاشلاي- دېگەنىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ياق، ئەگەر ئۇ (دەججال) بولسا، ئۇنىڭغا كۈچۈڭ يەتمەيدۇ. ئەگەر دەججال بولمىسا، ئۇنى ئۆلتۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق- دېدى. ئىبنى ئۆمەر يەنە مۇنداق دەيدۇ: ئۇنىڭدىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇبەي ئىبنى كەئب ئىككىسى ئىبنى سەيياد تۇرىدىغان خورمىزارلىققا باردى. ئۇلار ئىبنى سەييادقا كۆرۈنمەسلىك ئۈچۈن خورما شاخلىرىنىڭ دالدىسىغا ئۆتۈپ، يوشۇرۇنۇشقا تىرشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىبنى سەييادنىڭ مەخمەل كۆرپە ئۈستىدە يېتىپ، بىر نەرسىلەرنى غۇدۇڭشىۋاتقىنىنى كۆردى. دەل شۇ پەيىتتە، ئىبنى سەييادنىڭ ئانىسى خورما شاخلىرىنىڭ ئارقىسىدا يوشۇرۇنۇپ تۇرغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كۆرۈپ قالدى-دە، ئىبنى سەييادقا (ئۇنىڭ ئىسمى ساف ئىدى): ئى ساف! مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاۋۇ يەردە تۇرىدۇ- دېدى. بۇنى ئاڭلىغان ئىبنى سەيياد ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپ كەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئەگەر (ئانىسى) ئۇنى ئۆز ھالىغا قويغان بولسا، (ئۇنىڭ ماھىيىتى) ئاشكارا بولاتتى- دېدى» [بۇخارى]

ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ئەبۇ بەكرى ۋە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمالار مەدىنە كوچىلىرىنىڭ بىرىدە كېتىۋېتىپ، ئۇنىڭغا (يەنى ئىبنى سەييادقا) يولۇقتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن:  نېمە كۆرۈۋاتىسەن؟- دەپ سورىدى. ئۇ: سۇ ئۈستىدە تەخت كۆرۈۋاتىمەن- دېگەنىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: سەن شەيتاننىڭ دېڭىزدىكى تەختىنى كۆرۈپسەن- دېدى» [مۇسلىم]
ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىبنى سەيياددىن: جەننەتنىڭ توپىسى نېمە؟- دەپ سورىدى. ئىبنى سەيياد ئى ئەبۇلقاسىم! ئۇنىڭ رەڭگى ئۇندەك ئاپئاق، پۇرىقى مىسكتۇر- دېگەنىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: توغرا ئېيتتىڭ- دېدى» [مۇسلىم]

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، مەن ئىبنى سەييادقا ئۇچراشقانداق ئۇنىڭ بىر كۆزىنىڭ تىرىسى بىر يانغا قېچىپ، ئىشىپ كېتىپتىكەن. مەن ئۇنىڭغا: مەن كۆرىۋاتقان كۆزۈڭدىكى بۇ ھادىس قاچان يۈز بەردى؟ دېسەم، ئۇ ماڭا: بىلمەيمەن دېدى. مەن: كۆزۈڭ سېنىڭ ئۈزۈڭنىڭ بېشىدا تۇرسىمۇ بىلمەمسەن؟ دېسەم. ئۇ: ئەگەر ئاللا خالىسا، بۇ كۆزنى سېنىڭ ھاساڭغىمۇ يارىتىۋىرىدۇ دېدى. ئاندىن خۇددى ئىشەك ھاڭرىغاندەك، قاتتىق ئاۋاز قېلىپ ئاچچىقلاپ كەتتى»[مۇسلىم]

