ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 293 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: جۇڭگۇدا «تىل – يېزىق بايرىمى» تەسىس قىلىش كېرەكمۇ
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1047
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 165
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە165دانە
تۆھپىسى: 27
پۇلى: 225 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 54
ياخشى باھا: 226
توردا: 6(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-11-22
ئاخىرقى: 2012-05-07
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-28 16:24

جۇڭگۇدا «تىل – يېزىق بايرىمى» تەسىس قىلىش كېرەكمۇ

«يېڭىچە ساۋاتسىزلىق»: جۇڭگۇدا «خەنزۇ تىل يېزىق بايرىمى» تەسىس قىلىش كېرەكمۇ ؟!!


شىنخۇا ئاگىنتلىقىنىڭ 22-ئاپرىل شىئەن خەۋىرى:  بۈگۈنكى كۈندە خەت چەكنىڭ ئورنىنى ئېلخەت، كۈندىلىك خاتىرىنىڭ ئورنىنى بلوگ، قەلەمنىڭ ئورنىنى كومپىيۇتېر كونۇپكا تاختىلىرى ئىگەللىمەكتە. شۇ سەۋەبتىن بىر تۈركۈم كىشىلەر خەنزۇچە خەت يېزىشنى ئۇنتۇپ قېلۋاتىدۇ. بەزىلەر خەنزۇ تىل يېزىق مەدەنىيىتى يوقاپ كېتىۋاتىدۇ دېگەن قاراشنى ياقىلىماقتا.

بۇ خىل «يېڭىچە ساۋاتسىزلىق»نىڭ كۆزدە تۇتىۋاتقىنى خەت تونۇماسلىق بولماستىن، خەنزۇچە خەتنىڭ يېزىلىشىنى ئۇنتۇپ قېلىشتىن دېرەك بېرىدۇ. ئىككى مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، 80 پىرسەنت كىشىنىڭ قەلەمدە خەنزۇچە خەت يازغاندا خەتنى دەماللىق ئەسلىيەلمەيدىغانلىقى، 70 پىرسەنت كىشىنىڭ ئاساسەن قەلەم ئىشلەتمەيدىغانلىقى ئېنىقلانغان.

مەدەنىيەت تەتقىقاتچىلىرى :«ھازىر جوڭگۇدا چەتئەل تىلىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئانا تىلغا ئەھمىيەت بەرمەسلىك ئومۇمىي خاھىشقا ئايلىنىپ قالدى. يەسلىدىن تارتىپ ئالىي مەكتەپكىچە ئىمىتھان ئۈچۈن ئىنگىلىزتىلى ئۆگىنىش دولقۇنى بار. خەنزۇ يېزىق مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسى. شۇڭا چوقۇم خەنزۇ يېزىق بايرىمى تەسىس قىلىش كېرەك» - دەپ قارىدى.

بۇ خىل قاراشنى شەنشى زىشۈي ناھىيىسىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى مۇدىرىمۇ ئالاھىدە تەكىتلىگەن بولۇپ، ئۇ بۇ پىكىرنى ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇ كىچىك ناھىيەدىكى بۇ بۈيۈك ئىشنى پۈتۈن جۇڭگودا ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن جۇڭگو خەلق قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويماقچىكەن. (خەنزۇچە خەۋەر ئادرىسى: http://www.chinanews.com/cul/2011/04-23/2993144.shtml)

ئويلىنىش ۋە سۇئاللار

جۇڭگو خەنزۇ جەمئىيىتىدىكى بۇ سادالار ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى قېرىنداشلارنىمۇ ئويغا سېلىشى مۇمكىن. ئانا تىلنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقى ھەممىمىزگە مەلۇم. بۈگۈنكى كۈندە دۇنيانىڭ ئالتىدىن بىرىنى تەشكىل قىلىدىغان خەنزۇلار ئۆزىنىڭ تىل يېزىق مەدەنىيىتىنىڭ يوقاپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلغان يەردە، سىز بىزنىڭمۇ ئۆزىمىز ھەققىدە ئويلىنىپ قويىشىمىز كېرەكتۇ بەلكىم؟!!«تىل يېزىق بايرىمى» تەسىس قىلىش تەسەۋۋۇرى بىزگىمۇ كېرەكمۇ؟ ئۇنداق بولمىغاندا، تۆۋەندىكى سۇئاللارغا جاۋاب بېرىپ باقايلى:

ئانا تىل يېزىققا بولغان ھۆرمەتمۇ مىللەتنى, ئانا يۇرت - ۋەتەننى سۆيۈشتۇر! قېنى ئانا تىلىمىزنى سىز قانچىلىك قەدىرلەيسىز؟ مەن قانچىلىك قەدىرلىيەلەيمەن؟

بىر قانچە ئاددى سۇئال:

1.   سىز خەت چەك يوللىغاندا كونۋېرتقا ئادرىسنى ئۇيغۇرچە يازامسىز؟ (ئەمەلىيەتتە، ئاپتونۇم رايۇن تەۋەسىدە پوچتا يوللانمىلىرى ئۇيغۇرچە يوللانسا تامامەن بولىدۇ. بۇ ھەم قانۇنىي ئاساسقا ئىگە. سىزنىڭ، مېنىڭ ئۇيغۇرچە يازماسلىقىم بىلەن شۇ ئورگانلاردا ئۇيغۇرچە بىلىدىغانلار، جۈملىدىن ئۇيغۇر خىزمەتچىلەر كۈنسېرى ئازايماقتا. ئۇنداقتا، بىز قانچە ئۇيغۇرنىڭ ئىشسىز قىلىشىغا تۆھپە قوشتۇق؟!)

2.   سىز بانكا ئاپتۇماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىنى ئىشلەتكەندە ئۇيغۇرچە مەشغۇلات قىلامسىز؟ (ھازىر ھەر قايسى بانكىلار ئۇيغۇرلار كۆپرەك جايلاشقان رايۇنلاردىكى مۇلازىمەت پونكىتلىرىنىڭ ئاپتۇماتىك ماشىنىلىرىغا ئۇيغۇرچە يېزىق سىستېمىسى قاچىلىغان. لېكىن مەن كۆپ ھاللاردا ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ ئۇنى ئىشلەتمەيۋاتقانلىقىنى بايقايمەن. بۇنىڭ ئۇيغۇر تىل يېزىقىنىڭ پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى ئورنىغا بولىدىغان تەسىرنى ئويلاپ كۆردىڭىزمۇ؟)

3.   سىز ئادەتتە باشقىلار بىلەن پاراڭلاشقاندا، خەنزۇچە ئارلاشتۇرۇپ سۆزلەمسىز؟ (بۇ ئەھۋال بىزدە خېلى ئېغىرغۇ؟ مەنمۇ بۇنىڭدىن خالىي ئەمەس، ئەلۋەتتە. بېراق مەن ئانا تىلىمنى بۇنداق بۇزۇشنى، ئۇنىڭغا «ئاسىيلىق» قىلىشنى ھەرگىز خالىمايمەن. سىزچۇ؟ ئەمسە قانداق قىلايلى؟)

4.   سىز تورغا چىقىپ تېما يوللىغاندا، ئىنكاس يازغاندا ئىملايىڭىزغا قانچىلىك ئەھمىيەت بېرىسىز؟ (يوللىغان تېمىلىرىڭىزنىڭ، ئىملايىڭىزنىڭ توغرىلىقىغا ئىشىنەمسىز؟)

5.    سىز ئانا تىلدىكى يۇمشاق دىتاللارنى جۈملىدىن، ئىلىكترونلۇق لۇغەتلەرنى ئىشلىتەمسىز؟ ئوخشاش شارائىتتا خەنزۇچە ماركىلىق ياكى چەتئەلنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالامسىز ياكى ئۆزىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىمۇ؟ (ئىرپان، مۇئەللىم، ئەلكاتىپ، ئۇيغۇرسوفىت .... دېگەندەك ماركىلارنى بىلەمسىز؟)

