ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 342 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: بېرمىنىڭ شىمالىدىكى ئۇرۇش ئوتى ۋە جۇڭگونىڭ مىليارد يۈەنلىك مەبلىغى (1)
دوستلىشىش
تاقەت315
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1403
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 53
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە53دانە
تۆھپىسى: 22
پۇلى: 97 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 44
ياخشى باھا: 97
توردا: 2(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-22
ئاخىرقى: 2012-05-05
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-24 22:04

بېرمىنىڭ شىمالىدىكى ئۇرۇش ئوتى ۋە جۇڭگونىڭ مىليارد يۈەنلىك مەبلىغى (1)

بېرمىنىڭ شىمالىدىكى ئۇرۇش ئوتى ۋە جۇڭگونىڭ مىليارد يۈەنلىك مەبلىغى (1)
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى، جۇڭگو دېپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ئاچقان مۇخبىرلار يىغىنىدا، دېپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى خوڭلېي:«بىز بېرمىنىڭ شىمالىي رايونىدىكى ئالاقىدار ۋەقەنىڭ تەرەققىياتىغا قاتتىق دىققەت قىلىۋاتىمىز. بېرمىدىكى توقۇنۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپنى ئۆزىنى بېسىۋېلىپ، ۋەقەنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تىنچلىق سۆھبىتى ئارقىلىق ئىختىلاپنى ھەل قىلىشقا دەۋەت قىلىمىز» دېدى. خوڭلېي بىرلا ۋاقىتتا:«توقۇنۇش يۈز بەرگەندىن كېيىن، بىر قىسىم بېرما ئاممىسى ۋاقتىنچە جۇڭگو چېگرىسىدىن كىرىپ تۇققانلىرىنىڭكىدە پاناھلاندى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئىنسانپەرۋەرلىكنى چىقىش قىلىپ، زۆرۈر ياردەملەرنى بەردى» دېدى.
بۇ بېرمىنىڭ شىمالىدىكى ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن كاچىن مۇستەقىللىق ئارمىيىسى ئارىسىدا توقۇنۇش پارتلاپ بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىپادە بىلدۈرۈشى ئىدى.
2009-يىلىدىكى بېرمىنىڭ شىمالىدىكى كوكاڭ ئۇرۇشىغا ئوخشاش، بۇ قېتىمقى ئۇرۇش رايونىمۇ جۇڭگو چېگرىسىغا ناھايىتى يېقىن، ئەڭ يېقىن يېرى 10 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇرۇش بىر تەرەپتىن زور ساندىكى ئاممىنىڭ جۇڭگوغا قېچىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، بىر تەرەپتىن جۇڭگو سودىگەرلىرىنىڭ بېرمىنىڭ ئالاقىدار رايونلىرىغا كىرىپ سودا، تېرىقچىلىق قىلىش يولىنى ئۈزۈپ تاشلىدى، زور تۈركۈمدىكى تېرىقچىلىق قىلغۇچىلار ئېغىر زىيان تارتتى.
بۇرۇنقىغا تېخىمۇ ئوخشىمايدىغىنى، بۇ قېتىمقى بېرمىنىڭ شىمالىدىكى توقۇنۇش بىلەن جۇڭگونىڭ مەنپەئەتى مۇناسىۋەتلىك. بۇ قېتىمقى توقۇنۇشنىڭ ئورنى جۇڭگو بېرمىنىڭ شىمالىدا مەبلەغ سېلىپ قۇرۇۋاتقان بىردىنبىر چوڭ تىپتىكى سۇ ئېلىكتىر ئىستانسىسى داپېين (DAPEIN()) بىرىنچى سۇ ئېلىكتىر ئىستانسىسى رايونىدا ئىدى. بېرمىنىڭ شىمالىدا جۇڭگونىڭ يەنە 200 مىليارد يۈەنلىك سۇ ئېلىكتىر ئېلىكتر ئىستانسىسىغا مەبلەغ سېلىش پىلانى ھەمدە كەلگۈسىدە تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يول، تاشيول، نېفىت، تەبئىي گاز ئۇزۇتۇش تۇربا يولى قۇرۇلىشى پىلانى بار.