ئەبۇ سەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ، ھەج ۋە ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن يولغا چىقتۇق. ئىبنى سەييادمۇ بىز بىلەن بىللە ئىدى. بىر جايدا توختىدۇق. ئىنسانلار تارقالدى، ئىبنى سەيياد ئىككىمىز يالغۇز قالدۇق. ئۇنىڭ ئۈستىدىن تارقالغان گەپلەر تۈپەيلىدىن ئۇنىڭدىن بەكمۇ چۆچۈپ تۇراتتىم، ئۇ يۈك تاقلىرىنى ئېلىپ، مېنىڭ يۈك- تاقلىرىمنىڭ يېنىغا قويدى. مەن: ھاۋا بەك ئىسسىق، نەرسىلەرنى ئاۋۇ دەرەخنىڭ ئاستىغا قويغان بولساڭ- دېگەنىدىم. ئۇ ماقۇل بولۇپ دەرەخنىڭ ئاستىغا قويدى. دەل شۇ پەيتتە، نېرىدا بىر قوي كۆرۈندى، ئۇ بېرىپ، ئۇنىڭ سۈتىدىن ئېلىپ كەلدى ۋە ماڭا: ئى ئەبۇ سەئىد ئىچكىن!- دېدى. ئۇنىڭ قولىدىن ئىچىشنى خالىمىغانلىقىم ئۈچۈن: ھاۋا بەك ئىسسىق، سۇتمۇ ئىسسىق، كۆڭلۈم تارتمايۋاتىدۇ. ئىچكۈم يوق- دېگەنىدىم، ئۇ: ئىنسانلارنىڭ مېنىڭ ئۈستۈمدىن تارقاتقان سۆز- چۆچەكلىرى سەۋەبىدىن ئۆزەمنى ئارغامچا بىلەن دەرەخكە ئېسىپ، ئۆلۈۋالغىم كېلىدۇ. ئۇ ئەبۇ سەئىد! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىس باشقىلارغا مەخپىي قالغان بولسىمۇ، سىلەر ئەنسار جامائىتىگە مەخپىي قالغان ئەمەس. سەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسنى ھەممىدىن ياخشى بىلىدىغانلاردىن بىرىسىسەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« ئۇ (دەججال) كاپىر» دېمىدىمۇ؟ ھالبۇكى، مەن مۇسۇلمانمەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« ئۇ (دەججال) تۇغماس (يەنى پەرزەنت كۆرەلمەيدۇ)» دېمىدىمۇ؟ ھالبۇكى، مەن بالامنى مەدىنىگە قويۇپ كەلدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« ئۇ (دەججال) مەككە بىلەن مەدىنىگە كىرەلمەيدۇ» دېمىدىمۇ؟ ھالبۇكى، مەن مەدىنەدىن كېلىۋاتىمەن ۋە مەككىگە قاراپ كېتىۋاتىمەن- دېدى.
ئەبۇ سەئىد مۇنداق دەيدۇ: ھەتتا مەن ئۇنى ئەيىبسىز دەپ قاراپ، ئۆزرە ئېيتىشقا تاس قالدىم. شۇ ئارىدا ئۇ:« ئاللانىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، مەن دەججالنىڭ نەدە تۇغۇلغانلىقىنى ۋە ھازىر قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلىمەن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇنىڭغا:« قوپۇپ كەت!» دېدىم [مۇسلىم]

باشقا بىر رىۋايەتتە مۇنداق دېيىلگەن: ئىبنى سەييادتىن: سېنىڭ دەججال بولۇپ قېلىشىڭ خۇشال قىلامدۇ؟- دەپ سورالغانىدى، ئۇ: ماڭا:« سەن دەججال بولغىن» دېيىلسە «ياق» دېمەيمەن- دېدى [مۇسلىم]

مۇھەممەد ئىبنى مۇنكەدىر رەھىمەھۇللا مۇنداق دەيدۇ: جابىر ئىبنى ئابدۇللانىڭ ئىبنى سەييادنىڭ دەججال ئىكەنلىكىگە قەسەم ئىچكىنىنى كۆردۈم- دە: قەسەم ئىچىۋاتامسەن؟- دەپ سورىغانىدىم، ئۇ: مەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۈزۈرىدا (بۇ ھەقتە) قەسەم ئىچكىنىنى ئاڭلىغانىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنىڭغا ھېچقانداق ئېتىراز بىلدۈرمىگەنىدى- دېدى» [بۇخارى]

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ئىبنى سەيياد ھەررە ئۇرۇشىدا يوقاپ كەتتى» [ئەبۇ داۋۇد سەھىھ]

