ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 220 قېتىم كۆرۈلدى
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 744
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە744دانە
تۆھپىسى: 87
پۇلى: 984 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 164
ياخشى باھا: 919
توردا: 227(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2012-05-14
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-23 18:04

ئۇيغۇر قىزى

ئۇيغۇر قىزى

(قەسىدە)

ئابدۇسالام توختى

ھۆر پەرىزاتتەك  گۈزەل ،قەلبى باھار ئۇيغۇر قىزى،
بۇ ئەزىز تۇپراقتا ئۆسكەن بەختىيار ئۇيغۇر قىزى.
ھۆسنى ئالدىدا تولۇنئاي،ھەتتاكى نۇرلۇق كۈن خىجىل،
ھەممىنى مەپتۇن قىلار بىئىختىيار ئۇيغۇر قىزى.
خۇددى سۇمبۇل چاچلىرى،قىيغاچ ھىلال ئاي قاشلىرى،
زەپ نازاكەتلىك ،زىبا ،مەڭزى ئانار ئۇيغۇر قىزى.
خۇددى تاڭ چولپانىدەك چاقنايدۇ شەھلا كۆزلىرى،
ئاشۇ تال-تال كىرپىكىدىن  نۇر تامار ،ئۇيغۇر قىزى.
لەۋلىرى خۇددى گىلاس ،خۇددى قىزىلگۈل غۇنچىسى،
چىشلىرى ئاپپاق سەدەپتەك گۈلنىگار ئۇيغۇر قىزى.
سۆيگۈسى ئاسمانچە يۈكسەك ،سۆيگۈسى ئاتەش ئۇنىڭ ،
ھەر يۈرەككە مەڭگۈ ئۆچمەس،ئوت سالار ئۇيغۇر قىزى.
شاھ سەنەم ،ئاماننىسا ،زوھرا، غۇنچەم ،رابىئە،
چىن ۋاپادارلىق ئەبەد قەلبىگە يار ئۇيغۇر قىزى.
ياڭرىتىپ ئېيتقان مۇقامى  قىلدى جاھاننى  مەھلىيا،
شۆھرىتى ئالەمگە مەشھۇر سەنئەتخۇمار ئۇيغۇر قىزى.
خۇددى بۇلبۇلدەك گۈلىستان ئىچرە ئەيلەپ خۇش ناۋا،
كۈي -مۇقام بىرلە جانغا جان قوشار ئۇيغۇر قىزى.
ئوينىسا گەر زەپ نەفىس ئۇسسۇلىنى جەۋلان قىلىپ،
قوزغىتار زوقۇڭنى چەكسىز ،جىلۋىدار ئۇيغۇر قىزى.
چىن ئىناقلىق  بايرىقى ئاستىدا مەھكەم  جەم بولۇپ،
بۇ ئۇلۇغ كارۋان يولىدا ماڭدى قاتار ئۇيغۇر قىزى.
ماڭلىيىدىن ئۈنچە -مارجان تەر تۆكۈپ ئەل بەختى چۈن ،
ھەر قەدەمدە ئۈندۈرەر گۈل تۆھپىكار ئۇيغۇر قىزى.
يۇزلىنىپ ئالەمگە ھەردەم ،كۆزلەپ گۈزەل بىر پەللىنى،
ئىلمۇ-پەن ئاسمانىدا پەرۋاز قىلار ئۇيغۇر قىزى .
تەلىيى-بەختى كۈلۈپ ،نۇرلاندى ئىستىقبال يولى،
بۇ ئېسىل دەۋراندا ھېچ چەكمەس ئازار ئۇيغۇر قىزى.
ئەي زامانەمنىڭ قىزى ،ئاسماندا چولپان يۇلتۇزى،
بولغاي ھەر بىر قەدىمىڭ ،گۈل -لالىزار ئۇيغۇر قىزى،
كۈل قاقاھلاپ ھەر زامان بولغىن يامان كۆزدىن يىراق ،
ئېسىۋال بوينۇڭغا ھەردەم تىلتۇمار ئۇيغۇر قىزى.

1993-يىلى3-دېكابىر
keltiriksiz belik yok,ayibsiz insan.
دەرىجە: كۆنگەن ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1162
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 567
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە567دانە
تۆھپىسى: 47
پۇلى: 661 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 94
ياخشى باھا: 661
توردا: 120(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-30
ئاخىرقى: 2012-05-14
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-23 19:13

يازغۇچى ئابدۇسالام توختىنىڭ «ئۇيغۇر قىزى » ناملىق بۇ شېئىرىدا ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ گۈزەل ئەخلاق پەزىلىتىنى ناھايىتى چوڭقۇر ئىپادىلەپ بېرىپتۇ، ھەقىقەتەن ئۇيغۇر قىزلىرى ئۆزىنىڭ گۈزەللىكى ئەمەس، بەلكى پاكلىكى ھەم ئىستىداتى بىلەن تېخىمۇ گۈزەلدۇر.شۇڭا مۇنداق دىگۈم كېلىدۇ:

نوزۇگۇمنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىپ ئۇيغۇر قىزى،
ياشايدۇ ھايا بىلەن جان تىكىپ ئۇيغۇر قىزى .
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 929
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە929دانە
تۆھپىسى: 72
پۇلى: 1123 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 145
ياخشى باھا: 1073
توردا: 154(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-05-11
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-24 09:28

  مەزكۇر شېئىرىدا تەسۋىرلەنگەندەك قىزلىرىمىز كۆپەيسۇنكى؛ -ھەرگىزمۇ ئازلاپ كەتمىسۇن...!!!
دوستلىشىش
سالمان888
تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 261
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە261دانە
تۆھپىسى: 76
پۇلى: 435 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 152
ياخشى باھا: 415
توردا: 70(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-19
ئاخىرقى: 2012-05-14
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-24 12:52

ئۇيغۇر قىزىلىرىنى ئىلاھىم شەرمى-ھايادىن ئايرىمىسۇن.
خەلقېم مەن بىلەن