قازاقىستاندىكى ھالاكەت گىرداۋىغا بېرىپ قالغان شور دېڭىز قۇتقۇزۇپ قېلىندى
شور دېڭىز دۇنيادىكى تۆتىنچى چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق كۆلى بولۇپ ، سۇ مەنبەسى ئاساسلىقى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىدىكى ئامۇ دەرياسى بىلەن سىر دەرياسىدىن كېلىدۇ . ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-70 يىللىرىدىن باشلاپ ، ئىككى دەريا ساھىلىدىكى رايونلار چوڭ كۆلەمدە شال ۋە پاختا تېرىغان . شۇنىڭ بىلەن زىرائەتلەرنى سۇغۇرۇشقا سەرپ قىلىنغان سۇ مىقدارى كۆلنىڭ سۇ تولۇقلاش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كەتكەن . بۇنىڭ نەتىجىسىدە شور دېڭىزنىڭ سۇ مىقدارى ئۆزلۈكسىز تۆۋەنلەپ كەتكەن . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان . ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى زور كۈچ بىلەن شور دېڭىزنىڭ ئېكولوگىيلىك مۇھىتىنى ياخشىلاشقا ئاتلاندى . ھازىر شور دېڭىزنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى سۇ رايونى ئەھۋالىدا كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش بارلىققا كەلدى . يەرلىكنىڭ بېلىقچىلىق كەسپىمۇ ئەسلىگە كەلدى . تۇتۇلغان بېلىقلار ئۇكرائىناغىچە ئىكىسپورت قىلىنماقتا . خەلقىئارا جەمئىيەتمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ شور دېڭىزنىڭ ئېكولوگىيىسىنى ياخشىلىشىغا يېقىندىن ياردەمدە بولماقتا .