6.   سىز بەلكىم ئىقتىسادىي ئەھۋالى نورمال بىر ئادەم بولىشىڭىز مۇمكىن. ئۇنداقتا سىز ئۆزىڭىزنىڭ كەسپىي ساھەسىدىكى ۋە ياكى باشقا ساھەدىكى ئۇيغۇرچە كىتابلارنى سېتىۋالامسىز؟ سىز قايسى ژۇرنالغا مۇشتىرى بولدىڭىز؟ قايسى گېزىتنى سېتىۋالىسىز؟ ئاشۇ ئۇيغۇرچە ژورناللارنىڭ ھۆكۈمەت بەرگەن ئازغىنە تەمىنات بىلەن بېسىلىپ چىقىپ، تۈزۈك تىراژ، مۇشتىرى توپلىيالماي يېتىپ قالاي، توختاپ قالاي دەۋاتقانلىقىنى(بولۇپمۇ يەرلىك ژورناللارنىڭ ئەھۋالى خېلى تۆۋەن) ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟  بۇ بىر ژورنال توختىسا، كەلگۈسىدىكى بالىڭىز، نەۋرىلىرىڭىزگە بىر مەكتەپنىڭ ئىشكى تاقالدى دېگەن گەپ. بۇنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟

7.   ئۆيىڭىزدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ سەمەرىسى ھېسابلىنىدىغان كىتابلاردىن قايسىلار بار؟ ئەۋلاتلىرىڭىزغا قانداق كىتابلارنى قالدۇرماقچىسىز؟ ( قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى، قۇتادغۇبىلىك، تۈركىي تىللار دىۋانى، ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى، ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى، ئۇيغۇر ئەنئەنۋىي ئۆرپ - ئادەتلىرى، ئۇيغۇرتىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى لۇغىتى، نەۋائىي ئەسەرلىرى، ياخشىلار باغچىسى .... دېگەن كىتابلارنىڭ قايسىلىرى ئۆيىڭىزدە بار؟ خەنزۇچە قامۇسلارمۇ ئاز ئەمەس. لېكىن بىزنىڭ بارلىقىنى بىلەمسىز؟)

8.   ئائىلىڭىزدە ئادەتتە ئۇيغۇرچە تېلېۋىزۇر كۆرەمسىز؟ ئۇيغۇرچە ياخشى پىلاستىنكىلارنى سېتىۋالامسىز؟(ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى، ئۇيغۇر مەشرەبلىرى دېگەن پىلاستىنكىلار ئۆيىڭىزدە بارمۇ؟) بالىلىرىڭىزچۇ؟ بالىلىرىڭىز بىلەن قايسى تىلدا سۆزلىشىسىز؟ (مەن بەزى ئاتا ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا خەنزۇتىلىنى ياخشى ئۆگىتىش ئۈچۈن خەنزۇچە سۆزلەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرىمەن. بىلىپ قىلىڭ، ئانا تىلنى بىلمەي تۇرۇپ يەنە بىر تىلنى ياخشى ئۆگەنگىلى، ئۆگەنگەندىمۇ ئۇنى مۇۋاپىق ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. خەنزۇچە بىلگەنلىك ياخشى. لېكىن دۇنيادا ھازىر ئىككى مىليارد ئادەم خەنزۇتىلىنى بىلىدۇ. ئۇلاردىن سەل پەرىقلىنىدىغان يەنە بىر تىلنى يەنى ئانا تىلىنى بىلگەن ئادەمنىڭ بىر ئارتۇقچىلىقى بولماسمۇ؟! بۇنى ئويلىنىپ باقتىڭىزمۇ؟)

9.    بۇ سۇئال ئۆزىڭىزگە قالدى. قېنى ئويلىنىپ بېقىڭ. سىزنىڭ ئانا تىلىڭىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىز قانداق؟!!

تېما تەستىقلىغۇچى : ھون
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-04-28, 08:26
سىنىڭ ئىرادەڭ بۇيىچە بولسۇن !
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 765
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە765دانە
تۆھپىسى: 104
پۇلى: 975 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 215
ياخشى باھا: 975
توردا: 111(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2012-05-13
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-28 17:00

مۇناسىۋىتىم بەك ياخشى ، ئەمما سەل يىرىكچىلىك با!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 744
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە744دانە
تۆھپىسى: 87
پۇلى: 984 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 164
ياخشى باھا: 919
توردا: 227(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2012-05-14
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-28 17:37

تىلنىڭ بۈگۈنى ،كېلەچەك ئىستىقبالىدىن بېرىلگەن ئەجەللىك سىگنال!
دوستلىشىش
چىن~مودەن
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1260
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 25
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە25دانە
تۆھپىسى: 4
پۇلى: 33 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 8
ياخشى باھا: 33
توردا: 13(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-01
ئاخىرقى: 2012-05-11
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-28 18:00

