ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 145 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: شىمالىي كورىيە چوڭ ئاچارچىلىقىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى(4)
دوستلىشىش
تاقەت315
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1403
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 53
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە53دانە
تۆھپىسى: 22
پۇلى: 97 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 44
ياخشى باھا: 97
توردا: 2(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-22
ئاخىرقى: 2012-05-05
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-24 21:58

شىمالىي كورىيە چوڭ ئاچارچىلىقىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى(4)

شىمالىي كورىيە چوڭ ئاچارچىلىقىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى(4)
باشقۇرۇلىدىغان بومبا كېرەكمۇ ياكى ئاشلىقمۇ؟
بۇ قېتىمقى شىمالىي كورىيە سۈنئىي ھەمرا كىرزىسىدىن ئىلگىرى، شىمالىي كورىيە ئامېرىكا ئىككى تەرەپ ئاشلىق ياردىمى تەپسىلاتىدىكى تالاش-تارتىشتا بىر قاتار كېلىشىملەرنى ھاسىل قىلغان ئىدى.
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 23-24 كۈنلىرى، شىمالىي كورىيە بىلەن ئامېرىكا بېيجىڭدا ئۈچىنچى نۆۋەتلىك يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتى ئۆتكۈزدى. 2-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئىككى تەرەپ بىرلا ۋاقىتتا شىمالىي كورىيەنىڭ ئامېرىكا-شىمالىي كورىيە ئۈنۈملۈك سۆھبەت ئۆتكۈزۈش مەزگىلىدە يادرو سىنىقى، يىراق مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ۋە نيوڭبىيان ئۇران قۇيۇلدۇرۇش پائالىيىتىنى توختىتىشنى قارار قىلغانلىقىنى ھەمدە خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيىسى ئورگىنىنىڭ شىمالىي كورىيەنىڭ ئۇران قويۇلدۇرۇش پائالىيىتىنى توختاتقانلىقىنى نازارەت قىلىشىغا قوشۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. ئامېرىكا شىمالىي كورىيەگە ئەمدى دۈشمەنلىك نەزىرىدە بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى، تەدبىر قوللىنىپ مەدەنىيەت، مائارىپ، تەنتەربىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى خادىملار ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، شىمالىي كورىيەگە 240 مىڭ توننا يادەم ئاشلىقى تەمىنلەشكە قوشۇلدى ھەمدە تېخىمۇ كۆپ ئاشلىق ياردىمى بېرىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكچى بولدى.
3-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئىككى تەرەپ بېيجىڭدا يەنە كۆرۈشۈپ، كېلەركى قەدەمدىكى ئاشلىق ياردىمى تەپسىلاتىنى بەلگىلىدى.
ياپونىيە ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شىمالىي كورىيە تەخمىنەن 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ئارقىلىق ئامېرىكىغا گۈرۈچ، كۆممەقوناق قاتارلىق دانلىق ئاشلىق ياردىمىنى زورايتىپ، سۈت پاراشوكى، پېچىنە قاتارلىق ئوزۇقلۇق يېمەكلىكلىرىنىڭ ئورنىغا قويۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان،بۇ شىمالىي كورىيەنىڭ كىم جوڭئىل ئالەمدىن ئۆتۈپ بىرىنچى قېتىم ئامېرىكىغا ئاشلىق ياردىمى بېرىشنى تەلەپ قىلىشى ئىدى.
ئەمما بۇ تەلەپ رەت قىلىنغان. ئامېرىكا پەقەت شىمالىي كورىيە ئۆسمۈرلىرىگە پېچىنە، بوۋاقلار ۋىتامىنى قاتارلىق ئوزۇقلۇق يېمەكلىكلىرى ياردىمىنى ئۇزارتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭدىن نەچچە كۈن ئىلگىرى، ئامېرىكا ھەر ئايدا شىمالىي كورىيەگە سۈت پاراشۇكى، پېچىنە، ۋىتامىنلىق ئوزۇقلۇق قاتارلىق 20 مىڭ توننا يېمەكلىك ياردىمى بېرىش لاھىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
بىراق شىمالىي كورىيە دائىرلىرى ناھايىتى نارازى بولغان. شىمالىي كورىيە مەركىزىي ئاگېنتلىقى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى شىمالىي كورىيە دېپلوماتىيە ۋازىتىنىڭ باياناتچىسىنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىشىچە، ئامېرىكا 2008-يىلى شىمالىي كورىيەگە 500 مىڭ توننا ئاشلىق ياردىمى بېرىشكە ۋەدە بەرگەندىن كېيىن، 2011-يىلىنىڭ بېشىدا ئالدى بىلەن 170 مىڭ توننىسىنى تەمىنلىگەن، ئامېرىكا قاچان قالغان 330 مىڭ توننا ئاشلىقنى تەمىنلىشى ئامېرىكا شىمالىي كورىيە ئۆتكۈزۈۋاتقان ئاشلىق ياردىمى سۆھبىتىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى.
مەزكۇر باياناتچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ئاشلىق ياردىمى بېرىش مەسىلىسىنى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىغا تەۋە قىلىشنى، سىياسىي مەسىلە بىلەن چېتىۋالماسلىقنى تەشەببۇس قىلغان. ئەمما 2011-يىلى 7-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا شىمالىي كورىيە يۇقىرى قاتلام سۆزلىشىشنى ئاچقۇچ قىلىپ، شىمالىي كورىيەنىڭ ئۇران قويۇلدۇرۇش پىلانىنى توختىتىش بىلەن شىمالىي كورىيەگە قاراتقان جازانى توختىتىش ۋە ئاشلىق ياردىمى بېرىشنى چېتىۋېلىشقا باشلىغان.
ئۇ يەنە كېيىن ئامرىكىنىڭ ياردەم ئاشلىقىنىڭ كۆلىمى ۋە تۈرىنى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتكەنلىكىنى، شۇڭا شىمالىي كورىيەنىڭ ئامېرىكىنىڭ سەمىمىيىتىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شىمالىي كورىيە ئامېرىكىدىن ئىككى تەرەپ 2011-يىلى 5-ئايدا ھاسىل قىلغان كېلىشىم مەزمۇنىنى ئىجرا قىلىشنى ئۇدا تەلەپ قىلغان.
كېيىن، شىمالىي كورىيەنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى بولسا سۈنئىي ھەمرا قويۇپ بېرىشنى جاكارلاش بولدى. ئامېرىكا دۆلەت مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى دېيىشىچە، شىمالىي كورىيەنىڭ پات ئارىدا سۈنئىي ھەمرا قويۇپ بېرىش پىلانىنى جاكارلىشى ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورىيەگە ئاشلىق ياردىمى بېرىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. باياناتچى شىمالىي كورىيە راستىنلا سۈنئىي ھەمرا قويۇپ بەرسە، ئېنىقلا جىددىي ۋەزىيەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورىيەگە بەرگەن ئاشلىق ياردىمى تەمىنلەش ۋەدىسىنى ئادا قىلمىقى تەسكە چۈشىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

