ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 74 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئاينىڭ جىلۋىسى
دوستلىشىش
ئارزۇ-شەبنەم
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1366
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 3
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە3دانە
تۆھپىسى: 3
پۇلى: 9 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 6
ياخشى باھا: 9
توردا: 0(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-18
ئاخىرقى: 2012-04-28
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-28 15:41

ئاينىڭ جىلۋىسى

 قىش ئاخشاملىرىنڭ مەلۇم بىر كۈنى، ئاپام ئىككىمىز مومامنىڭ ئۆيىدىن قايتىپ كېلىۋاتاتتۇق، يېرىم كۈن تختىماي ياققان قار. تولۇپ چىققان ئاي نۇرىدا خۇددى يەرگە كۈمۈش چاچقۇ چېچىۋەتكەندەك پارقىرايتى. ئاياغلىرىمىز ئاستىدىكى قارىڭ غېچىلدىغان ئاۋازى كېچە جىمجىتلىقىنى بۇزۇپ مېنى ئۆزىگە تارتىپ تۇراتتى. قار يىغلاۋاتامدىغاندۇ ؟ شۇنچە ئىگىز ئاسماندىن چۈشۈپ ئاياغ ئاستىمىزدا مىجىلسا ئەلۋەتتە يىغلايدۇ-دە! تۇيۇقسىز بوۋاق بالىنىڭ بوش يىغىسىدەك بىر ئاۋاز خىيالىمنى بۆلدى، دەرھا ئەتراپىمغا كۆز يۈگۈرۈتتۈم ، شۇ ھامان ئاياغ ئاستىمدىن كېلىۋاتقان قارنىڭ يىغىسىمۇ توختىدى ،زەن سېلىپ قارىسام بىر تۈپ دەرەخنىڭ تۈۋىدە بىر ئاپئاق ئوماق كۈچۈك تۈگۈلۈپ تۇرۇپتۇ.

    مەن ئاستا بېرىپ كۈچۈكنىڭ بېشىنى سىلىماقچى بولدۇم، ئۇخۇددى بىر نىجاتكارنى تاپقاندەك، غېڭشىغىنىچە يېنىمغا كېلىپ قوللىرىمنى پۇراشقا باشلىدى :«ھەي ، ئۇ نىمە دەۋاتقاندۇ ھە ؟! ھايۋانلارنىڭ تىلىنى بىلگەن بولسام ئىدى، ئۇچاغدا ئۇنىڭدىن قاندق بولۇپ بۇچە سوغۇقتاتالادا قالغنلىقىنىڭ سەۋەبىنى سورىغان بولاتتىم.  مومام سۆزلەپ بەرگەن چۆچەكتىكى ھېلىقى ھايۋانلارنىڭ تىلىنى بىلىدىغان سۇلايمان پادىشاھتەك بولسامچى كاشكى». بىراق مەن يەنىلا كۈچۈكنىڭ غېڭشىغىنىچە قوللىرىمنى يالاشلىرىدىن ئۇنىڭ قورسىقىنىڭ بەكلا ئېچىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، ئاپامغا دپ ئەكىرىپ كېتەيمۇ يە ؟! ياق ! ئاپام ھەرگىز ئۇنىمايدۇ، چۈنكى ئاپام  تەقۋادار ئايال بولغاچقا:«ئىت بار ئۆيگە پەرىشتە كىرمەيدۇ»دەپ،  مېنىڭ ئىت بېقىشىمغىمۇ قوشۇلمىغان ئىدى.

-تېز بولۇڭ قىزىم.- ئاپامنىڭ مېنى چاقرغان ئاۋازىدىن قولۇمغا ئېلىپ بولغان كۈچۈكنى كۆزم قىيمىغان ھالدا يەرگە قويدۇم-دە، ئاپامغا يېتىشىشى ئۈچۈن يۈگۈردۈم. ئاپامغا يېتىشىپ بولۇپلا شۇنداق ئۆرۈلۈپ قاراپ ھەيران قالدىم. ھېلىقى كۈچۈك غېڭشىغىنىچە كەينىمدىن تەڭ ئەگىشىپ كېلىۋاتاتتى. ئىچىم شۇنداق سىيرىلدى، ھەي، بۇنچە سوغۇقتا ھەممە ئادەم ئىسسىق ئۆيىدە ھەتتا قۇرۇت-قوڭغۇزلارمۇ ئۆچىكىدە قىشلىق ئۇيقىسىنى خاتىرجەم ئۇخلاۋاتقاندۇ، بىراق بۇ كۈچۈك ئاچلىق ۋە سوغۇقنىڭ ئازابىنى تارتىۋاتىدۇ، مەن شۇخياللاردىن كېچىپ قەتئىي نىيەتكە كەلدىم دە، ئاپامنىڭ بىلىگىدىن تارتىپ توختاتتىم:

-نىمە بولدىڭىز ؟ خاتالاشمىسام ئاۋۇ كۈچۈككە ئىچىڭىز ئاغىرۋاتىدۇ شۇنداقمۇ؟

-شۇنداق ئاپا، قاراڭ ئۇنىڭ بىچارە ھالىتىگە ، - دېدىم ئاپامدىن ئۈمۈد كۈتۈپ ،

-قاراڭ قىزىم ، ئاپام  ئاۋازىنى بوشراق چىقىرىپ ماڭا چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى:

-بىزنىڭ ئۆرۈپ ئادىتىمىزدە ئىتنى ئۆيگە ئېلىپ كىرىشكە بولمايدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا ئۆيگە پەرىشتە كىرمەيدۇ، ئۆينىڭ بەركىتى قاچىدۇ دېگەن گەپ بار. بىراق ھايۋانلارغ شەپقەتسىزلىك قىلىڭلار دېگەن ئەمەس، قارىسام بۇ كۈچۈك بەكلا بىچارىدەك قىلىدۇ ، ھەم سىرىتمۇ بەك سوغۇق ئىككىمىز قاراپ تۇرۇپ بىر جانغا زامىن بولساق بولمايدۇدە ، ئۇنى كۆتۈرۋېلىڭ ، بەكلا توڭاپ كېتىپتۇ ، تېز بولۇڭ قىزىم. مەن يەردە بىزگە تەلمۈرۈپ قاراپ تۇرغان كۈچۈكنى كۆتۈرۋالدىم، ئچىمدە ئاپامنىڭ ئاق كۆڭۈللىكىدىن سۆيۈندىم.

