ئابروي ئالتۇندىن قىممەت.
ئاتا-ئانىنىڭ ھەقققىنى تونۇش خۇدانىڭ پەرمانى.
ئاتاڭنىڭ مىراسىنى ئالاي دىسەك، ئۇنىڭ سۆزىگە ئەمەل قىل.
ئادالەت- مەشئەل.
ئادالەتسىز شاخنىڭ دەۋرى قىسقا.
ئادالەت ئالدامچىنىڭ كۆزىنى ئۇيار.
ئادىل بولغان ئۇزاق ياشار.
ئادەم بولاي دىسەڭ بازارغىمۇ بار، مازارغىمۇ بار.
ئادەمنىڭ تۇغۇلىشى مۆجىزە، ياشىشى ھىكمەت، ۋاپاتى ئىبرەت.
ئازغا قانائەت قىلساڭ ئۆمرۈڭ ئۇزۇن بولۇر.
ئاق تاماكا چەككەنلەر، دوۋزاق ئىشىكىنى چەككەنلەر.
ئالىم زالىم بىلەن چىقىشالماس، ھاراقكەش قارىم بىلەن.
ئامانەتكە خىيانەت قىلغاننىڭ ئىمانى بولماس.
ئانا رازى، خۇدا رازى، مۇھەممەت مۇستافا رازى.
ئانىسىنى تونىمىغان، ئاللاھنى تونىماس.
ئايەتتە شەك يوق.
ئەل قارغىشى مىنەل ھەق.
بىچارىنىڭ بېشىنى سىلىساڭ ، چىققان دۆڭىڭىڭ ئىگىز بولغاي.
تىكەندىن گۈل، ھەرىدىن ھەسەل ياراتقان خۇدايىم.
خۇدا ئۇرغاننى يۆلىگىلى بولماس.
خۇراپات ھۆكۈم سۈرگەن يەردە، ھاياتنىڭ قىممىتى بولماس.
خۇراپاتلىق تەڭرىگە تۆھمەت، بەندىگە زۇلمەت.
دورىسى تىۋىپتىن، شىپالىقى ئاللاھتىن.
سەدىقىنى ئوڭ قولدا بەر، سول قول سەزمىسۇن.
قەلبىڭدە ئېتىقاد بولسا، بالىلىرىڭ پاك بولۇپ يىتىلەر.
كۆپ يىگەن ئادەم ئىبادەتنىڭ لەززىتىنى تاپالماس.
مىڭ تىللا پارا بەرگەندىن، بىر تىللا سەدىقە قىل.
ئىككى پۇت بىلەن ئىككى كالپۇك ئارىسىدىكى ئەزالىرىڭدىن ھەزەر ئەيلە ۋە پاك تۇت.
ئىمانسىز-رەھىمسىز، بىلىمسىز، قىلىقسىز.
ئىمانىڭ بولمىسا ئىناۋىتىڭ بولماس.
ئاخىرەت ئۈچۈن مەسچىت سال، بۇ دۇنيالىق ئۈچۈن مەكتەپ سال.
ئەتىلا ئۆلىدىغاندەك ئىبادەت قىل، مىڭ ياشايدىغاندەك ئوقەت قىل.
ئەجىر قىل، دەرياغا سال، بېلىق كىلۇر،
بېلىق بىلىمىسە ئاللاھ بىلۇر.
شۇكرى ئىچىڭدە دە يىمىگەنلەر يىسە،
تەۋبىنى ئۈنلۈك دىگىن، دىمىگەنلەر دىسۇن.
خۇدابەرگەن ئىناۋەت قىيامەتىكىچە ، خەلق بەرگەن ئىناۋەت ئەجەل يەتكىچە.
زاكاتسىز پۇلىنى، يىرتقۇچ يەپتۇ مېلىنى.
مەرد سېخنىڭ مېلىنى، ئاللاھ ساقلار جېنىنى.
زەرگەر قىلغان زەنجىرنى ئۈزۈپ بولماس. ئاللاھ پۇتكەن تەقدىرنى بۇزۇپ بولماس.
ئىلاھا قورقىمەن ئۈچ نەرسىدىن: بىرى نەستىن، بىرى مەستىن، بىرى مۆرىمەستىن.
ئىنساپ بار يەردە، ئىمان بار، ئىمان بار يەردە بەرىكەت بار. جۇڭگو مۇسۇلمانىلىرى 2012 -يىل 1-سان