ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 732 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: مانجۇلارنىڭ داھىسى-ئەيسىنگېرو نۇرخاچ
دوستلىشىش
پالۋانجان
سادىر پالۋان
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 312
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 127
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە127دانە
تۆھپىسى: 54
پۇلى: 236 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 109
ياخشى باھا: 236
توردا: 25(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-04-05
ئاخىرقى: 2012-02-14
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-05-12 10:41

مانجۇلارنىڭ داھىسى-ئەيسىنگېرو نۇرخاچ

مانجۇلارنىڭ داھىسى-ئەيسىنگېرو نۇرخاچ
(بۇ يازما كەتمەنباي بىلوگىدىن بۇ يەرگە كۆچۇرۇلدى)

چىڭ سۇلالىسى شەرقى شىمالدا كۈچىيىپ، ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا شەرقى شىمالدا ھالاك بولغان.
چىڭ سۇلالىسى جوڭگودىكى 200 يىلدىن ئارتۇق ھۆكۈم سۈرگەن تۆت چوڭ خاندانلىقنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۇنيادىكى ۋە جۇڭگودىكى تارىخچىلارنىڭ تەتقىقات ئوبىكتى بولۇپ كەلمەكتە.
نىمە ئۈچۈن چىڭ سۇلالىسىنىڭ تارىخى شۇنچە كۆپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ؟
چۈنكى چىڭ سۇلالىسىنىڭ قۇرغۇچىسى بولغان ئەيسىنگىرو نۇرخاچ بىر ئازسانلىق مىللەتتىن كىلىپ چىققان.
ئۇ چاغلاردا بۇ ئازسانلىق مىللەت «مانجۇ» دەپ ئاتالمايدىغان بولۇپ، ئۇلارنى «جورجىتلار» دەپ ئاتايتى.
جورجىتلار يېزىقى يوق مىللەت بولۇپ، ئۇلار نەچچە ئون قەبىلىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن.
ئوۋچىلىقنى ئاساس قىلىپ تۇرمۇش كۆچۈرىدىغان، نوپۇسىمۇ مىليۇنغا بارمايدىغان، يېزىقىمۇ يوق بىر مىللەتتىن نۇرخاچقا ئوخشاش بىر ئادەمنىڭ چىقىپ، جوڭگودىكى 50 نەچچە مىللەتنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىپ 296 يىل ھۆكۈم سۈرگەن چىڭ سۇلالىسىنى قۇرۇپ چىقىشىغا ئۇل سېلىشى ھەقىقەتەن كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ.
نۇرخاچنىڭ تالانتى تۇغما تالانتمۇ ياكى ئۇ بىرەر يەردە ئىلىم تەھسىل قىلغانمۇ؟
ئۇ قانداق قىلىپ ئۆزىدىن نەچچە يۈز ھەسسە كۈچلۈك مىڭ سۇلالىسنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ چىڭ سۇلالىسىنىڭ قۇرۇلىشىغا ئۇل سالىدۇ؟
ئۇ قانداق قىلىپ چاك-چېكىدىن بۆلۈنۈپ كەتكەن جورجىتلارنى ئۆز بايرىقىنىڭ ئاستىغا يىغىپ، يېڭى يېزىق ئىجات قىلىپ، جەڭگىۋار، دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك قوشۇن قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ؟
نۇرخاچ 44 يىلدا ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك دۈشمەن قوشۇنى بىلەن 12 قېتىم غەلبىلىك جەڭ قىلغان. پەقەت ئەڭ ئاخىرقى نىڭيۇەن ئۇرۇشىدا يۇەن چوڭخۇەنگە يېڭىلىپ قالغان ۋە ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۆلۈپ كەتكەن.
ئۇ كىيىنكىلەرگە نۇرغۇن سىرلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن...
ئەيسىنگېرو نۇرخاچ 1559-يىلى شەرقى شىمالدا بىر قۇلدار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.
12 يېشىدا ئانىسى تۈگەپ كەتكەن.
