تالاشماڭلار تالايدىن، قالار ئىكەن بۇ دۇنيا،
بىلىپ بولماس نەگىدۇر بارار ئىكەن بۇ دۇنيا.
مەيلى گاداي ، مەيلى شاھ بىر قىيامەت بىر جانغا،
بىر ئىنساندىن بىر جەسەت ئالار ئىكەن بۇ دۇنيا.
..............................
كېلىپ كېتەر مېھمانسەن، ياخشى قونۇپ ياخشى كەت.
سېخى ئۈچۈن بىر قالام چاۋار ئىكەن بۇ دۇنيا.
رەقىبلىشۇر ئىككى جان ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىپ،
توۋا دەڭلار ئۇلارغا تۆمۈر ئىكەن بۇ دۇنيا.
م .راشىدىن