شۇ كۈنى، جۇڭگو دېپلوماتىيە مىنىستېرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جاڭ جىجۈن شىمالىي كورىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشۈپ، شىمالىي كورىيەنىڭ 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىدا سۈنئىي ھەمرا قويۇپ بېرىش پىلانىغا دىققەت قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. جۇڭگو شىمالىي كورىيەنىڭ بۇ قېتىمقى قويۇپ بېرىش ھەرىكىتىنى پۈتۈنلەي ئەيىبلەش دەرىجىسىگە بارمىدى، ئەمما شىمالىي كورىيەگە ئاشكارا بېسىم قىلىشى ئاز كۆرىلىدۇ. ئامېرىكا بلۇمبۇرگ ئاگېنتلىقى ھەتتا كۆپتۈرۈپ:«جۇڭگو شىمالىي كورىيە مۇناسىۋىتىدە كىم جوڭئۇن ۋارىسلىق قىلغاندىن بۇيان بىرىنچى قېتىم جىددىي سىگنال كۆرۈلدى» دېگەن.
جىن چىياڭيىنىڭ قارىشىچە، كىم جوڭئۇن يېڭىلا تەختكە چىققان بولغاچقا، چوڭ ھەرىكەتلەرنى قىلىش ئارقىلىق دۆلەت ئىچىدە ئۇيۇشۇش كۈچى ھاسىل قىلىشى كېرەك ئىكەن. 2012-يىلى، شىمالىي كورىيە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ ھەربىي چوڭ دۆلىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. شىمالىي كورىيە يادرو سىنىقى قىلىپ باققان، يەنە يادرو سىنىقى قىلسا تەسىر چوڭ بولۇپ كەتمەيدۇ. ئەمما يادرو قورالى بولغاندىن كېيىن ئامېرىكا زېمىنىغا زەربە بېرەلەيدىغان توشۇغۇچى قورال ياسىسا ئەھمىيىتى ئوخشاش بولمايدۇ.
جىن چىياڭيى:«بۇ مۇھىم ھەربىي مەسىلە، شىمالىي كورىيە قول سېلىپ تەتقىق قىلىپ چىقىدۇ، مۇبادا تەتقىق قىلىپ چىقسا، كېيىن ئامېرىكا بىلەن سۆھبەتلەشكەندە مۇھىم كوزىرى بولۇپ قالىدۇ» دېدى.
ئاشلىق مەسىلىسىدە، «شىمالىي كورىيە ئاستا خاراكتېرلىك ئاشلىق كەمچىل ھالەتتە، ھازىر ناھايىتى كەمچىل دېيىشكە بولمايدۇ، ئىزچىل كەمچىل بولۇپ كەلگەن. ئەگەر يەنە بايلىققا ئېرىشمەكچى بولسا، يەنە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتماقچى بولسا، ئۇنداقتا مەقسىتى تازا ئېنىق ئەمەس.»
جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ خەلقئارا ئىستراتىگىيە تەتقىقات ئورگىنىنىڭ پراففىسورى جاڭ لىيەنگۇي (张琏瑰) سۇمرۇغ تېلېۋىزىيىسى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا قارىشىنى بىلدۈرۈپ، ئەمەلىيەتتە شىمالىي كورىيە ئامېرىكىنىڭ يېمەكلىك ياردىمى بېرىشىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەيدۇ. ئەگەر ئامېرىكا شىمالىي كورىيەگە 240 مىڭ توننا ئاشلىق تەمىنلىسە، شىمالىي كورىيەمۇ خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىدۇ، ئەمما بەرمىسە ھېچقىسى يوق. «چۈنكى شىمالىي كورىيە ئامېرىكىدىن باشتىلا بۇ ياردەمنى تەلەپ قىلغاندا، گۈرۈچ، كۆممە قوناق قاتارلىق ساقلىغىلى بولىدىغان ئاشلىق ياردىمى بېرىشنى ئۈمىد قىلدى، ئەمما ئامېرىكا بۇ ئاشلىقلارنىڭ ھەربىي ئاشلىق بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرىدى، شۇڭا ھەممىسى بالىلار، قېرىلار ئېھتىياجلىق ساقلىغىلى بولمايدىغان يېمەكلىكلەر ئىدى» دېدى.
ئۇ:«بولۇپمۇ يېقىنقى بىر مەزگىلدە، جۇڭگو شىمالىي كورىيەگە بەلگىلىك ياردەم بېرىدۇ، بۇمۇ شىمالىي كورىيەنىڭ ئاشلىققا بولغان مەلۇم جىددىي ئېھتىياجىنى يېنىكلىدۇ، شۇڭا شىمالىي كورىيە سۈنئىي ھەمرا قويۇپ بېرىش قارارىنى چىقارغان ۋاقىتتا، ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورىيەگە ئاشلىق ياردىمىنى ئۈزۈپ تاشلاش تاشلىماسلىقىنى ئەمەلىيەتتە كۆپ ئويلىنىپ كەتمىگەن» دېدى.
ب د ت ئاشلىق پىلان مەھكىمىسىنىڭ مۆلچەرلىشىگە ئاساسلانغاندا، 2011-يىلى شىمالىي كورىيە جۇڭگودىن تارىختىن بۇيانقى كۆلىمى ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى خىمىيىۋى ئوغۇت ياردىمىغا ئېرىكەشكەچكە، شىمالىي كورىيەنىڭ ئاشلىق ئومۇمىي مىقدارى 2011-يىلى 10-ئايدىن 2012-يىلى 10-ئايغىچە تەخمىنەن 5 مىليون 500 مىڭ توننا بولىدىغانلىقى، 2011-يىلى ئاساسلىق يىغىم پەسلىدىكى پەرەز قىلىنغان مەھسۇلات مىقدارى ۋە 2012-يىلىدىكى بالدۇر پىشىدىغان زىرائەتلەنىڭ تەخمىنىي مەھسۇلات مىقدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن، بۇ 2010-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە بولغان نورمال مەھسۇلات مىقدارىدىن %85 يۇقىرى.
شىمالىي كورىيەدە سودىگەرچىلىك قىلىدىغان داندوڭلۇق سودىگەرنىڭ قارىشىچە، ئاشلىقتىن ئىبارەت بۇ ئەشيا شىمالىي كورىيەگە نىسبەتەن قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى. بىراق ئاشلىق كەمچىل بولسىمۇ، موشۇ يىللاردا ئوزۇقلۇق ناچار بولسىمۇ ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ. ئېنىقكى، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھەڭ مۇھىم ئىش. (تەرجىمىسى تاماملاندى)