دادىسى قايتا توي قىلغاندىن كىيىن ئۆگەي ئانىنىڭ ياخشى كۆرىشىگە ئېرىشەلمەي چەتكە قېقىلغان.
ئۇ توي قىلغاندىمۇ ھىچقانداق مال-مۈلۈككە ئىگە بولالمىغان.
تاغدىن موگو تىرىپ، ئوتۇن كەسلەپ بازاردا سېتىپ تۇرمۇشىنى قامداپ كەلگەن.
مانا مۇشۇنداق بالىلىق ۋە ياشلىق دەۋرىنى ئۆتكۈزگەن نۇرخاچ قانداقلارچە بىر دەۋرنىڭ سەركەردىسى ۋە كىيىنكىلەرنىڭ تەتقىقات ئوبىكتى بولۇپ قالىدۇ؟
ئۇ 1583-يىلى 25 ياشقا قەدەم قويغانغا قەدەر بىر نامرات، ئادەتتىكى بىر پۇقرا سۈپىتىدە ياشاپ كەلگەن...
بىر ئادەمنىڭ دۇنيا چېمپىيۇنى بولۇشى 156 خىل ئامىل بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىككەن،
ئۇنداق بولسا نۇرخاچنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىپ غەلىبە قىلىشى قانداق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك؟
(1) ئەيسىنگىرو نۇرخاچنىڭ ئائىلىسىنىڭ شارائىتىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا، ئۇ كىچىكلا يىتىم قالغان. ئۆگەي ئانىسى ئۇنى يەكلىگەچكە، نۇرخاچ كىچىكلا ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ياشاش خاراكتىرىنى يىتىلدۈرگەن ھەم بىر ئامال قىلىپ ئائىلىسىگە تايانماي پۇل تېپىپ جېنىنى بېقىشقا تىرىشقان. ئىمكانقەدەر ئۆگەي ئانا ۋە ئېنى-سىڭىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا تىرىشقان.
(2) ئۇ موگو تىرىپ، ئۇتۇن كەسلەپ بازاردا سېتىپ پۇل تېپىش جەريانىدا، نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن تونۇشقان ۋە جەمئىيەتنىڭ ئەھۋالىنى ئىگەللەشكە پۇرسەت بولغان.
(3) نۇرخاچ ناھايىتىمۇ كەڭ قوساق بولۇپ، ئۇڭاي ئاچچىقلانمايدىغان. كىشىلەرنى ئۈزىگە مايىل قىلىشقا ماھىر كىشىكەن.
(4) ئۇ ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويغان مەزگىللەردە، شىمالدا چارروسىيەنىڭ كېڭەيمىچىلىكى تېخى چوڭ ھىنگان تاغلىرىغا كەلمىگەن، شەرقتە چاۋشەن بىلەن ياپۇنىيە ئۇرۇشۇپ چاۋشەن قاتتىق ھالسىرىغان، جەنۇبدا مىڭ سۇلالىسىنىڭ خانى ۋەنلى ئەيشى-ئىشرەتكە بىرىلىپ ھەتتاكى 20 يىلغىچە ئوردىغا چىقمىغان، غەربتە بولسا مۇڭغۇلار نەچچە قەبىلىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى نۇرخاچنىڭ كۈچى تولىمۇ ئاجىز ۋاقىتلارغا توغرا كېلىدىكەن...
(5) جورجىتلارنىڭ ئىچىدىمۇ نەچچە قەبىلە بولۇپ ھىچقانداق بىرلىك يوق.
(6) مىڭ سۇلالىسىنىڭ شەرقىي شىمالدا تۇرۇشلۇق ھەربىي ئەمەلدارى لى چېڭلياڭ جورجىتلارنىڭ توپىلىڭىنى باستۇرۇش جېڭىدە، شەھەرنى توپقا تۇتۇپ نۇرخاچنىڭ دادىسى ۋە بوۋىسىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ، نۇرخاچنىڭ ياش قەلبىگە قىساس ئۇرۇقىنى تېرىپ قويىدۇ.
(7) مىڭ خاندانلىقى نۇرخاچنىڭ دادىسى ۋە بوۋىسىنى خاتا ھالدا ئۆلتۈرۈپ قويغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا 30 تۇياق ئات ۋە 30 نەپەر مالاي ۋە كىچىك مەنسەپ سوۋغا قىلىدۇ.
(8) نۇرخاچ شۇ قېتىمقى شەھەرنى قىزىل يۇپۇقلۇق زەمبىرەك بىلەن بومباردىمان قىلغاندا ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرىنى ئۆز يېنىغا ئۇيۇشتۇرۇپ، قىساس ئېلىش پەيتىنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. شۇنداقلا ئۆزىگە بېرىلگەن مەنسەپتىن پايدىلىنىپ نەچچە يۈز كىشىلىك قوشۇن تەشكىللەش شارائىتىنى ھازىرلايدۇ.

