ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 421 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ماركىسنىڭ ساقىلى ۋە مەھمۇد قەشقىرىنىڭ سەللىسى(فىلىيەتۇن)
دوستلىشىش
تاقەت315
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1403
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 51
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە51دانە
تۆھپىسى: 22
پۇلى: 97 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 44
ياخشى باھا: 97
توردا: 2(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-22
ئاخىرقى: 2012-05-05
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-21 00:14

ماركىسنىڭ ساقىلى ۋە مەھمۇد قەشقىرىنىڭ سەللىسى(فىلىيەتۇن)

ماركىسنىڭ ساقىلى ۋە مەھمۇد قەشقىرىنىڭ سەللىسى(فىلىيەتۇن)
 
 پاھ ، پاھ ...ھازىرقى دۇنيا نىمە دېگەن رەڭدار ، ئېغىزلار نىمە دېگەن يۈگۈرۈك ! ياشىساڭ مۇشۇنداق زاماندا ياشا ، بولىدىغان - بولمايدىغان ھەر قانداق ئىشنى كۆرەلەيسەن ، ئاڭلىساڭ زامانىمىزدىكىنى ئاڭلا ، خىيالىڭغىمۇ ، چۈشىڭگىمۇ كىرمەيدىغان ئاجايىپ قىزىقچىلىقلارنى ئاڭلايسەن .
« قۇمۇل ئەدەبىياتى » نىڭ 2003 - يىل 5 - سانىدا ئېلان قىلىنغان ئابدۇخالىقجان ئابلىمىتنىڭ توختىباقى ئارتىشى ئاكىغا يازغان ئۇچۇق خېتىدىن بەزى جايلاردا بەزى ئادەملەرنىڭ مەھمۇد قەشقىرى ، يۈسۈپ خاس ھاجىپلارنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن دەپتەرلەرنى « دىنى تۈس ئالغان دەپتەر » دەپ چەكلەپ يۈرگەنلىكىنى ئۇقۇپ تولىمۇ ھەيران قالدىم . ئۆزۈمچە قانداق ئادەملەرنىڭ دېگەنلىكى ئۈستىدە پەرەز قىلىپ باقتىم . چوقۇمكى ، بۇنداق گەپلەر دېھقان ۋە ئىشچىلارنىڭ ئېغىزىدىن چىقمايدۇ . چۈنكى ، ئۇلار جان بېقىش ھەلەكچىلىگى بىلەن ئارام تاپالمايۋاتقاندا ، بۇنداق دان چۈشمەيدىغان گەپلەرگە نەدىمۇ چولىسى تەگسۇن ؟ خىزمەتچىلەرمۇ ، ئۇقۇتقۇچىلارمۇ ؟ ياق ، ئۇلارمۇ ئەمەس . ئېغىزىدا دەپلا قويماي يەنە « چەكلەش » كىمۇ قۇدىرىتى يېتىپتۇ . بۇنىڭدىن قارىغاندا ، مىللى مەدەنىيەت ، مىللى ئۆرۈپ - ئادەت ، مىللى ئەنئەنە ، تارىخ دېگەنلەردىن قىلچىمۇ خەۋىرى يوق ، يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ مەنسەپكە يولۇقۇپ قالغان ، بىكار ئولتۇرۇپ قېنى قىزىپ چېپىلغىلى ئىش تاپالماي قالغان كالتە دوغىلارنىڭ ئىشى .
بۇلارنى خىيال قىلىۋېتىپ ، 2001 - يىلىدىكى بەزى ئىشلار ئېسىمگە كىلىۋالدى .