تېما تەستىقلىغۇچى : كان-تۈرك
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-04-25, 08:16
دەرىجە: باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 190
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 519
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە519دانە
تۆھپىسى: 54
پۇلى: 323756 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 119
ياخشى باھا: 626
توردا: 141(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-13
ئاخىرقى: 2012-05-12
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-26 02:33

ئۇرىشامسەن؟ قايسىڭ نوچى قېنى، ئالە كىش-كىش...............
كۆزۇڭنى ئاچ
سىنىڭ ئىرادەڭ بۇيىچە بولسۇن !
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 765
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە765دانە
تۆھپىسى: 104
پۇلى: 975 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 215
ياخشى باھا: 975
توردا: 111(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2012-05-13
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-26 09:04

خۇدا بۇلارنىڭ قەلبىگە بىر خىل قورقۇش سىلىۋەتكەن ، شۇڭا بۇلار شەخسىيەتچىلىكى تۈپەيلى قەۋمى بىلەن كارى يوق ئۆزىنى قوغداش بىلەن بۇلۇپ كەتكەن  
دوستلىشىش
تاقەت315
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1403
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 53
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە53دانە
تۆھپىسى: 22
پۇلى: 97 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 44
ياخشى باھا: 97
توردا: 2(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-22
ئاخىرقى: 2012-05-05
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-26 13:53

مۇستەبىتلىك !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!