نۇرخاچنى ئالدى بىلەن ھەربى ئالىم دىيىش كېرەك.
ئۇ خېتو ئالانى قوغداش جېڭىدە 10 مىڭ كىشىلىك قوشۇنى بىلەن مىڭ سۇلالىسىنىڭ تۆت يولغا بۆلۈنۈپ نۇرخاچنى قورشاشقا كەلگەن 40 نەچچە مىڭ كىشىلىك قوشۇنىنى تارمار قىلىدۇ.
ئاز قوشۇن بىلەن كۆپنى يېڭىش، تەلەي بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالماستىن، باشقىلارنى ۋە ئۆزىنى بىلىش، يەر شارائىتى، ھاۋا كىلىماتى، قوشۇننىڭ قانداق جايدا جەڭ قىلسا ئۆزىگە پايدىلىق بولىدىغانلىقى قاتارلىق تەرەپلەرنى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى بىلىپ يىتىش كېرەك.
بۇنىڭدا يەنە پىسخىكا ئامىلىمۇ مۇھىم ئۇرۇندا تۇرىدۇ.
مىڭ خاندانلىقىنىڭ قوشۇنى ئادەم سانىنىڭ كۆپلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، نۇرخاچنىڭ قىسىملىرىنى پىسەنتىگە ئالمىغان، ھەمدە شەرقى شىمالنىڭ قىشتا ناھايىتىمۇ سوغاق بولۇشتەك ھاۋا كىلىماتىنى، يەرشەكلىنىڭ مىڭ خاندانلىقى قوشۇنىغا ناتۇنۇش، بىراق نۇرخاچقا بەش قولدەك ئايانلىقىنى نەزەرگە ئالمىغان.
نۇرخاچنىڭ بۇرۇندىن جەڭ قىلىپ باقمىغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇنى بىر پەشۋاغا يارىمايدۇ دەپ قارىغان.
شۇنداق ئامىللار يىغىلىپ نۇرخاچنىڭ بۇ قېتىمقى جەڭدە يېڭىش ئىمكانىيىتىنى نەچچە ھەسسە ئاشۇرۇپ بەرگەن.
بۇ نوقتىنى ئوبدان بىلگەن نۇرخاچ، قوشۇننى يىغىپ تۆت يولغا بۆلۈنگەن قوشۇننىڭ ئوڭ ۋە سول تەرەپتىكى قوشۇنىنى تارمار قىلىپ، ئارقا سەپ تەمىناتىغا ئوت قويۇپ كۆيدۈرۋەتكەن. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە ياردەم بىرىش يولىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، مىڭ خاندانلىقى قوشۇنىنى زىمىستان سوغاقتا ئوزۇق-تۇلۈكسىز قالدۇرۇپ، مەغلۇبىيەت گىرداۋىغا ئاپىرىپ قۇيغان.
خېتوئالانى قۇرشاش جېڭىدە مىڭ خاندانلىقى مەغلۇپ بولۇپ، نۇرخاچنىڭ جورجىتلار ئىچىدە ئىناۋىتى ئۈسۈپ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قايىلىقىنى قوزغىغان.
نۇرخاچ مىڭ خاندانلىقىنىڭ قوشۇنى يېتىپ كەلگەن كۈنى ئاخشىمى بۇرۇنقىدەكلا خاتىرجەم تامىقىنى يەپ، ئۇيقىسىنى ئۇخلىغان. ئەتىراپىدىكىلەر ئۇنىڭدىن ۋەزىيەتنىڭ جىددىلىكىنى ئەسكەرتكەندە، نۇرخاچ كۈلۈپ تۇرۇپ «مەن مىڭ قوشۇنى كەلمەسمىكىن دەپ ئەنسىرگەن ئىدىم، ئەمدى ئۇلار كەپتۇ، مەن تازا بىر قانغۇچە ئۇخلىۋالاي» دىگەن.
مۇشۇنىڭدىنمۇ نۇرخاچنىڭ روھى ساپاسىنىڭ ناھايىتى ياخشىلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
نۇرخاچ ئەمدى كۈچىيىۋاتقان مەزگىلدە جورجىتلارنىڭ باشقا قەبىلىسىدىكىلەر نۇرخاچنىڭ بۇندىن كىيىن كۈچىيىپ كىتىش ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ، قەبىلە باشلىقى ئۆزىنىڭ قىزىنى نۇرخاچقا بەرمەكچى بولىدۇ. دەل مۇشۇ چاغدا مىڭ قوشۇنلىرى نۇرخاچقا ھۇجۇم قىلىدۇ. ھېلىقى قەبىلە باشلىقى ئەمدى نۇرخاچ تۈگەشتى دەپ ئويلاپ توي چېيى ئىچۈرۈپ قويغان قىزىنى بەرمەس بولۇپ قالىدۇ، مۇشۇ ۋاقىتلاردا سەركەردىلەر بۇ ئىشنى ئاھانەت بىلىپ ھېلىقى قەبىلىگە جازا يۈرۈش قىلماقچى بولغاندا، نۇرخاچ ئوتتۇرىغا چىقىپ، «بۇ ئۇرۇشنى قىلىشقا بولمايدۇ. قىزىنى بەرمىسە بەرمىسۇن، كىيىنكى كۈنلەردە ماڭا قىزىنى بېرىدىغانلار ئىشىكىمنىڭ ئالدىدا ئۆچىرەتتە تۇرىدۇ، ھازىر ئۇلارغا جازا يۈرۈش قىلىدىغان ۋاقىت ئەمەس» دەيدۇ... مۇشۇنىڭدىن نۇرخاچنىڭ يېراقنى كۆرەر،  كۆكسى-قارنى كەڭ كىشى ئىكەنلىكىنى كۈرىۋالغىلى بولىدۇ.