بېيجىڭ بىردىنبىر كېلىشتۈرگۈچى، ھەتتا ئۇرۇشتىكى «ئۈچىنچى تەرەپ» بولۇپ قالدى دەپ قارالدى. ئۇرۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپ بېرما ھۆكۈمىتى بىلەن كاچىن مۇستەقىللىق تەشكىلاتى بىردەك بېيجىڭغا ئادەم ئەۋەتىپ ياكى خەت يېزىپ، پىكىرىنى ئالدى ياكى كېلىشتۈرۈپ قويىشىنى تەلەپ قىلدى. ئىككىلا تەرەپ جۇڭگو بىلەن ئوخشىمىغان شەكىلدە دوستانە مۇناسىۋەت ۋە ئالاقىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان بولغاچقا، دۆلەت چېگرىسىدا يۈز بېرىۋاتقان، يەنىلا داۋاملىشىۋاتقان قوراللىق توقۇنۇشنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش جۇڭگونىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى قاتتىق سىنىغان ئىدى.
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى، بېرما ئارمىيىسىنىڭ ئىككى ئوفىتسېرى تولۇق قوراللىنىپ، كاچىنلار كونتروللىقىدىكى ساڭگاڭ قاراۋۇلخانسىدىن مەجبۇرىي كېسىپ ئۆتكەنلىكتىن، كاچىن ئارمىيىسى ئۇلارنى قاماپ قويدى. ئىككى تەرەپنىڭ 1994-يىلىدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئاساسەن، ئىككى تەرەپ كونترول قىلىدىغان رايون بىر-بىرىگە ئارىلاشمايدۇ. قارشى تەرەپنىڭ تەستىقى بولمىسا، ھەربىيلەر قارشى تەرەپنىڭ رايونىغا قوراللىق كىرسە بولمايدۇ. ئىككىنچى كۈنى، بېرما ئارمىيىسىنىڭ 100 نەچچە ئەسكىرى «كاچىن ئارمىيىسىنىڭ تەسلىم بولىشىنى تەلەپ قىلىش» شوئارىنى توۋلاپ، ساڭگاڭ قاراۋۇلخانىسىغا ئاتلاندى ھەمدە كاچىن مۇستەقىللىقى ئالاقە ئورنىدىكى بىر ئەسكەرنى تۇتۇپ كەتتى، ئارقىدىن يەنە بىر قاراۋۇلخانىغا ئاتلاندى.
ساڭگاڭ قاراۋۇلخانىسى كاچىن مۇستەقىللىق ئارمىيىسى كونترول قىلىۋاتقان يىڭجىياڭ-بامو يولى (جۇڭگونىڭ يىڭجىياڭ (盈江) ناھىيىسىدىن بېرمىنىڭ بامو (Bhamo) غا بارىدۇ) دا، ئالدىغا قاراپ تەخمىنەن 30 كىلومېتىر ماڭسا جۇڭگو داتاڭ ئېلىكترونچىلىقى مەبلەغ سالغان داپېين بىرىنچى ئېلىكتىر ئىستانسىسى بار، ئالدىغا 10 كىلومېتىر ماڭسا دۆلەت چېگرىسىدىن ھالقىغىلى بولىدۇ، بىر ئۇچى دەل يۈننەنىڭ يىڭجىياڭ ناھىيىسىگە بارىدۇ.
6-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئىككى تەرەپ بىر پەس كەسكىن تۇتۇشقاندىن كېيىن، سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى تەرەپ ئۆزلىرى تۇتۇپ تۇرىۋاتقان ھەربىي خادىملارنى قويۇپ بېرىشكە ماقۇل بولۇشتى. كاچىن مۇستەقىللىق ئارمىيىسى ئەسىر ئالغان بېرما ئارمىيىسى ئوفىتسېرلىرىنى قوراللىرى بىلەن قويۇپ بەردى. ئەمما بېرما ئارمىيىسى تۇتۇۋالغان كاچىن ئەسكىرىنىڭ پەقەت مىلتىقىنىلا قايتۇرۇپ بەردى.