شۇ يىلى بەزى جايلاردا ساقال - بۇرۇت ئۈستىدە خېلى گەپ - سۆزلەر بولۇنغان ئىدى . بەزى يولداشلار بۇنداق بىمەنە گەپ - سۆزلەرگە ئېچىنىپ ، « ساقال - بۇرۇت بىلەن ئىدىيىنىڭ ، ساقال - بۇرۇت بىلەن پارتىيىۋىلىكنىڭ نىمە مۇناسىۋىتى ؟ دۇنيادا شۇنچە ئىلغار نەزىرىيىنى ياراتقان ماركىس ، ئىنگىلىسلارنىڭمۇ ساقال بۇرىتى بارغۇ ؟ » دىگەندە ، ئايرىم ئاتىكاچى يولداشلىرىمىز « سىلەر بىلەمسىلەر ؟ ماركىس بىلەن ئىنگىلىس قايسى دەۋىرنىڭ ئادىمى ؟ » دېگەنىدى .
   نىمە دېگەن كاتتا ئاساس ؟ ئەجەبلىنەرلىككى ، بۇدۇنيادا ئىدىيىسى ئاجايىپ ئىلغار ، ساقال بۇرىتى قالاق ئادەملەرمۇ ئۆتۈپتىكەن . ئۆزىمىزنىڭ بىلىمسىلىكىگە توۋا قىلماي ئامال يوق . بىز ماركىس بىلەن ئېنگىلىسنىڭ كونا زاماننىڭ ئادەملىرى ئىكەنلىگىنى ئەستىن چىقىرىپ قويۇپتۇق . مەھمۇد قەشقىرى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك بۈيۈك ئەجداتلىرىمىزنىڭمۇ بېشىغا شەپكە كىيمەي سەللە يۆگىۋالغىنىدەك « گوناھ »ى بارلىقىنى خىيالىمىزغا كەلتۈرمەپتۇق .
   ھېلىقى ئاتىكاچى يولداشلىرىمىز ماركىس بىلەن ئېنگىلىس ، مەھمۇد قەشقىرى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپلارنىڭ ياشىغان دەۋرىنىلا بىلىپ ، ئۇلار ياشىغان دەۋىرنىڭ ئارقى كۆرىنىشى ، مەدىنىيەت ، ئۆرۈپ - ئادەت قاتارلىقلارنى ، ئۇلار ياراتقان ئىدىيە ، ئىجادىيەت - كەشپىياتلارنى تېخىچە بىلمىگەن بولسا ، بۇ كەمدە ئەمدى ئۇلارغا دەرىس سۆزلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق . بىز ھازىرقى دەۋىر كىشىلىرى دۇنيا تارىخىدىكى بۇ تۆت بۈيۈك ئادەمنى كۆرمىگەن . پەقەت رەسساملارنىڭ مېھنىتى ئارقىلىق ئۇلارنى ساقال - سۇمباتلىق ۋە سەللىلىك ھالىتى بىلەن تۇنىغان . بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ئۇلارنىڭ ساقال - بۇرۇتى ۋە سەللىسى ئۇلارنىڭ دۇنيادا تەڭدىشى يوق بۈيۈك ئالىملىقىغا قىلچە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ ، بەلكى ئاشۇ سىرتىقى كۆرۈنۈش ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن ياراتقان ئاجايىپ تۆھپىلىرىنى تېخىمۇ ۋايىغا يەتكۈزىدۇ . بىراق ، ماركىس ، ئېنگىلىسلار ساقال بۇرۇتىنى ئېلىۋەتكەن ، مەھمۇد قەشقىرى ، يۈسۈپ خاس ھاجىپلار سەللە كىيمىگەن بولسا ، زامانىمىزدىكى ئومۇملاشقان مۇدا بويىچە ئۆزىنى تۈزىگەن بولسا ، مۇشۇنداق گەپلەرگە قالارمىدى ؟
   لېكىن ئۇ بوۋىلىرىمىزدىن بۇ ھەقتە ئاغرىنىشقا ھەققىمىز يوق . ئەيىب كىمدە بولسا شۇ تۈزتىشى كېرەك . شۇڭا ، مەن رەسساملارغا مۇنداق تەكلىپ بەرمەكچىمەن : بونىڭدىن كىيىن ماركىس ، ئېنگىلىسلارنىڭ رەسىمىنى ساقال - بۇرۇتسىز قىلىپ ، مەھمۇد قەشقىرى ، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ رەسىمىنى بېشىغا شەپكە ياكى شىلەپە كىيگۈزۈپ سىزىڭلار . ئەمما ، ئۆز تەكلىپىمگە قارىتا يەنە بىر گۇمانىم بار : ئاشۇ تۆتەيلەن يۇڭدىۋېتىلگەن ئېڭىكىنى كۆرۈپ قەبرىسىدە نېمىلەرنى دەركىن ؟