نۇرخاچ مىڭ خاندانلىقىنىڭ قۇرشاپ ھۇجۇم قىلىشىنى مەغلۇپ قىلغاندىن كىيىن، ھېلىقى ئۆزىگە پۈتۈشۈپ قويغان قىزنى ئۈزى ئالماي ھەمدە باشقىلارنىڭ ئېلىشىغا يول قويماي، قېرى قىز قىلىپ ئۆيدە ئولتۇرغۇزۇپ قەبىلە باشلىقىغا قاتتىق ئاھانەت قىلىدۇ. نۇرخاچنىڭ ئۆچ ئېلىش ئۇسۇلىنىڭ كىشىلەر ئويلاپ باقمىغان دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى، ئۇنى كۆزگە ئىلمىغانلارنىڭ تەقدىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى باشقىلارغا كۆرسىتىپ قويىدۇ.
نۇرخاچ ۋە ئۇنىڭ قىسىملىرى تۇزلەڭدە جەڭ قىلىشقا ماھىر بولۇپ، ئات مىنىش ۋە ئوقيا ئېتىش جەھەتتە ئالاھىدە ئۈستۈنلۇككە ئىگە بولغاچقا، مىڭ خاندانلىقى بىلەن ئۇرۇش قىلغاندا، مىڭ قوشۇنلىرىنى ئالداپ شەھەردىن چىقىپ ئۇرۇش قىلىشقا قىزىقتۇرىدۇ. مىڭ قوشۇنلىرى شەھەردىن چىقىپ نۇرخاچ قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلغاندا نۇرخاچ قىسىملىرىنىڭ ئوۋ نىشانىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇنىڭدىن نۇرخاچنىڭ ئۈزىنى ۋە باشقىلارنى ناھايىتى ئوبدان بىلىدىغانلىقىنى كۈرىۋالغىلى بولىدۇ.
نۇرخاچ سەككىز تۇغلۇق قوشۇننىڭ قۇرغۇچىسى بولۇپ، سەككىز خىل بايراق ئاستىغا پۇتۈن جورجىتلارنى ئۇيۇشتۇرغان،
چاك-چىكىدىن بۆلۈنۈپ كەتكەن جورجىتلارنى بىرلەشتۈرۈپ، موڭغۇل تۆپىلىكىدىكى باشقا مىللەتلەرنىمۇ مۇشۇ بايراق ئاستىغا ئۇيۇشتۇرغان.
ئۇلار تىنچ دەۋىردە دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق، ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇلانسا، ئۇرۇش مەزگىلىدە ھەرقايسى قىسىملار ئۈزىنىڭ بايرىقى ئاستىغا جەم بولغان. ھەمدە 300 كىشىلىك قوشۇننى بىر ئاقساقال، ھەر 5 ئادەمگە بىر باشلىق بىكىتىپ، قوشۇننىڭ سانى ۋە ئىنتىزامىنى كۈچەيتكەن.
نۇرخاچ بىر قېتىملىق مىڭ قوشۇنلىرى بىلەن بولغان جەڭدە ئوقيا تىگىپ ئېغىر يارلانغان، كىيىن نۇرخاچنى يارلاندۇرغان ئەسكەرنى تۇتۇپ نۇرخاچنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلگەندە، نۇرخاچ ھىلىقى ئەسكەرنى قۇيۇۋېتىپ ئۆزىگە ئەسكەر قىلىۋالغان.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇرۇشتا ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ۋە خانى ئۈچۈن كۆرەش قىلىدۇ. بۇ ئەسكەر ھەقىقەتەن باتۇر، مەرگەن ئىكەن، بۇنداق ئەسكەرنى ئۆلتۈرۈش بىھۇدە ئىش، ئۇ بۇندىن كىيىن مەن ئۈچۈن بىرقانچە دۈشمەننى كۆپ ئۆلتۈرسە تېخىمۇ ياخشى ئەمەسمۇ؟!»
شۇنىڭدىن كىيىن قوشۇندىكى ئەسكەرلەر نۇرخاچقا سادىق بولۇپ، كۆپ دۈشمەن ئۆلتۈرسە ئۆزىگە مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ھىس قىلىشقان. بۇ ئىش قوشۇننىڭ جەڭگىۋارلىقىنى قىسمەن دەرىجىدە ئۆستۈرگەن...