بېرما ئارمىيىسى قايتا-قايتا باھانە كۆرسەتكەندىن كېيىن، ئاخىرى نەق مەيداندا ئوق تېگىپ ئۆلدى دەپ جاكارلىغان كاچىن ئەسكىرىنىڭ جەسىتىنى تاپشۇرۇپ بەردى. كاچىن تەرەپنىڭ باياناتچى ۋە ئېلان قىلغان سۈرەتكە ئاساسلانغاندا، قايتۇرۇپ بېرىلگەن جەسەتنىڭ بېشىدا قورال جاراھىتى بار ئىدى. بەدىنىنىڭ نەچچە يېرىدە تىغ يارىسى بار بولۇپ، بىر قولى ئۈزۈپ تاشلانغان، خەلقئارا جامائەتچىلىك ئۇنى قىيناپ ئۆلتۈرگەن، دەپ قارىدى.
6-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بېرما ئارمىيىسىنىڭ كوماندىرى تۇيۇقسىز يەنە ئادەم باشلاپ كېلىپ كاچىن ئارمىيىسىنىڭ دەرھال تەسلىم بولىشىنى ھەمدە زېمىننى بىكارلاشنى تەلەپ قىلدى، بولمىسا يەنە ئۇرۇش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كاچىن مۇستەقىللىق ئارمىيىسى جاۋاب قايتۇرۇپ، بۇ زېمىننىڭ ئەزەلدىن كاچىنلىقلارنىڭ ئىكەنلىكىنى، بېرما ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزەلدىن قەدەم بېسىپ باقمىغانلىقىنى ئېيتتى ھەمدە تەسلىم بولۇش ۋە زېمىننى تاپشۇرۇپ بېرىشنى رەت قىلدى. ھازىرغىچە سوزۇلۇپ كەتكەن ئۇرۇش رەسىمىي باشلاندى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن بېرما ئارمىيىسى كاچىن مۇستەقىللىق ئارمىيىسىنىڭ كونتروللىقىدىكى نەچچە قاراۋۇلخانىنى توپقا تۇتتى. كاچىن مۇستەقىللىق ئارمىيىسى نەچچە كۈن سەۋرى قىلغاندىن كېيىن، رەسىمىي قايتۇرما ھۇجۇم قىلىشنى قارار قىلدى. تاقابىل تۇرۇشقا ئامالسىز بولغانلىقتىن، ساڭگاڭ قاتارلىق ئىككى قاراۋۇلخانىسىدىن ئارقا-ئارقىدىن ۋەز كەچتى.
كاچىن تەرەپ تەمىنلىگەن ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، 6-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بېرما ھۆكۈمىتى كاچىن شىتاتىنىڭ مىنىستىرى ئارقىلىق كاچىن مۇستەقىللىق ئارمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانىغا تېلېفۇن قىلىپ، پرېزىدېنت زېين سېيىننىڭ ئالدى بىلەن سۆھبەتلىشىش كۆرسەتمىسى بەرگەنلىكىنى ئېيتقان. كاچىن تەرەپ بېسىۋېلىنغان زېمىنىنى قايتۇرۇپ بېرىشىنى، بېرما ئارمىيىسىنىڭ قوشۇن چېكىندۈرۈشىنى، بولمىسا ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەمما بېرما ئارمىيىسى، ھۆكۈمىتى ئىچىدە پىكىر بىردەكلىكى بولمىغان. بەلگىلەنگەن ۋاقىت سائەت 12 دىن بۇرۇن جاۋابقا ئېرىشەلمىگەنلىكتىن، ئۇرۇش رەسىمىي پارتلىدى. كاچىن مۇستەقىللىق ئارمىيىسى بۇ ۋەقەنىڭ ئۇرۇش ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقى 17 يىل بولغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ بىكار بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
6-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە قەدەر، كاچىن ئارمىيىسى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، كاچىن ئارمىيىسىدىن 4 ئادەم ئۆلگەن، 12 ئادەم يارىدار بولغان. بېرما ئارمىيىسىدىن 6 ئەسكەر ئەسىرگە چۈشكەن، 50 نەچچە ئادەم ئۆلگەن، بامو، مىيتكينا قاتارلىق جايلاردا دوختۇرخانىدا ياتقان ئادەم 180 دىن ئېشىپ كەتكەن. بۇ مەزگىلدە، كاچىن مۇستەقىللىق ئاممىسى جۇڭگودىكى تۇغقانلىرىنىڭكىگە بېرىپ پاناھلانغان، شۇنىڭدىن كېيىن مۇساپىرلار ئۈزۈلۈپ قالمىغان. كاچىن مۇستەقىللىقى تەشكىلاتى پەرەز قىلىشىچە، تەخمىنەن 2000 ئادەم جۇڭگوغا قاچقان، نۇرغۇنلىرى ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ تۇتۇۋېلىپ مەدىكار قىلىشتىن قورققان.
