يۈسۈپ خاس ھاجىپ << قۇتادغۇبىلىك >> نىڭ باش-ئاخىرىدا قۇتلۇق تىلەكلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ:
119.پەلەك چاقى تۇرسۇن دائىم ئايلىنىپ ،
تۆۋەن بولسۇن دۈشمەن بېشى ئېگىلىپ .
120.قوڭۇر يەر بولمىغىچە مىستەك قىزىل ،
يا ئوتتا چېچەك ئۈنمىگىچە يېشىل .
121.بۇ ساھىبقىران كۆپ ياشىسۇن ئۇزۇن ،
ھەسەتخور كۆزى ئوتتا كۆيسۇن پۈتۈن .
122.تېخى بولسا نېمە ئۇنىڭدا تىلەك ،
ئاڭا بولسۇن داۋام ھەق ئارقا يۆلەك .
كۆرۈشكە بولىدۇكى ، ياخشى ، قۇتلۇق تىلەكلەرنى تىلەش ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھىم قائىدە - يوسۇنىغا ئايلانغان ، تىلەك تىلەش كوللېكتىپ شەكىلدىمۇ ئېلىپ بېرىلىدۇ ، شەخسى ئۆزى تىلەك تىلەپمۇ بۇ قائىدە - يوسۇننى ئىجىرا قىلىدۇ .