نۇرخاچ-بىر سىياسىيۇن.
جورجىتلارنىڭ مىڭ سۇلالىسىگە قارشى چىقىشى تاسادىپى ۋەقە ئەمەس.
مىڭ خاندانلىقىنىڭ شەرقى-شىمالدا تۇرۇشلۇق ھەربى ئەمەلدارى لى چېڭلياڭ ئۆزىنىڭ ھوقوقىدىن پايدىلىنىپ، جورجىتلارنى قاتتىق ئەزگەن ۋە خورلىغان.
بىراق جورجىتلارنىڭ كۆپ قېتىملىق قارشىلىقى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان.
سەۋەبى جورجىتلار ئىتتىپاق ئەمەس بولۇپ، ئون نەچچە قەبىلىگە بۈلۈنۈپ كەتكەن،
ھەر تەرەپ ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزلىگەن بولغاچقا، ھەل قىلغۇچ پەيتتە ئۆز-ئارا ياردەمدە بولمىغان.
بۇنى كۈرۈپ يەتكەن نۇرخاچ ئۆز مىللىتىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشتە چۇقۇم بىر بايراق ئاستىغا ئۇيۇشۇشنىڭ زۆرۆرلىكىنى بايقىغان. ھەمدە ئۈزىنىڭ دۈشمىنىنى ئېنىق قىلىپ مىڭ خاندانلىقى قىلىپ بېكىتىپ، غەربتە موڭغۇلار بىلەن، شەرقتە چاۋشەنلىكلەر بىلەن ئىتتىپاقلاشقان...
ئەينى ۋاقىتتا جورجىتلارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىنىڭ كۈچى ئوخشاش بولمىغاچقا، نۇرخاچ ئۇلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، تۆۋەندىكىدەك سىياسەتلەرنى بېكىتىپ چىققان:
كۈچلۈكلەر بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈش، ئاجىزلارنى ئۈزىگە قېتىۋېلىش.
يىراقتىكىلەر بىلەن ئىناق ئۈتۈش، يېقىندىكىلىرىنى قېتىۋېلىش.
موڭغۇلارغا قىز بېرىش ۋە موڭغۇلارنىڭ قىزلىرىنى كىلىن قىلىپ قوش تۇقاندارچىلىق مۇناسىۋىتىنى شەكۈللەندۈرۈش.
مىڭ خاندانلىقىنى يوقۇتۇشتا ئىتتىپاقلاشقىلى بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىش.
موڭغۇلاردىن ۋە مىڭ سۇلالىسىگە قارشى خەنزۇلاردىنمۇ سەككىز خۇشۇنلۇق قوشۇن تەشكىلەش...
نۇرخاچ يۇقارقىدەك بىر قاتار سىياسەتلەرنى بىكىتىپ. قەدەممۇ-قەدەم جورجىتلارنى ئۆز بايرىقى ئاستىغا ئۇيۇشتۇرسا، موڭغۇل، چاۋشيەن مىللىتى قاتارلىقلار بىلەن ئىناق ئۆتۈپ، ئۇلارنىڭ مىڭ سۇلالىسىگە بولغان ياردىمىنى ئۈزۈپ تاشلىغان. يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارغا ئۈزىنى تەھدىت دەپ قارىغۇزمىغان.
نۇرجاچ ئۆزىنى مەركەز قىلغان، سەككىز تورە بەگ ۋە بەش ۋەزىردىن تەركىپ تاپقان كېڭەش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، چوڭ ئىشلارنى مەسلىھەتلىشىپ بىر تەرەپ قىلغان بولۇپ، يۇقۇرى قاتلامدىن تەركىپ تاپقان جەمھۇرىيەت تۈزۈمى يەنى ئىپتىدائى جۇمھۇرىيەت تۈزىمىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.
نۇرخاچ ئۆزىنىڭ مىللىتىنىڭ يېزىقى يوقلىقى سەۋەبى تۈپەيلى، نۇرغۇن ئەمىر-پەرمان ۋە بۇيرۇق چۈشۈرۈش، ھۆكۈمەت ئارخىپلىرىنى يېزىپ قالدۇرۇشتا زور قىيىنچىلىققا ئۇچۇرغان. ھەمدە ھۆكۈمرانلىقنىڭ داۋام ئىتىشى شۇنداقلا مىللەتنى زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن يېزىقنىڭ رولىنىڭ ناھايىتى چوڭلىقىنى ھىس قىلىپ، موڭغۇل يېزىقى ئىلىپبەسى ئاساسىدا مانجۇچە يېزىقنى كەشىپ قىلدۇرۇپ، پۈتۈن جورجىتلار ئارىسىدا قوللانغان.
نۇرخاچ 1616-يىلى رەسمى تۈردە دۆلەت قۇرۇپ، دۆلەت نامىنى «جىن» دەپ ئاتىغان.
كىيىنكىلەر بۇنى «كىيىنكى جىن» دەپ ئاتىغان.
بۇرۇنمۇ جورجىتلار «جىن سۇلالىسى»نى قۇرغان. شۇڭا «كىيىنكى جىن» دەپ ئاتىشى نورمال ئىش ئىدى.
دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن پۈتۈن شەرقى شىمالدا  جورجىتلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن ھاكىمىيىتى شەكىلەنگەن.