كاچىن مىللىتى بېرمىنىڭ كاچىن شىتاتى، ھىندىستاننىڭ ئارۇن ئاچال شىتاتى، يۈننەنىڭ ئۈچ دۆلەت چېگرا رايونىغا يېقىن جايغا تارقالغان، جۇڭگودا جىڭپو مىللىتى دەپ ئاتايدۇ. كاچىن مۇستەقىللىق ئارمىيىسى ئىككىنچى چوڭ يەرلىك قوراللىق كۈچ، ھەم بېرما ئارمىيىسى ھەل قىلىشنى ئويلايدىغان باش ئاغرىقلىرىنىڭ بىرى.
كاچىن شىتاتىنىڭ ئاساسلىق ھەربىي كۈچى بولغان كاچىن مۇستەقىللىق ئارمىيىسى كاچىن شىتاتىنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىغا ھەمدە شان شىتاتىنىڭ قىسمەن رايونلىرىغىمۇ تارقالغان. كاچىن شىتاتىنىڭ مەركىزى مىيتكينا ھەمدە تاش يول لىنىيىسىنى بېرما ھۆكۈمەت ئارمىيىسى كونترول قىلىدۇ، نۇرغۇن تاغلىق رايونلار كاچىن مۇستەقىللىقى ئارمىيىسى قولىدا. بېرما كومپارتىيىسى ۋاقتىدا، كاچىن مۇستەقىللىق ئارمىيىسى بېرما كومپارتىيىسى بىلەن ئۇزۇن مۇددەت بىرلىكسەپ قۇرۇپ، بېرما ھۆكۈمەت ئارمىيىسىغا قارشى ئۇرۇش قىلغان. بۇ دوستلۇق ھازىرغىچە داۋاملاشتى.
نۆۋەتتە، بېرمىدا 25 تارماق ئاساسلىق مىللىي قوراللىق كۈچ بار، ئۇلارنىڭ 14 تارمىقى ئۇرۇش توختاتقان كۈچلەر، كاچىن مۇستەقىللىق ئارمىيىسى دەل ئۇرۇش توختاتقان مىللىي قوراللىق كۈچلەرنىڭ بىرى. شان شىتاتىنىڭ كوكاڭ ئالاھىدە بىرىنچى رايونى، ۋا شىتاتىنىڭ ئىككىنچى ئالاھىدە رايونى، ئۈچىنچى ئالاھىدە رايونى، تۆتىنچى ئالاھىدە رايونىغا ئوخشاش، كاچىن مۇستەقىللىق ئارمىيىسى ۋە ئۇنىڭ باشقۇرۇشىدىكى كاچىن مۇستەقىللىق تەشكىلاتى كونتروللىقىدىكى رايون بولسا كاچىن شىتاتىنىڭ ئىككىنچى ئالاھىدە رايونى، ئۇرۇش توختاتقان قوراللىق كۈچلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىللىي قوراللىق كۈچلەرنى يوقىتىش بېرما ئارمىيىسىنىڭ ئارزۇسى. 2009-يىلدىكى كوكاڭ ئۇرۇشى بېرمىنىڭ شىمالىدىكى توپتوغرا 20 يىل بولغان تىنچلىقنى ئاخىرلاشتۇردى. بېرما ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ئالاھىدە رايونلار ئىچىدىكى يەر مەيدانى نىسبەتەن كىچىك بولغان كوكاڭنى غەلبىلىك ئىشغال قىلىپ، كوكاڭنىڭ رەھبىرى فونى كىيار شىن قېرىنداشلارنى قوغلىۋەتتى، ئەسلىدىكى كوكاڭ ئىتتىپاقداش ئارمىيىسى بېرما ھۆكىمىنىڭ چېگرا ئارمىيىسىغا ئۆزگەرتىپ تەشكىللەندى.