فاتىمە بىنتى قەيس رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ جاكارچىسىنىڭ:« ئى جامائەت نامازغا كېلىڭلار!» دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلاپ، مەسجىدكە بېرىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ناماز ئوقۇدۇم. ئەرلەرنىڭ ئارقىسىدا سەپ تۇتۇپ تۇرغان ئاياللارنىڭ قاتارىدا ئىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامىزىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، كۈلۈمسىىرىگەن ھالدا مۇنبەردە ئولتۇرۇپ: ھېچكىم (ناماز ئوقۇغان) يېرىدىن قىمىرلىمىسۇن!- دېدى. ئاندىن: سىلەرنى نېمە ئۈچۈن يىغقىنىمنى بىلەمسىلەر؟- دەپ سورىدى. جامائەت: ئاللا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىلگۈچىدۇر- دېيشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئاللانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن سىلەرنى بىر ئىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ياكى ئۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن چاقىرمىدىم. بەلكى شۇنىڭ ئۈچۈن چاقىردىمكى، تەمىم دارى بىر ناسارا ئىدى. ئۇ كېلىپ، ماڭا بەيئەت قىلىپ مۇسۇلمان بولدى. ئۇ ماڭا مېنىڭ سىلەرگە دەججال ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەنلىرىمگە ئوخشاپ كېتىدىغان مۇنداق بىر ۋەقەنى سۆزلەپ بەردى: مەن لەخم ۋە جۇزام قەبىلىسىدىن 30 كىشى بىلەن بىرلىكتە كېمىگە چىقتىم، كېمىدە بىر ئاي دېڭىز دولقۇنلىرى بىلەن ئېلىشتۇق. دولقۇنلار بىزنى كۈن پېتىش تەرەپتىكى بىر ئارالغا ئېلىپ باردى. كېيىن كىچىك قېيىقلارغا ئولتۇرۇپ، ئارالغا كىردۇق. ئالدىمىزغا ئاجايىب تۈكلۈك بىر مەخلۇق ئۇچرىدى. ئۇنىڭ تۈكى شۇنداق كۆپ ئىكەنكى، ئارقا تەرىپىدىن قارىسا، ئالدى تەرىپى كۆرۈنمەيدىكەن. ئۇنىڭدىن: سەن كىم؟- دەپ سورىغانىدۇق. ئۇ: مەن جەسساسە- دېدى. بىز: جەسساسە دېگەن نېمە؟- دەپ سورىدۇق. ئۇ: ئى جامائەت! چېركاۋدىكى پالانى ئادەمنىڭ يېنىغا بېرىڭلار، ئۇ سىلەرنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتىدۇ- دېدى. ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ قورقتۇق ۋە ئۇنىڭ شەيتان بولۇپ قېلىشىدىن گۇمانلاندۇق. دەرھال چېركاۋغا بېرىپ، قامىتى بەكمۇ يوغان بىر ئادەمنى كۆردۇق. ھاياتىمىزدا بۇنداق قامەتلىك ئادەمنى كۆرۈپ باقمىغانىدۇق. ئۇنىڭ قوللىرى بوينىغا چىڭ باغلانغان بولۇپ، تىزىنىڭ تۆۋىنىگە ئىشكەل سېلىنغانىدى. ئۇنىڭغا: ۋاي بىچارە! بۇ نېمە ئەھۋال؟- دەپ سورىدۇق. ئۇ: سىلەر مېنىڭ ھالىمدىن خەۋەر تاپتىڭلار، ئەمدى ئۆزەڭلارنى تونۇشتۇرۇڭلار!- دېدى. بىز: بىز ئەرەبلەردىن بىر جامائەتمىز، كېمىگە چىقىپ دېڭىزغا يول ئالدۇق. دېڭىز دولقۇنلىرى بىز بىلەن بىر ئاي ئېلىشتى، ئاخىرى دولقۇنلار بىزنى بۇ ئارالغا ئېلىپ كەلدى. قېيىقلارغا ئولتۇرۇپ ئارالغا كىرىپ كەلدۇق. ئاندىن پۈتۈن بەدىنىدىكى تۈكنىڭ كۆپلۈكىدىن ئالدى بىلەن ئارقىسىنى پەرق ئەتكىلى بولمايتتى. ئۇنىڭ كىملىكىنى سورىغانىدۇق، ئۇ ئۆزىنىڭ جەسساسە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. بىز جەسساسەنىڭ نېمىلىكىنى سورىغانىدۇق. ئۇ بىزنىڭ مۇشۇ چېركاۋغا كېلىشىمىزنى، بۇ يەردە بىزنى كۈتۈۋاتقان ۋە خەۋرىمىزگە مۇشتاق بولۇۋاتقان بىرىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ سۆزىگە ئاساسەن بۇ يەرگە كەلدۇق ۋە سېنى كۆردۇق. ئۇنىڭ شەيتان ئىكەنلىكىدىن گۇمانلاندۇق- دېدۇق. ئۇ ماڭا بەيسان خورمىلىقىدىن خەۋەر بېرىڭلار؟