ئۇيغۇر ئايالى
مۇھەممەتجان سادىق
شەپقەتلىك مېھرىبان ئۇيغۇر ئايالى ،
مېھرىڭدىن نەچچە رەت قانغان يۈرىگىم.
يېقىملىق جىلۋىلىك تەبەسسۇمىڭدىن ،
ئېچىلغان تالاي رەت ئۇمۇد تىلىگىم .
سەن شەپقەت يۇلتۇزى ،سادىقلىق گۈلى،
سەن گويا ئىچ كۆيەر بىر پەرۋانىسەن .
سەن سۆيگۈ ۋىجداننىڭ ئىپپەتلىك كۈيى،
بۇ يولدا لەيلىدەك مەرت مەردانسەن!
سېنىڭدە گۈلەمخان ۋاپادارلىغى ،
سېنىڭدە نۇزۇكنىڭ قەھىرمانلىغى.
سېنىڭدە باھارنىڭ چىن گۈزەللىكى،
سېنىڭدە زىمىستان قەھرىتانلىغى!...
سېنىڭسىز بولمايتى بۇ ھايات قىززىق،
سېنىڭسىز بۇ ئالەم بولمايتى گۈزەل !
بىرلەشسە ئىككىسى چىقىدۇ چاۋاك!
سەن بىلەن مەن بولغاچ جاراڭلار غەزەل!
يېرىمى مەن بولسام يورۇق جاھاننىڭ ،
يېرىمى سەن ئۆزۈڭ ئېزىز ۋاپادار .
يېرىمى بولمىغان جىمى نەرسىگە،
بولامدۇ گۈزەللىك ،مەنا ،شاتلىق يار؟!
مەن سېنى سۆيىمەن ،ئەزىزىم ئانا!
مەن سېنى سۆيىمەن ئەزىزىم يارىم !
مەن سېنى سۆيىمەن ئاچا-سىڭىللار،
جاراڭلار ھەمىشەم مۇھەببەت تارىم!...
--مەنبە؟ خاتىرەم...1990-يىل