ئاللاھنىڭ ياراتقىنىنى ئۆزگەرتىشنىڭ گۇناھى
سۇئال: ئاللاھنىڭ ياراتقىنىنى ئۆزگەرتىش دىگەن نىمە؟
جاۋاب: ئاللاھنىڭ ياراتقىنىنى ئۆزگەرتىش دىگەن ياسىنىشتا ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىپ شەكىلنى ئۆزگەرتىۋېتىش دىگەنلىك بولۇپ، مۇنداق قىلىشنى ئاللاھ تائالا شەيتاننىڭ ئەمەلي دەپ كۆرسەتكەن. چۈنكى شەيتان مۇنداق دىگەن:( ئۇلارنى چوقۇم ئاللاھنىڭ ياراتقانلىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىشكە بۇيرۇيمەن)
سۇئال: قانداق ئىشلار ئاللاھنىڭ ياراتقىنىنى ئۆزگەرتىش سانىلىدۇ؟
جاۋاب: تۆۋەندىكىلەر ئاللاھنىڭ ياراتقىنىنى ئۆزگەرتىشنىڭ جۈملىسىدىن سانىلىدۇ:
(1) بەدەنگە گۈل ۋە سۈرەت چېكىش، چىشنى ئىنچىكىلىتىش،<< پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام گۈل چەككەن ۋە چەكتۈرگەن، چىش ئىنچىكىلەتتۈرگەنلەرگە لەنەت قىلغان >>
(2) قاشنى ئىنچىكىلىتىش.<< پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قاش تەرگۈزگەن ئاياللارغا لەنەت قىلغان>>
(3) چاچ ئۇلاش.<< پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام باشقا بىر چاچنى ئۆزىنىڭ چېچىغا ئۇلىغان ياكى ئۇلانغان ئايالغا
لەنەت قىلغان>>.
ئەرلەرنىڭمۇ چاچ ئۇلىشى چە ئۇلىتىشى، شۇنداقلا چاچ ئۇلايدىغان ساتىراشخانىلاردا ئىشلىشى ئەلۋەتتە ھارامدۇر.
چاچ ئۇلاش ياكى ئۇلىتىشتىن توسۇشنىڭ ھىكمىتى ئالدامچىلىققا ۋە ھىيلە- مىكىرگە يول قويماسلىق پىرىنسىپىدىن
كەلگەن بولۇشى ئېھتىمال. چۈنكى بەزى ئادەملەر ئۆزىدە بولمىغان گۈزەللىكلەرنى سۈنئېي ئۇسۇلدا كۆرسىتىپ باشقىلارنى ئالدىماقچى بولىدۇ. ئىسلام دىنى ئالدامچىلىقنىڭ پۈتۈن تۈرلىرىنى ھارام قىلغان.
(4) چاچ بوياش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ياشانغان كىشىلەرنى چېچىنى قارا بويىۋېلىشتىن توسقان. چۈنكى بۇنداق
قىلىش ئالدامچىلىقنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، قارشى تەرەپكە ئۆزىنى ياش كۆرسىتىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىش ئەھۋاللىرى
كۆپ بولىدۇ. ھازىرقى زامان ئىسلام ئۆلىمالىرى ئۆزى چېچى ئاقىرىش يېشىغا يەتمەي تۇرۇپ چېچى ئاقىرىپ كەتكەن
كىشىنىڭ چېچىنى قارا بويىۋېلىشقا بولىدۇ، دەپ پەتىۋا بەرگەن. چۈنكى بۇنداق قىلىش ئالدامچىلىقتىن يىراقتۇر.
ئەمما ياشانغانلارنىڭ چاچلىرىنى قارا بويىۋېلىشى كۆپ ھاللاردا ئالدامچىلىقتىن خالى بولالمايدۇ. مەسىلەن: ياش
ئايالغا ئۆيلەنمەكچى بولغان ياشانغان بىرىنىڭ ئۆزىنى ياش كۆرسىتىش ئۈچۈن چېچىنى قارا بويىۋالغىنىغا ئوخشاش.
ئەر-ئايال ئىككى جىنىس ئوتتۇرىسىدا چەكلەنگەن ئىشلار
سۇئال: بىر- بىرىگە يات ئەر- ئايال جىنىسلار ئوتتۇرىسىدا چەكلەنگەن ئىشلار قايسىلار؟
جاۋاب: ئۇلار تۆۋەندىكىلەر:
(1) يات ئەر- ئاياللارنىڭ بىر- بىرىگە تىكىلىپ قارىشى. بۇ شەھۋاني قاراش بولۇپ، زىنانىڭ جۈملىسىدىن سانىلىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:<< ئىككى كۆزمۇ زىنا قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ زىناسى شەھۋانىي قاراشتۇر >> دىگەن.
(2) ئاياللارنىڭ ئەۋرەت ئورگانلىرى كۆرۈنۈپ قالىدىغان شەكىلدە ئوچۇق كىيىنىشى ۋە تار ، نېپىز، قىسقا كىيىملەرنى
كىيىپ سىرتقا چىقىشى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:( مۆمىن ئاياللارغا ئېيتقىنكى، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى ياپسۇن،كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان قىسىمدىن باشقا زىننەتلىرىنى ئاشكارلىمىسۇن، لىچەكلىرى
بىلەن كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن)
(3) نامەھرەم بىلەن يالغۇز قېلىش. ئەر ياكى ئايال ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ جورىسى ياكى نىكاھى باغلانمايدىغان يېقىن تۇغقىنى بولمىغان يات بىرى بىلەن خالىي يەردە يالغۇز قېلىشى ئىسلامدا مەنئى قىلىنغان ھارام
ئىشتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:<< ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەن ئادەم مەھرىمى يېنىدا
بولمىغان يات ئايال بىلەن خالىي بىر يەردە يالغۇز قالمىسۇن، چۈنكى بۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ئۈچۈنچىسى شەيتان بولىدۇ>>.
ھاياسىز فىلىملەرنى كۆرۈش، ئەخلاقسىز سۈرەتلەرگە قاراش، تېلېۋىزور كونتروللۇقىنى قولدىن بېرىش. نامەھرەملەرگە قاراش ھارام بولغان يەردە،بەزى فىلىملەردىكى ئەخلاقسىز قىلىقلارغا قاراپ لەززەتلىنىش، ھاياسىز رەسىملەرگە قاراپ
تاماشا قىلىش، تېلېۋىزور قاناللىرىنى كونتروللۇقىدا تۇتۇپ، نورمال فىلىملەردىن باشقىلىرىنى كۆرۈشتىن ئۆزى ۋە ئائىلە
ئەزالىرى چەكلەنمەستىن مۇتلەق قويۇۋېتىش ئەلۋەتتە چوڭ ھاراملاردىن بىرى ۋە ئىنساننىڭ قەلىب كۆزىنى خىرەلەشتۈرىدىغان گۇناھتۇر.ئائىلە باشلىقى بولغان ئاتا بىلەن ئانا بالىلارنىڭ بۇ خىلدىكى ھارام ئىشلارنى سادىر قىلىپ،گۇناھ ئىشلىشىنى توسۇشى لازىم.شۇنداق قىلمىغاندا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرى بىلەن بىرلىكتە بالىلىرىنىڭمۇ گۇناھلىرىنى ئۈستىگە ئېلىپ جازاسىنى چېكىدۇ.
مەنبە : دىن ۋە ھايات