- دېدى. بىز: نېمە ئۈچۈن سوراپ قالدىڭ؟- دېۋىدۇق. ئۇ: ئۇنىڭ خورمىسىنى سورىماقچىمەن، ئۇ خورما دەرەخلىرى ھازىرمۇ مېۋە بېرىۋاتامدۇ؟- دەپ سورىدى. بىز: ھەئە- دېدۇق. ئۇ: ئەمما ئۇنىڭ خورما بەرمەسلىكىگە ئاز قالدى. ئەمدى تەبەرىيە كۆلى ھەققىدە خەۋەر بېرىڭلار!- دېدى. بىز: ئۇنىڭ نېمىسىنى سورايسەن؟- دېگەنىدۇق. ئۇ: ئۇنىڭدا سۇ بارمۇ؟- دەپ سورىدى. بىز: سۈيى كۆپ- دېدۇق. ئۇ: ئەمما ئۇنىڭ سۈيىنىڭ تۈگىشىگە ئاز قالدى. ئەمدى زۇغەر بۇلىقى ھەققىدە خەۋەر بېرىڭلار!- دېدى. ئۇنىڭدىن: ئۇنىڭ نېمىسىنى سورايسەن؟- دەپ سورىغانىدۇق، ئۇ: ئۇ بۇلاقتا ھازىرمۇ سۇ بارمۇ؟ ئادەملەر ئۇنىڭ سۈيى بىلەن ئېتىزلىرىنى سۇغۇرىۋاتامدۇ؟- دەپ سورىدى. بىز: ھەئە، ئۇنىڭ سۈيى كۆپ، ئۇنىڭ سۈيىدىن ئادەملەر ئېتىزلىرىنى سۇغىرىۋاتىدۇ- دېدۇق. ئۇ: ئەمدى ساۋاتسىز پەيغەمبەرنىڭ نېمە ئىش قىلغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بېرىڭلار!- دېدى. بىز: ئۇ مەككىدىن چىقىپ، مەدىنەگە كەلدى- دېدۇق. ئۇ: ئەرەبلەر ئۇنىڭغا قارشى ئۇرۇشتىمۇ؟- دەپ سورىدى. بىر: ھەئە،- دېدۇق. ئۇ: ئۇلارنى نېمە قىلدى؟- دەپ سورىدى. بىز: ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدى ۋە ئۇلار ئۇنىڭغا بويسۇندى- دېدۇق. ئۇ: ھەقىقەتەن شۇنداق بولدىمۇ؟- دەپ سورىدى. بىز: ھەئە، دېدۇق. ئۇ: ئۇلارنىڭ ئۇنىڭغا بويسۇنىشى بەكمۇ ياخشىدۇر، مەن سىلەرگە ئۆزەمنى تونۇشتۇراي. مەن دەججال بولىمەن. يەر يۈزىگە چىقىشىم ئۈچۈن رۇخسەت بېرىلىدىغانغا ئاز ۋاقىت قالدى. مەن مەككە بىلەن مەدىنىدىن باشقا ھەممە يەرنى كېزىپ، يەز يۈزىدە 40 كېچە تۇرىمەن. مېنىڭ مەككە بىلەن مەدىنىگە كىرىشىم ھارام قىلىنغان. چۈنكى ئۇلارنىڭ قايسىبىرىگە كىرىشنى خالىسام، قولىدا قېلىچ تۇتقان بىر پەرشتە مېنى ئۇ يەردىن يىراقلاشتۇرىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ھەر بىر ئىشكىنى قوغداشقا مەسئول پەرشتىلەر بار- دېدى. بۇ ۋەقەنى ئاڭلاتقاندىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھاسىسىسىنى مۇنبەرگە ئۇرۇپ تۇرۇپ: بۇ تەيبە، بۇ تەيبە، بۇ تەيبە (يەنى مەدىنە) بۇنى سىلەرگە ئاڭلاتمىغانىدىم؟- دېدى. جامائەت بىردەك: ئاڭلاتقانىدىڭ- دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: تەمىمنىڭ ئېيتقانلىرى مېنى ھەيران قالدۇردى. چۈنكى ئۇنىڭ ئېيتقانلىرى مېنىڭ سىلەرگە مەككە بىلەن مەدىنە ھەققىدە ئېيتقان سۆزلىرىمگە بەكمۇ ئوخشايدۇ. ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئۇ شام ياكى يەمەن دېڭىزىدا، ياق، شەرق تەرەپتە، شۇنداق، ئۇ شەرق تەرەپتىن ئاشكارا بولىدۇ. شەرق تەرەپتىن ئاشكارا بولىدۇ- دېدى ۋە قولى بىلەن شەرق تەرەپنى كۆرسەتتى. فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن مۇشۇنداق ئاڭلاپ ياد ئېلىۋالغانىدىم- دېگەن» [مۇسلىم]

