-ئاينىڭ 10-كۈنى نەشىردىن چىققان «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرى:، فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 9-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى 9-ئاپرېل ياپونىيەدىن 5-ئايدا «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» نى ئۆتكۈزمەسلىكىنى تەلەپ قىلغان.
جۇڭگو دېپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ليۇ ۋېيمىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ياپونىيەدىن تەدبىر قوللىنىپ، بۇ خىل تەشكىلاتنىڭ ياپونىيە زېمىنىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگونى پارچىلاش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى تەلەپ قىلغان، «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» قانات يايدۇرغان پائالىيەتلەر جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، دېگەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» 5-ئاينىڭ 14-17 كۈنىگىچە ياپونىيە پايتەختى توكيودىكى پارلامېنتتا ئېچىلىشى پىلانلانغان، يىغىنغا «20 دۆلەتتىن كەلگەن نەچچە يۈز ۋەكىل قاتنىشىدىكەن». ياپونىيەدىكى «شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى» ئۇنسۇرلىرىنىڭ دېيىشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكىدا تۇرىۋاتقان رابىيە قادىر يىغىنغا قاتنىشىدىكەن. «بۇ قېتىمقىسى "دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى" نىڭ تۇنجى قېتىم ئاسىيادا يىللىق يىغىن ئېچىشى بولۇپ، بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قېتىملىق يىغىننى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخىندا ئاچقان، ئۈچىنچى قېتىملىق يىغىنىنى ئامېرىكا ۋاشىڭتوندا ئاچقان».
ياپونىيە «ئاساخى ئاخباراتلىرى» نىڭ 9-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ياپونىيە سىياسىيئونلىرىمۇ «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» غا قاتنىشىدىكەن. نۆۋەتتە ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋازىرىتى بۇ ئىشقا قارىتا ھەر قانداق قاراشنى ئېلان قىلىشنى رەت قىلغان
http://news.bagdax.cn/halikara/2012/0426/2402.html.