 
كوكاڭ ئۇرۇشى ۋاقتىدا، بېرما ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن ۋا شىتاتى ۋا قوراللىق بىرلەشمە ئارمىيىسى، كاچىن مۇستەقىللىق ئارمىيىسى سۈكىلىشكەن ياكى تىركەشكەن، ئەمما ئۇرۇشقا ئايلانمىغان. ئىككى يىلدىن كېيىن، ئۇرۇش ئوتى قايتىدىن تۇتاشتى. بۇ قېتىمقى توقۇنۇشتىن يېرىم يىل ئىلگىرى، كاچىن ئارمىيىسى بىلەن ھۆكۈمەت ئارمىيىسى كۆپ قېتىم سۈركىلىشكەن. بۇ قېتىم ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ئالدى بىلەن جۇڭگو مەبلەغ سالغان سۇ ئېلىكتر ئىستانسىسى رايونىدا ئىغۋاگەرچىلىك قىلدى، ئۇرۇش پارتلىدى.
كاچىن مۇستەقىللىق ئارمىيىسىنى پىششىق بىلىدىغان زات مۇخبىرغا تونۇشتۇرىشىچە، كاچىن مۇستەقىللىق ئارمىيىسىنىڭ تەخمىنەن 5000 ئەسكىرى كۈچى بار ئىكەن، تارىختىن بۇيان كىچىك كۆلەمدە تاغلىق پارتىزانلىق ئۇرۇشىنى ئاساس قىلىپ كەلگەن. ئارمىيە ئاۋام ئىچىگە يوشۇرۇنغان بولۇپ، يەرلىك تاغلىق رايوندا ئۇرۇش قىلىشقا ماس كېلىدۇ. بېرما كومپارتىيىسى ۋاقتىدا، بېرما ھۆكۈمەت ئارمىيىسىمۇ ئەزەلدىن كاچىنلارنىڭ زېمىنىغا ھەقىقىي ئۇرۇش قىلىپ كىرمىگەن. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا، كاچىن مۇستەقىللىق ئارمىيىسى دەسلەپتىلا ئىككى قاراۋۇلخانىسىدىن ۋاز كېچىپ، پارتىزانلىق ئۇرۇشى ھالىتىگە ئۆتتى. كېچىلىك ھۇجۇم، مەرگەن ھۇجۇمى قىلدى، پىستۇرما قويدى ھەمدە قوراللىرىنى تارتىۋالدى. بىرلا ۋاقىتتا كۆۋرۈكلەرنى پارتلىتىپ، بېرما ئارمىيىسى ماتورلاشقان قىسىملىرىنىڭ ئىچكىرىلەپ كىرىشىنى توستى.