نۇرخاچ 25 يېشىدىن باشلاپ قولىغا قورال ئېلىپ 34 يىل جەڭ قىلىپ 58 يېشىدا جىن پادىشالىقىنىڭ پادىشاھى بولغان.
نۇرخاچ، چىن شىخۇاڭ قۇرغان چىن سۇلالىسىدىن تارتىپ مىڭ سۇلالىسىگە قەدەر بولغان ئارىلىقتىكى سەددىچىن سېپىلىنىڭ ھەربى ئىشلاردىكى رولىنى ئاساسى جەھەتتىن يوققا چىقارغان.
چۈنكى ئىلگىرىكى سۇلالىلەر سەددىچىن سېپىلىنىڭ سىرتىدىكى مىللەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىيالمىغان.
پەقەت قىز بىرىش ئارقىلىق ۋاقىتلىق تېنچلىقنى قولغا كەلتۈرگەن ۋە سەدىچىن سېپىلىنى ئۇزارتىپ سالدۇرغان.
نۇرخاچ بولسا موڭغۇل ئىگىزلىكىدىكى مىللەتلەرگە قىز بېرىش ۋە قىز ئېلىشتەك تەڭ باراۋەر رەسمى تۇققاندارچىلىق سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئۈزۈن يىل داۋاملىشىپ كەلگەن ئۆچمەنلىكنى يوقۇتۇپ چىڭ سۇلالىسىنىڭ 296 يىل ھۆكۈم سۈرىشىدە سېرتنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئەندىشىسىنى تۈگەتكەن.
نۇرخاچ پايتەختنى شېنياڭغا يۆتكەشتەك ئاقىلانە قارار چىقىرىپ، يەر شەكلى، مۇھىت، بايلىق قاتارلىق ئەۋزەللىكتىن پايدىلانغان.
ئەينى ۋاقىتتا شېنياڭنىڭ ھەربى، سىياسى ئورنى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، مىڭ سۇلالىسىگە بىۋاستە تەھدىت سالغىلى بولاتتى. مۇداپىئەلەنمەك ۋە ھۇجۇم قىلماق ئاسان بولۇشتەك ئەۋزەلىككىمۇ ئىگە ئىدى، شۇنداقلا چاۋشەننىڭ مىڭ سۇلالىسىگە ياردەم بىرىش يۇلىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملىگىلى بولاتتى.
نۇرخاچ دادىللىق بىلەن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق، كېمەسازلىق ۋە كانچىلىق ئىشلىرىنى تەرەققى قىلدۇرغان، دېھقانچىلىققا لاۋزىمەتلىك تۈمۈرلەرنى تاۋلاتقۇزغان. ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى پىشىقلاپ ئىشلەپ سودىدا ئالماشتۇرۇشتا ئەۋزەلىككە ئىرىشكەن.
گەرچە نۇرخاچ نۇرغۇن ئىشلارنى قىلغان بولسىمۇ ئۇ ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن خاتالىقتىنمۇ خالى ئەمەس.
ئۇ پايتەختنى شېنياڭغا كۆچۈرۈپ كەلگەندىن كىيىن، خەنزۇ پۇقرالىرىنى چەتكە قاققان ۋە بۇيۇنتاۋلىق قىلغانلارنى قىرغان. دېھقانچىلىقتا تەجىرىبىسى بار خەنزۇ دېھقانلار يەرلىرىنى تاشلاپ قېچىپ كەتكەن ۋە كۈچ ئۇيۇشتۇرۇپ نۇرخاچقا قارشى چىققان بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەرەققىياتىغا قىسمەن تەسىر يەتكەن.
نۇرخاچ 44 يىل غەلبىلىك جەڭ قىلىپ، ئەڭ ئاخىردا غەلبىدىن مەيۈسلىنىش كەيپىياتىدا بولۇپ، نىڭيۇەنگە قىلغان ئۇرۇشتا، دۈشمەننىڭ ئىچكى ئەھۋالىنى بىلمەي تۇرۇپلا قوشۇن تارتىپ چىققان.
نىڭيۇەننى ساقلاپ تۇرغان مىڭ خاندانلىقىنىڭ سەركەردىسى يۇەن چوڭخۇەن ناھايىتىمۇ تەدبىرلىك سەركەردە بولۇپ، نەچچە يىلدىن بۇيان مىڭ خاندانلىقى قوشۇنلىرىنىڭ نۇرخاچقا يېڭىلگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى يەكۈنلەپ چىققان ئىدى.
شۇڭا ئۇ نۇرخاچ قوشۇن تارتىپ كەلگەندە شەھەردىن چىقماي شەھەرنى چىڭ ساقلاپ ياتقان. ھەمدە گولاندىيەدىن كىرگۈزۈلگەن قىزىل يۇپۇقلۇق زەمبىرەكنى شەھەر قۇۋىقا ئۇرۇنلاشتۇرغان.
ھىچقانداق دۈشمەن ئەھۋالىنى بىلمىگەن نۇرخاچ بىۋاستە قوشۇننى باشلاپ شەھەر سېپىلىغا ھۇجۇم قىلغان.
نەتىجىدە زەمبىرەك ئوقىدا يارىلانغان نۇرخاچ 1626-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۆلگەن.