نافىئـ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مەدىنە كوچىلىرىدىن بىرىدە ئىبنى سەيياد بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى ۋە ئۇنىڭ ئاچچىغى كېلىدىغان بىر سۆز قىلدى. ئىبنى سەيياد ۋارقىراپ- جارقىراپ كوچىنى بېشىغا كىيدى. كېيىن ئىبنى ئۆمەر ھەفسەنىڭ يېنىغا كىردى. ھەفسە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بولغان ۋەقەدىن خەۋەر تاپقان ئىدى. شۇڭا ئىبنى ئۆمەرگە:« ئاللا ساڭا رەھمەت قىلسۇن! ئىبنى سەيياد بىلەن نېمە ئىشڭ بار ئىدى؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ:« ئۇ (دەججال) ئاچچىغى كەلتۈرۈلگەن چاغدا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ» دېگەنلىكىنى ئاڭلىمىغانمىدىڭ؟- دېدى» [مۇسلىم]

راشىد ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ئىستەخرۇ ئازاد قىلىنغاندا، بىر جاكارچى: ئاگاھ بولۇڭلار! دەججال چىقتى- دېدى. سەئب ئىبنى جەسسامە ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ مۇنداق دېدى: بۇ سۆزنى سىلەر ئېيتمىغان بولساڭلار، مەن ئېيتاتتىم. چۈنكى مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ:« دەججال ئادەملەر ئۇنىڭ گېپىنى قىلمايدىغان، ئىماملارمۇ مۇنبەرلەردە ئۇ تۇغرۇلۇق سۆزلىمەيدىغان بولۇپ كەتكەندە چىقىدۇ» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم» [ئەھمەد]

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دەيدۇ، بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتۇق. ئۇ پىتنە ھەققىدە ناھايىتى كۆپ توختالدى. ھەتتا ئەھلاس پىتنىسىنىمۇ تىلغا ئالدى. ئارىمىزدىن بىرەيلەن: ئى رەسۇلۇللا! ئەھلاس پىتنىسى دېگەن نېمە؟- دەپ سورالغانىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇ، بىر- بىرىدىن قېچىش ۋە ئىچكى ئۇرۇش پىتنىسى- دېدى. ئاندىن باياشات تۇرمۇشنىڭ پىتنىسىدىن سۆز قىلىپ: بۇ پىتنىنىڭ سەۋەبچىسى ئەھلى بەيتىمدىن بىر كىشى بولىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ مېنىڭ ئەھلىمدىن ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىدۇ. ئەمما ئۇ مەندىن ئەمەس. مېنىڭ ھەقىقىي دوستلىرىم تەقۋادارلاردۇر. كېيىن ئادەملەر ئۆز ئالدىغا ئىش قىلالمايدىغان، قورچاق بىرىنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشىدۇ. ئاندىن زۇلمەتلىك بىر پىتنە چىقىدۇ. بۇ پىتنىگە دۇچار بولمايدىغان بىرمۇ ئىنسان قالمايدۇ. بۇ پىتنە ئەمدى تۈگەيدىغۇ دەپ تۇرسا، تېخىمۇ ئەۋج ئالىدۇ. ئىنسانلار ئۇ پىتنە ئىچىدە مۆئمىن بولۇپ تاڭ ئاتقۇزۇپ، كاپىر بولۇپ كەچ قىلىدۇ. ئاخىرىدا ئىنسانلار ئىككى گۇرۇھقا ئايرىلىدۇ. ئۇنىڭ بىرى ئىمان گۇرۇھى بولۇپ، ئۇنىڭدا نىپاق بولمايدۇ. يەنە بىرى، نىپاق گۇرۇھى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىمان بولمايدۇ. ئۇ زامان كەلگەندە، شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە ياكى ئەتىسى دەججالنى كۈتۈڭلار!- دېدى» [ئەبۇ داۋۇد ۋە ئەھمەد ۋە ھاكىم سەھىھ]

مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« بەيتۇل مۇقەددەس ئاۋاتلىشىپ، يەسرىب (مەدىنە) خارابلىشىپ كېتىدۇ. يەسرىبنىڭ خارابلىشىپ كېتىشى، كاتتا ئۇرۇشنىڭ چىقىشى دېمەكتۇر. كاتتا ئۇرۇشنىڭ چىقىشى، قۇنستانتىنپول (ھازىرقى ئىستانبۇل)نىڭ ئازاد قىلىنىشى دېمەكتۈر. قۇنستانتىنپولنىڭ ئازاد قىلىنىشى، دەججالنىڭ چىقىشى دېمەكتۇر» ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۆزىنى ئاڭلاپ ئولتۇرغان كىشىنىڭ يوتىسىغا (ياكى دولىسىغا) قولى بىلەن ئۇرۇپ قويۇپ مۇنداق دېدى:« بۇ سېنىڭ (مۇئاز ئىبنى جەبەل نەزەردە تۇتۇلماقتا) بۇ يەردە ئولتۇرغىنىڭلاردەكلا ھەقىقەتتۇر» [ئەبۇ داۋۇد ۋە ئەھمەد سەھىھ]

مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« كاتتا ئۇرۇشنىڭ چىقىشى، قۇنستانتىپول(يەنى ئىستانبۇل)نىڭ ئازاد قىلىنىشى ۋە دەججالنىڭ چىقىشى يەتتە ئاي ئچىدە يۈز بېرىدۇ» [ئەبۇ داۋۇد ھەسەن]

ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« دەججال مەشرىقتىن:« خوراسان» دەپ ئاتالغان جايدىن چىقىدۇ. ئۇنىڭغا يۈزلىرى تېرىدىن قىلىنغان قالقانغا ئوخشايدىغان بىر قەۋم ئەگىشىدۇ» [تىرمىزى ۋە ئەھمەد ۋە ئىبنى ماجە سەھىھ]

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« دەججالغا ئىسپاھان يەھۇدىيلىرىدىن يېشىل كىيىم كىيگەن 70 مىڭ كىشى ئەگىشىدۇ» [مۇسلىم]
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« مەسىھ (دەججال) شەرق تەرەپتىن چىقىپ، مەدىنىگە كىرمەكچى بولىدۇ ۋە ئوھۇد تېغىنىڭ ئارقىسىغا چۈشىدۇ. پەرشتىلەر ئۇنىڭ يۈزىنى شام تەرەپكە بۇرايدۇ » [مۇسلىم]

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« دەججالنىڭ يەر يۈزىدە مەككە ۋە مەدىنەدىن باشقا دەسسىمىگەن يېرى قالمايدۇ. چۈنكى پەرشتىلەر يول ئېغىزلىرىدا قاتار تىزىلىپ، بۇ ئىككى شەھەرنى قوغدايدۇ. ئاندىن مەدىنە ئۆز خەلقى بىلەن ئۈچ قېتىم تەۋرەپ كېتىدۇ. نەتىجىدە ئاللا بارلىق كاپىر ۋە مۇناپىقنى سىرتقا (دەججالنىڭ ئارقىسىغا) چىقىرۋېتىدۇ» [بۇخارى]
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  مۇنداق دېگەن:« دەججال جۇرۇف شورلۇقىغا كېلىپ، چېدىر ئۆيلەرنى قۇرىدۇ. ئاندىن بارلىق مۇناپىق ئەر- ئايال ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىدۇ» [مۇسلىم]