كاچىن مۇستەقىللىق ئارمىيىسىنىڭ خادىمى:«بېرما ئارمىيىسى تانكا، ئايروپىلانلىرىنى ئىشقا سالغان تەغدىردىمۇ، بىزگە ھېچقانچە كار قىلمايدۇ» دېگەن ئىدى. پارتىزانلىق ئۇرۇشىمۇ بېرمىنىڭ شىمالىدىكى ئالاھىدە ئۇرۇش شەكلىنى بەلگىلىگەن ئىدى. ئىككى يىل ئىلگىرى، بېرما ھۆكۈمىتى ئارمىيىسى بىر ھۇجۇم بىلەنلا كوكاڭنى ئالغان ئەھۋالنىڭ ئەمدى قايتا كۆرۈلىشىنىڭ مۇمكىنچىلىكى يوق دېيەرلىك. بۇ خادىمنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بېرما ئارمىيىسى كاچىنلارنىڭ ئىككى قاراۋۇلخانىسىنى ئىشغال قىلغاندىن سىرت، نۆۋەتتە ئۇرۇشنى كېڭەيتمىگەن. بۇ ئىككى قاراۋۇلخانىمۇ توختىماي ھۇجۇمغا ئۇچراپ تۇرغانلىقتىن، نۇرغۇن بېرما ئەسكەرلىرى لەخمىگە يوشۇرىنىۋالغان.
بىراق، كاچىن ئارمىيىسىدىكى زاتنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، گەرچە ھۇجۇمغا ئۇچرىغان رايون بىلەن جۇڭگو-بېرما چېگرىسىنىڭ ئارىلىقى نەچچە ئون كىلومېتىرلا بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۈزۈپ تاشلىنىش خەۋپى چوڭ ئەمەس ئىكەن. بېرما ھۆكۈمەت ئارمىيىسى كاچىن مۇستەقىللىق ئارمىيىسىنى بوي سۇندۇرغان تەغدىردىمۇ، كاچىنغا قوشنا بولغان، ئەمەلىي كۈچى تېخىمۇ كۈچلۈك، بېرمىدىكى بىرىنچى چوڭ مىللىي قوراللىق كۈچ ۋا بىرلەشمە ئارمىيىسى بار.
ئېيتىشلارغا ئاساسلانغاندا، ۋا بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ 20 مىڭ ئەسكىرى كۈچى ھەمدە نەچچە ئون مىڭ خەلق ئەسكىرى بولۇپ، ۋا شىتاتىنى مۇستەھكەم كونترول قىلىپ تۇرماقتا. ۋا بىرلەشمە ئارمىيىسى ئۇرۇشتا ئىتتىپاقلىقى، باتۇرلىقى، كەڭ كۆلەملىك سەپ تۈزۈپ ئۇرۇش قىلىشقا ماھىرلىقى بىلەن داڭلىق.
كاچىن ئارمىيىسى كونترول قىلىۋاتقان رايونغا ئوخشاش، ۋا شىتاتىغىمۇ بېرما ئارمىيىسى تارىختىن بۇيان كىرىپ باقمىغان. ئوخشاشلا، بېرما مىللىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قەتئىي ئىشەنمەيدۇ. بېرما ئارمىيىسى قاتتىق مەيدانىدا داۋاملىق تۇرۇپ، بېرمىنىڭ شىمالىدىكى مەسىلىنى قوراللىق ھەل قىلسا، ئۇرۇش مۇقەررەر كېڭىيىپ، جۇڭگو-بېرما چېگرىسى ئەمىن تاپالمايدۇ.
(نەپرەت تەرجىمە قىلدى، ئىككى، ئۈچىنچى قىسىملىرى داۋاملىق ئېلان قىلىنىدۇ)http://news.okyan.com/View.aspx?ID=4833


تېما تەستىقلىغۇچى : كان-تۈرك
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-04-25, 08:16
keltiriksiz belik yok,ayibsiz insan.
دەرىجە: كۆنگەن ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1162
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 567
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە567دانە
تۆھپىسى: 47
پۇلى: 661 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 94
ياخشى باھا: 661
توردا: 120(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-30
ئاخىرقى: 2012-05-14
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-26 10:49

ئەڭ چوڭ مەزمۇندىكى خەلقئارا خەۋەر ئىكەن ، تېلېۋىزوردىن تەپسىلى كۆرۈش پۇرسىتى بولمىغان ، ئەجرىڭىزگە رەخمەت.