نەزمىلەر باھارغا كېلەر قۇت تىلەپ
ئابدۇرىشىت بارات
زىمىنگە لەۋ يېقىپ باھار شامىلى،
بىر تاتلىق ھېس بىلەن پىچىرلار نازلىق.
ئۈمۈدكە جۆر بولۇپ ۋىسال ساھىلى،
چۈمپەردە قايرىدى كۈلۈپ چىرايلىق.
قەدەملەر بەختكە بولۇپ ھامىلە ،
لەۋلەردىن بولدۇقلاپ تۆكۈلەر كۈلكە.
چېچەكنى سۆيمەكتە كېپىنەك ئەنە،
بۇلبۇللار ئىشقىنى بەرمەكتە گۈلگە.
بۇلۇتلار كۆكسى چاك پاكلاندى دۇنيا،
تۇمانلار يىغىشتى يىرتىق تورىنى.
سۈبھىدە بىر قۇياش كۈلمەكتە ھامان،
تاغ دەريا بىرلىكتە ئېيتار خورىنى.
سەھەردە ھېسلىرىم قونۇپ شەبنەمگە،
يېڭى كۈي ئوقۇدى <<ۋىسال يېشى>>دەپ.
ھەر نىگاھ جان بەردى مېنىڭ نەزمەمگە،
ھەر نەزمەم باھارغا كېلەر قۇت تىلەپ.
<<تارىم>>1990-يىل 1-سان