يۇقارقى سۇئاللارغا ھەر بىر تورداشنىڭ ئەستايىدىل قاراپ،  ئويلىنىپ بېقىشىغا ئەرزىيدىكەن.
جاۋاب:
1. مەن ئادەتتە خەت يوللىغاندا ئادرىسنى ئۇيغۇرچە يازساممۇ، كەينىگە يەنە ئەسكەرتىپ خەنزۇچە يېزىپ قويىمەن( ئۆزۈمگە ئىشەنچ قىلالمىسام كېرەك).
2.  دەسلەپتە بانكا ئاپتۇماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىنى ئىشلىتىش جەريانىدا، خەنزۇچە مەشغۇلات قىلغان ئىدىم، كېيىن ئۇيغۇرچە مەشغۇلات قىلىدىغان بولدۇم.
3.  ئادەتتە باشقىلار بىلەن پاراڭلاشقاندا، ساپ ئانا تىلىم بىلەن سۆزلىشىمەن(ئەسلى ئۆزۈمنىڭغۇ خەنزۇچە تىل سەۋىيەم تۆۋەن).
4. تورغا تېما -ئىنكاسلارنى يوللىغاندا، ئىملايىمغا ئالاھىدە دېققەت قىلىمەن (چۈنكى ئىملاسى چۈشۈپ قالغان، خاتا يېزىلغان يازمىلارنى كۆرسەم ، خۇددى چىۋىن يېۋالغاندەك كۆڭلۇق غەش بولىدۇ).
5. ئانا تىلدىكى يۇمشاق دېتاللاردىن ئىرپان، مۇئەللىم قاتارلىق لۇغەتلەرنى ئىشلىتىپ باقمىغان بولساممۇ، ئەلكاتىپ، ئۇيغۇرسوفىت...قاتارلىق يۇمشاق دېتاللاردىن داۋاملىق پايدىلىنىپ كېلىۋاتىمەن.
6. ھازىرغا قەدەر  خىزمەت جەيانىدا، بىز داۋاملىق ئۇيغۇرچە ماتىرياللاردىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرچە مەشغۇلات ئېلىپ بارىمىز(چۈنكى بۇ بىزدىكى  خەلق مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئازغىنە ھوقۇق). كىتاپلارنى كىتاپخانىدىن سېتىۋالغاندىن سىرىت، ژورناللاردىن <شىنجاڭ مەدەنىيىتى><پەن ۋە تۇرمۇش>... گېزىتتىن <شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى><بورتالا گېزىتىگە> مۇشتىرە بولغان.
7. ساقلانغان كىتاپلاردىن <قۇرئان كەرىم>، <قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى>،<قىسەسۈل ئەنبىيا>،<ئەرەب تىلى لۇغىتى>...يەنە خېلى كۆپ رومانلار بار.
8.ئادەتتە تىلىۋىزور كۆرگەندە، بىز ئۇيغۇرچە قاناللاردىكى فىلىملارنى كۆرىمىز. ئوغلۇم كۆپىنچە خەنزۇچە قاناللارنى كۆرىدۇ. ( ئۆيدە ئاساسەن ئانا تىلدا سۆزلىشىمىز، ئوغلۇم دوستلىرى ، ساۋاقداشلىرى بىلەن خەنزۇچە سۆزلەشسە، ئۇيغۇرچە سۆزلىشىشنى ئەسكەرتىپ تۇرىمەن).
ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن سۇئاللارغا تۈزلا جاۋاب بېرىپ قويدۇم.لېكىن سۇئاللار توغرىسىدا چوڭقۇر ئويلىنىش ۋە تەپەككۈر يۈرگۈزۈش ئۆزۈمگە قالدى.
ئەجرىڭىزگە رەھمەت!
دوستلىشىش
چۆل~ئوغلى
مۆھتىرەم ئۇستاز
دەرىجە: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 539
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 173
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە173دانە
تۆھپىسى: 83
پۇلى: 339 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 169
ياخشى باھا: 339
توردا: 77(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-18
ئاخىرقى: 2012-05-11
4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-29 13:32