نۇرخاچ ھەربى بىلىمنى نەدىن ئۆگەندى؟
سىياسى ئىشلارنى نەدىن ئۆگەندى؟
ئۇ خەت تۇنۇمدۇ؟
ئۇنىڭ فامىلىسى قانداق قىلىپ ئەيسىنگىرو بولۇپ قالدى؟
(نۇرخاچنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى تاكاش، بوۋىسىنىڭ ئىسمى جۇ چاڭئەن ئىدى)
قاتارلىق نۇرغۇن سۇئاللار تارىخچىلارنىڭ ئىزدىنىشىنى كۈتۈپ تۇرماقتا.

«سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىسىنى ئۇنۇتما» دىگەن ماقال-تەمسىل بار.
نۇرخاچ قازغان بۇ قۇدۇقنىڭ سۈيىنى ئىچكەن مانجۇلار، 296 يىل ئۆزىنىڭ مانجۇ بولۇپ قالغانلىقىدىن پەخىرلەنگەن.
نەچچە يۈز مىليۇن كىشىلەر مانجۇلارغا ھەۋەس قىلغان، ئۆزىنىڭ مانجۇ بولۇپ تۇغۇلۇپ قالمىغانلىقىدىن ئۈكۈنگەنلەرمۇ بەلكىم كۆپ بولۇشى مومكىن.
ئەينى ۋاقىتتا بەكمۇ ئاجىز، قەبىلە تۈزۈمىدىكى جورجىتلارنىڭ نەچچە مىليۇن كۇۋادىراتنى كىلومىتىرلىق زىمىننىڭ ئېگىسى بولالىشىنى، نۇرخاچقا ئوخشاش بىر ئەركەكنىڭ تۆھپىسى دىيىشكە تامامەن بولىدۇ.
جورجىتلارنىڭ مانجۇ مىللىتى بولۇپ شەكىلىنىشىگە ۋە ھازىرقىدەك نۇپۇس سانى 16 مىليۇنغا كۆپىيىشىدە نۇرخاچنىڭ ھەسسىسى ناھايىتى كۆپ.
بەزى تار مىللەتچى خەنزۇلاردا «نۇرخاچنى تاجاۋۇزچى، ئۇ بىزلەرنى 296 يىل قۇل قىلغان، تېرىتورىيىمىزنى بېسىۋالغان» دەپ تىل ھاقارەت سالغانلارمۇ بولدى.
ناۋادا نۇرخاچ شەرقى شىمالدا باش كۆتۈرۈپ چىقمىغان ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلساق، جوڭگونىڭ بۈگۈنكىدەك تېرىتۇرىيەگە ئىگە بولۇشى مومكىن ئەمەس.
1368-يىلى جۇ يۇەنجاڭ مىڭ خاندانلىقىنى قۇرۇپ، مىڭ ۋەنلى خانغا كەلگەندە، مىڭ سۇلالىسى ئاساسى جەھەتتىن چىرىكلىشىپ زاۋالىغا يەتكەن. پادىشا مىڭ ۋەنلى كۈنلىرىنى ئەيشى-ئىشرەت، كەيىپ-ساپا بىلەن ئۆتكۈزۈپ، 20 يىلغىچە ئوردىغا چىقمىغان. ئۇ كۆرۈشمەسلىك، تەستىقلىماسلىق پىرىنسىپىنى يولغا قويۇپ، دۆلەتنىڭ ئىشلىرى بىلەن كارى بولمىغان، پۇقرالاردىن سېلىقنى ھەددى-ھېساپسىز ئېلىپ زار-زار قاخشاتقان، قوشۇننىڭ جەڭگىۋارلىق كۈچى ئاجىزلاپ، ھوقوقدارلارنىڭ پۇقرالارغا سالغان زۇلۇمى چىكىگە يەتكەن...
مانا مۇشۇنداق ھالغا چۈشكەن مىڭ خاندانلىقى قانداقمۇ شىمالدىكى چارروسىيەنىڭ كېڭەيمىچىلىكىگە تاقابىل تۇرالىسۇن؟ قانداقسىگە زىمىنىنى غەربى شىمالدا بالقاش كۆلىگىچە كېڭەيتەلىسۇن؟
نۇرخاچ ئاساس سېلىپ بەرگەن چىڭ خاندانلىقىنىڭ تەسىر كۈچى بىلەن چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى كاڭشى زامانىسىدا روسىيە بىلەن «نىبچۇ شەرتنامىسى»نى ئىمزالاپ، جوڭگو ۋە روسىيەنىڭ چېگرىسىنى بەلگىلىگەن.
ناۋادا مىڭ خاندانلىقى بولغان بولسا چارروسىيە جوڭگونىڭ قانچىلىك زىمىنى بېسىۋالغان بولاتتى ھە؟!
چىڭ خاندانلىقى كۈچلۈك چەتئەل تاجاۋۇزچىلىرى باستۇرۇپ كىرمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، بەلكىم يەنە نەچچە يۈز يىل ھۆكۈم سۈرۈشىمۇ مۇمكىن ئىدى؟
چۈنكى نۇرخاچ تۈزگەن ئەجداتلار بەلگىلىمىسىدە، «خان بولغۇچى كىچىگىدىن تىرىشچان، ئىقتىساتچان بولۇش، خان تەڭرىنىڭ ئوغلى، پۇقرالار پادىشانىڭ پەرزەنتى» دەپ قاراپ كەلگەچكە، چىڭ سۇلالىسىدە ئۆتكەن 12 پادىشانىڭ بىرىمۇ ئەيىش-ئىشرەت، كەيىپ-ساپاغا بىرىلمىگەن.
ھەركىمنىڭ قابىلىيىتى ۋە دەۋرنىڭ ئوخشاشماسلىقى تۈپەيلى قوشقان توھپىسى ئوخشاشمىغان خالاس!
تارىختىن بۇيان ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ گۈللىنىش ياكى خاراپ بولۇشى، شۇ مىللەتتىن چىققان سەركىگە باغلىق.
سىزنى باشلىغان سەركە بوستانلىققا باشلىسا بوستانلىققا، چۆلگە باشلىسا چۆلگە بارىدىغان گەپ...
مىڭزى «بىر مىللەتتىن 500 يىلدا بىر سەركەردە چىقىدۇ» دەپتىكەن.
بەلكىم  300 يىلدا ياكى 700 يىلدا چىقىشىمۇ مۇمكىن.
بىزنىڭ نۇرخاچتىن ئىبارەت بۇ تارىخى شەخستىن ئۆگىنىدىغىنىمىز كۆپ.
ئۇ مەيلى قانداقلا ئىش قىلسۇن تارىختىكى مەشھۇر شەخس!.