تېما تەستىقلىغۇچى : كان-تۈرك
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-04-21, 04:32
دوستلىشىش
سالمان888
تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1021
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1021دانە
تۆھپىسى: 275
پۇلى: 1685 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 540
ياخشى باھا: 1579
توردا: 230(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-19
ئاخىرقى: 2012-11-14
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-21 12:49

ساقال-بۇرۇت ئەرنىڭ زىننىتى، بۇ ئىش بىلەن خەخنىڭ نىمە ئىشى.
خەلقېم مەن بىلەن
دوستلىشىش
كان-تۈرك
دەرىجە: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1069
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 173
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە173دانە
تۆھپىسى: 71
پۇلى: 328 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 132
ياخشى باھا: 323
توردا: 110(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-11-28
ئاخىرقى: 2012-10-13
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-21 13:12

گۇمانىم بار : ئاشۇ تۆتەيلەن يۇڭدىۋېتىلگەن ئېڭىكىنى كۆرۈپ قەبرىسىدە نېمىلەرنى دەركىن ؟


نىمىلەرنى دەيتى تاقەت315 ئەپەندى ؟ ھازىرقى زاماندىكى كىشىلەرنىڭ ئارسىدا ساتىراشلارنىڭ كۆپلىكىدىن ئەپسۇسلىنىشى مۇمكىن  
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1152
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 152
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە152دانە
تۆھپىسى: 0
پۇلى: 156 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 0
ياخشى باھا: 156
توردا: 39(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-24
ئاخىرقى: 2012-11-16
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-21 13:29

ئەر كۆركى ساقال ، سۆز كۆركى ماقال .
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 1489
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1489دانە
تۆھپىسى: 196
پۇلى: 2031 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 372
ياخشى باھا: 1911
توردا: 471(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2012-11-15
4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-21 16:29

شىنجاڭدىكى مىللى زىددىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغان يەنە بىر ئامىل مۇشۇ بولسا كېرەك ،<<سۇ بويىدا >>،<<ئۈچ پادىشاھلىق  قىسسىلىرى>> دىكى ساقاللارمۇ ئۇلارنىڭ جەڭ پىلانلىرىغا  ۋە قولىنى كەينىگە قىلىپ مەسنىۋى تۈزىشىگە توسالغۇ ئېلىپ كەلمىگەن .قارىغاندا بۇ ساقالنىڭ ئەركەك -چىشى مەسىلىسى بولسا كېرەك ياكى ساقالنى چەكلىگۈچىنىڭ  ئەركەك ياكى بەچچىلىكىگە تاقىلىدىغان نازۇك مەسىلە بولسا كېرەك .ياكى ساقالنى مۇۋاپىق ھەللىدە قويۇشقا  چۈشەنچە بېرەلمەيۋاتقان ھەزىلەكنىڭ ئويۇنى بولسا كېرەك .بىر تال سويمىسىنى تەكشۈرۈپ باقايلى دىسە  پىلىكى بىلەن  قومۇرۇپ كېلىدىغان قوڭتاجىنىڭ ئىشى بولسا كېرەك ؟
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2426
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2426دانە
تۆھپىسى: 142
پۇلى: 2823 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 285
ياخشى باھا: 2742
توردا: 440(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-11-16
5- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-23 17:06

  ھەممىنى بۇزغان شۇ كاتىۋال،
  ئەردەك يۈرگەن قار ساقال.