        تىل بىر مىللەتنىڭ روشەن كىملىك بەلگۈسى ، تىلنى ئىپادە قىلغۇچى يېزىقمۇ تىلغا ئوخشاشلا مۇھىم،شۇڭا بىر مىللەتكە تەۋە ھەر -بىر ئىنسان ئۆز ئانا تىلىنى سۆيۈشى، كۆز قارچۇقىنى ئاسىرىغاندەك ئاسىرىشى زۆرۈر. ئانا تىلنى سۆيۈش -ئاسىراش ئىشلىتىش ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ،شۇڭا تىلنى ئىشلىتىش، ساپلىقىنى ساقلاشتا ھەر -بىرىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى ھەم مەجبۇرىيىتى بار .«قوشۇمچە تىل بىلىش شەرەپ، ئانا تىلنى بىلمەسلىك نومۇس»!
دوستلىشىش
گۇلمەشۇق
ranJima    konglum .
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 834
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 92
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە92دانە
تۆھپىسى: 1
پۇلى: 96 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 2
ياخشى باھا: 96
توردا: 53(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-08-07
ئاخىرقى: 2012-05-14
5- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-05-01 16:00

    ئىمكانلا بار بولغان يەردە ئۇيغۇر يىزىقىدا يېزىۋالىمىز . شۇ تىلىمىزدا سۆزلىشىۋالىمىز  . ئۆيدىمۇ شۇ سەۋەب تىلىۋزورنى يوق قىلدۇق ، كىتاپ كۆرۈش قىزغىنلىقى قوزغالسۇن دەپ ئائىلدە كۇتۇپخانا قۇرۇپ  ،  جىمجىتلىقنى ساقلاشنى تەشەببۇس قىلىۋاتىمىز . ئاللا خالىسا ئۈنۈمى بولۇپمۇ قالا !  

     ئۇيغۇر يىزىقىدىكى كىتاپلانىڭ تىراژى تۆۋەن ، باھاسىي يۇقىرى .  كىشىلەرنىڭ سېتىۋالغۇسى بار تۇرۇپمۇ ئالالمايدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت .  مەنمۇ ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن ئايدا ئاران بىر - ئىككى كىتاپ سېتىۋالالايمەن . بەزى كىتاپلارنىڭ باھاسى ھەقىقەتەن قىممەت ، بەزىلىرى يۈرۈشلۈك كىتاپ بولغاچ  بەزىدە چىشىمنى چىشلەپ تۇرۇپ ، بەزىدە چىشىمنى چىشلىسەممۇ سېتىۋالالماي كېلەر ئايغا   قويىمەن . ژورناللارغا كەلسەك پوچتىخانىلىرىمىز ئۆز تىل ژورناللىرىنى ۋاقتىدا ، تولۇق ئەكىلىپ بېرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن يىل ئاخىرى توپلىمىنىلا سېتىۋېلىپ قۇتۇلىشىۋاتىمىز ، كۆڭۈلدىكىدەك تۈپلەپ بېرىدىكەن ، ساقلاشقىمۇ قولايلىقكەن ..   ئاتام ئېيىتقان بايىقى دىگەندەك ... يەنە دىسەك يەنە شۇكەن ...

  مۇناسىۋەتنىڭ ياخشىلىقى ، مۇناسىۋەتنى ئۆزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇشقا ئوڭ تاناسىپ بولالامدۇ بىلمىدىم ، نىمىلا بولمىسۇن بۇ گۈھەردىن ئايرىلىپ قالغىلى نىسىپ قىمىسۇن ! بايرام ئۆتكۈزۈشكە توغرا كەلسە تازا ئوبدان ئىش بولغۇدەك ، جوڭگو تىل - يىزىق بايرىمى كۈنى بېكىتىلسە ،  بارلىق مىللەتلەر ئۆز تىل - يىزىقىنىڭ بايرىمىنى ئۆتكۈزۈپ سۆيۈنسە ، پەخىرلەنسە قانداق ياخشى .. !
[ بۇ يازمىنىگۇلمەشۇق 2012-05-01 16:12قايتا تەھرىرلىد ]
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 929
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە929دانە
تۆھپىسى: 72
پۇلى: 1123 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 145
ياخشى باھا: 1073
توردا: 154(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-05-11
6- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-05-01 22:33

-بىز ھايات،تىلىمىز ھايات،تىلىمىز ھايات-كۈندە بايرام دېمەك...