ئىمام ئەھمەد:« دەججالنىڭ ئالدىغا چىقىدىغانلارنىڭ كۆپرەكى ئاياللاردۇر» دېگەن ئىبارىنى قوشۇپ رىۋايەت قىلغان» [ئەھمەد]

جابىر ئىبنى ئابدۇللا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« ئى مەدىنە خەلقى! قۇتۇلۇش كۈنىنى ياد ئېتىڭلار!- دېدى ۋە بۇ سۆزنى ئۈچ قېتىم تەكرارلىدى. ئۇلار: ئى رەسۇلۇللا! قۇتۇلۇش كۈنى دېگەن نېمە؟- دەپ سورىۋېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« دەججال زۇباب تېغىغا كېلىپ چۈشىدۇ. مەدىنىنىڭ بارلىق ئەر ئايال كاپىر، مۇشرىك ۋە مۇناپىقلىرى ئۇنىڭ (چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ مەدىنىدىن) قېشىغا چىقىدۇ. شۇندىلا مۆئمىنلەر ئۇلاردىن قوتۇلىدۇ، ئەنە شۇ كۈن قۇتۇلۇش كۈنىدۇر- دېدى» [ئەلئەۋسەت]

ئۇممۇ شەرىك رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« ئىنسانلار دەججالدىن( يەنى پىتنىسىدىن قورقۇپ نەپرەتلىنىپ) تاغقا قاچىدۇ- دېدى. مەن: ئى رەسۇلۇللا! ئۇ چاغدا، ئەرەبلەر قەيەردە بولىدۇ؟- دەپ سورىغانىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇ چاغدا، ئۇلار بەك ئاز قالىدۇ- دېدى» [مۇسلىم]
ھۈزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« دەججال ئاشكارا بولۇپ چىققاندا، سۇ بىلەن ئوت ئېلىپ چىقىدۇ. كىشىلەر ئوت دەرياسى دەپ قارىغىنى، ئەمەلىيەتتە سالقىن دەريا سۈيىدۇر. كىشىلەرنىڭ سالقىن دەريا سۈيى دەپ قارىغىنى، ئەمەلىيەتتە كۆيدۈرۈپ تاشلايدىغان ئوت دېڭىزى. سىلەردىن كىمكى ئۇنى رەت قىلسا، شۇ كىشى ئۆزى كۆرگەن ئوت دەرياسىغا تاشلىنىدۇ. ئەمما، ئۇ ئەمەلىيەتتە شېرىن سوغۇق سۇدۇر» [بۇخارى ۋە مۇسلىم]

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« مەن سىلەرگە ھەر بىر پەيغەمبەر ئۆز قەۋمىنى ئاگاھلاندۇرغان ئالدامچى دەججالنىڭ ئەھۋالىنى سۆزلەپ بەرمەيمۇ؟ دەججال يەكچەشمىدۇر. ئۇ جەننەت بىلەن دوزاخنىڭ سۈرىتىنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇ ئېيتقان جەننەت دەل دوزاخنىڭ ئۆزىدۇر. مەن خۇددى نۇھ ئۆز قەۋمىنى ئاگاھلاندۇرغاندەك سىلەرنى شۇ گۇمراھلىقتىن ئاگاھلاندۇرىمەن» [بۇخارى ۋە مۇسلىم]

مۇغىرە ئىبنى شۇئبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: دەججال توغرسىدا ھېچكىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن مەن سورىغاندەك سوراپ باقمىغان. رەسۇلۇللا مۇنداق دېگەن:« سەن ئەجەپمۇ زېرىكمەي سوراۋەردىڭ؟ ئۇنىڭ (دەججالنىڭ) ساڭا قانداق زىيىنى بار؟» مەن: كىشىلەرنىڭ ھەممىسى دەججال بىر دۆۋە نان ۋە سۇ دەرياسىغا ئىگە ئىكەن، دەيدۇ، دېدىم. رەسۇلۇللا مۇنداق دېدى:« بۇ ئاللاغا نىسبەتەن تېخى ھېچقانداق گەپ ئەمەس»[بۇخارى ۋە مۇسلىم]

