شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ توختاملىق ياش يازغۇچىلارنى «ئاشكارىلاش، ئېلان قىلىش» ئىسىملىكى
2012-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى «توختاملىق يازغۇچىلارغا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپىسى»نىڭ يىغىنىنى ئېچىپ،ئەستائىدىللىق بىلەن باھالاپ ۋە نامسىز بېلەت تاشلاپ، بۇ قېتىم تىزىمغا ئېلىنغان 64 نەپەر توختاملىق يازغۇچى نامزاتلىرىنىڭ ئىچىدىن 33 نەپەر توختاملىق ياش يازغۇچىنى بېكىتىپ چىقتى. تۆۋەندە ئۇلارنىڭ ئىسىملىكىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىپ، ئاشكارلاشنى قارار قىلدۇق.
بىرىنچى: ئۇيغۇر يازغۇچىلار (11 نەپەر)
1. ئەنىۋەر ھوشۇر
2. رىزۋانگۈل يۈسۈپ
3. ئابلىكىم ھەسەن
4.زۇلپىيە كۆلتىگېن
5.مۇھەممەتسالى مەتروزى
6.رىسالەت مەردان
7.ئەكبەر ئىمام كۆك بۆرە
8.چىمەنگۈل ئاۋۇت
9.ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇت
10.ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم
11.ئەنىۋەر ناسىرى
ئىككىنچى: قازاق يازغۇچىلار (6 نەپەر)
1. مادانىيات مۇقاتاي
2. ئېرلان نۇردىقان
3. تۇرسۇنبېك بايجۈما
4. باھارگۈل غوپۇر (باھار بېردىبېك)
5. جېڭىس رېيىسقان
6. ئېرىسباي توقتار
ئۈچۈنچى: قىرغىز يازغۇچىلار (2 نەپەر)
1. گۈلزىيا قىدىربېك
2. ئابدۇراخمان ئەزىز ئوغلى
توتىنچى: موڭغۇل يازغۇچىلار (2 نەپەر)
1. كىمجىلا
2. يېئېردا
بەشىنچى: خەنزۇ يازغۇچىلار (11 نەپەر)
1. لى جۈەن
2. نەن زى
3. لى يىڭچاۋ
4. خې يىڭ
5. شاۋ يۈن
6. دوڭشا چىڭچىڭ
7. جاڭ چى
8. لۇ يىپىڭ
9. جى ئېر
10. جۇ زىچىڭ
11.ليۇ خۇيمىڭ
تاجىك يازغۇچى (1 نەپەر)
1. باتۇرخان ئاتاخان
ئاشكارىلاش،ئېلان قىلىش مۇددىتى:2012-يىلى 4-ئاينىڭ27-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە
پىكىر بېرىش، نازارەت قىلىش تېلىفۇنى: 0991-4527645
شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ توختاملىق ياش يازغۇچىلارنى تەكلىپ قىلىش لاھىيەسىنى يولغا قويۇش چارىسى
شىنجاڭنىڭ كۆپ مىللەتلىك ئەدەبىيات ئىشلىرىنى تېخىمۇ تېز تەرەققى قىلدۇرۇش،كۆپلەپ نادىر ئەسەرلەرنى يارىتىش،شىنجاڭنىڭ كەسپىي يازغۇچىلار تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىتىش، ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان كۆپ مىللەتلىك ئىجادىيەتچىلەر قوشۇنىنى ئۇيۇشتۇرۇش ئۈچۈن،مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتۇنوم رايۇنلىرىدىكى يازغۇچىلار جەمىئىيەتلىرى ئېلىپ بارغان يازغۇچىلار تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ ئۈنۈملۈك تەجىربىلىرىگە ئاساسەن،شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى توختاملىق ياش يازغۇچىلارنى تەكلىپ قىلىش لاھىيەسىنى يولغا قويۇشنى قارار قىلدى.
بۇنىڭ كونكىرىت يولغا قويۇلۇش چارىسى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
1. توختاملىق يازغۇچىلار ۋەتەننى، پارتىيەنى، سوتسىيالىزىمنى قىزغىن سۆيىشى، كۈچلۈك مەسئۇلىيەت ۋە بۇرۇچ تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇشى كېرەك.
2. توختاملىق يازغۇچىلارنىڭ كۆرۈنەرلىك ئىجادىيەت نەتىنجىلىرى ۋە نىسىپەتەن يۇقۇرى ئىجادىيەت قىزغىنلىقى بولغان بولۇشى كېرەك.
3. توختاملىق يازغۇچىلار چوققۇم شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ۋە نوپۇسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى تەۋەسى ئىچىدىكى يازغۇچىلاردىن بولۇشى كېرەك.
4. توختاملىق يازغۇچىلارنىڭ يېشى 45 ياشتىن ئاشمىغان بولۇشى لازىم.
5. توختاملىق يازغۇچىلار نامزاتلىرىنى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە جايلاردىكى ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىلىرى كۆرسىتىدۇ، جەمئىيىتىمىزنىڭ ئەزالىرى ئۆزىنى ئۆزى كۆرسەتسىمۇ بولىدۇ.