  مېنڭ خوشاللىقىم ئۆيگە كىرگەندىمۇ ، ئۇنىڭغا سۈت بېتىۋاتقاندىمۇ بېسىلمىدى ، ھەتتا تاس قالدىم ئۇنى ئورنۇمغا ئەكىرۋالغىلى، ئاپام سىڭلىمنىڭ پىرەنىكىنى سۈتكە چىلاپ كۈچۈككە يېگۈزدى، كۈچۈكنىڭ ھەقىقەتەن قورسىقى ئېچىپ كەتكەن ئىدى. مەن كۈچۈكنىڭ تاماق يىيىشىگە زوقلىنىپ قاراپ ئولتۇرغان ئاپامغا قارىدىم، توۋا، ئانىنىڭ كۆڭلى ئەجەپ يۇمشاق بولىدىكىنە؟ كۈچۈك ئوزۇقلىنىپ بولغىچە دادام ياندىكى تاشلاندۇق ئۆينىڭ بىر بۇلىڭغا ئەپچىلگىنە بىر كىچىك ئۇۋا ياساپ ئۈلگۈرگەنىدى، كۈچۈكنى شۇ يەرگە ئېلىپ چىقىپ قويۇپ كۆزۈم قىيمىغان ھالەتتە قايتىپ كىرىپ ياتتىم.

   ئەتىسى ئەتىگەندە مەن ئادەتتىكى كۈنلەردىنمۇ سەھەر تۇرۇپ كەتتىم، ئاخشام ئاپام قىلغاندە كۈچۈككە تاماق تەييارلاپ، ئاپام ناشتىلىق قىلغۇچە كۈچۈكنى بېقىپ كىردىم، مەكتەپكىمۇ كۆزۈم كەينىدە ماڭدىم، 4-سائەتنى قانداق توشقۇزغىنىمنى ئۇقمايمەن، ئاپام كۈچۈك توغۇرسىدا چۈشلۈك تاماقنى يەپ بولغاندىن كېيىن گەپ ئاچتى.

-قىزىم .-دېدى ئاپام بېشىمنى سىلاپ تۇرۇپ، ھەممىمىزنىڭ بۇ كۈچۈكنى بېقىۋالغۇسى بار، بىراق سىز مەكتەپكە كەتسىڭىز، دادىڭىز ئىككىمىز  ئىشقا كەتسەك بۇ كۈچۈككە كىم قارايدۇ؟ قاراڭ، ئۇ تېخى تۇغۇلغىنىغا ئانچە ئۇزۇن بولمىغان كۈچۈك ئىكەن. بۇنداق ۋاقىتتا ئۇ كۈتۈشكە مۇھتاج، سىز ئۇنىڭ سىرىتتا توڭلاپ ئۆلۈپ كېتىشىنى خالىمىغان تۇرۇقلۇق، ئۇنى ئۆيدە ئاچ قويۇپ ئۆلتۈرۈپ قويۇشقا قانداقمۇ كۆڭلىڭىز ئۇنايدۇ؟ مەن بۆگۈن بىر خىزمەتدىشىم بىلەن ئۇقۇشۇپ قويدۇم، ئۇ ئۆيىدە ئىت بېقىپ باققان ئىكەن، شۇڭا كۈچۈكنى ئۇنىڭغا بېرەيلى، ئەگەر كۆرگىڭىز بولسا بېرىپ كۆرۈپ كەلسىڭىزمۇ بولىدۇ ئەمەسمۇ. شۇنىڭ بىلەن دىمى بىر ھازا ئىچىمگە چۈشۈپ كەتتى.

-ئاپىڭىز توغرا دەيدۇ قىزىم، تالادا ئۆلگەندىن ئۆيدە ئۆلۈپ قالسا تېخىمۇ ئازابلىنىسىز، دېدى. دادام. شۇنداق قىلىپ كۈچۈكنى ئاپام خىزمەتتىشىغا بېرىۋەتتى.

    شۇ كۈنى ئاخشىمى ئۇخلاي دەپ كۆزۈمنى شۇنچە يۇمىۋالساممۇ كۆز ئالدىمغا كۈچۈكنىڭ قورسىقى تويغندىن كېيىن ھويلىمىزدا ئۇيان-بۇيان تايتاڭللاپ قىلىق چىقىرىپ ئويناشلىرى كېلىۋېلىپ زادىلا ئۇخلىيالمىدىم، كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم بولدى. مەن ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ دېرىزىدىن سىرىتقا قارىدىم، كۆزۈمگە يۇلتۇزلار كۆز قىسىشىۋاتقاندەك كۆرۈندى ھەتتا ئايمۇ ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەۋاتقاندەك كۆرۈندى. مەنمۇ ئىختىيارسىز ئايغا قاراپ كۈلۈمسىرىدىم.

 

تولۇقسىز 3-يىللىق 3-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى مۇيەسسەر ئابدۇۋەلى
[ بۇ يازمىنىكان-تۈرك 2012-05-07 15:48قايتا تەھرىرلىد ]
تېما تەستىقلىغۇچى : ھون
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-04-28, 08:26
غەلبە