ئىمران ئىبنى ھۇسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« دەججالنىڭ چىققانلىقىنى ئاڭلىغانلار ئۇنىڭدىن يىراق تۇرسۇن! ئاللا بىلەن قەسەمكى، كىشى ئۆزىنى مۆئمىن ھېسابلاپ، ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىدۇ، كېيىن ئۇنىڭ ئېيتقان شۈبھىلىك سۆزلىرى تۈپەيلىدىن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كېتىدۇ» [ئەبۇ داۋۇد ۋە ئەھمەد ۋە ھاكىم سەھىھ ھەدىسلەر]

مەنبە: مۇسلىم مەرىپەت مۇنبىرى

پايدىلانغان كىتابلار: بۇخارى، مۇسلىم، سەھىھ ھەدىسلەر،9 ھەدىس كىتاب، مىشكات، ياخشىلار باشچىسى
تېما تەستىقلىغۇچى : bozqir
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-04-15, 01:11
خەلقېم مەن بىلەن
دوستلىشىش
ھىدايەت
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 184
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 268
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە268دانە
تۆھپىسى: 25
پۇلى: 320 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 50
ياخشى باھا: 320
توردا: 66(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-12
ئاخىرقى: 2012-11-16
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-16 00:44

ئاللاى ساقلىسۇن دەججالنىڭ پىتنىسىدىن
سىنىڭ ئىرادەڭ بۇيىچە بولسۇن !
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 995
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە995دانە
تۆھپىسى: 136
پۇلى: 1271 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 279
ياخشى باھا: 1271
توردا: 123(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2012-11-04
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-17 09:59

پەيخەمبىرىمىزنىڭ ھەقىقەتەن يىراقنى كۈرۈە زات ، ھازىرقى ئەھۋالدىن ئىلىپ ئېيتقاندىمۇ «ئەرەب باھارى » مەككە بىلەن ،مەدىنىدىن باشقا جايلاردا داۋاملىشىۋاتىدۇ ...

يەنە بىر مەسىلىگە يىتەلمىدىم : نېمە ئۈچۈن پەيغىمبىرىمىز ئۇنىڭ «دەججالنىڭ» مەككە بىلەن مەدىنىگە كىرەلمەيدىغانلىقىنى ئىنىق بىلىپ تۇرۇپ ھىلىقى يىگىتتىن«ئىبنى سەييادتىن» گۇمان قىلىدۇ ؟ بىلىدىغانلار بولسا چۈشەندۈرۈپ قويساڭلار؟
دوستلىشىش
سالمان888
تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1021
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1021دانە
تۆھپىسى: 275
پۇلى: 1685 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 540
ياخشى باھا: 1579
توردا: 230(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-19
ئاخىرقى: 2012-11-14
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-17 10:28

دەججالنىڭ مەككە بىلەن مەدىنىگە كىرەلمەسلىكى ئۇ ھەقىقى دەججال بۇلۇپ ئوتتۇرغا چىققان ۋاقىتتىكى ئەھۋال. ئۇنىڭ ئۇۋاقىتلىرى بۇ ئىشلار دىن بۇرۇنقى مەزگىللىرى بولغاچقا مەككە بىلەن مەدىنىگە يۇرەلىگەن.
خەلقېم مەن بىلەن
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2426
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2426دانە
تۆھپىسى: 142
پۇلى: 2823 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 285
ياخشى باھا: 2742
توردا: 440(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-11-16
4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-17 10:40

  ئاللاھ ھەمىمىزنى دەججالنىڭ پىتنىسىدىن ساقلىسۇن...!!!
ئىپپەت -ئانىلىقنىڭ چېچەك پەسلى .
دەرىجە: تۆھپىكار ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1162
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1113
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1113دانە
تۆھپىسى: 108
پۇلى: 1384 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 216
ياخشى باھا: 1334
توردا: 225(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-30
ئاخىرقى: 2012-11-16
5- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-17 10:52

شەيتانلاردىن پاناھ تىلەيمەن.