6. جەمئىيىتىمىز رەھبەرلىرى ۋە مۇتەخەسىسلەردىن تەشكىل تاپقان توختاملىق يازغۇچىلارغا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپىسى توختاملىق يازغۇچىلار نامزاتلىرىنىڭ سالاھىتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشكە مەسئۇل بولىدۇ.
7. توختاملىق يازغۇچىلارغا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپىسى نامسىز بېلەت تاشلاش شەكلى ئارقىلىق توختاملىق يازغۇچىلارنى بېكىتىپ چىقىدۇ.
8. توختاملىق يازغۇچىلارغا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپىسىنىڭ مۇدىرلىقىنى ئاپتونوم رايۇنلۇق ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتىگۇرۇپىسىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ يوڭجۈن بىلەن ئاپتونوم رايۇنلۇق ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان ئۈستىگە ئالىدۇ. ئەزالىرى : جاڭ جۈنچاۋ، غەيرەت ئاسىم، ئېركىش قۇرمانبېك، ما شۇگو، خۇ جوڭپىڭ، دوڭ لىبو، ليۇ لياڭچېڭ، مەمبەت تۇردى، شېن ۋېي قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپىدۇ.
9. ھەر يىلى توختاملىشىدىغان يازغۇچىلار 30 نەپەر ئەتىراپىدا بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر تىللىق يازغۇچىلار 10 نەپەر ئەتىراپىدا، خەنزۇ تىللىق يازغۇچىلار 10 نەپەر ئەتىراپىدا، قازاق تىللىق يازغۇچىلار 6 نەپەر ئەتىراپىدا،باشقا مىللەتلەر تىلىدا ئەسەر يازىدىغان يازغۇچىلار 4 نەپەر ئەتىراپىدا بولىدۇ.
10. توختاملىق يازغۇچىلارنىڭ توختام مەزگىلىدە مەملىكەت ئىچىدە ئاشكارە تارقىتىلىدىغان ئەدەبىي ژۇرناللاردا،ئۆلكە دەرىجىلىك گېزىتلەرنىڭ ئەدەبىي بەتلىرىدە (شۇ يىللىق كۆللىكتىپ توپلاملار كىرگۈزۈلگەن ئەسەرلىرىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) ئېلان قىلىنغان يېڭى، ئىجادىي ئەسەرلىرىگە خەت سانىغا قاراپ قوشۇمچە ھەق بېرىلىدۇ. ھەق ئۆلچىمى: خەنزۇچە ئەسەرلەرنىڭ ھەر 10 مىڭ خېتىگە 1000 يۇەن، ئۇيغۇرچە ئەسەرلەرنىڭ ھەر 9 مىڭ خېتىگە 1000 يۈەن، قازاقچە ئەسەرلەرنىڭ ھەر 8 مىڭ خېتىگە 1000 يۈەن، باشقا تىللاردىكى ئەسەرلەرلەرنىڭ ھەر 7 مىڭ خېتىگە 1000 يۈەن قىلىپ بېرىلىدۇ.
11.ۋەزىپە ھېسابىغا كىرىدىغان ئەسەرلەر: ھېكايە، شىئېر، نەسر، ئەدەبىي ئاخپارات، ئەدەبىي ئوبزور قاتارلىق ژانىرلار بىلەنلا چەكلىنىدۇ. باشقا ژانىرلاردىكى ئەسەرلەر ھېساپ قىلىنمايدۇ. نەشرياتلاردىن نەشر قىلىنغان كىتاپلارنى ۋەزىپە ھېسابىغا كىرگۈزۈشكە بولمايدۇ.
12. توختاملىق يازغۇچىلار توختام مەزگىلىدە يازغۇچىلار جەمىئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان تۈرلۈك ئۈگىنىش، مۇھاكىمە، يىغىن، ئېكىسكۇرسىيە ۋە باشقا پائالىيەتلەرگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىشى كېرەك. ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق قاتناشمىغانلار توختامنى ئۆزلىكىدىن بىكار قىلغان ھېساپلىنىپ قوشۇمچە ھەققى تۇتۇپ قېلىنىدۇ.
13. توختاملىق يازغۇچىلار توختام مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، يىللىق ئىجادىيەت خۇلاسىسى، ئېلان قىلغان ئەسەرلىرىنىڭ مۇندەرىجىسى ۋە ئەسلى ئەسەردىن بىر نۇسخىنى توختاملىق يازغۇچىلارغا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپىسىغا ئەۋەتىپ باھالاشقا قاتناشتۇرۇشى كېرەك. توختام مۇددىتى ئىچىدە 30 مىڭ خەتتىن كەم ئەسەر ئېلان قىلغان ۋە يېشى 45 ياشتىن ئېشىپ كەتكەن توختاملىق يازغۇچىلار بىلەن داۋاملىق توختام تۈزۈلمەيدۇ.
14. توختاملىق يازغۇچىلار توختام مەزگىلىدە يازغۇچىلارنىڭ ئوبرازىغا نۇقسان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنى سادىر قىلسا ياكى باشقا ئېغىر سەھۋەنلىكلەرنى ئۆتكۈزسە يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ھەر ۋاقىت توختامنى بىكار قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ.
شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى
2012-يىل 4-ئاينىڭ 26-كۈنى