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
كەتمەنباينىڭ ئىزاھاتى:
بۇ ماقالە توردىن ساقلىۋىنغان بولۇپ، بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورى ياكى تورغا تەييارلاپ يوللىغۇچىسى مەن ئەمەس. شۇڭا ماقالىنى ئەجىر قىلىپ تورغا تەييارلاپ يولللىغۇچىغا تەشەككۇرۇمنى بىلدۈرۈمەن. مەن پەقەت ئەملا جەھەتتىن تەھرىرلەش ئېلىپ باردىم ۋە قۇرۇلما جەھەتتىن ئازراق رەتلەپ قويدۇم.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
 
دوستلىشىش
ئۇيغۇرۇم0999
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 501
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 3
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە3دانە
تۆھپىسى: 0
پۇلى: 3 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 0
ياخشى باھا: 3
توردا: 0(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-12
ئاخىرقى: 2011-05-12
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-05-12 16:02

    ھەرقانداق ئادەم بۇ دۇنيادا باش كۆتۈرۈپ چىقىمەن جەزمەن ئۆز تىرىشچانلىقىغا تايىنىشى كىرەك
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 328
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 97
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە97دانە
تۆھپىسى: 0
پۇلى: 94 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 0
ياخشى باھا: 94
توردا: 4(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-04-07
ئاخىرقى: 2011-08-27
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-05-12 18:26

نۇرخاچقا قول قويماي تۇرالمايمەن
دوستلىشىش
ئىدىقۇت
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 42
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 106
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە106دانە
تۆھپىسى: 0
پۇلى: 105 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 0
ياخشى باھا: 105
توردا: 5(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-22
ئاخىرقى: 2012-05-03
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-05-12 19:07

پەخىرلەنگۈدەك ئادىمىنىڭ بولماسلىقى ئادەمنى بئارام قىلىدىكەن.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1565
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 13
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە13دانە
تۆھپىسى: 9
پۇلى: 31 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 18
ياخشى باھا: 31
توردا: 0(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-31
ئاخىرقى: 2012-03-31
4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-01 00:02

深圳的小妹妹门服务|深圳门|深圳桑拿bbs,深圳按摩公司简介成立于2007年的感情是第一个国际娱乐提供酒店深圳时钟类型的娱乐是一个现代的综合服务中心。

摘要随着市场经济的发展,情人国际俱乐部是基于,深圳找小姐“质量第一,服务至上;哲学,并提供一点。姐姐。门服务,深圳为您的真诚和热情。送

我们的服务是您解除一天的身心疲惫,放松心灵。从成立之初,深圳找小姐深圳门按摩中心是创造最优质最专业最舒适的品牌服务。

建立一个高品质高品位的小。妹妹。按摩的门的精英团队。随着目前建设现代化国际大都市的步伐,深圳情人国际娱乐俱乐部收到积极的创新文化。

一个新的领导行业潮流、可持续发展服务,喜欢享受全身保健按摩服务吗?想放松你的身体和头脑吗?

因此,深圳深圳兼职小姐压力;

第二,技术人员介绍技术】青春靓丽的按摩师,为您提供医疗保健按摩,深圳找小姐按摩风情,精致的按摩手法,让你享受全方位的服务。

国际小情人。妹妹。门的服务,让你每一寸肌肤最专业、最精细的、人文的关怀!国际娱乐的爱人。由于门。服务中心。工作,深圳找小姐最新的招聘超过一个美丽的女孩。青春靓丽。责任,大学学生、白领、模型。技术员。户取。事务,活泼可爱/丝袜诱惑/很精彩靓丽的/漂亮迷人,深圳找小姐

无论你是在家里,还是旅游,旅游是一个电话,我们秉承过去。由于门。服务原则、深圳门按摩约30分钟左右,你的位置,无论您喜欢何种类型的技师姐姐,深圳我们都能满足您的要求……我们热忱欢迎海内外新老客户。

因此,深圳压力;

24小时热线联系】学生票:151-180-43413

因此,深圳找小姐压力;

qq:139-8793-808

因此,深圳按摩压力;

我们的网站:szqrgj。com

因此,深圳压力;

三、服务步骤】地点都是客人决策…如xx酒店、深圳找小姐xx酒店,等。客人觉得安全、方便的地方,深圳小姐我们会安排到什么位置…!

所以你不必完成这些仙女吓了一跳。只有姐姐带。服务。我的生意,去寻找更好的深圳小姐…!

姐姐也可以赚更多的钱深圳门的服务。!

首先要确保提供酒店桌数和核对一下你的名字在房间里xx的网站。

然后根据客户的要求安排的妹妹在过去。

如果客人看妹妹不满意。你只需要付车费由深圳按摩的妹妹。我们给你改变或你不知道的。(我相信我们的妹子不会让你失望的!)

和安培。注:深圳找小姐sp;

四、本】许多客人留下你的电话号码,和深圳找小姐、深圳门按摩或害怕!!!!!!!!!!!!!!!!!!

这一点请所有客人放心、深圳的门,深圳找小姐因为我提供和按摩。工作的女性,深圳按摩是最后一门。由于门。车库。

必须保证位置,不仅方便宾馆接待员告诉这个号码。

因此,深圳小姐上门压力;

五、我们与客户沟通的方式】即使你告诉你的手机号码,我们还为他的妹妹联系你什么时候方便,等待透后收到你的姐姐,深圳按摩我们不保持联络客人,等等…!

我们这里的妹妹是高质量的。这项工作的姐姐。妹妹…外观和质量请放心…

我们不会耽误客人宝贵的时间。客人快乐是我们服务的宗旨…如果你对我有不满意的服务的地方。你可以留言在互联网上通过qq或者告诉我们!要尽快让我得到改善。

因此,深圳小姐压力;如果在提供服务过程中有不满意的地方。!可以立即打电话给服务热线151-180-43413!我们将根据你的情况办理!因此,压力;,实现压力;